ساماۋىي كىتابلار ۋە قۇرئان كەرىم
This content is not yet available in your language.
ساماۋىي كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈش (سوئال 83 – 85)
بۆلۈم: “ساماۋىي كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈش (سوئال 83 – 85)”جاۋاب: ئاللاھنىڭ كىتابلىرى ئاللاھ پەيغەمبەرلەرگە چۈشۈرگەن مۇقەددەس كىتابلاردۇر. ئۇلار ساماۋىي كىتابلار دەپ ئاتىلىدۇ.
جاۋاب: ئاللاھ بۇ كىتابلارنى ئىنسانلارنى يامان يوللاردىن قايتۇرۇپ، بىر ئاللاھقىلا ئېتىقاد ۋە ئىبادەت قىلىشتەك توغرا يولغا باشلاپ، ئۇلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ سائادەتلىرىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن چۈشۈرگەن.
جاۋاب: ئاللاھ چۈشۈرگەن كىتابلاردا: كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە پەرۋىشكارى يالغۇز ئاللاھ ئىكەنلىكى، ئىبادەتكە پەقەت ئاللاھنىڭلا ھەقلىق ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ سائادىتى ئۈچۈن كېرەكلىك ئەھكاملار، پەيغەمبەرلەر ۋە ئۈممەتلەرنىڭ قىسسىلىرى، ۋەز-نەسىھەتلەر، ئاخىرەت ئالىمىنىڭ خەۋەرلىرى، ئىبادەتلەر ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش قائىدىلىرى بايان قىلىنغان.
چۈشۈرۈلگەن كىتابلار ۋە ۋەھيى (سوئال 86 – 91)
بۆلۈم: “چۈشۈرۈلگەن كىتابلار ۋە ۋەھيى (سوئال 86 – 91)”جاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە كىتاب چۈشۈرۈلگەن ئەمەس. كۆپىنچىسىگە ئاللاھتىن ۋەھىي كېلەتتى ۋە ئۇلار ۋەھىينىڭ روھىنى ئۈممەتلىرىگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق دىنغا دەۋەت قىلاتتى.
جاۋاب: ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن 4 چوڭ كىتاب: (1) تەۋرات — مۇسا ئەلەيھىسسالامغا. (2) زەبۇر — داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا. (3) ئىنجىل — ئىسا ئەلەيھىسسالامغا. (4) قۇرئان — مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا. بۇلاردىن باشقا بەزى پەيغەمبەرلەرگە بەتلىك كىتابلار (سۇھۇفلار) چۈشۈرۈلگەن: ئادەم ئەلەيھىسسالامغا 10 بەت، شىس ئەلەيھىسسالامغا 50 بەت، ئىدرىس ئەلەيھىسسالامغا 30 بەت، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا 10 بەت.
جاۋاب: قۇرئان كەرىمدىن ئىلگىرىكى ساماۋىي كىتابلار پەيغەمبەرلەرگە بىر يولى چۈشۈرۈلگەن بولسا، قۇرئان كەرىم پۈتۈن 23 يىل ئىچىدە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ۋەقەلەرنىڭ تەلىپى ۋە زاماننىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ پەيدەرپەي چۈشۈرۈلگەن.
جاۋاب: ۋەھىينىڭ لۇغەت مەنىسى «ئىلھام» بولۇپ، شەرىئەتتە: ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرگە بىۋاسىتە ياكى پەرىشتىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن سۆز قىلىشى دېمەكتۇر. «ئاللاھ ھەرقانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدا ياكى بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزبى بىلەن خالىغان ۋەھىينى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان».
جاۋاب: ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كىتابلارنى چۈشۈرگەنلىكىگە، بۇ كىتابلار ئارقىلىق توغرا يولنى كۆرسىتىپ يامان يوللاردىن توسقانلىقىنىڭ ھەق ۋە راست ئىكەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن ئىمان ئېيتىش لازىم.
جاۋاب: تۆۋەندىكى 4 مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ساماۋىي كىتابلارنىڭ راستتىنلا ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەنلىكىگە ئىشىنىش. (2) بىزگە ئىسىملىرى بىلدۈرۈلگەن قۇرئان، تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇرلارغا تەپسىلىي، ئىسىملىرى مەلۇم بولمىغانلىرىغا ئىجمالىي ئىمان كەلتۈرۈش. (3) قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن خەۋەرلىرىگە ۋە باشقا كىتابلارنىڭ قۇرئان تەستىقلىغان خەۋەرلىرىگە ئىشىنىش. (4) ساماۋىي كىتابلارنىڭ ئەمەلدىن قالمىغان ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىش.
قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭ مۆجىزىلىرى (سوئال 92 – 96)
بۆلۈم: “قۇرئان كەرىم ۋە ئۇنىڭ مۆجىزىلىرى (سوئال 92 – 96)”جاۋاب: قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ سۆزى، پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق دەستۇرى ۋە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ بىرىنچى مەنبەسىدۇر.
جاۋاب: مۆجىزە — پەيغەمبەرلەرنىڭ راستىنلا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارغا دەلىل-ئىسپات ئورنىدا ئاتا قىلغان، ئادەتتىكى ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغان خارىقى ئادەت (ئادەتتىن تاشقىرى) ئىشلاردۇر. قۇرئان كەرىم بولسا تېكىستى، مەنىسى ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىكى بىلەن مەڭگۈلۈك مۆجىزىدۇر.
جاۋاب: ئىلمىي مۆجىزىلىرى، كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىشتەك سېھرىي مۆجىزىلىرى ۋە كەلگۈسىدىن خەۋەر بېرىشتەك مۆجىزىلىرى ناھايىتى كۆپتۇر.
جاۋاب: قۇرئان كەرىم 114 سۈرە، 6236 ئايەت، 77439 سۆز ۋە 325743 ھەرپتىن تەركىب تاپقان. ئۇ 30 پارىغا، ھەربىر پارىسى 2 ھىزبغا، ھەربىر ھىزبى 4 رۇبئىغا بۆلۈنىدۇ (جەمئىي 60 ھىزب، 240 رۇبئى).
جاۋاب: قۇرئان كەرىمنىڭ 7 چوڭ ئالاھىدىلىكى بار: (1) قۇرئان ئۆزگەرتىلىش ۋە بۇرمىلىنىشتىن تامامەن ساقلانغان، بىر ھەرپىمۇ ئۆزگەرمىگەن. (2) ساماۋىي كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ ھۆكۈملىرى كۈچكە ئىگە. (3) ھېچقانداق بىر ئىلمىي ھەقىقەتكە زىت كەلمەيدۇ. (4) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەڭگۈلۈك مۆجىزىسىدۇر. (5) ھۆكۈملىرى قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ. (6) ئوقۇش ۋە يادلاشقا تولىمۇ ئاسان. (7) تىلاۋىتى بىلەن ئىبادەت قىلىنىدىغان ئالاھىدە دەستۇردۇر.
