قۇرئان كەرىمنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ۋە چۈشۈش تارىخى
This content is not yet available in your language.
قۇرئان كەرىمنىڭ تەرىپى، ئىسىملىرى، سۈپەتلىرى ۋە چۈشۈش جەريانى (سوئال 1556 – 1589)
بۆلۈم: “قۇرئان كەرىمنىڭ تەرىپى، ئىسىملىرى، سۈپەتلىرى ۋە چۈشۈش جەريانى (سوئال 1556 – 1589)”جاۋاب: «قۇرئان »سۆزى لۇغەت تە ئەرەب تىلىدىكى«قرأ » (ئوقۇدى) دېگەن پېئىلدىن تۈرلەنگەن«ئوقۇش » دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ: ﴿لَا تُحَرِّكْ بِهِ لِسَانَكَ لِتَعْجَلَ بِهِ * إِنَّ عَلَيْنَا جَمْعَهُ وَقُرْآنَهُ * فَإِذَا قَرَأْنَاهُ فَاتَّبِعْ قُرْآنَهُ﴾﴾ يەنى«ئالدىراپ تىلىڭنى مى دىرلاتما ئۇنى تو پلاش ۋە ئوقۇ پ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ئەگەشكىن » دېگەن ئايەتتىكى« آنْرُق » (قۇرئان) سۆزى«ئوقۇش» ۋە«ئوقۇپ بېرىش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما ئىسلام ئىستىلاھ ىدا ئاللاھ تائالا پەرىشتە جىبرىلنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرگەن ۋە مەڭگۈلۈك مۆجىزە سۈپىتى بىلەن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان، تېكىستىنى تىلاۋەت قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلغىلى، مەنىسىگە ئەمەل قىلىش بىلەن ھىدايەت تاپقىلى بولىدىغان ساماۋى كىتاب«قۇرئان »د ەپ ئاتىلىدۇ قۇرئان كەرىمنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى.
جاۋاب: قۇرئاننىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلاردىن بەزىسى: تۆۋەندىكىچە
(1) قۇرئان ئەقىدىنىڭ ئاساسى، ئىماننىڭ نېگىزى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ دەستۇرىدۇر
(2) قۇرئان ئى سلام شەرىئىتىنىڭ بىرىنچى ئاساسى ۋە ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنبىئىدۇر (3 ) قۇرئان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىردىنبىر پاكىتتۇر
(4) قۇرئان تېكىستى ۋە مەنىسى بىلەن مەڭگۈلۈك مۆجىزىدۇر
(5) قۇرئان ساماۋى كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ئەڭ ئەۋزىلىدۇر
(6) قۇرئان ئەمەل قىلغۇچىلىرىغا قىيامەت كۈنىدە شاپائەتچىدۇر بىر ھەدىستە: « قۇرئان ئوقۇپ تۇرۇڭلار، قىيامەت كۈنىدە ئۇ ئۇنى ئوقۇغانلارغا شاپائەتچى بولىدۇ»(2) دېيىلگەن (7 ) قۇرئان مۆمىنلەرنىڭ جىس مانىي ھەم مەنىۋى كېسەللىكلىرىگە شىپادۇر ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ قۇرئان مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە شىپادۇر﴾(3)
(1) بۇ ماۋزۇ دوكتۇر رىزا مۇھەممەد سەفىيۇددىن ئەل سەنۇسىينىڭ«محاضرات في الثقافة اإلسلامية » (ئىسلام ھازارىتى ھەققىدە لېكسىيە)ناملىق ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى
(2) سەھىھ مۇسلىم 1- توم، - بەت، -ھەدىس
(3) ف ۇسسىلەت سۈرىسى 44 - ئايەت نائرۇق مىرەك (8 ) قۇرئان ھەر قانداق بىر ئۆزگەرتىشيېڭىلاش ۋە ئالماشتۇرۇشلاردىن پۈتۈنلەي ساقلىنىپ كەلگەن ۋە ئۇنى ساقلاش ئىشىنى ئاللاھ تائالا ئۆز ئۈستىگە ئال غان كىتابتۇر ﴿قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز چۈشۈردۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز﴾(1) (9 ) قۇرئان ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۇلۇ دەستۇردۇر (2) (
- قۇرئان پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھىدايەت مەنبىئىدۇر ئاللاھ تائالا: مۇنداق دېگەن (بۇ قۇرئان) كىشىلەرنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنى بىلەن قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا يەنى ھەر نەرسىگە كۈچى يېتىدىغان غالىب، مەدھىيىگە لايىق بولغان ئاللاھنىڭ يولىغا چىقىرىشىڭ ئۈچۈن بىز ساڭا چۈشۈرگەن بىر كىتابتۇر(3) قۇرئاننىڭ ئىسىملىرى.
جاۋاب: قۇرئاننىڭ ئىسىملىرى كۆپ بولۇپ، مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكىچە (1 ) قۇرئان: بۇ قۇرئاننىڭ مەخسۇس ئىسمى بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى شۇنداق دەپ ئاتىغان﴿ بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يو لغا باشلايدۇ﴾(4) (2 ) فۇرقان: بۇ قۇرئاننىڭ ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ئىمان بىلەن كۇپرىنىڭ، ھالال بىلەن ھارامنىڭياخشى بىلەن ياماننىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىغۇچى مىزان ئىكەنلىكى ئېتىبارى بىلەن قويۇلغان ئىسىم﴿ پۈتۈن جاھان ئەھلىنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، بەندىسى ( )مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى فۇرقاننى چۈشۈرگەن ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر﴾(5)
(3) كىتاب: بۇ قۇرئاننىڭ ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى، ئايەتلەرنى، سۈرىلەرنى ۋە خەۋەرلەرنى ئۆزىدە توپلىغانلىقى ئېتىبارى بىلەن قويۇلغان ئىسىم﴿ بارچە مەدھىيە ۋە ماختاشلار (ئىنسانلارنى) ئۆز تەرىپىدىن بولغان قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرۇشياخشى ئەمەررنى قىلغان مۆمىنلەرگە ئوبدان مۇكاپات بېرىدىغانلىقى )بىلەن خۇش خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، بەندىسى (مۇھەممەدگە توغرا، ھېچقانداق قىڭغىرلىق بولمىغان كىتابنى چۈشۈرگەن ئاللاھقا خاستۇر﴾(6)
(4) زىكر: بۇ قۇرئاننىڭ ۋەز- نەسىھەتلەنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى ۋە ئىلگىرىكى مىللەتلەرنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ يادلاندۇرغانلىقى ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭغا قويۇلغان ئىس ىم﴿ زىكرنى ھەقىقەتەن بىز چۈشۈردۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز﴾(7)
(1) ھىجر سۈرىسى 9- ئايەت
(2) فەھدى رۇمىنىڭ«دەراسات فى ئۇلۇمىل قۇرئان» ناملىق ئەسىرى 63 - - بەتلەر
(3) ئىبراھىم سۈرىسى 1- ئايەت نۇرىددىن ئەترنىڭ«ئۇلۇمۇل قۇرئان » ناملىق ئەسىرى 12 - - بەتلەر
(4) ئىسرا سۈرىسى 9- ئايەت
(5) فۇرقان سۈرى سى 1- ئايەت
(6) كەھف سۈرىسى 1- ئايەت
(7) ھىجر سۈرىسى 9- ئايەت (5 ) نۇر: بۇ قۇرئاننىڭ كەسكىن بايانلىرى ئارقىلىق ھەقىقەتلەرنى ئېچىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭغا قويۇلغان ئىسىمدۇر﴿ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەي غەمبىرىگە ۋە بىز چۈشۈرگەن نۇرغا ئىمان ئېيتىڭلار﴾(1) قۇرئاننىڭ سۈپەتلىرى.
جاۋاب: قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپلىگەن ئېسىل ۋە چىرايلىق سۈپەتلىرى بار ئۇلانىڭ: مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكىچە (1: )) كەرىم (قىممەتلىك دېگەن مەنىدە﴿ ش ەك شۈبھىسىزكى، ئۇ قىممەتلىك قۇرئاندۇر﴾(2) (2: )) مۇبارەك (بەرىكەتلىك دېگەن مەنىدە﴿ بۇ بىز چۈشۈرگەن بەرىكەتلىك قۇرئاندۇر﴾(3) (3 )) مەجىد: (شەرەپلىك، ئۇلۇ دېگەن مەنىدە﴿ قاف شەرەپلىك قۇرئان بىلەن قەسەم قىلىمەن﴾(4)
(4) ئەزىز: (غالىب، كۈچلۈك دېگەن مەنىدە ) ﴿ شۈبھىسىزكى، قۇرئان غالىب كىتابتۇر﴾(5)
(5) ھۇد ( ا: )يېتەكچى دېگەن مەنىدە﴿ بۇ كىتابتا ھېچ شەك يوق، (ئۇ) تەقۋادارلارغا يېتەكچىدۇر﴾(6)
(1) تەغابۇن سۈرىسى 8- ئايەت
(2) ۋاقىئە سۈرىسى 77 - ئايەت
(3) ئەنبىيا سۈرىسى 50 - ئايەت
(4) قاف سۈرىسى 1-2- ئايەتلەر
(5) فۇسسىلەت سۈرىسى 41 - ئايەت
(6) بەقەرە سۈرىسى 2- ئايەت قۇرئان كەرىمنىڭ چۈشۈرىلىشى قۇرئان كەرىمنىڭ چۈشۈش جەريان ى 1.
جاۋاب: قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈشتىن ئىلگىرى لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئىدى ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿ بەلكى ئۇ لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇ قۇرئاندۇر﴾(2 )
جاۋاب: قۇرئان كەرىم رامىزان ئېيىنىڭ قەدىر كېچىسىدە بىرىنچى قېتىم لەۋھۇلمەھپۇزدىن بىرىنچى ئاسمانغا بىراقلا چۈشۈرۈلگەن بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿ بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن قەدىر كېچىسىدە چۈشۈر دۇق﴾(3)
جاۋاب: قۇرئان كەرىم پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مىلادىيىنىڭ - يىلى مەككىدىكى ھىرا غارىدا تۇنجى قېتىم چۈشۈشكە باشلىغان بۇ ۋاقىتتا پەيغە مبەر ئەلەيھىسسالام توپتوغرا ياشتا ئىدى.
جاۋاب: قۇرئان كەرىم ۋەزىيەت ۋە ۋەقەلىكلەرنىڭ تەلىبىگە ئاساسەن، پارچە- پارچىدىن چۈشۈپ، جەمى 23 يىلدا تولۇق چۈشۈپ بو لغان﴿ قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ بۆلۈپ چۈشۈر دۇق، ئۇنى تەدرىجىي چۈشۈردۇق ﴾(4)
جاۋاب: قۇرئان كەرىمنىڭ بىر يولى چۈشۈرۈلمەست ىن، ئاز-ئازدىن، پارچە- پارچە چۈشۈرۈلگەنلىكىنىڭ ھېكمىتى ۋە سىر-ئەسرارلىرى ناھايىتى كۆپ ئاللاھ تائالا بۇلارنىڭ: بەزىسىنى ئوچۇقلىغان ئۇلار تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى سەۋەب قۇرئان كەرىمنىڭ ئاز-ئازدىن، پارچە- پارچە چۈشۈرۈلگەنلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىنىت ىنچلاندۇرۇش ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىدى﴿: كاپىرلار « قۇرئان نېمىشقا ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنمىدى » دېدى سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى پارچە پارچە چۈشۈردۇق، ئۇنى (1) بۇ ماۋزۇ دوكتۇر رى زا مۇھەممەد سەفىيۇددىن ئەل سەنۇسىينىڭ«محاضرات في الثقافة اإلسلامية » (ئىسلام ھازارىتى ھەققىدە لېكسىيە)ناملىق ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى (2) بۇرۇج سۈرىسى 21 - - ئايەتلەر لەۋھۇلمەھپۇز- ئاللاھ تائالا تا قىيامەتكىچە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن بەلگىلەپ يېزىۋەتك ەن توپلامدۇر (3) قەدر سۈرىسى 1- ئايەت (4) ئىسرا سۈرىسى 106 - ئايەت ئايرىم– ئايرىم چۈشۈردۇق ﴾(1) م ۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇئامىلىسى قاتتىق، گەپ- سۆزى قوپال، جاھىل بىر مىللەتنىڭ ئىچىدە ئىسلام دىنىنى تەشۋىق قىلىشقا بۇيرۇلغانلىقتىن، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ڭ ئاز-ئازدىن چۈشۈپ تۇرىشى ئۇنىڭ قەۋمىدىن چەككەن ئەزىيەتلىرى ئۈچۈن تەسەللى ئورنىدا بولاتتى-دە كۆڭلىتى نچلىناتتى ۋە، روھى كۈچلىنىپ دەۋەت يولىدا مۇستەھكەم بولىشى ئۈچۈن ھەيدە كچى: بولاتتى بۇ تىنچلاندۇرۇش ۋە كۈچەيتىش تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تۈرلۈك بولغان (1 ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قەۋمىدىن يەتكەن ئەزىيەتلەرگە تەسەللى بېرىش﴿ سەن ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋالمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر﴾(2) (2) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دەۋەت يولىدىكى جاپا- مۇشەققەتلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن قوبۇل قىلىشقا ئۈندەش﴿ ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر سەۋر قىلغاندەك سەۋر قىلغىن﴾(3) (3 ) بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ھېكايە قىلىپ بېرىش ئارقىلىق كۈچلۈك بولۇشقا تەشەببۇس قىلىش ﴿ سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىندى ئۇلار ئىنكار قىلىنغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمى مىزگە ئېرىشتى ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ئۆزگەرتەل ەيدىغان ھېچكىم يوق، شۈبھىسىزكى ساڭا پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىدىن بەزىسى كەلدى﴾(4) (4 ) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالانىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقى ۋە ئەڭ چوڭ نۇسرەت ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىنى مۇستەھكەملەش چۈنكى ﴿ئاللاھ: «مەن ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىم چوقۇم غەلىبە قىلىمىز » دەپ پۈتىۋەتكەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر﴾(5): ئىككىنچى سەۋەب قۇرئان كەرىمنىڭ ئاز- ئازدىن چۈشۈشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى يادلىۋېلىشى ئۈچۈن ئوڭايلىق ئىدى چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قېتىم ئۆزىگە پەرىشتە جىبرىلنىڭ ئوقۇپ بەرگەنلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشىتىن قورققانلىقتىن، ئۇنى تىز يادلىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ تىلىنى مىدىرلىتا تتى شۇ سەۋەبتىن ئاللاھ تائالا مۇنۇ ئايەتنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىس سالامنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلغان: ﴿ (ساڭا جىبرىل ئارقىلىق قۇرئان ئايەتلىرى چۈشىۋاتقاندا، ئۇنى ئېسىڭغا ئېلىۋېلىش ئۈچۈن) ئالدىراپ تىلىڭنى مىدىرلاتما ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ ئوقۇ لى شىغا ئەگەشكىن ئاندىن ئۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر﴾(6) (1) فۇرقان سۈرىسى 32 - ئايەت (2) فاتىر سۈرىسى 8- ئايەت (3) ئەھقاف سۈرىسى 35 - ئايەت (4) ئەنئام سۈرىسى 34 - ئايەت (5) مۇجادەلە سۈرىسى 21 - ئايەت (6) قىيامەت سۈرىسى 16 - - ئايەتلەر : ئۈچىنچى سەۋەب مۇسۇلمانلارنى ئىسلام تەربىيىسى بىلەن تەربىيىلەشتە تەدرىجىلىك يولىنى تۇتۇش: تەدرىجى تەربىيە تۆۋەندىكى شەكىللەرنى ئالغان (1) ئەرەبلەردىكى بۇتلارغا چوقۇنۇشتەك خۇراپى ئەقىدىنى، جاھىل ىيەتنىڭ رەزىل ئەخلاقىنى، قىزلىرىنى تىرىك كۆمۈش، ھاراق ئىچىش ۋە جازانە قىلىشتەك قەبىھ ئادەتل ەرنى يوق قىلىشتا تەدرىجىي ھالدا ئىش ئېلىپ بېرىش چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر بىرا قلا يوق قىلغىلى بولمايتتى (2) بىر ئاللاھقىلا ئېتىقاد قىلىشتىن ئىبارەت ئىسلام ئەقى دىسىنى دىللارغا سىڭدۈرۈشتە ۋە بىر-بىرىنى ئاسراشيوقسۇللارنى يۆلەشيېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلاش قاتارلىق گۈزەل ئەخلاقلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتا، تەدرىجىي ئىش ئېلىپ بېرىش (3 ) شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بەلگىلەشتىكى تەدرىجىلىك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشەر ەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: « قۇرئاندىن ئەڭ ئاۋۋال چۈشكەن ئايەتلەر جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ بايانى ئىدى كىشىلەر ئىسلام دىنىدا مۇستەھكەم بولغاندىن كېيىن ھالال- ھارام ھەققىدىكى ئەھكاملار چۈشكەن ئەگەر قۇرئاندىن ئەڭ ئاۋۋال“ھاراق ئىچمەڭلار” دەپ چۈشكەن بولسا، كى شىلەر: “ بىز ھاراقنى ھەرگىز تاشلىمايمىز” دېگەن، “زىنا قىلماڭلار” دېگەن بولسالله “زىنانى قەتئىي تاشلىمايمىز” دېگەن بولاتتى»(1): تۆتىنچى سەۋەب قۇرئان كەرىمنىڭ ئاز- ئازدىن چۈشكەنلىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئايەتلەرنى دەرھال يادلىۋېلىشى ۋە بۇ ئايەتلەرنى تۇرمۇشىدا تەتبىق لاشقا ئادەتلىنىشى ئۈچۈن ئوڭايلىق يارىتىپ بېرەتتى﴿ بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى يادلاش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ﴾(2): بەشىنچى سەۋەب مۇسۇلمانلارنى سەۋرچانلىققا ۋە جاپا- مۇشەققەتلەرنى كۆتىرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ﴿سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈ لپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن (مۆمىن) لەر ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە: ئۇچرىغان ۋە چۆچۈتۈۋېتىلگەن ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر« ئاللاھنىڭ (بىزگە ۋەدە قىلغان) ياردىمى قاچان كېلىدۇ »دېگەن ئىدى﴾(3) ئالت: ىنچى سەۋەب مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئاللاھ تائالانىڭ بەلگىلىمىلىرىنى بايان قىلى پ بېرى ش﴿ ئاللاھ ھەقىقەتەن ئېرى توغرىسىدا سەن بىلەن (1) سەھىھ مۇسل ىم 9- توم، - بەت، 4993 - ھەدىس (2) قەمەر سۈرىسى 32 - ئايەت (3) بەقەرە سۈرىسى 214 - ئايەت مۇنازىرىلەشكەن ۋە ئاللاھقا شىكايەت قىلغان ئايالنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى، ئاللاھ ئىككىڭ لارنىڭ سۆ زۈڭلارنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلىغۇچىدۇر، كۆرگۈچىدۇر﴾(1): يەتتىنچى سەۋەب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىش﴿ )(ئى پەيغەمبەرۇ: ئۇلار سەندىن« ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بولامدۇ »، دەپ سورايدۇ، ئېيتقىنكى« بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھتۇر»﴾(2): سەككىَىنچى سەۋەب قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئەرەبلەرگە قۇرئان كەرىمگە ئوخشايدىغان بىرەر كىتابنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇ ئېل ئېلان قىلغانلىقى ۋە ئەرەبلەرنىڭ بۇ دۇئېل ئالدىدا يېڭىلگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ س ۇكۇت قىلغانلىقى بۇنىڭ جۈملىسىدىن ئىدى.
جاۋاب: قۇرئان كەرىم دىكى ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ تەرتىبى ئۇلارنىڭ چۈشۈش تەرتىب ىگە كۆرە ئەمەس، بەلكى جىبرىلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ ئورۇنلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشىگە ئاساسەن تىزىلغان شۇڭا فاتىھە سۈرىسى قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ بېشىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇ دەسلەپ چۈشكەن سۈرە ئەمەس بەلكى ئەڭ دەسلەپ چۈشكەن ئەلەق سۈرىسى بولۇپ، ئۇ قۇرئان كەرىمنىڭ 30 -پارىى سىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئايەت، سۈرە ۋە ۋەھيى.
جاۋاب: ئايەت لۇغەت ئېتىبارى بىلەن ئالامەت، مۆجىزە، ئىبرەت، دەلىل قاتارلىق مەنىلەردە كېلىدۇ ئۇلانىڭت: ەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە (1 ) ئايەتنىڭ ئالامەت مەنىسىدە كېلىشى﴿: ئۇلارغا پەيغەمبىرى ئېيتتىكى« ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئالامىتى شۇكى، سىلەرگە بىر ساندۇق كېلىدۇ، ئۇنىڭدا رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرنى تەسكىن تاپقۇزىدىغان نەرسە ۋە مۇسانىڭ ھارۇننىڭ تەۋەلىرى قال دۇرۇپ كەتكەن نەرسىلەر قاچىلانغان بولىدۇ، ئۇنى پەرىشتىلەر كۆتۈرۈپ كېلىدۇ﴾(3) (2 ) ئايەتنىڭ مۆجىزە مەنىسىدە كېلىشى﴿ ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، بىز ئۇلارغا
(1) مۇجادەلە سۈرىسى 1- ئايەت
(2) بەقەرە سۈرىسى 217 - ئايەت
(3) بەقەرە سۈرىسى 248 - ئايەت نەقەدەر كۆپ روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق﴾(1) (3 ) ئايەتنىڭ ئىبرەت مەنىسىدە كېلىشى﴿ ئەگەر سىلەر ئال لاھنىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنگۈچى بولساڭلار، بۇنىڭدا سىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە بىر ئىبرەت بار﴾(2) (4 ) ئايەتنىڭ دىلىل مەنىسىدە كېلىشى ئاللاھنىڭ، (چەكسىز قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئاسمانلارنى، ز ېمىننى ياراتقانلىقى، تىلىڭلارنى، رەڭگىڭلارنى ئوخشىمايدىغان قىلغانلىقىدۇر (3) ئايەت ئەرەب تىلىدا قۇرئان كەرىمدىن باشقا يەنە ھەيران قالارلىق ئىشلارغىمۇ ئىش لىتىلىدۇ.
جاۋاب: ئىستىلاھتا ئايەت سۆزى ئىنسانلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغا، ئىنسانلار غا تونۇشلىق بولغا تەبىئىي قانۇنىيەت سىرتىدىكى خارىق ئادەت ئىشنى ئىپادىلەيدۇ ئايەت- قۇرئان كەرىم سۈرىلىرى ئىچىدىن ئورۇن ئالغان ئىلاھىي كەلىمى لەرنىڭ بىر پارچىسى، سۈرىلەرنى تەشكىل قىلغان مۇستەقىل جۈملىلەر بولۇپ، قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىلەر رەقەملىك ئايەتلەردىن تەركىب تاپقان ئايەت ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپ قىلىنغاندەك، پەيغەمبەرلەرگە ۋە قۇرئان كەرىمگىم ۇ مەنسۇپ قىلىنىدۇ ئايەت ئاللاھ تائالاغا مەنسۇپ قىلىنغاندا، ئاللاھ تائالانىڭ قۇد رىتىنىڭ ۋ ە ئىلمىنىڭ دەلىلى دېگەن مەنىنى، پەيغەمبەرلەرگە مەنسۇپ قىلىنغاندا، ئۇلارنىڭ پەيغەم بەرلىك، دەۋاسىدا راستچىللىقنىڭ دەلىلى دېگەن مەنىنى، قۇرئان كەرىمگە مەنسۇپ قىلىنغاندا ئۇنىڭ تېكىستلىرىدىكى ھەر بىر جۈملىنى ئىپادىلەيدۇ.
جاۋاب: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ ھازىرقى بىز ئوقۇۋاتقان تەرتىبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىبرىلدىن ئالغان تەلىمىگە ئاس اسەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ب ىۋاسىتە ئۆزى ب ېكىتك ەن تەرتىب ئىكەنلىكىگە قەدىمدىن ھازىرغىچە پۈتۈن ئىسلام ئۇممىتى بىرد ەك ئىتتىپاقتۇر بۇنىڭدىن مەلۇمكى، قۇرئان كەرىم ئايەت لىرىنىڭ تەرتىبى ئىجتىھاد يولى ب ى لەن ئەمەس، بەلكى ۋەھيى يولى بىلەن بېكىتىلگەن تەرتىبتۇر ساھابىلارنىڭ ئەڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ئابدۇللا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان ئىبنى ئاففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەزىدە كۆپ ئايەتلىك سۈرىلەر چۈشەتتى، ئۇنىڭغا قانداقلا بىر سۈرە چۈشكەندەيېنىدىكى (مەخسۇس ۋەھيى يازىدىغان) كاتىبلارنى چاقىرىپ، ئۇلارغالله” بۇ، سۈرىنى پالانى مەسىلە بايان قىلىنغان پالانى سۈرىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار” دەپ بۇيرۇيتتى ئۇنىڭغا قانداقلا بىر ئايەت چۈشكەندە، ئۇلارغالله” بۇ ئايەتلەرنى پالانى سۈرىدىكى پالانى مەسىلە “بايان قىلىنغان جايغا قويۇڭلار دەپ بۇيرۇيتتى»(4)
(1) بەقەرە سۈرىسى 211 - ئايەت
(2) ئال ئىمران سۈرىسى 49 - ئايەت ( ) رۇم سۈرىسى 22 -ئايەت
(4) ئىمام ئەھمەدنىڭ«مۇسنەد» ناملىق ھەدىس توپلىمى 1- توم، - بەت، ھاكىمنىڭ«مۇستەدرەك » ناملىق ھەدىس توپلىمى 2- توم، - بەت.
جاۋاب: ئىسلام ئۆلىمالىرى سۈرىلەرنىڭ قۇرئ ان كەرىمدىكى تەرتىبىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېكىتكەنمۇ ياكى ئۆلىمالار ئىجتىھاد يولى بىلەن بېكىتكەنمۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئىختىلاپلاشقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىسلام ئالىملىرى سۈرىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى تەرتىبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن بېكىتىلگ ەنلىكىنى قارار قىلىدۇ بەزى ئۆلىمالار سۈرىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى تەرتىبلىرىنىڭ بەزىسى ساھابىلارنىڭ ئىجتىھادى بىلەن بېكىتىلگەن دەپ قارايدۇ بۇ مەسىلىدە كۆپ سانلىق ئۆلىمالارنىڭ « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى بېكىتكەن» دېگەن قارارى كۈچكە ئىگە (1) جىبرىلنىڭ پە يغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قۇرئان ئوقۇتۇشى.
جاۋاب: جىبرىل ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئاننى بىر قېتىم باشتىن ئاخىرغىچە ئوقۇپ بېرىپ، ئاندىن يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشتىن ئاخىر تىڭشايتتى پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى رامىزان ئېيىدا، ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنى ئىككى قېتىم ئوقۇپ بېرىپ، ئىككى قېتىم تىڭشىغان مۇنۇ ھەدىس بۇ ھەقىقەتنى كۈچلەندۈرىدۇ، ھەزرىتى ئا ئىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان بىر، ھەدىسكە كۆرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆيۈملۈك: قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا «جىبرىل ماڭا قۇرئاننى ھەر يىلى بىر قېتىم ئوقۇپ بېرەتتى، بۇ يىل ئىككى قېتىم ئوقۇپ بەردى، بۇنىڭدىن ئەجى لىمنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى سې زىۋاتىمەن» دېگەن (2) ۋەھيى ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى.
جاۋاب: ۋەھيى تۆۋەندىكىدەك 4: تۈرلۈك بولغان (1 ) ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەردىن بىرىگە پەردە ئارقىسىدىن سۆز قىلىشى ئاللاھ تائالا مىسىرنىڭ تۇر تېغىدا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بىۋاسىتە سۆز قىلغان ﴿ ئاللاھ مۇساغا بىۋاسىتە سۆز قىلدى﴾(3) (2 ) ئىلھام ياكى پەيغەمبەرنىڭ قەلبىگە ئورنىتىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « جىبرىل مېنىڭ قەلبىمگە “ ھېچكىم رىزقىنى تولۇق تۈگەتمەستىن ئۆلمەيدۇ“دەپ ئىلھام سالدى، سىلەر ئاللاھقا تەقۋالىق قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى نەرسىلەرنى سوراڭلار»(4) (3 ) راست چۈش چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشى ۋەھيىدۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: « رەسۇلۇللاھقا ۋەھيى دەسلەپتە ياخشى چۈش كۆرۈش بىل ەن باشلانغان» (5 )
(1) ئابدۇلئەزىم زەرقانىينىڭ«مەناھىل ئەل ئىرفان » ناملىق ئەسىرى 1- توم، - - بەتلەر
(2) سەھىھۇلبۇخارى 6285 -ھەدىس، فەتھۇلبارى 11 - ومت، - بەت
(3) نىسا سۈرىسى 164 - ئايەت
(4) شىھاب قۇزائىينىڭ«مۇسنەد »ناملىق ھەدىس توپلىمى 115-ھەدىس 2- توم، - بەت
(5) سەھىھۇلبۇخارى 3- ھەدىس، فەتھۇلبارى 1 - توم، - بەت (4 ) ئاللاھ تائالانىڭ جىبرىلنى ئەۋەتىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھيى توغرۇلۇق سورالغىنىدا: « ۋەھيى ماڭا بەزىدە قاتتىق جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن كېلىدۇ، گاھىدا پەرىشتە ئەر كىشىنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنۈپ كېلىپ ماڭا سۆز قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى تولۇق تۇتى ۋالىمەن»(1) دېگەن
(1) سەھىھۇلبۇخارى 2-ھەدىس، فەتھۇلبارى 1 - توم، - بەت قۇرئان كەرىمنىڭ يېتىپ كېلىش جەريانى قۇرئان كەرىمنىڭ ساقلىنىشى (1 )
جاۋاب: ئاللاھ تائالا ساماۋى كىتابلارنىڭ ئاخىرقىسى بولغان قۇرئان كە رىمنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشكەن پېتى ساقلاشنىڭ پۈتۈن شەرت- شارئىتلىرىنى ۋە سەۋەبلىرىنى تولۇقلاپ بەرگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنى چۈشكەن پېتى ساقلاپ، ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلارغا سالامەت يەتكۈزگەن شۇڭا قۇرئان كەرىم، ھەر قانداق بىر ئۆزگەرتىش ئالماشتۇرۇش ۋ ە بورمىلاشلا ردىن پۈتۈنلەي ساقلىنىپ، بىز لەرگىچە ئۆز پېتى بىلەن يې تىپ كەلگەن يېگانە كىتاب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ساھابىلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى چۈشكەن پېتى ساقلاش ئىشىدىكى ھوشيارلىقى ۋە چېكىگە يەتكەن ئېھتىياتچانلىقى دۇنيا تارىخىدا مىسلى كۆر ۈلمىگەن بىر ئەھۋال بۇنىڭغا مۇسۇلمان ئەمەس ئىلىم ئەھلىلىرىمۇ گۇۋاھ.
جاۋاب: شەكسىزكى، قۇرئان كەرىم يادقا ئېلىش ۋە يېزىپ قالدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى يول بىلەن ساقلىنىپ كەلگەن پەيغەمبەر ئەل ەيھىسسالام قۇرئان كەرىمدىن چۈشۈپ تۇرغ ان ئايەت ۋە سۈرىلەرنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ساھابىلارغا يادقا ئالدۇرۇش ۋە تېرىلەر، گە خورما يوپۇرماقلىرىغا يازدۇرۇ ش ئارقىلىق ساقلاپ كەلگەن.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە چۈشكەن ئايەتلەرنى چۈشىۋاتقان پەيتىدە يادقا ئېلىۋېلىشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرەتتى، ھەتتا جىبرىل ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىۋاتقان ئايەتلەرنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ شۇ لەھزىنىڭ ئۆزىدە يادلىۋېلىشقا ئالدىرا پ تىلىنى مىدىرلىتاتتى شۇڭا ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇنىڭ قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئۇنىڭغا تولۇق ئۆگىتىپ توپلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ: ئۇنىڭ كۆڭلىنى مۇنۇ ئايەت بىلەن خاتىرجەم قىلغان ﴿ئالدىراپ تىلىڭنى مىد ىرلاتما ئۇنى توپلاش ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر ساڭا ئۇنى ئوقۇپ بەرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ ئوقۇ لى شىغا ئەگەشكىن﴾(2) مۇندىن باشقا جىبرىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان كەرىمدىن چۈشۈپ بولغان پۈتۈن ئايەتلەر ۋە سۈرىلەرنى ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا بىر قېتىم باشتىن ئوقۇپ بېرىپ، ئاندىن يەنە ئۇنىڭدىن تىڭشايتتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشى ئالدىدىكى رامىزاندا جىبرىل قۇرئان كەرىمنى ئۇنىڭغا باشتىن ئاخىر ئىككى قېتىم ئوقۇپ بېرىپ يەنە
(1) بۇ ماۋزۇ دوكتۇر رىزا مۇھەممەد س ەفىيۇددىن ئەل سەنۇسىينىڭ«محاضرات في الثقافة اإلسلامية » (ئىسلام ھازارىتى ھەققىدە لېكسىيە)ناملىق ئەسىرىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى
(2) قىيامەت سۈرىسى 16 - - ئايەتلەر نائرۇق ڭىنمىرەك پىتېي شىلېك ىنايرەج تىڭشىغان.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئەقلىنى ۋە ۋاقتىنىڭ كۆپرەكىنى قۇرئان كەرىمنى تەكرارلاشقا ۋە ئۇنى پىششىق يادلىۋېلىپ، ئۆز پېتى ساقلاش ئىشىغا ئاتىغان ئىدى ش ۇڭا بەش ۋابن امازلىرىدا، كېچىلەردىكى تەھەججۇدلىرىدا، سەپەرلىرىدە، ھەتتا ئۇرۇش ئەسناسىدا ئاغزىدىن قۇرئان كەرىم چۈشمەيتتى.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن چۈشكەنلىرىنى ئۆز ۋاقتىدىلا اس ھابىلارغا يادقا ئالدۇراتتى، ئۇلارغا قۇرئان كەرىمدىن ساۋاق بېرەتتى ۋە قانداق يادلاش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتەتتى، ساھابىلارمۇ قۇرئان كەرىمنى يادلاش ئىشىغا پەۋقۇلئاددە ز ور ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، ھەمىشە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسا لامنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي، ئاز-ئازدىن چۈشۈپ تۇرغان ئايەتلەرنى تىزلا يادلىۋالاتتى ۋە يادلىغان ئايەتلەرنىڭ كۆرسەتمىلى رىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ۋە ھاياتنىڭ ھەممە ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ماڭاتتى ئۇلار قۇرئان كەرىمنى يادلاش ئىشىدا بىر-بىرى بىلەن بەسلىشەتتى، كې چىلىرى مەسجىدلەرگە كىرىۋېل ىپ بەس- بەستە قۇرئان يادلايتتىيادلاپ بولغانلىرىنى تەكرارلايتتى، ھەتتا كېچىلىرى م ەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى مەسجىدلەردىن قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى يۈكسىلىپ تۇراتتى.
جاۋاب: ئاللاھ تائالا ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە كۆپلىگەن كىتابلارنى چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ كىشىلەر يادلاپ باققان ئەمەس ھەتتا ئۆتمۈشلەردە تەۋ رات بىلەن ئىنجىللارنى ھەر قانداق بىر ئاۋام ئوقۇيالمايتتى، پەقەتدىن ئادەملىرىلا ئوقۇپ م ەنىسىنى چۈشەندۈرۇپ بېرەتتى چۈنكى ئۇ ۋاقىتلاردا يادلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئالىملاردىن با شقا خەت ئوقۇشنى بىلىدىغانلارمۇ يوق دېيەرلىك ئىدى ئەمما قۇرئان كەرىمنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن باشلاپ ساھابىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى يادىسىغا بىلەتتى بىر ق ېتىملىق ئۇرۇشتا 70 تىن كۆپرەك قارىينىڭ شېھىد بولغانلىقىمۇ شۇ ۋاقىتتا قارىيلارنىڭ كۆپلى كىدىن دېرەك بېرىدۇ دۇنيا تارىخىدا قۇرئان كەرىمدىن باشقا بىرەر كىتابنى بۇنچىلىك زور ئەھمىيەت بېرىپ يادقا ئېلىش ئۆتمۈشلەردە ياكى ھازىردا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر ئىش ب ۇنىڭغا پۈتۈند ۇنيا گۇۋاھ بۇنىڭدىكى سەۋەب شۇكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنى تاقىيامەتكىچە ئۆزى مۇھاپىزەت قىلىپ ساقلاشنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ قۇرئان كەرىمنى ساقلاشنىڭ سەۋەبلىرى ۋە تۈرتكىلىرىنى يارىتىپ بەرگەن ئۇ بولسىمۇ، قۇرئان كەرىمنى يا دلاشنى ئەڭ شەرەپلىك ئىبادەت قاتارىدىن ساناپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىدا ئۇنى ياد لاش ئوتىنى ياندۇرغانلىقى ۋە ئۇنى يادلاشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكى ھەمدە ئۆز ۋاقتىدا يېز ىپ ساقلاشنىڭ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىنى يارىتىپ بەرگەنلىكى ئىدى ﴿ بىز ھەقىقەتەن قۇرئاننى يادلاش ئۈچۈن ئاسان قىلدۇق، ئىبرەت ئالغۇچى بارمۇ﴾(1)
(1) قەمەر سۈرىسى 22 - ئايەت، مەلۇمكى قۇرئان كەرىمدىن باشقا ھېچقاندا بىر ساماۋى كىتابنى ياكى ھەدىسنى يادلىغانغا ياكى ئوقۇغانغا ساۋاب بېرىش ۋەدە قىلى نغان ئەمەس، بەلكى ئەمەل قىلغانغ ىلا ساۋاب ب ېرىش ۋەدە قىلىنغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ز امانىدىن تا ھازىرغىچە دۇنيادا قارى يلار ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقى ئۈچۈن ھېچكىم قۇرئان كەرىمگە بىرەر ھەرپ چاغلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمەيدۇ قۇرئان كەرىمنى ھازىر مۇسۇلمان ئەمەس خەلقلەرمۇ مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردە ھەر خىل مەنپەئەتلەر يۈزىسىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىپ كې لىۋاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭغا بىرەر ھەرپكە چاغلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزەلمىگەن.
جاۋاب: ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلىدىغان ساھابىلار ئىنتايىن كۆپ ئىدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۇففار ئەرەبلەردىن ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئىچىدىن خەت بىلىدىغانلىرىد ىن ھەر بىرىنى 10 دىن مۇسۇلمان بالىسىغا ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىپ قويۇشى شەرتى بىلەن قو يۇپ بېرىش سىياسىتىنى قوللىنىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى، خۇسۇسەن شۇ ۋاقىتتىكى ياشلارنى ئاساسەن ساۋاتلىق قىلىۋەتكەن.
جاۋاب: قۇرئان كەرىمنى ساقلاشنىڭ يەنە بىر يولى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر ۋاقىت چۈشۈپ تۇرغان ئايەت ۋە سۈرىلەرنى ئۆز ۋاقتىدىلا«كۇتتابۇلۋەھيى »دەپ ئا تالغان تىن كۆپرەك مەخسۇس ۋەھيى كاتىبلىرىغا بۇيرۇپ يازدۇرۇپ ماڭ اتتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنىڭ پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ھەر خىل ئۆزگەرتىلىش ۋە يەڭگۈشلىنىشلەرگە ئۇچراش نەتىجىسىدە ئۆز ئەسلىنى يوقاتقانلىقىنى ئوبدان بىلگ ەنلىكى ئۈچۈن، قۇرئان كەرىمنىڭ تا قىيامەتكىچە ئۆز پېتىچە ساقلىنىشى يولىدا ب ار چارە- تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللانغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئان كەرىمنىي ادقا ئالدۇرۇپ، شۇ زامانلاردا قەغەزنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان نەرسىلەرگە يازدۇرۇپ ساقلاشتىن ئىبارەت بۇ ئۇسۇلى قۇرئان كەرىمنىڭ مەڭگۈگە چۈشكەن پېتى ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئامىللىرىدىن بىرى بولغان ئىدى.
جاۋاب: قۇرئان كەرىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسس الامنىڭ ھايات ۋاقتىدا تېرىلەرگە، خورما يوپۇرماقلىرى ۋە قوۋزاقلىرىغا، شۇنداقلا سىلىق تاشلارغا ۋە سۈڭەكلەرگە پارچە-پارچە ئايرىم- ئايرىمدىن يېزىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ئۆيىدە ساقلانغان قۇرئان كەرىمنىڭ توپلىنىش ۋە كۆپەيتىلىش باسقۇچى قۇرئان كەرىم ىڭن كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈل ىشى.
جاۋاب: قۇرئان كەرىم بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىغا بىر يىل مۇ توشماستى، ن ھىجرىيىنىڭ 12 -يىلى ( - مىلادى) يەمامە ئۇرۇشىدىن كېيىنلا، رەسمىي كىتاب شەكلىدە توپلانغان.
جاۋاب: قۇرئان كەرىمنى كىتاب ھالىدا توپلاش پىكرىنى ئوت يۈرەك ساھابى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قو يغان، ئاندىن ساھابىلارنىڭ ئلۆ ىمالىرى قۇرئان كەرىمنى توپلاش پىكرىگە ھەممە بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن.
جاۋاب: قۇرئان كەرىمنى كىتاب شەكلىدە توپلاپ چىقىش ئىشىنى زەيد ئىبنى سابىت باشچىلىقىدىكى«كۇتتابۇلۋەھيى » كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئۈستىگە ئالغان.
جاۋاب: : زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەخسۇس كاتىبى ۋە«كۇتتابۇلۋەھيى »، كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، قارىيلارنىڭ ئەڭ سەرخىلى پەۋقۇلئاددە زېرەك، ھۇشيار ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئالاھىدە يۇقىرى كىشى ئىدى شۇ سەۋەبتىن ئاۋۋال پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، كېيىن خەلىپىلەر ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن م ەخسۇس كاتىب قىلىپ ئىشلەتكەن زەيد ئىبنى سابىت جىبرىل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئ ان كەرىمنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم باشتىن ئاخىر ئوقۇپ بېرىپ يەنە ئۇنىڭدىن تىڭشىغاندا پ ەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ھازىر بو لۇش شەرەپىگە نائىل بولغان، ئىشەنچلىكلىكى، ئېھ تىياتچانل ىقى ۋە تەقۋالىقى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قايىل قىلغان ساھابىلارنىڭ بىرى ئىدى.
جاۋاب: زەيد ئىبنى سابىت رىئاسەتچىلىكىدىكى«كۇتتابۇلۋەھيى » كومىتېتى ئەزالىرى قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەت ۋە سۈرىلىرىنى توپلاپ، كىتاب شەكلىگە كىرگۈزۈشتە دۇنيادا م ىسلى كۆرۈلمىگەن ئەڭ ئىلغار ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك مېتودنى قوللانغان: بۇ مۇنداق بولغان«كۇتتابۇلۋەھيى »، كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى تېرىلەرگە، سىلىق تاشلارغا خورما دەرىخىنىڭ قوۋزاقلىرىغا ۋە بەزى يوپۇرماقلىرىغا، شۇنداقلا تۈز سۈڭەكلەرگە يېزىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە ساقلانغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەت ۋە سۈرىلىرىنى شۇ ۋاقىتتىكى قارىيلارنىڭ يادلىغانلىرىغا بىر- بىرىلەپ سېلىشتۇرۇپ، ھەر بىر قارىيدىن تىڭشىغان ئايەتلەردىن ھەر بىر ئايەتنىڭ توغرىلىقىغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە يېزىپ ساقلانغان ئايەتلەردىن ھەر بىر ئايەتنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا يېزىلغانلىقىغا ئىككى گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئېلىشن ى شەرت قىلغان ئۇلار ھەر بىر ئايەت ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىپ ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىدا، ئۇنىڭ دەپ بېرىشى بىلەن يېزىلغانلىقىغا ئەڭ ئاز ئىككى گۇۋاھچىنى قەسەم قىلدۇراتتى، ئاندىن شۇ ئايەتنىڭ ئۆزىنى قارىيلاردىن تىڭشاپ كۆرەتتى، قارىيلارنىڭ ئوقۇغىنى بىلەن يېزىلىپ ساقلانغىنى ئەينەن چىقسا، ئاندىن ئۇنى رەسمى قۇرئان كەرىم قاتارىدىن ساناپ خاتىرىلەپ ماڭاتتى شۇنداق قىلىپ، ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەت ۋە سۈرىل ىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىس سالام ئۆز ۋاقتىدا رەتلەپ قويغان تەرتىب بويىچە ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىل ەن تىزىپ چى قىپ، قۇرئ ان كەرىمنى ھازىرقى كىتاب ھالىغا كەلتۈرگەن.
جاۋاب: قۇرئان كەرىم ئاللاھ تا ئالانىڭ سۆزى، ئۇنى ئاللاھ تائالادىن چۈشكەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن تاپشۇرۇپ ئالغان پېتى مۇسۇلمانلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپىسى ھەم شەرەپلىك ھەم خەتەرلىك چوڭ بىر ۋەزىپە ئىدى قۇرئان كەرىمنى توپلىغان«كۇتتابۇلۋەھيى » كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بۇنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى ئۇلار بۇ ئىشتا قىلچە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاللاھ تائالاغا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغ ان كەچۈرۈلمەس چوڭ خىيانەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، ناۋادا قىلچىلىك سەۋەنلىك ئۆتۈلسە، ئۆزلىرىنىڭ خۇددى ئىلگىرىكى يەھۇدىي، خرىستىئان ئالىملىرىغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھىي كىتابلىرىنى ئۆزگەرتىۋېتى پ تا قىيامەتكىچە ئاللاھنىڭ ۋە خەلقنىڭ ئالدىدا لەنەتكە ردى بولۇپ قېلىش خەۋپىنى ئەلۋەتتە ھېس قىلاتتى ۋە ياخشى بىلەتتى.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋا قتىدا ۋەھيىلەرنى يېزىپ قالدۇرۇشقا ۋە كېيىنچە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى توپلاشقا بەلگىلەنگەن«كۇتتابۇلۋەھيى »كومىتېتىنىڭ ئەز الىرى ساھابىلارنىڭ ئەڭ مۇكەممەل قارىيلىرىدىن تاللاپ چىقىرىلغان ئەڭ تەقۋادار، ئەڭ ئا لىم، ئەڭ ھوشيار ۋە چېكىگە يەتكەن ئېھتىياتچان شەخسلە ردىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا ئىدى.
جاۋاب: قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتۈن ئايەتلىرىنى جەملەپ، ئۇلارنى كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈش ئىشى ئۈچۈن ساق بىر يىل ۋاقىت كەتكەن.
جاۋاب: ساھابىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى قۇرئان كەرىمنى يادىسىغا بىلەتتى شۇڭا ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا قۇرئان كەرىمنى كىتاب شەكلىدە توپلاپ ئوقۇشقا زور ئېھتىياجلىق ئە مەس ئىدى چۈنكى ئېغىزدىن- ئېغىزغا يۆتكىلىپ يۈرگەن قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ھەتتا ئۇنى يادقا ئالمىغان ساھابىلار ئۈچۈنمۇ تونۇشلۇق ئىدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان يىلى )ئىسلام دىنىنى يوق قىلىش پىلانى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان مۇرتەد (ئىسلامدىن يېنىۋالغان ئەرەب قەبىلىلىرى بىلەن بولغان، تارىختا«يەمامە ئۇرۇشى » دەپ ئاتالغان ئۇرۇشتا ساھابىلاردىن كۆپ كىشىنىڭ شېھىد بولغانلىقى، ھەتتا قارىيلاردىن بۇ بىر قېتىملىق ئۇرۇشتاتىن كۆپرەك كىشىنىڭ شېھىد بولغانلىقى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنى يادلىغان قارىيلارت گۈ ەپ كەتسە ئۇنىڭ بەزى ئايەتلىرىنىڭ قەلبلەردىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىش خەۋپىنى ھېس قىلغان شۇنداق قىلىپ ساھابىلار قارىيلارنىڭ تۆگەپ كېتىشى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ قەلبلەردىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى رەتلەپ قويغان ئايەت ۋە سۈرىلەرنى شۇ تەرتىبى بويىچە كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈپ توپلاش قارارىغا كەلگەن.
