Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

پەرىشتىلەر، جىنلار ۋە شەيتانلار

This content is not yet available in your language.

روھىي ئالەملەرنىڭ ھەقىقىتى (سوئال 63 – 64)

بۆلۈم: “روھىي ئالەملەرنىڭ ھەقىقىتى (سوئال 63 – 64)”
63سوئال:روھىي ئالەملەر دېگەن قانداق ئالەملەر؟#

جاۋاب: روھىي ئالەملەر ئىنسانلار ھېسسىي ئەزالىرى ئارقىلىق ئىدراك قىلالمىغان يوشۇرۇن ئالەملەر دېمەكتۇر. كائىناتتىكى شەيئىلەر ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى ئىنساندىكى ھېسسىي ئەزالار ئارقىلىق بىلگىلى بولىدىغان شەيئىلەر (ئادەم، ھايۋان، تاغ، دەريا، تېرىم، ئۆسۈملۈك قاتارلىقلار)؛ يەنە بىرى ھېسسىي ئەزالار ئارقىلىق بىلگىلى بولمايدىغان شەيئىلەر (پەرىشتىلەر، جىنلار، شەيتانلار قاتارلىقلار). بۇلار غەيبىي ئالەملەر ياكى روھىي ئالەملەر دەپ ئاتىلىدۇ.

64سوئال:ئىنسانلار ھېسسىي ئەزالىرى ئارقىلىق بىلەلمىگەن شەيئىلەرنى قانداق بىلىدۇ؟#

جاۋاب: ئىنسانلار ھېسسىي ئەزالىرى ئارقىلىق بىلەلمىگەن شەيئىلەرنى ئىشەنچلىك خەۋەرلەر ئارقىلىق بىلەلەيدۇ. مەسىلەن مىكروب ۋە باكتېرىيەلەرنى ئادەتتىكى ئىنسانلار بىلەلمىسىمۇ تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلىنىپ بارلىقىغا ئىشەنگىنىدەك، مۇسۇلمانلارمۇ غەيبىي ئالەملەرنى قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ خەۋەرلىرى ئارقىلىق بىلىدۇ ۋە ئۇلارغا قەتئىي شەك قىلماستىن ئىشىنىدۇ.

پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش (سوئال 65 – 68)

بۆلۈم: “پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش (سوئال 65 – 68)”
65سوئال:پەرىشتىلەر قانداق بەندىلەر؟#

جاۋاب: پەرىشتىلەر روھىي ئالەملەرنىڭ بىرىدۇر، كۆرۈنمەيدىغان ئالەمنىڭ بىر قىسمىدۇر. ماھىيەت جەھەتتە ئۇلاردا بىرەر نەرسە ئىستېمال قىلىش يوق ھەمدە ئۇخلاشقىمۇ موھتاج ئەمەس، ئەر ياكى ئايال دېيىلمەيدۇ، ئۇلاردا شەھۋانىيلىق يوقتۇر. پەرىشتىلەرنىڭ بارلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش ئىماننىڭ ئاساسلىق ماددىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئىنكار قىلىش كۇپۇردۇر.

66سوئال:پەرىشتىلەرگە قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟#

جاۋاب: ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ بارلىقى ھەقتۇر، ئۇلار ھەمىشە ئاللاھنىڭ تائەت-ئىبادىتى بىلەن مەشغۇل بولغۇچى، ھۆرمەتلىك، ئىتائەتچان ۋە گۇناھسىز بەندىلەردۇر دەپ ئىمان ئېيتىش كېرەك.

67سوئال:پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟#

جاۋاب: پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش تۆۋەندىكى 4 مەسىلىگە ئىشىنىپ ئېتىقاد قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) ئۇلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىش. (2) جىبرىئىل، مىكائىل، ئىسرافىل ۋە ئەزرائىللارغا ئوخشاش بىزگە ئىسىملىرى مەلۇم بولغان پەرىشتىلەرگە تەپسىلىي، ئىسىملىرى مەلۇم بولمىغان جىمى پەرىشتىلەرگە ئىجمالىي ئىمان كەلتۈرۈش. (3) جىبرىئىلغا ئوخشاش بىزگە سۈپەتلىرى مەلۇم بولغان پەرىشتىلەرنىڭ سۈپەتلىرىگە ئىشىنىش. (4) بىزگە مەلۇم بولغان ۋەزىپىلىرى ۋە ئەمەللىرىگە ئىشىنىش.

68سوئال:پەرىشتىلەر نېمىدىن يارىتىلغان؟#

جاۋاب: ئىنسانلار تۇپراقتىن يارىتىلغان بولسا، پەرىشتىلەر نۇردىن (يورۇقلۇقتىن) يارىتىلغان. ھەدىستە: «پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان، ئادەم ئەلەيھىسسالام تۇپراقتىن يارىتىلغان» دېيىلگەن.

(1) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى

پەرىشتىلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە ۋەزىپىلىرى (سوئال 69 – 72)

بۆلۈم: “پەرىشتىلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە ۋەزىپىلىرى (سوئال 69 – 72)”
69سوئال:پەرىشتىلەرنىڭ خاراكتېرى قانداق؟#

جاۋاب: پەرىشتىلەرنىڭ خاراكتېرى ئاللاھقا مۇتلەق ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇلاردا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈش ۋە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش يوقتۇر. «ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ».

(1) تەھرىم سۈرىسى 6-ئايەت
70سوئال:پەرىشتىلەرنىڭ ۋەزىپىلىرى نېمە؟#

جاۋاب: پەرىشتىلەردىن ھەربىرىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن تاپشۇرۇلغان ئايرىم ۋەزىپىلىرى باردۇر: بەزىلىرى بەندىلەرنىڭ ياخشى-يامان ئەمەللىرىنى خاتىرىلەش بىلەن، بەزىلىرى ئىنسانلارنى كېچە-كۈندۈز بالا-قازالاردىن مۇھاپىزەت قىلىش بىلەن، بەزىلىرى بەندىلەرنىڭ جانلىرىنى ئېلىش بىلەن، بەزىلىرى قەبىردە سوراق-سوئال قىلىش بىلەن، بەزىلىرى مەسچىتلەردە ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەش بىلەن مەشغۇلدۇر. مەشھۇرلىرى: جىبرىئىل، مىكائىل، ئىسرافىل ۋە ئەزرائىل ئەلەيھىسسالاملاردۇر.

71سوئال:ھېسسىي ئەزالار ئارقىلىق بىلگىلى بولمايدىغان نەرسىلەرگە ئىشەنمەيدىغانلارغا نېمە دەيمىز؟#

جاۋاب: ھېسسىي ئەزالار ئارقىلىق بىلەلمىگەن شەيئىلەرنى يوق دەپ ئىنكار قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇ شەيئىلەرنى ئىنكار قىلماقچى بولساق، ئالدى بىلەن ئەقىل، روھ، جان، كۆڭۈل ۋە ۋىجدان قاتارلىقلارنىمۇ ئىنكار قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى دۇنيادا ھېچكىم ئەقىل ۋە جاننىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلالمايدۇ.

72سوئال:پەرىشتىلەر نەدە؟#

جاۋاب: ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پەرىشتىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئاسمانلاردا تۇرۇپ ئاللاھنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلسا، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى زېمىندا يۈرۈپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى يۈرگۈزىدۇ. ئۇلار ئاسمانلار بىلەن زېمىن ئارىسىدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش يولىدا سەير قىلىدۇ.

جىنلارنىڭ ھەقىقىتى ۋە تائىپىلىرى (سوئال 73 – 77)

بۆلۈم: “جىنلارنىڭ ھەقىقىتى ۋە تائىپىلىرى (سوئال 73 – 77)”
73سوئال:جىنلار قانداق تائىپىلەر؟#

جاۋاب: جىنلار پەرىشتىلەرگە ئوخشاش غەيبىي ئالەملەردىن بولۇپ، پەرىشتىلەرنى كۆرگىلى بولمىغاندەك، جىنلارنىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. قۇرئان كەرىمدە جىنلارنىڭ بارلىقى ئوچۇق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىش كۇپۇردۇر.

74سوئال:جىنلار نېمىدىن يارىتىلغان؟#

جاۋاب: پەرىشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان بولسا، جىنلار ئوت يالقۇنىدىن يارىتىلغان. «جىنلارنى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق».

(1) ھىجر سۈرىسى 27-ئايەت
75سوئال:جىنلارنىڭ خاراكتېرى قانداق؟#

جاۋاب: جىنلارنىڭ خاراكتېرىمۇ ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرىگە ئوخشاشتۇر. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ مۇسۇلمان، ياخشى، تەقۋالارمۇ، يامان، گۇناھكار ئاسىيلارمۇ باردۇر. «بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ».

(1) جىن سۈرىسى 14-ئايەت
76سوئال:جىنلارمۇ قىلمىشلىرىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلامدۇ؟#

جاۋاب: جىنلارمۇ قىيامەت كۈنىدە ئىنسانلارغا ئوخشاش بارلىق ياخشى-يامان قىلمىشلىرىدىن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. ياخشى ئىش قىلغانلىرى ساۋابقا ئېرىشسە، يامان ئىش قىلغانلىرى ئازابقا دۇچار بولىدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ ئىبادەت ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. «جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم».

(1) زارىيات سۈرىسى 56-ئايەت
77سوئال:جىنلار غەيبنى بىلەمدۇ؟#

جاۋاب: جىنلارمۇ ئىنسانلارغا ئوخشاش غەيبلەرنى بىلمەيدۇ. چۈنكى غەيبنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. لېكىن جىنلار ئىنسانلار كۆرمىگەن بەزى نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ.

شەيتانلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىبلىس (سوئال 78 – 82)

بۆلۈم: “شەيتانلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىبلىس (سوئال 78 – 82)”
78سوئال:شەيتانلار قانداق مەخلۇقلار؟#

جاۋاب: شەيتانلار جىنلاردىن كېلىپ چىققان كاپىرلار بولۇپ، ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىدۇر. شەيتانلار ھەمىشە ئىنسانلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. شەيتانلار جىسىمسىز مەخلۇق بولۇپ ئۇلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ئەمما ئۇلار بىزنى كۆرىدۇ.

79سوئال:ئىبلىس دېگەن كىم؟#

جاۋاب: ئىبلىس شەيتانلارنىڭ ئاتىسىدۇر. ئۇ جىنلاردىن كېلىپ چىققان رەزىل مەخلۇقتۇر. ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندىن كېيىن، پۈتۈن پەرىشتىلەر بىلەن ئىبلىسنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغاندا، ئىبلىس تەكەببۇرلۇق قىلىپ بويسۇنمىغان ۋە ئاللاھنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ كاپىر بولغان. شۇندىن باشلاپ ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك دۈشمەن بولغان.

80سوئال:شەيتانلارنىڭ خاراكتېرى قانداق؟#

جاۋاب: شەيتانلارنىڭ خاراكتېرى پۈتۈنلەي يامانلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرخىل يوللار بىلەن ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە يامانلىق، ئازغۇنلۇق ۋە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇشقا تىرىشىدۇ. «شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار. شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ».

(1) فاتىر سۈرىسى 6-ئايەت
81سوئال:شەيتانلار كىملەرنى ئازدۇرالايدۇ؟#

جاۋاب: شەيتانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن يىراقلاشقان، ئىمانى ئاجىز، ئىرادىسى مۇستەھكەم بولمىغان كىشىلەرنى ئازدۇرالايدۇ. ئەمما تەقۋادار، ئىرادىلىك ۋە ئىخلاسمەن زاتلارنى شەيتانلار ھېچبىر يول بىلەن ئازدۇرالمايدۇ.

(1) ساد سۈرىسى 82-83 ئايەتلەر
82سوئال:ئاللاھ نېمە ئۈچۈن شەيتانلارنىڭ ئىنسانلارنى ئازدۇرۇشىغا يول قويغان؟#

جاۋاب: بۇ دۇنيا ئىمتىھان ۋە سىناق دۇنياسى بولۇپ، يامانلىق بولمىسا ياخشىلىقنىڭ قەدىر-قىممىتى بىلىنمەيدۇ. شۇڭا ئاللاھ جەننەت بىلەن بىرگە دوزاخنى، ياخشىلىق بىلەن بىرگە يامانلىقنى، پەرىشتىلەر بىلەن بىرگە شەيتانلارنى ياراتقان بولۇپ، ئىنسانلارنى سىناش ئۈچۈن بۇ خىل قابىلىيەتنى بەرگەن.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.