Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

جاھىلىيەت دەۋرى، پەيغەمبەرلىك ۋە مەككە دەۋرى

This content is not yet available in your language.

جاھىلىيەت دەۋرى، رەسۇلۇللاھنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە مەككە دەۋرى (سوئال 968 – 1019)

بۆلۈم: “جاھىلىيەت دەۋرى، رەسۇلۇللاھنىڭ دۇنياغا كېلىشى ۋە مەككە دەۋرى (سوئال 968 – 1019)”
968سوئال:ئىسلام دىنى كېلىشتىن بۇرۇنقى ئەرەب جەمئىيىتى قانداق ئىدى؟#

جاۋاب: ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەب جەمئىيىتى قەبىلە سىستېمىسىنى ئاساس قىلغان بىر جەمئىيەت بولۇپ، كۆچلۆكلەرنىڭ سۆزى ئۆتىدىغان، قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش – جېدەللەر بولۇپ تۇرىدىغان، ئادالەتتىن يىراق، ئاياللار كەمسىتىلىدىغان بىر جەمئىيەت ئىدى.

969سوئال:ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەبلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى قانداق ئىدى؟#

جاۋاب: ئىسلامدىن بۇرۇنقى ئەرەبلەر ھەر خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىلەر: (1) ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغۇچىلار (2) مۇشرىكلەر (3) يۇلتۇزلارغا چوقۇنغۇچىلار (4) يەھۇدىيلار (5) خرىستىئانلار.

970سوئال:ئاللاھقىلا ئىبادە قىلىدىغان ئەرەبلەر قايسىلار ئىدى؟#

جاۋاب: ئەرەبلەر ئەسلىدە ھەممىسىـ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئاللاھقىلا ئېتىقاد ۋە ئىبادەت قىلىشنى ئاساس قىلغان ھەق دىنىدا ئىدى. كېيىنچە زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەرەەبلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ھەق دىندىن ئايرىلىپ قېلىپ، بۇتلارغا چوقۇنۇشقا ئۆتۆپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئاللاھنىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ۋە شېرىكى يوقلىقىغا ئېتىقاد قىلاتتى، بۇتلارغا چوقۇنمايتتى ۋە ئىبادەتلەرنى ئۆزلىرى بىلگەنچە قىلاتتى. بۇلار «ھەنىفىيلەر» دەپ ئاتىلاتتى.

971سوئال:مۇشرىك ئەرەبلەر قايسىلار ئىدى؟#

جاۋاب: مۇشرىك ئەرەبلەر بۇتلارغا چوقۇنۇش ئارقىلىق ئاللاھقا يېتىشنى دەۋا قىلىدىغان بۇتپەرەسلەر بولۇپ، كەبىنى ئۇلۇغلاش، ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش، ھاجىلارغا خىزمەت قىلىشقا ئوخشىغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدىن قالغان بەزى ئادەتلەرنى ساقلاپ قالغىنىدىن باشقا پۆتۆنلەي يولدىن چىققان ئازغۇنلار ئىدى.

972سوئال:يۇلتۇزلارغا چوقۇنىدىغانلار قايسى ئەرەبلەر ئىدى؟#

جاۋاب: يۇلتۇزلارغا چوقۇنىدىغان ئەرەبلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسلى دىنىدىن چىقىپ، يۇلتۇزلارنى ئىلاھ قىلىۋالغانلار ئىدى. ئەرەبلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ھەر خىل خۇراپات ۋە جاھىلىيەت دەۋرىدە ياشايتتى.

973سوئال:جاھىلىيەت دەۋرى دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: جاھىلىيەت دەۋرى – ئىلىم مەرىپەتتىن– پۆتۆنلەي يىراق، ئىلاھىي تەلىماتلاردىن پۆتۆنلەي ئۆزۈلگەن خۇراپات ئىچىدىكى ۋاقىتلار دېگەنلىكتۇر.

974سوئال:بۇت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: بۇت – ئىنسانلار چوقۇنۇش ئۆچۆن تاش، تۇپراق ۋە ياغاچقا ئوخشاش نەرسىلەردىن، ھەتتا يەيدىغان تائاملاردىن ياساپ چىققان ھەيكەللەردۇر.

975سوئال:مۇشرىكلار ئاللاھقا ئىشىنەمدۇ؟#

جاۋاب: مۇشرىكلەر ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى ئىلاھ ئىكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلىدىغان، پەقەت بۇتلارنى ئاللاھقا يېقىنلىق ئىزدەشتە ۋاسىتە قىلىۋالغان ۋە ئىبادەتلەردە ئۇلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىپ قوشىۋالغانلاردۇر.

976سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قاچان دۇنياغا كەلگەن؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادىنىڭ 571 ـ يىلى 20 ـ ئاپرىل، فىل يىلى رەبىئولئەۋۋەل ئاينىڭ 9 ـ كۆنى يەنە) بىر رىۋايەتكە كۆرە، 12 ـ (كۆنى دۈشەنبە كۆنلۆكتە، ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە شەھىرىدىكى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر ئائىلىسى بولغان ھاشىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.

977سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەبلەرنىڭ قايسى قەبىلىسىدىن ئىدى؟#

جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسىلىدىن بولغان، ئەڭ كۆچلۆك ئەرەب قەبىلىسى – قۇرەيش قەبىلىسىدىن كەلگەن.

978سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىسىملىرى نېمە؟#

جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئېتى ئامىنە، دادىسىنىڭ ئېتى ئابدۇللا ئىدى.

979سوئال:پەيغەمبىرىمىزگە «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنى كىم قويغان؟#

جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنى بوۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىب قويغان.

980سوئال:مۇھەممەد دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى نېمە؟#

جاۋاب: مۇھەممەد – مەدھىيەگە ۋە ماختاشقا سازاۋەر كىشى دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەرەبلەردە ئۇنىڭدىن بۇرۇن قويۇلۇپ باقمىغان بىر ئىسىم ئىدى.

981سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى قاچان ۋاپات بولغان؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ۋاپات بولغان.

982سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆت ئانىسى كىم ئىدى؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆت ئانىسى ھەلىمە دېگەن ئايال ئىدى.

983سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمە ئۆچۆن سۆت ئانىغا بېرىلگەن؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ياشىغان دەۋردە، مەككىدە تۇغۇلغان بوۋاقلار مەككىنىڭ ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئىسسىق ھاۋاسىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇپ، ساغلام ئۆسۆشى، ئەرەب تىلىنى ئۆگىنىشى ۋە ياخشى تەربىيە ئېلىشى ئۆچۆن مۇھىتى ساپ جايلاردا ياشايدىغان ئائىلىلەرگە ھەق تۆلەش ئارقىلىق ئېمىتىشكە بېرىلەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ شۇ قاتاردا سۆت ئانىغا بېرىلگەن ئىدى.

984سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆت ئانىسىنىڭ يېنىدا قانچە يىل تۇردى؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆت ئانىسى ھەلىمەنىڭ يېنىدا 4 يېشىغا قەدەر تۇرغان ئىدى.

985سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى قاچان ۋاپات بولغان؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 6 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، ئانا – بالا ئىككىسى مەدىنىدىكى تۇغقانلىرىنى ۋە دادىسى ئابدۇللانىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئۆچۆن يولغا چىقىپ، مەدىنىدىن قايتىشىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن 1 )«ئەبۋائ» ( دېگەن جايغا كەلگەندە ۋاپات بولغان.

986سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كىمنىڭ تەربىيىسىدە تۇرغان؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن بوۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ تەربىسىدە بولغان.

987سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بوۋىسىدىن قانچە ياشتا ئايرىلغان؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى ئۇ 8 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا ۋاپات بولغان.

988سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بوۋىسىدىن كېيىن كىمنىڭ تەربىيىسىگە تاپشۇرۇلغان؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇۋىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ پەرۋىشىگە تاپشۇرۇلغان.

989سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىدا قانداق بىر ئىنسان ئىدى؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بالىلىق چاغلىرىدىنلا گۆزەل ئەخلاقى، راستچىللىقى، ئىشەنچلىكلىكى بىلەن تونۇلغان ۋە ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە ھەم سۆيگىسىگە سازاۋەر بولغان زات ئىدى.

990سوئال:مەككىلىكلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى نېمە دەپ ئاتايتتى؟#

جاۋاب: مەككىلىكلەرنىڭ چوڭ – كىچىك ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ گۆزەل ئەخلاقىغا قايىل ئىدى. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى «راستچىل «مۇھەممەد، «ئىشەنچلىك مۇھەممەد» دەپ ئاتايتتى.

991سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يىگىتلىك ۋاقتىدا نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللانغان؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يىگىتلىك ۋاقتىدا، ئاۋۋال كىشىلەرنىڭ قويلىرىنى بېقىش بىلەن كېيىنچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان.

992سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قانچە ياشتا ۋە كىمگە ئۆيلەنگەن؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 25 يېشىدا ھەزرىتى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا ئۆيلەنگەن.

993سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قانچە پەرزەنتى بولغان ۋە ئۇلار كىملەر؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 4 قىز، 3 ئوغۇل جەمى 7 پەرزەنتى بولۇپ، ئۇلار ياش تەرتىبى بويىچە: زەينەب، قاسىم، رۇقىيە، ئۇممۇكۇلسۇم، فاتىمە، ئابدۇللا ۋە ئىبراھىملاردۇر. ئىبراھىمدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ھەزرىتى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بولغان. ئىبراھىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىرلىق مارىيە ئىسىملىك ئايالىدىن بولغان.

994سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرى قانچە يىل ئۆمۆر كۆرگەن؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ قىسقىچە بايانى تۆۋەندىكىچە: (1) زەينەب يىلى-599 مىلادىيىنىڭ مەككىدە دۇنياغا كېلىپ، يىلى-630 مەدىنە مۇنەۋۋەرە 31 شەھىرىدە يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. (2) قاسىم زەينەبتىن كېيىن تۇغۇلۇپ تېخى يېشىغا توشماستىن ۋاپات بولغان. (3) رۇقىيە يىلىنىڭ-600 ئاخىرقى ئايلىرىدا مەككىدە دۇنياغا كېلىپ، -624 يىلى 24 يېشىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. (4) ئۇممۇ كۇلسۇم يىلى-603 مەككىدە دۇنياغا كېلىپ، 28 يىلى-630 يېشىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. (5) فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يىلى-604 مەككىدە دۇنياغا كېلىپ، يىلى-632 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن 6 ئاي كېيىن رامىزان ئېيىنىڭ -3 29 كۆنى يېشىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. (6) ئابدۇللا فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كېيىن تۇغۇلۇپ تېخى يېشىغا توشماستىن ۋاپات بولۇپ كەتكەن. (7) ئىبراھىم يىلى-629 مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە دۇنياغا كېلىپ، يىلى-631 3 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

995سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك قاچان ۋە نەدە بېرىلگەن؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مىلادىيە -610 يىلى مەككىنىڭ نۇر تېغىدىكى ھىرا غارىدا تۇنجى ۋەھيىنىڭ كېلىشى بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىككە تاللانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

996سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك كەلگەندە ئۇ قانچە ياشتا ئىدى؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك كەلگەندە ئۇ 40 يېشىدا ئىدى.

997سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولغانلىقىنى كىم بىلدۈرگەن؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئۇنىڭ پەيغەمبەر بولغانلىقىنى جىبرىل ئىسىملىك پەرىشتە بىلدۈرگەن.

998سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھىرا غارىغا نېمە ئۆچۆن چىققان؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كىچىكىدىن باشلاپ قەۋمىنىڭ بۇزۇق ئېتىقاد ۋە خاتا چۆشەنچىلىرىگە، ئۇلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنىشىغا قارشى ئىدى. جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىقلاردىن ئېچىناتتى. يېشى قىرىققا يېقىنلىشىشى بىلەن بىر قانچە كۆنلۆك يېمەك – ئىچمىكىنى ئېلىۋېلىپ، مەككىنىڭ نۇر تېغىدىكى ھىرا غارىغا بېرىپ، ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى گۆزەل سەنئەتلىرى ۋە قۇدرىتى ئۆستىدە تەپەككۇر قىلىشنى، ئاللاھقا ئۆزى بىلگەنچە ئىبادەت قىلىشنى ئادەت قىلغان ئىدى.

999سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ قانچە يىل ياشىغان ۋە بۇ جەرياندا نېمە ئىشلارنى قىلغان؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولۇپ 23 يىل ياشىغان. ئۇ مەككىدە ئاۋۋال ئۆچ يىل يوشۇرۇن، كېيىن 10 يىل ئاشكارا، جەمى 13 يىل ئىسلام دەۋىتىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن مەشغۇل بولغان. كېيىن مەككە مۇشرىكلىرىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان جەۋر ـ زۇلۇملىرى تۆپەيلىدىن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مەككىنى تەرك ئېتىپ، مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىپ، ئۇ جايدا يەنە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە تولۇق 10 يىل ئىسلام دەۋىتى ئېلىپ بارغان.

1000سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى چۆشكەن ئايەتلەر قايسىلار ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى ئەمرى نېمە ئىدى؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى چۆشكەن ئايەتلەر ئەلەق سۆرىسىنىڭ بېشىدىن 5 ئايەت ئىدى. ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى ئەمرى ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشكە بۇيرۇش ئىدى. شۇڭا تۇنجى «ياراتقان ۋەھيى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن !ئوقۇ» دېگەن بۇيرۇق رايى بىلەن باشلانغان.

1001سوئال:تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان بولغانلار كىملەر ئىدى؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، تۇنجى قېتىم مۇسۇلمان بولغان شەخس مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ھەزرىتى خەدىجە، ئۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دوستى ئەبۇ بەكرى، تاغىسىنىڭ ئوغلى ئەلى، خىزمەتچىسى زەيد قاتارلىق 4 كىشى ئىدى.

1002سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى دەسلەپتە قانداق تەشۋىق قىلدى؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى دەسلەپتە 3 يىل يوشۇرۇن ھالدا تەشۋىق قىلىپ ئۇنى تارقىتىشقا تىرىشتى.

1003سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى قاچاندىن بېرى ئاشكارا تەشۋىق قىلىشقا ئۆتتى؟#

جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دەۋىتىنى ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمنىڭ ھىجر سۆرىسىدىن -94 ئايىتى چۆشۆپ، ساڭا﴿ بۇيرۇلغاننى ئاشكارا ئوتتۇرىغا ﴾!قويغىن دەپ ئەمر قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنى ئوچۇق – ئاشكارا تارقىتىشقا باشلىغان.

1004سوئال:مەككىلىكلەر ئىسلام دەۋىتىگە قانداق مۇئامىلە قىلدى؟#

جاۋاب: مەككىلىكلەر ئىسلام دەۋىتىگە قارشى چىقتى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلمىدى.

1005سوئال:مەككىلىك مۇشرىكلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە تۇنجى مۇسۇلمانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلدى؟#

جاۋاب: مەككىلىك مۇشرىكلەر تۇنجى مۇسۇلمانلارنى ھەر تۆرلۆك قىيىن قىستاقلارغا ئېلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىسلامدىن يېنىشقا زورلىدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولسا قولىدىن كەلگەن ھاقارەت ۋە دۈشمەنلىكلەرنى قىلدى.

1006سوئال:مۇسۇلمانلار نېمە ئۆچۆن ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلغان؟#

جاۋاب: مەككىلىك مۇشرىكلەرنىڭ ھەددىدىن ئاشقان جەۋر – زۇلۇملىرى ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي قىيناشلىرى سەۋەبلىك، تۇنجى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ دىنىنى ساقلاش يولىدا ھەبەشىستان ھازىرقى) (ئېپوپىيە زېمىنىغا ھىجرەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

1007سوئال:مۇسۇلمانلار ھەبەشىستانغا تۇنجى قېتىم قاچان ۋە قانچە كىشى ھىجرەت قىلغان؟#

جاۋاب: مۇسۇلمانلار ھەبەشىستان زېمىنىغا تۇنجى قېتىم -615 يىلى، 4 ئايال، 11 ئەر بولۇپ، جەمى 15 كىشى ھىجرەت قىلغان ئىدى.

1008سوئال:مۇسۇلمانلارنىڭ ھەبەشىستان زېمىنىغا ئىككىنچى قېتىملىق ھىجرىتى قاچان بولغان؟#

جاۋاب: مۇسۇلمانلار ھەبەشىستان زېمىنىغا ئىككىنچى قېتىم -616 يىلى، 13 ئايال، 77 ئەر بولۇپ، جەمى 90 كىشى ھىجرەت قىلغان. مۇشرىكلارنىڭ مۇھاسىرىسى.

1009سوئال:مۇشرىكلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمانلارنى نېمە ئۆچۆن مۇھاسىرىگە ئالغان؟#

جاۋاب: مۇشرىكلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىدىن ۋاز كەچكۆزۈپ، بۇتپەرەسلىككە قايتۇرۇش ئۆچۆن ئۇلارنى مۇھاسىرە (ئىمبارگو) قىلغان.

1010سوئال:مۇھاسىرە دېگەن نېمە ۋە مۇشرىكلەر مۇھاسىرىدە نېمىلەرنى قىلدى؟#

جاۋاب: مۇھاسىرە – ئەتراپىنى قورشاش دېگەن مەنىدە بولۇپ، مۇشرىكلەر مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دىنىدىن ياندۇرۇش ئۆچۆن ئۇلارنى «شىئبە مەككىنىڭ ئەلى» دېگەن يېرىدە 3 يىل قامىۋېلىپ، مەككىلىكلەرنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن پۆتۆن ئالاقىسىنى ئۆزۈپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بىر نەرسە سېتىشى، ئېلىشى، قودا – باجىلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇشى، ھەتتا سۆزلىشىشىنى چەكلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ باشقا جايلاردىن ئاشلىق، يېمەك – ئىچمەك ۋە كېيىم – كېچەك قاتارلىق ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى كەلتۆرۈش يوللىرىنى توسىۋالدى.

1011سوئال:مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆچۆن ئەڭ قايغۇلۇق يىل قايسى ئىدى؟#

جاۋاب: پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام ئۆچۆن ئەڭ قايغۇلۇق يىل -620 يىلى بولۇپ، بۇ يىلدا ئۇنى دۈشمەنلىرىنىڭ سۇيىقەسلىرىدىن قوغداپ، ئۇنىڭ تاشقى مۇداپىئە كۆچى ھېسابلىنىدىغان تاغىسى ئەبۇ تالىب بىلەن ئۇنىڭغا ھەمىشە تەسەللى بېرىپ، ئۇنىڭ كۆچىگە كۆچ قېتىپ كەلگەن ۋە ئىچكى مۇداپىئە كۆچى ھېسابلانغان ۋاپادار ئايالى ھەزرىتى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئارقا – ئارقىدىن ۋاپات بولىشى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى كىشىنىڭ ۋاپاتىغا قاتتىق قايغۇرغان ئىدى. شۇڭا بۇ يىل ئىسلام تارىخىدا «قايغۇلۇق يىل» دەپ ئاتالغان.

1012سوئال:ئىسرا – مىراج دېگەن نېمە؟ ئۇ قاچان بولغان؟#

جاۋاب: ئىسرا – كېچىدە سەپەر قىلىش، مىراج – ئۆرلەش دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر كۆنلەر سەۋەبلىك، ئۇنىڭغا تەسەللى قىلىش ئۆچۆن بولغان. مىراجنىڭ-ئىسرا بولغان ۋاقتى توغرۇلۇق ئىختىلاپلار بار. ئەڭ ئىشەنچلىك رىۋايەتكە كۆرە، مىراج-ئىسرا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن بىر يېرىم يىل ئىلگىرى، قەمەرىيە ئايلىرىدىن رەجەب -27 ئېيىنىڭ كېچىسى بولغان.

1013سوئال:ئىسرا – مىراج مۆجىزىسى قانداق بولغان؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىل پەرىشتىنىڭ ھەمراھلىقىدا پەلەستىندىكى مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كېلىنگەن، ئاندىن ئۇ جايدىن يۇقىرى ئۇپۇقلارغا ئۆرلەپ يەتتىنچى ئاسمانغا قەدەر چىققان ۋە ئۇ جايدا ئاللاھ تائالانىڭ ئىلاھىي سىر – ئەسرارلىرىدىن ئاجايىب ئىشلارنى كۆرگەن.

1014سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مىراجدا نېمىلەر بىلدۈرۈلگەن؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مىراجدا تۆۋەندىكىلەر بىلدۈرۈلگەن: (1) مۇسۇلمانلارغا كۆندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنىڭ پەرز بولغانلىقى، (2) ئاللاھقا شېرىك كەلتۆرمىگەن مۇسۇلماننىڭ گۇناھى) بولسا، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىپ بولۇپ، ئاخىرى (چوقۇم جەننەتكە كىرىدىغانلىقى، (3) بەقەرە سۆرىسىنىڭ َنَآم) ولُسáالر ُـ اَمِب َلِزْنُأ ِهْيَلِإ ْنِم ِه}بَر ْ3 اَو (َونُنِمْؤُ دىن (َينِرِافَكْال) غىچە بولغان ئاخىرقى 2 ئايىتى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.

1015سوئال:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسرا – مىراجدىن باشقا مۆجىزىلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆپلىگەن مۆجىزىلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەشھۇرلىرى: (1) مۇشرىكلەرنىڭ تەلىبىگە ئاساسەن ئاينىڭ ئىككىگە بۆلۆنۆپ كۆرۈنگەنلىكى، (2) بوران ۋە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان قوشۇننىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ياردەم قىلغانلىقى، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرەت ئەسناسىدا ئۇنىڭغا پەرىشتىلەرنىڭ ياردەم قىلغانلىقى، (4) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىدىن سۇ چىققانلىقى، (5) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆچۆن ياغاچنىڭ يىغلىغانلىقى، (6) ئاز تاماقنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى بىلەن كۆپ كىشىنى تويغۇزغانلىقى، (7) قەتادە ئىسىملىك بىر ساھابىنىڭ كاردىن چىققان بىر كۆزىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سىلاپ قويىشى بىلەن شىپا تاپقانلىقى ۋە باشقىلار. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە مەڭگۆلۆك داۋام قىلىدىغان مۆجىزىسى قۇرئان !

1016سوئال:ئەقەبە بەيئەتلىرى دېگەن نېمە ۋە قاچان بولغان؟#

جاۋاب: ئەقەبە – مەككىدىكى بىر جاينىڭ نامى. ئەقەبە بەيئەتلىرى – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىلىك يېڭى مۇسۇلمانلاردىن ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرىگە ئەمەل قىلىپ، بىر ئاللاھقىلا ئېتىقاد ۋە ئىبادەت قىلىش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى دۈشمەنلىرىدىن قوغداش ھەققىدە ئالغان ۋەدىسى دېگەنلىك بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلغان مەدىنىلىك مۇسۇلمانلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنى قوغدىغاندەك قوغدايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىشكەن.

1017سوئال:بىرىنجى ئەقەبە بەيئىتى قاچان بولغان ۋە قانچە كىشى قاتناشقان؟#

جاۋاب: بىرىنجى ئەقەبە بەيئىتى مىلادىيە -621 يىلى ئىيۇن ئېيىدا بولغان، ئۇنىڭغا 12 كىشى ئىشتىراك قىلغان.

1018سوئال:ئىككىنچى ئەقەبە بەيئىتى قاچان بولغان ۋە قانچە كىشى قانتاشقان؟#

جاۋاب: ئىككىنچى ئەقەبە بەيئىتى مىلادىيە -622 يىلى ئىيۇل ئېيىدا بولغان، ئۇنىڭغا 72 كىشى ئىشتىراك قىلغان.

1019سوئال:ئەقەبە بەيئەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟#

جاۋاب: ئىسلام تارىخىدا ئەقەبە بەيئەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولغان. بىرىنچىدىن ئىسلام دىنىنىڭ مەدىنە شەھىرىدە تارقىلىشىغا سەۋەب بولغان. ئىككىنچىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ جايدا يەرلىشىپ مۇشرىكلەرنىڭ بېسىملىرىدىن ئازات بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىجرىتى.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.