Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

قەسەم، نەزىر ۋە ئۇلارنىڭ كاپارىتى

This content is not yet available in your language.

قەسەم ۋە نەزىر ئەھكاملىرى، قەسەمنى بۇزۇشنىڭ كاپارىتى (سوئال 1231 – 1317)

بۆلۈم: “قەسەم ۋە نەزىر ئەھكاملىرى، قەسەمنى بۇزۇشنىڭ كاپارىتى (سوئال 1231 – 1317)”
1231سوئال:ئىددەت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئىددەت ــ تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئېرىنىڭ زىممىسىدىن چىقىپ كەتكىنىگە قەدەر بولغان مەزگىل دېمەكتۇر. تالاق قىلىنغان ئايالغا ئىددەت تۇتۇش لازىم كېلىدۇ. ئىددەت تۆۋەندىكىچە بولىدۇ: (1) ئادەت كۆرىدىغان ئايالنىڭ ئىددىتى 3 پاكلىقتۇر، يەنى بۇ ئايال ئېرى تالاق قىلغاندىن كېيىن ئۆچ قېتىم ئادەت كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن 3 قېتىم پاكلىنىشى بىلەن ئىددەتتىن چىققان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېرىنىڭ زىممىسىدىن چىقىپ كېتىدۇ. (2) ئادەت كۆرمەيدىغان ئايالنىڭ ئىددىتى 3 ئايدۇر. يەنى ئادەت كۆرۈشتىن ئۆزۈلۆپ قالغان ئاياللارنىڭ ئىددىتى ئەرلىرىدىن ئايرىلغىنىدىن باشلاپ تولۇق 3 ئاي بولىدۇ. (3) ھامىلدار ئايالنىڭ ئىددىتى بالىسىنى تۇغقانغا قەدەر بولۇپ، ھامىلدار ئايال بالىسىنى تۇغۇپ بولۇپ، تۇغۇتنىڭ قېنىدىن پاكلانغاندىن كېيىن، ئىددەتتىن چىققان بولىدۇ. (4) ئېرى ئۆلۆپ كەتكەن ئايالنىڭ ئىددىتى 4 ئاي 10 كۆندۇر. ئەگەر بۇ ئايال ھامىلدار بولسا، ئۇنىڭ ئىددىتى بالىسىنى تۇغقانغا قەدەر بولىدۇ. بىراۋ بىر ئايال بىلەن نىكاھلىنىپ، ئۇنىڭغا يېقىنچىلىق قىلماستىن، ياكى ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قالماستىن ئايرىلىپ كەتكەن بولسا، ياكى ئۆلۆپ كەتكەن بولسا، ھايات قالغان بۇ ئايال ئۆچۆن ئىددەت تۇتۇش لازىم كەلمەيدۇ. ئايالنىڭ ئىددەتتىن چىققانلىقى ئۇنىڭ ياتلىق بولۇشىنىڭ جائىز ئىكەنلىكىگە ئىشارەتتۇر. ئىددەتتىن چىقمىغان ئايالغا نىكاھ چۆشمەيدۇ.

1232سوئال:زىنا قىلغان ئايال ئەرگە تېگىشى ئۆچۆن ئىددەت تۇتۇشى كېرەكمۇ؟#

جاۋاب: باشقىسى بىلەن زىنا قىلغان ئايالنىڭ باشقا بىرىگە نىكاھلىنىشى ئۆچۆن ئىددەت تۇتۇشى مەسىلىسىدە ئىسلام ئۆلىمالىرى ئىختىلاپلاشقان. بۇ مەسىلىدە ئەڭ توغرا دەپ قارايدىغىنىمىز، ھەنەفىي، شافىئىي ۋە سەۋرى مەزھەبلىرىنىڭ زىنا قىلغان ئايالنىڭ، زىنادىن ئېغىر ئاياق بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئىددەت تۇتۇشى لازىم ئەمەس، دېگەن كۆز قارىشىدۇر. بۇ ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئەلى قاتارلىق كاتتا خەلىپىلەرنىڭ رەيىدۇر. چۆنكى ئىددەت تۇتۇشتىن مەقسەت نەسەبنى باشقىسىغا ئارىلىشىپ كېتىشتىن قوغداش ۋە ئايالنىڭ بالىياتقۇسىنى تازىلاشتىن ئىبارەتتۇر. ئايالنىڭ ئېغىر ئاياق ياكى ئەمەسلىكى ئۇنىڭ ئىددەت تۇتۇشى جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. شۇڭا ئېرىدىن ئاجراشقان ئايالنىڭ ئىددەت تۇتۇشى پەرز. ھالبۇكى زىنادىن نەسەب سابىت بولمايدۇ. شۇڭا 1 زىنادىن ئىددەت )تۇتۇلمايدۇ (. دكتۇر يۆسۆپ ئەل «ھازىرقى قەرداۋىينىڭ زامان ناملىق پەتىۋالىرى» -3، ئەسىرى -624، توم بەتتىن ) ( ئېلىندى.

1233سوئال:دىيانەتلىك ئۆسكەن قىزلارنى ناماز ئوقۇمايدىغان، دىيانەتتىن يىراق ئۆسكەن كىشىلەرگە ياتلىق قىلىشقا بولامدۇ؟#

جاۋاب: ئاللاھنى تونۇپ، دىيانەت بىلەن ئەخلاقلانغان ۋە بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان قىزلارنى دىيانەتسىز، ناماز ئوقۇمايدىغانلارغا ياتلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ بايلىقىنى ياكى ئابرۇيىنى ياكى مەنسىپىنى كۆزلەپ، بۇ پاك قىزلارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلىش چوڭ خاتالىقتۇر. چۆنكى ئاياللار ئومۇمەن ئېرىنىڭ مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ. ئاۋامنىڭ «ئايالنىڭ مەزھىبى يوق» دېگەن سۆزىمۇ بۇ سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولسا كېرەك. مۇسۇلمان ئاياللارنى مۇسۇلمان ئەمەس ئەرلەرگە ياتلىق قىلماسلىقنىڭ سەۋەبىمۇ بۇ بولسا كېرەك. ئوغۇللارنىمۇ ئائىلە تەربىيىسى ياخشى بولمىغان ئۆزى پارقىراق، كۆڭلى قارا، دىيانەتسىز گۆزەللەرگە ئۆيلەندۈرمەسلىك كېرەك. بۇنداق قىلغان ئاتا ـ ئانا بۇ خاتالىقىنىڭ جازاسىنى ئاۋۋال مۇشۇ دۇنيادا، ئاندىن ئاخىرەتتە چوقۇم كۆرىدۇ. ئەگەر قىزـ ئوغۇللار شۇنداقلارنى تاللىغان بولسىمۇ ئاتا ـ ئانىلار ئۇنىڭغا قارشى چىقىشى ۋە رەت قىلىشى لازىم. گەرچە بالىلار ئاتا ـ ئانىسىغا نىسبەتەن ئوقۇمۇشلۇق ۋە بىلىم سەۋىيىلىك بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلار ئاتا ـ ئانىسىنىڭ تەجرىبىسىگە ۋە يول كۆرسىتىشىگە ھەر زامان مۇھتاجدۇر. چۆنكى ياشلار كۆپرەك ھېسسىياتقا تايىنىپ ئىش كۆرىدۇ. ئەمما ئاتا ـ ئانىلار سوغۇق قانلىق بىلەن ئويلاپ ئىش كۆرىدۇ. قىز ـ ئوغۇللار بۇ ماۋزۇدا ئاتا ـ ئانىسىنىڭ سۆزىنى كۆپرەك ئاڭلىشى كېرەك. چۆنكى دۇنيادا ھېچ قانداق بىر ئاتا ياكى ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ بەختسىز بولۇشىنى خالىمايدۇ.

1234سوئال:ئاۋامنىڭ ئېتىقادىدا، بىراۋ بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىپ بولۇپ، ئاندىن ئىككىسى ئۆيلەنمەكچى بولسا، بۇ ئىككىسىنىڭ نىكاھى چۆشمەيدۇ ، دەيدىغان چۆشەنچە بار، بۇنىڭ دىنىمىزدا ئاساسى بارمۇ؟#

جاۋاب: ئاز ساندىكى ئالىملار بۇنداق نىكاھنى دۇرۇس ئەمەس دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى ۋە باشقا كۆپ سانلىق ئالىملار نىكاھلىنىشنىڭ شەرتلىرى يەنى) قىز ـ يىگىتنىڭ رازىلىقى، گۇۋاھچىلارنىڭ ھازىر بولۇشى قاتارلىق (شەرتلىرى تولۇق بولغان ئىكەن، بۇنداق نىكاھ دۇرۇس ۋە چۆشىدۇ دەپ قارايدۇ. چۆنكى، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: زىنا﴿ قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ. زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى 1 مۇشرىككىلا تېگىدۇ﴾ دېگەن. بۇ ئايەتكە ئاساسەن، زىنا قىلغۇچى ئەر بىلەن زىنا قىلغۇچى ئايال بىر ـ بىرى بىلەن بولسۇن ياكى باشقىسى بىلەن بولسۇن نىكاھنىڭ شەرتلىرىنىڭ تولۇق بولۇش شەرتى بىلەن نىكاھلىنالايدۇ. بەلكى بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى، بىر ـ بىرى بىلەن زىنا قىلغان ئەر بىلەن ئايال ئىككىسىنىڭ بىر ـ بىرى بىلەنلا ئۆيلىنىشىڭ زۆرۈرلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ.

1235سوئال:ئۆيلىنىشتىن بۇرۇن بىر ـ بىرى بىلەن زىنا قىلغان ئەر ـ ئايالنىڭ بۇ ئۆيلىنىشى ئۇلارنىڭ قىلغان زىناسىنىڭ گۇناھى ئۆچۆن كاپارەت يەنى) (كەچۆرۈم سانىلامدۇ؟#

جاۋاب: ئۇلارنىڭ ئۆيلىنىشى ئۇلارنىڭ بۇرۇن قىلغان زىناسىنىڭ گۇناھلىرى ئۆچۆن كاپارەت سانالمايدۇ. بەلكى ئۇلار گۇناھلىرى ئۆچۆن تەۋبە قىلىشى لازىم. ئۇلار زىنادىن ساقلىنىش نىيىتى بىلەن ئۆيلەنگەنلىكى ئۆچۆن ساۋاب تاپىدۇ. چۆنكى، ھارامدىن ساقلىنىش ساۋاپلىق ئىشتۇر. ئەمما ئىلگىرى زىنا قىلىشقان ۋاقىتتا ئۇلاردىن تۆرەلگەن بالا ئۇلارغا مەنسۇب بولىۋېرىدۇ.

1236سوئال:ئادەت ياكى تۇغۇتنىڭ ئۆزرىسى سەۋەبلىك ئاياللارنىڭ-ئەر بىرىدىن-بىر يىراقلىشىپ، ئايرىم يېتىۋېلىشى توغرىمۇ؟#

جاۋاب: ئەرنىڭ ئايالى ئادەت كۆرگەن ياكى تۇغۇتلۇق بولغان ھاللىرىدىمۇ، كىيىمىنى) (يەشمەستىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يېتىش، بىرگە كۆڭۆل ئېچىش ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا يېقىنچىلىقلارنى قىلىش ھەققى بار. مۇنداق قىلىش ئەر ـ ئايال ھەر ئىككىسى ئۆچۆن ياخشى. ئەمما ئەر ئۆزىنىڭ ھەۋىسىنى ئىدارە قىلالماستىن، مەنئى قىلىنغان ئىشنى ئىشلەپ قويۇشتىن قورقسا بىرگە ياتمىغىنى ۋە ئايالىغا ئارتۇقچە يېقىنلاشمىغىنى ياخشى. شۇنداقتىمۇ ئايالىدىن پۆتۆنلەي يىراقلىشىپ كېتىش ياخشى ئەمەس. چۆنكى ئايال ئېرىنىڭ يېنىدا بولۇشقا، ئۇنىڭ چىرايلىق سۆزىگە ۋە مۇھەببىتىگە ھەمىشە مۇھتاج.

1237سوئال:ئايالى ئادەت كۆرگەن ياكى تۇغۇتنىڭ قېنىدىن پاكلىنىپ بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۆزگەن كىشى ئۆچۆن كاپارەت كېلەمدۇ؟#

جاۋاب: ئەر ـ ئايال ھەر ئىككىسى بۇ ھالەتتە گۇناھكار بولىدۇ. ئەگەر ئېرى ئايالىنىڭ ئىختىيارسىز ھالدا بۇ ئىشنى زورلۇق بىلەن قىلغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئېرىلا گۇناھكار بولىدۇ. ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىشى لازىم كېلىدۇ. ئەمما كاپارەت ماددىي) (جازا توغرۇلۇق بەزى ئالىملار ئۇنىڭغا كاپارەت يوق، پەقەت تەۋبە قىلىشى لازىم كېلىدۇ، دىسە، بەزى ئالىملار تەۋبە بىلەن كاپارەت بىرگە لازىم كېلىدۇ، دەيدۇ. ئەڭ ياخشىسى بۇ گۇناھنى ئىشلىگەن كىشى تەۋبە قىلىش بىلەن بىرگە مال دۇنياسىدىن ئۆزى خالىغان مىقداردا سەدىقە بېرىپ كاپارىتىنى ئادا قىلسا بولىدۇ.

1238سوئال:ئەر خوتۇنلار ئۆزلىرىنىڭ جىنسىي ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىش ئۆچۆن جىنسىي فىلىملەرنى كۆرسە بولامدۇ؟#

جاۋاب: مەيلى قايسى سەۋەب بىلەن بولسۇن جىنسىي فىلىملەرنى كۆرۈش شەكسىز ھارامدۇر. چۆنكى ئەر ـ ئايال بولمىغان ئىككى جىنسنىڭ بىر ـ بىرىگە تىكىلىپ قارىشى قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۆمى بىلەن قەتئىي ھارام بولغان يەردە، فىلىملاردا بولسىمۇ باشقىلارنىڭ ئوچۇق تەنلىرىگە ۋە ئەۋرەت جايلىرىغا قاراش قانداقمۇ جائىز !بولسۇن؟ بەزىلەر فىلىم دېگەن رەسىم ۋە خىيالدىن ئىبارەت نەرسە بولغاچقا، ئۇنى كۆرسە بولمامدۇ؟ دېيىشى مۇمكىن ، ئەمما فىلىم رەسىم بولسىمۇ، ئۇ، كىشىلەرنىڭ ئۆز سۆرىتىدۇر. ئۇ خىيالمۇ ئەمەس، بەلكى ئەينەن سۆرەتتۇر. شۇڭا ئۇنى كۆرۈشنىڭ ھاراملىقىدا شەك يوق.

1239سوئال:ئۆيلىنىشكە پۆتۆشكەن قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك قىزنى ئېلىپ قېچىش توغرا بولامدۇ؟#

جاۋاب: قىزلار يوسۇن-قائىدە بويىچە ئانىسىنىڭ-ئاتا قولىدىن سوراپ ئېلىنىدۇ. قىزلارنى ئانىسىنىڭ-ئاتا رازىلىقىسىز ئېلىپ قېچىش توغرا ئەمەس. چۆنكى مۇنداق قىلىش ئىسلام شەرىئىتىگە خىلاپ ئىشتۇر. قىزلارنى ئۇلارنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنى قايىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىش دىنىمىزنىڭ ئەمرىدۇر.

1240سوئال:ئۆيلىنىشكە شەرت ـ شارائىتى يار بەرمىگەنلەر ئۆزلىرىنى ھارامدىن ساقلاش ئۆچۆن نېمە قىلىشى كېرەك؟#

جاۋاب: ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، روزا تۇتۇشى كېرەك. چۆنكى روزا تۇتۇش جىنسىي شەھۋەتنى ئازايتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەي ياشلار !جامائەسى ئۆيلىنىشكە قۇدرىتىڭلار يەتكەنلەر ئۆيلىنىڭلار، ئۇنىڭغا قۇدرىتى يەتمىگەنلەر روزا تۇتسۇن. چۆنكى روزا شەھۋەتنى كېسىدۇ.» مۇندىن باشقا چارىلەرمۇ بار، مەسىلەن: نامەھرەم ئاياللارغا تىكىلىپ قارىماسلىق، قۇرئان ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىش، جىنسىي ھېكايە، ژۇرناللارنى ئوقۇماسلىق ۋە جىنسىي فىلىملارنى كۆرمەسلىك، ئەڭ مۇھىمى پىكىر ـ خىيالىنى باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل قىلىش، ئاياللار توغرۇلۇق ئويلانماسلىق قاتارلىقلار ئۇلارغا سەۋر ــ تاقەت ئاتا قىلىدۇ.

1241سوئال:قىز ـ يىگىتلەر ئۆيلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئىككىسىنىڭ ئىمىلدەش ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپسا ئۇلار نېمە قىلىدۇ؟#

جاۋاب: ئايال-ئەر ئىككىسىنىڭ ئىمىلدەش ئىكەنلىكىنى بىلگەن ھامان نىكاھتىن ئايرىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئىككىسىنىڭ ئىمىلدەش ئىكەنلىكىنى بىلمەستىن ئۆتكۆزگەن ئەر ـ خوتۇنچىلىقى ئۆچۆن گۇناھ بولمىسىمۇ، بىلگەندىن كېيىن نىكاھى بۇزۇلغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىمىلدەش ئىكەنلىكىنى ئىشەنچىلىك دەلىل ـ ئىسپاتلار ئارقىلىق بىلگەندىن كېيىنمۇ، نىكاھتىن ئايرىلماي داۋام قىلىۋەرسە، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى زىنا قىلغان بولىدۇ. ئەمما ئىككىسىنىڭ ئىمىلدەش ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ۋاقىتلىرىدىكى تاپقان بالىلىرى زىنا بالىلىرى ھېسابلانمايدۇ.

1242سوئال:ئەرنىڭ ئايالىنى سىرتتا ئىشلەشتىن مەنئى قىلىش ھوقۇقى بارمۇ ؟#

جاۋاب: ئائىلىسىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى كۆزلىگەن ئەر تۇرمۇشنى قامداش ئىمكانىيىتى يېتەرلىك بولۇپ، ماددىي جەھەتتىن قىيىنچىلىق تارتىپ قالمايدىغان ئەھۋالدا بولسا، ئايالىنى سىرتتا ئىشلەشكە چىقارماستىن، ئائىلىسىنىڭ پۆتۆن ئېھتىياجلىرىنى ئۆزى قامدايدۇ. چۆنكى ئائىلىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تەل قىلىش ئەرنىڭ يالغۇز مەجبۇرىيىتىدۇر. ئەگەر ئېرى ئايالىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى -قائىدە يوسۇن بويىچە قامداپ بېرەلمىگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئايالىنى سىرتتا، ئۆزىگە مۇناسىپ، شەرەپلىك ئىشتا ئىشلەشتىن توسالمايدۇ.

1243سوئال:بەزى ئاياللار تىرناقلىرىنى بۇيىۋالىدۇ، بۇ بۇياق ئۇلارنىڭ تاھارەت ئېلىش ۋە غۇسلى قىلىشىغا توسقۇن بۇلامدۇ؟#

جاۋاب: تىرناقلاردىكى بوياقلار تاھارەت ۋە غۇسلىغا ئەلۋەتتە توسقۇن بولىدۇ. چۆنكى تاھارەت ۋە غۇسلىدا سۇنى يۇيۇلغان ئەزالارنىڭ ھەممىسىگە ئۆتكۆزۈش شەرتتۇر. ھالبۇكى، تىرناقلىرىنى بۇيىۋالغان ئايال تاھارەت ئالسا ياكى يۇيۇنسا سۇ ئۇنىڭ تىرناقلىرىغا ئۆتمەيدۇ. شۇڭا ئۇلار تاھارەت ئېلىش ياكى غوسلە قىلىشتىن بۇرۇن تىرناقلىرىدىكى بۇياقلىرىنى تازىلاپ چىقىرىپ بولۇپ، ئاندىن تاھارەت ئېلىشى ياكى يۇيۇنۇشى كېرەك.

1244سوئال:تۇغۇلماقچى بولغان بالىنىڭ كەمتۆك تۇغۇلىدىغانلىقى دوختۇرلار تەرىپىدىن بىلىنسە، ئۇنى چۆشۆرىۋېتىشقا بولامدۇ؟#

جاۋاب: گەرچە بالىنىڭ كەمتۆك تۇغۇلىدىغانلىقى بايقالغان بولسىمۇ، ئۇنى چۆشۆرىۋېتىش بىر جانغا جىنايەت قىلغانلىق بولىدۇ. ئۇنى خۇددى بېجىرىم تۇغۇلىدىغان بالىنى كۆتىۋالغاندەك، كۆتىۋېلىش، قالغىنىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش كېرەك.

1245سوئال:ئەر ـ ئاياللار تۇرمۇشتا بەختلىك بولالمىغانلىق ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئاجراشقاندا، ئەرنىڭ ئايالىغا بۇرۇن بەرگەن تويلىقى ياكى مەھرىدىن بىر قىسمىنى ئېلىۋېلىشى ياكى تەلەب قىلىشى دۇرۇسمۇ؟#

جاۋاب: ئەرنىڭ ئايالىغا بەرگەن نەرسىلىرىنى ئېلىۋېلىشى ياكى ئۇنى تەلەب قىلىشى توغرا ئەمەس. چۆنكى ئايالىغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۇنىڭغا نىكاھنىڭ سەۋەبى بىلەن بەلگىلەنگەن ھەقتۇر. ئاجراشقان سەۋەبتىن ئۇنى ئېلىۋېلىش ياكى ئېلىشنى تەلەب قىلىشقا بولمايدۇ. بەرگەن نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە زورلاپ ئايالىنىڭ خېتىنى بەرمەي ئارقىغا سوزۇشمۇ ھەددىدىن ئاشقان نامەرتلىك ۋە چۆپەيلىكتۇر. ئاياللار ئاجىز ۋە شەپقەتكە ئېھتىياجلىق بىر جىنس. ئۇلارغا شەپقەتلىك ۋە كەڭ قورساق بولۇش كېرەك. ئەگەر ئايال ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھېچبىر زورلۇقسىز ھالدا، تويلۇقتىن ياكى مەھرىدىن بىر قىسىم نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى خالىسا، ئۇنى ئالسا بولىدۇ. ئەخلاقلىق كىشىلەر ئۆچۆن ئۇنى قوبۇل قىلىشمۇ ئوڭايغا توختىمايدۇ. چۆنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىراۋغا بەرگەن نەرسىسىسنى قايتۇرۇپ ئېلىۋېلىشنى تۆكۆرگەن تۆكۆرۈكىنى قايتا ئاغزىغا ئالغانغا ئوخشىتىپ ئەيىبلىگەن.

1246سوئال:ئايال بېشىنى يۆگەش نىيىتىدە چېچىنىڭ ئۆستىگە ياسىما چاچ كىيىۋالسا، بۇ ئىسلامدا بۇيرۇلغان ئىسلامىي قىياپەتتىكى رومال قاتارىغا كىرەمدۇ؟#

جاۋاب: ئاياللارنىڭ بېشىغا چاچ كىيىۋېلىشى ئىسلامىي رومال قاتارىغا كىرمەيدۇ. يەھۇدىي ئاياللىرى شۇنداق قىلىدۇ. چۆنكى يەھۇدىيلارنىڭ شەرىئىتى ئۇنى جائىز سانايدۇ. ئەمما ئىسلام دىنى ئۇنىڭغا يول قويمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئۆستىگە ئىسلامىي قىياپەتتىكى رومال ئارتىپ بېشىنى ئۇنىڭ بىلەن يۆگىسە، شۇ ۋاقىتتىلا ئۇ، ئىسلامىي رومال ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بېشى ئوچۇقلا تۇرىدىكەن، ئىسلام شەرىئىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.

1247سوئال:ۋەسىيەت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ۋەسىيەت – بىراۋ ئىگىدارچىلىقىدىكى نەرسىلىرىدىن بىر قىسىمىنى ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەسەررۇپ قىلىشقا تاپشۇرۇشى دېگەنلىك بولۇپ، ۋەسىيەت ئۆلگۆچىنىڭ مال – دۇنياسىدىن قەرزىسى بولسا تۆلەش ياكى ئۆز تەلىبىگە ئاساسەن، بىراۋغا بىر نەرسە بېرىش ياكى ئومۇمغا پايدىلىق بولغان ئىشلارغا سەرپ قىلىش قاتارلىق ھەر خىل شەكىلدە بولىدۇ. ئىنسان ھايات بولغان مۇددەت ئىچىدە ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى بارلىق نەرسىلىرىنى تەسەررۇپ قىلىش ھەققىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۆشى بىلەن ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى ئۆزۈلگەن ۋە ۋەسىيەت قىلغان نەرسىلىرىدىن باشقا پۆتۆن ئىگىدارچىلىقى ۋارىسلىرىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بولىدۇ.

1248سوئال:ۋەسىيەت قاچان ئورۇندىلىدۇ؟#

جاۋاب: ۋەسىيەت مىراسنى تەقسىم قىلىشتىن ئاۋۋال ئورۇندىلىدۇ.

1249سوئال:ۋەسىيەت قىلىشنىڭ شەرتى نېمە؟#

جاۋاب: ۋەسىيەت قىلىشنىڭ شەرتى تۆۋەندىكىچە: (1) ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ بالاغەت يېشىغا يەتكەن بىرى بولىشى. (2) ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ ئەقلى – ھوشى جايىدا بولىشى. (3) ۋەسىيەتنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلغان بولىشى، زورلانغان بولماسلىقى. (4) ۋەسىيەت قىلماقچى بولغان نەرسىنىڭ ئۆز ئىلكىدە بولىشى، باشقا بىرىنىڭ ھەققى ياكى تېخى قولىغا ئۆتمىگەن نەرسە بولماسلىقى. (5) ۋەسىيەت قىلماقچى بولغان نەرسىنىڭ ھالال نەرسىلەردىن بولىشى، ھاراق، تاماكا ۋە ھەر قانداق بىر ھارام نەرسە بولماسلىقى. (6) ۋەسىيەتنىڭ ۋارىسلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولماسلىقى.

1250سوئال:ۋەسىيەت قىلىشنىڭ ھۆكۆمى نېمە؟#

جاۋاب: ۋەسىيەت قىلىش ئىككى تۆرلۆك بولۇپ، بىرى پەرز، يەنە بىرى، مۇستەھەبتۇر.

1251سوئال:قايسى ۋاقىتتا ۋەسىيەت قىلىش پەرز بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئۆستىدە بىراۋغا تۆلەشكە تېگىشلىك قەرز ياكى بېرەلمىگەن زاكات بولسا، مۇنداق كىشىنىڭ بۇ ماۋزۇدا ۋەسىيەت قىلىشى ۋە ۋەسىيەتنى ھۆججەت قىلىپ يازدۇرۇپ قالدۇرۇشى پەرزدۇر. چۆنكى مۇنداق قىلمىغاندا ھەق – ھوقۇقلار جايىغا تەگمىگەن بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «قانداقلا بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەسىيەت قىلىدىغان بىرەر ئىشى بولۇپ، ۋەسىيەت ھۆججىتىنى تاماملىماستىن بىر كېچىدىن 1 ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكۆزۈشى جائىز ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.

1252سوئال:قايسى ۋاقىتتا ۋەسىيەت قىلىش مۇستەھەب (ساۋابلىق) بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئۆستىدە قەرز ياكى بېرەلمىگەن زاكات قالمىغان كىشىنىڭ مال – دۇنياسىدىن بىر قىسمىنى خالىسانە ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىش ياكى مىراسخورلىرىنىڭ سىرتىدىكى مەلۇم شەخسلەرگە بېرىش ئۆچۆن ۋەسىيەت قىلىشى مۇستەھەبتۇر. ئەمما ۋارىسلىرىغا زىيان يەتكۆزۈش تەرىقىسىدە ۋەسىيەت قىلىش ھارامدۇر.

1253سوئال:ۋەسىيەتنى كىملەرگە قىلىشقا بولمايدۇ؟#

جاۋاب: بىراۋنىڭ ئۆز ۋارىسلىرىدىن بىرەرسىگە ياكى بىر قانچىسىغا ئۆزى ئۆلگەندىن كېيىن، تېگىشلىك مىراستىن تاشقىرى ئارتۇق بىر نەرسە بېرىلىشىنى ۋەسىيەت قىلىشى توغرا ئەمەس. مۇنداق ۋەسىيەت يۆرگۆزۈلمەيدۇ. ئەگەر باشقا ۋارىسلار بۇ ۋەسىيەتنى يۆرگۆزۈشكە رازى بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇ مەزكۇر ۋارىسلارنىڭ ھەدىيەسى ياكى ياردىمى سۆپىتىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ.

1254سوئال:ۋەسىيەت قىلىشنىڭ قانداق ساۋابى بار؟#

جاۋاب: ۋەسىيەت قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئادەت قىلغان ياخشى ئەمەللەردىن بىرى بولۇپ، مۇكاپاتى قىيامەت كۆنى بېرىلىدىغان، ساۋابى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ داۋام قىلىپ تۇرىدىغان، كىشىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان پەزىلەتلىك ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ پۆتۆن ئەمەلى ئۆزۈلۆپ، پەقەت ئۆچ ئىشنىڭ ساۋابىلا داۋام قىلىدۇ. ئۇلار: سەدىقە جارىيە داۋام) قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى (ئىش، پايدىلىق ئىلىم، ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان 2 ياخشى «پەرزەنت دەپ كۆرسەتكەن. يەنى ئادەم ئۆلۆشتىن بۇرۇن يۇقىرىقى ئۆچ ئىشنى ياكى بۇلاردىن بىرەرسىنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ساۋابى ئۇ كىشى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ، ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىدۇ. يەنە بىر ھەدىستە: كىمكى» ۋەسىيەتلىرىنى قىلغان ھالدا ئۆلىدىكەن، ئۇ سۆننەت يولىدا 3، تەقۋالىقتا ۋە گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنغان ھالدا ئۆلگەن بولىدۇ» دەپ كەلگەن.

1255سوئال:ۋەسىيەت قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟#

جاۋاب: ۋەسىيەتنىڭ كۆپلىگەن پايدىلىرى بار. ئۇلارنىڭ بەزىسى مۇنۇلار: ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( (1) ھەق – ھوقۇقلارنى زايە بولۇشتىن قوغداش. چۆنكى ۋەسىيەت قىلغان ئادەم ئۆستىدە باشقىلارغا بېرىشكە تېگىشلىك ياكى ئۇلاردىن ئېلىشقا تېگىشلىك ھەقلەرنى ياكى ئۆزىدە قويۇلغان ئامانەت بولسا ياكى بېرىلمىگەن زاكات بولسا ياكى ئورۇنداشقا تېگىشلىك مەنىۋى مەنپەئەتلەر بولسا، ئۇلارنى بايان قىلغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھوقۇقلار-ھەق ئۆز جايلىرىغا يەتكەن بولىدۇ. (2) مەسجىد بىنا قىلىش ياكى دوختۇرخانا سېلىش ياكى يول ياساش ياكى قۇدۇق كولاپ قويۇش ياكى مەكتەپ - مەدرىسە ئېچىشقا ئوخشىغان ياخشى ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىپ كەتكەن ئادەم تا قىيامەتكىچە بۇ ياخشى ئىشى ئۆچۆن ساۋابتىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرىدۇ. ئومۇم خەلق بۇ ياخشى ئىشلارنىڭ پايدىسىنى كۆرىدۇ. (3) كەمبەغەللەرنىڭ، يېتىم – يېسىرلارنىڭ ۋە باشقا ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنى قامداشنى ۋەسىيەت قىلىپ كەتكەن ئادەم ئۇلارنى دەرتتىن چىقارغان، ئاخىرەتتە ساۋابىنى كۆرگەن بولىدۇ. يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئىشلارنىڭ ھاياتىدىن كېيىن ئورۇندىلىشىنى ۋەسىيەت قىلغان ئادەم بۇ ۋەسىيىتى ئۆچۆن كۆپ ساۋاب قازىنىدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مۇيەسسەر ۋە كىشىلەرنىڭ ياخشى دۇئالىرىغا سازاۋەر بولىدۇ. (4) قىلىنىپ كېلىۋاتقان ساخاۋەت-خەير ياكى قانداقلا بىر ياخشى ئىشنى ۋارىسلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ داۋام قىلدۇرۇشىنى ۋەسىيەت قىلىپ كەتكەن ئادەم بۇ ۋەسىيىتىنىڭ ساۋابىنى ئاخىرەتتە چۆقۇم كۆرىدۇ، بۇ دۇنيادىمۇ ئۇنىڭ ياخشى نامى يادلىنىپ تۇرىدۇ.

1256سوئال:تەرىكە دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: بىراۋ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا قالدۇرۇپ كەتكەن مال – دۇنيا ۋە باشقا ھەر قانداق نەرسىسى «مىراس» ياكى «تەرىكە» دەپ ئاتىلىدۇ.

1257سوئال:تەرىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەق – ھوقۇقلار قايسىلار؟#

جاۋاب: تەرىكىگە مۇناسىۋەتلىك ھەق – ھوقۇقلار تۆۋەندىكىلەر بولۇپ، مۇنۇ تەرتىب بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ: (1) مېيتنى قائىدە – يوسۇن بويىچە -يۇيۇپ تاراش، كېپەنلەش ۋە دەپنە قىلىشقا قەدەر بولغان پۆتۆن چىقىملار ئۆچۆن مېيتنىڭ تەرىكىسىدىن ئىسراپ ياكى كەم قىلماستىن قائىدە بويىچە ئىشلىتىلىدۇ. (2) مېيتنىڭ ئۆستىدە قەزر بولسا ئۇنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئادا قىلىنىدۇ. (3) مېيتنىڭ ۋەسىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىش. مېيتتىن مىراس ئېلىشقا ھەقلىق بولغان ۋارىسلىرىغا مىراسنىڭ سىرتىدا پۇل – مال بېرىشكە ۋەسىيەت قىلىشى توغرا ئەمەس. شۇنداق ۋەسىيەت قىلىنغان تەقدىردىمۇ، بۇ ۋەسىيەت يۆرگۆزۈلمەيدۇ. ئەمما مېيت ئۆزىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بولمىغان بىرىگە پۇل – مېلىدىن بېرىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، ئۇ مېيتنىڭ تەرىكىسىنىڭ ئۆچتىن بىرىدىن ئارتۇق بولماسلىق شەرتى بىلەن ئىجرا قىلىنىدۇ. مىراس)) قالدۇرغۇچى (ئادەمنىڭ ۋەسىيىتى ۋارىسلارغا زىيان يەتكۆزمەيدىغان بولۇشى مىراس)كېرەك قالدۇرغۇچى (ئادەمنىڭ ۋەسىيىتى ۋارىسلارغا 1 زىيان يەتكۆزمەيدىغان بولۇشى )(.كېرەك ( (4) قالغان تەرىكە ۋارىسلار ئوتتۇرىسىدا شەرىئەت كۆرسەتمىسى بويىچە تەقسىم قىلىنىدۇ. قۇرئان كەرىم يۇقىرىقى تەرتىبكە ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: مىراس)) (تەقسىماتى مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندالغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ 2 )(بېرىلىدۇ (.

1258سوئال:مىراس ئېلىشنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ئىككى سەۋەب بىلەن كىشىلەر -بىر بىرىدىن مىراس ئالالايدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى نەسەب، يەنە بىرى نىكاھتۇر.

1259سوئال:نەسەب سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار كىملەر؟#

جاۋاب: نەسەب سەۋەبى بىلەن مىراس -ئالىدىغانلار مېيتنىڭ بالىلىرى، نەۋرىلىرى، بىر تۇغقانلىرى، بىر تۇغقانلىرىنىڭ بالىلىرى، ئاتا – ئانىسى، بوۋا – مومىلىرى، دادا تەرەپ تاغىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بالىلىرى قاتارلىق يېقىن تۇغقانلىرىدۇر.

1260سوئال:نىكاھ سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار كىملەر؟#

جاۋاب: نىكاھ سەۋەبى بىلەن مىراس ئالىدىغانلار ئەر – خوتۇنلار بولۇپ، بىراۋ بىر ئايالغا نىكاھلىنىپ تېخى ئۇلار بىر ياستۇققا باش قويماستىن ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلۆپ كەتكەن بولسىمۇ، ھايات قالغىنى ئۆلگەن جورىسىدىن مىراس ئالىدۇ.

1261سوئال:مىراس ئېلىشتىن مەنئى قىلىنىدىغانلار كىملەر؟#

جاۋاب: مىراس ئېلىشتىن مەنئى قىلىنىدىغانلار ئىككى خىل كىشى بولۇپ، ئۇلار مۇنۇلار: (1) مىراس قالدۇرغۇچىنى ئۆلتۆرگەن قاتىل، يەنى بىراۋ ئانىسىدىن-ئاتا بىرەرسىنى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش مىراسىغا ئىگە بولالايدىغان كىشىلىرىدىن بىرەرسىنى تۇغقىنىنى) ياكى (جورىسىنى قەستەن ئۆلتۆرگەن بولسا، ئۇنىڭدىن مىراس ئالالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «قاتىل ئۆزى ئۆلتۆرگەن كىشىسىنىڭ 1 مىراسىدىن ھېچ نەرسە «ئالالمايدۇ دەپ كۆرسەتكەن. (2) مېيت بىلەن ۋارىسنىڭ بىر دىندا بولماسلىقى يەنى مىراس قالدۇرغۇچى مېيت مۇسۇلمان، مىراس ئالغۇچى مۇسۇلمان ئەمەس ياكى مىراس قالدۇرغۇچى مۇسۇلمان ئەمەس، مىراس ئالغۇچى مۇسۇلمان بولسا، بۇ ئىككىسى بىر – بىرىدىن مىراس ئالالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: كاپىر» مۇسۇلماندىن، مۇسۇلمان 2 كاپىردىن مىراس ئالالمايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. مۇسۇلمانلىقتىن يېنىپ مۇرتەد بولۇپ كەتكەن كىشىمۇ بۇ ھۆكۆمنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ.

1262سوئال:مىراس ئېلىشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: مىراس ئېلىشنىڭ شەرتلىرى ئىككى بولۇپ، ئۇلار مۇنۇلار: ئىبنى ئابدۇلبىر رىۋايىتى. ) ( بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى. ) ( (1) مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆلگەن ياكى ئۆلگەنلىكىگە ھۆكۆم قىلىنغان بولىشى. مەسىلەن: دېرەكسىز-ئىز يوقاپ كەتكەن ئادەمگە «ئۆلدى» دەپ رەسمىي مەھكىمىدىن ھۆكۆم چىقىرىلغىنىغا ئوخشاش. چۆنكى تىرىك ئادەمنىڭ مىراسى تەقسىم قىلىنمايدۇ. (2) مىراس قالدۇرغۇچى ئۆلگەن ۋاقىتتا ۋارىسنىڭ ھايات بولىشى. چۆنكى مىراس قالدۇرغۇچىدىن بۇرۇن ئۆلۆپ كەتكەن كىشى ئۇنىڭ مىراسىنى ئالالمايدۇ. مەسىلەن: بىراۋ ئاتىسىدىن بۇرۇن ئۆلۆپ كەتكەن بولسا، ئۆلۆپ كەتكەن بۇ كىشىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ بوۋىسىنىڭ تەرىكىسىدىن ئاتىسىنىڭ مىراسى سۆپىتىدە مىراس ئالالمىغىنىغا ئوخشاش. ئەمما ئۇلارنىڭ نەۋرە سۆپىتى بىلەن مىراس ئېلىشى باشقا مەسىلە.

1263سوئال:قۇرئان كەرىمدىكى مىراس ئايەتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: مىراس مەسىلىسى ئىنسانلار ئۇنى تالىشىپ بىرىنى-بىر ئۆلتۆرۈش دەرىجىسىگىچە يېتىدىغان مال-پۇل مەسىلىسى ۋە ھوقۇق-ھەق مەسىلىسى بولغانلىقى ئۆچۆن مىراس تەقسىماتىنى ئاللاھ تائالا بىۋاسىتە ئۆزى بەلگىلەپ بەرگەن. مىراس ئايەتلىرى مۇنۇ ئايەتلەردۇر: (1) ئاللاھ﴿ بالىلىرىڭلار غا) تېگىدىغان (مىراس ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ قىزى ئىككى) (ياكى ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۆچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ۋارىس) بىر قىز بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى- ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۆچتىن بىرى تېگىدۇ قالغىنى) ئاتىسغا (تېگىدۇ. ئەگەر مېيىتنىڭ ئاتا) - ئانىسىدىن باشقا (يەنە بىر تۇغقانلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ قالغىنىنى) ئاتىسى (ئالىدۇ. بۇ) (تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندالغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاتا ئاناڭلار- ۋە بالىلىرىڭلاردىن يەنى) بۇ (ئىككىسىدىن قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزەڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۆچى 1، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر﴾. (2) ئەگەر﴿ ئاياللىرىڭلارنىڭ بالىلىرى بولمىسا، بۇ چاغدا ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ يېرىمى ئى(!ئەرلەر سىلەرگە تېگىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ بالىلىرى بولسا، نىسا سۆرىسى -11 ئايەت.) ئۇلار قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى سىلەرگە تېگىدۇ. بۇ(تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندالغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولمىسا، بۇ چاغدا ئاياللىرىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراسنىڭ تۆتتىن بىرى تېگىدۇ، ئەگەر سىلەرنىڭ بالىلىرىڭلار بولسا، بۇ چاغدا ئايالىڭلارغا سىلەر قالدۇرغان مىراستىن سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ. بۇ)تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندالغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچى ئاتا ئانىسىز-، بالىسىز ئەر ياكى ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ پەقەت ئانا بىر بىر تۇغقىنى ۋە ئانا بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ يەنى) مىراس قالدۇرغۇچى مېيىتنىڭ ئانا بىر، ئاتا (باشقا بىر تۇغقانلىرى ۋە ھەمشىرىلىرى بۇنىڭدىن يەنى(بىردىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا مىراسنىڭ ئۆچتىن بىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق تەقسىم قىلىنىدۇ. بۇ)تەقسىمات مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇندالغان ياكى قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. مىراس) قالدۇرغۇچى (ئادەمنىڭ ۋەسىيىتى ۋارىسلارغا زىيان يەتكۆزمەيدىغان بولىشى كېرەك. ئۇ ئاللاھ تەرىپىدىن قىلىنغان تەۋسىيىدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۆچىدۇر، ھەلىمدۇر يەنى) ئەمرىگە 1 خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاشقا ئالدىراپ )﴾(كەتمەيدۇ (. (3) ئى)﴿ (!مۇھەمەد سەندىن ئاتا – ئانىسى، بالىسى يوق مېيىتنىڭ مىراسى توغرۇلۇق پەتىۋا سورىشىدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئاتا – ئانىسى، بالىسى يوق كىشى قالدۇرغان) (مىراس توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇ، ئەگەر بىر كىشى ۋاپات بولسا، بالىسى بولمىسا، پەقەت بىر ھەمشىرىسى بولسا، ئۇ مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ، ئەگەر ئۇ ئايالنىڭ بالىسى بولمىسا، ئەر بىر تۇغقىنى ئۇنىڭ ۋارىسى بولىدۇ يەنى) مىراسنىڭ ھەممىسىنى (ئالىدۇ، ئەگەر ئىككى ھەمشىرىسى بولسا، ئۇلار مىراسنىڭ ئۆچتىن ئىككى ھەسسىسىنى ئالىدۇ، ئەگەر ۋارىسلار ھەم ئەر، ھەم ئايال بىر تۇغقانلار بولسا ئۇلارنىڭ(ئىچىدىكى بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى بېرىلىدۇ، ئاداشماسلىقىڭلار ئۆچۆن ئاللاھ سىلەرگە شەرىئەت)ئەھكاملىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ 2. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى «بىلگۆچىدۇر﴾.

1264سوئال:نېمە ئۆچۆن بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى بېرىلىدۇ؟#

جاۋاب: بەزىلەر نېمە” ئۆچۆن ئايالغا ئەرنىڭ ھەسسىسىنىڭ يېرىمى بېرىلىدۇ؟ بۇ ئادالەتسىزلىك “ئەمەسمۇ؟ دەپ سورىشى مۇمكىن. بۇ ئادالەتسىزلىك ئەمەس، بەلكى نىسا سۆرىسى -12 ئايەتلەر. ) ( نىسا سۆرىسى -176 ئايەت. ) ( بۇ ھەممىنى تولۇق بىلىدىغان، ھېكمەتلىك ھەم توغرا ئىش قىلىدىغان يېگانە ياراتقۇچىنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر. بۇنىڭ قىسقىچە بايانى مۇنداق: ئىسلامدىكى مىراس مەسىلىسى ئائىلە نىزامىغا باغلىق بىر مەسىلە. بۇ ئىككىسنى بىر ـ بىرىدىن ئايرىپ چۆشىنىشكە بولمايدۇ. بىر ئائىلىدىكى ئايال مۇنۇ 5 خىل ئايالنىڭ بىرى بولىدۇ: ياكى شۇ ئائىلىدىكى ئەرنىڭ ئايالى بولىدۇ ياكى ئۇنىڭ قىزى بولىدۇ ياكى ئۇنىڭ ئانىسى بولىدۇ ياكى ئۇنىڭ كېلىنى بولىدۇ ياكى ئۇنىڭ ھەمشىرىسى بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئايال شۇ ئائىلىنىڭ قىزى بولسا، ئۇنىڭ يېمەك ـ ئىچمەك ، كىيىم ـ كېچەك ۋە باشقىمۇ پۆتۆن چىقىملىرى ئاتىسىنىڭ ئۆستىگە يۆكلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ئايال شۇ ئائىلىدىكى ئائىلە باشلىقىنىڭ ئايالى بولسا، ئۇنىڭ چىقىملىرى «نەپىقە» دەپ ئاتىلىپ ئائىلە باشلىقى بولغان ئەرنىڭ ئۆستىگە يۆكلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ئايال شۇ ئائىلىنىڭ كېلىنى بولسا، ئۇنىڭ بارلىق چىقىملىرى ئۇنىڭ ئېرىگە يۆكلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ئايال شۇ ئائىلە ئىچىدە ئانا بولۇپ يەنى) شۇ ئائىلىدىكى ئائىلە باشلىقى بولغان ئەرنىڭ ئانىسى (بولۇپ ياشىغان بولسا، ئۇنىڭ پۆتۆن چىقىملىرى ئوغلىنىڭ ئۆستىگە يۆكلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ئايال شۇ ئائىلىدىكى ئائىلە باشلىقى بولغان ئەرنىڭ ھەمشىرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاتا ـ ئانىسى، ياكى جورىسى ياكى بالىسى بولمىغانلقىتىن، شۇ كىشىنىڭ رىئايىتى ئاستىدا تۇرغان بولسا، ئۇنىڭ بارلىق چىقىملىرى شۇ ئوغۇل قېرىندىشىنىڭ ئۆستىگە يۆكلىنىدۇ. ئېرى يوق، ئوغلىمۇ يوق، ئاتىسىمۇ يوق، قېرىندىشى ھەم يوق ئايالنىڭ چىقىملىرى ئۇنىڭ تاغا ئاكىلىرىنىڭ ئۆستىگە يۆكلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ تاغا ئاكىلىرىمۇ بولمىسا، بۇ ئايالنىڭ تۇرمۇش خىراجىتى مۇسۇلمانلار ئاممىسى تەرىپىدىن كاپالەتكە ئېلىنىدۇ. بۇ يەردىن مەلۇم بولىدۇكى، ئاياللارنىڭ تۇرمۇشتىكى پۆتۆن چىقىملىرى ئەرلەر تەرىپىدىن تەمىن ئېتىلىدۇ. ئاياللارنىڭ باشقىلارغا چىقىم قىلىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرى ئۆچۆنمۇ چىقىم قىلىشلىرى لازىم كەلمەيدۇ. بەلكى ھەممىنى ئەرلەر قامدايدۇ. ھەتتا ئايال تاپقان پۇلىنى، ئانىسى-ئاتا ياكى تۇغقانلىرىدىن مىراس ئالغان دۇنياسىنى-مال ئائىلىسىگە خىراجەت قىلماي بېسىپ ياتسىمۇ، ئۇنى ھېچكىم خىراجەت قىلىشقا زورلىيالمايدۇ. ئەگەر ئايال ئۆز ئىختىيارى بىلەن چىقىم قىلىمەن دېسە، بۇ ئۆزىنىڭ ئىشى. ئەمدى ئەرلەرگە كەلسەك، ئوغۇل بالا قولى ئىشقا تەككەندىن باشلاپ ئۆينىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداشتا ئاتىسىغا ياردەملىشىدۇ. ئېغىر ئىشلار ئۇنىڭ بېشىغا چۆشىدۇ. ئۇ ئۆيلىنىپ بىر ئائىلىنىڭ بېشى بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆستىگە ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ چىقىملىرى يۆكلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئاتىسى بولمىسا، ئانىسىنى، قېرىنداشلىرىنى بېقىشى، ئاتا ـ ئانىسى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ياشىنىپ قالغان، كىرىمى يوق ياكى ئاز بولسا، بۇلارنى ياخشى بېقىشى، بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى لازىم كېلىدۇ. دېمەك، ئائىلە ھاياتىدىكى بارلىق چىقىم ـ خىراجەتلەر قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن، پەقەتلا ئەرنىڭ ئۆستىگە يۆكلىنىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنىنىڭ مىراس قانۇنى بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسىنى بەلگىلىگەن. بۇ ئادالەتلىك تەقسىمات !ئەمەسمۇ؟

1265سوئال:يۇقىرىقى مىراس ئايەتلىرىدە مىراس ئېلىشى بېكىتىلگەن شەخسلەر كىملەر؟#

جاۋاب: قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ئارقىلىق مىراس ئېلىشى بېكىتىلگەن شەخسلەر تۆۋەندىكى 6 خىل شەخستۇر: (1) مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدىغانلار (2) مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغانلار (3) مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرىنى ئالىدىغانلار (4) مىراسنىڭ ئۆچتىن ئىككىسىنى ئالىدىغانلار (5) مىراسنىڭ ئۆچتىن بىرىنى ئالىدىغانلار (6) مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدىغانلار مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدىغانلار.

1266سوئال:مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدىغانلار كىملەر؟#

جاۋاب: مىراسنىڭ يېرىمىنى ئالىدىغانلار بىرى ئەر، تۆتى ئايال بولۇپ، تۆۋەندىكى 5 خىل شەخستۇر: (1) پەرزەنتى يوق ئۆلگۆچىنىڭ ئېرى، يەنى ئۆلگۆچى ئايالنىڭ بالىسى ياكى نەۋرىسى بولمىسا، ئۇنىڭ مىراسىنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئۇنىڭ ئېرى ئالىدۇ. (2) ئۆلگۆچىنىڭ قىزى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ بىر قىزىدىن باشقا ئوغۇل ياكى قىز ھېچقانداق پەرزەنتى بولمىسا، مىراسنىڭ تەڭ يېرىمىنى شۇ قىز ئالىدۇ. (3) ئۆلگۆچىنىڭ ئوغلىنىڭ قىزى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ شۇ بىرلا قىز نەۋرىسىدىن باشقا پەرزەنتى ياكى نەۋرىسى بولمىسا، مىراسنىڭ تەڭ يېرىمىنى شۇ قىز نەۋرە ئالىدۇ. (4) ئۆلگۆچىنىڭ ھەمشىرىسى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ بىرلا ئايال بىر تۇغقىنىدىن باشقا ئاتا – ئانىسى ياكى ئەر بىر تۇغقىنى ياكى پەرزەنتى ۋە ياكى نەۋرىسى بولمىسا، ئۇنىڭ مىراسىنىڭ تەڭ يېرىمىنى بۇ ھەمشىرىسى ئالىدۇ. (5) ئۆلگۆچىنىڭ دادا تەرەپتىن بولغان ھەمشىرىسى، يەنىـ ئۆلگۆچىنىڭ بۇ بىرلا ھەمشىرىسىدىن باشقا ئاتا – ئانىسى ياكى بىر ئاتا بىلەن بىر ئانىدىن بولغان بىر تۇغقانلىرى ياكى پەرزەنتلىرى ياكى نەۋرىلىرى بولمىسا، ئۆلگۆچىنىڭ شۇ ھەمسىرىسى مىراسنىڭ تەڭ يېرىمىنى ئالىدۇ.

1267سوئال:مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغانلار كىملەر؟#

جاۋاب: مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدىغانلار پەقەت ئىككى خىل كىشى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) پەرزەنتى بار ئۆلگۆچىنىڭ ئېرى، يەنى ئۆلگۆچى ئايالنىڭ ئوغلى ياكى قىزى ياكى مەيلى قىز، مەيلى ئوغۇل بىرەر نەۋرىسى بار بولغان شارائىتتا، ئۇ ئايالنىڭ ئېرى ئۇنىڭ مىراسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدۇ. (2) پەرزەنتى يوق ئۆلگۆچىنىڭ ئايالى، يەنى ئۆلگۆچى ئەرنىڭ ئوغلى ياكى قىزى ياكى مەيلى قىز، مەيلى ئوغۇل بىرەر نەۋرىسى يوق بولغان شارائىتتا، ئۇ ئەرنىڭ ئايالى ئۇنىڭ مىراسىنىڭ تۆتتىن بىرىنى ئالىدۇ.

1268سوئال:مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرىنى ئالىدىغان كىم؟#

جاۋاب: مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرىنى ئالىدىغان پەقەت بىرلا شەخس بولۇپ، ئۇ ئۆلگۆچىدىن بالا ياكى مەيلى ئوغۇل، مەيلى قىز، بىرەر نەۋرە بىلەن قالغان ئايالدۇر. ئۆلگۆچىنىڭ بىردىن كۆپ ئايالى بولسا، مەزكۇر سەككىزدىن بىرىنى ئۇنىڭ ئاياللىرى ئۆز ئارىسىدا تەڭدىن ئۆلىشىدۇ.

1269سوئال:مىراسنىڭ ئۆچتىن ئىككىسىنى ئالىدىغانلار كىملەر؟#

جاۋاب: مىراسنىڭ ئۆچتىن ئىككىسىنى ئالىدىغانلار تۆۋەندىكى 4 خىل شەخستۇر: (1) ئۆلگۆچىنىڭ قىزلىرى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قىزى بولۇپ، ئوغلى بولمىسا، بۇ قىزلار ھەممە بىرلىكتە مىراسنىڭ ئۆچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئۇلار ئۆز ئارىسىدا تەڭدىن بۆلۆشىدۇ. (2) ئۆلگۆچىنىڭ ئوغلىنىڭ قىزلىرى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ ئوغلىدىن بولغان ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ قىز نەۋرىلىرى بولۇپ، ئوغلى ياكى باشقا بالىلىرى ياكى ئوغۇل نەۋرىلىرى بولمىسا، بۇ قىز نەۋرىلەر ھەممە بىرلىكتە مىراسنىڭ ئۆچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئۇلار ئۆز ئارىسىدا تەڭدىن بۆلۆشىدۇ. (3) ئۆلگۆچىنىڭ ھەمشىرىلىرى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ ئاتا بىر ۋە ئانا بىر ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ھەمشىرىلىرى بولۇپ، قىز ياكى ئوغۇل بىرەر پەرزەنتى ياكى نەۋرىسى ياكى ئاتا - ئانىسى بولمىسا ياكى ئاتا بىر ۋە ئانا بىر ئوغۇل بىر تۇغقىنىمۇ بولمىسا، بۇ ھەمشىرىلەر ھەممە بىرلىكتە مىراسنىڭ ئۆچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئۇلار ئۆز ئارىسىدا تەڭدىن بۆلۆشىدۇ. (4) ئۆلگۆچىنىڭ ئاتا بىر ھەمشىرىلىرى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئاتا بىر ھەمشىرىلىرى بولۇپ، قىز ياكى ئوغۇل بىرەر پەرزەنتى ياكى نەۋرىسى ياكى ئاتا - ئانىسى بولمىسا، ئاتا بىر ئوغۇل بىر تۇغقىنى ياكى ئاتا ۋە ئانا بىر ھەمشىرىلىرىمۇ بولمىسا، بۇ ئاتا بىر ھەمشىرىلەر ھەممە بىرلىكتە مىراسنىڭ ئۆچتىن ئىككىسىنى ئالىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئۇلار ئۆز ئارىسىدا تەڭدىن بۆلۆشىدۇ.

1270سوئال:مىراسنىڭ ئۆچتىن بىرىنى ئالىدىغانلار كىملەر؟#

جاۋاب: مىراسنىڭ ئۆچتىن بىرىنى ئالىدىغانلار تۆۋەندىكى 2 خىل كىشىدۇر: (1) ئۆلگۆچىنىڭ ئانىسى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ بالىسى ياكى ئوغلىدىن بولغان بىرەر نەۋرىسى ياكى بىردىن ئارتۇق قېرىندىشى بولمىسا، ئۇنىڭ ئانىسى مىراسنىڭ ئۆچتىن بىرىنى ئالىدۇ. (2) ئۆلگۆچىنىڭ ئانا تەرەپ بىر تۇغقانلىرى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ بىردىن ئارتۇق ئانا تەرەپ بىر تۇغقانلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئانىسى-ئاتا ياكى بالىلىرى ياكى بىر ئاتا بىلەن بىر ئانىدىن بولغان بىر تۇغقانلىرى بولمىسا، ئۆلگۆچىنىڭ بۇ ئانا تەرەپ بىر تۇغقانلىرى مىراسنىڭ ئۆچتىن بىرىنى ئالىدۇ. ئاندىن ئۇنى ئۇلار ئۆز ئارىسىدا تەڭدىن بۆلۆشىدۇ.

1271سوئال:ئانا قايسى ھالەتتە مىراستىن قالغاننىڭ ئۆچتىن بىرىنى ئالىدۇ؟#

جاۋاب: ئەسلى قائىدە بويىچە، ئۆلگۆچىنىڭ ئانىسى بىلەن دادىسى ئىككىسىلا بار بولۇپ، ئۇنىڭ بالىسى ياكى ئوغلىدىن بولغان بىرەر نەۋرىسى ياكى بىردىن ئارتۇق قېرىندىشى بولمىسا، ئۇنىڭ ئانىسى مىراسنىڭ ئۆچتىن بىرىنى ئالىدۇ. مۇنۇ ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ: ئەگەر«ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى- ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇچاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۆچتىن بىرى تېگىدۇ قالغىنى) ئاتىسغا»(تېگىدۇ. ئەمما بۇ ماۋزۇدا ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر پۆتۆن ئۆلىما ساھابىلارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بويىچە بېكىتكەن ئىككى مەسىلە بار بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆلگۆچىنىڭ ئانىسى ئومۇمىي مىراسنىڭ ئۆچتىن بىرىنى ئەمەس، بەلكى مىراستىن قالغاننىڭ ئۆچتىن بىرىنى ئالىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئۆلگۆچىنىڭ ئېرى، دادىسى ۋە ئانىسىدىن باشقا ھېچ نەرسىسى بولمىسا، ئۆلگۆچىنىڭ ئېرى مىراسنىڭ تەڭ يېرىمىنى، ئانىسى قالغان يېرىمنىڭ ئۆچتىن بىرىنى، دادىسى بۇ ئىككىسىدىن قالغاننى ئالىدۇ. (2) ئۆلگۆچىنىڭ ئايالى، ئانىسى ۋە دادىسىلا بولۇپ، باشقا ھېچ نەرسىسى بولمىسا، ئۆلگۆچىنىڭ ئايالى مىراسنىڭ تۆتتىن بىرىنى، ئانىسى تۆتتىن بىرىدىن قالغاننىڭ ئۆچتىن بىرىنى، دادىسى قالغاننىڭ ھەممىسىنى ئالىدۇ.

1272سوئال:مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدىغانلار كىملەر؟#

جاۋاب: مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدىغانلار ئۆلگۆچىنىڭ دادىسى، دادىسىنىڭ دادىسى، ئانىسى، ئانىسىنىڭ ئانىسى، ئوغلىنىڭ قىزى، دادا بىر ھەمشىرىسى، ئانا بىر بىر تۇغقىنى قاتارلىق 7 خىل كىشى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئۆلگۆچىنىڭ دادىسى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ پەرزەنتى ياكى نەۋرىسى بولسا، ئۇنىڭ ئاتىسى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ. (2) ئۆلگۆچىنىڭ دادىسىنىڭ دادىسى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ دادىسى بولماسلىق شەرتى بىلەن چوڭ دادىسى دادىسىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى 3 مەسىلىدە ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ: 1 ئۆلگۆچىنىڭ بىر ئاتا بىلەن بىر ئانىدىن ياكى ئاتا تەرەپتىن ياكى ئانا تەرەپتىن بولغان تۇغقانلىرىنىڭ ھېچقايسىسى دادىسى بار بولغان ھالەتتە مىراس ئالالمايدۇ. لېكىن چوڭ دادىسى بار ھالەتتە ئالالايدۇ. بۇ شافىئىي، ھەنبەلىي ۋە مالىكىي مەزھەبلىرىنىڭ قارىشى. ئەمما ھەنەفىي مەزھىبىگە كۆرە، مەزكۇر بىر تۇغقانلار چوڭ دادىسى بار ھالەتتىمۇ مىراس ئالالمايدۇ. 2 ئۆلگۆچىنىڭ ئېرى، ئانىسى ۋە دادىسىلا بولۇپ، باشقا ۋارىسلىرى بولمىسا، ئانىسى يۇقىرىدا) بايان قىلىنغاندەك ئېرى يېرىمىنى ئېلىپ بولغان مىراستىن (قالغاننىڭ ئۆچتىن بىرىنى ئالىدۇ. ئەگەر دادىسىنىڭ ئورنىدا چوڭ دادىسى بولسا، ئانىسى پۆتۆن تەرىكەنىڭ ئۆچتىن بىرىنى ئالىدۇ. 3 ئۆلگۆچىنىڭ ئايالى، ئانىسى ۋە دادىسىلا بولۇپ، باشقا ۋارىسى بولمىسا، ئانىسى يۇقىرىدا) بايان قىلىنغاندەك ئايالى تۆتتىن بىرىنى ئېلىپ بولغان مىراستىن (قالغاننىڭ ئۆچتىن بىرىنى ئالىدۇ. ئەگەر دادىسىنىڭ ئورنىدا چوڭ دادىسى بولسا، ئانىسى پۆتۆن تەرىكەنىڭ ئۆچتىن بىرىنى ئالىدۇ. (3) ئۆلگۆچىنىڭ ئانىسى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ بالىسى ياكى ئوغلىنىڭ بالىسى ياكى بىردىن كۆپ قېرىندىشى بولسا مەيلى) ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، مەيلى بىر دادا ۋە بىر ئانىدىن، مەيلى بىر ئانىدىن ياكى بىر دادىدىن بولغان (بولسۇن، ئانىسى ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ. (4) ئۆلگۆچىنىڭ چوڭ ئانىسى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ ئانىسى بولمىسا، ئۇنىڭ چوڭ ئانىسى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ. دەرىجە جەھەتتە ئوخشاش بولغان ئانىسىنىڭ) ئانىسى ۋە دادىسىنىڭ ئانىسىغا (ئوخشاش بىردىن كۆپ چوڭ ئانىلار بولسا، بۇ چوڭ ئانىلار مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئۆز ئارىسىدا تەڭدىن ئۆلۆشىدۇ. (5) ئۆلگۆچىنىڭ ئوغلىنىڭ قىزى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ بىرلا قىزى بولۇپ، ھاياتتا بولمىغان بىر ئوغلىنىڭ بىر ياكى بىردىن كۆپ قىزى بولسا، ئۆلگۆچىنىڭ ئۆز قىزى مىراسنىڭ تەڭ يېرىمىنى، ئوغلىنىڭ قىزى ياكى قىزلىرى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ. (6) ئۆلگۆچىنىڭ دادا بىر ھەمشىرىسى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ دادا بىر، ئانا بىر ھەمشىرىسى بىلەن دادا تەرەپتىن بولغان بىر ياكى بىردىن كۆپ ھەمشىرىسى بولسا، ئۆلگۆچىنىڭ دادا بىر، ئانا بىر ھەمشىرىسى مىراسنىڭ تەڭ يېرىمىنى، دادىسى تەرەپتىنلا بولغان ھەمشىرىسى ياكى) ھەمشىرىلىرى (بىرلىكتە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ. (7) ئۆلگۆچىنىڭ ئانا بىر بىر تۇغقىنى، يەنى ئۆلگۆچىنىڭ دادىسى ياكى چوڭ دادىسى، بالىسى ياكى نەۋرىسى بولمىسا، ئۇنىڭ بىرلا ئانا بىر بىر تۇغقىنى بولسا، شۇ بىر تۇغقىنى مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرىنى ئالىدۇ.

1273سوئال:ۋەقىپ دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ۋەقىپ – ئىگىدارچىلىقنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ياخشىلىق يوللىرىدىن مۇئەييەن بىر تەرەپكە ئۇنىڭ پايدىسىدىن مەنپەئەتلىنىشى ئۆچۆن ئاتىۋېتىش دېگەنلىك بولۇپ، ساۋابى ئۆزۈلمەيدىغان «سەدىقە جارىيە» ئەمەللىرىدىن بىرىدۇر.

1274سوئال:ۋەقىپ قىلىشنىڭ شەرتى نېمە؟#

جاۋاب: ۋەقىپ قىلىشنىڭ شەرتى تۆۋەندىكىچە: (1) ۋەقىپ قىلغۇچىنىڭ بالاغەت يېشىغا يەتكەن بولۇشى، (2) ۋەقىپ قىلغۇچىنىڭ ئەقلى – ھوشى جايىدا بولۇشى، (3) ۋەقىپ قىلغۇچىنىڭ ۋەقىپنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلىشى، (4) ۋەقىپ قىلغۇچىنىڭ ۋەقىپ قىلىدىغان نەرسىگە ئىگە بولۇشى، (5) ۋەقىپ قىلماقچى بولغان نەرسىنىڭ مۇئەييەن بولۇشى، (6) ۋەقىپ سەۋەبلىك ھەق ئىگىسىگە ياكى) (ۋارىسلىرىغا زىيان يەتمەسلىكى، (7) ھارام نەرسىنى ۋەقىپ قىلماسلىق ياكى ھارام ئىش قىلىدىغان ئورۇنغا ۋەقىپ قىلماسلىق. مەسىلەن: ھاراق ياكى چوشقىغا ئوخشاش ھارام نەرسىلەرنى ۋەقىپ قىلغانغا ياكى قاۋاقخانىغا، تانسىخانىغا ياكى دىنسىزلىقنى، ئەخلاقسىزلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان ئورۇنلارغا بىر نەرسە ۋەقىپ قىلغانغا ئوخشاش. ۋەقىپنىڭ تۆرلىرى.

1275سوئال:قانچە تۆرلۆك ۋەقىپ بار؟#

جاۋاب: ۋەقىپ ئىككى تۆرلۆك بولۇپ، بىرى، خەيرىيەت ۋەقپىسى، يەنە بىرى، ئەۋلاد ۋەقپىسىدۇر.

1276سوئال:خەيرىيەت ۋەقپىسى دېگەن قايسى؟#

جاۋاب: خەيرىيەت ۋەقپىسى – مۇجاھىدلارنىڭ، ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلارنىڭ، يولدا قالغان مۇساپىرلارنىڭ، پېقىرلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۆچۆن ياكى مەسجىد، مەكتەب، مەدرىسە، دوختۇرخانا، كۆۋرۈك سېلىش، يول ياساش، قۇدۇق قېزىشقا ئوخشىغان ئومۇم خەلق مەنپەئەتلىنىدىغان ياخشى ئىشلار ئۆچۆن ئاتاپ قىلىنغان ۋەقىپتۇر.

1277سوئال:ئەۋلاد ۋەقپىسى دېگەن قايسى؟#

جاۋاب: ئەۋلاد ۋەقپىسى – ۋەقىپ قىلغۇچىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى پايدىلىنىشى ئۆچۆن ئاتىۋەتكەن ۋەقپىسى بولۇپ، بۇ خىلدىكى ۋەقىپتىن پايدىلىنىش ۋەقىپ قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇق ئەۋلادى بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

1278سوئال:ۋەقىپ قىلىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟#

جاۋاب: ۋەقىپنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) بىراۋنىڭ قىلىپ قويغان ۋەقپىسىدىن كىشىلەر مەنپەئەتلىنىدۇ، نۇرغۇنلىغان ئېھتىياج ئىگىلىرى، مۇساپىرلا، ئاجىز – ئۇرۇقلار، يېسىرلار-يېتىم، ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدىكى كىشىلەر شۇ ۋەقىپلەرنىڭ ياردىمى بىلەن ھاجەتلىرىنى قامدايدۇ. مەسىلەن: ئەجدادلىرىمىز ئۆتمۆشلەردە بارغان بەزى جايلىرىدا، شۇ زامانلارغا نىسبەتەن ھەشەمەتلىك بىنالارنى سېتىۋېلىپ ئاللاھ يولىدا ۋەقىپ قىلىپ قويغانلىقتىن، ئانا ۋەتەندىن پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق مەملىكەتلەرگە چىققان ھاجىلار، بۇ مەملىكەتلەردە تۇرۇپ قالغان يوقسۇل ئۇيغۇرلار ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدىكى تالىبلار بۇ ۋەقىپ بىنالىرىدىن پايدىلانغانغا ئوخشاش. (2) ۋەقىپلەر ئومۇمغا مەنپەئەتلىك بولغان نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشلارغا تۆرتكە بولۇپ كەلمەكتە. مەسىلەن: ئىسلام مەملىكەتلىرىدە نۇرغۇنلىغان مەكتەب، مەدرىسىلەر، دوختۇرخانىلار، كۇتۇبخانىلار، مەسجىدلەر، دارۇل ئەيتاملار، پېقىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسلىك قوراللىرى ۋە كىيىم – كېچەك، ھەتتا يېمەك – ئىچمەكلىرى ۋەقىپلەردىن تەمىن ئېتىلىدۇ. مۇسۇلمانلار ئەزەلدىن ۋەقىپ ئىشلىرىغا كۆڭۆل بۆلۆپ كەلمەكتە. ئىسلام مەملىكەتلىرىدە، مال – مۆلكىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئاللاھ يولىدا ياخشلىق يوللىرىغا ۋەقىپ قىلىۋەتكەنلەر ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: «پادىشاھ فەيسەل ۋەقپى» ئىسلامغا خىزمەت قىلغۇچىلارغا ھەر يىلى مەلۇم مىقداردا مۇكاپات تارقىتىپ كەلمەكتە. دۇنيادا مۆلكىنى-مال خەيرىيەت ئىشلىرىغا ئاتاپ ۋەقپە قىلىۋەتكەنلەر مۇسۇلمانلارلا ئەمەس. بەلكى غەرب دۇنياسىدا، ئىنسانىيەت تۇيغۇسى بىلەن -مال مۆلكىنى ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ئىشلار ئۆچۆن ۋەقپە قىلىۋەتلەرمۇ كۆپ. نوبېل مۇكاپاتى بۇنىڭ مىسالى.

1279سوئال:ۋەقىپ قىلىشنىڭ قانداق پەزىلىتى بار؟#

جاۋاب: ۋەقىپ قىلىش – سەدىقە جارىيە ساۋابى) ئۆزۈلمەستىن داۋام قىلىپپ تۇرىدىغان (سەدىقە نىڭ ئۆزىدۇر. ۋەقىپ قىلغۇچىنىڭ قىلغان ۋەقپىسىدىن كىشىلەر پايدىلانغان مۇددەتچە ساۋابى ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىدۇ.

1280سوئال:ۋەقىپنىڭ شەرتلىرى بولامدۇ؟#

جاۋاب: ھەر قانداق بىر نەرسىنى ۋەقىپ قىلغۇچى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش قانداق بولۇش ھەققىدە ئۆزىنىڭ بەزى شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ، ئەمما ئۇ شەرتلەر ۋەقىپنىڭ تەقەززاسىغا ۋە ئىسلام شەرىئىتىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن كېلىشى شەرت قىلىنىدۇ. ۋەقىپ قىلىنغان نەرسىنى ساتماسلىق ياكى باشقىلارغا ھەدىيە قىلماسلىقنى شەرت قىلغانغا ئوخشاش. ئۇنىڭدەك، ۋەقىپنى خالىسا ئۆزى ياكى ۋارىسلىرى ساتالايدىغانلىقىنى ياكى ۋەقىپنى داۋاملاشتۇرۇشتىن يېنىۋالالايدىغانلىقىنى شەرت قىلسا، مۇنداق شەرت ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ.

1281سوئال:رەنە دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: رەنە ئەسلىسى «نْھáالر» دېگەن ئەرەبچە سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بۇزۇپ قوللىنىلىشى بولۇپ، رەھنە، گۆرۈ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رەنە - قەرز ئىگىسىنىڭ قەرز ئالغۇچىدىن قەرزنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۆچۆن قەرزنى قايتۇرۇپ ئالغانغا قەدەر پۇلغا يارايدىغان بىرەر نەرسىنى تۇتۇپ تۇرۇشى دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە رەنە ھەققىدە تەۋسىيە قىلىپ مۇنداق دېگەن: ئەگەر﴿ سىلەر سەپەر ئۆستىدە بولۇپ خەت يازالايدىغان ئادەمنى تاپالمىساڭلار، بۇ چاغدا قەرز) ھۆججىتى يېزىپ بېرىشنىڭ (ئورنىغا رەنە قويىدىغان نەرسىنى تاپشۇرساڭلار بولىدۇ؛ ئاراڭلاردا بىرىڭلار بىرىڭلارغا ئىشىنىپ ئامانەت قويسا، ئۇ چاغدا ئامانەتنى ئالغۇچى ئادەم ئامانەتنى تاپشۇرسۇن يەنى) قەرز بەرگۆچى قەرز ئالغۇچىغا ئىشىنىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى رەنە ئالمىسا، قەرزدار قەرزنى 1 دېيىشكەن ۋاقتىدا )﴾(قايتۇرسۇن (. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە قەرز ئىشىنى تۆۋەندىكى ئۆچ يولنىڭ بىرى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى بۇيرىغان: (1) قەرز مۇئامىلىسىنى بۇ مۇئامىلىگە ھازىر بولغان گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن بىللە يېزىپ ھۆججەت قىلىپ قالدۇرۇش. (2) قەرز ھۆججىتىنى يېزىپ قالدۇرۇشقا كاتىب ياكى گۇۋاھچى تاپالمىغاندا، خۇسۇسەن سەپەر ئۆستىدە بولغاندا، قەرز ئالغۇچىنىڭ ئالغان قەرزىنى قايتۇرۇشقا كاپالەت قىلىش ئۆچۆن پۇلغا يارايدىغان بىرەر نەرسىنى قەرز بەرگۆچىنىڭ يېنىدا رەنە قويۇشى. (3) قەرز بەرگۆچى قەرز سورىغان ئادەمگە ئىشىنىپ ئۇنىڭدىن قەرزگە ھۆججەت ياكى رەنە تەلەب قىلماستىن قەرز بەرسە، قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز بەرگەن كىشىنىڭ ئىشەنچىنى سۇيىئىستېمال قىلماستىن، قەرزىنى ۋاقتى قەرەلىدە قايتۇرۇشى.

1282سوئال:رەنە قويۇش نېمە ئۆچۆن بۇيرۇلغان؟#

جاۋاب: رەنە قويۇش ئالغان قەرزنى ۋاقتى قەرەلىدە ئىگىسىگە تاپشۇرۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۆچۆن قويۇلىدۇ. قەرز تاپشۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، رەنە قويۇلغان نەرسە قايتۇرۇپ ئېلىنىدۇ. بەقەرە سۆرىسى -283 ئايەت.

1283سوئال:قەرز رەنىسىنىڭ شەرتى نېمە؟#

جاۋاب: قەرز رەنىسىنىڭ دۇرۇس بولىشى ئۆچۆن تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ ھازىر بولىشى شەرتتۇر: (1) رەنە قويغۇچى ۋە ئۇنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچى ھەر -ئىككىسىدە بالاغەت يېشىغا يەتكەن بولۇش، ئەقلى – ھوشى جايدا بولۇش ۋە تەسەررۇپتا ئىختىيار ئىگىسى بولۇشتىن -ئىبارەت سالاھىيەت بولىشى شەرتتۇر. (2) رەنە قويىدىغان ۋاقىتتا رەنە قويۇلىدىغان نەرسىنىڭ ئېنىق بايان قىلىنىشى. مەسىلەن: سىزگە” مانچىلىك پۇلنى پالانى ۋاقىتقىچە، پالانى نەرسىنى رەنىگە ئېلىش شەرتى بىلەن قەرز بېرىپ “تۇردۇم دېگەنگە ئوخشاش. (3) رەنىگە قويماقچى بولغان نەرسىنىڭ پۇلغا يارايدىغان ۋە ساتقىلى بولىدىغان نەرسىلەردىن بولىشى. (4) رەنىگە قويماقچى بولغان نەرسىنىڭ مېۋە ۋە كۆكتاتقا ئوخشاش تىز بۇزۇلۇپ كېتىدىغان نەرسىلەردىن بولماسلىقى شەرتتۇر.

1284سوئال:رەنىگە قويۇلغان نەرسىدىن كۆپەيگەن نەرسىلەرنى قانداق قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: رەنىگە قويۇلغان نەرسىدىن كۆپەيگەن نەرسىلەر مۇنداق ئىككى تۆرلۆك بولىدۇ: (1) رەنىدىن كۆپەيگەن نەرسىلەر تۇخۇم، ھەسەل، سۆت، ئۆينىڭ كىراسى قاتارلىق قويۇلغان رەنىدىن مۇستەقىل نەرسىلەر بولسا، ئۇ رەنە قويغان كىشىنىڭ خالىس ھەققى بولۇپ، رەنە قويغان ئادەم ئۇنى رەنىگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشتىن بۇرۇنمۇ ئېلىپ پايدىلىنالايدۇ. ئەمما ئۇنى قەرز بېرىپ تۇرغۇچى ئىشلىتەلمەيدۇ. چۆنكى ئۇ، ئۇنىڭ ھەققى ئەمەس. (2) ئەگەر رەنىگە قويۇلغان نەرسىدىن كۆپەيگەن نەرسىلەر ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى بالىسى، ھايۋاننىڭ ئۆستىدىكى يۆڭگە ئوخشاش رەنىدىن ئايرىغىلى بولمايدىغان نەرسىلەردىن بولسا، ئۇ قەرزنى تۆلەپ بولغىچىلىك رەنە بىلەن بىرلىكتە قەرز بەرگۆچىنىڭ يېنىدا قالىدۇ. رەنە قويغۇچى قەرزىنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى رەنە بىلەن بىرگە قايتۇرۇپ ئالىدۇ.

1285سوئال:ھارام قىلىنغان رەنە قايسى؟#

جاۋاب: ھارام قىلىنغان رەنە ئىككى تۆرلۆك بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) قەرز ئىگىسىنىڭ رەنە ئېلىش بىلەن بىرگە قەرز ئالغۇچىغا بەرگەن قەرزىسىدىن ئىنتايىن ئاز مىقداردا بولىسمۇ ئۆسۆم ئېلىشنى شەرت قىلىۋېلىشى بولۇپ، بۇ جازانىخورلۇقنىڭ جۆملىسىدىن سانىلىدۇ. قەتئىي ھارامدۇر. (2) قەرز ئىگىسىنىڭ رەنىدىن پايدىلىنىشىنى ياكى ئۇنى ئۆستۆرۈپ پايدا ئېلىشنى شەرت قىلىۋېلىشى بولۇپ، بۇمۇ جازانىخورلۇقنىڭ جۆملىسىدىن سانىلىدۇ. قەرز بەرگۆچىنىڭ قەرز بېرىپ تۇرغانلىقى بەدىلىگە قەرز ئالغۇچىدىن قايسىبىر يول بىلەن ئازراق بولسىمۇ پايدىلىنىشى ھارامدۇر. چۆنكى قەرز ئاللاھ تائالادىن ساۋاب كۆتكەن ھالدا، بەدەلسىز بېرىلىدىغان دىنىي ۋە ئىنسانىي ئىشتۇر.

1286سوئال:بەدەلسىز قەرز بېرىشنى قانداق پەزىلىتى بار؟#

جاۋاب: بەدەلسىز قەرز بېرىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىغاننىڭ ساۋابى ناھايىتى كۆپتۇر. بۇ ئىنسانىي ۋە ئىمانىي خىسلەتكە ئىگە بولغانلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى بولۇپ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ئۇلۇغ ئىسلاردىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىسىلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى ۋە ساۋابىنىڭ ھەم پايدىسىنىڭ كۆپلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق «كىم : دېگەن بىرەر مۇسۇلماننىڭ دۇنيادىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن بىرەر قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قىيامەت كۆنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىدىن بىر قىيىنچىلىقنى كۆتۆرۈۋېتىدۇ، كىم بىرەر يوقسۇلغا ئاسانلىق يارىتىپ بەرسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاسانلىق بېرىدۇ. كىم بىرەر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى يۆگىسە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيبلىرىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يۆگەيدۇ، بەندە بۇرادىرىنىڭ ياردىمىدە بولغان 1 مۇددەتچە، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ». تىرمىزى رىۋايىتى.

1287سوئال:ھەجر دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: –ھەجر ئەرەبچە سۆز بولۇپ، پۇل – مېلىدا تەسەررۇپ قىلىش سالاھىيىتى بولمىغان يېتىم بالا، ساراڭ، قەرزگە چۆكۆپ كەتكەن، قىمارۋاز، ئىسراپخور، كېسەلچان قاتارلىقلارنى ئۇلارنىڭ ئىلكىدىكى پۇل – مېلىنى تەسەررۇپ قىلىشتىن چەكلەش دېگەنلىك بولۇپ، يۇقىرىقىلارنىڭ تەسەررۇپ ئىشلىرىنى ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان تۇغقانلىرى قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق كۆرسەتكەن: ئاللاھ﴿ تىرىكچىلىكىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان ماللىرىڭلارنى ئەخمەقلەرگە تۇتقۇزۇپ قويماڭلار، ئۇلارنى يېمەك ـ ئىچمەك، كىيىم ـ كېچەكلەر بىلەن تەمىنلەڭلار. ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار. يېتىملەرنى بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار، ئۇلاردا ماللىرىنى باشقۇرالايدىغان ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال ـ مۆلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ مال ـ مۆلكىنى بۇزۇپ ـ چېچىپ يەۋالماڭلار. يېتىمگە) ئىگىدارچىلىق (قىلغانلاردىن كىمكى باي ئىكەن، يېتىمنىڭ مال ـ مۆلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، كىمكى يوقسۇل ئىكەن، ئۇ ئۆز) ئەمگىكىنىڭ ھەققى (ئۆچۆن مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن، ئۇلارنىڭ مال ـ مۆلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا باشقىلارنى 1 گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار. ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر﴾.

1288سوئال:يۇقىرىقىلار نېمە ئۆچۆن تەسەررۇپتىن چەكلىنىدۇ؟#

جاۋاب: ئىسلام دىنى ھەق – ھوقۇقلارنى زايە بولۇپ كېتىشتىن ساقلاشقا ئىنتايىن زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، قايسىبىر سەۋەب بىلەن ئۆزىنىڭ مال - مۆلكىنى تەسەررۇپ قىلىش سالاھىيىتىنى يوقاتقان ئادەمنى ئاسرىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئېلىش ياكى سېتىش جەھەتتىكى تەسەررۇپ ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا مەسئۇل بولغان تۇغقانلىرىغا تاپشۇرىدۇ. يېتىم بالا بالاغەتكە يېتىپ، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزى قىلالايدىغان، تۇرمۇشىنى نورمال ھالدا سۆردۈرەلەيدىغان ھالەتكە كەلگىچىلىك ئۇنىڭ ئېلىش ياكى سېتىش ئىشلىرىدىكى تەسەررۇپاتىنى ئۇنىڭ ئۇنىڭغا)ۋەلىيسى كېپىل بولغان (تۇغقىنى قىلىدۇ. ساراڭ ئوڭشالغانغا قەدەر ئۆز مۆلكىدە تەسەررۇپ قىلىشتىن چەكلىنىدۇ. قىمارۋازلار، ھاراققا بېرىلىپ قاۋاقخانىدىن چىقمايدىغانلار، ئاق چېكىدىغانلار، قەرزگە پېتىپ كەتكەنلەر، كېسەللىكتىن بىرەر ئىش بىجىرەلمەيدىغانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ پۇل – مېلىنى تەسەررۇپ قىلىشتىن مەنئى قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ تەسەررۇپ ئىشلىرىنى نىسا سۆرىسى -6-5 ئايەتلەر. ) ( ئۇلارنىڭ ئىگىلىرى (ۋەلىيلىرى) قىلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ مال – مۆلكىنى زايە بولۇپ كېتىشتىن ساقلاش ئۆچۆندۇر.

1289سوئال:تەسەررۇپى چەكلەنگەنلەرنىڭ بارلىق ئىشلىرى رەت قىلىنامدۇ؟#

جاۋاب: تەسەررۇپى چەكلەنگەنلەرنىڭ قىلغان تەسەررۇپلىرى ئىككى تۆرلۆك بولۇپ، ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارغان نىكاھ ۋە تالاققا ئوخشاش ئىشلىرى بىكار قىلىنمايدۇ، يەنى قىلغىنى ھېساپ قىلىنىدۇ ۋە يۆرگۆزۈلىدۇ. ئەمما پۇل - مېلىدىن باشقىلارغا قەرزگە بېرىش، يوقسۇللارغا ياردەم قىلىش، ياخشىلىق ئورۇنلىرىغا ئاتىۋېتىش قاتارلىق تەسەررۇپاتلىرى - ئەگەر ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان شارائىتتا، - بىكار قىلىنىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن پەقەت ساراڭلار مۇستەسنادۇر. يەنى ساراڭلارنىڭ قىلغان ھېچقانداق بىر تەسەررۇپى يۆرگۆزۈلمەيدۇ.

1290سوئال:گۇۋاھلىق دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: گۇۋاھلىق پارسچە سۆز بولۇپ، ئەرەبچىسى تۇر«شاھادەت». مەنىسى بىلگەن نەرسىسىگە ئىقرار قىلىش دېگەنلىكتۇر. ئۇ ئىقتىسادىي مۇئامىلىلەردىكىگە ئوخشاش بېۋاسىتە ئاڭلىغىنىغا ياكى ھادىسىلەر ۋە ۋەقەلىكلەردىكىگە ئوخشاش كۆرگىنىگە ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئوخشاش كۆچلۆك دەلىل – پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلانغان قىل سىغمايدىغان ھەقىقەتلەرگە ئىقرار قىلىپ گۇۋاھلىق بەرگەنگە ئوخشاشتۇر.

1291سوئال:گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ ھۆكۆمى نېمە؟#

جاۋاب: بىرەر ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى ئىسپاتلاش ياكى بىراۋنىڭ نەسىبىنى ئىسپاتلاش ياكى گۇناھسىز بىرىنى تۆھمەتتىن قۇتقۇزۇش ياكى بىراۋدىن زىياننى توسۇپ قېلىش ئۆچۆن گۇۋاھلىق بېرىش زۆرۈر بولغان ۋاقىتتا گۇۋاھلىقنى ئادا قىلىش پەرزدۇر. بۇنداق ۋاقىتتا گۇۋاھلىقنى يوشۇرۇش ياكى گۇۋاھلىق بېرىشتىن باش تارتىش ئېغىر گۇناھلاردىن سانىلىدۇ. ئەمما گۇناھسىز بىرىنى قارىلاش ياكى جىنايەتكارنى ئاقلاش ياكى بىراۋنى زىيانغا ئۇچرىتىش ياكى بىراۋنىڭ نەسىبىنى رەت قىلدۇرۇش ئۆچۆن يالغاندىن گۇۋاھلىق بېرىش ھارامدۇر.

1292سوئال:يالغان گۇۋاھلىق بېرىش دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: يالغان گۇۋاھلىق بېرىش - بىراۋغا تۆھمەت قىلىپ، قىلمىغان ئىشنى قىلدى، دېمىگەن سۆزنى دېدى، دەپ يالغاندىن ئۇنى قارىلاش ياكى گۇۋاھلىقتا ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ ئەكسىنى سۆزلەش دېگەنلىك بولۇپ، يالغاندىن گۇۋاھلىق بېرىش بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇشقا، ھەق – ھوقۇقلارنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىگە، گۇناھسىزلارنىڭ قارىلىنىشىغا، گۇناھكارلارنىڭ جازاسىز قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان، ئاللاھقا ئەڭ يامان كۆرىلىدىغان، كەچۆرۈلگۆسىز، ئەڭ قەبىھ جىنايەتتۇر. بۇنداق جىنايەتنى ئىمانىـ ئاجىز، ئەخلاقتىن نېسىۋىسىـ بولمىغان، رەزىل ئادەملەرلا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداقلارنى قاتتىق ئازاپ بىلەن تەھدىد قىلغان. گۇۋاھلىقنىڭ تۆرلىرى.

1293سوئال:گۇۋاھلىق نەچچە تۆرگە بۆلۆنىدۇ؟#

جاۋاب: گۇۋاھلىق ئىككى تۆرلۆك بولۇپ، بىرى، ئېتىقادتىكى گۇۋاھلىق، يەنە بىرى مۇئامىلىدىكى گۇۋاھلىقتۇر.

1294سوئال:ئېتىقادتىكى گۇۋاھلىق قايسى؟#

جاۋاب: ئېتىقادتىكى گۇۋاھلىق – قەلبىدە ئىشەنگەن نەرسىلەرگە تىلى بىلەن ئىقرار قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، بۇخىل گۇۋاھلىقتا دىل بىلەن تىل ئىككىسى بىردەك ئىشتىراك قىلىدۇ. دىل چىن ئىمان بىلەن، تىل ئىقرار ۋە ئېتىراپ بىلەن ئىشتىراك قىلىدۇ. شۇڭا قانداقلا بىر ئادەم «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھىي مەبۇد يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى» دېگەن شاھادەت كەلىمىسىنىڭ مەنىسىگە چىن دىلىدىن ئىشىنىپ، تىلى بىلەن ئىقرار قىلىدىكەن، ئۇ مۇسۇلمانلاردىن سانىلىدۇ. ئەمما تىل ئىقرار قىلغان بولسىمۇ دىل ئىشەنمىسە بۇ ئىمان ئەمەس، بەلكى نىفاق ئىككى(يۆزلىمىچىلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: مۇناپىقلار﴿ سېنىڭ ئالدىڭغا كەلگەن چاغدالله گۇۋاھلىق” بېرىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ “پەيغەمبىرىدۇرسەن دەيدۇ، سېنىڭ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىڭنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار ئىمان)دەۋاسىدا چوقۇم يالغانچىلاردۇر﴾. چۆنكى ئۇلار كۆڭلىدە ئىشەنمىگەن نەرسىلىرىنى تىلىدا سۆزلەيدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمايدۇ.

1295سوئال:مۇئامىلىدىكى گۇۋاھلىق قايسى؟#

جاۋاب: مۇئامىلىدىكى گۇۋاھلىق كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن، ئىشلىرىدىن، سۆپەتلىرىدىن بىلگەنلىرىگە ئەينەن ئىقرار قىلىش دېگەنلىكتۇر.

1296سوئال:مۇئامىلىدىكى گۇۋاھلىقتىن مەقسەت نېمە؟#

جاۋاب: ئىنسانلار ئارىسىدا يۆز بېرىپ تۇرىدىغان ھەر خىل مۇئامىلىلەردە گۇۋاھلىق تەلەب قىلىشتىن مەقسەت ھەق – ھوقۇقلارنى ياكى نەسەبنى ياكى نىكاھنى ياكى تالاقنى ياكى ئىددەتنى ياكى مىراسنى ياكى تۆھمەتنى ياكى بىرەر خەۋەرنى ياكى بىرەر مەلۇماتنى ياكى بىرەر ئىشنى ياكى ھەر قانداق بىر نەرسىنى ئىسپاتلاش ياكى رەت قىلىش ئۆچۆندۇر.

1297سوئال:گۇۋاھلىق بېرىشكە سالاھىيەتلىك بولۇشنىڭ شەرتى نېمە؟#

جاۋاب: ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇئامىلە ئىشلىرىدىن بىرەر ئىشقا گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشكە سالاھىيەتلىك بولۇشىنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) مۇسۇلمانغا گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان ئادەمنىڭ مۇسۇلمان بولىشى. غەيرى دىندىكىلەرنىڭ مۇسۇلمانغا گۇۋاھلىق بېرىشى رەت قىلىنىدۇ. ھەنەفىي) مەزھىبىدە، مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتىدا ياشايدىغان كۇففارلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ نىكاھ ئىشلىرىدا گۇۋاھلىق بېرىشىنى دۇرۇس (سانايدۇ. (2) گۇۋاھچىنىڭ ئەقلى – ھوشى جايىدا بولغان بىرسى بولىشى. ساراڭ ياكى نىرۋىسى جايدا ئەمەس بىرىنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. (3) گۇۋاھچىنىڭ ئەل ئىچىدە راستچىللىقى بىلەن تونۇلغان بىرى بولىشى. (4) گۇۋاھچىنىڭ ئەل ئىچىدە ئىشەنچلىك كىشىلەردىن بولىشى. (5) گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بەرمەكچى بولغان ئادەمنى يامان كۆرىدىغان بىرى بولماسلىقى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خىيانەتچىلىكى بىلەن تونۇلۇپ قالغان بىرىنىڭ قانداقلا بىر كىشى ئۆچۆن گۇۋاھلىق بېرىشىنى، بىراۋغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان بىرىنىڭ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشىنى ۋە خىزمەتچىنىڭ خوجايىنىغا گۇۋاھلىق بېرىشىنى مەنئى قىلغان.

1298سوئال:گۇۋاھلىقنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) گۇۋاھلىقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئىشلارغا «كۆردۈم»، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغان دەپ«ئاڭلىدىم»ئىشلارغا بېرىش. كۆرمەي تۇرۇپ ئاڭلىغان ئىشلارغا «كۆردۈم» دەپ بېرىلگەن گۇۋاھلىق قوبۇل قىلىنمايدۇ. پەقەت نەسەبنى، نىكاھنى، ئۆلۆمنى ئىسپاتلاش ئۆچۆن گۇۋاھچىنىڭ ئىشەنچلىك ئىككى ئەر ياكى بىر ئەر، ئىككى ئايالدىن ئېنىق ئاڭلىغانلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ. (2) گۇۋاھلىقنىڭ «شۇنداق گۇۋاھلىق بېرىمەنكى…» دېگەن لەۋزى بىلەن بېرىلىشى. (3) گۇۋاھلىق بېرىشتە، گۇۋاھلىقنىڭ تەلەب قىلىنغان سان بويىچە بېرىلىشى ,لازىم مەسىلەن: بىراۋنى زىنا بىلەن قارىلىغان ئادەم 4 قېتىم گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەنگە ئوخشاش.

1299سوئال:كىملەرنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ؟#

جاۋاب: تۆۋەندىكىلەرنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ: (1) ئاتا – ئانىلاردىن بىرەرسىنىڭ بالىلىرىغا ياكى بالىلارنىڭ ئانىسىدىن-ئاتا بىرەرسىگە ياكى قېرىنداشلىرىدىن بىرەرسىگە بەرگەن گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. (2) ئەر – ئاياللارنىڭ بىر – بىرىگە بەرگەن گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. (3) ئىككى شېرىكنىڭ ئۆزلىرى شېرىكلەشكەن ئىشتا بىر – بىرىگە بەرگەن گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. (4) بىراۋنىڭ دۈشمەن تۇتۇپ يۆرگەن بىرىگە بەرگەن گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. (5) ئەما كىشىنىڭ ئاڭلىغىنىدىن باشقا، قانداقلا بىر ئىشقا بەرگەن گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ. (6) يالغانچىلىقى ياكى تۆھمەتخورلىقى ياكى خىيانەتچىلىكى بىلەن بىرەر قېتىم ئېغىزغا چىقىپ قالغان ئادەمنىڭ قايسىبىر كىشى ئۆچۆن، قايسىبىر ئىشقا بەرگەن گۇۋاھلىقى قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ. (7) خىزمەتچىنىڭ خوجايىنىغا، كادىرنىڭ باشلىقىغا بەرگەن گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

1300سوئال:گۇۋاھچىنىڭ يالغانچىلىقى كېيىنچە ئاشكارىلانسا نېمە قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: بىراۋ گۇۋاھلىقنى پۆتۆن شەرتلىرىگە ئۇيغۇن ھالدا ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشقا توسقۇن بولىدىغان يالغانچىلىق، خىيانەتچىلىك، تۆھمەتخورلۇققا ئوخشىغان ئىللەتلەر كۆرۈلسە، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇۋاھلىقلىرى رەت قىلىنىدۇ. چۆنكى تەبىئىتىدىكى بۇ خىل ناچارلىقلار پاش بولغان كىشىنىڭ بۇرۇنقى گۇۋاھلىقلىرىغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ. تەربىيەنىڭ ئادەمنى ئىسلاھ قىلىدىغانلىقى بىر ھەقىقەت بولسىمۇ، ئىنىسانلارنىڭ -مىجەز خۇلقىنىڭ ئۇشتۇمتۇت بىر كېچىدىلا ياخشى ياكى يامان بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتمەيدىغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت.

1301سوئال:گۇۋاھلىقنىڭ دەرىجىلىرى قانچە ؟#

جاۋاب: گۇۋاھلىقنىڭ دەرىجىلىرى 4 بولۇپ، ئۇلار: (1) ئەرلەر كۆپرەك بىلىدىغان ئىشلار بولۇپ، بۇ خىلدىكى گۇۋاھلىقتا ئىككى ئەرنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. مەسىلەن: نىكاھ، تالاق، ۋەسىيەت، سېتىم-ئېلىم ۋە بۇلارغا ئوخشاش ئەرلەر كۆپرەك بىلىدىغان ئىشلاردۇر. ئى﴿ مۆمىنلەر ئاراڭلاردىن بىركىم ئۆلىدىغان چېغىدا ۋەسىيەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭغا ئىچىڭلاردىن ئىككى ئادىل كىشى 1 گۇۋاھ بولسۇن﴾. (2) ئاياللار كۆپرەك بىلىدىغان ئىشلار بولۇپ، بۇ خىلدىكى گۇۋاھلىقتا ئاياللارنىڭلا گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. ھەتتا بىرلا ئايالنىڭمۇ گۇۋاھلىقى ھېسابقا ئېلىنىدۇ. مەسىلەن: تۇغۇت، قىزلىق، ھەيز، ئېغىر ئاياقلىق، بالا ئېمىتىش، نەسەب، ئاياللارنىڭ ئىددىتى ۋە ئەيىبلىرى قاتارلىق ئىشلاردا تەلەب قىلىنغان گۇۋاھلىق. مۇلاھىزە: بىراۋ ئۆزىنىڭ نىكاھلىق ئايالى تۇغقان بالىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇۋالسا، بۇ بالىنىڭ شۇ ئادەمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىگە بىرلا ئايال گۇۋاھلىق بەرسىمۇ، بۇ بىرلا ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىپ، بالا شۇ ئادەمگە مەنسۇپ قىلىنىدۇ. ئەمما ھازىرقى زاماندا (DNA) ئانالىزى ئارقىلىق نەسەبنى ئىسپاتلاش تېخىمۇ ئوڭايلاشتى. (3) ئىقتىسادىي مۇئامىلىلەردە ئىككى ئەرنىڭ ياكى بىر ئەر، ئىككى ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئېلىم – سېتىم، قەرز، رەنە، شېرىكەتچىلىك ۋە باشقىلارغا ئوخشاش. ﴿ سىلەر ئەرلىرىڭلاردىن ئىككى كىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار؛ ئەگەر ئىككى ئەر تېپىلمىسا، سىلەر ئادالىتىگە)، (دىيانىتىگە رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى 1 ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ﴾. (4) ئېرى ئايالىنى زىنا بىلەن قارىلاپ ئەرز قىلسا، ئايالىنى قارىلاشتا گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئۆچۆن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلىپ، بەشىنچى قېتىملىقىدا «ئەگەر بۇ دەۋايىمدا يالغان ئېيتقان بولسام، ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى «بولسۇن دەپ تەكىتلىسە، ئۇنىڭ يالغۇز گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. خوتۇنلىرىنى﴿ زىنا بىلەن قارىلىغان ۋە ئۆزلىرىدىن باشقا گۇۋاھچىسى بولمىغانلار گۇۋاھلىق سۆزىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى دەلىللەش ئۆچۆن، ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم قىلسۇن، بەشىنچى قېتىمىدالله «ئەگەر يالغانچى بولسام ماڭا ئاللاھنىڭ لەنىتى 2 «بولسۇن دېسۇن﴾. شۇنداقلا، ئايال ئېرىنىڭ ئۇنى زىنا قىلدى دەپ قارىلىغانلىقىنى رەت قىلىشتا، ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم ئىچىپ، بەشىنچى قېتىمىدا، ئەگەر» ئېرىمنىڭ گېپى راست بولىدىغان بولسا ماڭا ئاللاھنىڭ غەزىبى بولسۇن» دەپ تەكىتلىسە، ئايالنىڭ ئۆزىنى ئاقلاشتا يالغۇز گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ. خوتۇن﴿ كىشى ئېرىنىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىگە ئاللاھنىڭ نامى بىلەن تۆت قېتىم قەسەم ئىچسە، جازاغا تارتىلىشتىن ساقلاپ قېلىنىدۇ. بەشىنچى قېتىمىدا، (ئېرىم)ئۇ ئەگەر راستچىللاردىن بولسا، ماڭا ئاللاھنىڭ غەزىبى بولسۇن دەپ قەسەم قىلىدۇ 3﴾. بۇ مەسىلە فىقھى كىتابلىرىدا دەپ لەنەتلىشىش» ئاتىلىدۇ. بەقەرە سۆرىسى -282 ئايەت. (نۇر سۆرىسى -7-6 ئايەتلەر.) نۇر سۆرىسى -9-8 ئايەتلەر.

1302سوئال:قەسەم نېمە ئۆچۆن قىلىنىدۇ؟#

جاۋاب: قەسەم - بىرەر ئىشنى ئىسپاتلاش ياكى ئۇنى يالغانغا چىقىرىش ئۆچۆن قىلىنىدۇ. بىراۋدىن ئەھدە – مىساق ئالغاندا ياكى گۇۋاھلىق ئادا قىلغاندا ياكى بىرەر ئىشقا ئىنكار قىلغاندا ياكى زۆرۈرىيەت شۇنى تەقەززا قىلغاندا قەسەم قىلدۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭدەك كەلگۆسىدە بىرەر ئىشنى قىلىشنى ياكى قىلماسلىقنى تەكىتلەش ئۆچۆنمۇ قەسەم قىلىنىدۇ.

1303سوئال:قەسەم قىلىشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: قەسەم قىلىشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەر: (1) قەسەم قىلغۇچىنىڭ مۇسۇلمان، بالاغەت يېشىغا يەتكەن، ئەقلى – ھوشى جايىدا بولۇشى. بۇنىڭغا ئاساسەن، كىچىك بالىنىڭ، ساراڭنىڭ، باشقا دىندىكى بىرسىنىڭ قەسىمى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. (2) قەسەم قىلغۇچىنىڭ قەسەمنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلغان بولىشى. زورلانغانلىقتىن، ئېسىدە يوقلىقتىن ياكى خاتالاشقانلىقتىن قەسەم قىلغان ئادەمنىڭ قەسىمى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. (3) قەسەمنى ئاللاھنىڭ ئىسىملىرىدىن ياكى سۆپەتلىرىدىن بىرەرسىنى ئاتاش بىلەن قىلىش. پەيغەمبەرلەرنىڭ ياكى پەرىشتىلەرنىڭ ياكى ھەر قانداق بىر مەخلۇقاتنىڭ نامىنى ئاتاپ قەسەم قىلىشقا بولمايدۇ ھەمدە بۇنداق قىلىنغان قەسەم ھېسابقا ئېلىنمايدۇ. چۆنكى قەسەم پەقەت ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەنلا باغلىنىدۇ.

1304سوئال:قەسەمنىڭ لەۋزى قانداق بولىدۇ؟#

جاۋاب: قەسەمنى ئاللاھنىڭ نامىنى ئاتاپ «ۋەللاھى تەللاھى»«ياكى ياكى»«بىللاھى دېگەن لەۋزلەردىن بىرەرسىنى تىلغا ئېلىش بىلەن ياكى ھەركىم ئۆز تىلىدالله ئ«ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى…» دەپ قەسەم قىلسىمۇ بولىدۇ. قەسەمنىڭ تۆرلىرى.

1305سوئال:قەسەم نەچچىگە بۆلۆنىدۇ؟#

جاۋاب: قەسەم يەمىن لەغۋ ھېسابلانمايدىغان) (قەسەم، يەمىن مۇنئەقىد رەسمىي) (قەسەم، يەمىن گۇناھقا)غەمۇس پاتۇرغۇچى (قەسەم دەپ 3 كە بۆلۆنىدۇ.

1306سوئال:ھېسابلانمايدىغان قەسەم (لەغۋ) دېگەن قايسى؟#

جاۋاب: ھېسابلانمايدىغان قەسەم – قەسەم ئىچىشنى ئويلىماستىن مەقسەتسىز ھالدا قەسەم قىلىپ سېلىش ياكى باشقا بىر گەپ قىلماقچى بولۇپ دىققەتسىزلىكتىن قەسەم قىلىپ سېلىشقا ئوخشىغان قەسەم بولۇپ، ئۇنىڭدا گۇناھمۇ يوق ۋە كاپارەتمۇ كەلمەيدۇ. مەسىلەن: بىر ئىشنى تەكىتلەش ئۆچۆن قەسەمنى مەقسەت قىلماستىن «ياق ، ۋەللاھى» دېۋەتكەنگە ئوخشاش.

1307سوئال:رەسمىي قەسەم (مۇنئەقىد) دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: رەسمىي قەسەم بىرەر- ئىشنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ياكى بىرەر تۆھمەتنى رەت قىلىش ياكى كېلىچەكتە بىرەر ئىشنى قىلىدىغانلىقىغا ياكى بىرەر ئىشنى قىلمايدىغانلىقىغا باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش مەقسىتى بىلەن قىلىنىدىغان قەسەم بولۇپ، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش پەرزدۇر. كېلىچەككە ئائىت ئىشلار ئۆچۆن قىلىنغان قەسەمنى بۇزغان كىشىگە كاپارەت كېلىدۇ.

1308سوئال:گۇناھقا پاتۇرغۇچى قەسەم (غەمۇس) دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: گۇناھقا پاتۇرغۇچى قەسەم - ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ياكى سۆپەتلىرىدىن بىرىنى ئاتاپ تۇرۇپ يالغان ئىشقا قىلىنغان قەسەم بولۇپ، مۇنداق قەسەم گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقىدىن كاپارەت بىلەن يۇيۇلمايدىغان، پەقەت ھەقىقىي راستچىل تەۋبىدىن باشقىسى قۇتقۇزالمايدىغان، قەسەم قىلغۇچىسىنى ئەڭ ئېغىر گۇناھلارغا پاتۇرىدىغان قەسەمدۇر.

1309سوئال:قەسەم قىلىشنىڭ ھۆكۆمى نېمە؟#

جاۋاب: قەسەم قىلىشنىڭ ھۆكۆمى ئېھتىياجغا قاراپ بەش تۆرلۆك بولىدۇ. ئۇلار پەرز، ھارام، مۇستەھەب، مەكرۇھ ۋە مۇباھ قاتارلىقلاردۇر.

1310سوئال:قانداق ۋاقىتتا قەسەم قىلىش پەرز بولىدۇ؟#

جاۋاب: گۇناھسىز بىرەر ئىنساننى ھالاكەتتىن ياكى تۆھمەتتىن قۇتقۇزۇش ياكى بىراۋنىڭ قانۇنلۇق ھەققىنى قوغداش ياكى ھەققانىي نىكاھنى ياكى ھەققانىي نەسەبنى ئىسپاتلاش ئۆچۆن قەسەم قىلىشقا توغرا كەلسە، بۇ ۋاقىتتا قەسەم قىلىش پەرزدۇر. بۇنىڭدىن باش تارتقان ئادەم گۇناھكار بولىدۇ.

1311سوئال:قانداق ۋاقىتتا قەسەم قىلىش ھارام بولىدۇ؟#

جاۋاب: قەسەم گۇناھسىز بىراۋنى قارىلاش ياكى ئۇنىڭ ھالاك بولىشىغا ياكى بىراۋنىڭ ھەققىنىڭ زايە بولىشىغا ياكى يالغان نەسەبنى راست قىلىپ كۆرسىتىشكە ياكى باتىل نىكاھنى يوللۇق قىلىشقا ياكى يوللۇق نىكاھنى ئىنكار قىلىشقا ياكى بىراۋغا زىيان يەتكۆزۈشكە سەۋەب بولىدىغان بولسا، بۇ شارائىتتا قەسەم قىلىش ھارامدۇر. قەسەم قىلغۇچى بىلىپ تۇرۇپ يالغان ئىشقا قەسەم قىلسا، ئۇ گۇناھقا پاتۇرغۇچى ئېغىر قەسەمنى قىلغانلىقى سەۋەبلىك مۇناپىق بولىدۇ. مۇناپىقنىڭ جازاسى كاپىرنىڭكىدىن ئېغىر بولىدۇ. مۇناپىقلار) چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە )(.تاشلىنىدۇ 1 ( قۇرئان كەرىم يالغان ئىشقا قەسەم قىلىشنى مۇناپىقلىقنىڭ ئالدىنقى ئالامەتلىرىدىن قىلىپ كۆرسەتكەن. مۇناپىقلار) سىلەرنى رازى قىلىش ئۆچۆن ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ، يالغان) (ئىشقا قەسەم قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلار راستلا مۆمىن بولىدىغان بولسا، ئاللاھنى 2 ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رازى قىلىشلىرى كېرەك )(ئىدى (.

1312سوئال:قانداق ۋاقىتتا قەسەم قىلىش مۇستەھەب بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئارىسى بۇزۇلغان ئىككى دوستنىڭ ياكى ئەر – ئايالنىڭ ئارىسىنى ئەپلەشتۆرۈپ قويۇش ئۆچۆن ھەق ۋە توغرا ئىشقا قەسەم قىلىش مۇستەھەب يەنى) قىلسا ساۋاب بولىدىغان دۇر (ئەمەل.

1313سوئال:قانداق ۋاقىتتا قەسەم قىلىش مەكرۇھ بولىدۇ؟#

جاۋاب: قەسەمگە ئېھتىياج تۇيۇلمىغان ئىشلارغا ياكى تاۋارنى بازارغا سېلىش ئۆچۆن راست ئىشقا قەسەم قىلىش مەكرۇھتۇر. ئەمما) يالغانغا قەسەم قىلىشنىڭ ھاراملىقىدا شەك يوق. مەسىلەن: يۆەنگە 10 ئالغان نەرسىنى يۆەنگە 15 ئالغانتىم، دەپ يالغانغا قەسەم قىلغانغا (ئوخشاش.

1314سوئال:قانداق ۋاقىتتا قەسەم قىلىش مۇباھ بولىدۇ؟#

جاۋاب: قەسەمگە ئېھتىياج تۇيۇلغان، ئەمما قەسەم قىلمىسىمۇ زىيان بولمايدىغان ۋاقىتتا قەسەم قىلىش مۇباھ گۇناھ) ياكى ساۋاب بولمايدىغان تۇر (ئىش.

1315سوئال:قەسەمنى بۇزغاننىڭ جازاسى نېمە؟#

جاۋاب: ئىنسان بىرەر ياخشى ئىشنى قىلىشقا ياكى ئاللاھ مەنئى قىلغان ئىشنى تەرك ئېتىشكە قەسەم قىلىپ، ئۇنى بۇزىۋەتسە، ئۇنىڭغا كاپارەت لازىم كېلىدۇ. شۇنىڭدەك، پېقىرلارغا ياخشىلىق قىلماسلىققا ئوخشاش بىرەر ياخشى ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، قەسىمىنى بۇزۇپ كاپارەت ئادا قىلىشى پەرزدۇر. قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ياخشىلىق﴿ قىلماسلىققا، تەقۋادار بولماسلىققا ۋە كىشىلەرنى ئەپلەشتۆرمەسلىككە قەسەم قىلىش شەكلى بىلەن ئۇلارنى) (قىلىشقا ئاللاھنى 3 توسالغۇ قىلماڭلار﴾. نىسا -145 سۆرىسى ئايەت. ) ( تەۋبە -62 سۆرىسى ئايەت. ) ( بەقەرە سۆرىسى -224 ئايەت.

1316سوئال:قەسەمنى بۇزغاننىڭ كاپارىتى قانچىلىك؟#

جاۋاب: قەسەمنى بۇزغاننىڭ كاپارىتى مۇنۇ ئايەتتە ئېنىق كۆرسىتىلگەن: ئاللاھ﴿ سىلەرنى سەھۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۆچۆن جاۋاپكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن سىلەرنى قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۆچۆن جاۋاپكارلىققا تارتىدۇ مۇنداق) قەسىمىڭلارنى (بۇزساڭلار ئۇنىڭ كاپارىتى ئائىلەڭلارغا بېرىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن ئون مىسكىننى بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇشتۇر، ياكى ئۇلارغا بىر قۇر كىيىم بېرىشتۇر، ياكى بىر قۇل ياكى بىر چۆرىنى ئازاد قىلىشتۇر، كىمكى بۇنداق قىلىشقا كۆچى يەتمىسە، ئۆچ كۆن روزا تۇتۇشى لازىم. بۇ ئەنە شۇ ئىچكەن قەسىمىڭلارنى بۇزغانلىقىڭلارنىڭ كاپارىتىدۇر، قەسىمىڭلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەرنىڭ شۆكۆر قىلىشىڭلار ئۆچۆن ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ 1﴾.

1317سوئال:كاپارەت بېرىش تەرتىبى قانداق بولىدۇ؟#

جاۋاب: كاپارەت بېرىش تەرتىبى ئىككى بولۇپ، بىرىنى ئورۇنداشتىن ئاجىز كەلگەن كىشى ئىككىنچىسىنى قىلىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە: (1) ئون نەپەر پېقىرنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تاماق بىلەن بىر ۋاخ غىزالاندۇرۇش ياكى ئۇلارغا باھاسى نورمال كىيىملەردىن كىيىلمىگەن–، يېڭى بولىشى شەرتى -بىلەن بىر قۇردىن كىيىم بېرىش بولۇپ، بۇ ئىككى ئىشنىڭ قايسىسىنى قىلىش ئىختىياردۇر. (2) ئون پېقىرغا بىر ۋاخ تائام ياكى بىر قۇردىن كىيىم بېرىشكە قۇدرىتى يەتمىگەن ئادەم ئۆچ كۆن روزا تۇتىدۇ. بۇ روزىنى ئارقا – ئارقىدىن تۇتۇش شەرت قىلىنمايدۇ. خالىسا ئارقىدىن-ئارقا، خالىسا كۆن ئاتلىتىپ تۇتىۋەتسە بولىدۇ. مائىدە سۆرىسى -89 ئايەت. ) (.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.