پاكىزلىق ۋە تاھارەت
This content is not yet available in your language.
پاكىزلىقنىڭ ئىسلامدىكى ئەھمىيىتى ۋە سۇلارنىڭ تۈرلىرى (سوئال 205 – 216)
بۆلۈم: “پاكىزلىقنىڭ ئىسلامدىكى ئەھمىيىتى ۋە سۇلارنىڭ تۈرلىرى (سوئال 205 – 216)”جاۋاب: ئىسلام دىنى پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ھەدىستە: «پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر» دېيىلگەن.
جاۋاب: بەدەن، كىيىم، يېمەك-ئىچمەك ۋە ئىبادەت ئورۇنلىرىنىڭ كىر ۋە پاسكىنىلىقلاردىن پاك بولۇشىدۇر.
جاۋاب: قەلب ۋە نەپسنىڭ تەكەببۇرلۇق، ھەسەتخورلۇق، دۈشمەنلىك، كۆرەلمەسلىك قاتارلىق ناچار ئەخلاقلاردىن پاك بولۇشىدۇر.
جاۋاب: تەن سالامەتلىكىنى قوغداش، يېقىمسىز پۇراقلارنى يوقىتىش ۋە ئىنسان روھىغا شوخ تەپەككۇر، جۇشقۇنلۇق ئاتا قىلىشتۇر.
جاۋاب: ئىنساننىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسى بىر پۈتۈن پاكلىق بىلەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يۈزلىنىپ، ئۇنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر.
جاۋاب: سۇ بىلەن يۇيۇپ پاكلىنىش كېرەك. پاكلىغۇچى ماددىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى سۇدۇر.
جاۋاب: تۆت تۈرلۈكتۇر: تەبىئىي پاك سۇ، مۆشۈك ئىچكەن مەكرۇھ سۇ، نىجاسەت چۈشكەن نىجىس سۇ ۋە پاكلىقى شۈبھىلىك بولغان سۇ (ئېشەك-خېچىر ئىچكەن سۇ).
جاۋاب: 8 خىل تەبىئىي سۇ ئىشلىتىلىدۇ: يامغۇر سۈيى، دەريا-دېڭىز سۈيى، قۇدۇق سۈيى، بۇلاق سۈيى، ئېرىگەن قار-مۇز سۈيى، كۆل سۈيى، تۇرۇبا سۈيى ۋە زەمزەم سۈيى.
جاۋاب: ئەگەر ئارىلاشقان پاكىز نەرسە سۇنىڭ تەبىئىتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتمىگەن بولسا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئەگەر سۇنىڭ تەبىئىتى چاي ياكى شورپىدەك ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا تاھارەتكە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
جاۋاب: گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلار ئىچكەن بولسا پاك؛ ئىت، چوشقا ياكى يىرتقۇچلار ئىچكەن بولسا نىجىس؛ مۆشۈك ئىچكەن بولسا مەكرۇھ؛ ئېشەك ياكى خېچىر ئىچكەن بولسا شۈبھىلىكتۇر.
جاۋاب: مەيدانى 10x10 زىرائتىن (تەخمىنەن 25 كۋادرات مېتىردىن) كىچىك ۋە تېيىز بولغان كۆلچەك ياكى قاچىدىكى تۇرغۇن سۇدۇر. بۇنداق سۇغا نىجاسەت چۈشسە پۈتۈنلەي نىجىس بولىدۇ.
ئىستىنجا، ئىستىبرا ۋە ھاجەتخانا ئەدەپلىرى (سوئال 217 – 224)
بۆلۈم: “ئىستىنجا، ئىستىبرا ۋە ھاجەتخانا ئەدەپلىرى (سوئال 217 – 224)”جاۋاب: ئىستىنجا — كىچىك ياكى چوڭ تەرەت قىلغاندىن كېيىن تەرەت ئورۇنلىرىنى يۇيۇپ ياكى قۇرۇقداپ تازىلاش دېمەكتۇر.
جاۋاب: ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: ئەتراپقا تارقالمىغان بولسا سۈرتۈپ تازىلاش سۈننەت؛ نىجاسەت تەڭگە مىقدارىدا تارقالسا سۇ بىلەن يۇيۇش ۋاجىب؛ تەڭگە مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە سۇ بىلەن يۇيۇش پەرز بولىدۇ.
جاۋاب: ياق، تەرەت قىلمىغان (پەقەت يەل چىققان، ئۇخلىغان ياكى تېنى قانىغان) ئەھۋالدا ئىستىنجا قىلىش ھاجەتسىزدۇر. ئىستىنجا پەقەت تەرەت قىلغاندا قىلىنىدۇ.
جاۋاب: ئەڭ ياخشىسى سۇدۇر. سۇ يوق ئەھۋالدا چالما، پاكىز قەغەز ۋە تاش ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.
جاۋاب: خىش، كۆمۈر، سۆڭەك، يېمەكلىك، ئەينەك ۋە قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
جاۋاب: ئەرەب ھەرپىدە يېزىلغان ياكى دىنىي مەزمۇندىكى قەغەزلەرنى ئىشلىتىش قەتئىي ھارامدۇر. ئادەتتىكى پاكىز ھاجەتخانا قەغىزى ئىشلىتىلىدۇ.
جاۋاب: ئىستىبرا — كىچىك تەرەت قىلغاندىن كېيىن، سۈيدۈك تۇرۇبىسىدا قېلىپ قالغان سۈيدۈك تامچىلىرىنىڭ پۈتۈنلەي تۈگىشىنى كۈتۈپ پاكلىنىش دېمەكتۇر. تاھارەت ئېلىشتىن بۇرۇن ئىستىبرا قىلىش پەرزدۇر.
جاۋاب: كىرىشتە دۇئا ئوقۇش، سول پۇت بىلەن كىرىپ، ئوڭ پۇت بىلەن چىقىش؛ ئىچىدە گەپ قىلماسلىق؛ قىبلىگە ئالدى-كەينىنى قىلماسلىق؛ تۈگىگەندە ئوڭ پۇت بىلەن چىقىپ دۇئا ئوقۇشتۇر.
نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە پاكلاش ئۇسۇللىرى (سوئال 225 – 231)
بۆلۈم: “نىجاسەتنىڭ تۈرلىرى ۋە پاكلاش ئۇسۇللىرى (سوئال 225 – 231)”جاۋاب: ئىككى تۈرلۈكتۇر: ئېغىر نىجاسەت (مۇغەللەزە) ۋە يېنىك نىجاسەت (مۇخەففەفە).
جاۋاب: قان، يىرىڭ، ھاراق، ئىت ۋە چوشقىنىڭ ئاجراتمىلىرى، گۆشى ھارام ھايۋانلارنىڭ سۈيدۈك-تەزىكى، ئادەمنىڭ سۈيدۈكى، مەنىي، مەزى ۋە ۋەدى قاتارلىقلاردۇر.
جاۋاب: ئات، كالا، قوي قاتارلىق گۆشى ھالال ھايۋانلارنىڭ سۈيدۈكى ۋە ھاۋادا ئۇچىدىغان قۇشلارنىڭ ماياقلىرىدۇر.
جاۋاب: ئېغىر نىجاسەتتىن قۇرۇق بولسا بىر تەڭگە مىقدارى (3.17 گرام)، سۇيۇق بولسا ئالقاننىڭ ئويمىنىچىلىك؛ يېنىك نىجاسەتتىن كىيىمنىڭ ياكى بەدەننىڭ تۆتتىن بىرىدىن ئاز مىقدارى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
جاۋاب: كۆرۈنىدىغان نىجاسەتلەرنى نىجاسەتنىڭ ئۆزى كەتكۈچە يۇيۇش كېرەك؛ كۆرۈنمەيدىغان سۈيدۈككە ئوخشاش نەرسىلەرنى ئۈچ قېتىم يۇيۇپ، سىقىش بىلەن پاكىزلىنىدۇ.
جاۋاب: ئۆلىمالار ئىختىلاپ قىلغان: ھەنەفىيلەردە نىجاسەت بولۇپ، ھۆل بولسا يۇيۇلىدۇ، قۇرۇسا ئۇۋۇلاپ چىقىرىۋېتىلسە پاك بولىدۇ؛ شافىئىيلەردە مەنىي ئۆزى پاكتۇر، ئەمما يۇيۇۋېتىش ئەۋزەلدۇر.
جاۋاب: ھەنەفىي مەزھىپىدە قۇرۇپ كەتكەن بولسا ئۇۋۇلاپ ئەسىرى يوقالغان بولسا جائىز، ھۆل بولسا يۇيۇپ ئاندىن ناماز ئوقۇش لازىم؛ شافىئىيلەردە ناماز دۇرۇس بولىدۇ.
تاھارەتنىڭ پەرز، سۈننەتلىرى ۋە ئەمەلىي تەرتىپى (سوئال 232 – 236)
بۆلۈم: “تاھارەتنىڭ پەرز، سۈننەتلىرى ۋە ئەمەلىي تەرتىپى (سوئال 232 – 236)”جاۋاب: ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: پەرز تاھارەت (ناماز، تىلاۋەت سەجدىسى ۋە قۇرئان تۇتۇش ئۈچۈن)؛ ۋاجىب تاھارەت (كەبىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن)؛ مۇستەھەب سۈننەت تاھارەت (ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېلىشقا ئوخشاش).
جاۋاب: تۆت تۈرلۈكتۇر: (1) يۈزنى پۈتۈنلەي بىر قېتىم يۇيۇش. (2) ئىككى قولنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش. (3) باشنىڭ تۆتتىن بىرىگە مەسھى قىلىش. (4) ئىككى پۇتنى ئوشۇقلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش.
جاۋاب: نىيەت قىلىش، بىسمىللاھ دەپ باشلاش، قولنى بىلەكلەرگىچە يۇيۇش، مىسۋاك ئىشلىتىش، ئېغىز-بۇرۇننى ئۈچ قېتىمدىن چايقاش، ئەزالارنى ئۈچ قېتىمدىن يۇيۇش، قۇلاق ۋە گەدەنلەرگە مەسھى قىلىش، تەرتىپكە رىئايە قىلىش ۋە ئوڭ تەرەپتىن باشلاشتۇر.
جاۋاب: سۇنى ئىسراپ قىلىش ياكى بەك ئاز ئىشلىتىش، سۇنى يۈزگە ئۇرۇپ يۇيۇش، تاھارەت ئېلىۋېتىپ دۇنيالىق گەپلەرنى قىلىش، ئۈزۈرسىز باشقىلاردىن ياردەم سوراش قاتارلىقلاردۇر.
جاۋاب: تاھارەتنى تۆۋەندىكىدەك ئېلىش كېرەك: (1) كۆڭلىمىزدە تاھارەت ئېلىشنى نىيەت قىلىمىز. (2) بىسمىللاھىررەھمانىررەھىيم دەيمىز. (3) قولىمىزنى ئۈچ قېتىم پاكىز يۇيىمىز، بارماقلىرىمىزنىڭ ئارىسىنى ئارىلاپ يۇيىمىز. (4) ئوڭ قولىمىز بىلەن ئېغىزىمىزغا ئۈچ قېتىم سۇ ئېلىپ چايقايمىز، مىسۋاك ياكى بارمىقىمىز بىلەن چىشلىرىمىزنى پاكىزلايمىز. (5) بۇرنىمىزغا ئۈچ قېتىم ئوڭ قولىمىز بىلەن سۇ ئېلىپ سول قولىمىز بىلەن تازىلايمىز. (6) يۈزىمىزنى پېشانىدىن ئېڭەك ئاستىغىچە، ئىككى قۇلاق يۇمشىقىغىچە تولۇق ئۈچ قېتىم يۇيىمىز. (7) ئاۋۋال ئوڭ، ئاندىن سول قولىمىزنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيىمىز. (8) بېشىمىزنىڭ تۆتتىن بىرىگە مەسھى قىلىمىز. (9) قۇلاق ۋە گەدەنلىرىمىزنى مەسھى قىلىمىز. (10) ئاۋۋال ئوڭ، ئاندىن سول پۇتىمىزنى ئوشۇقلىرى بىلەن قوشۇپ يۇيىمىز.
مىسۋاك، تاھارەتنى بۇزىدىغان ۋە بۇزمايدىغان ئامىللار (سوئال 237 – 241)
بۆلۈم: “مىسۋاك، تاھارەتنى بۇزىدىغان ۋە بۇزمايدىغان ئامىللار (سوئال 237 – 241)”جاۋاب: مىسۋاك سالۋادورا پېرسىكا دەپ ئاتىلىدىغان «ئىراك» دەرىخىنىڭ ياش نوتىسىدىن كېسىپ ئېلىنىدىغان ھۆل ياغاچ دېمەكتۇر. بۇ ياغاچتىن بىر غېرىچ مىقدارىدا كېسىپ، ئۇنىڭ ئۇچىنى 1 ياكى 2 سانتىمېتىر سويۇپ سۇغا چىلاپ يۇمشىتىش ئارقىلىق قوللىنىلىدۇ.
جاۋاب: تولۇق ۋە توغرا سۆزلەشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى بولغان چىشلارنى ئاسراش ئىنسان ئۈچۈن بەكمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. مىسۋاك ئۆزىنىڭ يېقىملىق پۇرىقى ۋە نورمال تەمى بىلەن باكتېرىيەلەردىن ساقلايدۇ ۋە چىش، ئېغىز ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ.
جاۋاب: تاھارەت تۆۋەندىكىلەر بىلەن بۇزۇلىدۇ: (1) ئالدى ۋە كەينى تەرەت ئورگانلىرىدىن سۈيدۈك، چوڭ تەرەت، يەل، مەزى قاتارلىقلارنىڭ چىقىشى. (2) بەدەننىڭ بىرەر يېرىدىن قان، يىرىڭ ياكى سېرىق سۇ ئېقىشى. (3) ئېغىز توشۇپ قۇسۇش. (4) ئېغىزدىن قان چىقىپ تۈكۈرۈكتىن كۆپ بولۇشى. (5) ھوشىدىن كېتىش ياكى مەس بولۇش. (6) ئۇخلاش (يۆلەنمەستىن ئولتۇرۇپ مۆگدىگەن كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا). (7) نامازدا قاھقاھلاپ كۈلۈش.
جاۋاب: (1) قان چىقىپ ئاقماستىن ئۆز ئورنىدا قالسا. (2) گۆش ئاجراپ چۈشكەن بىلەن قان چىقمىسا. (3) يارىدىن قۇرۇت چىقسا. (4) ئېغىز تولمىغان مىقداردا قۇسسا. (5) ئايالنى شەھۋەتسىز تۇتسا. (6) ئۆرە ياكى ئولتۇرۇپ مۆگدەپ قالسا تاھارەت بۇزۇلمايدۇ.
جاۋاب: تاھارەت ئالغانلىقى ئېسىدە بار، ئەمما بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىقىدا شەكلىنىپ قالغان ئادەم تاھارىتى بار دەپ ھېسابلايدۇ. چۈنكى «شەك ئىشەنچنى يوق قىلالمايدۇ». ئەكسىچە تاھارىتى بۇزۇلغىنى ئېنىق بولۇپ قايتا ئالغانلىقىدا شەكلىنسە، تاھارەت يوق ھېسابلىنىدۇ.
پايپاققا ۋە تېڭىققا مەسھى قىلىش ھەم ئۆزۈرلۈكلەر تاھارىتى (سوئال 242 – 248)
بۆلۈم: “پايپاققا ۋە تېڭىققا مەسھى قىلىش ھەم ئۆزۈرلۈكلەر تاھارىتى (سوئال 242 – 248)”جاۋاب: تاھارەت ئالغاندا پۇتلارنى يۇيۇشنىڭ ئورنىغا تاھارەت بىلەن كىيىلگەن مەسە، ئۆتۈك ياكى قېلىن پايپاق قاتارلىقلارنىڭ ئۈستىنى ھۆل قول بىلەن سىلاش دېگەنلىكتۇر.
جاۋاب: (1) ئاياقنىڭ ئوشۇقنى يېپىپ تۇرىدىغان، پايپاقنىڭ قېلىن بولۇشى. (2) تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن كىيىلگەن بولۇشى. (3) پاسكىنىلىقتىن پاكىز بولۇشى. (4) جۇنۇپلۇقتىن خالىي بولۇشى. (5) مەسھى مۇددىتى ئىچىدە بولۇشى.
جاۋاب: قوللارنى ھۆل قىلىپ، ئوڭ قولنىڭ بارماقلىرى بىلەن ئوڭ پۇتنىڭ، سول قولنىڭ بارماقلىرى بىلەن سول پۇتنىڭ ئۇچىدىن ئوشۇق تەرەپكە بىر قېتىم سىلاشتۇر.
جاۋاب: مۇقىملار ئۈچۈن بىر كېچە-كۈندۈز (24 سائەت)، يولۇچىلار ئۈچۈن ئۈچ كېچە-كۈندۈز (72 سائەت) تۇر.
جاۋاب: (1) تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللار. (2) پۇتنىڭ ئاياقتىن ياكى پايپاقتىن چىقىشى. (3) مەسھى مۇددىتىنىڭ تۈگىشى. (4) سۇ ئۆتۈپ پۇتنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشى.
جاۋاب: يېشىپ يۇيۇش زىيانلىق بولغاندا، تېڭىق ئۈستىنى ھۆل قول بىلەن بىر قېتىم سىلاش يۇيۇش ئورنىدا تۇرىدۇ. ساقايغۇچە قايتا يېڭىلاش ھاجەتسىز.
