Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

غۇسلى ۋە تەيەممۇم

This content is not yet available in your language.

غۇسلىنىڭ پەرزلىرى، سۈننەتلىرى ۋە تەرتىپى (سوئال 260 – 268)

بۆلۈم: “غۇسلىنىڭ پەرزلىرى، سۈننەتلىرى ۋە تەرتىپى (سوئال 260 – 268)”
260سوئال:غۇسلى دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: پاكلىنىش نىيىتى بىلەن پۈتۈن بەدەننى يۇيۇش ئارقىلىق ئومۇمىي چوڭ تازىلىق قىلىشتۇر.

261سوئال:غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان ئىشلار قايسىلار؟#

جاۋاب: (1) جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش (ئىسپېرما چىقمىسىمۇ غۇسلى پەرز). (2) ئىسپېرمىنىڭ ئېتىلىپ چىقىشى. (3) ئۇيقۇدا ئىھتىلام بولۇش. (4) تۇغۇت ۋە ئايلىق ئادەت قانلىرى توختاش. (5) ھوشسىزلىقتىن ئېسىگە كەلگەندە ئىسپېرما ئەسىرىنى كۆرۈش.

262سوئال:غۇسلى قانچە تۈرلۈك بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: پەرز غۇسلى، سۈننەت غۇسلى ۋە مۇستەھەب غۇسلى.

263سوئال:پەرز بولغان غۇسلى قايسى؟#

جاۋاب: غۇسلى قىلىشنى كېرەك قىلىدىغان بەش سەۋەبنىڭ بىرى يۈز بەرگەندىن كېيىن قىلىنىدىغان غۇسلىدۇر.

264سوئال:سۈننەت بولغان غۇسلى قايسىلار؟#

جاۋاب: (1) جۈمە نامىزى ئۈچۈن. (2) ھېيت نامازلىرى ئۈچۈن. (3) ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلاش ئۈچۈن. (4) ئەرەفاتتا تۇرۇش ئۈچۈن غۇسلى قىلىشتۇر.

265سوئال:مۇستەھەب بولغان غۇسلى قايسىلار؟#

جاۋاب: مەسجىدى ھەرەم ۋە مەسجىدى نەبەۋىيگە كىرىش، مۇزدەلىفىدە تۇرۇش، مېيىتنى يۇغاندىن كېيىن، قان ئالدۇرغاندىن كېيىن، ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، ۋە يېڭى مۇسۇلمان بولغاندا غۇسلى قىلىشتۇر.

266سوئال:غۇسلىنىڭ پەرزى قانچە؟#

جاۋاب: ئۈچ تۈرلۈك: (1) ئېغىزغا سۇ ئېلىپ چايقاش. (2) بۇرۇنغا سۇ ئېلىپ تازىلاش. (3) پۈتۈن بەدەننى قۇرۇق يەر قالدۇرماي يۇيۇش.

267سوئال:غۇسلىنىڭ سۈننەتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: نىيەت قىلىش، بىسمىللاھ دېيىش، ئىككى قولنى بىلەكلەرگىچە يۇيۇش، بەدەندىكى نىجاسەتنى تازىلاش، تاھارەت ئېلىش ۋە بەدەننى ئۈچ قېتىمدىن سۇ قۇيۇپ يۇيۇشتۇر.

268سوئال:غۇسلى قىلىشنىڭ قائىدە-تەرتىبى قانداق؟#

جاۋاب: ئاۋۋال نىيەت قىلىپ بىسمىللاھ دەيمىز، قوللارنى يۇيۇپ ئەۋرەت ئەزانى پاكىزلايمىز، ئاندىن نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالىمىز، ئاندىن باشقا ۋە بەدەنگە سۇ قۇيۇپ پۈتۈن بەدەننى ئۇۋۇلاپ يۇيىمىز.

تەيەممۇمنىڭ شەرتلىرى، پەرزلىرى ۋە تەرتىپى (سوئال 269 – 274)

بۆلۈم: “تەيەممۇمنىڭ شەرتلىرى، پەرزلىرى ۋە تەرتىپى (سوئال 269 – 274)”
269سوئال:تەيەممۇم دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: سۇ يوق ياكى سۇ ئىشلىتىش مۇمكىن بولمىغاندا، پاكىز تۇپراق جىنسى بىلەن تاھارەت ياكى غۇسلى ئورنىدا پاكلىق ھاسىل قىلىشتۇر.

270سوئال:تەيەممۇمنى كېرەك قىلىدىغان سەۋەبلەر قايسىلار؟#

جاۋاب: (1) يېتەرلىك سۇ تاپالمىغاندا. (2) سۇ بىر مىل ياكى ئۇنىڭدىن يىراقتا بولسا. (3) كېسەل بولۇش ياكى ئېغىرلىشىشتىن قورققاندا. (4) تەشنا بولۇپ قېلىشتىن قورققاندا. (5) قاتتىق سوغۇقتا سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا. (6) جىنازا ياكى ھېيت نامىزىغا ئۈلگۈرەلمەسلىكتىن قورققاندا.

271سوئال:تەيەممۇمنىڭ پەرزى قانچە؟#

جاۋاب: تۆت تۈرلۈكتۇر: (1) پاك تۇپراق تېپىش. (2) نىيەت قىلىش. (3) يۈزنى سىلاش. (4) ئىككى قولنى جەينەكلىرى بىلەن قوشۇپ سىلاش.

272سوئال:تەيەممۇمنىڭ سۈننەتلىرى قانچە؟#

جاۋاب: بىسمىللاھ دەپ باشلاش، بارماقلارنى ئېچىپ ئۇرۇش، تۇپراقنى سىلكىۋېتىش، تەرتىپ ۋە ئارقىمۇ-ئارقىلىققا رىئايە قىلىشتۇر.

273سوئال:تەيەممۇمنىڭ قائىدىسى قانداق؟#

جاۋاب: نىيەت قىلىپ بىسمىللاھ دەيمىز. ئالقاننى پاكىز تۇپراققا بىر ئۇرۇپ سىلكىپ يۈزىمىزنى سىلايمىز. ئىككىنچى قېتىم ئۇرۇپ ئىككى قولنى جەينەكلەرگىچە سىلايمىز.

274سوئال:تەيەممۇمنى بۇزىدىغان ئامىللار قايسىلار؟#

جاۋاب: (1) تاھارەتنى بۇزىدىغان ھەر قانداق نەرسە. (2) سۇ تېپىلىشى. (3) سۇ ئىشلىتىشكە توسالغۇ بولغان ئۈزۈرنىڭ يوقىلىشى.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.