فىقھى ئىلمى ۋە تۆت چوڭ فىقھى مەزھەب
This content is not yet available in your language.
فىقھى مەزھەپلەر (ھەنەفىي، مالىكىي، شافىئىي، ھەنبەلىي) ۋە تەقلىد (سوئال 1751 – 1790)
بۆلۈم: “فىقھى مەزھەپلەر (ھەنەفىي، مالىكىي، شافىئىي، ھەنبەلىي) ۋە تەقلىد (سوئال 1751 – 1790)”جاۋاب: ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى 4 بولۇپ، ئۇلار: : تۆۋەندىكىچە (1 ) قۇرئان كەرىم (2 ) سۈننەت (3 ) ئىجما (4 ) قىياس.
جاۋاب: ئىسلام قانۇنشۇناسلىقنىڭ ئاساسلىق مەنبەلىرى (يەنى تايىنىدىغان دەلىل– )پاكىتلىرى، دەرىجە جەھەتتە پەرقلىق بولۇپ بىرىنچى دەرىجىدە قۇرئان كەرىم تۇرىدۇ، قۇرئان كەرىمدىن كېيىن سۈننەت ئىككىنچى دەرىجىلىك ئاس اسلىق دەلىل– ھۆججەت بولۇپ كېلىدۇ، سۈننەتتىن كېيىن ئىجما، ئاندىن قىياس كېلىدۇ.
جاۋاب: قۇرئان كەرىم بىلەن ھەدىسلەردە ھۆكۈملىرى بايان قىلىنغان مەسىلىلەر ئۈس تىدە ھېچكىمنىڭ ئىجما ياكى قىياس قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. شۇڭا ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىدا ئاۋۋال قۇرئان كەرىمگە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ قۇرئان كەرىمدە سۆزلەنمىگەن، ھۆكۈمىمۇ بايان قىلىنمىغان مەسىلىلەردە، سۈننەتكە مۇراجىئەت قىلىنىدۇ سۈننەتتىمۇ بولمىسا، ئاند ىن قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھالدا، ئىجتىھاد قىلىنىدۇ ئىجما بىلەن قىياس ئەنە شۇ ئىجتىھادتىن باشلىنىدۇ ئىجما.
جاۋاب: ئىجما- ئىسلام ئۇممىتىدىن بولغان زامانداش، مۇجتەھىد ئۆلىمالارنىڭ ھەممىس ىنىڭ شەرىئەت مەسىلىلىرىدىن بىرەر مەسىلە ئۈستىدە بىردەك ئىتتىپاققا كېلىشى دېگەنلىكتۇر (1) ئىجما ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئۈچىنچى دەلىلى ۋە ھۆججىتىدۇر ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى مۇنۇ سۆزى ئىجمانىڭ ئىسلام قانۇنشۇناسلىق ئاساسلىرى ۋە دەلىللىرىدىن بىرى ئ: ىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ﴿ كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەر، گە مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن باشقىسىغا ئەگىشىدىكەن ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى ئاخىرەتتە جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمە دېگەن يامان جايۇ﴾(2) فىقھىشۇناسلار ئايەتتىكى«مۆمىنلەرنىڭ يولى» دېگەن ئىبارىدىن ئىجما كۆزدە تۇتۇلغانلىقىنى سۆزلەيدۇ
(1) ئۇستاز ئەلى ھەسەبۇللانىڭ« ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى» ناملىق ئەسىرى 109 - بەت
(2) نىسا سۈرىسى 115 - ئايەت ملاسىئ ڭىنىقىلسانۇشنۇناق قىلساسائ ىرىلەبنەم ئىجمانىڭ تۈرلىرى.
جاۋاب: ئىجما ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچىسى، زامانداش ئۆلىمالاردىن ھ ەر بىرىنىڭ ئۆز رەيىنى ئاشكارا سۆزلىشى ۋە ھەممە بىردە ك، ئىتتىپاققا كېلىشى ئارقىلىق بولىدىغان ئىجما بۇ خىل ئىجما«ئىجما سەرىھ » (ئاشكارا ئىجما)دەپ ئاتىلىدۇ ئىككىنچىسى، ئۆلىمالاردىن بەزىسى ياكى بىرەرسى بىرەر مەسىلىدە پەتىۋا چىقارغان بولۇپ، ئۇنى ئاڭلىغان باشقا ئۆلىمالار ئۇنى ڭغا قارشى چىقم استىن سۇكۇت قىلسا، بۇ خىل ئىجما «ئىجما سۇكۇتىي » (مۇۋاپىقلاشقان ئىجما)دەپ ئاتىلىدۇ (1)
جاۋاب: ئىجمانى ئىسلا م ئۇممىتىدىن بولغان مۇجتەھىدلار قىلىدۇ مۇجتەھىد ۋە ئىجتىھاد.
جاۋاب: مۇجتەھىد- دىنىي مەسىلىلەردە ئالىم بولۇپ، بارچە ئەقلىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ شەرىئەت دەلىللىرىدىن ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى چىقىرالايدىغان دەرىجىگە يەتكەن كىشى دېگەنل ىكتۇر ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ مەشھۇر مۇجتەھىدلار ئىمام ئەزەم، ئىمام شافىئىي ئىمام مالىك ۋە ئىمام ئەھمەدلەردۇر.
جاۋاب: ئىجتىھاد قىلىش ئۈچۈن سالاھىيە: تلىك بولۇشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە (1 ) ئەرەب تىلىنى ۋە ئۇنىڭ مەنىگە دالالەت قىلىدىغان ئىنچىگە ئۇسۇللىرىنى پۇختا بىلىش (2 ) قۇرئان ۋە ھەدىس ئىلىملىرىنى، قۇرئاننىڭ ئەمەلدىن قالغۇچى ۋە قالدۇرغۇچى ئايەتلىرىنى، مۇجىمەل، تەپسىلى، مۇتلەق، چەكلىك، ئومۇمىي، خۇسۇ سىي مەنىلىرىنى تو لۇق بىلىدىغان بولۇش (3 ) ئىسلام دىنىنىڭ قانۇنلارنى بەلگىلەشتىكى غايىسىنى، كىشىلەر دۇچ كەلگەن شارائىتلارنى، شۇ جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ ئۆرپ ئادەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرىگە مۇناسىپ بولغان ئىشلارنى، ھۆكۈملەرنىڭ “نېمە ئۈچۈن” لىرىنى ياخشى بىلىش (2) يۇقىرىقى 3 شەرتكە توشقان كىشى«مۇجتەھىد » (ئىجتىھاد قىلغۇچى) دەپ ئاتىلىدۇ بۇ شەرتلەرگە توشۇپ، ئىجتىھاد قىلىش ئۈچۈن سالاھىيەتلىك بولغان ھەر قانداق بىر مۇجتەھىدنىڭ قانداقلا بىر ماۋزۇدا بولمىسۇن، قانداقلا زامان ۋە ماكاندا بولمىسۇن ئىجتىھاد قىلىش ھ وقۇقى باردۇر ئىجتىھاد قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش مەزھەب پېشۋالىرى ئۈچۈنلا خاس بولغان بىر ئىش ئەمەس، بەلكى ئىجتىھاد قىلىشنىڭ شەرتلىرىگە توشقان ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئالىمنىڭ قايسى ماۋزۇدا بولمىسۇن ئىجتىھاد قىلىشى ئۈچۈن تا قىيامەتكىچە يول ئوچۇقتۇر چۈنكى دۇنيات ەرەققىي قىلغانسېرى بۇرۇنقى زامانلاردا بولمىغان، مۇسۇلمانلار تەلەب قىلىدىغان يېڭى يېڭى ھادىسىلەر، مەسىلىلەر چىقىپ تۇرىدۇ ئىسلام دىنىنىڭ (1) ئۇستاز ئەلى ھەسەبۇللانىڭ« ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى » ناملىق ئەسىرى 109 - بەت (2) ئۇستاز ئەلى ھەسەبۇللانىڭ« ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى » ناملىق ئەسىرى 94 - - بەتلەر ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا مۇناسىپ كېلىدىغان ئىلغار بىردىن ئىكەنلىكىنىڭ بىر دەلىلى مۇجتەھىدلارنىڭ ئىجتىھاد بىلەن يېڭى چىققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغانلىقىدۇر مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىمۇ ئىجتىھادنىڭ ئىسلام: قانۇنشۇناسلىقىدا ئاساس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ« پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئۇنىي ەمەننىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەپ ئەۋەتىش ئالدىدا، ئۇنىڭ: دىن سورايدۇ - ھەققىدە ھۆكۈم تەلەب قىلىدىغان بېرەر مەسىلىگە دۇچ كەلگىنىڭدە نېمە قىلىسەن - ئاللاھنىڭ كىتابىدا كۆرسىتىلگەن بويىچە ئىش كۆرىمەن دەيدۇ مۇئاز - ئاللاھنىڭ كىتابىدا بۇ مەسىلە ھەققىدە بېرەر ھۆكۈم بولمىسا نېمە قىلىسەن -پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرى ب ويىچە ئىش كۆرىمەن - پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرىدىمۇ بولمىسا نېمە قىلىسەن - بۇ ۋاقىتتا قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنىڭ روھىغا ئاساسلانغان ھالدا، ئۆز رايىم بويىچە ئىجتىھاد قىلىمەن- دەيدۇ مۇئاز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بۇ كەسكىن سۆزلىرىدىن مەمنۇن: بولۇپ “ئاللاھقا شۈ كۈر، كى ئاللاھ پەيغەمبەرنىڭ ئەلچىسىنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى رازى بولىدىغان ئىشقا مۇۋەپپەق قىلدى” دەيدۇ»(1) سەئىد ئىبنى مۇسەييەب ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ « مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن قۇرئاندا ياكىسى زنىڭ ھەدىسلىرىڭىزدا ھۆكۈمى كەلمىگەن يېڭى يېڭى ھادىسىلەر ۋە مەسىلىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ بۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز دەپ سورىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام “ئىسلام ئۆلىمالىرىنى توپلاپ بۇنداق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئورتاق قارار چىقىرىڭلار، ئۇنىڭدا ھەرگىزمۇ ب ېرەر كىشىنىڭلا رايى بىلەن ئىش كۆرمەڭلار” دەپ جاۋاب بەردى»(2) يۇقىرىقى ئىككى ھەدىستىن كۆرىمىزكى، ئىجتىھاد كىشىلىك ئىجتىھاد ۋە كوللېكتىپ ئىجتىھادتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.
جاۋاب: كىشىلىك ئىجتىھاد يۇقىرىقى ھەدىستا مۇئازنىڭ دېگىنىدەك، كوللېكتىپ ئىجتىھاد ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىبقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتكىنىدەك بولىدۇ كىشىلىك مەسىلىلەر، ئومۇمەن كىشىلى، كئىجتىھاد بىلەن ئومۇمغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلىلەر مۇتلەق كوللېكتىپ ئىجتىھادى بىلەن جاۋابلاندۇرىلىدۇ (3)
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئىجمانى ئەڭ ئاۋۋال جارى قىلدۇرغانلار ئاۋۋالقى ئىككى خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەر ئىبنى خەتتابلاردۇر چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات بولغان مەزگىلدە پۈتۈن مەسىلىلەردە پەيغەمبەر
(3) ئۇستاز ئەلى ھەسەبۇللانىڭ« ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى » ناملىق ئەسىرى 429 - بەت ملاسىئ ڭىنىقىلسانۇشنۇناق قىلساسائ ىرىلەبنەم ئەلەيھىسسالامغا مۇراجىئەت قىلىناتتى، ئىجما قىلىشقا ئورۇن يوق ئىدى پەيغەم بەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار قۇرئان ياكى ھەدىسلەردە بايانى بولمىغان يېڭى مەسىلىلەر ھەققىدە جاۋابقا ئېھتىياجلىق بولغان بىرىنچى خە لىپە ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بېرەر مەسىلىدە ھۆكۈم تەلەب قىلىپ كەلگەندە، ئۇ ئاۋۋا ل قۇرئانغا مۇراج ىئەت قىلاتتى، مەزكۇر مەسىلىنىڭ بايانى قۇرئاندا بولسا، شۇنىڭغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلاتتى ئەگەر قۇرئاندا بولمىسا ھەدىسل ەرگە، مۇراجىئەت قىلاتتى ھەدىسلەردە بولسا شۇ بويىچە ھۆكۈم قىلاتتى، ئەگەر ئۇنىڭدىمۇ بولمىسا شۇ ۋاقىتتىكى ئۆلىمالارنى يىغ ىپ، ئۇلار بىلەن ئىجما قى لىش ئارقىلىق ئورتاق ھۆكۈم چىقىراتتى ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر مۇ خۇددى بىرىنچى خەلىپە ئەبۇ بەكرىگە ئوخشاش ئىجما قىلاتتى ۋە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى قازىلىرىغىمۇ شۇنداق قىلىشنى تەۋسىيە قىلاتتى ئۇ شۇر ەيھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى كۇفە شەھىرىگە قازى قىلىپ تەيىنلىگىنىدە، ئۇنىڭغا مۇنداقدە پ تەۋسىيە قىلغان: «بېرەر مەسىلە ھەققىدە ھۆكۈم قىلىشتا ئاۋۋال ئاللاھنىڭ كىتابىغا مۇراجىئەت قىلغىن ئەگەر ئۇنىڭدا شۇ مەسىلىنىڭ ھۆكۈمى بولمىسا، ھېچكىمدىن سورىماستىن ھەدىسل ەرگە مۇراجىئەت قىلغىن، ئۇنىڭدىمۇ بولمىسا، ئۆز رايىڭ بىلەن ئىجتىھاد قى لغىن، ئاندىن ئۆلىمالارن ىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ھۆكۈم چىقارغىن » يۇقىرىقىلار ئاۋۋالقى مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلەر دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى يۆنىلىشى بولۇپ، ئۇلار ئاۋۋال قۇرئان، ئاندىن ھەدىس، ئاندىن ئىجمانى ئاساس قىلغان ھالدا ئىسلام شەرىئىتىنىڭ غايە ۋە مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كەلگەن، شۇنداقلا كىشىل ىك ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە كىشىلىك ئىجتىھادقا كۇپايە قىلاتتى مۇسۇلمانلار جەمئىي ىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلىلەردە پەقەت كوللېكتىپ ھالدا ئىجتىھاد قىلىپ، پۈتۈن ئۆلى مالارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ھۆكۈم چ ىقىراتتى ساھابىلار ۋە كېيىنكى پارلاق دەۋرلەردىكى مۇسۇلمانلار ئىسلام قانۇنلىرىنىڭ پەقەت ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كەلگەن ئادالەتلىك قانۇن ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتى ئۇلار ھەر قانداق ئىشتا ھۆكۈمدە، پەتىۋادا، تەبلىغدە، تەشۋىقاتتا ئالدى بىلەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ: مەنپەئەتىنى كۆزلەيتتى چۈنكى ئاللاھ تائالا قۇرئاندا﴿، ئاللاھ سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ لېكىن ئۇ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ﴾(1) دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنىنى كۈچلەندۈرۈپ«د ىننى كىشىلەرگە ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىڭلار، ئۇنى ھەرگىزمۇ تەسلەشتۈرۈ پ قويماڭلار»(2) دەپ كۆرسەتكەن قىياس ۋە قىياس قىلىش ئۇسۇلى.
جاۋاب: قىياس- قۇرئان كەرىم ياكى سۈننەتتە ھۆك مى ۈ كەلمىگەن بىر مەسىلىنى بۇ ئىككى مەنبەدە ھۆكۈمى كەلگەن مەسىلىگە قىياس قىلى پ (ئوخشىتىش) ئارقىلىق ئۇ مەسىلە
(1) مائىدە 6 ئايەت
(2) ئۇستاز ئەلى ھەسەبۇللانىڭ«ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىن ىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى » ناملىق ئەسىرى 92 - بەت ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىش دېگەنلىكتۇر مەسىلەن: نەشە، ئەپيۇن، خرويىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەرنىڭ ھاراملىقىنى قۇرئان كەرىمنىڭ كەسكىن ئايىتى بىلەن ھارام قىلىنغان ھاراققا قىياس قىلىش ئارقىلىق بېكىتكەنگە ئوخشاش قىياس ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ تۆتىنچى ئاساسلىق مەنبىئىدۇر قىياس قۇرئان كەرىمنىڭ ئايىتى بىلەن ئىسپاتلانغان مەنبەدۇر ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە﴿ مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق ياراتقان بولساق، شۇ ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرىمىز ﴾(1) دېگەن، ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە قىيامەت كۈنىدە مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈشنى ئۇلارنى دەسلەپتە يوقتىن پەيدا قىلغىنىغا ئوخشاتقان مانا بۇ، قىياستۇر.
جاۋاب: قىياس قىلىشنىڭ ئۇسۇلى شۇكى، دۇچ كەلگەن مەسىلىنىڭ قۇرئان ياكى ھەدىستىكى ئوخشىشىنىڭ ماھىيىتىنى، ئالغان ھۆك ۈ، مىنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ ھۆكۈم تەلەب قىلىۋاتقان بۇ يېڭى مەسىلىنى قۇرئان ياكى ھەدىستىكى مەزكۇر مەسىلىگە قىياس قىلىش (ئوخشىتىش) ئارقىلىق ئۇنىڭ ھەققىدە ئىجتىھاد قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىش، ئەگەر ھۆكۈم تەلەب قىلىۋاتقان بۇ يېڭى مەسىلىنىڭ ئوخشىشى قۇرئان ياكى ھەدىسلەردە بولمىسا، شۇ جەمئىيەت كىشىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا قانۇنشۇناسلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىجتىھاد قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورتاق رايى بويىچە ھۆكۈم چىقىرىشتىن ئىبارەت: مەسىلەن ھاراق ئىچىش قۇرئاننىڭ كەسكىن ھۆك ۈ مى بىلەن ھارامدۇر ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق: دەيدۇ﴿ ئى مۆمىنلەرۇ ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچ ۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار﴾(2) يۇقىرىقى ئايەتكە ئاساسەن، ھاراقنىڭ ھاراملىقى قۇرئان كەرىمدە ھارام قىلىنغان ئەسلى ھۆكۈمدۇر ئۇنىڭ سەۋەبى ئەقىلغا، تەن ساقلىققا، ئەخلاققا ۋە ئىقتىسادقا ز ىيانلىق ب ولغانلىق ىد ۇر ئاق چېكىملىك، نەشە، تاماكا قاتارلىقلارنى ڭ قۇرئان ياكى ھەدىسلەردە ھارام ياكى ھ الاللىقى ھەققىدە ھۆك ۈ مى بايان قىلىنمىغان چۈنكى بۇ نەرسىلەر قۇرئان كەرىم چۈشكەن زامانلا ردا يوق ئ ى دى ئەمما بۇلاردا ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر بار: مەسىلەن ئاق چېكىملىكنىڭ، نەشىنىڭ ۋە تاماكىنىڭ ئەق ىلغا، تەن ساقلىققا ۋە ئىقتىسادقا زىي انلىق ئىك ەنلىكى ھەممىگە مەلۇم بىر رېئاللىق نەتىجىدە، بۇلاردىمۇ ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىغا تۈر تكە بولغان ئامىللار تېپىلغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىرى ئىجتىھاد يولى بىلەن ب ۇلارنى قۇرئان كەرىمدە ھارام قىلىنغان ھا راققا ئوخشىتىپ قىياس قىلىش ئارقىلىق بۇلارنىڭ ھ اراملىقىنى قارار قىلغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن« مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى مۇسۇلمان كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشىنىڭ نىشانلانماقچى بولغان ئايالىغا ئۇ ئۆزى ۋازكەچمىگىچە نىشانلىنىۋېلىشى، ئۇنىڭ سودىسىنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋازكەچمىگىچە سودا قىلىشى
(1) ئەنبىيا سۈرىسى 104 – ئايەت
(2) مائىدە سۈرىسى 90 ئايەت ملاسىئ ڭىنىقىلسانۇشنۇناق قىلساسائ ىرىلەبنەم قەتئىي توغرا ئەمەستۇر»(1) بۇ ھەدىسقا ئاساسەن، بىراۋنىڭ سودىسىنى بۇزۇش توغرا ئەمەس سەۋەبى بىراۋنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەنلىكتۇر مانابۇ، ھەدىس ئارقىلىق بېكىتىلگەن ئەسلى ھۆ كۈم بۇنىڭغا قىياس قىلغان ھ الدا، بىراۋنىڭ ئىجارىسىنى بۇزۇشمۇ توغرا ئەمەس چۈنكى ھەر ئىككى ئىشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقىدىكى سەۋەب بىراۋنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگە نلىك
(1) ئىبنى ماجە رىۋايىتى ىقھى ئىلمى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك.
جاۋاب: فىقھ- لۇغەتتە چۈشىنىش ۋە بىلىش دېگەنلىك بولۇپ، ئۇنىڭ شەرىئەت ئىستىلاھىدىكى مەنىسى- شەرىئەت دەلىللىرى ئارقىلىق شەرىئەتنىڭ تەپسىلىي ئەھكامل ىرىنى بىلىش دېگەنلىكتۇر.
جاۋاب: فىقھى ئىلمى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا تەدرىجى ھالدا يىلتىز تارتىشقا باشلىغان كېيىنچە ساھابىلارنىڭ دەۋرىدە فىھى ئىلمى رەسمىي تۈردە قانات يايغان.
جاۋاب: فىقھى ئىلمى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى دەۋرىدە رەسمىي تۈردە رەتلىنىپ توپلىنىشقا باشلىغان بۇ دەۋر فىقھى مەزھەبلىرىنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىققان دەۋرى ئىدى ىقھى ئىلمىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان.
جاۋاب: فىقھى ئىلمىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق سەۋەب كىشىلەرنىڭ قۇرئان ياكى ھەدىسلەردە ھۆكۈمى بولمىغان يېڭىدىن مەيدانغا چىقىپ تۇرغان مەسىلىلەر ھەققىدە شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلىشكە بولغان زور ئېھتىياجىدۇر.
جاۋاب: فىقھى ئىلمىنىڭ ماۋزۇسى ياكى مەيدانى شەرىئەت تەكلىپلىرىنى ئورۇنداشقا سالاھىيەتلىك بولغان كىشىلەرنىڭ ئىشلىرى دائىرىسىدە بولىدۇ مەيلى نامازغا ئوخشا ش قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىش بولسۇن، مەيلى ئوغرىلىققا ئوخشاش تەرك ئېتىش تەلەب قىلىنغان ئىش بولسۇن، مەيلى يېيىش ۋە ئىچىشكە ئوخشاش ئىختىيارى ئىش بولسۇن، ئىسلام فىقھى بۇ ئىشلارنىڭ ئەھكاملىرىنىڭ ھەممىسىنى سىستېمىلىك ھالدا، ئوچۇق ۋە تەپسى لى بايان قىل ىپ بېرىدۇ مەزھەب ھەققىد.
جاۋاب: مەزھەپ– لۇغەت ئېتىبارى بىلەن، بارىدىغان جاي دېگەن مەنىنى ئىپادىلىسە ئىسلام ئىستىلاھىدا، دىنىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەھكاملار دېگەنلىك بو، لۇپ مۇجتەھىدلارنىڭ دىنىي ماۋزۇلاردىكى پەرقلىق چۈشەنچىلىرىدىن ھاسىل بولغان جامائەتلىشىشنى ئىپادىلەيدۇ تېخىمۇ ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا، مەزھەب– ئىسلام دىنىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىدىن پايدىلانغان مۇجتەھىد ئالىملارنىڭ قۇرئاندا ياكى سۈننەتتە بولم ىغان ماۋزۇلاردا م ۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن مۈشىكىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ روھىغا تايىنىپ ھەل قىلىشى بىلەن مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئومۇملاشقان پىكىر ۋە تە تبىقلاردىن مەيدانغا كەلگەن جامائەتلىشىش دېگەنلىكتۇر مەزھەبنىڭ پەيدا بولىشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبى.
جاۋاب: مەزھەب پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ساھابىلارنىڭ زامانىدىلا پەيدا بولۇشقا باشلىغان.
جاۋاب: ئىسلام دىنىدا مەزھەپلەرنىڭ كۆپ بولىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەبلەر: تۆۋەندىكىچە (1 ) ئەرەب تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ كۆپ مەنىلەرگە دالالەت قىلىشى بۇ سۆزنىڭ مۇجمەللىكى ياكى ئومۇم ۋە خاسلىق ئوتتۇرىسىدا ئىپادىلىنىشى ياكى ھەقىقىي مە نىسى ب ىلەن ( مەجازىي باشقا بىر ) م ە ەن ئوتتۇرىسىدا ئىپادىلىنىشى ۋە باشقىلاردۇر مەسىلەن: ئە رەب تىلىدىكى« قۇرۇ»سۆزىنىڭ ئاياللارنىڭ ھەيز كۆرىشىنى ئىپادىلىگىنىدەك، ئۇلارنىڭ ھە يزدىن پاكلانغانلىقىنىمۇ ئىپادىلى گى، نىگە«ئەمر »سۆزىنىڭ پەرزنى ئىپادىلىگىنىدەك، ۋاجى ب ياكى مۇستەھەب، (ياخشى كۆرۈلگەن ئىش)نى ئىپادىلىگىنىگە«نەھيى » سۆزىنىڭ ھارامنى ئىپادىلىگىنىدەك، مەكرۇھنىمۇ ئىپادىلىگىنىگە ئوخشاش: قۇرئان كەرىمدىكى﴿دىند ( ا ئۇنىڭغا كىرىشكە) زورلاش يوق﴾(1) دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسى «كىشىلەرنى دىنغا كىرىشكە زورلىماڭلار »دېگەن مەنىدىكى چەكلەشنى ئىپادىلەمدۇ ياكى «كىشىلەرنى دىنغا كىرىشكە زورلىمىدۇق » دېگەن مەنىدىكى ئەمەلىي ئەھۋالدىن خەۋەر بېرىشنىمۇ ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەرنىڭ ھەقىقىي دالالىتى ۋە مەقسەت قىلىنغان مەنىسىنى چۈشىنىشتە بىر خىل بولمىغانلىقتىن مەزھەپلەر كېلىپ چىققان ھەت تا ساھابىلارنىڭمۇ چۈشىنىشى بىر خىل بولمىغان
(1) بەقەرە سۈرىسى 256 - ئايەت
(2): ھەدىسلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى بۇ مۇنداق بەزى ھەدىسلەر بەزى ئۆلىمالارغا يېتىپ بارغان بولسىمۇ، باشقىلىرىغا يېتىپ بارالمىغانلىقى چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىسلام دىنىنى پۈت ۈن دۇنيا ئىنس انلىرىغا يەتكۈزۈش يولىدايۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ قىتئەلەرگە تارقاپ كەتكەنلى، كتىن ئۇلاردىن ھەر بىرى كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ بىلگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىلا يەتكۈزەتتى ئۆلىمالاردىن بىرەرسىگە ھەدىس يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىشەنچسىز يول بىلەن يېتىپ كەلگەنلىكىدىن ئۇ نىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى ۋە باشقا بىرىگە شۇ ھەدىس ئى شەنچلىك يول بىلەن يېتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا كۆرە ئىش كۆرگەنلىكى ئۆلىمالاردىن بىرەرسىگە ھەدىس ئىشەنچلىك يول بىلەن يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەدىسلەرگە مۇئامىلە قىلىش ئۈچۈن بەلگىلىگەن شەرتلىرىگە توغرا كە لمىگەنلىكى مەس: ىلەن ئىمام ئەزەم مەيدانغا چىققان ۋاقىتتىكى ئىراقتا يالغان ھەدىسلەرنى پەيغەمبەر ئەل ەيھىسسالامنىڭ نامىدىن ئويدۇرۇپ چىقىش دولقۇنى ئەۋجىگە چىققان ئىدى شۇڭا ئىمام ئەزەم ھەدىسنى ق وبۇل قىلىشتا شەرتنى بەكمۇ ئېغىر ۋە چىڭ قويغان ئەمما مەدىنىدە ئەھۋ ال بۇنىڭ ئەكسىچە، بولۇپ مەدىنە خەلقىنىڭ ئىمامى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتا شەرتلەرنى ئې غىر قويمىغان ئىسلام دۇنياسىد ىكى مەزھەبلەر.
جاۋاب: ئىسلام دۇنياسىدا ئىككى تۈرلۈك مەزھەب بولۇپ، بىرى، ئېتىقادىي (يەنى ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك) مەزھەبلەر يەنە بىرى ئەمەلىي (يەنى ئەمەل– ئىبادەتلەرگە مۇناسىۋ )ەتلىك مەزھەبلەردۇر.
جاۋاب: ئېتىقادىي مەزھەبلەر: ئەھلى سۈننە، شىئە، م ۇ، تەزىلە، خاۋارىخ، رافىزە، ئىسمائىلىيە، باھائىيە، ئابازىيە جىبىرىيە، قەدەرىيە قاتارلىق مەزھەبلەردۇر َبىَنىڭ ئېتىقادىي مەزھىبىمى.
جاۋاب: بىزنىڭ ئېتىقادىي مەزھىبىمىز ئەھلى سۈننە مەزھىبى بولۇپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى بۇ مەزھەبكە ئەگىشىدۇ.
جاۋاب: 2000 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان رەسمىي ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1 188 000 000 ( بىر مىليارد 188 مىليون) غا يەتكەن بۇلاردىن بىر مىلياردتىن كۆپرەك مۇسۇلمان ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ 2025 - يىلىغا بارغاندا ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە ئەگىشىدىغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1 500 000 000 (بىر يېرىم مىليارد) تىن ئاشىدىغانلىقى كۆتۈلمەكتە«دۇنيا خرىستىئانلىرى ئېنسىكلوپېدىيىسى » ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى دېۋىد بارېت مۇنداق دەپ يازىدۇ: « دۇنيادا ھەر كۈنى تەخمىنەن مىڭ بوۋاق ھاياتقا كۆزىنى ئاچىدۇ ئۇلاردىن 68 مىڭى مۇسۇلمان ئائىلىسىدە، ئۇلاردىن يەنە 60 مىڭى ئەھلى سۈننە ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ »
جاۋاب: دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ تۈركىستان، جۇڭگۇ، روسىيە، بالقان رايونى، ھىندىستان، پاكىستان، تۈركىيە ھىندونو، زىيە ئافرىقا دۆلەتلىرى، ئەرەب دۆلەتلىرىياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئومۇمەن ئۆتمۈشتە ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى (ياكى ئوسمان ئىمپېرىيىسى) ھۆكۈمرانلىق قىلغان دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىسى ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ، ئىران ئەزەربەيجان، بەھرەين ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قىسمى ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ ئومۇمەن ئېيتقاندا، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ 85 ى ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ قالغان 15 نى باشقا مەزھەبلەر گ ە ئەگىشىدىغانلارنىڭ ئومۇمىي انى س تەشكىل قىلىدۇ.
جاۋاب: ئىسلام دۇنياسىدىكى ئېتىقادىي مەزھەبلەردىن ھازىرغىچە داۋام قىلىپ كەلگەن ئەڭ مەشھۇرلىرى ئى ككى بولۇپ، بىرى، ئەھلى سۈننە مەزھىبى، ئىككىنچىسى، شىئە مەزھىبىدۇر بۇ ئىككىسىدىن باشقا مەزھەبلەرنىڭ تولىسى دۇنيا يۈزىدىن غائىب بولۇپ تۆگەپ كەتكەن بولۇپ، بارلىرىنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن ئاز بولغانلىقتىن پىرسەنتكە چۈشمەيدۇ.
جاۋاب: يېقىنقى زاماندا ئېلى پ بېرىلغان ستاستىكىلار ھازىردۇ نيادا 120 بىلەن 150 مىليون ئ ا رىسىدا شىئە بارلىقىنى، بۇ ساننىڭ ئومۇمىي مۇسۇلمانلار سانىنىڭ تەخمىنە ن 12 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەيدۇ شىئەلەر ئەڭ، كۆپ تېپىلىدىغان دۆلەت ئىران بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالسا ئەزەربەيجان بەھرەين ۋە بەزى ئافرىقا دۆلەتلىرىدە شىئەلەر كۆپ ساندا تېپىلىدۇ شىئەلەرنىڭ ئە ڭ چوڭ مەزھىبى ئون ئىككى ئىمام مەزھىبىدۇر ئون ئىككى ئىمام مەزھىبى ئون ئىككى ئىمام مەزھىبى ئاۋۋىلى پەيغەمبەر ئەلەيھى سسالامنىڭ كىئوغلى، تۆتىنچى خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب ئاخىرى مۇھەممەد ئىبنى ھۈسەين ئەسكەرى دېگەن كىشىگى چە جەمى 11 ئىمامنى كۆزدە تۇتىدۇ ئۇلاردا ئىمام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بولغان پەرزەنتلىرى ئىچىدىنلا چ ىقىدۇ، ئۇلار: ھەسەن، ھۈسەين، زەينىل ئابىدىن، مۇھەممەد باقىر، جەفەر سادىق، مۇسا كازىم ئەلى رىزا، مۇھەممەد ئىبنى ئەلى ھادى، ھەسەن ئەسكەرى، مۇھەممەد مەھدى قاتارلىقلاردۇر ئۇلارنىڭ 11 - ئىمامى ھۈسەين ئەسكەرى ھىجرىيىنىڭ 260-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئاتىسىنىڭ ئىزىدىن ئىمام بولۇشقا تېگىشلىك ئىدى لېكىن ئۇ چۈشىنىش سىز بىر شەكىلدە يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى شىئەلەر 12 -ئىمام مۇھەممەدنى ئۆلمىدى، ئۇ چوقۇم مۇناسىپ بىر زاماندا«ئىمام مەھدى»بولۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە دۇنيانى ئادا ل ەتكە تولدۇرىدۇ، دەپ ئېلان قىلغان شۇندىن بىرى شىئەلەرنىڭ ئون ئىككى ئىمام مەزھىبىدە ئىماملىق ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇلار ھازىرغىچە مۇھەممەد مەھدىنىڭ چىقىشىنى كۈتمەكتەى ش ئەلەرنىڭ بۇ پىرقىسى ئون ئىككى ئىمام مەزھىبى، ئىمامىيە مەزھىبى، جە ئفەرىيە مەزھىبى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ئۇلارنىڭ ئون ئىككى ئىمام مەزھىبى دەپ ئاتىلىشى ئۇلاردا ئىماملىقنىڭ ئون ئىككى ئىمام بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى، ئىمامىيە دەپ ئاتىلىشى ئۇلارنىڭ ئىمام تىك لەشنىڭ پەرزلىكىگە ئېتىقاد قىل ىدى غانلىقى ۋە جە ئفەرىيە دەپ ئاتىلىشى شىئەلەرنىڭ ئىمام جە ئفەر سادىقنىڭدە ۋرىدە قۇدرەت تېپىپ يېڭى بىر باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەنلىكى سەۋەبتىن ئىدى ئەمما ئۇلارنىڭ فىقھىي مەسىلىلىرىدىكى مەزھەبلىرى بىر- بىرىدىن پەرقلىقتۇر شىئەلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىماملىرىنى پەيغەمبەر دەرىجىسىگىچە، ھەتتا بەزىدە پەيغەم بەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ يۇقىرى مەرتىبىلەرگە كۆتىرىدۇ ئۇلارنىڭ ئىماملىرىنى چوڭ-كىچىك ھەر قانداق بىر گۇناھتىن پاك كىشىلەر بولۇپ، ئۇلاردا ئۇنتۇپ قېلىش، خاتالىشىش بولمايد ۇ، ئۇلار دۇنيا يارىتىلىشتىن بۇرۇن نۇرلۇق سۈرەتتە يارىتىلىپ بولغان، ئۇلار ئاللاھ تائالات ەرىپىدىن تىكلەنگەن ئىماملار بولۇپ، كارامەتلەر پەقەت شۇلارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ، دەپ ئېتىق اد قىلىدۇ شىئەلەرنىڭ ئون ئىككى ئىمام مەزھىبى ھازىر ئىران، ئىراق، ھىندىستان، سۈرىيە ۋ ە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپ تېپىلىدۇ مىلادىيىنىڭ 1500 -يىلى ئىراندا پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان شاھ ئىسمائىل سەف ەۋى شىئەلەرنىڭ ئون ئىككى ئىمام مەزھىبىنى ئىراننىڭ رەسمىي دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلىگەندىن بىرى بۇ مەزھەب ھازىرغىچە ئىراندا دەۋر سۈرۈپ كەلمەكتە (1)
(1) مىسىر ۋەقىپ ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ «ئىسلامىي ئىشلار ئالىي كېڭىشى»تەرىپىدىن ھازىرلانغان« ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»دىن ئېلىندى ىلھەئ ەننۈس نەلىب ەئىش ىبىھزەم ىكىدىسىرۇتتوئ رەلقرەپ ئەھلى سۈننە بىلەن شىئە مەزھىبى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر.
جاۋاب: ئەھلى سۈننە بىلەن شىئە مەزھىبى ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق پەرقلەر: تۆۋەندىكىچە قۇرئان كەرىم توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە قۇرئان كەرىم كەم- زىيادە قىلىنىشتىن ساقلىنىپ قالغان، ئاللاھتىن چۈشكەن پېتى داۋام قىلىپ كەلگەن، ئەرەب تىلى قائىدىسى بويىچە چۈشىنىلىدىغان ئاللاھنىڭ ئۇلۇ كالامىدۇر شىئەلەرنىڭ بەزىسى قۇرئان كەرىمنىڭ كەم– زىيادى دىن خالىي ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيدۇ ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقاد ۋە پىكىرلىرىگە توغرا كەلمىگەن ئايەتلەرنى، تەۋىل قىلىپ مەنىسىنى بورمىلايدۇ ھەدىس توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە ھەدىس ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئىككىنچى چوڭ مەنبىئى، قۇرئاننى تەپسىرلەپ چۈشەندۈرگۈچى بىردىنبىر مەنبە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن سادىر بولغانلىقى ئېنىقلانغان ھەدىسنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ ھەدىسنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاشتا تونۇلغان ھەدىس ئۆلىمالىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن پىرىنسىپى ئاساس قىلىنىدۇ شىئەلەر ئەھلى بەيت ( پەيغەمبەر ئائىلىسى) دىن چىققان ۋە ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلىدىغان ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن توپلانغان، سىياسىي توقۇنۇشلا ردا ھەزرىتى ئەلى تەرىپىدە تور غان كىشىلەرنىڭ ھەدىسلىرىدىن باشقا ھېچقانداق ھەدىسنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ھەدىسنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاش ۋە تەتقىق قىلىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ ساھابىلار توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە ساھابىلارنىڭ ھەممىسى ئۈ لگىلىك ۋە ئادالەتلىك كىشىلەردۇر ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈز بەرگەن سىياسىي توقۇنۇش ۋە دىنىي ئىختىلاپلار پەقەت ياخشى نىيەتلىك، ئىجتىھاد يولى بىلەن بولغان بولۇپ ئۇلاردىن قايسىبىرىنى ئەيىبلەشكە ياكى ئۆچمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ شىئەلەر ساھابىلاردىن ئىنت ايىن ئاز كىشىدىن باشقا ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن كاپىر بولۇپ كەتكەن دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ھەزرىتى ئەلىنى بەزى شىئە، پىرقىلىرى پەيغەمبەر دېسە بەزىلىرى ئىلاھ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ئەلىدىن بۇرۇن خەلىپە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى كاپىر، زالىم دەيدۇ تەۋھىد ئەقىدىسى توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە ئاللاھ بىردۇر، ئۇنىڭ ھېچ شېرىكى ياكى ئوخشىشى يوق ئاللاھ بىلەن بەندىلىرى ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچى يوق ئاللاھنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە كەلگەن گۈزەل ئىسىملىرى ۋە ئېسىل، سۈپەتلىرىنى تەۋىل قىلماستىن باشقىلارغا ئوخشاتماستىن كەلگەن پېتى چۈشىنىش كېرەك غەيبنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ شاپائەت ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەنلا بولىدۇ. ئاللاھتىن باشقىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا بولمايدۇ ئاللاھنى تونۇشنىڭ ئاساسىيدىن، ئاندىن ئەقىلدۇر شىئىلەرمۇ ئاللاھنىڭ بىر لىكىگە ئىشىنىدۇ بىراق بۇ ئېتىقادنى ئاللاھقا شېرىك قوشۇش بىلەن بۇزۇپ تاشلايدۇ ئۆلۈكلەردىن مەدەت، سوراش قەبرى لەرگە مال بوغۇزلاش ۋە چوقۇنۇش قاتارلىق خۇراپاتلارنىڭ ھەممىنى قىلىدۇ ئۆزلىرى ئۇلۇغلايدىغان ئەھلى، بەيت ئىماملىرىنى غەيبلەرنى بىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ئەۋلىيالار كائىناتنىڭ بەزى ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ئاللاھنى تونۇشنىڭ ئاساسى ئەقىل دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ئاللاھنى كۆرۈش توغرۇلۇق ئەھلى سۈننى مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە « ئۇلار پەرۋەردىگارىغا قاراپ تۇرىدۇ »، دېگەن ئايەتكە ئاساسەن ئاللاھنى پەقەت ئاخىرەتتىلا كۆرۈش شىئەلەر ئاللاھنى بۇ دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە كۆرۈش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ ىلھەئ ەننۈس نەلىب ەئىش ىبىھزەم ىكىدىسىرۇتتوئ رەلقرەپ مۇمكىن غەيب توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە غەيبنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ ئاللاھ مەلۇم دىنىي ئېھتىياج يۈزىسىدىن بەزى پەيغەمبەرلەرگە بەزى غەيبلەرنى بىلدۈرگەن« ئۇلار ئاللاھنىڭ مەلۇماتىدىن ئۆزى بىلدۈرۈشنى خالىغانلىرىدىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ»(1) شىئەلەر غەيبلەرنى بىلىش پەقەت، شىئە ئىماملىرىنىڭ ھەققى بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەيبتىن خەۋەر بېرىشى دۇرۇس ئەمەس، دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. شۇڭا بەزىلىرى ئۆلىمالىرىنى ئىلاھ دەپ تونۇيدۇ شەرىئەت ۋە ھەقىقەت توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە شەرىئەتنىڭ ئۆزى ھەقىقەتتۇر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ بۇيرۇغانلارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزگەن ھېچ نەرسىنى يوشۇرغان ئەمەس ھەر قانداق ياخشىلىقنىڭ يولىنى كۆرسەتكەن، ھەر قانداق يامانلىقتىن توسقان بەندىلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە دۇئا قىلىش ئۈچۈن بىراۋنىڭ ۋاستىسى كېرەك ئەمەس پەيغەمبەرلەردىن باشقا ئىنسانلار كەمچىلىك ۋە خاتالىقلاردىن مەسۇم ئەمەس شىئەلەر شەرىئەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ئەھكاملار بولۇپ، ئاۋام خەلق ئۈچۈنلا كېرەك بولىدۇ. ئەمما ھەقىقەتنى ياكى خاس ئىلىمنى ئەھلى بەيت ئۆلىمالىرىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئۇلار ھەقىقەت ئىلىملىرىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مىراس قالدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كەمچىلىكلەردىن خالىي كىشىلەر بولۇپ، بەندىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىسى پەقەت شۇ كىشىلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەنلا بولىدۇ ئىچ كى دۇنياسىنى يوشۇرۇش توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە مۇسۇلمان ئادەمنىڭ بىراۋغا ئۆزىنىڭ ئىچ كى دۇنياسىنى يوشۇرۇپ، باشقىچە كۆرسىتىشى توغرا ئەمەس چۈنكى بۇ ئىنسانلارنى ئالدىغانلىقتۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « بىزنى ئالدىغانلار بىزدىن ئەمەس »دېگەن قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن كىشىلەرنى شىئەلەرنىڭ پۈتۈن تائىپىلىرى ۋە پىرقىلىرىدە ئۆزىنىڭ ئىچ كى دۇنياسىنى يوشۇرش پەرزدۇر. ئۇلار بۇنى«تەقىيە »د ەپ ئاتايدۇ بۇنداق قىلىش شىئە مەزھىبىنىڭ ئاساسلىق روھى بولۇپ، شىئە بولمىغانلارغا«تەقىيە » يولى بىلەن ئالداشقا، زىيانغا ئۇچرىتىشقا بولمايدۇ پەقەت ئۇرۇش ئەسناسىدا، دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ قالغاندا شۇنداق قىلسا بولىدۇ بارلىق ھىيلە– مىكىر ۋە ئالدامچىلىقلارنى يوللۇق سانايدۇ ئۇلارنىڭ«تەقىي«مەزھىبى بولمىغان ئادەمنىڭ دىنىمۇ يوق» دەيدىغان مەشھۇر سۆزى بار خەلىپە ياكى ئىماملىق توغرۇلۇق ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە ئىسلام دۆلىتىنى مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئىچىدىن سايلىنىپ چىققان خەلىپە باشقۇرىدۇ خەلىپە پەقەت ئەركىن سايلام بىلەن تاللىنىدۇ خەلىپە بولۇپ، سايلىنىش ئۈچۈن ئەقىل، ئىلىم تەقۋالىق، ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا سالاھىيەتلىك بولۇش شەرت قىلىنىدۇ مەيلى قايسى، مىللەتتىن بولمىسۇن ئۆلىمالار پەيغەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ مەنىسى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى بىلىش ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ھەققىدۇر شىئەلەردە خەلىپىلىك مىراس يولى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ خەلىپىلىك زەنجىرى ھە زرىتى ئەلىنىڭ فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بولغان پەرزەنتلىرىدىن باشلىنىدۇ باشقىلارنىڭ خەلىپە ياكى ئىمام بولۇش ھەققى يوق ئۇلارنىڭ ئىماملىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىگە بولغان ئىلىم- مەرىپەتلەرنىڭ يېگانە ۋارىسلىرى بولۇپ، قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنى تەۋىل قىلى، ش ھالال- ھارام مەسىلىسىنى بىلىش قاتارلىق دىنىي ئىلىملەرنى بىلىدىغان ئالاھىدە كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ فىقھى مەسىلىلىرىدە ئەھلى سۈننە مەزھىبىدە شىئە مەزھىبىدە قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەت ئەڭ، ئاساسلىق مەنبە بولۇپ بۇ ئىككى مەنبە بىلەن بېكىتىلگەن شەرىئەت ئەھك املىرىنى ھېچكىمنىڭ ئۆزگەرتىش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققى يوق ساھابى ۋە تابىئىين ئۆلىمالى رىنىڭ قىلغانلىرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۈلگر دۇى ئەمما ئىجما بىلەن قىياسنىڭ يولى تا قىيامەتكىچە ئوچۇقتۇر شىئەلەر دىنىي مەسىلىلەرنىڭ، ھەممىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىمالىرىنى مە نبە قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا شىئە ئىماملىرىنىڭ شەرىئەت، ئەھكاملىرىنى ئۆزگەرتىش بەلگىلەش ھوقۇقى بار ئۇلارنىڭ بەزى ئىبادەت سىستېمىلىرىدىكى ئوخشاشماسلىق بۇنىڭ مىسالى ىلھەئ ەننۈس ىرىلناملۇسۇم ادىسىرائ رۋەد ناقتاۋىرۈس ىھقىف رەلبەھزەم ئەھلى سۈننە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا دەۋر سۈرىۋاتقان ىقھى مەزھەبلەر.
جاۋاب: ئەھلى سۈننە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا دەۋر سۈرىۋاتقان فىقھى مەزھەبلەر: تۆۋەندىكىلەر
(1) ھەنەفىي مەزھىبى
(2) مالىكىي مەزھىبى
(3) شافىئىي مەزھىبى
(4) ھەنبەلىي مەزھىبى ھەنە ىي مەزھىبى.
جاۋاب: ھەنەفىي مەزھىبى- ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە مەنسۇب بولغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ قوبۇل قىلىنغان مەشھۇر 4 مەزھەبنىڭ بىرىنچىسىدۇ ر ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ پېشى ۋاسى ۋە قۇرغۇچىسى ئىمام ئەزە ( م ئەڭ چوڭ ئىمام)نىڭ تولۇق ئىسمى–، سابت ئوغلى نۇئمان بولۇپ ھىجرىيىنىڭ 80 -يىلى ( )م ھازىرقى ئىراقنىڭ كۇفە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ئۇ ئەمەۋىلەر بىلەن ئابباسىيلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ خ ەلىپىلىك زامانىدا ياشىغان، كاتتا مۇجتەھىد ئالىم ئىمام ئەزەم تەقۋالىقى ۋە ھۇشيارلىقى ب ىلەن داڭق چىقارغان كىشى بولۇپ، تىجارەت ئىشلىرىدىمۇ راستچىللىقى ۋە توغرىلىقى بىلەن تونۇلغ ان زات ئىدى ئىمام ئەزەم ئۇستازى ھەممادنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، مەسجىد ىكىت تالىبلارنى ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئۇ تالىبلارغا ئىنتايىن مېھرىبان ۋە كۆيۈمچان ئىدى ھەتتا ئىمام ئەبۇ يۈسۈپكە ئوخشىغان بەزى كەمبەغەل تالىبلارنىڭ مەئىشەت يولىدىكى پۈتۈن چىقىملىرىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى ئوقۇش بىلەنلا شۇغۇللىنىشقا ئۈندەيتتى ئىمام ئەزەم تالىبلارنى ئوقۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا تىجارەت ئىشىنىمۇ ئاقساتمى، غان بولۇپ كۇفە شەھىرى مەركىزىدە خام ۋە يېپەك ساتىدىغان دۇكىنى بار ئىدى ئۇنى ئۆزىنىڭ شې رىكى ماڭدۇرۇپ پايدىسىدىن ئۇنىمۇ نېسىۋىدار قىلاتتىكەن ئىمام ئەزەمنىڭ كۆپلىگەن ئەسە رلىرى بو لۇپ، ئەڭ مەشھۇرلىرى« ئەل فىقھ ۇل ئەكبەر»، «ئەل مەخارىج فى ئەلفىقھ » دېگەن كىتابلىرىدۇر ئىمام ئەزەم ھىجرىيىنىڭ 150 -يىلى ( - يىلى 14 - ئىيۇن كۈنى) يېشىدا باغداد شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، باغداد شەھىرىنىڭ ئەئزەمىيە رايونى، دىجلە دەرياسىنىڭ شە رقىدىكى خىرزان قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان ئىمام ئەزەمنىڭ ئىسلام ىقھىشۇناسلىقىدىكى مەرتىبىسى.
جاۋاب: ئىمام ئەزەم ئىسلام فىقھىشۇناسلىقىنىڭ ئاساسچىسى ۋە دۇنيادىكى مەشھۇر 4 مەزھەبنىڭ پېشىۋاسىدۇر ئىمام شافىئىينىڭ ئۇستازى ۋەكىئ ئىبنى جەرراھ: ئىمام ئەزەمنى تەرىپلەپ مۇنداق دېگەن «ئىمام ئەزەمدىن ئالىمراق ۋە ئۇنىڭدەك ياخشى ناماز ئوقۇيدىغان بىرىنى كۆرگىنىم يوق»(1) ئىمام شافىئىي ئىمام ئەزەمنىڭ ئىلمىي مەرتىب: ىسىنى بايان قىلىپ« فىقھى ئىلمىدا ھەممىمىز ئىمام ئەزەمگە موھتاجمىز»(2) دېگەن ئىكەن: ئاتاقلىق تىلشۇناس ۋە فىقھىشۇناس ئالىم نەزر ئىبنى شەمىل مۇنداق دېگەن ئىكەن « كىشىلەر ھەممىسى ئۇيقۇدا ئىدى، ئىمام ئەزەم ئۆزىنىڭ ماھارىتى بىلەن ئۇلارنى ئويغاتتى»(3) ئاتاقلى: ق فىقھىشۇناس ئالىم ئىبنى مۇبارەك مۇنداق دېگەن« فىقھى ئىلمىدە ئىمام ئەزەمدەك كامالىغا يەتكەن بىرىنى كۆرمىدىم، تەقۋادارلىقتىمۇ ئۇنىڭدەك بىرىنى كۆرمىدىم»(4) ھەنە ىي مەزھىبىنىڭ ىقھىي مەسىلىلىرىنى توپلىغانلار.
جاۋاب: ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ فىقھىي مەسىلىلىرىنى ئىمام ئەزەمنىڭ شاگىرتلىرىدىنتىن كۆپرەك ئالىم يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەشھۇرلىرى تۆۋەندىكى ئۈچ كىشىدۇر: (1 ) ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ، تولۇق ئىسمى- ئى براھىم ئوغلى ياقۇب ئەل ئەنسارى ھىجرىيىنىڭ -يىلى ( )م كۇفە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ئۇ كىچىكىدىن دىنىي ئىلىملەرگە ق اتتىق قىزىقىش بىلەن يۈزلىنىپ، ئىمام ئەزەمنىڭ قولىدا 17 يىل مۇنتىزىم ئوقۇ پ يېتىشكەن م ۇجتەھىد ئالىم ئابباسىيلار خەلىپىلىرىدىن خەلىپە مەھدىنىڭ زامانىدا باغداتتا تارىختا بىر ىنچى قېتىم قازىلىق مەنسىبى ۋە قازى ئاتالغۇسى بارلىققا كېلىپ، ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ ئىسلام تارىخىدا تۇنجى قېتىم قازىلىق ۋەزىپىسىنى قىلغان كىشى بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىنىدۇ كېيىنچە دۇنياغا مەشھۇر خەلىپە ھارۇن ئەل رەشىدنىڭ زامانىدا ئۇنىڭ مەنسىبى تېخىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ قازى قۇزات ( قازىلارنىڭ قازىسى) بولۇپ تەيىنلەنگەن ئىمام ئەبۇ يۈسۈپنىڭ قازىلىق دەۋرى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭ گۈللىنىشى ۋە كەڭ تارقىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت قى لغان ئىمام ئەبۇ يۈسۈپ ئىمام ئەزەمنىڭ بىرىنچى شاگىرتى بولۇپ، كاتتا ئۆلىما ئىدى، نۇرغۇنلىغان كىتابلارنى يېزىپ قالدۇرغان، تۇنجى بولۇپ ئۇسۇلى فىقھى (قانۇنشۇناسلىق پىرىنسىپى)نى ئىجاد قىلغان كىشىدۇر ئۇ ھىجرىيىنىڭ -ى يىل ( 799 م - ئاپرىل كۈنى، ) يېشىدا باغداتتا ئالەمدىن ئۆتكەن، جىنازا نامىزىنى مەشھۇر ئابباسىيلار خەلىپ ىسى ھا رۇن رەشىد ئۆزى ئوقۇغان
(1) باغدادنىڭ تارىخى 13 - توم 345 - بەت
(2) باغدادنىڭ تارىخى 3 - توم 323 - بەت
(3) تەھزىب ئەل تەھزىب 5 - بەت 604 - بەت
(2) تەھزىب ئەل تەھزىب 5 - بەت 604 - بەت
(4) تەرتىب ئەل مەدارىك 3 - توم 300 - بەت ىلھەئ ەننۈس ىرىلناملۇسۇم ادىسىرائ رۋەد ناقتاۋىرۈس ىھقىف رەلبەھزەم (2، ) ئىمام مۇھەممەد، تولۇق ئىسمى ھەسەن ئوغلى مۇھەممەد ئەل شەيبانىي بولۇپ ھىجرىيىنىڭ 132 -يىل ( ى 749 )م ئىراقتا دۇنياغا كەلگەن ئىمام مۇھەممەد ئىلىمدە كام ال تاپقان مۇجتەھىد ئالىملاردىن بولۇپ، ئىمام ئەبۇ يۇسۇفتىن قېلىشماي تتى ئۇ شۇ زاما ننىڭ ئە ڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن ئىدى ئۇ ئىمام ئەزەمنىڭ ئىككىنچى شاگىرتى بولۇپ، ئىمام ئەزەمنىڭ ۋ اپاتىدىن كېيىن ئىمام ئەبۇ يۈسۈپتە ئوقۇغان ھىجرىيىنىڭ 187 -يىلى ( )م ئالەمدىن ئۆتكەن
(3) ئىمام زۇفەر ئەلھۇزەيل ھىجرىيىنىڭ 108 - يىلى ( )م ھازىرقى ئىراقنىڭ كۇفە ش ەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ھەنەفىي مەزھىبىدىكى كاتتا مۇجتەھىدلاردىن بولۇپ، ئىمام ئەزەمنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، خېلى كۆپ مەسىلىلەرنى يېشىپ چىقارغان كىشىدۇر ئىمام زۇفەر ھىجرىيىنىڭ 157 - يىلى ( )م تەخمىنەن 47 ياشلار ئەتراپىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەن ەفىي مەزھىبىدە مۇھىم مەسىلىلەردىن مەسىلىدە ئىمام زۇفەرنىڭ رەيى بويىچە ئىش كۆرۈلۈپ كەلمەكتە (1) مالىكىي مەزھىبى.
جاۋاب: مالىكىي مەزھىبى- ئەھلى سۈننە مەزھىب ىگە مەنسۇب بولغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ قوبۇل قىلىنغان مەشھۇر 4 مەزھەبنىڭ ئىككىنچىسىد ۇر مالىكىي مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام مالىك بولۇپ، تولۇق ئىسمى مالىك ئىبنى ئەنەس ئىبنى مالىكتۇر ئىمام مالىك ھىجرىيىنىڭ 93 -يىلى ( )م مەدىنە مۇنەۋۋ ەرە شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن ئۇ ھەدىسشۇناسلىق ۋە فىقھىشۇناسلىقتا كامالەتكە يەتكەن مۇجتەھىد ئالىم بولۇپ، كۆ پلىگەن دىنىي ئەسەرلەرنى يازغان ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى«ئەل مۇۋەتتە »د ۇر ئىمام مالىك ھىجرىيىنىڭ 179 -يىلى (
- م م ەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە 84 يېشىدا ئالەمد ىن ئۆتكەن مالىكىي مەزھىبى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە مەيدانغا كېلىپ ھىجاز ( مەككە، مەدىنە ۋە بۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى جايلار)، مىسىر، ئافرىقا دۆلەتلىرى، ماراكەش، ئەندەلۇس (ئىس )پانىيە قاتارلىق رايونلارغىچە بېرىپ يەتكەن ھازىرقى زاماندا مالىكى مەزھىبىنىڭ ئەڭ نوپ ۇ زلۇق رايونلىرى ئافرىقا دۆلەتلىرى، ماراكەش، تۇنىس، ئالجىرىيە، لىبىيە، سۇدان قاتارلى ق دۆلەتلەر بولۇپ، ئىراق، ھىجاز، پەلەستىن ۋە سۈرىيەلەردىمۇ ئاز ساندا تېپىلىدۇ شا ىئىي مەزھىبى.
جاۋاب: شافىئىي مەزھىبى- ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە مەنسۇب بولغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ قوبۇل قىلىنغان مەشھۇر 4 مەزھەبنىڭ ئۈچىنچىسىدۇ ر شافىئىي مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام شافىئىي بولۇپ، تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبنى ئىدرىس ئەل شافىئىيدۇر ئىمام شافىئىي ھىجرىيىنىڭ 150 -يىلى ( )م ھازىرقى پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدا
(1) «ئىسلام فىقھىغا كىرىش »ناملىق ئەسەردىن دۇنياغا كەلگەن ۋە ئىككى يېشىدا ئاتىسى بىلەن مەككىگە كەلگەن كېيىنچە ئىمام مالىكتا فىقھى ۋە ھەدىس ئىلىملىرىنى ئوقۇغان ئەرەب تىلى، ئەرەب ئە، دەبىياتى قۇرئان، ھەدىس ۋە فىق ھى ئىلىملىرىدە كامالەتكە يەتكەن ئىمام شافىئىي ھاياتىدا نۇرغۇن لىغان قىممەتلىك دىنىي ئەسەرلەرنى ۋە شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان مۇجتەھىد ئالىمدۇر ئۇ يەنە ئىراققا بېرىپ ئىمام ئەزەمنىڭ شاگىرتلىرىدا فىقھى ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن كېيىنچە مىسىرغا ھىجرەت قىلغان ۋە ھىجرىيىنىڭ 202 -يىل ( ى 819 )م مىسىردا ۋاپات بولغان ئىمام شافىئىينىڭ«كونا » ۋە«يېڭى » ئىككى مەزھىبى بولۇپ، ئىراقتىكى ۋاقتىدا كونا مەزھىبى، مىسىرغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېڭى مەزھىبى ئوتتۇرىغا چىققان شافىئىي مەزھىبى ھازىر مىسىر، پەلەستىن، كۇردلار ياشايدىغان رايونلار، ئىران ھېندۇنۇزىيە، پاكىستان ۋە لىۋان قاتارلىق جايلاردا ئورۇن ئالماقتا ھەنبەلىي مەزھىبى.
جاۋاب: ھەنبەلىي مەزھىبى- ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە مەنسۇب بولغان مۇسۇلمانلار ئارىسىدا بىردەك ئېتىراپ قىلىنىپ قوبۇل قىلىنغان مەشھۇر 4 مەزھەبنىڭ تۆتىنچىسىدۇر ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل بولۇپ، تولۇق ئىسمى ئەھ مەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل ئەل شەيبانىيدۇر ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل ھىجرىيىنىڭ - يىلى ( )م ھازىرقى تۈركمەنىستاننىڭ مەرۋە دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن باغدات، مەككەيەمەن، شا ( م سۈرىيە ۋە لېۋان)، بەسرە ۋە كۇفە شەھەرلىرىدە ئىلىم تەھسىل ق ىلغان مۇجتەھىد ئالىم ئىمام شافىئىي باغدادتا بولغان چاغلىرىدا ئۇنىڭدا ف ىقھى ئىلىملى رىنى ئوقۇ غان كۆپلىگەن دىنىي ئەسەرلەرنى يازغان باغداتتىكى ئابباسىيلار خەلىپىسى مەئمۇن مۇتە زىلە مەزھىبىنىڭ“قۇرئان مەخلۇقتۇر” دەيدىغان پىكرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئۆلىمالارنى بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلىشقا زورلىغاندا، ئىمام ئەھمەد بۇ پىكىرنى قوبۇل قىلمىغا ن شۇ سەۋەبلىك 28 ئاي تۈرمىدە ياتقان ھەمدە كۆپ ئازاب– ئوقۇبەتلەرنى تارتقان ئۇ ھىجرىيىنىڭ 271 -يىل ( ى 855 )م ھازىرقى ئىراقنىڭ پايتەختى باغداد شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن ھەنبەلىي ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نەجد رايونىدا پۈتۈنلەي ئورۇن ئالغان بولۇپ، ھىجازدىمۇ كۆپ ساندا تېپىلىدۇ پەلەستىن، سۈرىيە ۋە لىۋان قاتارلىق دۆلەت لەردە شافىئىي مەزھىبىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ مەزھەب ھەنبەلىي مەزھىبى ھېسابلىنىدۇ شىئەلەردە دەۋر سۈرىۋاتقان مەشھۇر ىقھى مەزھەبلەر.
جاۋاب: شىئەلەردە دەۋر سۈرىۋاتقان مەشھۇر فىقھىى مەزھەبلەر زەيدىيە ۋە جەئفەرىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەزھەبتۇر زەيدىيە مەزھىبى- تۆتىنچى خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ چە ۋرىلىرىدىن زەيد ئىبنى ئەلى ئىبنى زەينىل ئابىدىن دېگەن كىشىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، بولۇپ بۇ كىشى ئىمام ئەبۇ ھەنىفە بىلەن زامانداش ئىدى ىلھەئ ەننۈس ىرىلناملۇسۇم ادىسىرائ رۋەد ناقتاۋىرۈس ىھقىف رەلبەھزەم زەيدىيە مەزھىبىنىڭ فىقھىي قاراشلىرى ئەھلى سۈننە مەزھىبى دىكى مەشھۇر 4 مەزھەبنىڭ فىقھىي قاراشلىرىغا ئەڭ يېقىن دۇر ئېتىقادىي قاراشلىرى مۇتەزىلە مەزھىب ىنى ئاساس قىلىدۇ ھەتتا مۇتەزىلە مەزھىبى ئىمام زەيدنى ئۆزلىرىنىڭ پىكرىي جەھەتتىكى ئىمامى ھېسابلايدۇ بۇ مەزھەب مىلادىيە 8 - ئەسىردە مەيدانغا چىققان بولۇپ، ھازىر يەمەن جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيىسى ئىچىدە دەۋر سۈرمەكتە جەئفەرىيە مەزھىبى– ئەھلى بەيتنىڭ 6 – چوڭ ئىمامى ۋە كاتتا ئالىم ئىمام جەئفەر ئىبنى مۇھەممەد سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇرىد، لىرى بولۇپ بۇ كىشى شىئەلەرنىڭ فىقھىي مەسىلىلىرى بويىچە ئەڭ چوڭ ئىمامى ھېسابلىنىدۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىفە كۇفە شەھىرىدە، ئىمام مالىك مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە ئىمام جەئفەر سادىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كۆپلىگەن فىقھىي مەسىلىلەرنى ئۆگەنگەن جەئفەرىيە مەزھ ىبى ھازىر ئىران، ئىراق، ئەزەربەيجان، بەھرەين، لىۋان، تاجىكىستان پاكىستان، ھىندىستان ۋە ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە دەۋر سۈرمەكتە ئەھلى سۈننە مەزھىبى ئىچىدە تۆگەپ كەتكەن ىقھىي مەزھەبلىرى.
جاۋاب: ئەھلى سۈننە مەزھىبى ئىچىدەت ۈ گەپ كەتكەن فىقھىي: مەزھەبلىرى تۆۋەندىكىلەر
(1) ئىمام لەيس ئىبنى سەئىد (
93-174 /ھ 712 - 791 م) نىڭ مەزھىبى بۇ مەزھەب مىسىردا مەيدانغا چىققان بولۇپ، ئىمام شافىئىينىڭ مەزھىبى ئومۇملاشقانغا قەدەر داۋام قىلغان (2 ( ) ئىمام داۋۇد زاھىرىي 199-269 /ھ 815 - م) نىڭ مەزھىبى بۇ مەزھەب باغدادتا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ 4 - ئاساسى بولغ ان قىياسنى ئېتى راپ قىلمايتتى، ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلىپ كېيىنچە يوقىلىپ تۆگەشكەن (3 ( ) ئىمام ئابدۇراھمان ئەۋزائىي 88-157 /ھ 707 - م) نىڭ مەزھىبى بۇ مەزھەب سۈرىيى دە مەيدانغا چىققان بولۇپ سۈرىيە، لىۋان، ئىسپانىيە قاتارلىق جايلاردا ئوم ۇملاشقان، كېيىنچە سۈرى يىدە ئىمام شافىئىينىڭ، ئىسپانىيى دە ئىمام مالىكنىڭ مەزھىبى ئومۇمل ىشىشى نەتىجىسىدە، بۇ مەزھەبكە ئەگىشىدىغانلار تەدرىجىت ۈ گەپ كەتكەن بىَنىڭ ىقھىي مەسىلىلىرىدىكى َمەزھىبىمى.
جاۋاب: بىزنىڭ فىقھىي مەسىلىلىرىدىكى مەزھىبىمىز ھەنەفىي مەزھىبى بولۇپ، ئىمام ئەزەمنىڭ مەزھىبى دەپمۇ ئاتىلىدۇ مەزھەب ئىمامىمىز ئىمام ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە دېگ ەن كىشىدۇر.
جاۋاب: تۈركىستان، جۇڭگۇ، ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، مەملىكەتلىرى، تاتارىستان قاتارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى، تۈركىيە، مىسىر لىۋان، سۈرىيە، ئېئوردانىيە ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنى ڭ كۆپ سانلىقى ھەنەفىي مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ مىسىر، لىۋان، سۈرىيە، ئېئوردانىيە، ئافغانىستان ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مەھكىمە شەرئىيلەر ھازىرمۇ ئىمام ئەزەمنىڭ مەزھىبى بويىچە ئىش كۆرمەكتە ئومۇمەن ئوسمانىي خەلىپىلىك ( ى ئوسمان ئىمپېرىيىسى) ھۆكۈمرانلىق قىلغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە ئىمام ئەزەمنىڭ مەزھىبى ئورۇن ئالغان دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ كۆپرەكى ھەنەفىي مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ جەنۇبىي ئامېرىكىدىمۇ 25 مىليوندىن كۆپرەك مۇسۇلمان ھەنەفىي مەزھىبىگە ئەگىشىدۇ (1)
(1) «المدخل في الفقە » ناملىق ئەسەردىن مەزھەبگە ئەگىشىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر.
جاۋاب: ئىسلام دىنىي مۇسۇلمانلارنى باشقا دىنلار دىكىگە ئوخشاش قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىشقا تەشەببۇس قىلمايدۇ، بەلكىت ە قلىدچىلىكنى ناھايىتى قاتتىق سۆكىدۇ چۈنكى ئىسلامدىنى كىشىلەرنى ئالدى بىلەن ئەقىل ئىشلىتىشكە ئۆزىنىڭ پايدا– زىيىنىنى بىلىپ، توغرا يولغا ئەگىشىشكە چاقىرىدۇ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھيىنىڭ﴿ئوقۇ﴾(1) ئەمرى بىلەن باشلانغانلىقى يەنە قۇرئان كەرىمنىڭ﴿ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقلىقىنى بىلگ ىن﴾(2) دېگەن چاقىرىقى كىشىلەرنى ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىنى تونۇش ئۈچۈن ئوقۇشقا، ئاندىن پايدىلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە چاقىرىشتا قاتتىق تەلەب قوي ۇل غانلىقىنى، ئىپادىلىسە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەرەب مۇشرىكلىرىنىڭ ئەقىل ئىشلەتمەستىن، توغرا– خاتانى ئايرىماستىن، ھەدەپ ئاتا- بوۋىلىرىنى قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىشتەك بېكىنمە روھىي ھالىتىنى سۆكۈپ ﴿ ئۇلارغا ئاللاھ چۈشۈرگەن ھۆكۈمگە، پەيغەمبەر بايان قىلغان ھۆكۈمگە: ئەگىشىڭلار دېيىلسە، ئۇلار« ئاتا– بوۋىلىرىمىزنىڭ دىنى بىزگە كۇپايە» دەيدۇ﴾(3) دېگەنلىكى ئىسلام دىنىنىڭ پى كىر ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىش، ئەق ىلنى قولل ىنى پ ئىش كۆرۈشكە چاقىرىشتەك ئەۋزەللىكىنىڭ ۋە ھەققانىيلىقىنىڭ ئايرىم بىر دەلىلىدۇر ئەمما قۇرئان كەرىم كۇففار لارنى تەقلىد قىلىش نى سۆككەن بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارن ىڭ ئۆزلىرى مۇستەقىل بىلەلمىگەن مەسىلىلەردە، ئۆلىمالارنى تەقلىد قىلىشىنى چەكلىگەن ئەمەس ئىسلام مەزھەبلىرىنى تەقلىد قىلىش مەسىلىسى، ئەمدى ئىسلام مەزھەبلىرىنى تەقلىد قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئېتىقادىي مەسىلىلەردە ئەھلى سۈننە مەزھىبىگە ئەگىشىش زۆرۈردۇر چۈنكى ئەھلى سۈننە– پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا تولۇق ئەگىشىشنى ئاساس قىلغان ھالدا بارلىققا كەلگەن، ئېتىقادى ئە ڭ ساغلام مەزھەبتۇر شۇ سەۋەبتىنمۇ دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى بۇ مەزھەبكە ئەگىشىدۇ چۈنكى ئىنساننىڭ ئېتىقادى توغرا ۋە ساغلام بولمىسا، ئۇنىڭ قى لغان ئەمەل– ئىبادەتلىرى پايدا بەرمەيدۇ ئەمما ئەمەل– ئىبادەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك فىقھىي مەزھەبلەرگە ئەگىشىش مەسىلىسى: مۇنداق (1 ) ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە، قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئۆزلىرى
(1) قۇرئان كەرىمدىن ئەڭ دەسلەپ چۈشكەن ۋەھيى ئەلەق سۈرىسىنىڭ بېشىدىن مۇنۇ 5: ئايەتتۇر« ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇغىن ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر ئۇ قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ئۆگەتتى ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۈردى »(2) مۇھەممەد سۈرىسى 19 - ئايەت
(3) مائىدە سۈرىسى 104 - ئايەت ئوقۇپ، چۈشىنىپ، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى بىلىشتىن ئاجىز كەلگەن ئاۋام خەلقنىڭ ئە مەل–، ئىبادەت مەسىلىلىرىدە مۇئەييەن بىر مەزھەپنى تەقلىد قىلىشى (ئەگىشىشى) جائىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلار ئۈچۈن ياخشىدۇر چۈنكى ئاۋام خەلقمۇ ئاللاھ تائالا چۈشۈرگەن شەرىئەت بويىچە ئىش كۆرۈشكە چاقىرىلغان شەرىئەت بويىچە ئىش كۆرۈش ئۈچۈن شەرىئەت ئەھكاملى رىنى ئۆگىنىش شەرت ئۇلارنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى ئۆگىنىشىنىڭ بىرلا يولى بىلگەنلەرنى تەقلىد قىلىشتۇر ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بىلمەيدىغان كىشىلەرنى بىلىدىغان ئۆلىمالاردىن سوراپ ئۆگىنىشكە ئەمر قىلغان﴿ ئەگەر بىلمىسەڭلار، ئىلىم ئەھلىلىرىدىن سوراڭلار﴾(1) (2 ) شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ دەلىللىرىنى ئۆز ئىجتىھادى بىلەن كۈچلۈك ياكى زەئىپ دەپ ئايرىيالايدىغان مەرتىبىگە يەتمىگەن ئۆلىمانىڭ مۇئ ەييەن بىر مەزھەپنى تەقلىد قىلىش ياكى قىلماسلىقى ئىختىياردۇر يەنى خالىسا بىرەر مەزھەبكە ئەگىشىدۇ، خالىسا ئۆزى بىلگ ەنچە ئىش كۆرىدۇ
(3) ئۆز ئىجتىھادى بىلەن شەرىئەت دەلىللىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، ئۇلاردىن دىنىي مەسىلىلەرنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش سەۋىيىسىگە يەتكەن كىشىنىڭ كۈچى يەتمىگەن بەزى مەسىلىلەردىلا باشقا بىرىنى تەقلىد قىلىشى جائىزدۇر ئەمما ئۆزىنىڭ كۈچى يې تىدىغان مەسىلىلەردە باشقىلارنى تەقلىد قىلىشى جائىز ئەمەس.
