ئىبادەتنىڭ ئەسلىي ماھىيىتى
This content is not yet available in your language.
ئىبادەتنىڭ ماھىيىتى ۋە قوبۇل بولۇش شەرتلىرى (سوئال 164 – 169)
بۆلۈم: “ئىبادەتنىڭ ماھىيىتى ۋە قوبۇل بولۇش شەرتلىرى (سوئال 164 – 169)”جاۋاب: ئىبادەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى — ئاللاھ تائالاغا ئەڭ كەمتەرلىك، ئەڭ سەمىمىي مۇھەببەت ھەم ئىخلاس بىلەن ئىتائەت قىلىش دېمەكتۇر.
جاۋاب: ئىمان ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن شەرتتۇر. ئىمانسىز كىشىنىڭ قىلغان ئىبادىتىنى ئاللاھ تائالا قوبۇل قىلمايدۇ. ئىبادەتلەرنى ھورۇنلۇق تۈپەيلى ئورۇندىمىغان ئادەم گۇناھكار بولسىمۇ، ئېتىقادىنى ئىنكار قىلمىغىچە كاپىر بولمايدۇ.
جاۋاب: ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى 5 ئىبادەتتۇر: (1) كەلىمە شاھادەت ئېيتىش. (2) ھەركۈنى بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش. (3) مال-مۈلكى نىسابقا يەتكەندە زاكات بېرىش. (4) رامىزان روزىسى تۇتۇش. (5) قۇدرىتى يەتكەندە ھەج قىلىش.
جاۋاب: ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئۆزىنى ئىبادەتلەر سايىسىدا يېتىلدۈرۈپ، ئېسىل ئەخلاق-پەزىلەتلىك ئىنسانلاردىن بولۇشتۇر.
جاۋاب: ئاللاھ ئۆزى بۇيرۇغان ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىلىپ كۆرسەتكەن بويىچە ئىبادەت قىلىش كېرەك.
جاۋاب: ئىككى ئاساسلىق شەرت بار: (1) پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، خالىس نىيەت بىلەن قىلىش. (2) قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەرگە، شەرىئەت كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن قىلىش.
ئىبادەتتە ئىخلاس، نىيەت ۋە ئىھسان (سوئال 170 – 174)
بۆلۈم: “ئىبادەتتە ئىخلاس، نىيەت ۋە ئىھسان (سوئال 170 – 174)”جاۋاب: چىن ئىخلاس، قەلب مۇھەببىتى ۋە كەمتەرلىك بىلەن، ئىھسان تەرىقىسىدە ئورۇنداشتۇر.
جاۋاب: ئىھسان — ھەر بىر ئىبادەتنى خۇددى ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ھېس-تۇيغۇ بىلەن ئورۇنداشتۇر. ھەدىستە: «ئىھسان — خۇددى سەن ئاللاھنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشىڭدۇر، گەرچە سەن ئاللاھنى كۆرمىسەڭمۇ، ئاللاھ سېنى كۆرۈپ تۇرىدۇ» دېيىلگەن.
جاۋاب: ئىخلاس — ئەمەلنى كۆز-كۆز قىلىش (رىيا) ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىش دېمەكتۇر. ئىخلاسسىز ئەمەل ساختا پۇلغا ئوخشاش بولۇپ، ئاللاھ دەرگاھىدا قوبۇل بولمايدۇ.
جاۋاب: نىيەت — دىلدىكى مەقسەت دېمەكتۇر. ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى نىيەتكە باغلىقتۇر. ھەدىستە: «ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشى پەقەت نىيەتلەرگە باغلىقتۇر، ھەركىم نىيەت قىلغىنىغا ئېرىشىدۇ» دېيىلگەن.
جاۋاب: ئاللاھ ياقتۇرىدىغان بارلىق ياخشى سۆز ۋە ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ناماز، زاكات، روزا، ھەج، ئەدەپ-ئەخلاق، راستچىللىق، ئىلىم ئۆگىنىش، ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش، سىلە-رەھىم، يېتىملەرگە ياردەم قىلىش، زىكىر-دۇئا ۋە ياخشى نىيەت بىلەن قىلىنغان دۇنيالىق ئىشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىبادەت تۈرلىرى ۋە ئورۇنداش شەرتلىرى (سوئال 175 – 181)
بۆلۈم: “ئىبادەت تۈرلىرى ۋە ئورۇنداش شەرتلىرى (سوئال 175 – 181)”جاۋاب: ئۈچ تۈرلۈكتۇر: جىسمانىي ئىبادەتلەر، ئىقتىسادىي ئىبادەتلەر ۋە ھەم جىسمانىي ھەم ئىقتىسادىي ئىبادەتلەر.
جاۋاب: تەننىڭ ھەرىكىتى بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتلەر بولۇپ: ناماز، روزا، ئاتا-ئانىغا خىزمەت قىلىش، ھالال رىزىق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش قاتارلىقلاردۇر.
جاۋاب: مال-پۇل سەرپ قىلىش بىلەن ئورۇندىلىدىغان ئىبادەتلەر بولۇپ: زاكات، پىتىر سەدىقىسى، سەدىقە ۋە خەير-ئېھسان قىلىش قاتارلىقلاردۇر.
جاۋاب: ھەم تەننىڭ ھەرىكىتى ھەم پۇل-مال سەرپ قىلىش بىلەن ئورۇندىلىدىغان ئىبادەتلەر بولۇپ، ھەج ۋە ئۆمرە قىلىشقا ئوخشاش ئەمەللەردۇر.
جاۋاب: (1) تەپەككۇر بىلەن ئىبادەت قىلىش. (2) قەلب بىلەن ئىبادەت قىلىش (سۆيگۈ، تەقۋالىق، رەھمەتتىن ئۈمىدۋار بولۇش). (3) تىل بىلەن ئىبادەت قىلىش (قۇرئان تىلاۋىتى، زىكىر، تەسبىھ). (4) تەن بىلەن ئىبادەت قىلىش (ناماز، روزا). (5) پۇل-مال بىلەن ئىبادەت قىلىش (زاكات، سەدىقە). (6) جاننى پىدا قىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىش (جىھاد). (7) ۋەتەندىن ئايرىلىش بىلەن ئىبادەت قىلىش (ھەج، ئىلىم تەلەپ قىلىش).
جاۋاب: ئىبادەتكە سالاھىيەتلىك بولغان (مۇسۇلمان، ئەقلى پۈتۈن ۋە بالاغەتكە يەتكەن) كىشىلەر ئىبادەت ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.
جاۋاب: ئۈچ تۈرلۈكتۇر: (1) مۇسۇلمان بولۇش. (2) ئەقلى جايىدا بولۇش. (3) بالاغەتكە يەتكەن بولۇش.
بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىشى ۋە نىشانلىرى (سوئال 182 – 183)
بۆلۈم: “بالىلارنىڭ بالاغەتكە يېتىشى ۋە نىشانلىرى (سوئال 182 – 183)”جاۋاب: قىزلار 9 ياشتىن، ئوغۇللار 12 ياشتىن باشلاپ بالاغەتكە يېتىشكە قەدەم باسىدۇ. بالاغەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكى 15 ياشتۇر. 15 ياشقا توشقاندا تەبىئىي ئالامەت كۆرۈلمىسىمۇ بالاغەتكە يەتكەن ھېسابلىنىپ، قىلغان ئەمەللىرىگە ساۋاب ۋە گۇناھ يېزىلىدۇ.
