زاكات ۋە ئۇنىڭ ئەھكاملىرى
This content is not yet available in your language.
زاكاتنىڭ مەنىسى، ئەھمىيىتى ۋە پەرز بولۇش نىسابى (سوئال 507 – 517)
بۆلۈم: “زاكاتنىڭ مەنىسى، ئەھمىيىتى ۋە پەرز بولۇش نىسابى (سوئال 507 – 517)”جاۋاب: زاكات – لۇغەت ئېتىبارى بىلەن پاكلاش ۋە ئۆستۈرۈش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. زاكاتنىڭ ئىسلام ئىستىلاھىدىكى مەنىسى: مەخسۇس شەرتلەرگە ئاساسەن، مۇئەييەن مىقداردىكى پۇل-مالنى ھەقلىق بولغان شەخسلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىش دېگەنلىكتۇر.
جاۋاب: زاكات پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ 18 ئايدىن كېيىن، ھىجرىيىنىڭ 2-يىلى (مىلادى 623) شەۋۋال (قەمەرىيە ئايلىرىدىن 10-ئاي)دا مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە پەرز قىلىنغان.
جاۋاب: زاكات - ئىسلام دىنىدىكى چوڭ 5 پەرزنىڭ بىرى ۋە زۆرۈر بولغان ئىجتىمائىي ئىبادەت بولۇپ، ئىماندىن كېيىنلا بۇيرۇلغان ئەڭ بىرىنچى پەرز ناماز بىلەن ياندىشىپ كەلگەن ئەڭ ئەھمىيەتلىك پەرزدۇر. شۇڭا قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە زاكات ھەمىشە ناماز بىلەن بىرگە بايان قىلىنغان. ئاللاھ تائالا قولىدا بار مۇسۇلمانلارنى زاكات پەرزىنى ئادا قىلىشقا بۇيرۇپ: ﴿وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ﴾ «نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى (ئۆز جايىغا) بېرىپ ئادا قىلىڭلار»(1) دېگەن. ئاللاھ تائالا بەرگەن مال-پۇلنىڭ زاكىتىنى ئىسلام شەرىئىتىدە كۆرسىتىلگەن بويىچە ئادا قىلىش ئەڭ پەزىلەتلىك ۋە ئۇلۇغ ئىبادەتلەرنىڭ بىرى بولغىنىدەك، ھەقىقىي مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسىنىڭ بېشىدىلا ھەقىقىي مۆمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿الَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ وَيُقِيمُونَ الصَّلَاةَ وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنفِقُونَ﴾ «ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ، نامازنى ئادا قىلىدۇ، ئۇلار بىز بەرگەن مال-پۇلدىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدۇ»(2).
جاۋاب: مال-پۇل ئىگىلىرىنىڭ قولىدىكى مال-پۇلنىڭ زاكىتى جەمئىيەتتىكى ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ئاللاھ بەرگەن ھەققىدۇر. شۇڭا زاكات بەرگەن كىشىنىڭ ئېھتىياج ئىگىلىرىگە زاكات بەرگەنلىكى ئۈچۈن مىننەت قىلىش ھەققى يوق، چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا زاكاتلىرىنى تولۇق ئادا قىلغۇچىلارنى ھەرگىز مۇكاپاتسىز قويمايدۇ. پۇل-مېلىنى ئاللاھ يولىدا ئېھتىياجلىق تەرەپلەرگە سەرپ قىلغان كىشىنىڭ ھەر بىر تىيىن پۇلى ئۈچۈن 700 تىيىن ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق كۆپەيتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى قۇرئان كەرىم ۋەدە قىلغان. بۇلار ياردەمنىڭ بۇ دۇنيالىق مۇكاپاتى، ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى مۇكاپاتىدىن سۆز ئاچىدىغان بولساق، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿الَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمْوَالَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ ثُمَّ لَا يُتْبِعُونَ مَا أَنفَقُوا مَنًّا وَلَا أَذًى ۙ لَّهُمْ أَجْرُهُمْ عِندَ رَبِّهِمْ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ﴾ «پۇل-مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن ئۇنىڭغا مىننەت قىلمايدىغان ۋە (خەير-ساخاۋىتىگە ئېرىشكەنلەرنى) رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ، ئۇلارغا (قىيامەت كۈنى) قورقۇنچ ۋە غەم-قايغۇ بولمايدۇ»(1).
جاۋاب: پېقىرلىق مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ئۈچۈن بىر نوقساندۇر. پېقىرلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھەل قىلىپ، جەمئىيەتتىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئوخشاش پاراۋانلىققا، باراۋەرلىككە ۋە بەختلىك تۇرمۇش تەرزىگە ئىگە قىلىشنىڭ بىردىن-بىر چارىسى — مۇسۇلمان بايلىرىنىڭ ئۈستىگە مەلۇم مىقداردا زاكاتنى پەرز قىلىپ بۇيرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن پېقىرلارنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارغا بۇ مۇقەددەس پەرزنى بەلگىلەش ئارقىلىق جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئادالەتنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان. «زاكات — بىر-بىرى بىلەن ياردەملىشىدىغان، بىر-بىرىنى سۆيىدىغان، ئادالەتلىك، شەپقەتلىك بىر جەمئىيەتنى بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ئامىلىدۇر. چۈنكى زاكات بايلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن جەمئىيەتتىكى پېقىرلارنىڭ ھالى ياخشىلانغانلىقى سەۋەبى بىلەن، پېقىرلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى بايلارغا قارىتا ئۆچمەنلىك، دۈشمەنلىك ۋە كۆرەلمەسلىك تۇيغۇلىرىنى يېڭىپ، بايلار بىلەن پېقىرلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا سۆيگۈ ۋە ھەمكارلىقنى پەيدا قىلىش ۋە دىنىي قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بەختلىك ھايات سۈرۈشىگە كېپىللىك قىلىدىغان بىر ئېسىل ئىبادەتتۇر»(1). قۇرئان كەرىم بىزگە راپاھىيەتلىك، پاراۋانلىق بىر ئېسىل جەمئىيەتنى بەرپا قىلىش يولىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەقسىم قىلىشنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيىدىكى مەدەنىي ھەم ئىلمىي پىرىنسىپلىرىنى ئۆگەتكەن. جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادىي مۇشكىلاتلارنى ھەل قىلىشتا قۇرئان پىرىنسىپلىرى يەر يۈزىدىكى ئەڭ مۇكەممەل پىرىنسىپلار ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ ئىقتىساد پىرىنسىپى شەخسىي مۈلۈكچىلىك بىلەن كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكى ئوتتۇرىسىدا ئەڭ ئادالەتلىك ۋە ئەڭ مۇناسىپ يولنى تۇتقان.
جاۋاب: ئىسلام نەزىرىدە، ئىنسانلار قانچىلىك كۆپ پۇل-مال ئىگىسى بولۇپ كەتسۇن ۋە بۇلارنى قانچىلىك جاپا بىلەن ئىشلەپ تاپقان بولسۇن، ئۇلار قوللىرىدىكى مال-مۈلۈكنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ئەمەستۇر. بەلكى ئۇلار بۇ پۇل-ماللارنى تەسەررۇپ قىلغۇچى ۋەكىللەر، خالاس. چۈنكى مال-مۈلۈكنىڭ ئەسلى ئىگىسى ۋە ئاتا قىلغۇچىسى ئاللاھ تائالادۇر! قۇرئان كەرىم بۇ ھەقىقەتنى جاكارلاپ مۇنداق دېگەن: ﴿لَّهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَمَا بَيْنَهُمَا وَمَا تَحْتَ الثَّرَىٰ﴾ «ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ۋە يەر ئاستىدىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر»(1). ئاللاھ تائالا مال-دۇنيانى ئىنسانلارغا ئىككى مەقسەت بىلەن بېرىدۇ: بىرى ئۇلارغا ئېھسان ۋە ئىنائەت قىلىش؛ يەنە بىرى، ئۇلارنى بۇ مال-دۇنيا بىلەن سىناش يۈزىسىدىن بېرىدۇ. مال-دۇنيا كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارى ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىگە كۆرە كېلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئاتا-ئېھسانىدۇر. ئوخشاش ئىقتىدارغا، ئوخشاش دىپلومغا ئىگە بولۇپ ئوخشاش ئىشتا ئىشلەيدىغان ئىككى ئادەمنىڭ بىرىنى ئاللاھ تائالانىڭ باي قىلىدىغانلىقى، يەنە بىرىنى ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك ياكى پېقىر قىلىدىغانلىقى بىر رېئاللىقتۇر.
جاۋاب: ئىسلام شەرىئىتى بويىچە مال-پۇلنىڭ ۋەزىپىسىنى تۆۋەندىكىدەك 3 كە قىسقارتىشقا بولىدۇ: (1) پۇل-مالنى ئىسلام شەرىئىتىدە كۆرسىتىلگەن ۋە بۇيرۇلغان يوللار بىلەن ئۆستۈرۈش. (2) پۇل-مالنى ئېھتىياجغا قاراپ، ئىسراپ قىلماستىن، ھەددىدىن ئارتۇق قىسىۋالماستىن نورمال دەرىجىدە سەرپ قىلىش. (3) پۇل-مالنىڭ زاكىتىنى تولۇق ئايرىش ۋە سەدىقە، ياردەم، خەير-ئېھسانغا ئوخشاش ئىختىيارىي ياردەم ۋاسىتىلىرى بىلەن ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش.
جاۋاب: ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارغا ئىشلەشنى پەرز قىلىپ بەلگىلىگەن ۋە ئىشلىگەننىڭ شېنىنى، قەدىر-قىممىتىنى ئالاھىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن يېگانە دىندۇر. مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقئارالىق رىقابەتكە دادىل كىرىپ ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئورنىنى ساقلاپ قېلىشى يولىدا ئىشلەشنىڭ رولى ئالاھىدە چوڭدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَىٰ﴾ «ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن نەرسىسىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»(1) دەپ كۆرسەتكەن. خەلقىمىزدە «ئىشلىگەن چىشلەيدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار. ھالال رىزىق تېپىش يولىدا ئىشلەش ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھالال رىزىق تېپىش يولىدا ئىشلەش جىھادتۇر»(2) دېگەن. بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «دۇنيالىقىنى دەپ ئاخىرەتلىكىنى ياكى ئاخىرەتلىكىنى دەپ دۇنيالىقىنى تەرك ئەتكەن كىشى سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئەمەس. ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئىشلەش كېرەك، چۈنكى دۇنيا ئاخىرەت يولىدىكى بىر قونالغۇدۇر. ئىشلەڭلار، كىشىلەرگە يۈك بولۇۋالماڭلار»(3). «قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ۋە بۇرۇنقىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئىشلەشنىڭ ئىسلام نەزىرىدە قانچىلىك قەدىر-قىممەتكە ئىگە ئىبادەت ئىكەنلىكىنى سۆزلىمەكتە. قۇرئان كەرىمدە «ئىشلەش» دېگەن ئىبارە 359 ئورۇندا تىلغا ئېلىنغان. ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئىشلەشكە ۋە شۇ ئارقىلىق تەرەققىي قىلىشقا چاقىرىدۇ. ئىشلەشكە قادىر بولغانلار ئۈچۈن ئىشلەشنى پەرز قىلدى. دېمەك، ئىشلەش ھەقىقىي ئىماننىڭ ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپ ئايەتلىرىدە «ئەمەل» (يەنى ئىشلەش)نى ئىمانغا يانداشتۇرۇپ بايان قىلغان»(4).
جاۋاب: پۇل-مال ياخشى ئىشلارنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ياردەمچى بولغاندەك، پۇل-مالغا مۇناسىۋەتلىك ھەق-ھوقۇقلارنى تونۇمىغانلىق ۋە ئادا قىلمىغانلىق ياكى پۇل-مالنى ئىسراپ قىلغانلىق سەۋەبتىن گاھىدا مال-پۇل كىشىلەرگە بالايىئاپەت ۋە بەختسىزلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئىنسانلارغا مال-دۇنيانى ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنى ياخشى يوللارغا ئىشلىتىشكە ۋە ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىكى ھەقلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشقا بۇيرىغان: ﴿وَأَحْسِن كَمَا أَحْسَنَ اللَّهُ إِلَيْكَ﴾ «ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ (ئاللاھنىڭ ئېھتىياجلىق بەندىلىرىگە) ياخشىلىق قىلغىن»(1)؛ ﴿وَالَّذِينَ فِي أَمْوَالِهِمْ حَقٌّ مَّعْلُومٌ لِّلسَّائِلِ وَالْمَحْرُومِ﴾ «ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمان پۇل ئىگىلىرىنىڭ) پۇل-ماللىرىدا تىلەيدىغان پېقىرغا ۋە تىلىمەيدىغان پېقىرغا بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مۇئەييەن ھەق (يەنى زاكات) باردۇر»(2). ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرىدە زاكاتنى ئادا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ۋە زاكاتنى بەرمىگۈچىلەرنىڭ ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان: ﴿وَلَا يَحْسَبَنَّ الَّذِينَ يَبْخَلُونَ بِمَا آتَاهُمُ اللَّهُ مِن فَضْلِهِ هُوَ خَيْرًا لَّهُم ۖ بَلْ هُوَ شَرٌّ لَّهُمْ ۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُوا بِهِ يَوْمَ الْقِيَامَةِ﴾ «ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن بەرگەن نەرسىلەرگە (يەنى پۇل-مالغا) بېخىللىق قىلىدىغانلار بېخىللىقىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ گۇمان قىلمىسۇن، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن زىيانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىسى قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ بوينىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ»(3). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان پۇل-مالنىڭ زاكىتىنى بەرمىگەن كىشىگە، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ مال-دۇنيالىرى ئىككى كۆزىنىڭ ئۈستىدە قورقۇنۇشلۇق قارا مېڭى بولغان ھەيۋەتلىك بىر يىلانغا ئايلىنىپ كېلىپ، ئۇنىڭ بوينىغا يۆگىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ دۇنيادا يىغقان مال-دۇنيايىڭ» دەيدۇ»(4).
جاۋاب: زاكات تۆۋەندىكى شەرتلەرگە توشقان كىشىلەرگە پەرز بولىدۇ: (1) مۇسۇلمان بولۇشى. (2) بالاغەتكە يەتكەن بولۇشى. (3) ئەقىل-ھوشى جايىدا بولۇشى. (4) پۇل–مېلى زاكات بېرىش مىقدارىغا يەتكەن بولىشى. (5) پۇل-مالغا ئىگە بولغىنىغا بىر يىل توشۇشى. (6) قەرزدار بولماسلىقى (ئەگەر ئۆزىنىڭ زاكات كەلگۈدەك پۇل-مېلى بار تۇرۇپ تىجارەت قىلىش مەقسىتىدە قەرز ئالغان بولسا، ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقى بولغان پۇلدىن زاكات بېرىدۇ).
جاۋاب: پۇل–مالنىڭ زاكات بېرىش مىقدارىغا يېتىش ئۆلچىمى 85 گرام ئالتۇن ياكى ئۇنىڭ خەلق پۇلىدىكى قىممىتىدۇر. يەنى بىراۋ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن تاشقىرى ئەڭ ئاز دېگەندە 85 گرام ئالتۇن كەلگۈدەك پۇل–مالغا ئىگە بولغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ زاكات ئايرىشى پەرزدۇر.
نەق پۇل، تىجارەت، چارۋا ۋە زىرائەتلەر زاكىتى (سوئال 518 – 532)
بۆلۈم: “نەق پۇل، تىجارەت، چارۋا ۋە زىرائەتلەر زاكىتى (سوئال 518 – 532)”جاۋاب: زاكات كېلىدىغان ماللار تۆۋەندىكىلەر: (1) نەق پۇل (2) تىجارەت ماللىرى (3) ئاشلىق، مېۋە ۋە كۆكتاتلار (4) چارۋا ماللىرى (5) يەر ئاستى بايلىقلىرى (6) دېڭىز بايلىقلىرى (7) شىركەت ھەسسىدارلىقى.
جاۋاب: ئالتۇن، كۈمۈش، يۈەن، تەڭگە، سوم، رىيال، دوللار ۋە باشقىمۇ خەلق پۇللىرىنىڭ زاكات مىقدارى 2.5% (يۈزدىن ئىككى يېرىم پىرسەنت)تۇر. يەنى نورمال ئائىلە ئېھتىياجىنىڭ سىرتىدا 21 ئىيارلىق ئالتۇندىن 85 گرام ئالتۇن ياكى 595 گرام كۈمۈشى ياكى بۇنىڭ قىممىتىدە نەق پۇلى بولغان كىشىنىڭ قولىدىكىلەرنىڭ ئومۇمىسىدىن 2.5% نى زاكاتقا بېرىشى پەرزدۇر.
جاۋاب: تىجارەت ماللىرى - تىجارەت ۋە باشقا ھەر قانداق بىر قانۇنلۇق يول بىلەن ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىغان ماللار دېمەكتۇر.
جاۋاب: تىجارەت ماللىرىنى نەق پۇلغا سۇندۇرۇپ، ئومۇمىي پۇل مىقدارىدىن 2.5% ى زاكاتقا بېرىلىدۇ.
جاۋاب: چارۋا ماللىرىدىن تۆگە، ئات، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
جاۋاب: تۆۋەندىكى 3 شەرت بىلەن چارۋا ماللىرىغا زاكات كېلىدۇ: (1) يىلنىڭ ھەممىسىدە ياكى ئۇنىڭ كۆپرەكىدە يايلاقلارغا قويۇپ بېرىپ بېقىلغان بولۇشى. (2) ئىگىسىنىڭ مۈلكىگە ئۆتكىنىگە تولۇق بىر يىل توشقان بولۇشى. (3) زاكاتنىڭ پەرز بولۇشى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتكەن بولۇشى.
جاۋاب: سانى بەشكە يەتمىگەن تۆگىگە زاكات كەلمەيدۇ. تۆگىنىڭ سانى بەشكە يەتكەندە ئۇنىڭدىن بىر قوي، ئونغا يەتكەندە ئىككى قوي زاكات بېرىلىدۇ. بەشتىن يىگىرمىگىچە ھەر بىر بەش تۆگە ئۈچۈن بىردىن قوي زاكات بېرىلىدۇ. تۆگىنىڭ سانى 25 تىن ئاشقاندىن كېيىن ئەھۋال باشقىچە بولىدۇ.
جاۋاب: كالا سانى 30 غا يەتمىگۈچە زاكات كەلمەيدۇ. كالا سانى 30 غا يەتسە، ئۇلاردىن 2 ياشلىق كالىدىن بىر كالا زاكات بېرىلىدۇ.
جاۋاب: سانى 40 قا يەتمىگەن قوغلارغا زاكات كەلمەيدۇ. قوغلار سانى 40 قا يەتسە، ئۇلاردىن بىر قوي زاكات بېرىلىدۇ. 40 تىن 120 گىچە ئەھۋال شۇنداق بولىدۇ.
جاۋاب: مۇنداق چارۋا ماللىرىنىڭ زاكىتى نەق پۇل ھېسابىدا بېرىلىدۇ. يەنى ماللارنى نەق پۇلغا سۇندۇرۇپ، ئۇنىڭدىن 2.5% ى زاكاتقا بېرىلىدۇ.
جاۋاب: ئاشلىق، مېۋە ۋە كۆكتاتلار يامغۇر سۈيى بىلەنلا سۇغىرىلىپ يېتىشكەن بولسا، ئۇنىڭدىن 10%، ئەگەر ئادەم كۈچى بىلەن سۇغىرىلغان بولسا، ئۇنىڭدىن 5%، ئەگەر ھەم يامغۇر سۈيى ھەم ئادەم كۈچى ھەر ئىككىلىسى بىلەن سۇغىرىلغان بولسا، ئۇنىڭدىن 7.5% زاكات بېرىلىدۇ.
جاۋاب: ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، ياقۇت، مارجان، قاشتېشى، مەرۋايىت، قىممەتلىك تاش ۋە نېفىتكە ئوخشىغان يەر ئاستى بايلىقلىرىدىن – ئۆزىنىڭ ئىگىدارچىلىقى ئاستىدىكى جايدىن تېپىلمىغان بولۇشى شەرتى بىلەن – 20% (بەشتىن بىرى) زاكات بېرىلىدۇ.
جاۋاب: بىراۋ ئۆز ھويلىسىدىن ياكى ئۆزىگە ئائىت بولغان جايدىن بايلىق تاپقان ياكى قازغان بولسا، ئۇنىڭدىن ھامان زاكات بېرىش كېرەك ئەمەس. چۈنكى زېمىن ئۇنىڭ ئۆزىگە ئائىت بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىن چىققان بايلىقلارمۇ ئۆزىنىڭ مۈلكى ھېسابلىنىدۇ. بۇ بايلىققا ئىگە بولغىنىدىن تولۇق بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، نەق پۇل زاكىتىنىڭ مىقدارى بويىچە 2.5% نى زاكاتقا بېرىدۇ.
جاۋاب: دېڭىزدىن بېلىق ۋە باشقىلارغا ئوخشاش دېڭىز ھايۋانلىرىنى تۇتۇپ سېتىشنى كەسىپ قىلغان كىشىلەر، بۇ كەسىپ بىلەن تاپقان پۇللىرى زاكات بېرىش مىقدارىغا يەتسە، ئۇنىڭدىن 2.5% نى زاكات بېرىدۇ.
جاۋاب: ھەر قانداق بىر شىركەتكە ھەسسىدار بولۇپ ئۇنىڭغا پاي سالغان كىشىنىڭ، يىل ئاخىرىدىكى نەق پۇلنىڭ ھېسابى بويىچە 2.5% زاكات بېرىشى پەرزدۇر.
زاكات چۈشمەيدىغان ماللار ۋە بېرىش ۋاقتى (سوئال 533 – 534)
بۆلۈم: “زاكات چۈشمەيدىغان ماللار ۋە بېرىش ۋاقتى (سوئال 533 – 534)”جاۋاب: تۆۋەندىكى نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ: (1) كىشىنىڭ ئۆزى ياكى بالىلىرى ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيلىرى. (2) ئۆزى ياكى بالىلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئۆي ئەشيالىرى. (3) كىيىلگەن كىيىم-كېچەكلەر. (4) ئائىلىنىڭ يېيىش ئۈچۈن توپلىغان ئوزۇقلىرى. (5) ئۆزى ياكى بالىلىرى ئىشلىتىۋاتقان ئاپتوموبىللار. (6) كىشىنىڭ ئۆز كەسپى ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان سايمانلىرى، ئەشيالىرى ۋە ماتېرىياللىرى. (7) زىننەت ئۈچۈن ۋە ئاياللارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تۇتۇلغان ھەر قانداق نەرسىلەرگە زاكات كەلمەيدۇ. ئەمما نەق پۇل ئورنىدا ساقلانغان ئالتۇن، كۈمۈشكە، قاشتېشىغا ۋە شۇنداقلا پۇلغا يارايدىغان، ئېھتىياج سىرتىدىكى ھەرقانداق قىممەتلىك نەرسىگە زاكات كېلىدۇ.
جاۋاب: ئائىلىنىڭ نورمال ئېھتىياجىدىن تاشقىرى، زاكات بېرىش مىقدارىغا يەتكەن پۇل-مالغا ئىگە بولغان كىشىنىڭ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغىنىغا تولۇق بىر يىل تولۇشى بىلەن ئۇنىڭ زاكىتىنى كېچىكتۈرمەستىن ھامان ئادا قىلىشى پەرزدۇر.
زاكات بېرىلىدىغان 8 تۈرلۈك كىشىلەر ۋە بېرىلمەيدىغانلار (سوئال 535 – 538)
بۆلۈم: “زاكات بېرىلىدىغان 8 تۈرلۈك كىشىلەر ۋە بېرىلمەيدىغانلار (سوئال 535 – 538)”جاۋاب: زاكات تۆۋەندىكى 8 تۈرلۈك شەخسنىڭ قايسىبىرىگە بېرىش بىلەن ئادا تاپىدۇ: (1) پېقىرلارغا (2) مىسكىنلەرگە (ھېچ نەرسىسى يوق كىشىلەرگە) (3) قەرزدارلارغا (4) ئاللاھنىڭ يولىدىكى مۇجاھىدلارغا ۋە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلارغا (5) يولدا قالغان پۇلسىز مۇساپىرلارغا (6) زاكات توپلاشقا مەسئۇل بولغان زاكات خادىملىرىغا (7) قۇللارنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن (8) كۆڭۈللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا بېرىلىدۇ. يۇقىرىقىلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئايىتى بىلەن بەلگىلەنگەن بولۇپ، ھازىرقى زاماندا قۇل بولمىغانلىقى ۋە كۆڭۈللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا ھاجەت قالمىغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ ئىككى تۈرلۈك شەخس زاكات ئالىدىغانلار قاتارىدىن سانالمايدۇ.
جاۋاب: زاكات تۆۋەندىكى 5 خىل شەخسكە بېرىلمەيدۇ: (1) بايلارغا (2) كۇففارلارغا (3) زاكات بەرگۈچىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا، بوۋا-مومىلىرىغا (4) زاكات بەرگۈچىنىڭ بالىلىرىغا، نەۋرىلىرىگە، چەۋرىلىرىگە (5) زاكات بەرگۈچىنىڭ جۈپتىگە بېرىلمەيدۇ (يەنى ئەرنىڭ ئايالىغا، ئايالنىڭ ئېرىگە زاكات بېرىشى دۇرۇس ئەمەس، بەرگەندىمۇ ئادا تاپمايدۇ).
جاۋاب: زاكات بەرگۈچىنىڭ زاكاتنى بەرگەن ۋاقتىدا ئۇنى ئالغۇچىغا «بۇ زاكات» دەپ بىلدۈرۈشى شەرت ئەمەس، بەلكى كۆڭلىدە زاكاتنى نىيەت قىلىپ تۇرۇپ، ئۇنى ھەدىيە ياكى ياردەم نامى بىلەن ئاتاپ بەرسىمۇ زاكات ئادا تاپىدۇ.
جاۋاب: زاكاتنى بېرىشتە راستىنلا ئېھتىياجلىق بولغانلارنى تېپىپ بېرىش زۆرۈردۇر. چۈنكى قۇرئان كەرىمدە زاكات بېرىشكە بۇيرىغان ئايەتتىكى ﴿وَآتُوا الزَّكَاةَ﴾ دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى پۈتۈن تەپسىرشۇناسلارنىڭ ئىتتىپاقى بويىچە: «زاكاتنى بېرىڭلار» دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى «زاكاتنى ھەقلىق بولغانلارغا يەتكۈزۈڭلار» دېگەنلىكتۇر. ئەمما زاكات بەرگۈچى زاكىتىنى ھەقلىق كىشىلەرگە يەتكۈزۈش يولىدا كۈچ سەرپ قىلغاندىن كېيىن، بىراۋنى پېقىر دەپ ئويلاپ زاكاتنى ئۇنىڭغا بېرىپ بولغاندىن كېيىن، زاكات ئالغۇچىنىڭ پېقىر ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا چىقسا، زاكاتنى بەرگۈچىنىڭ ئۇنى بەرگەن ۋاقتىدىكى ئۇنى پېقىر دەپ بىلگەن ئېتىقادى ئېتىبارى بىلەن ئۇنىڭ بەرگەن بۇ زاكىتى ئادا تاپىدۇ.
زاكاتقا مۇناسىۋەتلىك پەتۋالار ۋە سوئال-جاۋابلار (سوئال 539 – 553)
بۆلۈم: “زاكاتقا مۇناسىۋەتلىك پەتۋالار ۋە سوئال-جاۋابلار (سوئال 539 – 553)”جاۋاب: بىراۋ باشقا بىرىگە قەرز بېرىپ تۇرغان بولۇپ، قەرزنى ئالغۇچىنىڭ پېقىرلىقى سەۋەبلىك ئۇنى تۆلىيەلمىگەن بولسا، بۇ قەرزنى قەرز ئىگىسى شۇ كىشىگە زاكاتقا ھېسابلاپ بېرىۋەتسە بولىدۇ، زاكات ئادا تاپىدۇ. لېكىن بۇ ئىشتا قەرز ئالغان كىشىنىڭ قەرزنىڭ زاكاتقا ئايلانغانلىقىنى بىلىپ، ئۇنى قوبۇل قىلىشى شەرتتۇر.
جاۋاب: ئاتا-ئانىسى پېقىر بولغان كىچىك بالىلارغا ئۇلار بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن بولسىمۇ زاكات بېرىش جائىزدۇر.
جاۋاب: يېتىم بالا ئەگەر باي بولسا، ئۇنىڭغا زاكات بېرىشكە بولمايدۇ.
جاۋاب: بىر ياكى ئىككى ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك يىلنىڭ زاكىتىنى ئالدىن بېرىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغانلىقتىن سانىلىپ ئۇنىڭ ساۋابى ئارتۇق بولىدۇ.
جاۋاب: بانكىدىن نەق پۇلنىڭ بەدىلىگە بېرىلگەن چەكلەر ۋە كارتىلارغا ئەلۋەتتە زاكات كېلىدۇ. چۈنكى ئۇلار نەق پۇلغا ئوخشاشتۇر. بۇلارنىڭ زاكىتى خەلق پۇلىدىن بېرىلىدۇ.
جاۋاب: بانكىنىڭ ئۆسۈمى ھارام پۇل. مۇنداق ھارام پۇلنى ئۆزى ئىشلىتىشكە ھالال بولمىغان يەردە، ئۇنى باشقىلارغا زاكاتقا ھېسابلاپ بېرىشكە قەتئىي بولمايدۇ. چۈنكى بانكىنىڭ ئۆسۈمى ئۇنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن ھارام، ئۇنى ئىشلىتەلمەيدۇ. ئەمما ئۇنى زاكات ياكى سەدىقە ئورنىدا ئەمەس، پەقەت ھارامدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پېقىرلارغا بەرسە، ئۇنى ئالغۇچىلارغا ھالال بولىدۇ، بەرگۈچىمۇ ھارامدىن قۇتۇلغان بولىدۇ.
جاۋاب: زاكات ئۈچۈن ئايرىغان پۇلنى ھەقلىق بولغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشتىن بۇرۇن بۇ پۇل قايسىبىر سەۋەب بىلەن ھالاك بولۇپ كەتكەن بولسا، بۇ ھالەتتە زاكات قايتا بېرىلىدۇ. چۈنكى بېرىدىغان زاكاتنى ئايرىغانلىق زاكاتنى ئادا قىلغانغا ياتمايدۇ. زاكات پەقەت بېرىش بىلەنلا ئادا تاپىدۇ.
جاۋاب: ئاتا-ئانىسى باي بولسىمۇ، پەرزەنتلىرى ئۇلارنىڭ بايلىقىدىن مەھرۇم بولغان ياكى پايدىلىنالمىغان سەۋەبتىن پېقىرلىقتا قالغان بولسا، بۇ پەرزەنتلەرگە زاكات بېرىشكە بولىدۇ.
جاۋاب: بالىلىرى باي بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەن ۋە پېقىرلىقتا ياشايدىغان ئاتا-ئانىغا زاكات بېرىشكە بولىدۇ.
جاۋاب: مۇسۇلمان ۋە ئېھتىياج ئىگىسى بولغان كىشىگە زاكات بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ تەقۋا ياكى پاسىق بولۇشى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ زاكات ئالغان پۇلنى ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، نەشە چېكىشكە ئوخشاش ھارام ئىشلارغا خەجلەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن كىشىنىڭ ئۇنىڭغا زاكات بېرىشى قەتئىي توغرا ئەمەس. چۈنكى بۇنداق قىلىش گۇناھقا ياردەم قىلغانلىق بولىدۇ.
جاۋاب: تاپقان پۇلىنى قىمارغا ياكى ھاراققا خەجلەيدىغان كىشىنىڭ ئائىلىسى ئەگەر پېقىر بولسا، پەرزەنتلىرى مۇھتاجلىقتا قالغان بولسا، زاكاتنى بالىلارنىڭ ئاتىسىغا ئەمەس، ئانىسىغا بېرىش ياكى نەق پۇل بەرمەستىن، زاكات بەرمەكچى بولغان پۇلغا ئائىلىنىڭ گۆش، ماي، ئۇن، گۈرۈچ، شېكەرگە ئوخشىغان ئېھتىياجلىق نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىپ بېرىشكە بولىدۇ.
جاۋاب: زاكاتتىن باشقىمۇ ياردەم ۋاسىتىلىرى كۆپتۇر. سەدىقە، ياردەم، سىلە-رەھىم، خەير-ئېھسان ۋە باشقىمۇ ئاتالغۇلار ئاستىدا بۇيرۇلغان ياردەم ۋاسىتىلىرى ئۇنىڭ مىسالىدۇر.
جاۋاب: تىجارەت ماللىرىدىن زاكات بەرگۈچى ماللىرىنىڭ ئۆز جىنسىدىن بېرىش ياكى ئۇلارنىڭ قىممىتىنى بېرىش ئىختىيارىغا ئىگىدۇر. مەسىلەن: ئۇن، ماي، گۈرۈچ، شېكەر، تۇز ۋە باشقىمۇ يېمەكلىك ماددىلىرىنى، كىيىم-كېچەك، رەخت-ماتېرىيال قاتارلىق بۇيۇملارنى ساتىدىغان كىشى پېقىرلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئۇلارغا بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ياكى بەزىسىدىن بەرسىمۇ بولىدۇ ياكى بۇلارنىڭ خەلق پۇلىدىكى قىممىتىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. مۇھىم بولغىنى ئېھتىياج ئىگىلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشتۇر. ئەمما نەق پۇل بېرىش ئەڭ ئەۋزەل بولسا كېرەك.
جاۋاب: ئاتا-ئانىسىغا، بوۋا-مومىلىرىغا، بالىلىرىغا، نەۋرىلىرىگە، چەۋرىلىرىگە، ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە زاكات بېرىشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۇلارغا بېرىلگەن زاكات قوبۇل بولمايدۇ. ئۇلاردىن باشقا قېرىنداشلىرىغا، تاغا-ئاكا، تاغا-ئاچىلىرىغا ۋە باشقىمۇ تۇغقانلىرىغا – ئەگەر ئۇلار پېقىر بولسا – زاكات بېرىش جائىزدۇر. ئۆزىنىڭ پېقىر تۇغقانلىرىغا زاكات بېرىش ھەم زاكات، ھەم سىلە-رەھىم ھېسابلىنىپ ساۋابى كۆپ بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ماۋزۇدا: «پېقىرلارغا بېرىلگەن زاكاتتا زاكاتنىڭ ساۋابى بولىدۇ، پېقىر تۇغقانلارغا بېرىلگەن زاكاتتا ھەم زاكاتنىڭ، ھەم سىلە-رەھىمنىڭ ساۋابى باردۇر»(1) دەپ كۆرسەتكەن.
جاۋاب: زاكاتنىڭ پەرز بولىشى ئۈچۈن يېتەرلىك مىقداردا پۇل-مالغا ئىگە بولغانغا ھىجرىيە ھېسابىدا تولۇق بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىش پەرز بولۇپ بەلگىلىنىدۇ ۋە ھامان ئۇنى ئادا قىلىش لازىم كېلىدۇ. چۈنكى خۇددى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەن ھامان نامازنى ئادا قىلىش پەرز بولغاندەك، زاكاتنىمۇ شەرتلىرى تولۇقلىنىپ ئادا قىلىش ۋاقتى كەلگەن ھامان كېچىكتۈرمەستىن ئادا قىلىش پەرزدۇر. زاكاتنى ئۈزۈرسىز كېچىكتۈرگەن ئادەم گۇناھكار بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زاكاتنى ۋاقتىدا ئادا قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئىپادىلەپ: «مالغا ئارىلاشقان زاكات ئۇ مالنى ھالاك قىلماي قالمايدۇ»(1) دەپ كۆرسەتكەن. يەنى زاكىتىنى بەرمىگەن مال-پۇل بەرىكەتتىن مەھرۇم بولغانلىقتىن تېزلا تۈگەپ كېتىدۇ ياكى ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغانلىقتىن بىرەر بالايىئاپەت بىلەن ھالاك بولىدۇ دېگەنلىكتۇر.
