پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش
This content is not yet available in your language.
پەيغەمبەرلىك ماقامى ۋە ئەۋەتىلىش سەۋەبى (سوئال 97 – 99)
بۆلۈم: “پەيغەمبەرلىك ماقامى ۋە ئەۋەتىلىش سەۋەبى (سوئال 97 – 99)”جاۋاب: پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدىن تاللاپ چىقىرىپ ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىدۇر. ئۇلار بارلىق گۇناھ، مەئسىيەت ۋە كەمچىلىكلەردىن پاك، مەسۇم (گۇناھسىز) زاتلاردۇر.
جاۋاب: پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ دىنىنى يەتكۈزۈش، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاش ۋە يامان ئىشلاردىن قايتۇرۇپ ياخشى ئەمەللەرگە چاقىرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن.
پەيغەمبەرلەرنىڭ سانى ۋە قۇرئاندىكى ناملىرى (سوئال 100 – 103)
بۆلۈم: “پەيغەمبەرلەرنىڭ سانى ۋە قۇرئاندىكى ناملىرى (سوئال 100 – 103)”جاۋاب: ئىنسانىيەت تارىخىدا نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر كەلگەن بولسىمۇ، قۇرئان كەرىمدە پەقەت 25 پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان.
جاۋاب: قۇرئان كەرىمدە ئىسمى بايان قىلىنغان 25 پەيغەمبەر: ئادەم، ئىدرىس، نۇھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم، لۇت، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب، يۈسۈپ، ئەييۇب، شۇئەيب، مۇسا، ھارۇن، داۋۇد، سۇلايمان، يۇنۇس، ئىلياس، ئەليەسە، زۇلكىفل، زەكەرىيا، يەھيا، ئىسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاملاردۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدىن نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا، ئىسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئىبارەت 5 پەيغەمبەر «ئۇلۇل ئەزم» (ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەر) دەپ ئاتىلىدۇ.
جاۋاب: يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئۈزەير، لوقمان ۋە زۇلقەرنەين قاتارلىق ئۈچ زاتنىڭ ئىسىملىرى قۇرئان كەرىمدە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس، كۆپ ساندىكى ئالىملار ئۇلارنى تالانتلىق ياخشى بەندىلەر دەپ قارايدۇ. شۇنىڭدەك بەزى ھەدىس ۋە تارىخ كىتابلىرىدا شىس، يۇشەئ، خىزىر، بەشىر، دانىيال، ئىشموئىل، ئەرمىيا، ھەزقەل، جىرجىس، ھەبقوق ۋە ھەنزەلە ئەلەيھىسسالاملارنىڭمۇ پەيغەمبەرلىكى بايان قىلىنغان.
جاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىگە ئىمان ئېيتمىغان كىشىنىڭ ئىمانى قوبۇل بولمايدۇ، ئۇ مۇسۇلمان بولالمايدۇ. شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ياكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئىمانى دۇرۇس ئەمەس.
پەيغەمبەرلەرنىڭ دەلىللىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى (سوئال 104 – 108)
بۆلۈم: “پەيغەمبەرلەرنىڭ دەلىللىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى (سوئال 104 – 108)”جاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن بەرھەق ئەلچىلەر ئىكەنلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان ئالامەتلەر ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئاتا قىلىنغان مۆجىزىلەردۇر.
جاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاۋۋالقىسى ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئەڭ ئاخىرقىسى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.
جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەردۇر. «مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ئەرلەردىن ھېچبىرىنىڭ ئاتىسى ئەمەس، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر».
جاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەنلىكى ھەق ۋە راستتۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنى كامىل يەتكۈزۈپ، ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغان مەسۇم زاتلاردۇر دەپ ئىمان ئېيتىش كېرەك.
جاۋاب: تۆۋەندىكى تۆت مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: (1) پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىگە بىردەك ئىمان كەلتۈرۈش. (2) ئىسىملىرى مەلۇم بولغان 25 پەيغەمبەرگە تەپسىلىي، قالغانلىرىغا ئىجمالىي ئىمان ئېيتىش. (3) ئۇلاردىن سادىر بولغان ھەق خەۋەرلەرگە ئىشىنىش. (4) بىزگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنۇش ۋە ئەمەل قىلىش.
ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە دۇرۇدلار (سوئال 109 – 115)
بۆلۈم: “ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە دۇرۇدلار (سوئال 109 – 115)”جاۋاب: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىزدۇر، بارلىق ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن ئەڭ شەرەپلىك پەيغەمبەردۇر. ئۇ پۈتۈن ئالەمگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ساماۋىي دىنلارنى تاماملىغۇچىدۇر.
جاۋاب: مىڭلاپ دەلىللەر باردۇر: قولىدا مەيدانغا كەلگەن مۆجىزىلەر، غەيبتىن خەۋەر بېرىشى، باشقا كىتابلاردىكى بېشارەتلەر، دۈشمەنلىرىنىمۇ قايىل قىلغان ئېسىل ئەخلاقى ۋە شانلىق ھاياتىدىكى جانلىق پاكىتلار.
جاۋاب: كۆپلىگەن مۆجىزىلىرى بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ۋە مەڭگۈلۈك مۆجىزە قۇرئان كەرىمدۇر.
جاۋاب: ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىگە، يولىغا ئىزچىل ئەگىشىش بىلەن بولىدۇ.
جاۋاب: ئاللاھتىن باشقا ھەممىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرۈپ، چەكسىز ئىخلاس ۋە سۆيگۈ بىلەن دوست تۇتۇش كېرەك. ھەدىستە: «سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار مېنى ئاتىسىدىن، بالىسىدىن ۋە بارلىق ئىنسانلاردىن ئارتۇق ياخشى كۆرمىگۈچە ھەقىقىي مۆمىن بولالمايدۇ» دېيىلگەن.
جاۋاب: ئەڭ پەزىلەتلىك ئىبادەتلەردىندۇر. ئاللاھ تائالا: «ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭغا مەغپىرەت تىلەيدۇ. ئى مۆمىنلەر! سىلەرمۇ ئۇنىڭغا دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە سالام يوللاڭلار» دەپ بۇيرۇغان.
جاۋاب: ئەڭ ئەۋزەل دۇرۇت — «دۇرۇدى ئىبراھىمىيە»دۇر: «اللَّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ إِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ. اللَّهُمَّ بَارِكْ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إِبْرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إِبْرَاهِيمَ إِنَّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ».
