Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

جامائەت ۋە جۈمە نامىزى

This content is not yet available in your language.

جامائەت نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە مەسجىد ئەدەپلىرى (سوئال 394 – 398)

بۆلۈم: “جامائەت نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە مەسجىد ئەدەپلىرى (سوئال 394 – 398)”
394سوئال:ئىسلامدا قانچە تۈرلۈك ناماز بار؟#

جاۋاب: جامائەت نامىزى، جۈمە نامىزى، يولۇچى نامىزى، ھېيت نامازلىرى، تەراۋىھ نامىزى، كېسەل نامىزى، خەۋپ نامىزى، ئىستىسقا، كۇسۇف، تەھەججۇد، تەۋبە ۋە جىنازا نامازلىرى قاتارلىقلاردۇر.

395سوئال:جامائەت نامىزى دېگەن قانداق ناماز؟#

جاۋاب: پەرز، ۋاجىب ياكى تەراۋىھ نامازلىرىنى ئىمامنىڭ ئارقىسىدا ئۇيۇپ جامائەت بولۇپ ئوقۇشتۇر.

396سوئال:جامائەت نامىزىنىڭ ھۆكمى نېمە؟#

جاۋاب: ئەرلەر ئۈچۈن تەكىتلىك سۈننەتتۇر، ساۋابى يالغۇز ئوقۇغان نامازدىن 27 ھەسسە ئارتۇقتۇر.

397سوئال:ئاياللارنىڭمۇ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇشى دۇرۇسمۇ؟#

جاۋاب: جائىزدۇر ھەمدە ئەرلەرگە ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ۋەز-نەسىھەت ئاڭلاپ تەربىيە ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.

398سوئال:مەسجىدكە بېرىشنىڭ ئەدەپلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ئوڭ پۇت بىلەن دۇئا ئوقۇپ كىرىش، كىرگەندە تەھىييەتۇل مەسجىد ئوقۇش، سالماق قەدەم تاشلاش، سەپنى تۈزەش، گۈزەل كىيىنىش ۋە سول پۇت بىلەن دۇئا ئوقۇپ چىقىشتۇر.

ئىماملىق شەرتلىرى ۋە ئىمامغا ئەگىشىش قائىدىلىرى (سوئال 399 – 407)

بۆلۈم: “ئىماملىق شەرتلىرى ۋە ئىمامغا ئەگىشىش قائىدىلىرى (سوئال 399 – 407)”
399سوئال:ئىمام دېگەن كىم؟#

جاۋاب: جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئۇلارغا نامازنى باشلاپ ئوقۇپ بېرىدىغان يېتەكچىدۇر.

400سوئال:ئىماملىقنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: مۇسۇلمان، بالىغ، ئاقىل، ئەر بولۇش، قۇرئاننى توغرا ئوقۇشنى بىلىش ۋە دائىمىي ئۈزۈرلۈك بولماسلىقتۇر.

401سوئال:ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە ئىمام بولۇشى دۇرۇسمۇ؟#

جاۋاب: دۇرۇس ئەمەس. بۇ ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىردەك ئىجمائى بىلەن بېكىتىلگەن ھۆكۈمدۇر.

402سوئال:ئاياللار مەخسۇس ئاياللار جامائىتىگە ئىمام بولسا بولامدۇ؟#

جاۋاب: بولىدۇ. ئايال ئىمام سەپنىڭ ئالدىغا چىقماستىن بىرىنچى سەپتىكى ئاياللارنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا تۇرىدۇ.

403سوئال:ئىماملىققا ئەڭ ھەقلىق بولغان كىشىلەر كىملەر؟#

جاۋاب: سۈننەت ۋە فىقھىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچى، ئاندىن قۇرئاننى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچى، ئاندىن ئەڭ تەقۋادار، ئەخلاقلىق ۋە يېشى چوڭراق كىشىدۇر.

404سوئال:مەسجىدنىڭ ئىماملىقىغا ھەقلىق كىشى كىم؟#

جاۋاب: مەسجىدنىڭ تەيىنلەنگەن رەسمىي ئىمامى ھەممىدىن ھەقلىقتۇر. ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز باشقىلار ئالدىغا ئۆتۈپ ناماز ئوقۇيالمايدۇ.

405سوئال:پىكىر ئېقىمى باشقىچە بولغان كىشىگە ئىقتىدا قىلىش دۇرۇسمۇ؟#

جاۋاب: كۇپۇر دەرىجىسىگە يەتمىگەن پىكىر ئوخشىماسلىقى ياكى بىدئەت بولسىمۇ، جامائەت ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىقتىدا قىلىش جائىزدۇر.

406سوئال:ئىمامغا ئەگىشىشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ئىقتىداغا نىيەت قىلىش، ئىمام بىلەن جامائەت ئارىسىدا ئاياللار سېپى ياكى چوڭ توساق بولماسلىق، ئىمامنى كۆرۈش ياكى ئاۋازىنى ئاڭلاش، ۋە ئارقىدا تۇرۇشتۇر.

407سوئال:ئىقتىدا قىلىشقا بولمايدىغان كىشىلەر قايسىلار؟#

جاۋاب: ئەر كىشىنىڭ ئايالغا ياكى سەبىي بالىغا، ساغلام ئادەمنىڭ ئۈزۈرلۈككە، قارىينىڭ قىرائەت بىلمەيدىغان كىشىگە ئىقتىدا قىلىشى دۇرۇس ئەمەس.

جامائەت سېپى ۋە جامائەتكە ئۈلگۈرۈش (سوئال 408 – 418)

بۆلۈم: “جامائەت سېپى ۋە جامائەتكە ئۈلگۈرۈش (سوئال 408 – 418)”
408سوئال:جامائەت سېپىنىڭ تەرتىبى قانداق بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئاۋۋال ئەرلەر سېپى، ئاندىن كىچىك بالىلار، ئاندىن ئەڭ ئارقىدا ئاياللار سېپى تۇرىدۇ.

409سوئال:ئالدىنقى سەپتە تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى نېمە؟#

جاۋاب: ئالدىنقى سەپتە تۇرۇشنىڭ ساۋابى ئەڭ كۆپ بولۇپ، مۇستەھەب ئەمەللەردىندۇر.

410سوئال:سەپنىڭ ئارقىسىدا يالغۇز تۇرغان كىشىنىڭ نامىزى قانداق بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئالدىنقى سەپتە بوش ئورۇن تاپالمىسا ئارقا سەپتە يالغۇز تۇرۇپ ئوقۇغان نامىزى كۆپچىلىك ئالىملاردا دۇرۇستۇر.

411سوئال:جامائەت بولۇشنىڭ ئەڭ ئاز سانى قانچە؟#

جاۋاب: ئەڭ ئاز سانى ئىككى كىشىدۇر (بىرى ئىمام، يەنە بىرى ئىقتىدا قىلغۇچى).

412سوئال:ئۆز ئالدىغا پەرز ناماز ئوقۇۋاتقان بىر كىشى بار جايدا جامائەت باشلانسا ئۇ كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟#

جاۋاب: تېخى سەجدە قىلمىغان بولسا نامازنى بۇزۇپ جامائەتكە قوشۇلىدۇ. بامدات ياكى شامدا 1 رەكئەت بولسا بۇزۇپ قوشۇلىدۇ، 4 رەكئەتلىكتە 1 رەكئەت ئوقۇغان بولسا يەنە بىرنى قوشۇپ نەپلە قىلىپ سالام بېرىپ ئىمامغا ئەگىشىدۇ.

413سوئال:بامدات نامىزى جامائەت بىلەن ئوقۇلىۋاتقاندا قانداق قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: ئەگەر جامائەتكە ئۈلگۈرۈشكە كۆزى يەتسە، سۈننىتىنى تېز ئوقۇۋېلىپ ئىمامغا ئەگىشىدۇ. بولمىسا سۈننەتنى قويۇپ بىۋاسىتە ئىمامغا ئەگىشىدۇ.

414سوئال:قانداق كىشى جامائەتكە يېتىشكەن بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئىمام بىرىنچى سالامنى بېرىشتىن بۇرۇن جامائەتكە قوشۇلغان كىشى جامائەت بىلەن ئوقۇغاننىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ.

415سوئال:قانداق كىشى رەكئەتكە ئۈلگۈرگەن بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئىمام رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈشتىن بۇرۇن تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇغا ئۈلگۈرگەن كىشى شۇ رەكئەتكە ئۈلگۈرگەن بولىدۇ.

416سوئال:قايسى ئىشلارنى ئىمام قىلمىسا جامائەتمۇ قىلمايدۇ؟#

جاۋاب: ۋىتىردىكى قۇنۇت، سەجدە سەھۋى، تىلاۋەت سەجدىسى، ھېيت تەكبىرلىرى ۋە تۇنجى ئولتۇرۇشنى ئىمام قىلمىسا جامائەتمۇ قىلمايدۇ.

417سوئال:قايسى ئىشلارنى ئىمام قىلسا جامائەت قىلمايدۇ؟#

جاۋاب: جىنازىدا 4 تىن ئارتۇق تەكبىر، ھېيتتا 3 تىن ئارتۇق تەكبىر، خاتا تۇرۇۋالغان ئارتۇق رەكئەت ۋە 2 دىن ئارتۇق سەجدە قىلسا جامائەت ئەگەشمەيدۇ.

418سوئال:قايسى ئىشلارنى ئىمام قىلمىسىمۇ جامائەت قىلىدۇ؟#

جاۋاب: باشلاش تەكبىرىدە قول كۆتۈرۈش، سانا ئوقۇش، ئۆتۈش تەكبىرلىرى، رۇكۇ-سەجدە تەسبىھلىرى، «رەببەنا ۋەلەكەلھەمدۇ»، تەشەھھۇد، سالام ۋە تەشرىق تەكبىرلىرىدۇر.

جۈمە نامىزى، خۇتبە ئەھكاملىرى ۋە كۈندىلىك سۈننەتلەر (سوئال 419 – 428)

بۆلۈم: “جۈمە نامىزى، خۇتبە ئەھكاملىرى ۋە كۈندىلىك سۈننەتلەر (سوئال 419 – 428)”
419سوئال:جۈمە نامىزى قانداق ناماز؟#

جاۋاب: ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى پىشىن ۋاقتىدا چوڭ جامائەت بىلەن توپلىنىپ ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكئەتلىك پەرز نامازدۇر.

420سوئال:جۈمە نامىزىنىڭ ھۆكمى نېمە؟#

جاۋاب: پەرزى ئەيىندۇر. ئۇنى بىپەرۋالىقتىن ئوقۇمىغان كىشى ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ.

421سوئال:جۈمە نامىزى پەرز بولىدىغان كىشىلەر كىملەر؟#

جاۋاب: ئەر، ھۆر، مۇقىم، كۆزى كۆرىدىغان، سالامەت، مېيىپ بولمىغان ۋە دۈشمەن ۋەھىمىسى بولمىغان مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر.

422سوئال:جۈمە نامىزىنىڭ پەرزلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ئىككى پەرزى بار: (1) جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان ئىككى رەكئەت پەرز ناماز. (2) نامازدىن ئىلگىرى ئىككى خۇتبە ئوقۇلۇشى.

423سوئال:جۈمە نامىزى ئوقۇشنىڭ دۇرۇس بولۇشىنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ئىجازەت بولۇش، بەلگىلىك ئاھالىلىك جاي بولۇش، پىشىن ۋاقتىدا بولۇش، نامازدىن بۇرۇن خۇتبە ئوقۇلۇش، ھەممىگە ئوچۇق ئورۇن بولۇش ۋە ئەڭ ئاز ئۈچ جامائەت بولۇشتۇر.

424سوئال:خۇتبە دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئاللاھنى ياد ئېتىش، ھەمدۇسانا ۋە دۇرۇد ئېيتىش بىلەن جامائەتكە ۋەز-نەسىھەت قىلىشتۇر.

425سوئال:خۇتبىنى ئەرەبچە ئوقۇش شەرتمۇ؟#

جاۋاب: شەرت ئەمەس. ھەمدۇسانا ئەرەبچە بولسىمۇ ۋەز-نەسىھەتنى جامائەت چۈشىنىدىغان ئۆز ئانا تىلىدا سۆزلەش زۆرۈردۇر.

426سوئال:جۈمە كۈنىدىكى سۈننەت ئەمەللەر قايسىلار؟#

جاۋاب: غۇسلى قىلىش، خۇشبۇي چېچىش، پاكىز چىرايلىق كىيىنىش، كەھف سۈرىسىنى ئوقۇش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇد ئېيتىشتۇر.

427سوئال:جۈمە كۈنىدە ھارام بولىدىغان ئىشلار قايسىلار؟#

جاۋاب: شەھەر-يېزىدا جۈمە ۋاقتىدا ئايرىم پىشىننى جامائەت بولۇپ ئوقۇش، ئەزان ئېيتىلغاندىن كېيىن سودا-سېتىق قىلىش ۋە كىشىلەرنىڭ مۈرىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈشتۇر.

428سوئال:جۈمە نامىزىنى تەرك ئېتىشنىڭ گۇناھى قانداق؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈزۈرسىز تۇرۇپ ئۈچ جۈمەنى ئارقا-ئارقىدىن تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ قەلبىنى ئاللاھ ھىدايەتتىن بۇرىۋېتىدۇ (تامغىلىۋېتىدۇ)» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.