Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

ھالال-ھارام ئۇقۇمى ۋە ئاساسلىرى

This content is not yet available in your language.

ھالال-ھارام ئۇقۇمى، پرىنسىپلىرى ۋە ئاساسلىرى (سوئال 1318 – 1347)

بۆلۈم: “ھالال-ھارام ئۇقۇمى، پرىنسىپلىرى ۋە ئاساسلىرى (سوئال 1318 – 1347)”
1318سوئال:ھالال دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ھالال– مەيلى يېمەك– ئىچمەكتە بولسۇن، مەيلى ئىش– ھەرىكەتتە بولسۇن، مەيلى گەپ-سوزد ۋە پىكىر-، ئېتىقادتا بولسۇن ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن رۇخسەت قىلىنغان شەرىئەتتە چە كلەنمىگەن نەرسىلەر ۋە ئىشلار دېمەكتۇر.

1319سوئال:ھارام دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ھارام- ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەسكىن بۇيرۇق چەكلەنگەن ئىشلار ۋە نەرسىلەر بولۇپيېمەك– ئىچمەكلەردە، گەپ-سۆز ۋە پىكىر- ئېتىقاد تا، شۇنداقلا ئىش- ھەرىكەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.

1320سوئال:ھالال ۋە ھارام پەرقى نەدىن كەلگەن؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ئۆزى پاك، تەن ساقلىقىغا ياكى باشقا تەرەپلەرگە زىيىنى يوق، ئوزۇقلۇق قۇۋۋىتى بار ۋە پاكىز نەرسىلەرنى يەپ– ئىچىشنى، بۇيرۇپ ئۇلارنى ھالال دەپ ئاتىغان شۇنىڭدەك ئۆزى پاسكىنا، تەن ساقلىقىغا ياكى باشقا تە رەپلەرگە زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى يەپ– ئىچىشتىن توسقان ۋە مۇنداق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ھارام دەپ ئاتىغان.

1321سوئال:يېمەك– ئىچمەكلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھالالقايسى؟#

جاۋاب: يېمەك– ئىچمە كلەردىكى ھالال– ئۆزى پاك، تەن ساقلىققا زىيىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىسلام دىنى ئىستېمال قىلىشقا رۇخسەت قىلغان نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن ئۆزى پاك ىز ۋە تەن ساقلىققا زىيىنى يوق، دىنىمىزدا چەكلەنمىگەن يېمەكلىك ۋە ئىچمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغانغا ئوخشاش.

1322سوئال:يېمەك– ئىچمەك لەرگە مۇناسىۋەتلىك ھارام قايسى؟#

جاۋاب: يېمەك– ئىچمەك لەردىكى ھارام– پاك ئەمەسلىكى ۋە تەن ساقلىققا زىيانلىقلىقى سەۋەبلىك ئىسلام دىنى ئىستېمال قىلىشنى چەكلىگەن نەرسىلەر: نى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن چوشقا گۆشىغا ئوخشاش پاسكىنا نەرسىلەرنى ۋە ھاراققا ئوخشاش تەن ساقلىققا زىيانلىق بولغان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغانغا ئوخشاش.

1323سوئال:پىكىر-ئېتىقاد ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھالال قايسى؟#

جاۋاب: گەپ-سۆز، پىكىر- ئېتىقاد ۋە ئىش- ھەرىكەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھالال– ئىسلام دىنىنىڭ ئېتىقاد سىستېمىسى ۋە ئىسلام شەرىئىتنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش كۆرۈشكە مەركەزلىشىدۇ مەسىلەن: توغرا ئېتىقاد ۋە توغرا پىكىردە بولۇشيوللۇق ھالدا تىرىكچىلىك قىلىشقا ئوخشاش بولۇپ، ھالال ۋە توغرا ئىشلارنى قىلغان ئادەم ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

(1) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
(2) بەقەرە سۈرىسى172 - ئايەت.
1324سوئال:پىكىر-ئېتىقاد ۋە ئىش ھەرىكەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھارامقايسى؟#

جاۋاب: پىكىر-ئېتىقاد ۋە ئىش- ھەرىكەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھارام– ئىمانغا زىت كېلىدىغان ئېتىقاد ۋە پىكىر ئېقىملىرى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كۆرسەتمىسىگە زىت كېلىدىغان يولسىزلىقلارغا مەركە زلىشىدۇ مەسىلەن: خرىستىئانلارنىڭ ئىسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ، تائالانىڭ ئوغلى ئۇنىڭ ئىلاھلىقتا شېرىكى دەپ ئېتىقاد قىلغىنىغا، بەزى خۇراپاتچ ىلارنىڭ ئاتالمىش ئەۋلىيالار، قۇتۇبلار كائىناتتا ئاللاھ تائالا قىلىدىغان ئىشلاردىن بەز ىسىنى قىلالايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغىنىغا بەزى ئازغۇنلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى ھازىرقى ئەسىرگە يارىم ايدۇ دەپ ئويلىغىنىغا ۋە ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ھاراق ئىچىش، زىنا قىلىش، غەيۋەت قى لىش، گەپ توشۇش قاتارلىق ئېغىر گۇناھلارنى سادىر قىلغانغا ئوخشاش بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئى سلام دىنىدا قاتتىق چەك لەنگەن ئەڭ چوڭ ھاراملاردۇر ھارام ئىشنى قىلىش ئۆزىنى ئاللاھن ىڭ جازاسىغا تۇتقانلىق ۋە ئېغىر گۇناھتۇر.

(1) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
(2) بەقەرە سۈرىسى172 - ئايەت.
1325سوئال:ھالال بىلەن ھارامنى بىلىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟#

جاۋاب: ھالال بىلەن ھارامنىڭ پەرقىنى ئايرىش، نېمىلەرنىڭ ھالال ۋە نېمىلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بىلىش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرز ئەيندۇر. پۈتۈن ئىشلاردا ھالال–ھارامنىڭ پەرقىنى ئايرىش ۋە ھالال ئىشلار دائىرىسىدە ئىش كۆرۈش مۇسۇلمانلىقنىڭ تەلىبى بولغىنىدەك، يېمەك–ئىچمەكلەردە ھالال–ھارامنى ئىلغاش تولىمۇ ئەھمىيەتلىكتۇر. ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھارامنى ھالال ئورنىدا ئىستېمال قىلغۇچىلارنى دۇزاخ بىلەن تەھدىد قىلىپ مۇنداق دېگەن: «ھارامدىن ئوزۇقلىنىپ ئۆسكەن ھەر بىر گۆش (بەدەن) دۇزاخقا ئەڭ ھەقلىقتۇر»(1). ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿ئى مۆمىنلەر! بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار﴾(2) دەپ كۆرسەتكەن.

(1) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى.
(2) بەقەرە سۈرىسى 172 - ئايەت.
1326سوئال:قانداق قىلغاندا ھارامدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟#

جاۋاب: يېمەك–ئىچمەك، پىكىر-ئېتىقاد، گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكەت ۋە باشقا ھەر قانداق بىر ئىشتا ھارام دېيىلگەن نەرسىلەر ۋە ئىشلاردىن چەكلىنىش، شۇنداقلا ھالال ياكى ھاراملىقى ئېنىق بىلىنمىگەن نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ھارامدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە: «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق، لېكىن بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك (يەنى ھالال ياكى ھاراملىقى ئېنىق بولمىغان) نەرسىلەرمۇ بار، كۆپ ئادەملەر بۇنى بىلمەيدۇ. كىمكى شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ساقلانسا، ھارامدىن ساقلىنىپ قالالايدۇ»(1) دەپ كۆرسەتكەن.

(1) ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى.
1327سوئال:يېمەك-ئىچمەكلەردە ھالال–ھارامنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟#

جاۋاب: ئىسلام دىنىدا يېمەك– ئىچمەكلەر ھالال ۋە ھارام دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ ئۆزى پاكىز، تەبىئىتى پاك، تەمى، پۇرىقى نورمال، ئىنسان تەبىئىتىگە ياقىدىغان، ئوزۇقلىنىشقا پايدىلىق، تەركىبىدە ئوزۇقلۇق قىممىتى بار، تەن ساقلىقىغا زىيىنى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىسلا مدا چەكلەنمىگەن ھەر قانداق يېمەك– ئىچمەكنى ئىستېمال قىلىش ھالال، ئەكسىچە، ئۆزى پاسكىنا، تەبىئىتى پاك ئەمەس، ئادەمگە بىئاراملىق ئېلىپ كېلىدىغان، تەن ساقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى، مەست قىلىدىغانلىقى، ئەقىلنى بۇلغايدىغانلىقى سەۋەبلىك، ئىسلامدا چەكلەنگەن ھەر قانداق يېمەك– ئىچمەكنى ئىستېمال قىلىش ھارامدۇر.

1328سوئال:ھالال نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ قانداق پايدىلىرى بار؟#

جاۋاب: ھالال نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىنتايىن كۆپ پايدىلىرى بار: ئۇلار مۇنداق (1) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ۋە پاكىزلىققا ئەھمىيەت بەرگەن ئادەمنىڭ دىلى پاك، كۆڭلى يورۇق، تېنى ساق، ئەقلى ئۆتكۈر، خاتىرىسى كۈچلۈك ۋە ھوشيار بولىدۇ (2 ) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەم تۈرلۈك كېسەللىكلەردىن ساقلىنىپ قالىدۇ، كۈچ– قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىپ قالمايدۇ (3 ) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەمنىڭ قىلغان ئىبادەتلىرى قوبۇل بولىدۇ ۋە دۇئالىرى ئىجابەت بولىدۇ. چۈنكى ئىبادەتلەرنىڭ ۋە دۇئالارنىڭ ئاللاھ تائالانى ڭ دەرگاھىدا قوبۇل بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى ھارام يېيىشتۇر (4) ھالال ۋە پاك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلغان ئادەم ئاللاھ تائالانىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىنسانلارنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىدۇ.

1329سوئال:مال بوغۇزلاشنىڭ شەرتلىرى ۋە ئەدەپلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: : مال بوغۇزلىغاندا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم (1) مال بوغۇزلىغۇچىنى ڭ ئەقىل– ھوشى جايىدا، بالاغەتكە يەتكەن، مۇسۇلمان ياكى، ئەھلى كىتاب (يەھۇدىي ياكى خرىستىئان) بولۇشى شەرت ئەركىشى بولمىغاندا ئايال بوغۇزلىسىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇسۇلمان بولمىغاندايەھۇدىي ياكى خرىستىئاندىن ىدىكى بىرى بوغۇزلىسىمۇ بولىدۇ بىراق ئاللاھقا ئى شەنمەيدىغان دىنسىزنىڭ ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغان مۇشرىكنىڭ بوغۇزلىغان مېلى يېيىلمەيدۇ چۈنكى ئۇلار بوغۇزلىغان مال مۇسۇلمانغا ھارام بولىدۇ (2 ) بوغۇزلايدىغان مالنى سىيلاپ، سىيپاپ، ئاستىراق يىقىتىپ، پۇتلىرىنى مەھكەم باغلاش، مالنى باغلىغاندا ئۇنىڭ ئالد ىنقى ئىككى پۇتىنىڭ ئارىسىغا ئارقا سول پۇتىنى كىرىشتۈرۈپ باغلاپ، ئارقا ئوڭ پۇتىنى بوش قويۇش كېرەك چۈنكى ھايۋان جان تالاشقا، ندا ئۇ بوش قالغان پۇتى بىلەن قاتتىق تېپىدۇ قاتتىق سىلكىنىشتىن تومۇرلىرىدىكى قان پ اكىز ئېقى پ چىقىپ كېتىدۇ (3) مالنى قىبلىگە قارىتىپ، ئىتتىك پىچاق بىلەن«بىسمىللا ھ، ئاللاھۇ ئەكبەر » دەپ مالنىڭ گېلىدىن بوغۇزلاش، قىينىماسلىققا ئەھمىيەت بېرىش (4 ) مالنى ئۇرۇش، سۆرەش، قاتتىق يىقىتىش ۋە گال پىچاق بىلەن بوغۇزلاشتىن: ساقلىنىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە« كىمكى قۇشقاچتەك كىچىك قۇشنى ب وغۇزلاشتىمۇ رەھىمدىللىكىنى كۆرسەتسە، ئاللاھ ئۇ كىشىگە قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ شەپقىتىنى كۆرسىتىدۇ » دېگەن (5 ) قېچىپ تۇرمىغان ھايۋاننى بوغۇزلاش قىيىن بولغاندا، ئۇنىڭ بېرەر ئورگىنىنى قان ئېقىتالايدىغان تىغلىق نەرسە بىلەن ياكى ئېتىپ يارىلاندۇرۇپ ئۆلتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ (6) كېسەللىكتىن ئەمەس، بەلكى ئېگىزدىن يېقىلغان ياكى بىر- بىرى بىلەن ئۈسۈشكەن ياكى ئۇرۇلغان سەۋەبلىك جان تالىشىۋاتقان ھايۋاننى تېپىچەكلىگىچىلىك كۈچى بار بو لسا، ئۇنى بوغۇزلاپ گۆشىنى يېيىش ھالالدۇر ئەمما بۇغۇزلاشقا ئۈلگۈرەلمەي ئۆزى ئۆلۈپ قالغان قالغ انلىقتىن ھارام.

1330سوئال:ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ گۆشى نېمە ئۈچۈن يېيىلمەيدۇ؟#

جاۋاب: گۆشى يېيىلىدىغان قوي، كالا ۋە ئۆچكىگە ئوخشاش ھايۋانلاردىن قايسىبىر سەۋەب بىلەن ئۆزى ئۆلۈپ قالغانلىرىنىڭ گۆشىنى يېيىش قەتئىي ھارامدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان چوقۇم بىرەر كېسەللىك ياكى جان ئالغۇچى زەربىگە ئۇچرىغانلىقتىن ئۆلگەن بولىدۇ. مال كېسەللىكتىن ئۆلگەن بولسا، كېسەل مىكروبلىرى ئۇنىڭ تېنىنى پۈتۈنلەي قاپلاپ كەتكەن بولىدۇ. بۇنداق گۆشنى يېگەندە گۆشتىكى كېسەل مىكروبلىرى ئادەم بەدىنىگە تارقاپ كېتىدۇ، ھەتتا زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپمۇ قويىدۇ. مال كېسەللىكتىن ئەمەس تاياق زەربىسى بىلەن ياكى ئېگىزدىن يىقىلغانلىق سەۋەبتىن ئۆلگەن بولسا، قېنى ئېقىتىلمىغانلىقتىن ئۇنىڭ بەدىنىگە تارقاپ كەتكەن بولىدۇ. مۇنداق گۆشنى يېگەن ئادەم قاننى يېگەن بولىدۇ. قان پاكىز ئەمەس، قان تەركىبىدىكى ھەر خىل مىكروبلار ۋە باكتېرىيىلەر ئادەم بەدىنىنى زەھەرلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قاننى يېيىش ھارامدۇر.

1331سوئال:بازارلاردىن گۆش سېتىۋالغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: بازارلاردىن گۆش سېتىۋالغاندا، ئۇ قانداق مالنىڭ گۆشى بۇ مالنى قانداق قاسساپ سويغان مۇسۇلمان قاسساپ بوغۇزلىغانمۇ– يوق ئالدى بىلەن بۇلارنى ئېنىقلا پ، چىقىپ، قوي، كالا ئۆچكە، ئات، تۆگە، توخۇ، ئۆردەك قاتارلىقلارغا ئوخشاش ھالال ماللاردىن مۇسۇلمان قاسساپ سويغانلىرىنىڭ گۆشىنى ئېلىش، قايسى مالنىڭ ئىكەنلىكىي اكى كىمنىڭ سويغانلىقى بىلىنمىگەن گۆشلەرنى ئالماسلىق لازىم.

1332سوئال:قاچىلانغان يېمەكل ىكلەرنى سېتىۋالغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: قاچىلانغان گۆش ۋە ھەر قانداق بىر يېمەكلىكنى سېتىۋالماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ «مۇسۇلمانچە » دېگەن ماركىسى بارمۇ– يوق نەدە ئىشلەنگەن مۇسۇلمانلار ئىشلىگەنم ۇ ياكى باشقىلارمۇ قوللىنىش ۋاقتى بارمۇ ياكى ئۆتۈپ كەتكەنمۇ بۇلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش لازىم چۈنكى پاك ۋە ھالال نەرسىلەرنى يېيىش ئەمەل– ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل ب ولۇشى ئۈچۈن شەرت، تەن ساقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن زۆرۈردۇر.

1333سوئال:قايسى دىندىكىلەرنىڭ تاماقلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئەڭ پاك يېمەكلىك مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەكلىرىدۇر ھەمىشە مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەكلىكلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ يېيىش كېرەك مۇسۇلمانلارنىڭ تامىقى ياكى قاچىلانغان گۆش قاتارلىق تەييار يېمەكلىكلىرى تېپىلمىغاندا، خرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنىدىكىلەرنىڭ پاك يېمەك: لىرىنى يېيىشكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن﴿ بۈگۈن سىلەرگە پاك نەرسىلەر ھالال قىلىندى، كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە خرىستىئانلار) نىڭ تامىقى سىلەرگە ھالالدۇر ۋە سىلەرنىڭ تامىقىڭلار ئۇلارغا ھالالدۇر﴾(1) «خرىستىئان ۋە يەھۇدىي دىنىدىكىلەرنىڭ پاك يېمەكلىرى» دېگەن جۈملىدىن ھارام ما لنىڭ گۆشى ۋە ھەر قانداق بىر ھارام نەرسە ئارىلاشمىغان پاكىز ۋە ھالال يېمەكلىكلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

(1) مائىدە سۈرىسى 5 - ئايەت.
1334سوئال:قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن تەييار يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولىدۇ؟#

جاۋاب: مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدە ئىشلەنگەن تەييار تاماقلارنى، قاچىلانغان گۆش ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى سېتى پ ئېلىش كېرەك بۇنىڭغا ھەر قانداق مۇسۇلمان ئادەم ئەھم ىيەت بېرىشى لازىم ناۋادا مۇسۇلمان مەملىكەتلىرىدىن كەلگەن تەييار تاماقلار، قاچىلانغان گۆش ۋ ە باشقا يېمەكلىكلەر تېپىلمىغاندا، خرىستىئانلارنىڭ ياكى يەھۇدىيلارنىڭ مەملىكەتلى رىدىن كەلگەن، ھەر قانداق تەييار تاماق ھالال ھايۋاننىڭ گۆشىدىن قاچىلانغان تەييار گۆش ۋە باشقا يېمەكلەرنى سېتى پ ئېلىپ يېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان كوممۇنىست دۆلەتلىرىدىن، بۇددىستلارنىڭ يۇرتىدىن ۋە ھەر قانداق بىر باتىل دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ مەملىكەتلىرىدىن كەلگەن گۆش، توخۇ، تەييار تاماق، قاچىلانغان يېمەكلىك قاتارلىقلارنى يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ يېمەكلى كلى رى ۋە بۇغۇزلىغان ماللىرى مۇسۇلم انلار ئۈچۈن ھالال ئەمەس، بەلكى ھارامدۇرۇ ئەمما ئىشەنچلىك رەسمىي دىنىي ئورگاننىڭ نازارىتى ئاستىدا بوغۇزلانغان ھايۋان لارنىڭ گۆشلىرىدىن يەنە شۇ ئورگاننىڭ نازارىتى ئاستىدا قاچىلانغان گۆش ۋە شۇ تەرىقىدە ھازىرلانغان يېمەكلىكلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ.

1335سوئال:ئاشخانىلارغا كىرگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: ئۆيدە ئېتىپ يېگەن تاماق ئەڭ لەززەتلىك، ئەڭ پاكىز ۋە ئەڭ پايدىلىق تاماق تۇر ئاشخانىلاردىن تاماق يېيىشكە توغرا كەلگەندە، چوقۇم مۇسۇلمان، دىندار كىشىلەر ئا، چقان پاكىز ئاشخانىلارغا كىرىش كېرەك چۈنكى تاماق ئىنساننىڭ ساقلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسە شۇڭا ئۇنى ئىلغاپ پاكىز، ھالال، شەكسىز بولغانلىرىنى يېيىش ك ېرەك سەپەر ئۈستىدە بولغاندا ئاشخانىغا كىرىشكە توغرا كەلسە، چوقۇم«مۇسۇلمانلار ئاشخ انىسى » دەپ يېزىلغان، ئىشەنچلىك لىكى ۋە پاكىزلىقى بىلەن تونۇلغان ئاشخانىلارغا كىرىش كې رەك.

1336سوئال:مۇسۇلمان ئاشخانىسى تېپىلمىغاندا نېمە قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: سەپەر ئۈستىدە يول ماڭغاندا ياكى خەلقى مۇسۇلمان ئەمەس مەملىكەتلەرگە بارغاندا، مۇسۇلمان ئاشخانىسى تېپىلمىسا، خرىستىئان ياكى يەھۇدىيلارنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغاندا، ئۇلارنىڭ نانلىرىنى، قاچىلانغان تەييار تاماقلىرىنىلا يېيىشكە بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ قازانلىرىدا پىشۇرۇلغان تاماقلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ. چۈنكى خرىستىئانلار چوشقا گۆشىنى يەيدۇ. چوشقا گۆشىنى قورۇغان قازاندا باشقا ھالال گۆشنى قورۇپ بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ. ھالال بىلەن ھارامنى ئىلغايدىغان ئادەملەرنىڭ گېلىدىن مۇنداق تاماق زادى ئۆتمەيدۇ. مانا بۇ، مۇسۇلمانلىقنىڭ ۋە ساپ تەبىئەتنىڭ ئالامىتىدۇر.

1337سوئال:يېمەك– ئىچمەكلەردىن يېيىش ھارام قىلىغانن لىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: يېمەك– ئىچمەكلەردىن يېيىش ھارام قىلىنغانلىرى تۆۋەندىكىلەر: (1) باشقىلارنىڭ ھەققىنى يېيىش ھارام. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئى مۆمىنلەر! بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى (ئوغرىلىق، خىيانەت، بۇلاش، ئالداش، جازانىخورلۇق، قىمار ئويناش قاتارلىق) ھەقسىز يول بىلەن يەۋالماڭلار﴾(1). (2) ئۆزى ئۆلۈپ قالغان مالنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام. يەنى گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋانلاردىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئېگىز جايدىن يېقىلىپ ئۆلگەن، ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يىرتقۇچلار يېرىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر. (3) قاننىڭ ھەر قاندىقى ھارامدۇر. (4) چوشقا گۆشى، چوشقىنىڭ قېنى، مېيى، تېرىسى ۋە ھەر قانداق بىر ئورگىنى ھارامدۇر، ئىتمۇ بۇ ھۆكۈمگە كىرىدۇ. (5) ئاللاھتىن باشقا بىرىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ بوغۇزلانغان ھايۋاننىڭ گۆشى ھارام. (6) بۇددىستلارنىڭ بۇتلىرىغا، خرىستىئانلارنىڭ چېركاۋلىرىغا، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرىغا ياكى مازارلارغا ياكى ئاتالمىش ئەۋلىيالارنىڭ روھىغا ئاتاپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر. يۇقىرىقى ئالتە ئىشنىڭ ھاراملىقىنىڭ دەلىل–پاكىتى ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر: ﴿سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، يېقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام قىلىندى، لېكىن (يۇقىرىقىلاردىن تېخى جېنى چىقماستىن) بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالالدۇر ھەمدە بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى﴾(2).

(1) نىسا سۈرىسى 29 - ئايەت.
(2) مائىدە سۈرىسى 3 - ئايەت.
1338سوئال:ئەڭ پاسكىنا ھايۋان قايسى؟#

جاۋاب: چوشقا ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ پاسكىنا ۋە ئەڭ نىجىس مەخلۇق بولۇپ، ساغلام تەبىئەتلىك ئادەم ئۇنىڭدىن ئەلۋەتتە يىرگىنىدۇ. چوشقىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمىكى ئۆزىنىڭ تەرىتىدۇر. دۇنيادا چوشقىدىن باشقا ئۆزىنىڭ تەرىتىنى يەيدىغان ھايۋان بولمىسا كېرەك. بۇنىڭ ئۆزىلا چوشقىنىڭ ھەقىقەتەن بەكمۇ پاسكىنا ھايۋان ئىكەنلىكى ۋە چوشقا گۆشىنىڭمۇ خۇددى شۇنداق پاسكىنا نەرسە ئىكەنلىكىگە يېتەرلىكتۇر. ئىلىم–پەن ئىلگىرىلەپ، پەن–تېخنىكا تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا، تىببىي مۇتەخەسسىسلەر چوشقا گۆشىنىڭ ھەممە بەلۋاغلاردا، خۇسۇسەن ئىسسىق بەلۋاغلاردا ئىنسان سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئىلمىي تەجرىبىلەر ئارقىلىق چوشقا گۆشىدە ئادەمنى ئۆلتۈرىدىغان قۇرۇت ۋە ئەڭ خەتەرلىك مىكروبلارنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. كىم بىلسۇن، بەلكى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ كېتىۋاتقان بۇ ئىلىم-پەن كېلەچەكتە بىزگە، ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان نەرسىلەر، جۈملىدىن چوشقا گۆشى ھەققىدە بىز بىلمەيدىغان يېڭى مەلۇماتلارنى كەشىپ قىلىشى مۇمكىن. چوشقىدىن قالسا ئەڭ پاسكىنا ھايۋان ئىت بولۇپ، ئىت ۋە چوشقىنىڭ نىجاسەتلىرى بىر قېتىم تۇپراق بىلەن ئالتە قېتىم سۇ بىلەن جەمئى يەتتە قېتىم يۇيۇش ئارقىلىق پاكلىنىدۇ. بۇ مەسىلە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسى بىلەن سابىت بولغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلارنىڭ قاچىسىنى ئىت يالاپ قويغان بولسا، ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار، ئاۋۋالقى قېتىمىنى تۇپراق بىلەن يۇيۇڭلار»(1). چۈنكى تۇپراق تەركىبىدە مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈش كۈچىگە ئىگە ماددا بار بولغانلىقتىن، قاچىنى تۇپراق بىلەن بىر قېتىم سۈرتۈش ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىتنىڭ شۆلگىيىدىن يۇققان مىكروبلار ئۆلىدۇ. سۇ بىلەن يەنە ئالتە قېتىم يۇيۇش ئارقىلىق قاچىدا مىكروبنىڭ ئەسىرى قالمىغان بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ھەدىسىدىكى ئىلمىي ھەقىقەت تېخى ئەمدىلا تىببىي مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن بايقالغان.

(1) بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى.
1339سوئال:زىياننى توسۇش يۈزىسىدىن يېيىش چەكلەنگەن نەرسىلەر قايسىلار؟#

جاۋاب: زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن يېيىش چەكلەنگەن نەرسىلەر تۆۋەندىكىلەر: (1) زەھەر ۋە ئادەمنى زەھەرلەيدىغان ھەر قانداق نەرسىنى ئىستېمال قىلىش ھارامدۇر، چۈنكى تەن ساقلىقنى ساقلاش پەرزدۇر. (2) كۆڭۈل كۆتۈرمەيدىغان ۋە ئادەم سەسكىنىدىغان ھاشاراتلارنى يېيىش ھارام، چۈنكى بۇنداق ھاشاراتلار كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولۇشى ئېھتىمال. (3) توپا، لاي، تاش، كۆمۈر قاتارلىق تەنگە زىيانلىق نەرسىلەرنى يېيىش ھارام.

1340سوئال:پاسكىنىلىقى يۈزىسىدىن يېيىش چەكلەنگەن نەرسىلەر قايسىلار؟#

جاۋاب: پاسكىنىلىقى يۈزىسىدىن يېيىش چەكلەنگەن نەرسىلەر تۆۋەندىكىلەر: (1) پاسكىنا نەرسە ئارىلىشىپ قالغان ھەر قانداق يېمەكلىك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مايغا چۈشۈپ قالغان چاشقان توغرىسىدا: «توڭلىتىلغان مايغا چاشقان چۈشسە ئۇنىڭ ئەتراپىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ قالغىنىنى يەڭلار، چاشقان ئېرىتىلگەن مايغا چۈشكەن بولسا، ئۇنى قەتئىي يېمەڭلار»(1) دەپ كۆرسەتكەن. (2) ئىنسانلارنىڭ تەرىتى ۋە ھايۋانلارنىڭ تېزىكىگە ئوخشاش پاسكىنا نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ھارامدۇر. قۇرئان كەرىمدە: ﴿ئاللاھ ئۇلارغا پاسكىنا نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ﴾(2) دەپ كەلگەن.

(1) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.
(2) ئەئراف سۈرىسى 157 - ئايەت.
1341سوئال:ئاچلىقتىن ياكى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈم گىردابىغا كېلىپ قالغان ئادەم قانداق قىلىدۇ؟#

جاۋاب: ئاچلىقتىن ياكى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈم گىردابىغا كېلىپ قالغان ئادەمنىڭ زەھەردىن باشقا ئىستېمال قىلىش چەكلەنگەن ھارام نەرسىلەردىن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغۇدەك مىقدارنى يېيىشى ياكى ئىچىشى ھالال بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: ﴿كىمكى چارىسىزلىكتىن، گۇناھنى مەقسەت قىلمىغان ۋە ئاشۇرىۋەتمىگەن ھالدا، ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن يېسە گۇناھ بولمايدۇ﴾(1) دەپ كۆرسىتىلگەن.

(1) مائىدە سۈرىسى 3 - ئايەت.
1342سوئال:سۇيۇقلۇقلاردىن ئىستېمال قىلىش ھارام قىلىنغانلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: سۇيۇقلۇقلاردىن ئىستېمال قىلىش ھارام قىلىنغانلىرى تۆۋەندىكىلەر: (1) ھاراق ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن تۈرلىرى قەتئىي ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار﴾(1). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاراقنىڭ سەۋەبى بىلەن 10 كىشىنىڭ لەنەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھاراققا، ئۇنى ئىچكۈچىگە، ئىچكۈزگۈچىگە، كۆتۈرگۈچىگە، كۆتۈرگۈزگۈچىگە، ئۇنى ئىشلىگۈچىگە، ئىشلەتكۈچىگە، ساتقۇچىغا، سېتىۋالغۇچىغا ۋە ھاراقنىڭ پۇلىنى يېگۈچىگە لەنەت قىلدى»(2). (2) ئادەمنى مەست قىلىدىغان ۋە ئەقىلنى كەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ئىچىملىكلەر ۋە سۇيۇقلۇقلار ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەمنى مەست قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە (گەرچە باشقا ئىسىملار بىلەن ئاتالغان بولسىمۇ) ھاراقتۇر، ھاراقنىڭ ھەر قاندىقى ھارامدۇر»(3) دەپ كۆرسەتكەن. (3) ئىنساننىڭ، ھەرقانداق بىر ھايۋاننىڭ سۈيدۈكى، گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋانلارنىڭ سۈتى، گۆشى يېيىلىدىغان ۋە يېيىلمەيدىغان جىمى قۇشلارنىڭ سۈيدۈكى ۋە مايىقى ھارامدۇر. چۈنكى ئۇلار پاسكىنا نەرسىلەر بولۇپ، پاسكىنا نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ھارامدۇر. ھايۋانلارنىڭ سۈيدۈكلىرىنىڭ ھەممىسى پاسكىنا بولسىمۇ، ئۇلار پاسكىنىلىق جەھەتتىن ھەممىسى بىر خىل ئەمەس. مەسىلەن: گۆشى يېيىلىدىغان ھايۋاننىڭ سۈيدۈكى بەدەننىڭ ياكى كىيىمنىڭ قايسىبىر يېرىگە بىر غېرىچقا يەتمىگەن مىقداردا يۇقۇپ قالسا زۆرۈر كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسا بولىدۇ. ئەمما ئىنسان ياكى گۆشى يېيىلمەيدىغان ھايۋاننىڭ سۈيدۈكى كىيىم ياكى بەدەننىڭ بىر تەڭگە مىقدارىدىن كۆپرەك يېرىگە يۇقۇپ قالغاندا، كىيىم بىلەن بەدەننىڭ يۇقۇپ قالغان يېرىنى يۇيۇپ پاكىزلاپ، ئاندىن ناماز ئوقۇش لازىم كېلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئات، كالا، ئېشەك، قېچىرغا ئوخشاش ھايۋانلارنىڭ تېزىكى، جىمى قۇشلارنىڭ مايىقى ياكى سۈيدۈكى بەدەننىڭ ياكى كىيىمنىڭ بىر تەڭگە مىقدارىدىن كۆپرەك يېرىگە يۇقۇپ قالسا، ئۇ يەرنى يۇيۇپ پاكىزلىماي تۇرۇپ ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ. بۇ مىقدارغا يەتمىگىنى زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. (4) ئىسپىرت ۋە گازغا ئوخشاش تەن ساقلىققا زىيانلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىش ھارامدۇر. (5) تاماكا، كەندىر، ئەپيۇن، كوكائىن، مورفىنلارغا ئوخشاش زەھەرلىك نەرسىلەرنىڭ ئىس–تۈتەكلىرىنى پۇراش ياكى شوراش ياكى شپىرىس بىلەن بەدەنگە ئۇرۇش ھارامدۇر.

(1) مائىدە سۈرىسى 90 - ئايەت.
(2) ئەبۇداۋۇد ۋە ھاكىم رىۋايىتى.
(3) مۇسلىم رىۋايىتى.
1343سوئال:ھاراق دورا بولالامدۇ؟#

جاۋاب: ھاراقنىڭ ئىنسانىيەتنى بەختسىز قىلىدىغان ئىچىملىكلەرنىڭ ئەڭ يامىنى بولغانلىقى سەۋەبلىك، ھاراقنى ئىچىش، ھاراق سورۇنلىرىدا ئولتۇرۇش، ھاراق ياساش، ھاراق سودىسى قىلىش، ھاراق سوۋغا قىلىش، ھاراقنى ھەر قانداق بىر يېمەكلىككە ئاز بولسىمۇ ئارىلاشتۇرۇش قەتئىي ھارامدۇر. ھاراقنى دورا ئورنىدا ئىستېمال قىلىش ياكى دورىغا ئارىلاشتۇرۇش قەتئىي ھارامدۇر. بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھاراق توغرۇلۇق سۆزلەپ: «مەن ئۇنى دورا ياساش ئۈچۈن تەييارلايمەن» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ئۇ دورا ئەمەس، بەلكى كېسەللىكتۇر»(1) دېگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىستە: «كېسەللىكنى ۋە ئۇنىڭ دورىسىنى ئاللاھ چۈشۈردى. ھەر قانداق كېسەللىككە دورا ياراتتى، داۋالىنىڭلار، لېكىن ھارام بىلەن داۋالانماڭلار»(2) دەپ كۆرسەتكەن. بۇ يەردە چەكلەنگىنى ھاراقنى دورا ئورنىدا ئىچكى قىسىمغا قوللىنىش ياكى ئىچىشتۇر. ئەمما ھاراقنى تەننىڭ تاشقى قىسمىغا دورا ئورنىدا قوللىنىشقا بولىدۇ. كىيىم-كېچەك ياكى بەدەندىن ھاراق ياكى ئىسپېرت يۇقۇپ قالغان ياكى تۆكۈلگەن جاينى يۇيۇشقا ھاجەت يوق، چۈنكى ھاراق بىلەن ئىسپېرت مەنىۋى جەھەتتىن پاسكىنا بولسىمۇ، ھېسسىي جەھەتتىن تازىلىغۇچى ماددىدۇر(3).

(1) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
(2) ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى.
(3) «تەپسىر قۇرتۇبىي» 188 - 189 - بەتلەر، ئىمام مالىكنىڭ ئۇستازى رەبىئە، ئىمام لەيس، ئىمام مۇزنىي ۋە باغداتلىق ئالىملار.
1344سوئال:قايسى ۋاقىتتا ھاراق بىلەن داۋالىنىشقا بولىدۇ؟#

جاۋاب: ھاراق بىلەن داۋالىنىشقا بولمايدۇ ناۋادا ھاراق بىرەر خەتەرلىك كېسەلنى ساقايتىدىغان دورا ئورنىدا بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ھاراققا موھتاج بولماستىن ب اشقا خىل دور ىلار بىلەنمۇ ھاراقنىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر ھاراق ياكى ھاراق ئارىلاشتۇرۇلغان بىر نەرسە بېرەر خەتەرلىك كېسەل ئۈچۈن دورا بولۇپ، مۇئەييەنلەشسە، ئۇنىڭغا ھاراق ياكى ھاراق ئارىلاشتۇرۇلغان دورىدىن باشقا ھېچقانداق دورا پايدا قىلمايدىغان بولسا— مۇ نداق بولۇشىغۇ ناتايىن ئۇنىڭغا ھاراق قوشۇلغان شۇ دورىنى ئىشلىتىشنى مۇسۇلمان، دىندار، ئىشەنچلىك ۋە ئۇستا بىر دوختۇر بۇيرۇغان تەقدىردە، ئىسلام دىنىنىڭ«ئىككى زىياننىڭ يېنىكرەكىنى تاللاش كېرەك » دەيدىغان ئومۇمىي پىرىنسىپ ىغا ئاساسەن، ئېھتىياجغا قاراپ ئىنتايىن تاردا ئىرىدە بولۇش شەرتى بىلەن ئىستېمال قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ (1)، ئەمدى بۇيەردە مۇنداق بىر سوئال تۇغۇلىشى مۇمكىن بىز دۇرا شركەتلىرىدىن سېتىۋالىدىغان دورىلارنىڭ بەزىسىگە ھاراق ياكى ئىسپېرت قوشۇپ ياسالغان دورىلار ئىكەنلىكىنى ئاڭلايمىز، بۇ دورىلارنى سورىماستىن ئىشلەتكەن يەردە، ئۆزىمىز زۆرۈر كەلگەندە ھاراق ياكى ھاراق ئارىلا شتۇرۇلغان دورىلار بىلەن داۋالانساق بولمامدىكەن، بۇنىڭ جاۋابى مۇنداق بىرىنچىدىن، ئاللاھ تائالا بىزنى ھاراق ئىچىشتىن، ھاراق سودىسى قىلىشتىن ۋە ھاراق بىلەن داۋالىنىشتىن توسقان بىز مۇسۇلمانلىق س ۈپىتىمىز بىلەن ئاللاھ، تائالانىڭ توسقانلىرىدىن يېنىپ، ئۇنىڭ ئەمرىنى تۇتۇشقا بۇيرۇلدۇق ئىككىنچىدىن ھ اراق باشقا نەرسىگە ئارىلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق ئۆز خۇسۇسىيىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ باشقا ماددىغا ئايلىنىپ كەتسە، ئۇنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن: فىقھى كىتابلىرىدا «ھايۋانلارنىڭ سۈيدۈكى بىلەن تېزىكى پاسكىنا ۋە ھارام نەرسىلەردۇر ئەمما، سۈيدۈك قۇرۇپ تۇزغا ئايلانسا تېزەك كۆيۈپ كۈلگە ئايلانسا، بۇ ئىككىسى پاك ماددىلارغا ئايلىنىدۇ» دەپ قەيت قىلىنغان ئۆلىمالارنىڭ «ھاراقنى ھارام دېگەنلىك ئۇنى ئىچىشنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسىتىدۇ بىر نەرسىنىڭ ھارام قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ پاسكىناى بول شى شەرت ئەمەس » دېگەن سۆزلىرى قەيت قىلىنغان ئىمام شەۋكانىي« سەيلۇل جەرار» ناملىق ئەسى رنىڭ 35 - -: بەتلىرىدە«مەس قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ پاسكىنا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك دەلىل يوق » دېگەن دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋىينىڭ«ھازىر قى زامان پەتىۋالىرى »ناملىق ئەسى رىنىڭ 564 - بېتىدە بۇ قاراش كۈچلەندۈرۈلگەن

(1) دوكتور يۇسۇف ئەل قارداۋىينىڭ «ئىسلامدا ھالال ۋە ھارام» ناملىق ئەسىرىدىن.
1345سوئال:ھايۋانلار نەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟#

جاۋاب: ھايۋانلار قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرى ۋە سۇ ھايۋانلىرى دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ شۇنىڭدەك، قۇرۇقلۇق ھايۋانلىرىمۇ ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ياۋايى ھايۋا نلار دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.

(1) مائىدە سۈرىسى96 - ئايەت.
(2) بۇخارىي، مۇسلىم ۋە باشقىلار رىۋايىتى.
1346سوئال:سۇ ھايۋانلىرىدىن ھەر قاندىقىنى يېيىشكە بولامدۇ؟#

جاۋاب: سۇ ھايۋانلىرىنىڭ ھەممىسى ھالال بولۇپ، ئۇلاردىن ھەر قاندىقىنى يېيىشكە بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿سىلەرنى ڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دېڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى﴾(1): پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېڭىز ۋە دەريا توغرۇلۇق«، ئۇنىڭ سۈيى پاك مەھسۇلاتى ھالالدۇر»(2) دەپ كۆرسەتكەن بۇ ھەدىس بېلىق ۋە ھەر قانداق سۇ ھايۋا نلىرىنىڭ ھالال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ھەنەفىي مەزھى ب ىدە سۇ ھايۋانلىرىدىن بېلىقتىن باشقىسى ھالالد ېيىلمىگەن بولسى، مۇ ئىسلام مەزھەب لىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ ھەر قاندىقىنى ھالا ل دەپ قارايدۇ ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىمۇ شۇنداق قارايدۇ.

(1) مائىدە سۈرىسى96 - ئايەت.
(2) بۇخارىي، مۇسلىم ۋە باشقىلار رىۋايىتى.
1347سوئال:ئۆي ھايۋانلىرىدىن قانداقلىرىنى يېيىشكە بولىدۇ؟#

جاۋاب: ، ئۆي ھايۋانلىرىدىن ئومۇمەن، پاكىز ۋە پاك نەرسىلەرنى يەپ ئۆسكەن يارىتىلىشىدا يىرتقۇچلۇق ۋە يىرگىنىشلىك بولمىغان ماللارنىڭ گۆشىنى يېيىش ھالالد ۇر، مەسىلەن: قوي ئۆچكە، كالا، تۆگە، ئات، توشقان، توخۇ، ئۆردەك، غاز قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ مۈلكى بولۇش ياكى باشقىسىنىڭ بولسىمۇ يېيىشكە رۇخسەت قىلغان بولۇش ۋە مۇسۇلمانچە بوغۇزلانغان بولۇش شەرتى بىلەن يېيىش ھالالدۇر.

(1) مائىدە سۈرىسى96 - ئايەت.
(2) بۇخارىي، مۇسلىم ۋە باشقىلار رىۋايىتى.
Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.