ئورگان كۆچۈرۈش ۋە زامانىۋى تېببىي ئەھكام
This content is not yet available in your language.
ئادەم ئەزاسى يۆتكەش، داۋالىنىش ۋە تېببىي چەكلىمىلەر (سوئال 1421 – 1455)
بۆلۈم: “ئادەم ئەزاسى يۆتكەش، داۋالىنىش ۋە تېببىي چەكلىمىلەر (سوئال 1421 – 1455)”جاۋاب: مۇسۇلمان ئەمەس كىشىلەرگە پۇل– مالدىن سەدىقە بېرىش دۇرۇس بولغان ئىكەن، ئۇلارغا ئورگانلىرىدىن بىرەرسىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن خالىسانە ياردەم ئو رنىدا بەرسە بولىدۇ. ئەمما مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقان كۇففارلارغا ۋە ئىسلامدىني ېنىۋالغان مۇرتەدكە بېرىشكە بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش دۈشمەننى كۈچلەندۈرگەنلىك بولىدۇ.
جاۋاب: بۇنىڭدا مەنئى قىلىنىدىغان ھ ېچ ئىش يوق چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ئورگانلىرى مۇسۇلمانلىق ياكى كاپىرلىق بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمان بولىشى ياكى كاپىر بولىشى ئۇلارنىڭ تېنى بىلەن ئەمەس، بەلكى مەنىۋىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش مۇسۇلمان ئەمەس بىرىنىڭ بىرەر ئورگىنىنى مۇسۇلمان كىشىگە يۆتكىگەندە، بۇ ئورگان مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئورگىنىدىن بىر پارچىغا ئايلىنىدۇ قۇرئان كەرىمدىكى﴿ مۇشرىكلار پەقەت نىجىستۇر﴾(1) دېگەن ئايەت ھېسسىي نىجاسەتنى ( پاسكىنىلىقنى) ئەمەس، بەلكى قەلب ۋە ئەقىلغا مۇناسىۋەتلىك مەنىۋى نىجاسەتنى كۆرسىتىدۇ ئادەم ئورگىنىنى سې تىشقا بولمايدۇ.
جاۋاب: ئاللاھ تائالا ئىنساننى ھۆر مەتلىك قىلىپ ياراتقان ئىنسان قان چىلىك ھۆرمەتلىك بولسا، ئۇنىڭ تېىنىمۇ شۇنچىلىك ھۆرمەتلىكتۇر ئەھۋال بۇنداق ئىكەن ئىنس ان بەدىنى تىجارەتچىلەرنىڭ ماللىرىغا ئوخشاش ئېلىپ، سېتىلىدىغان نەرسە بولالمايدۇ ئەپسۇسكى پېقىر دۆلەتلەردە بىچارە ئىنسانلارنىڭ ئورگانلىرىنى سېتىۋالىدىغان«مافىيە »ئىسىملىك ئادەم سودىگەرلىرى بولۇپ، ئۇلار ئىنسانىيەتنى پالاكەتلەرگە ئۇچرىتىشتا«زەھەر مافىيەلى رى » بىلەن بەسلەشمەكتە شۇڭا ئادەم ئورگانلىرىنى سېتىش قەتئىي دۇرۇس ئەمەس چۈنكى ئىن سان ئورگانلىرىنى سېتىش ئىشىنى نورمال ئەھۋال دەپ، ئۇنىڭغا يول قويۇش ئادەم سودىگەرل ىرىنى قوللىغانلىق ۋە ئۇلارنى بۇ جىنايەتكە تەشەببۇس قىلغانلىق بولىدۇ ناۋادا بىراۋ ئورگانلىرىدىن بىرەرسىنى باشقا بىرىگە خالىسانە ياردەم قىلىش ئاساسىدا ھەقسىز بەرگەن بولسا ۋە ئورگانغا ئىگە بولغان كىشى ئۇنى بەرگۈچىگە ئۆز ئىختىيارى بىلەن ھەق بەرسە، ئۇنى ئالسا ھالال بولىدۇ ئوگانغا جىددىي مۇھتاج بولۇپ قالغانلارغا ئۆز ئورگىنىنى ھەقسىز بېرىش بىر يا ھاتنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىق بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ. شۇنىڭدەك ئورگانغا مۇھتاج بولغان ئادەم ھەقسىز ئورگانغا ئېرىشەلمىگەندە ئۇنى پۇلغا سېتىپ ئالسا دۇرۇس، بولغاندەك، ھاياتى خەتەردە بولۇپ قالغان ئەھۋالدا ئۇنى پۇلغا س ېتىپ ئېلىپ بولسىمۇ ھايا تىنى قۇتقۇزۇشى زۆرۈردۇر بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ گۇناھى ئالغۇچىغا ئەمەس ساتقۇچىغا بولىدۇ
(1) تەۋبە سۈرىسى 28 - ئايەت ئور گ ان يۆتكەشكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋابلار.
جاۋاب: ئىنسان تىرىك ۋاقتىدا ئورگانلىرىدىن بىرەرسىنى ياكى بىردىن كۆپىنى- يۇقىرىقى شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ئاساستا- باشقا بىرىگە خالىسانە بەرسە دۇرۇس بولغان يەر، دە ئۆلگەندىن كېيىن ئورگانلىرىنى خالىسانە باشقىسىغا بېرىشكە ۋەسىيەت ق ىلىشى ئەلۋەت تە دۇرۇس ۋە چو ڭ ساۋابلىق ئىشتۇر بەلكى بۇنىڭدا ئورگىنىنى بەرگۈچىگە زىيان يېتىش ئېھتىما لىمۇ يوق چۈنكى ئۇ بىر ئۆلۈك مۇنداق قىلغان كىشى نىيىتىگە قاراپ ئەلۋەتتە ساۋابقا ئېرىشىدۇ چۈنكى ئۇ ئۆزى ئۆلۈپ كەتسىمۇ، بىر ئىنساننىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ، ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتق ۇزغان بولىدۇ.
جاۋاب: ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىگىلىكلىرى ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا ئۆتكەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ قىساسىنى ئېلىشي اكى قاتىلنى ئەپۇ قىلىش ھەققىنى ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا بەرگەن﴿ كىمكى ناھەق ئۆلتۈرۈلىدىكەن، (قاتىلدىن قىساس ئېلىشيا دىيەت ئېلىشيا كەچۈرۈم قىلىش) ھوقۇقىنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسىنىڭ قولىدا قىلدۇق ﴾(1) بۇ ئايەتكە ئاساسلانغاندا، ۋارىسلارنىڭ ئۆلگۈچىسىنىڭ ئورگا نلىرىنى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە خالىسانە ياردەم قىلغان ئاساستا ھەقسىز بېرىش ھوقۇقى بار دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىشتا ئۆلگۈچىگە ھېچقانداق بىر زىيان– زەخمەت يەتمەسلىك بىلەن بىرلىكتە، ئورگانغا مۇھتاج بولغان كىشىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزغان بولىدۇ. بۇنىڭ ساۋ ابى ئۆلگۈچىگ ىمۇ ۋە ئورگاننى ھەقسىز بەرگەن ۋارىسلىرىغىمۇ بولىدۇ خۇددى بىراۋنىڭ، زىرائەتلىرىدىن ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە قۇشلار يېسە ساۋابى ئۇنىڭغا يەتكەندەك ئۆلگۈچى بۇ خەيرلىك ئىشنى نىيەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ساۋابى ئۇنىڭغا يېتىدۇ چۈنكى پايد ىلىنىلغان ئورگ ان ئۇنىڭ ئورگىنىدۇر ئەگەر ئۆلگۈچى ئورگانلىرىنى بىركىمگە بەرمەسلىكنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، بۇ چا غدا ۋ ارىسلار ئۇنىڭ ۋەسىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ ئورگانلىرىنى بىر كىمگە بېرەلمەيدۇ.
جاۋاب: ئەرلەرنىڭ تۇخۇمىنى ئۇلارنىڭ باشقا ئورگانلىرىغا ئوخشاتقىلى بولمايدۇ. چۈنكى تىببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئەرنىڭ تۇخۇمى ئىرسىيەتنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئائىلىسىگە ۋە ئۇرۇق– ئەۋلادىغا يۆتكەيدىغان مۇھىم بىر ئورگاندۇر بىر ئىنساننى ڭ تۇخۇمىنى يەنە بىر ئىنسانغا يۆتكىگەندە، تۇخۇمنى ئۆزىگە يۆتكىگەن كىشىنىڭ پەرزەنتلىرى تۇخ ۇمىنى بەرگەن كىشىنىڭ ئاقلىق ياكى قارىلىق، ئىگىزلىك ياكى پاكارلىق، ئەقىللىق ياكى دېۋ ەڭلىككە ئوخشىغان بارلىق سۆپەتلىرىنى ئالىدۇ. بۇ نەسەبلەرنىڭ ئارىلىشىپ كېت ىشى بولۇپ، ئى سلام دىنى نەسەبنى قوغداشقا بۇيرىغان ۋە ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشتىن توسقان (1) ئىسرا سۈرىسى 33 - ئايەت قۇلروخىراپ ەۋ ڭىنۇئ ىھانۇگ.
جاۋاب: پارىخورلۇق— بىراۋنىڭ ھەققىنى يەۋېلىش ياكى ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىنى تارتىۋېلىش ياكى ئۇنىڭغا كەلگەن ئامەتنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىش ياكى گۇناھسىز بىرىنى قارىلاش ياكى بىرەر جىنايەتكارنى ئاقلاش ياكى ئۇنىڭ جىنايىتىنى يېنىكلىتىش ياكى ق انداقلا ب ىر دەۋا ئىشىدا قارشى تەرەپنىڭ ھەققىنى ئۆزىگە قارىتىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەتنى ئ ە مەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىش ئۈستىدىكىلەرگە مەلۇم مىقداردا پۇل ياكى پۇلغا توختايدىغان بىر نەرسە بېرىش دېگەنلىك بولۇپ، پارىنى بەرگەن ۋە ئالغان ھەر ئىككىسى ئاللاھنىڭ ئال دىدا قاتتىق گۇناھكار، ئىنسانىيەت ئالدىدا ئەيىبكار بولىدۇ.
جاۋاب: پارىخورلۇق ئەڭ يامان خىيانەتچىلىك بولۇپ، ھەق- ھوقۇقلارنىڭ زايە بولۇشىغا، ئادالەتسىزلىك ۋە تەڭسىزلىككە، كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە نامەردلەرچە خى رىس قىلى شقا، ئۇلارنىڭ ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىشقا، تۆھمەتلەرنى ئارتىپ ئۇلارنىڭ ئابرويىنى تۆكۈشكە، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇشقا، خاتىرجەملىك، ئامانلىق ۋە ئىشەنچنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىنتايىن قەبىھ ۋە رەزىل قىلمىش تۇر پارا بېرىش ياكى ئېلىش ئىسلام دىنىدىلا ئەمە س، بەلكى پۈتۈن دىنلاردا ۋە پۈتۈن قانۇنلاردا: قەتئىي ھارامدۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام« ئاللاھ پارا بەرگۈچىگە، ئۇنى ئالغۇچىغا ۋە ئۇنىڭغا سايە قىلىپ ۋاسىتە بولغۇچىغا لەنەت قىلدى»(1) دېيىش ئارقىلىق پارىخورلۇق جىنايىتىنىڭ جازاسىنى بايان قىلغان ئاللاھنىڭ لەنىت ىگە ئۇچرىغانلىق ئاخىرەتلىك نېسىۋىدىن پۈتۈنلەي قۇرۇق قالغانلىقتۇر.
جاۋاب: ئۆز زاتىدا ياخشى نەرسە يامان غەرەزنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن يامان نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ مەسىلەن: ئىنسانلار ئارىسىدا بىر– بىرىگە ھەدىيە، سوۋغا– سالا م بېرىشىش ياخشى ئىشتۇر چۈنكى مۇنداق قىلىش ئۆزئارا سۆيگۈ- مۇھەببەتنىيېقىن لىقنى، دوستل ۇقنى كۈچەيتىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە تەلىم بېرى پ: « بىر- بىرىڭلارغا سو ۋغا– سالام تەقدىم قىلىشساڭلار ئاراڭلاردىكى مۇھەببەت ئاشىدۇ » دەپ كۆرسەتكەن ئەمما سوۋغا– سالام باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت بىرەر يامان نىيەتنى كۆزلەپ ياكى ھەققى بولمىغان بىر نەرسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن پارا بېرىش مەقسىتى بىلەن
ب ېرىلسە، ئۇ ۋاقىتتا، بۇ سوۋغا– سالام ئەمەس، بەلكى پارا بەرگەنلىكتۇر بۇنداق قىلىش قەتئىي ھارام بەرگۈچى بىلەن ئالغۇچى ۋە سايە قىلىپ ۋاسىتە بولغۇچى ھەممىسى گۇناھقا شېرىك بولىدۇ پارىنى مەقسەت قىلغان سوۋغا-سالام ھارامدۇر پارا مەيلى قانداق بىر ئىسىم بىلەن ئات مى ال سۇن، ئۇ بەرىبىر ھارامدۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز مائاش بەلگىلەپ خىزمەت تاپشۇرغان ئادەمنىڭ مائاشىدىن تاشقىرى ئالغان ھەرقانداق نەرس ىسى ھارامدۇر»(1) پارا بېرىشنى جائىَ قىلىدىغان سەۋەبلەر.
جاۋاب: ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىش ياكى ئۆزىنىڭ يوللۇق ھەق- ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن پارا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، باشقىلارغا زىيان– زەخمەت يەتكۈزمەسلىك شەرتى بىلەن پارا بېرىپ بولسىمۇ ئۆز ھەققىنى قۇتقۇزسا گۇناھ بولمايدۇ. بۇ مۇنداق: بولىدۇ (1 ) بىراۋ ياكى ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرى رەھىمسىز زالىمنىڭ ياكى قاتىلنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، پارا بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇشتىن باشقا چارىسى قالمىغاندا، پارا بەرسە بولىدۇ
(2) ئۆزىنى ڭ جېنىنى، ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنى مال– مۈلكىنى، نومۇسىنى، دىنىنى ۋە ۋەتىنىنى خەتەرلەردىن قوغداش يولىدا پارا بېرىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، پارا بەرسە بولىدۇ (3 ) ئۆزى ياكى ئائىلە ئەزالىرىدىن بىرى ياكى تۇغقانلىرىدىن بىرى دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، پارا بېرىش بىلەن قۇتۇلدۇرغىلى بولسا، پارا بېرىپ قۇتۇلدۇرۇش جائىز دۇر (4 ) ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھەققىنى ئېلىش ئۈچۈن پارا بېرىشتىن باشقا چارە قالمىغان شارائىتتا، بىراۋنى زىيان– زەخمەتكە ئۇچراتماسلىق شەرتى بىلەن پارا بېرىشكە بول ىدۇ ئەمما باشقىلارنىڭ ھەق قىنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن پارا بېرىش قەتئىي ھارام مەسىل ەن: باشقا بىرىگە تەقسىم قىلىنغان خىزمەت ئورنىغا ئۆزى ئورۇنلىشىش ئۈچۈن ياكى ئۆز مېھنىتى ب ىلەن ئالىي مەكتەپنى قازانغان بىر بالىنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ بالىسىنى سەپلەش ئۈچۈن پارا بەرگەنگە ئوخشاش
ئىجتىمائ ىي مۇناسىۋەتتە چەكلەنگەن ئىشلار ھەققىدە ئىنسان ئىجتىمائىي مەخلۇقات بولغانلىقتىن، ئۆزى يالغۇز ياشاپ ئۆتەلمەيدۇ بەلكى جەمئىيەتتىكى باشقا ئىنسانلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە موھتاج بولىدۇ ئىنسان تەبىئ ىتى ئەسل ىدە ياخشىلىقنى سۆيىدىغان يامانلىقتىن نەپرەتلىنىدىغ ان قىلىپ يارىتىلغان بولۇپ، گۈزەل ئەخلاقلارغا ئىنتىلىدۇ، ناچار ئەخلاق ۋە يامان قىلىقلاردىن نەپرەتلىنىدۇ ھەر قانداق بىر جەمئىيەت كىشىل ىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بەخت- سائادەت، مېھرى– مۇھەببەت، دوستلۇق، ئىناقلىق ۋە بىرلىككە تو سقۇن بولىدىغان ناچار ئىللەتلەر بار: بۇ ئىللەتلەر تۆۋەندىكىچە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش قارا چاپلاش 3 يالغان گۇۋاھلىق بېرىش 4 زۇلۇم قىلىش 5 يالغانچىلىق 6 سۆزىدە تۇرماسلىق 7 غەيۋەت قىلىش 8 خىيانەت 9 كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش 10 كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش 11 كۆرەلمەسلىك 12 گەپ توشۇش 13 كىشىلەرگە لەقەم قويۇش 14 ھاياسىزلىق 15 گۇمانخورلۇق 16 ۋاپاسىزلىق 18 چېقىمچىلىق 19 ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش 20 ئىسراپخورلۇق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ جازاسى.
جاۋاب: جان ئاللاھنى ڭ مۈلكىدۇر ئاللاھ ئۆزى بەرگەن بۇ جاننى ئاللاھتىن باشقا بىرىنىڭ ئېلىشى يوللۇق ئەمەس ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، بىراۋ گەرچە ئۆزىنى ئاللاھنىڭ يولىدا دەپ ئېتىقاد قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى توغرا ئەمەس چۈنكى مۇنداق قىلىش ئاللاھنىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى چ ىققانلىق بولۇپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغاننىڭ جازاسى: دوزاختۇر ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن﴿ سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر كىمكى ھەددىدىن ئېشىپ ۋە ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلىپ شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ب ۇ ئاللاھقا ئاساندۇر﴾(1 ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى ۋە ئېغىر: جازاسىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن« كىمكى تىغلىق نەرسە بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىكەن، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان شۇ تىغلىق نەرسىنى قورسىقىغا تىقىش بىلەن دوزا ختا مەڭگۈلۈك ئازابلىنىدۇ كىمكى زەھەر ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدىكەن، زەھەر ئىچىش بىلەن دوزاختا مەڭگۈلۈك ئازابلىنىدۇ كىمكى ئۆزىنى ئېگىزدىن تاشلاپ ئۆلتۈرۈۋالىدىكەن، دوزاختا ئۆزىنى تاشلاش بىلەن مەڭگۈلۈك ئازابلىنىدۇ»(2) بىراۋغا قارا چاپلاشنىڭ خەتىرى ۋە ئۇنىڭ جازسى.
جاۋاب: گۇناھسىز كىشىلەرنى قارىلاش ئۇلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش بولۇپ، بۇ قارىلانغۇچىلارغا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بولغۇسىز روھىي ئازابنى، چىدىغۇسىز ھەسرەت– نادامەتنى ئېلىپ كېلىدۇ قارام بىر ساختىپەز ئېيتقان بىر قېتىملىق يالغاندىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننىڭ دائىرىسى كېڭەيگەنسېرى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە خەلقنىڭ نەزىرى دىكى جىنايىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ ئەر-، ئاياللارغا تۆھمەت چاپلاپ ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى پارچىلىماقچى بولغان تۆھمەتچى بۇ قىلمىشلىرى بىلەن ئىنسانىيەتكە قانچىلىك ئېغىر زىيان سالغان بولسا، ئۇنىڭ جىنايىتى ۋە جازاسىمۇ شۇنچىلىك ئېغىر ۋە چوڭ: بولىدۇ. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن﴿ ئەر- ئايال مۇسۇلمانلارغا قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (ئۆزلىرى چاپلىغان شۇ) تۆھمەتنى ۋە ئوپئوچۇق گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ﴾(3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلارنى كىشىلەرگە تۆھمەت چاپلاشنىڭ يامان: ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ« كىمكى باشقىلارغا ئەيىب قويۇش ئۈچۈن يوق ئىشنى بار دەپ ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلىغان بولسا، شۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئېلىپ كەلمىگۈچە ئاللاھ ئۇنى دوزاختىن
(1) نىسا سۈرىسى 29 – - ئايەتلەر
(3) ئەھزاب سۈرىسى 58 - ئايەت چىقارمايدۇ » دەپ كۆرسەتكەن يالغاندىن چاپلىغان تۆھمەتنىڭ ھەقىقىتىنى قانداقمۇ ئېلىپ كەلگىلى بولسۇنۇ يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ ئاقىۋىتى.
جاۋاب: يالغان گۇۋاھلىق بېرىش، بىراۋغا ئاساسسىز ھالدايالغاندىن تۆھمەت قىلىپ قىلمىغان ئىشنى قىلدى، دېمىگەن گەپنى دېدى، دەپ قارىلاشتۇر يالغان گۇۋاھلىق بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى ئاققۇزۇشقا، ھەق– ھوقۇقلارنىڭ زايە بولۇپ كېتىشىگە، گۇناھسىزلارنىڭ قارىلىنىشىغا، گۇناھكارلارنىڭ جازاسىز قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان، ئاللاھقا ئەڭ يامان كۆرۈلىدىغان، كەچۈرۈلگۈسىز ئەڭ يامان جىنايەتتۇر ئاللاھ تائالا: مۇنداق دېگەن﴿ سىلەر بۇتلاردىن ئىبارەت نىجىستىن قېچىڭلار يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتىن قېچىڭلار﴾(1)، بۇ ئايەتتە يالغاندىن بىراۋغا قارا چاپلاش خۇددى بۇتقا چوقۇنغانغا ئوخشاش قەبىھ قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
جاۋاب: يالغان گۇۋاھلىق بېرىشنىڭ سەۋەبىدىن كىشىل ەرنىڭ مال - مۈلكى يۈز– ئابرۇي ىنى تۆكۈدىغان ۋە جېنىغا زامىن بولىدىغان، ھەق- ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىدىغان ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ بۇنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى بىلىپ يەتكەن مۆمىن ئادەم كۆزى كۆرمىگەن، قۇلىقى ئاڭلىمىغان، ئۆزى بىلمەيدىغان ئىشقا يالغاندىن گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ ئاللاھ تائالا ھەقىقىي: مۆمىنلەرنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ﴿ئۇلار يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ﴾ دېگەن بىرىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئەڭ چوڭ گۇناھلارنى بايان قىلىپ بەرمەكچى بولۇپ، ساھابىلەردىن«س ىلەرگە ئەڭ چوڭ گۇناھلارنى ئېيتىپ بېرەيمۇ »: دەپ سورايدۇ ساھابىلەر“ئەلۋەتتە ئېيتىپ ب ەرسلە ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى”: دەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا«، بىلىڭلاركى ئەڭ چوڭ گۇناھلار: مەخلۇقاتنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىش، ئاتا– ئانىنى قاقشىتى ش » دەۋېتىپيۆلىنىپ ئولتۇرغان يېرىدىن تۈزلىنىپ ئولتۇرۇپ جىددىيلىك بىلەن«، دىققەت قىلىڭلار يالغان گۇۋاھلىق بېرىش ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر»(3) دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلايدۇ غەيۋەت، ئۇنىڭ خەتىرى ۋە گۇناھى.
جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام غەيۋەتنى تونۇشتۇرۇش، ئۇنىڭدىن توسۇش ۋە ئۇنىڭ: يامانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن بىر كۈنى ساھابىلەردىن«غەيۋەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر »: دەپ سورايدۇ ساھابىلەر«ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ياخشىراق بىلىدۇ » دېيىشىدۇ شۇ ۋاقى: تتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا« غەيۋەت دېگەن بىراۋ ھەققىدە يامان كۆرىدىغان سۆزلەرنى قىلىشتۇر »، دەيدۇ ساھابىلەردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ« بىراۋ
(1) ھەج سۈرىسى 30 - ئايەت
ھەققىدە ئېيتقانلىرىم راست بولسىچۇ » دەپ سورايدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا جاۋاب: بېرىپ«ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ راست بولسا، ئۇنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولىسەن، ناۋادا ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرىڭ يالغان بولسا، ئۇنىڭغا قارا چاپلىغان بولىسەن»(1) دەيدۇ بىراۋنىڭ چىراي– شەكلى، قىياپىتى، نەسەبى، مىللىتى، ئەخلاقى يۈرۈش– تۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولغ ان ھەر قانداق تەرەپلىرى ھەققىدە ئېيتىلغان، ئالدىدا ئېيتسا رەنجىپ قالىدىغان يامان سۆزلەر غەيۋەت قاتارىغا كىرىدۇ.
جاۋاب: سۆز ئېغىردىن چىقماستا ئادەم ئۇنى باشقۇرغان بىلەن، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ جۈملىدىن غەيۋەت، شىكايەتمۇ ئېغىز ياكى يېزىق ئارقىلىق تارايدىغان بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى سۆز– چۆچەك، ئىغۋا، پىتنە–، پاسات بولۇپ ئۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىنى بۇلغاپ، مەنىۋىيەتنى زەھەرلەيدىغان ئالۋاستى ماھىيەتلىك كېس ەل— مەنىۋى راكتۇر: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە﴿ بىر- بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ ئۇنى ئەلۋەتتە يامان كۆرىسىلەر ئۇنداقتا ئاللاھتىن قورقۇڭلار﴾(2) دەپ تەۋسىيە قىلغان بۇ ئايەتتە غەيۋەت قىلىشنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقى بىراۋنىڭ گۆشىنى يېگەنگە ئوخشىتىلغان ئادەم گۆشىنى يېيىش قانچىلىك يىرگىنىشلىك بولسا، بىراۋنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشمۇ شۇنداق يىرگىنىشلىك ئىجتىمائىي كېسەللىكتۇر ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، ئىنسان پايدىس ىز گەپ– سۆزدىن، خۇسۇسەن غەيۋەت– شىكايەتتىن ساقلىنىشى، سۆز قىلىشتا سەمىمىي، ئېھتىياتچ ان بولۇپ، ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان ھەر بىر سۆزنىڭ ئەدەپلىك، ئىلمىي يوسۇندا بولۇشىغا ئېتىبار بېرىشى، قىلسىمۇ، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئارتۇق سۆزلەرنى قىلماسلىقى لازىم: بىر ھەدىستە«كىمكى بىراۋنىڭ ئەيىبىنى ئاچى دىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ئاچىدۇ ئاللاھ ئەيىبىنى ئاچقان ئادەمنى ئۇنىڭ ئۆيىدىلا رەسۋا قىلىدۇ»(3) دەپ كەلگەن خىيانەت ۋە ئۇنىڭ رەزىللىكى.
جاۋاب: خىيانەت– ساداقەتسىزلىك، سېتىلىپ كېتىش ياكى س ېتىۋېتىش خاراكتېرىدىكى نومۇسسىزلىقتۇر ئاۋام خەلق خىيانەت قىلىش دېگەننى ئامانەت قويغان نەرسىنى ساقلىماسلىق دېگەن ئاددىي مەنىدىلا چۈشىنىدۇ ئەمەلىيەتتە، خىيانەت قىلىش دېگەننىڭ مەنىسى چوڭقۇردۇر ئامانەتكە خىيانەت قىلىش دېگەنلىك گەپ-سۆز ۋە سىرغا ئوخشاش مەنىۋى ئامانەتلەرگە ۋە پۇل- مالغا ئوخشاش ماددىي ئامانەتلەرگە خىيانەت قىلىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ خىيانەت ئىنسان تەبىئىتىدىكى ناچار ئىللەتلەرنىڭ بىرى بۇنىڭ زىيىنى شەخسلەردىن ھالقىپ، پۈتۈن كوللېكتىپ ۋە دۆلەتكىچە بولىدۇ خائىنلىق كېسىلى قايسى مىللەتتە داۋام قىلسا
(2) ھۇجۇرات سۈرىسى 12 - ئايەت
شۇ مىللەت، شۇ ئەل خاراب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە خىيانەتچىلىك قىلىشتىن توسقان ۋە ئۇنىڭ دەھشەتلىك ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغان.
جاۋاب: خىيانەتچىلىك بىر خىل، رەزىل قىلمىش ئۇنى مەنىۋىيىتى بۇلغانغان، روھى كور نەپسانىيەتچىلىك ئىدىيىسى كۈچلۈك ئادەملەر سادىر قىلىدۇ خىيانەتچىلىك يامراپ كە تكەن ئەلدە ئادەمىيلىك ۋە ئىنسانىي مېھرى- مۇھەببەت ئۆلگەن بولىدۇ خىيانەتچىلىك ماددىي نە رسىلەرگە خىيانەت قىلىش ۋە مەنىۋى نەرسىل ەرگە خىيانەت قىلىش دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ بۇنىڭ ئىچىدە مەنىۋى نەرسىگە خىيانەت قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ئېغىر بولىدۇ خىيانەت بەكمۇ ئېغىر جىنايەت بولۇپ، ساتقۇنلۇق ۋە مۇناپىقلىققا ئوخشاش رەزىللىكلەرنىڭ باش رولچىسى خىيانەتتۇر قانداقلا بىر جەم ئىيەتتە ئىنسانلار بىر- بىرىگە خىيانەت قىلىدىكەن، بۇ جەمئىيەت كىشىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ يوقىلىدۇ ئىشەنچي وقالغان يەردە خاتىرجەملىك بولمايدۇ ئادەملەر بىر- بىرىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ، ئۇششاق – چۈشەك زىددىيەتلەر تۈگىمەيدۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ بەخت-سائاد ىتى شاقاۋەتكە، دو ستلىقى نەپرەتكە، ئىناقلىقى زىددىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ خىيانەتنىڭ تۈرلىرى: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن﴿، ئى مۆمىنلەرۇ ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار﴾(1) بۇ ئايەت خىيانەتچى: لىكنىڭ مۇنداق ئۈچ قاتلاملىق مەنىسىدىن بېشارەت بەرگەن (1 ) خىيانەتنىڭ بىرىنچى قاتلامدىكى مەنىسى ئاللاھقا خىيانەت قىلىش يەنى ئاللاھنىڭ بەندىنىڭ پۈتۈن قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەستىن چىقىرىش بۇ بارلىق خ ىيانەت تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر چۈنكى قەلبىدە خۇداسى بولمىغان ئادەمنىڭ پەس ۋە چاكىنا ھەۋەسلىرىگە تولغان نەپسىدىن باشقا نېمىسى بولسۇنۇ مۇنداق ئادەملەردىن تەسەۋۋۇر ق ىلىپ بولغۇسىز يامانلىقلارنى كۈتۈشكە بولىدۇ جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان قاتىللىق، بۇ، لاڭچىلىق ساتقۇنلۇق، چېرىكلىك قاتارلىق جىنايەتلەر شۇند اق ئادەملەر تەرىپىدىن سادىر بولما قتا (2، ) خىيانەتنىڭ ئىككىنچى قاتلامدىكى مەنىسى پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلىش بولۇپ، مۇسا ئىيسا ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە باشقا جىمى پەيغەمبەرلەر ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە سۆيگۈ بىلەن ئەسلىنىدىغانياخشى ئىشلارنىڭ باشلامچىسى بولغان، ئۈلگىلىك كىشىلەردۇر ش ۇڭا ئۇلارنىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا زىت كېلىدىغان قىلىقلارنى قىلغۇچىلار ئۇلارغا خىيانەت ق ىلغان بولىدۇ (3 ) خىيانەتنىڭ ئۈچىنچى قاتلامدىكى مەنىسى كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلىشىدۇر بۇ خىل خىيانەت كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان رەزىل قىلمىش ئادەتتە كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىگە ئېھتىياجى چۈشۈپ تۇرىدۇ بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە تاپشۇرغان ئامانىتى بولىدۇ. بۇ ئامانەت مەنىۋى ئامانەتلەردىن بولۇپ بىرەر سىر ياكى بىر ئېغىز سۆز بولۇشىمۇ ياكى ئىقتىسادقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ماددىي نەرسە
(1) ئەنفال سۈرىسى 37 - ئايەت بولۇشىمۇ مۇمكىن مۇنداق بىر ئامانەتكە خىيانەت قىلىش تولىمۇ رەزىل ئىشتۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلارنىڭ خاراكتېرىنى بايان قىلىپ: « يالغان ئېيتىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ۋەدىسىدە تۇرماسلىق مۇناپىقلىقنىڭ ئۈچ ئالامىتىدۇر»(1) دە پ كۆرسەتكەن زامانىمىزدا خائىن سۆزى ۋەتەن ۋە مىللەتكە ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاننىڭ سىرتىدا، مۇناپىقلارنى، چېقىمچىلارنى، ئۆز مىللىتىنىڭ زىيىنىغا چاپىدىغان غالچىلا، رنى ساتقۇنلارنى ۋە ھەقىقەتكە كۆز يۇمغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ زۇلۇم ۋە ئۇن ىڭ جازسى.
جاۋاب: زۇلۇم قىلىش—، ھەقسىزلىق قىلىش يولسىزلىق قىلىش دېگەنلىكتۇر.
جاۋاب: مۇسۇلمان ئاد ەم باشقىلارغا زۇلۇم قىلىپ ھەقسىزلىق قىلمايدۇ ھەقسىزلىقنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئاللاھ تائالا زۇلۇم قى لىشنى قاتتىق يامان كۆرىدۇ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: ﴿سىلەردىن كىمكى زۇلۇم قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز ئازابىمىزنى تېتىتىمىز﴾(2) دېگەن زۇلۇم يەنى ھەقسىزلىق ھەر تۈرلۈك بولۇپ، باشقىلارغا ئەزىيەت بېرىش، زىيانغا ئۇچرىتىشيامانلىق قىلىش، ھەققىنى يەۋېلىش ۋە باشقىمۇ جىنايەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە: ئالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە« زۇلۇم قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى زۇلۇم قىيامەت كۈنىنىڭ زۇلمەتلىرىدىندۇر»(3) دېگەن: يەنە بىر ھەدىستە«، كىمكى باشقىلارنىڭ يېرىدىن بىر غېرىچ يەرنى ناھەق ئېلىۋالىدىكەن قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ بوينىغا يەتتە ھەسسىسى ئېسىلىدۇ»(4) دەپ كۆرسەتكەن يالغانچىلىق ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى.
جاۋاب: يالغان سۆزلەش ئەڭ يامان قىلىق، ناچار ئەخلاق ۋە ئىمانغا زىت كېلىدىغان چوڭ گۇناھتۇر ساختىپەزلىك، ئالدامچىلىق، سۆزىدە تۇرماسلىق، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش يالغان گۇۋاھلىق بېرىش يالغان قەسەم قىلىش، گۇناھسىز كىشىلەرگە قارا چاپلاش، چېقىمچىلىق، ساتقۇنلۇق، گۇمانخورلۇق، تارازا- ئۆلچەمدە كەم بېرىش قاتارلىق پۈتۈن يامانلىقلارنىڭ ۋە ئېغىر گۇناھلارنىڭ باش رولچىسى يالغانچىلىقتۇر بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى يالغانچىلىقنىڭ جۈملىسىدىن سانالسىمۇ، يالغانچىلىقنىڭ گۇناھى بۇلاردىن چوڭ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن« ھەمىشە راستچىل بولۇڭلارۇ چۈنكى راستچىللىق ياخشىلىققا باشلايدۇ ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ كىمكى ھەمىشە راست گەپ قىلىۋەرسە، راستچىل بولۇشنى مەقسەت قىلىۋەرسە، ئاخىرى ئۇ كىشى ئاللاھنىڭ ئالدىدا
(1) ئەنفال سۈرىسى 37 - ئايەت
(2) فۇرقان سۈرىسى 19 - ئايەت
راستچىل ب ەندە بولۇپ يېزىلىدۇر سىلەر ھەرقانداق بىر يالغانچىلىقتىن ساقلىنىڭلارۇ چۈنكى يالغانچىلىق كىشىنى ئاسىيلىققا ئېلىپ بارىدۇ، ئاسىيلىق دوزاخقا ئېلىپ بارىدۇ كىمكى ھەمىشە يالغانچىلىق قىلسا ۋە يالغانچىلىقنى مەقسەت قىلىۋەرسە، ئاخىرى ئۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا يالغانچى بول ۇپ يېزىلىدۇ»(1) كىشىلەر ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە قانداق تونۇلغان ۋە ئۇنىڭ دەپتىرىدە قانداق يېزىلغان بولسا، ئىنسانلار ئارىسىدىمۇ شۇنداق تونۇلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىگە شۇنداق يېزىلىدۇ.
جاۋاب: يالغانچىلىق پۈتۈن رەزىللىكلەرنىڭ مەنبىئىدۇر يالغانچىلىق تۈپەيلىدىن ئىتتىپاقلىق بۇزۇلۇپ، جەمئىيەت تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، ئىنسانلار ئارىسىدا ھەل قىلىش قىيىن بولغان زىددىيەتلەر، ھادىسىلەر، زىيانلار، ئاداۋەتلەر ۋە دەپ تۈگەتكۈسىز كۆڭۈلس ىزلىكلەر كېلىپ چىقىدۇ يالغانچى ئادەم خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشىدۇ ئۇنىڭ سۆزىگە ھېچكىم ئىشەنمەس بولىدۇ يالغانچىلىق سەۋەبىدىن ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ: قۇرئان كەرىمدە﴿ ئاللاھ ئىسراپخورنىيالغانچى ئادەمنى توغرا يولغا باشلىمايدۇ﴾(2) دەپ كۆرسىتىلگەن ئاللاھتى لنى سۆز قىلىشقا ياراتقان، بىراق قىزىل تىلنىڭ ئۈستى خىنى يوق نېمە دېسە سۆزلەۋېرىدۇ ئىنسان تىلىنى كونترول قىلمىغاندا ئۆزىگە زىيانلىق ئىشلارغا سەۋەب بولىدۇ.
جاۋاب: ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم ھەرگىز يالغان سۆزلىم ەيدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى” مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئوغرىلىق قىلىشى مۇمكىنمۇ”، دەپ سورالغىنىدا«، ھەئە مۇمكىن » دەپ جاۋاب بەرگەن” مۇسۇلمان ئادەمنىڭ زىنا قىلىشى مۇمكىنمۇ” دەپ، سورالغىنىدا«ھەئە، مۇمكىن » دەپ جاۋاب بەرگەن ئۇ يەنە” مۇسۇلمان ئادەمنىڭ يالغان ئېيتىشى مۇمكىنمۇ” دەپ سورالغىنىدا«ياق، مۇمكىن ئەمەس»(3) دەپ جاۋاب بەرگەن.
جاۋاب: ئىسلام ئولىم الىرى تۆۋەندىكى ئۈچ ھالەتتە يالغان ئېيتىشقا بولىدىغانلىقىنى: قارارلاشتۇرغان (1 )، ئۇرۇشتا يالغان سۆزلەشكە بولىدۇ دۈشمەننى ئازدۇرۇش، خاتا مەلۇمات بېرىش تاكتىكا قوللىنىش قاتارلىق ئىشلاردا يالغان سۆزلەشكە بولىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « ئۇرۇش-ئالداشت ۇر»(4) دېگەن
(2) بىر- بىرى بىلەن دۈشمەنلىشىپ قالغانلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن يالغان ئېيتىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: بىرى يەنە بىرىنى سۆككەن بولسىمۇ، قارشى تەرەپكە« سىزنىڭ ياخشى گېپىڭىزنى قىلدى» دەپ يالغان ئېيتقانغا ئوخشاش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر
(2) نىسا سۈرىسى 28 - ئايەت
(3) ئىبنى جەرىر، ئىبنى ئەساكىرلەر رىۋايىتى
4)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋاسيىتى ھەدى: ستە«كىشىلەرنى ئەپلەشتۈرۈپ قويۇشقا تىرىشقان ئادەم يالغانچى ئەمەس»(1) دەپ كۆرسەتكەن
(3) ئايالىغا يالغان ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەمما ئايالغا يالغان ئېيتىش شۇ ئايالغا پايدىلىق بولغان: ئىشلار دائىرىسى ئىچىدىلا بولىدۇ. مەسىلەن«سىز دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق ئايالسى ز» دېگەنگە ئوخشاش ئايالىمغا يالغان ئېيتتىم دەپ، ئۇنىڭغا خىيانەت قىلىشقا، ئالداشقا، كۆزىنى بوياشقا بولمايدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش چەكلەنگەن ھارام ئىشلاردىن سانىلىدۇ سۆزىدە تۇرماسلىق كېسىلى ۋە ئۇنىڭ زىيىنى.
جاۋاب: سۆزىدە تۇرماسلىق ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش دۇنيادا ھەممە ئادەم ئۆچ كۆرىدىغان يالغانچىلىق بولۇپ، بۇ ئىللەت كىمدە بولسا شۇ ئادەم ياخشىلىق كۈتۈشكە يارىمايدىغان، ئىشەنگىلى بولمايدىغانيارامسىز ئادەم ھېسابلىنىدۇ بۇنداق ئادە م ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا نۇرغۇن زىيانلارنى كەلتۈرىدۇ ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق، لەۋزى قىلغان ئىشقا ئىگە بولماسلىق ئىماننىڭ ئاجىزلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان مۇناپىقلىق خاراكتېرىگە ئىگە يالغانچىلىقتۇر: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىنى بايان قىلىپ«مۇناپىقلىقنىڭ بەلگىسى ئۈچ بولۇپ، ئۇلار: يالغان سۆزلەش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش»(
- دەپ كۆرسەتكەن مانا بۇ ئۈچ ئىش ئىشەنچنى يوقىتىشنىڭ ئامىلىدۇر.
جاۋاب: ئىنسان كېلىشىم تۈزسە كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشى، بېرەر ئىشقا ۋەدە قىلغان بولسا ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىشى لازىم ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاق بولسا، ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلىش بەكمۇ قاتتىق رەزىللىكتۇر شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمدە ساختىلىقتىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ۋاپادارلىققا ئۈندەيدىغان ئايەتلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس: قۇرئان كەرىمنىڭ ئىسرا سۈرىسىدە﴿ ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار (قىيامەت كۈنىدە) ئەھدە ئۈستىدە ئەلۋەتتە سوئال– سوراق قىلىنىسىلەر﴾(3) دەپ كەلگەن.
جاۋاب: ئىنساننىڭ ئارزۇ- ئۈمىدلىرى ھەرخىل، قىلىدىغان ئىشلىرى كۆپ بولغانلىقى سەۋەبلىك بەزى ئىشلار ئىنساننىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن سەگەك مېڭىنىڭ بولۇشى ۋەدىگە ۋاپا ق ىلىش ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈردۇر چۈنكى ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئادەم ۋەدىسىگە قانداقمۇ ئەمەل قىلالىسۇنۇ ئىنسان بەرگەن ۋەدىسىنى ئېسىگە ئالغاندىن كېيىن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشى، ئىرادىسىگە كېلىشى، قانچىلىك بەدەل تۆلەشكە توغرا كەلسىمۇ بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا كۈ چ سەرپ قىلىشى كېرەك كىشىلەر ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش يولىدا ئوخشاشمىغان تەقدىر– قىسمەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈشى مۇمكىن چۈنكى تۆلىنىدىغان بەدەل ئېغىر بولۇشى مۇمكىن ئۆزىدە سەگەك مېڭە بىلەن ئۇلۇغۋار قەلبنى
(3) ئىسرا سۈرىسى 34 - ئايەت مۇجەسسەملەشتۈرگەن ئادەم چوقۇم ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدۇ ئەپس ۇسكى، ھازىرقى مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق، سۆزىدە تۇرماسلىق، ۋاقىتقا رىئايە قىلماسلىق قاتارلىق غەي رى ئەخلاقىي قىلمىشلىرىنىڭ بەد ىلىنى تۆلىمەكتە ئۆچلۈك، ئاداۋەت ساقلاشنىڭ يامان ئاقىۋ ەتلىرى.
جاۋاب: ئۆچلۈك ناچار ئەخلاقلاردىن بولۇپ، ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم كۆڭلىدە بىراۋغا قارشى ئۆچ– ئاداۋەت ساقلىمايدۇ بىرەر كىشىنىڭ پايدىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سۆيۈنىدۇ بېرەر كىشىگە زىيان يەتكەنلىكىنى كۆرگىنىدە قايغۇرىدۇ چۈنكى ھەقىقىي مۇسۇلمان ئادەم پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ياخشىلىق ۋە بەخت تىلەيدۇ ئىنسانلارنىڭ ھەمم ىسى شۇنداق بولىدىغان بولسا پۈتۈن دۇنيا خەلقى بەخت– سائادەتتىن ئورتاق ھۇزۇر ئالغان ۋە ئۆزئارا سۆيگۈ– مۇھەببەت ئورتاقلاشقان بولار ئىدى دۇنيادا نۇرغۇنلىغان پەس ئەخلاقلار ۋە ناچار قىلىقلار بار بولۇپ، دىققەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭ مەنبىئىنى بىلەلەيدۇ ئۇلارنىڭ ئىپادىلىنىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ سەۋەبى پەقەتلا بىردۇر ئۇ بولسىمۇ ئۆچلۈك ۋە ئاداۋەت ساقلاشتىن ئىبارەت مەسىلەن: باشقىلارغا تۆھمەت چاپلاش قاتتىق ئۆچ لۈكتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر جىنايەت بولۇپ، ھەقىقەتنى ئاستىن– ئۈستۈن قىلىۋېتىش، گۇناھسىز كىشىلەرگە ئازار بېرىشتەك پاسسىپ تەسىرى زور بولغاچقا، ئۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ لۇغىتىدە ئەڭ قەبىھ جىنايەت سانىلىدۇ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر گۇناھتۇر پەيغەمبەر ئە: لەيھىسسالام« بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان بىلەن ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تاشلىشىپ كېتىشى ھالال ئەمەس»(1) دەپ كۆرسەتكەن: ئاللاھ تائالا ھەقىقىي مۆمىنلەرنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دېگەن﴿ مەدىنىلىكلەردىن ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئەتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئەتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار: مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر“پەرۋەردىگارى مىزۇ بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە، قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىزۇ سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن مېھرىبانسەن” دەيدۇ﴾(2) كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىَدەش رەزىللىك.
جاۋاب: كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەش، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا ئەيىب قويۇش شۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى رەزىللىك ۋە پەسلىكنىڭ ئالامىتىدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە
(2) ھەشر سۈرىسى 9 – - ئايەتلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتك: ەن﴿ بىر– بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى ئىزدەپ يۈرمەڭلار﴾(1) ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرگەن پەيغەمبەر: ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن«كىمكى بىراۋنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچىگە رۇخسەتسىز قارىسا، ئۆي ئىگىسى ئۇنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋەتس ىمۇ بو لىدۇ»(2) بۇ ھەدىس كىشىلەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداشنىڭ نەقەدەر مۇقەددەس بۇرچ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يېتەرلىك.
جاۋاب: ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ خۇسۇسىي ھاياتىدىكى مەخپىيەتلىكنى قوغدا شنى مۇقەددەس بىلىدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇن تەكشۈرۈپ: يۈرۈشتىن توسۇپ مۇنداق دېگەن«، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇن تەكشۈرۈپ يۈرمەڭلار كوچىلاپ يۈرمەڭلار» كىشىلەرنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ۋە ئەيىبلىرىنى يېپىش گۈزەل ئەخلاقتىن سانىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: «، كىمكى بىراۋنىڭ ئەيىبىنى بىلىپ تۇرۇپ ياپسا قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ» (
- دەپ كۆرسەتكەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ مەخپىي پاراڭلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاشتىن قاتتىق توسۇپ مۇنداق دېگە: ن« كىمكى باشقىلارنىڭ پارىڭىنى ئوغرىلىقچە تىڭشايدىكەن، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئېرىتىلگەن قوغۇشۇن تۆكۈلىدۇ»(4) كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىشنىڭ گۇناھى.
جاۋاب: مەسخىرە—، كىشىلەرنى زاڭلىق قىلىش ئۇلارنى كۆڭۈل ئېچىش ۋە كۈلكە پەيدا قىلىش تېمىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش دېگەنلىك بولۇپ، ئاللاھنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قەبىھ ئەدەپسىزلىكتۇر ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىشتىن توسۇپ: مۇنداق دېگەن﴿ ئى مۆمىنلەرۇ بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋم، دىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىر اق بولۇشى مۇمكىن﴾(5)
جاۋاب: كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش ئىمانسىزلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئاللاھ تائالا كاپىرلارنى سۆكۈپ مۇنداق دېگەن: ﴿كاپىرلار ھەقىقەتەن مۆمىنلەرنى مەس خىرە قىلىپ كۈلەتتى، مۆمىنلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۆزئارا كۆز قىسىشاتتى﴾(6)، كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش ئۆز ئارىدىكى دوستلۇقنى دۈشمەنلىككە، ئىناقلىقنى بۆلۈنۈشكە بىرلىكنى پارچىلىنىشقا ئېلىپ بارىدىغان رەزىل خۇلۇق بولۇپ، نىقابلانغان مەغرۇرلۇقتۇر (1) ھۇجۇرات سۈرىسى 12 - ئايەت (2) بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى (3) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى (4) بۇخارى رىۋايىتى (5) ھۇج ۇرات سۈرىسى 11 - ئايەت (6) مۇتەففىفىين سۈرىسى 29 - - ئايەتلەر يىئامىتجىئ ەتتەۋىسانۇم نەگنەلكەچ رلاشىئ.
جاۋاب: كۆرەلمەسلىك ئۆچ– ئاداۋەتتىنمۇ كۈچلۈك بولغان قەبىھ روھىي ھالەت بولۇ، پ قەلبنىڭ زەئىپلەشكەنلىكىنىڭ ۋە ئېتىقادسىزلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر كۆرەلمەسلىك ئۆزى ئېرىشىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مال– مۈلۈك، ھوقۇق– مەنسەپ، ئىلىم– ھېكمەت قاتارلىق دىنىي ۋ ە دۇنياۋى نېمەتلىرىنىڭ يوقىلىشىنى ئويلاپ قىزىلكۆزلۈك قىلىشتۇر جەمئىيەتتىكى بەزى كىشىلەر ب ۇ دۇنيادىن ئىبارەت قىسقىغىنا ھاياتلىق سەھنىسىدە بىلىپ– بىلمەي بۇ خىل رەزىلل ىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ دوست- بۇرادەرلىرى، قوشنىلىرى، ھەتتا قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئازغىنا مال- مۈلكىگە، كىچىككىنە ھوقۇق– مەنسىپىگە كۆرەلمەسلىك قىلىدۇ مۇنداقلار باشقى لارنىڭ شادلىقىدىن غەمكىن بولىدۇ، ئەلەم تارتىدۇ ئۆزگىلەرنىڭ راھىتىدىن زەخمەت چېكىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن« ئۆزئارا دۈشمەنلەشمەڭلارۇ بىر – بىرىڭلارغا كۆرەلمەسلىك قىلىشماڭلارۇ يۈز ئۆرۈشمەڭلار، سىلە– رەھىم قىلىشىشنى تەرك ئەتمەڭلار، بە لكى ئۆزئارا قېرىنداشلاردىن بولغان ھالدا ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىدىن بولۇڭلار»(1) دەپ كۆرسەتكەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: مۇنداق دېگەن« كۆرەلمەسلىكتىن ساقلىنىڭلار، خۇددى ئوت ئوتۇن، نى كۆيدۈرۈپ تۈگەتكەندەك كۆرەلمەسلىك ياخشى ئەمەررنى يەپ تۈگىتىدۇ»(2) گەپ توشۇش ۋە ئۇنىڭ ئېچىنى ش لىق ئاقىۋەتلىرى.
جاۋاب: گەپ توشۇش— بىراۋنىڭ باشقا بىر كىشى ھەققىدە ئاڭلىغانلىرىنى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان ۋە مۇناسىۋەتنى يامانلاشتۇرىدىغ ان شەكىلدە ش ۇ كىشىگە يۆتك ىشى دېگەنلىكتۇر.
جاۋاب: گەپ توشۇشتىن ئىبارەت بۇ رەزىل خۇلۇق سەۋەبىدىن دوستلار بىر– بىرىگە دۈشمەنلىشىدۇ، بىرلىك بۇزۇلىدۇ، ئىناق ئائىلىلەر پارچىل ىنىدۇ، تۇغقانلار بىر- بىرىدىن يىراقلىشىدۇ ھەتتا گەپ توشۇش سەۋەبلىك كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا بىھۇدە قان تۆكۈلۈش ئەھۋاللىرىمۇ يۈز بېرىدۇ. شۇڭا ئىسلام دىنىدا، گەپ توشۇغۇچىلار، پىتنە- ئىغۋا تارقاتقۇچىلار قاتتىق سۆكۈلگەن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قالى دىغانلىقى بايان قىلىنغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە مۇنداق دېگەن« ئاللاھنىڭ ئەڭ يامان بەندىلىرى گەپ توشۇغۇچىلار، دوست- بۇرادەرلەرنى بىر- بىرىدىن ئايرىغۇچىلار ۋە گۇناھسىز ئادەملەرنى ئەيىبلىگۈچىلەردۇر» (3 )
، گەپ توشۇشنىڭ يەنە بىر چوڭ زىيىنى شۇكى گەپ توشۇغۇچىلار ئاخىرەتتە ئەڭ چوڭ زىيان تارتىدىغانلاردۇر چۈنكى ئۇلار ئىنسانلارغا دۈشمەنلىك قىلىپ تۇرۇپ قانچىلىك كۆپ ئىبادەت قىلسىمۇ، جەننەتكە كىرمەيدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يامان قىلىقتىن توسۇپ: «گەپ توشۇغۇچىلار جەننەتكە كىرمەيدۇ»(1) دېگەن.
