Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

قىيامەت ۋە ئاخىرەتكە ئىمان كەلتۈرۈش

This content is not yet available in your language.

قىيامەت كۈنىگە ئىمان ۋە قايتا تىرىلىش دەلىللىرى (سوئال 135 – 140)

بۆلۈم: “قىيامەت كۈنىگە ئىمان ۋە قايتا تىرىلىش دەلىللىرى (سوئال 135 – 140)”
135سوئال:قىيامەت كۈنى دېگەن قانداق كۈن؟#

جاۋاب: بۇ دۇنيا پۈتۈنلەي تۈگەپ يوق بولغاندىن كېيىن، ئاخىرەت ناملىق يېڭى، مەڭگۈلۈك ھايات باشلىنىدىغان كۈندۇر.

136سوئال:قىيامەت كۈنىدە قانداق ئىشلار بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئىنسانلار قايتا تىرىلىپ، ھېساب مەيدانىغا يىغىلىدۇ، دۇنيادىكى بارلىق ئەمەللىرىدىن تەپسىلىي ھېساب بېرىدۇ ۋە زەررىچە ياخشى-يامان ئىشنىڭ جازا-مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ.

137سوئال:قىيامەت كۈنىگە قانداق ئىمان كەلتۈرۈش كېرەك؟#

جاۋاب: ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش، قەبىردىكى سوراق، ھېساب بېرىش، مىزان، سىرات، جەننەت ۋە دوزاخنىڭ ھەق ۋە راست ئىكەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن ئىشىنىش كېرەك.

138سوئال:قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟#

جاۋاب: (1) قىيامەت كۈنىدىكى پۈتۈن ھادىسىلەرگە ۋە جەننەت-دوزاخقا ئىشىنىش. (2) قەبىر ئالىمىگە (بەرزەخكە) — مېيىتنىڭ سوراق قىلىنىشى ۋە قەبىر نېمىتى ياكى ئازابىغا ئىشىنىش.

139سوئال:قىيامەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈشنىڭ پايدىلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: (1) ئاخىرەتلىك ساۋابنى كۆزلەپ ياخشى ئەمەللەرگە ئالدىراش. (2) ئازابتىن قورقۇپ گۇناھلاردىن يىراق تۇرۇش. (3) دۇنيادىكى زۇلۇم ۋە جاپالارغا سەۋر قىلىپ، ھەقىقىي ئادالەتنىڭ ئاخىرەتتە بارلىقىغا ئىشىنىپ خاتىرجەم بولۇش.

140سوئال:ئۆلگەندىن كېيىنكى تىرىلىشكە ئىنكار قىلغۇچىلارغا قانداق رەددىيە بېرىلىدۇ؟#

جاۋاب: نەقلىي، ئەقلىي ۋە ھېسسىي دەلىللەر بىلەن رەت قىلىنىدۇ: يوقتىن ياراتقان ئاللاھ ئەلۋەتتە قايتا يارىتىشقا قادىردۇر; قاقاس، ئۆلۈك زېمىننى يامغۇر بىلەن تىرىلدۈرگەن زات ئۆلۈكلەرنىمۇ تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر.

(1) رۇم سۈرىسى 27-ئايەت
(2) فۇسسىلەت سۈرىسى 39-ئايەت

قىيامەتنىڭ كىچىك ۋە چوڭ ئالامەتلىرى (سوئال 141 – 142)

بۆلۈم: “قىيامەتنىڭ كىچىك ۋە چوڭ ئالامەتلىرى (سوئال 141 – 142)”
141سوئال:قىيامەت قاچان بولىدۇ؟#

جاۋاب: قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، ئۇ يالغۇز ئاللاھقىلا خاس غەيبىي ئىلىمدۇر.

(1) ئەئراف سۈرىسى 187-ئايەت
142سوئال:قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: كىچىك ئالامەتلەر: نادانلىقنىڭ ئېشىشى، ھاراق ۋە زىنانىڭ ئەۋج ئېلىشى، تەبىئىي بايلىقلارنى ئىسراپ قىلىش قاتارلىقلار؛ چوڭ ئالامەتلەر: دەججالنىڭ چىقىشى، ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى، قۇياشنىڭ غەربتىن چىقىشى قاتارلىقلار.

قەبرە ھاياتى، بەرزەخ ئالىمى ۋە روھلارنىڭ قارارگاھى (سوئال 143 – 148)

بۆلۈم: “قەبرە ھاياتى، بەرزەخ ئالىمى ۋە روھلارنىڭ قارارگاھى (سوئال 143 – 148)”
143سوئال:قەبرىدە مېيىتتىن نېمە دەپ سورىلىدۇ؟#

جاۋاب: مۇنكەر ۋە نەكىر ئىسىملىك ئىككى پەرىشتە: «رەببىڭ كىم؟ دىنىڭ نېمە؟ پەيغەمبىرىڭ كىم؟» دەپ سورايدۇ. مۆمىن ئادەم توغرا جاۋاب بېرىپ نېئمەتكە ئېرىشىدۇ، كاپىر ۋە مۇناپىق جاۋاب بېرەلمەي ئازابقا ئۇچرايدۇ.

144سوئال:بەرزەخ ئالىمى دېگەن قايسى ئالەم؟#

جاۋاب: ئۆلۈمدىن كېيىن قىيامەت قايىم بولغىچە بولغان قەبىر ئالىمىدۇر. ئۇ دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئوتتۇرىسىدىكى توساق ئالەمدۇر.

145سوئال:قەبرىنىڭ ئازابى كىملەرگە بولىدۇ؟#

جاۋاب: كاپىرلارغا، مۇناپىقلارغا ۋە گۇناھكار ئاسىيلارغا بولىدۇ.

(1) تەۋبە سۈرىسى 101-ئايەت
146سوئال:قەبرىنىڭ نېئمىتى كىملەرگە بولىدۇ؟#

جاۋاب: ھەقىقىي مۆمىن ۋە تەقۋادار كىشىلەرگە بولىدۇ.

147سوئال:قەبرىدىكى ئىشلارنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا قانداق رەددىيە بېرىلىدۇ؟#

جاۋاب: ئۇ باشقا بىر ئالەم بولۇپ، ھېسسىي كۆز بىلەن كۆرۈلمەيدۇ. چۈش كۆرگۈچىنىڭ قىينىلىشى ياكى راھەتلىنىشى يېنىدا ياتقان ئادەمگە بىلىنمىگىنىدەك، قەبىر ئەھۋالىمۇ دۇنيا كۆزىگە بىلىنمەيدۇ.

(1) ئىمام بۇخارىي رىۋايىتى
148سوئال:ئۆلگەنلەرنىڭ جانلىرى نەدە قارار تاپىدۇ؟#

جاۋاب: پەيغەمبەرلەر ۋە شېھىتلەرنىڭ روھلىرى جەننەتتە نېئمەتلىنىدۇ، مۆمىنلەرنىڭ روھلىرى ئەئلىييىندا، كاپىر ۋە فاسىقلارنىڭ روھلىرى سىججىيندا (دوزاختا) بولىدۇ.

قىيامەت كۈنىدىكى سوت، ھېساب، مىزان ۋە سىرات (سوئال 149 – 160)

بۆلۈم: “قىيامەت كۈنىدىكى سوت، ھېساب، مىزان ۋە سىرات (سوئال 149 – 160)”
149سوئال:قىيامەت قانداق باشلىنىدۇ؟#

جاۋاب: كائىناتتىكى تۈزۈمنىڭ بەربات بولۇشى، ئاسماننىڭ يېرىلىشى، يۇلتۇزلارنىڭ چۈشۈپ تاشلىنىشى، زېمىننىڭ سىلكىنىپ تاغلارنىڭ تالقان بولۇشى ۋە سۇر چېلىنىشى بىلەن باشلىنىدۇ.

150سوئال:بەئس دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: بەئس — قىيامەت كۈنى ئىسرافىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سۇر چېلىشى بىلەن پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلىشى دېمەكتۇر.

151سوئال:قىيامەت كۈنىدىكى تىرىلىش قانداق رەۋىشتە بولىدۇ؟#

جاۋاب: جان ھەم تەن بىلەن بىرگە بولىدۇ. ئاللاھ بەدەننى چىرىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ روھنى ئۇنىڭغا قايتۇرىدۇ.

152سوئال:ئىنسان قىيامەت كۈنىدە قايسى تەرىقىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ؟#

جاۋاب: زېمىنغا يامغۇر يېغىپ، ئۇرۇقتىن زىرائەت ئۈنۈپ چىققىنىدەك، ئىنساننىڭ بەدىنىدىكى ئاساسىي ماددىدىن تىرىلدۈرۈپ چىقىرىلىدۇ.

153سوئال:ھەشىر دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ھەشىر — بارلىق ئىنسانلارنىڭ قەبىرلىرىدىن چىقىپ ھېساب مەيدانىغا توپلىنىشى دېمەكتۇر.

(1) مەريەم سۈرىسى 85-86 ئايەتلەر
154سوئال:مىزان دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: مىزان — قىيامەت كۈنى بەندىلەرنىڭ ياخشى ۋە يامان ئەمەللىرى تارتىلىدىغان ئادالەت تارازىسىدۇر.

(1) ئەنبىيا سۈرىسى 47-ئايەت
155سوئال:ھېساب دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ھېساب — بەندىلەرنىڭ نامە-ئەمەللىرى ئوقۇتۇلۇپ، دۇنيادىكى بارلىق قىلمىشلىرىغا ئىقرار قىلدۇرۇلۇپ سوراق قىلىنىشىدۇر.

(1) ئىنشىقاق سۈرىسى 7-12 ئايەتلەر
156سوئال:قىلمىشلارغا ئىقرار قىلدۇرۇش قانداق شەكىلدە بولىدۇ؟#

جاۋاب: ئېغىزلار پېچەتلىنىپ، قول، پۇت، تېرە ۋە باشقا ئەزالار بەندىنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا ئۆزلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.

(1) ياسىن سۈرىسى 65-ئايەت
157سوئال:ئىنساننىڭ ئورگانلىرى قانداق سۆزلەيدۇ؟#

جاۋاب: ھەممە نەرسىنى سۆزلەتكۈچى قادىر ئاللاھ پۈتۈن ئەزالارغا سۆزلەش قۇدرىتىنى بېرىدۇ.

(1) ئەئلا سۈرىسى 1-3 ئايەتلەر
158سوئال:ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنى ئىقرار قىلدۇرىدۇ؟#

جاۋاب: ئۆز ئادالىتىنى تولۇق نامايان قىلىش ۋە ئىنكارچىلارنىڭ باھانە-سەۋەبلىرىنى كېسىش ئۈچۈندۇر.

159سوئال:جازا دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: بەندىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە قارىتا ھەقلىق مۇكاپات ياكى ئازابنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدۇر.

(1) نۇر سۈرىسى 25-ئايەت
160سوئال:سىرات دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: سىرات — دوزاخنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان كۆۋرۈك بولۇپ، ھەممە ئىنسان ئۇنىڭدىن ئۆتىدۇ؛ مۆمىنلەر سالامەت ئۆتۈپ جەننەتكە كىرىدۇ، كاپىرلار دوزاخقا قۇلايدۇ.

(1) مەريەم سۈرىسى 71-72 ئايەتلەر

جەننەت بىلەن دوزاخ ۋە ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈكلىكى (سوئال 161 – 163)

بۆلۈم: “جەننەت بىلەن دوزاخ ۋە ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈكلىكى (سوئال 161 – 163)”
161سوئال:دوزاخ قانداق جاي؟#

جاۋاب: دوزاخ — كاپىر، مۇناپىق ۋە گۇناھكارلار تاشلىنىدىغان، يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلار بولغان، قايناپ تۇرغان دەھشەتلىك ئوت جايىدۇر.

(1) تەھرىم سۈرىسى 6-ئايەت
162سوئال:جەننەت قانداق جاي؟#

جاۋاب: جەننەت — مۆمىن، تەقۋادارلار مەڭگۈ ياشايدىغان، ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان، تۈگىمەس نېئمەتلەرگە تولغان گۈزەل ئارامگاھدۇر.

(1) دۇخان سۈرىسى 51-57 ئايەتلەر
163سوئال:جەننەت بىلەن دوزاخ مەڭگۈلۈكمۇ؟#

جاۋاب: ھەئە، جەننەت ۋە دوزاخ مەڭگۈلۈكتۇر، ئۇنىڭ چېكى ۋە ئاخىرى يوقتۇر. كاپىرلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، مۆمىنلەر جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ.

(1) بەييىنە سۈرىسى 6-8 ئايەتلەر
Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.