چوڭ گۇناھلار ۋە گۇناھ-مەسىيەتتىن ساقلىنىش
This content is not yet available in your language.
ئاللاھنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن چوڭ گۇناھلار ۋە مەسىيەتلەر (سوئال 1526 – 1555)
بۆلۈم: “ئاللاھنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن چوڭ گۇناھلار ۋە مەسىيەتلەر (سوئال 1526 – 1555)”جاۋاب: قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى ۋە ئىسلامىي دۇئالار بىلەن شىپالىق ئىزدەش سەۋەب قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەم ئاللاھقا ئېسىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى ۋە قولىدىن كېلىشىچە ماددىي سەۋەبلەرنى ئورۇندى شى لازى م چۈنكى ئاللاھ قانداقلا بىر ئاغرىقنى ياكى دەردنى ياراتقان بولسا، چوقۇم ئۇنىڭ شى پاسىنىمۇ ياراتقان ئاللاھ دۇنيا ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى سەۋەبلەرگە باغلىغان شۇڭا مۇسۇلما نلار ھەر ئىشتا سەۋەب قىلىش بىلەن ئاللاھقا يۆلىنىشتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى قولدىن بەرمەس لىككە بۇيرۇلغان ئاللاھقا يۆلىنىش بىلەن سەۋەب ئىككىسى بىر بىرىدىن قەتئىي ئايرىلما سلىقى لاز ىم.
جاۋاب: كۆز تېگىشنىڭ راستلىقى ۋە يامان كۆزلەرنىڭ كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزەلەيدىغانلىقى بىر ھەقىقەت بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخىدا ئىسپاتلىنىپ كەلگەن
(1) يۇنۇس سۈرىسى 57 ئايەت
(2) ئىسرا سۈرىسى 82 ئايەت : بىر ئىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە« كۆزنىڭ تېگىدىغانلىقى راستتۇر، ئەگەر قەدەرنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان بىر نەرسە بولسا ئىدى، ئۇ چوقۇم كۆز بولاتتى »دېگەن (1) كۆز تېگىشتىن ساقلىنىشنىڭ چارىلى رى.
جاۋاب: : كۆز تېگىشتىن ساقلىنىشنىڭ چارىلىرى تۆۋەندىكىچە (1 ) شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تولۇق ئورۇنداش، مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى تەرك ئېتىش ۋە چوڭ كىچىك بارلىق گۇناھلارغا تەۋبە قىلىش (2 ) قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن كۆپرەك مەشغۇل بولۇش (3 ) شەرىئەتتە كۈندىلىك ئوقۇشقا بۇيرۇلغان دۇئالارنى ئوقۇشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىش
(4) ئۆزىدىن ياكى پۇل مېلىدىن ياكى ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ بىرەرسىدىن خۇش ال لانغان ۋاقتىدا، ئاللاھ تائالادىن ب ەرىكەت تىلەپ«ماشائاللاھ »ياكى«مۇبارەك بولسۇن »د ېيىش: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن« سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىدە ياكى مال، دۇنياسىدا ياكى دىنىي بۇرادەرلىرىنىڭ بىرەرسىدە خۇشاللىنارلىق بىر نەرسىنى كۆرسە «ماشائاللاھ »دەپ ئۇنى مۇبارەكلىسۇن چۈنكى كۆزنىڭ تېگىدىغانلىقى راستتۇر»(2) (5 ) كۆز تېگىشتىن قورقىلىدىغانلىرىنى كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن يوشۇرۇشقا تىرىشىش كۆز تەگكەندىن كېيىن شىپا تېپىش چارىلىرى.
جاۋاب: كۆز: تەگكەندىن كېيىن ئۇنى قايتۇرۇش چارىلىرى تۆۋەندىكىچە (1 ) فاتىھە، ئىخلاس، فەلەق، ناس سۈرىلىرىنى، ئايەتۇلكۇرسىنى، بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ئايىتى«(ئامەنەررەسۇلۇ «د ىن»(كافىرىين» غىچە) نى، كۆز ۋە تىلدىن ساقلىنىشتا ئوقۇلىدىغان زىكىر ۋە دۇئالارنى چىن ئېتىقاد بىلەن ئۈچ قېتىمدىن ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئوقۇپ كۆز تەككەن كىشىگە، خۇسۇسەن ئۇنىڭ ئاغرىغان يېرىگە سۈفلەپ ئوڭ قول بىلەن سىپاش (3) كۆز تەككەن كىشى ئەگەر قۇرئان ساۋاد ى بار كىشى بولسايۇقىرىقىلارنى ئۆزى ئوقۇغىنى ياخشى
(2) يۇقىرىقى ئايەت ۋە دۇئالارنى سۇغا ئوقۇپ كۆز تەككۈچىگە ئىچكۈزۈش ۋە ئاشقىنىنى ئۇنىڭغا چېچىش (4)
(1) ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى
(2) ئەھمەد رىۋايىتى
جىنايەت ۋە جازالارغا مۇناسىۋەتلىك.
جاۋاب: ئىنسانلار يېگانە ياشىيالمايدىغان ئىجتىمائىي مەخلۇق ات بولغانلىقتىن، ئىجتىمائىي ھايات جەريانىدا، بىر بىرىنىڭ ھەقلىرىگە، نومۇسلىرىغا، ھەتتا جانلىرىغا تاجاۋۇ ز قىلىشتە كئىنسانىي جىنايەتلەر ھەر قانداق جەمئىيەتتە يۈز بېرىپ تۇرىدۇ ئىنسانلار بىر ب ىرىنىڭ تاجاۋۇزلىرىدىن ئامان ھالدا خاتىرجەم ھايات سۈرۈشلىرى ئۈچۈن ۋەز نەسىھەتلەر ۋە قانۇنىي ئىنتىزاملارلا كۇيايە قىلمايدۇ، بەلكى كىشىلەرنىڭ جېنىغا، مال مۈلكىگە، نومۇسىغا، ۋە خاتىرجەملىكىگە دەخلى تەرۇز يەتكۈزگۈچىلەرگە بەزى ئىبرەتلىك جازالارنى قوللىنىش ئارقىلىق باشقىلارنى جىنايەتنىڭ ئاقىۋەتلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇشقا توغ را كېلىدۇ ش ۇ ۋەجىدىن ئىسلام قانۇنىدا بەزى جازالا بەلگىلەنگەن.
جاۋاب: ئىسلام جازا قانۇنىدا بېكىتىلگەن جازالار پەزىلەتلىك ۋە ئادالەتلىك بىر جەمئىيەتنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا س ەلبى تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغان بەزى چوڭ جىنايەتلەر ئۈچۈنلا بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇلاردىن باشقا ئادەتتىكى جىنايەتلەرنىڭ جازاسى ھەرق ايسى ئىسلام مەملىكەتلىرىدىكى ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ شۇ مەملىكەتلەرنىڭ شارائىتىغا ۋە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مۇناسىپ ھالدا بەلگىلەشل ىرىگە تاپشۇرۇلغاندۇر.
جاۋاب: جازانى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن بەزى پىرىنسىپ: لار بەلگىلەنگەن ئۇلار
(1) ئىنسان باشقا بىرىنىڭ گۇن اھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئۇنىڭ گۇناھى ئۈچۈن جازالانمايدۇ﴿بىراۋنىڭ گۇناھىنى باشقا بىرى كۆتۈرمەيدۇ«(1) (2 ) ھەر قانداق بىر جىنايەت ئۈچۈن مۇناسىپ جازانىڭ بېرىلىشى» بىر يامانلىقنىڭ جازاسى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر يامانلىقتۇر﴾(2)
(3) جىنايەت ئىشلەنگۈچىنىڭ جىنايە تچىسىنى ئەپۇ قىلىش ھەققى بار﴿ كىمكى ئەپۇ قىلسا ۋە (ئۆزى بىلەن يامانلىق قىلغۇچىنىڭ ئارىسىنى) تۈزسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ﴾(3)
(4) جازا ئىسلام شەرىئىتى ئىجرا قىلىنىدىغان دۆلەتنىڭ ئىسلام مەھكىمىسى تەرىپىدىنلا ئىجرا قىلىنىدۇ قۇرئان كەرىمدە ياكى سەھى ھ ھەدىسلەردە كەيپىيىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن جازالارنى مەھكىمىنىڭ يېنىكلىتىش ياكى ئېغىرلاشتۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. ئەمما كەيپىيىتى بېكىتىلمىگەن جازالارنى جىنايەت ۋە جىنايەتچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئېغىر ياكى يېنىك قىلىپ
(1) نەجم سۈرىسى 38 ئايەت
(2) شۇرا سۈرىسى 40 ئايەت
(3) شۇرا سۈرىسى 40 ئايەت مەھكىمە بەلگىلىيەلەيدۇ ئىسلام جازا قانۇنىدا كەيپىيىتى بېكىتىلگەن 5 چوڭ جازا ئىسلام جازا قانۇنىدا جازالاش كەيپىيىتى ئېنىق ب ېكىتىلگەن جازالار پەقەت 5: بولۇپ، ئۇلار قاتىللىق، زى، نا قاراقچىلىق، ئوغرىلىق ۋە بىراۋغا مەت ھ تۆ چاپلاشتىن ئىبارەتتۇر ئۇلارنىڭ: بايانى تۆۋەندىكىچە
(1) قاتىللىقنىڭ جازاسى.
جاۋاب: ئادەم ئۆلتۈرگەننىڭ جازاسى ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش يەنە بىرى سەۋەنلىكتىن ئادەم ئۆلتۈرۈپ سېلىش بولۇپ، ھەر ئىككىسىنىڭ جا زاسى ئايرىمدۇر.
جاۋاب: ، ئىسلام جازا قانۇنى بويىچە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ جازاسى ئۆلۈمدۇر﴿ ئى مۆمىنلەرۇ ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى، ھۆر ئادەم ئۈچۈن ھۆر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇ لدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ﴾(1) ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ تەۋەلىرى قاتىلدىن ئىنتىقام ئېلىشنى كەچۈرسە بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئىختىيارىدۇر، ئەجرىنى ئاللاھ بېرىدۇ﴿ قاتىل ئۈچۈن (دىنىي) قېرىندىشى تەرىپىدىن بىر نەرسە كەچۈرۈم قىلىنس ( ا يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى قاتىلدىن دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ قىساس ئېلىشتىن ۋازكەچسە، ئۇ، جىنايەتچىدى ( ن دىيەتنى) چىرايلىقچە تەلەب قىلىشى (جىنايەتچىمۇ دىيەتنى) ياخشىلىقچە بېرىشى لازىم﴾(2)
جاۋاب: سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگۈچىنىڭ جازاسى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلەشتۇر﴿ كىمكى بېرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ، بىر مۆمىن قۇلنى ئازات قىلىشى ۋەئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك﴾(3)
جاۋاب: بىر ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ سالغانلىقنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈل گۈچىنىڭ ئائىلىسىگە ئۆلتۈرگۈچى تۆلەيدىغان دىيەتنىڭ مىقدارى بارلىق ئىسلا م ئۆلىمالىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن 100 تۆگە ياكى ئۇنىڭ خەلق پۇلىدىكى قىممىت ىدۇر
(2) قاراقچى، لىق بۇلاڭلىق چى ۋە رېكوتېرلىق نىڭ جازاسى.
جاۋاب: بۇلاڭچى، قاراقچى ۋە رېكوتېرلارنىڭ جازاسى ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا، قاراپ
(1) بەقەرە سۈرىسى 178 ئايەت
(2) بەقەرە سۈرىسى 178 ئايەت
(3) نىسا سۈرىسى 92 ئايەت ئۆلتۈرۈش ياكى ئوڭ قولى بىلەن سول پۇت ىنى كېسىشياكى جىنايىتى يېنىكرەك بولسا سۈرگۈن قىلىشتۇر﴿ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلارنىڭيەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلىشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئو ڭ قوللىرى بىلەن سول پۇتلىرى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك﴾(1)
(3) ئوغرىلىق نىڭ جازا سىنىڭ تۈرلىرى.
جاۋاب: : ئوغرىلىق قىلغۇچىنىڭ جازاسى ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ
(1) بىراۋ مۇھتاجلىقتىن ئۆز ھ اياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقىسىنىڭ تامىقىنى ياكى مېۋىسىنى ئوغرىلاپ شۇ ئورۇندا قارنى تويغىچىلىك يېگەن بولسىمۇ ئۇنىڭغا ھېچقانداق ج ازا كەلمەيدۇ چۈنكى بۇ ئىنسانىي ئېھتىياج يۈزىس ىدىن مەجبۇرىي ئىشلەنگەن جىنايەت بولۇ پ، ئۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ
(2) ئوغرىلانغان نەرسىنىڭ قىممىتى 1 0625 گرام (چارەك تىللا) ساپ ئالتۇن ياكى 3 گرام كۈمۈشنىڭ قىممىتىگە يەتمىسە، قولى كېسىلمەيدۇ ئەمما ئۇنىڭ ئىككى ھەسسىسى تۆلىتىلىدۇ (3 ) ئوغرىلانغان نەرسىنىڭ قىممىتى 1 0625 گرام (چارەك تىللا) ساپ ئالتۇن ياكى 3 گرام كۈمۈشنىڭ قىممىتىدىن كۆپ بولسا ئوغ رى لىغۇچىنىڭ قولى كېسىلىدۇ﴿ ئوغرىلىق قىلغۇچى ئەرنىڭ ۋە ئوغرىلىق قىلغۇچى ئايالنىڭ قىلمىشلىرىنى جازالاپ، ئاللاھ تەرىپىدىن ئىبرەت قىلىش يۈزىسىدىن قوللىرىنى كېسىڭلار ئاللاھ ( ئۆز ئەمرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا) غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر كىمكى، (ئوغرىلى ق قىلىپ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلغاندىن كېيىن تەۋبە )قىلسا، (ئۆزىنى) تۈزەتسە ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ (تەۋبە قىلغۇچىلارنى ھەمىشە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) بەكمۇ مېھرىباندۇر﴾(2 )
جاۋاب: ئوغرىنى جازالاشنىڭ شەرتلىرى: تۆۋەندىكىچە (1 ) ئوغرىلىق قىلغۇچىنىڭ بالاغەت يېشىغا يەتكەن، ئەقلى– ھوشى جايىدا بولىشى كىچىك بالىلار، ئەقلى جايىدا بولمىغانلار جازالانمايدۇ
(2) ئوغرلانغان نەرسىنىڭ قىممىتى 1 0625 گرام (چارەك تىللا) ساپ ئالتۇننىڭ ياكى 3 گرام كۈمۈشنىڭ قىممىتىدىن ئاشىدىغان بولىشى ئەگەر بۇ مىقداردىن ئاز بىر نەرسە ئوغرىلىغان كىشىگە بۇ قول كېسىش جازاسى يۈرگۈزۈلمەيدۇ قامچا ئۇرۇش بىلەن ئەدەبلىنىدۇ
(3) ئوغرىلانغان نەرسىنىڭ بىراۋنىڭ ئىگ ىدارچىلىقىدىكى ھەققى بولۇشى ئەگەر ئىگىسى يوق جايلاردا ئۆسكەن ئۆسۈملۈك ۋە مېۋىلەرنى ئالغان كىشى ئوغرى ھېسابلانمايدۇ
(1) مائىدە سۈرىسى 33 ئايەت
(2) مائىدە سۈرىسى 39 ئايەت
(4) ئوغرىلانغان نەرسىنىڭ ياتلارغا ئائىت بولىشى، ئوغ رىنىڭ ئاتا– ئانىسىغا ياكى بالىلىرىغا ياكى جورىسىغا ئائىت بولماسلىقى
(5) ئوغرىلىقنىي وشۇرۇن قىلغان بولىشى ئاشكارا تارتىۋېلىش ئوغرىلىق ئەمەس، بەلكى بۇلاڭچىلىق بولۇپ، ئۇنىڭ جازاسى باشقا
(6) ئوغرىلىقنىڭ ھەقىقىي مۇھتاجلىق ياكى ئاچلىق سەۋەبتىن بولمىغان بولىشى (7 ) ئۆزلىكىدىن ئېتىراپ قىلىشى ياكى راستچىل ئىككى گۇۋاھچىنىڭ ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلغان لىقىنى شەك شۈبھىسىز، ئوچۇق رەۋىشتە كۆرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشىدىن ئى بارەت ئازراق شۈبھە ياكى گۇۋاھچىلاردىن بېرەرسىىنىڭ كىچىككىنە گۇمانلىق كەيپىيىتى بىلەن جازا بىكار قىلىنىدۇ يۇقىرىقى 7، شەرتنىڭ بىرەرسى تولۇق بولمىغاندا ئوغرىلىق قىلغۇچىغا قول كېسىش جاز اسى يۈرگۈزۈلمەيدۇ (4 )زىنانىڭ جازاسى.
جاۋاب: زىنانىڭ جازاسى جازا بېرىلىش شەرتلىرىگە توشقان ئەھۋال ئاستىدا ئىككى: تۈرلۈك بولىدۇ (1) زىنا قىلغۇچى ئۆيلەنگەن بىرى بولسا، ئۇنىڭ جازاسى تاش كېس ەك قىلىپ ئۆلتۈرۈش (2) زىنا قىلغۇچى تېخى ئۆيلەنمىگەن بىرى بولسا، ئۇنىڭ جازاسى يۈز دەرر ( ە )قامچا ئۇرۇشتۇر﴿ زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررە ئۇرۇڭلار﴾(1) بۇ ئايەت، زىنا قىلغۇچىنىڭ ئۆيلەنگەن ياكى ئۆيلەنمىگەن بولىشىدىن قەتئىين ەزەر ئومۇمىي جازاسىنى بايان قىلغان بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆيلەنگەنگە تاش كېسەك قىلىش ئۆيلەنمىگەنگە يۈز دەررە ئۇرۇش جازاسىنى بەلگىلىگەن ئىسلام فىقھىشۇناس ئالىملىر ىنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىشتا ئىتتىپاقتۇر.
جاۋاب: زىنا قىلغۇچىغا جازا بېرىشنىڭ شەرتلىرى 3: بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە
(1) زىنا قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ زىنا قىلغانلىقىغا ئۆز ئى ختىيارى بىلەن 4 قېتىم ئىقرار قىلىشى، ئەگەر زىنا قىلغۇچى ئىقرار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىقرارىدىن يېنىۋالسا جازا ئەم ەلگە ئاشمايدۇ
(2) ئادالەتلىك 4 گۇۋاھچىنىڭ ئۇنىڭ زىنا قىلىۋاتقانلىقىنى ھېچقانداق توسالغۇسىز ۋە شۈبھىسىز دەرىجىدە ئۆز كۆزلىرى بىلەن ئېنىق كۆر گەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشى گۇۋاھ چىلاردىن بىرەرسى گۇۋاھلىقىدىني ې نىۋالسا زىنا ئىسپاتلىنالمايدۇ نەتىجىدە، جازالاش
(1) نۇر سۈرىسى 2 ئايەت ئەمەلگە ئاشمايدۇ (3 ) تېخى تۇرمۇشقا چىقمىغان بىر قىزنىڭ ئېغىر ئاياق بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ زىنا قىلغانلىقىغا ئوپئوچۇق پاكىت بولالايدۇ ئەگەر ئۇ زو رلۇق بىلەن ئاياق ئاستى قىلى نغانلىقىنى، دەۋا قىلىپ ئىسپاتلىيالىسا، جازالىنىشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ ئەگەر ئۆز ئىختىيارى ب ىلەن زىنا قىلغانلىقىنى 4 قېتىم ئۆز ئاغزىدىن ئېتىراپ قىلسا، جازا يۈرگۈزىلىدۇ.
جاۋاب: زىنانى ئىسپاتلاش شەرتلىرىنىڭ بۇنچىلىك قىيىن ۋە چىڭ بولىشىدىن مەقسەت، گۇناھ سادىر قىلغانلارنى مۇمكىن قەدەر جازالىماستىن تەربىيە، ۋەز– نەسىھەت ۋە ئىبرت كۆرسىتىش يوللىرى بىلەن توغرا يولغا يېتەكلەشتۇر چۈنكى ئىسلام شەرىئىىتىدە بەلگى لەنگەن جازا تۈرلىرىنىڭ ئاساسلىق غايىسى ئادەم ئۆلتۈرۈش ياكى جىسمانىي جازالاش ئەمەس، بە لكى كىشىلەرگە ئىبرەت بېرىش ئارقىلىق يامانلىقنىڭ يوللىرىنى تاقاشتىن ئىبارەتتۇر ئە مەلىيەتتى مۇ بۇ جازانىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىسلام تارىخىدا قانچە قېتىم يۈر گۈزۈلگەنلىكىنى بارماق بىل ەن ساناپ بەرگىلى بولىدۇ
(5) تۆھمەتنى ( ڭ)قاراچاپلاشنىڭ جازاسى.
جاۋاب: بۇ ماۋزۇدىكى تۆھمەت ئىپپەتلىك ئايال ياكى ئىپپەتلىك ئەرگە زىنا قىلدى، دەپ تۆھمەت قىلىش دېگەنلى كتۇر ئاللاھ ئىنسانلارنى ھۆرمەتلىك ياراتتى ۋە ئۇلارغا ھەقدىن ئارقىلىق ئىززەت ئابروي ئاتا قىلدى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىنى چۈشۈرۈش ۋە ئار- نومۇسىنى دەپسەندە قىلىش ئىسلام نەزىرىدە ئېغىر جىنايەت بولۇپ سانالغانلىقتىن، ئىپپەتلىك كىشىلەرگە تۆھمەت قىلغۇچىلارغا بۇدۇ نيادا بېرىلىدىغان جازا 80 قامچا ئۇرۇش بولۇپ بېكىتىلگەن ﴿ ئىپپەتلىك ئاياللارنى زىنا بىلەن قارىلىغان، (بۇنىڭ راستلىقىغا) ئادىل 4 گۇۋاھچىنى كەلتۈرەلمىگەن كىشىلەرنى 80 دەرر ( ە)قامچا ئۇرۇڭلار﴾(1) بىراۋغا يالغاندىن تۆھمەت چاپلاپ قارىلاشنىڭ خەتىرى چوڭ، گۇناھى ئېغىر، تۇرسىمۇ ئۇلارغا ئاران 80 دەررە ئۇرۇش جازاسى بەلگىلەنگەنلىكى ئەمەلىيەتتە ئاددى جازا ئە مەس چۈنكى دەررە جازاسى خەلقى ئالەمنىڭ ئالدىدا ئىجرا قىلىنىدۇ. بۇ تۆھمەتخورنىڭ دۇن يادا، ئابرويىنى يوق قىلىپ خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىشى ۋە ھېچكىم ئىشەنمەيدىغان ب ى ر يالغانچى ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك جازادۇر مۇنداقلار بىر قېتىم خ ەلقى ئالە م ئالدىدا شەرمەندە بولغاندىن كېيىن، كېتىپ قالغان يۈز-ئابرويىنى ۋە ھۆرمىتىنى بار مال- دۇنياسىنى خەجلەپمۇ قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ ئەمەسمۇ بۇ ھەقىقەتەن ئېچىنىشلىق جازادۇرۇ كە چۈرۈم قىلىش جازالاشتىن ئەۋزەل.
جاۋاب: ، ئىسلام دىنى ئىنسانلار ئۈچۈن رەھمەت بولۇپ كەلگەن بىردىن بولۇپ ئىمكان قەدەر كىشىلەرنى جازالىماسلىقنىيولدىن ئازغانلار ۋە گۇناھكارلارنى ۋەز– نەسىھەت
(1) نۇر سۈرىسى 4 ئايەت ئارقىلىق توغرا يولغا قايتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇڭا ئىسلام جازا قانۇنلىرى كىشىلەرنى جازالاشتىن كۆپرەك ئىبرەت بې رىشنى ئاساسلىق غايە قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئازراق شۈبھە تېپىلسىلا جازالارنى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ئەپۇ قىلىڭلار»(1) دېگەن تەۋسىيەنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن لىكىمۇ بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە: « مۇسۇلمانلاردىن كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە جازالارنى كەچۈرۈم قىلىڭلار ئۇلار ئۈچۈن جازادىن قۇتۇلۇپ قېلىشقا قانداقلا بىر چىقىش يولى تې پىلغان ھامان ئۇلارنى قويۇپ بې رى ڭلار، ئىمامنىڭ (ھازىرقى ئىستىلاھ بويىچە سوتچىنىڭ) گۇناھكارنى كەچۈرىۋېتىپ خاتالاشقىنى ئۇنى جازالاپ خاتالاشقىنىدىن ئەلۋەتتە ئەۋزەل»(2) دېگەن پىرىنسىپنى تەۋسىيە قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار ئازراق شۈبھە بىلەن بولسىمۇ جازالارنى يۈرگۈزمەسلىك پرېنسىپىنى تولىمۇ كۆپ قېتىم تەتبىقلىغان، بىركۈنى، غامىدىيە ئىسىملىك بىر ئايال زىنا قىلىپ قويۇپ، قاتتىق پۇشايمان قىلغانلىقتىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ گۇناھىنى ئېتىراپ قىلىدۇ – يا رەسۇلۇللاھۇ مەن زىنا قىلىپ ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزدۈم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاڭلىمىغانغا سېلىپ باشقا تەرەپكە قارىۋالىدۇ، ئايال سۆزىنى قايتىلايدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە قارىمايدۇ ئايال سۆزىنى تۆتىنچى قېتىم تەكرارلىغاندا، پەيغە مبەر: ئەلەيھىسسالام ئېيتىدۇ – بويۇڭدا بارمۇ – بار – ئۇنداقتا بوشىنىپ بولۇپ كە لگىن، شۇجاغدا جازا بېرەيلى ئايال بوشىنىپ بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئىزدەپ كېلىدۇ. پەيغەمبەر: ئەلەيھىسسالام – بالاڭغا قارايدىغان ئادەم بارمۇ دەپ سورايدۇ – يوق، دەيدۇ، ئايال – ئۇنداقتا، بالاڭ ئىككى ياشلىق بولغاندا كەلگىن ئايال بالىسىنى ئىككى ياشقا كىرگەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن ئولتۇراتتى پەيغەمبەر ئەلەيھ ىسسالام: ئۇلارغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ساھابىلاردىن سورايدۇ بۇ ئايالنىڭ بالىسىغا ئاتىدارچىلىق قىلىدى غانلار بارمىكىن ساھابىلاردىن بىرى ئاتىدارچىلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئايال جازاسىنى ئالىدۇ (3) يەنە بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ زىنا قىلىپ قويغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ جازاسىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلتىماس قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاڭلىمىغانغا سېلىپ باشقا تەرەپكە قارىۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە
(1) ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى
(2) ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى
(3) ئىمران ئىبنى ھۇسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ«ئەبۇداۋۇد ھەدىس توپلىمى » دا قەيت قىلىنغان ھەدىس سورىمايدۇ بۇ ئادەم سۆزىنى تەكرارلاشقا باشلايدۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە باشقا تەرەپكە قارىۋالىدۇ بۇ ئەسنادا نامازغا ئەزان چىقىدۇ ناماز تۈگىگە ندىن كېيىن، ھېلىقى ئادەم: يەنە سۆزىنى تەكرارلايدۇ بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن سورايدۇ – تاھارىتىڭ بارمۇ – بار – بىز بىلەن ناماز ئوقۇدۇڭمۇ – ئوقۇدۇم – ئۇنداقتا كەتكىن، ئاللاھ سېنىڭ گۇناھىڭنى كەچۈردى (1) چۈنكى بۇ ئايال بىلەن ئەر ئۆ ز گۇناھىنى تونۇغان ۋە قاتتىق پۇشايمان قىلغان ئايال ئۆزىنىڭ گۇناھ قىلغانلىقىنى قايتا قايتا دەۋا قىلدى، ئايالدا گۇناھقا نىسبەتەن پۇشايمان قىلىش كەيپىيىتى كۈچەيدى، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مەغپىرەتمۇ ئاشتى كېيىنكى قىسسىدىكى ئەرمۇ شۇنداق زىنا بىلەن ئوغرىلىق جازاسىنىڭ ئېغىر بولىشىنىڭ سەۋەبى.
جاۋاب: ، ئىسلام شەرىئىتىدە بەلگىلەنگەن جازالار ئەمەلگە ئېشىشنى مەقسەت قىلماستىن بەلكى كىشىلەرگە ئىبرەت ۋە ئاگاھلاندۇ رۇش بېرىشنى ئاساسلىق مەقسەت قىلىدۇ مەسىل: ەن زىنانى ئىسپاتلاشنىڭ شەرتىگە نەزەر قىلساق، زىنا قىلغۇچىنىڭ ھېچ ئىككىلەنمەستىن 4 قېتىم ئېتىراپ قىلىشى ياكى تۆت گۇۋاھچىنىڭ ئۇنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى شۈبھىسىز رەۋىشتە ئېنىق كۆرگەن بولۇشى ئەمەلگە ئېشىشى ئىنتايىن قىيىن بىر شەرت ئوغرىلىق قىلغۇچىغا ب رىل ې ىدىغان قول كېسىش جازاسىمۇ ئۇنىڭ شەرتلىرىنىڭ تولۇق بولۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ ئەگەر شەرتلىرى تولۇق بولمىسا ياكى ئازراق شۈبھە تېپىلسا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىدە، ھاتى ب ئىبنى ئەبۇ بەلتەئە ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ خىزمەتكارلىرى مەزنىيە ئىسىملىك بىر ئادەمنىڭ تۆگ ىسىنى ئوغرىلاپ كېلىپ سويۇپ يەۋېتىدۇ خىزمەتكارلار ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ئالدىدا گۇناھلىر ىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۆمەر ئۇلارنىڭ قوللىرىنى كېسىشكە بۇيرۇپ بولۇپ، سۆز ىد ىن: قايتىدۇ ۋە ھاتىبقا دەيدۇ سىلەر ئىشلەتكەن ئادەملىرىڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايسىلەر، ئۇلارنى ئاچ قويىسىلەر بۇ ھالەتتە ھارامنى يېسىمۇ ئۇلار ئۈچۈن ھالال بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قوللىرىنى كەسمەي مەن ساڭا شۇنداق ماددىي جازا قويىمەنكى، تۆگىسى ئوغرىلانغان مەزنىيەگە تۆگىسىنىڭ قىممىتىن ىڭ ئىككى ھەسسىسىنى تۆلەيسەن تۆگىنىڭ قىممىتى 400 دىرھەم بولۇپ، ھاتىب مەزنىيەگە 800، دىرھەم تۆلەپ بېرىدۇ ئوغرىلىق قىلغۇچىلار جازادىن ئەپۇ قىلىنىدۇ (2)، مۇندىن باشقا، ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ زامانىدا، مەدىنىدە ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن يىللاردا
(2) ئۇستاز ئەلى ھەسەبۇللانىڭ« ئىسلام قانۇنشۇناسلىقىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرى » ناملىق ئەسىرى 93 - بەت خ ەلقنىڭ ئەھۋالىغا ئېتىبار بەرگەنلىكتىن، ئوغرىلىق قىلغانلارنىڭ قولىنى كېسىش جازاسى يۈرگۈزۈلمىگەن چۈنكى خەلق ئاچارچىلىقتىن كەلگەن مۇھتاجلىق سەۋەبلىك ھارامنىمۇيېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان بىر شارائىتتا ئۇلاغا ئوغرىلىق جازاسىنى ئىجرا قىلىش مۇناسىپ ئەمەس ئىدى (1) ئىسلام جازا قانۇنلىرى ھەممىلا يەردە ئىجرا قىلىنمايدۇ ئىسلام دىنىنىڭ جازا قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ھاكىمىيەت ھەقىقىي ئىسلام ھ اكىمىيىتى بولۇپ، ئىسلام قانۇ نلىرى يۈرگۈزۈلگەن بىر دۆلەت بولى شى شەرت ئىسلام قانۇنى يۈرگۈزۈلمىگەن مەملىكەتلەردە، ئىسلامنىڭ جازا قانۇنلىرىمۇ يۈرگۈزۈلمەيدۇ چۈنكى ئىسلام جازا قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىش ھوقۇقى ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيەت ئورگىنى بولغان ئىسلام مەھكىمىسىگە بېرىلگەن ھوقۇقتۇر شۇڭا قانداقلا بىر دۆلەتتە بولمىسۇن، شەخسلەرنىڭ ياكى بىر تۈركۈم ئىسلامىي جامائەتلەر نىڭ ئىسلام ج ازا قانۇنلىرىنى ئىجرا قىلىش ياكى بى راۋنى سوتلاش ھوقۇقى بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئىسلام ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، خەلقنى ڭ يېمەك– ئىچمەككە بولغان زۆرۈر، ئېھتىياجلىرى دۆلەت تەرىپىدىن ھەل قىلىنىپ ئۇلار ئاچلىق سەۋەبتىن ئوغرىلىق قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالمايدىغ ان تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ئىگە بولالمىغان بولسا بۇنداق بىر مەملىكەتتە ئوغرىلىقنىڭ جازاسى يۈرگۈزۈلمەيدۇ
(1) ئالدىنقى مەنبەدىن.
جاۋاب: ئاللاھقا سېغىنىپ گۇناھلىرى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىشى ۋە چىن يۈرىكىدىن تەۋبە قىلىشى لازىم.
جاۋاب: تەۋبە— سادىر قىلىنغان گۇناھلارغا پۇشايمان قىلىپ، قايتا گۇناھ قىلماسلىققا بەل با غلاپ، توغرىلىققا قايتىش دېمەكتۇر.
جاۋاب: ئىستىغفار— ئاللاھ تائالادىن گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىشىنى سوراش دېگەنلىك.
جاۋاب: ئۈمى دسىزلىك كۇپرىنىڭ جورىسىدۇر: ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە﴿ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پەقەت كاپىر قەۋملا ئۈمىدسىزلىنىدۇ﴾(1) دې يىش ئارقىلىق ئۈمىدسىزلىكنى كۇپرىلىققا ئوخشاتقان چۈنكى مۆمىنلەر ھەمىشە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن ياشايدۇ ئەمما ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغانلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىد كۈتمەيدۇ ھەر قانداق گۇناھ ئۈچۈن تەۋبە قىلىش پەرزدۇر. ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يېقىملىق كېلىدىغان ئىش بەندىنىڭ تەۋبە قىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ گۇناھلىرىنى م: ەغپىرەت قىلىشىدۇر ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە﴿ )ئى مۇھەممەدۇ مېنىڭ تىلىمدىن، ئېيتقىنكى (« گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىمۇ ئاللاھنىڭ، رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار ئاللاھ ھەقىقەتەن جىمى گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ شۈبھىسىزكى، ئال لاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(2 )
جاۋاب: گۇناھ– مەسىيەتلەر ۋە جىنايەتلەر ئاللاھنىڭ ھەققىگە قارشى ئىش لەنگەن گۇناھ مەسىيەتلەر ۋە مەخلۇقاتقا قارشى ئىشلەنگەن قىلمىشلار، دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ ئاللاھنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن گۇناھ– مەسىيەتلەر.
جاۋاب: ئاللاھنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن گۇناھ– مەسىيەتلەر ئاللاھنىڭ قۇرئان كەرىم ياكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق ئىنسانلارغا بىلدۈرگەن«قىل » ۋە (1) يۈسۈف سۈرىسى 87 - ئايەت (2) زۇمەر سۈرىسى 53 - ئايەت «قىلما » دېگەن ئەمر پەرمانلىرىغا خىلاپ كېلىدىغان ھەر قانداق گۇناھ– مەسىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئال لاھ ئىنساننى شۇنچە گۈزەل شەكىلدە يارىتىپ، ئۇنىڭغا يەر يۈزىنىڭ، خوجايىنلىقىنى بەرگەننىڭ سىرتىدا، ئۇنى ھۆرمەتلەپ مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى قىلدى ئۇنى تۈرلۈك ئېسىل نېمەتلەر بىلەن رىزىقلاندۇردى بۇ سەۋەبتىنمۇ، ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھەققى ئەلۋەتتە چوڭدۇر ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ھە ققى ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمر پەرمانلىرىنى ئورۇندا پ، چەكلىگەنلىرىنى تەرك ئېتىپ ئاللاھ ئىستىگەن رەۋىشتە ھايات كەچۈرۈشىدىن ئىبارەتتۇر ئاللاھنىڭ ئەمر- پەرمانلىرىغا قارشى ھەر قانداق بىر ئىتائەتسىزلىك ئۇنىڭ ھەققىگە قارشى گۇناھ– مەسىيەت ئىشلىگەنلىكتۇر.
جاۋاب: مەخلۇقاتقا قارشى ئىشلەنگەن قىلمىشلار دېگىنىمىز: ئىنسانلارنى زىيان، زەخمەتكە ئۇچرىتىش زۇلۇم قىلىش، ھەقلىرىنى يەۋېلىش، ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىش، ئابرۇيلىرىنى تۆكۈش، ھايۋانلارنى ئازابلاش، قىيناش قاتارلىق يامانلىقلارنى ۋە جى نايەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى مۇنداق قىلىش ئىنسانلارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن زىيان زەخمەتكە ئۇچرىتىلماستىن ھۇزۇر ئىچىدەي اشاشتىن ئىبارەت تەبىئىي ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلى ق بولىدۇ. شۇنداقلا، ھايۋانلارنى ئازابلاش، قىيناش ۋە ئۇلارغا قارشى ئىشلەنگەن قانداقلا بىر يولسىزلىق ئۇلارغا زۇلۇم قىلغانلىق ۋە ھايۋانلاردىن يوللۇق پايدىلىنىش، ئۇلارغا ش ەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىشتىن ئىبارەت ئىسلام پىرىنسىپ ىغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ تەۋبىنى ڭ قوبۇل بولۇش شەرتى.
جاۋاب: ئاللاھ تائالانىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن گۇناھ مەسىيەتلەرنىڭ تەۋبىسى تۆۋەندىكى ئۈچ شەرت ب: ىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇلار (1، ) بۇرۇن قىلغان گۇناھ يامان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلىش (2، ) گۇناھ يامان ئىشلاردىن قەتئىي قول ئۈزۈش (3 ) بۇرۇن قىلغان گۇناھ يامان ئىشلارنى قايتا قىلماسلىققا چىن ئىرادە باغلاش.
جاۋاب: ئىنسانلارنىڭ ھەققىگە قارشى ئىشلەنگەن قىلمىشلار ۋە يامانلىقلارنىڭ تەۋبىسىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن يۇقىرىقى ئۈچ شەرت بىلەن بىرگە، ھەق ئىگىسىنى رازى قىلىش شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى بۇ خىلدىكى ھەق ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بولماستىن، ئىنسانلا رنىڭ ئۆز ھەقلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار قىلمىشكارلىرىنى ئۆزلىرى كەچۈرمىگىچە ئاللاھ تا ئالا كەچۈرمەيدۇ ۋە تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلمايدۇ مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئادالىتىدۇر تەۋبە– ئىستىغفارنىڭ پايدىسى.
جاۋاب: تەۋبە– ئىستىغفارنىڭ پايدىسى گۇناھلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىشىدىن باشقا ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىش، جەننەتكە كىرىش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، مول رىزىققا ئىگە بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن پايدىلىرى بار: قۇرئان كەرىم بىزگە تەلىم بېرىپ مۇنداق دەيدۇ﴿ ئى مۆمىنلەرۇ ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ﴾(1) پەيغە: مبەر ئەلەيھىسسالام ئىستىغفارنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن« ئىستىغفار ئېيتىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان ئادەم ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ھەر قانداق قىيىنچىلىقتىن چىقىش يولى ۋە ھەرقانداق غەم- قايغۇدىن خۇشاللىق يارىتىپ بېرىدۇ، ئۇنىڭغا كۈتۈلمىگەن يەردىن رىزىق بېرىدۇ»(2): پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋبىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن« ئەي ئىنسانلارۇ ئاللاھ تائالاغا تەۋبە قىلىڭلار، مەن ھەر كۈنى ئاللاھ تائالاغا 70 قېتىمدىن كۆپرەك ئىستىغفار ئېيتىمەن ۋە كەمچىلىكلىرىمگە تەۋبە قىلىمەن»(3) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالا: م تەۋبىنىڭ پەزىلىتى توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن« ئاللاھ تائالا كېچىدە كۈندۈزلىرى گۇناھ سادىر قىلغانلارنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن قولىنى سوزۇپ تۇرىدۇ، كۈندۈزدە كېچىلىرى گۇناھ ئىشلىگەنلەرنىڭ تەۋبىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن قولىنى سوزۇپ تۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا تا قىيامەتكىچە شۇنداق قىلىدۇ»(4)
(1) تەھرىم سۈرىسى 8 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى
يەتتىنچى بۆلۈم قۇر ئان ۋە سۈننەت ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق دەستۇرى قۇرئان ۋە سۈننەتتۇر، شۈبھىسىزكى ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق دەستۇرلىرى قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتتۇر ئىسلام شەرىئىتىنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرى بۇ ئىككى ئا ساسلىق دەستۇرغا يۆلىنىدۇ ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەتنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىردىنبىر دەستۇر ئىكەنلىكى ۋە ھەر ئىشتا ئالدى بىلەن بۇ ئىككىسىگە مۇراجىئەت قىلىشى لازىملىقىنى بايان قىلىپ: ﴿ ئى مۆمىنلەرۇ ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بېرەر مەسىلىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللا ( ھ، نىڭ كىتابى) غا پەيغەمبەر (نىڭ سۈننىتى) گە مۇراجىئەت قىلىڭلار﴾(1) دېگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: « سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قويۇپ كەتتىم، ئۇلارغا چىڭ ئېس ىلغان مۇددەتچە ھەرگىز ئېزىپ كەتمەيسىلەر، ئۇلار: ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە مېنىڭ سۈننىتىمدۇر»(2) دەپ تەلىم بەرگەن
(1) نىسا سۈرىسى 59 ئايەت
(2) ئىمام ئىبنى مالىكنىڭ«مۇۋەتتە»ناملىق ھەدىس توپلىمى 502 - بەت، 1619 -ھەدىس، ھاكىمنى ڭ«مۇستەدرەك» ناملىق ھەدىس توپلىمى 1- توم 93 - بەت قۇرئان كەرىم قۇرئان كەرىمنىڭ تەرىپى (1)
