Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

نامازنىڭ شەرتلىرى ۋە پەرزلىرى

This content is not yet available in your language.

نامازنىڭ ئەھمىيىتى، ئورنى ۋە خۇشۇئ روھى (سوئال 275 – 285)

بۆلۈم: “نامازنىڭ ئەھمىيىتى، ئورنى ۋە خۇشۇئ روھى (سوئال 275 – 285)”
275سوئال:ناماز دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ناماز — ئەقىل، قەلب ۋە تەننىڭ ھەرىكىتى بىلەن ئاللاھ تائالاغا قىلىنىدىغان مەخسۇس مۇناجاتتۇر.

276سوئال:ناماز قانداق ئىبادەت؟#

جاۋاب: ئىماندىن كېيىنلا بۇيرۇلغان ئەڭ مۇھىم ئىبادەت ۋە ئىسلام دىنىنىڭ بەش چوڭ ئاساسىي پەرزىدىن بىرىدۇر.

277سوئال:بەش ۋاخ ناماز قاچان پەرز قىلىنغان؟#

جاۋاب: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىشتىن ئۈچ يىل ئىلگىرى (مىلادىيە 619-يىلى) مەككىدە ئىسرا-مېراج كېچىسى پەرز قىلىنغان.

278سوئال:نامازنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى نېمە؟#

جاۋاب: ناماز — دىننىڭ تۈۋرۈكى، قىيامەتتە ئەڭ ئاۋۋال ھېسابى ئېلىنىدىغان ئەمەل، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتىدۇر.

279سوئال:قانداق قىلغاندا نامازنى تەلەبكە لايىق ئوقۇغىلى بولىدۇ؟#

جاۋاب: پەقەت تىل ۋە تەن ھەرىكىتى بىلەنلا ئەمەس، ئەقىل ۋە قەلبنى ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىغا تۇلۇق يۈزلەندۈرۈپ «خۇشۇئ» بىلەن ئوقۇغاندا لايىق ئوقۇلغان بولىدۇ.

280سوئال:«خۇشۇئ» دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: نامازدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ھەيۋىتىدىن ئەيمىنىپ، قەلب ۋە پىكىرنى ئاللاھقىلا باغلاپ كەمتەرلىك ۋە ھوشيارلىق بىلەن تۇرۇشتۇر.

281سوئال:«خۇشۇئ»نىڭ ھۆكمى نېمە؟#

جاۋاب: نامازنى خۇشۇئ بىلەن ئوقۇش پەرزدۇر (ئىمام ئىبنى تەيمىيە قاتارلىق مۇھەققىق ئالىملار تەكىتلىگەن).

282سوئال:نېمە ئۈچۈن نامازدا «خۇشۇئ» پەرز؟#

جاۋاب: چۈنكى خۇشۇئ نامازنىڭ جېنىدۇر. ئىنسان نامىزىدىن پەقەت ئەقلى ھوشيار ۋە قەلبى ئويغاق تۇرغان قىسمىدىنلا ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

283سوئال:«خۇشۇئ» ھاسىل قىلىشنىڭ چارىلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: (1) نېمە دەۋاتقانلىقىنى بىلىش. (2) ھەرىكەتلەرنى ئالدىرىماي تەمكىن قىلىش. (3) ئاخىرقى قېتىملىق نامىزىنى ئوقۇۋاتقاندەك ھېس قىلىش. (4) مەنىلەرنى چۈشىنىپ تەپەككۇر قىلىش. (5) ئايەتلەرنى دانە-دانە ئوقۇش.

284سوئال:قۇرئان كەرىمنى قانداق ئاڭلاش كېرەك؟#

جاۋاب: ئاللاھ تائالانىڭ ئايەتلىرىنى قەلبىدە قورقۇنچ ۋە ھەيۋەت پەيدا بولىدىغان، ئىمانى كۈچىيىدىغان ھالەتتە دىققەت بىلەن ئاڭلاش كېرەك.

285سوئال:«خۇشۇئ»نىڭ يوقىلىشىغا ياكى ئاجىزلىشىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلار قايسىلار؟#

جاۋاب: (1) يانفونلارنى ئۆچۈرمەسلىك. (2) دىققەت چېچىدىغان نەقىشلىك جايناماز ياكى ئورۇنلار. (3) نەقىشلىك كىيىملەر. (4) تائام ھازىر تۇرغاندا نامازغا تۇرۇش. (5) تەرىتى قىستاپ قالغاندا ئوقۇش. (6) مۆگدەپ ئوقۇش. (7) سەجدىگاھنى تۈزەش بىلەن كۆپ مەشغۇل بولۇش. (8) ئۇياق-بۇياققا قاراش.

نامازنىڭ تۈرلىرى ۋە بەش ۋاخ ناماز ھۆكمى (سوئال 286 – 293)

بۆلۈم: “نامازنىڭ تۈرلىرى ۋە بەش ۋاخ ناماز ھۆكمى (سوئال 286 – 293)”
286سوئال:ئىسلامدا قانچە تۈرلۈك ناماز بار؟#

جاۋاب: بەش تۈرلۈك: پەرز، ۋاجىب، سۈننەت، مۇستەھەب ۋە نەپلە نامازلار.

287سوئال:پەرز نامازلار قايسى نامازلار؟#

جاۋاب: (1) كۈندىلىك بەش ۋاخ ناماز. (2) جىنازا نامىزى (پەرزى كىپايە). (3) ئەرلەر ئۈچۈن جۈمە نامىزى.

288سوئال:ۋاجىب نامازلار قايسىلار؟#

جاۋاب: (1) ۋىتىر نامىزى. (2) ئىككى ھېيت نامازلىرى. (3) نەزىر قىلىنغان نامازلار.

289سوئال:سۈننەت نامازلار قايسىلار؟#

جاۋاب: (1) بەش ۋاخ نامازنىڭ سۈننەتلىرى. (2) تەراۋىھ نامىزى. (3) مەسجىدكە كىرگەندە ئوقۇلىدىغان تەھىييەتۇل مەسجىد نامىزى.

290سوئال:مۇستەھەب نامازلار قايسىلار؟#

جاۋاب: چاشگاھ نامىزى (دۇھا)، كېچىلىك تەھەججۇد نامىزى ۋە تاۋاپ نامىزى.

291سوئال:نەپلە نامازلار قايسىلار؟#

جاۋاب: تەۋبە نامىزى، ئىستىخارە نامىزى، ھاجەت نامىزى ۋە مۇتلەق نەپلە نامازلاردۇر.

292سوئال:بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟#

جاۋاب: بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى ھوشى جايىدا بولغان ھەر بىر مۇسۇلمانغا كۈندە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇش پەرزى ئەيىندۇر.

293سوئال:نامازنى تەرك ئېتىشنىڭ جازاسى قانداق بولىدۇ؟#

جاۋاب: پەرزلىكىنى ئىنكار قىلىپ تەرك ئەتكۈچى كاپىر بولىدۇ. تەستىقلاپ تۇرۇپ ھۇرۇنلۇق بىلەن تەرك ئەتكۈچى ئېغىر گۇناھكار بولىدۇ ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

نامازنىڭ ۋاقىتلىرى ۋە مەنئى قىلىنغان ۋاقىتلار (سوئال 294 – 304)

بۆلۈم: “نامازنىڭ ۋاقىتلىرى ۋە مەنئى قىلىنغان ۋاقىتلار (سوئال 294 – 304)”
294سوئال:نامازنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: نامازنىڭ سىرتىدىكى 6 شەرتى: (1) بەدەن، كىيىم ۋە ئورۇننىڭ پاك بولۇشى. (2) تاھارەت ئېلىش (ياكى غۇسلى، تەيەممۇم). (3) ناماز ۋاقتىنىڭ كىرىشى. (4) ئەۋرەت يەرلەرنى يۆگەش. (5) قىبلىگە يۈزلىنىش. (6) نىيەت قىلىش.

295سوئال:بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتى قاچان كىرىدۇ؟#

جاۋاب: تاڭ يورۇپ فەجرى سادىق بولغاندىن باشلاپ كۈن چىققانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ.

296سوئال:پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى قاچان كىرىدۇ؟#

جاۋاب: قۇياش كۆن پېتىش تەرەپكە ئېگىلگەندىن باشلاپ ھەر نەرسىنىڭ سايىسى ئۆزىنىڭ بىر ياكى ئىككى ھەسسىسىگە قەدەر ئۇزارغان ۋاقىتقىچە داۋام قىلىدۇ.

297سوئال:ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتى قاچان كىرىدۇ؟#

جاۋاب: پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى چىققاندىن باشلاپ قۇياش پاتقانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ.

298سوئال:شام نامىزىنىڭ ۋاقتى قاچان كىرىدۇ؟#

جاۋاب: قۇياش پاتقاندىن باشلاپ شەپەق (قىزىللىق ياكى ئاقلىق) يوقالغانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ.

299سوئال:خۇپتەن نامىزىنىڭ ۋاقتى قاچان كىرىدۇ؟#

جاۋاب: شام نامىزىنىڭ ۋاقتى چىققاندىن باشلاپ ئىككىنچى تاڭ ئاقارغانغا (بامدات ۋاقتىغا) قەدەر داۋام قىلىدۇ.

300سوئال:ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاقتى قاچان كىرىدۇ؟#

جاۋاب: خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن باشلىنىپ بامدات نامىزىنىڭ ۋاقتىغىچە داۋام قىلىدۇ.

301سوئال:جۈمە نامىزى قاچان ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: جۈمە كۈنلۈكتە پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتىدا ئوقۇلىدۇ.

302سوئال:ئىككى ھېيت نامازلىرى قاچان ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: روزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە كۈن چىقىپ تەخمىنەن 45 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن ئوقۇلىدۇ.

303سوئال:ناماز ۋاقتىنى بىلەلمىگەن ئادەم قانداق قىلىدۇ؟#

جاۋاب: سائەت ياكى ئەزان بولمىغان، بۇلۇتلۇق ھاۋادا ئۆز قانائىتى ۋە ئىجتىھادى بىلەن ۋاقىتنى بەلگىلەپ ئوقۇسا نامىزى دۇرۇس بولىدۇ.

304سوئال:ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنغان ۋاقىتلار قايسىلار؟#

جاۋاب: قۇياش چىقىۋاتقاندا، كۈن تىك قىيامغا كەلگەندە، قۇياش پېتىۋاتقاندا ھەرقانداق ناماز مەنئى قىلىنىدۇ. بامداتتىن كېيىن كۈن چىققۇچە، ئەسىردىن كېيىن كۈن پاتقۇچە نەپلە ناماز ئوقۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

ئەزان ۋە تەكبىر (قامەت) ئەھكاملىرى (سوئال 305 – 315)

بۆلۈم: “ئەزان ۋە تەكبىر (قامەت) ئەھكاملىرى (سوئال 305 – 315)”
305سوئال:ئەزان دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ناماز ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى مەخسۇس ئەرەبچە سۆزلەر بىلەن ئېلان قىلىش دېگەنلىكتۇر.

306سوئال:ئەزان قاچاندىن بېرى يولغا قويۇلغان؟#

جاۋاب: ھىجرىيەنىڭ بىرىنچى يىلى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە يولغا قويۇلغان.

307سوئال:ئەزان قايسى نامازلار ئۈچۈن ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: بەش ۋاخ ناماز بىلەن جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئەرلەرگە ئەزان ئوقۇش تەكىتلىك سۈننەتتۇر. ئاياللار ئەزان ئوقۇمايدۇ.

308سوئال:ئەزاننىڭ تېكىستى قايسى؟#

جاۋاب: ئاللاھۇ ئەكبەر (4 قېتىم)، ئەشھەدۇ ئەن لائىلاھە ئىللەللاھ (2 قېتىم)، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەر رەسۇلۇللاھ (2 قېتىم)، ھەييە ئەلەسسالاھ (2 قېتىم)، ھەييە ئەلەل فەلاھ (2 قېتىم)، بامداتتا «ئەسسالاتۇ خەيرۇم مىنەن نەۋم» (2 قېتىم)، ئاللاھۇ ئەكبەر (2 قېتىم)، لائىلاھە ئىللەللاھ (1 قېتىم).

309سوئال:ئەزان ئوقۇشنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ناماز ۋاقتىنىڭ كىرىشى، ئەرەب تىلىدا بولۇشى، ئۈنلۈك ئوقۇلۇشى، بىر مۇئەززىن تەرىپىدىن ئوقۇلۇشى، مۇئەززىننىڭ مۇسۇلمان، ئەر، ئاقىل، بالىغ بولۇشى ۋە تەرتىپكە رىئايە قىلىنىشىدۇر.

310سوئال:ئەزان ئوقۇلىۋاتقاندا نېمە قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: مۇئەززىننىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى تەكرارلاش، «ھەييە ئەلەسسالاھ» ۋە «ھەييە ئەلەل فەلاھ» دېگەندە «لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ» دېيىش مۇستەھەبتۇر.

311سوئال:ئەزاندىن كېيىن قايسى دۇئا ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: «ئاللاھۇممە رەببە ھازىھىد دەئۋەتىت تاممە، ۋەسسالاتىل قائىمە، ئاتى مۇھەممەدەنىل ۋەسىيلەتە ۋەلفەزىيلە، ۋابئەسھۇ مەقامەن مەھمۇدەنىللەزى ۋەئەدتەھ» دۇئاسى ئوقۇلىدۇ.

312سوئال:تەكبىر دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: پەرز نامازنى باشلاش ئالدىدا ئوقۇلىدىغان ئىقامەتتۇر.

313سوئال:تەكبىرنىڭ ھۆكمى نېمە؟#

جاۋاب: پەرز نامازلار ئۈچۈن ئەرلەرگە سۈننەتتۇر. ئەزاندىن پەرقى تېز ئوقۇلىدۇ ۋە جامائەت بولسۇن ياكى يالغۇز بولسۇن ئوقۇلىدۇ.

314سوئال:تەكبىرنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ئەزاننىڭ شەرتلىرى بىلەن ئوخشاشتۇر.

315سوئال:تەكبىرنىڭ تېكىستى قايسى؟#

جاۋاب: ئەزانغا ئوخشاش بولۇپ، پەقەت «ھەييە ئەلەل فەلاھ»تىن كېيىن ئىككى قېتىم «قەد قامەتىس سالاھ» قوشۇلىدۇ.

ئەۋرەت چەكلىرى، قىبلە ۋە نىيەت مەسىلىلىرى (سوئال 316 – 324)

بۆلۈم: “ئەۋرەت چەكلىرى، قىبلە ۋە نىيەت مەسىلىلىرى (سوئال 316 – 324)”
316سوئال:ئەۋرەت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئىنساننىڭ ئېچىلىپ قالسا ئەيىب بولىدىغان ۋە قاراشتىن ھايا قىلىنىدىغان ئەزالىرىدۇر. نامازدا ئۇنى يۆگەش پەرزدۇر.

317سوئال:ئەرلەرنىڭ ئەۋرەت ئەزالىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: ئەرلەرنىڭ ئەۋرىتى كىندىكتىن تىزغىچە (تىزمۇ كىرىدۇ) بولغان ئارىلىقتۇر.

318سوئال:ئايالنىڭ ئەۋرەت ئەزالىرى قايسىلار؟#

جاۋاب: يات ئەرلەر ئالدىدا ۋە نامازدا يۈزى، ئىككى ئالىقىنى ۋە ئىككى پۇتىدىن باشقا پۈتۈن بەدىنى ئەۋرەتتۇر. مەھرەملىرى ئالدىدا قورساق، دۈمبە، ئىككى تىز ۋە ئۇياتلىق ئەزا ئەۋرەتتۇر.

319سوئال:قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: نامازدا يۈزنى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدنى مەسجىدى ھەرەمدىكى كەبە تەرەپكە قارىتىپ تۇرۇشتۇر.

320سوئال:قىبلىگە قاراشقا ئىمكانىيەت بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: كېسەللىك، قورقۇنچ ياكى قاتناش قوراللىرىدا قىبلىگە قاراش مۇمكىن بولمىغاندا، قادىر بولغان تەرەپكە قاراپ ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ.

321سوئال:قىبلىنى تاپالمىغان چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟#

جاۋاب: قىبلىنى بىلگۈچى بولمىسا، تىرىشىپ تەھەررىي (ئىزدىنىش) قىلىپ، كۆڭلى قانائەت تاپقان تەرەپكە قاراپ ئوقۇيدۇ.

322سوئال:قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈشنىڭ ئەدەپلىرى قايسى؟#

جاۋاب: يۈزىنى قىبلىگە قاراتقىنىدەك، قەلبى ۋە پىكرىنى دۇنياۋى تەمەلەردىن خالىي قىلىپ ئاللاھ تائالاغىلا يۈزلەندۈرۈشتۇر.

323سوئال:نامازدا نېمە ئۈچۈن كەبە تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈش كېرەك؟#

جاۋاب: كەبىگە چوقۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاللاھ تائالانىڭ «يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن» دېگەن ئەمرىگە بويسۇنۇش يۈزىسىدىندۇر.

324سوئال:نىيەت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن پىلانلىغان نامازنى قەلب بىلەن مەقسەت قىلىشتۇر. ئورنى قەلب بولۇپ، تىل بىلەن ئېيتىش شەرت ئەمەس.

بەش ۋاخ نامازنىڭ رەكئەت تۈزۈلمىسى (سوئال 325 – 332)

بۆلۈم: “بەش ۋاخ نامازنىڭ رەكئەت تۈزۈلمىسى (سوئال 325 – 332)”
325سوئال:رەكئەت دېگەن نېمە؟#

جاۋاب: قىيام، قىرائەت، رۇكۇ ۋە ئىككى سەجدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قېتىملىق پۈتۈن بىرلىكىدۇر.

326سوئال:بامدات نامىزى قانچە رەكئەت ۋە تەرتىبى قانداق؟#

جاۋاب: جەمئىي 4 رەكئەت: 2 رەكئەت سۈننەت، ئاندىن 2 رەكئەت پەرز ئوقۇلىدۇ.

327سوئال:پىشىن نامىزى قانچە رەكئەت ۋە تەرتىبى قانداق؟#

جاۋاب: جەمئىي 10 رەكئەت: 4 رەكئەت ئالدىنقى سۈننەت، 4 رەكئەت پەرز ۋە 2 رەكئەت كېيىنكى سۈننەت ئوقۇلىدۇ.

328سوئال:ئەسىر نامىزى قانچە رەكئەت ۋە تەرتىبى قانداق؟#

جاۋاب: جەمئىي 8 رەكئەت: 4 رەكئەت تەكىتسىز سۈننەت، ئاندىن 4 رەكئەت پەرز ئوقۇلىدۇ.

329سوئال:شام نامىزى قانچە رەكئەت ۋە تەرتىبى قانداق؟#

جاۋاب: جەمئىي 5 رەكئەت: ئاۋۋال 3 رەكئەت پەرز، ئاندىن 2 رەكئەت سۈننەت ئوقۇلىدۇ.

330سوئال:خۇپتەن نامىزى قانچە رەكئەت ۋە تەرتىبى قانداق؟#

جاۋاب: جەمئىي 10 رەكئەت: 4 رەكئەت تەكىتسىز سۈننەت، 4 رەكئەت پەرز ۋە 2 رەكئەت سۈننەت ئوقۇلىدۇ.

331سوئال:ۋىتىر نامىزى قانچە رەكئەت ۋە قاچان ئوقۇلىدۇ؟#

جاۋاب: ۋىتىر نامىزى 3 رەكئەت بولۇپ، خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئايرىم ئوقۇلىدۇ، ھۆكمى ۋاجىبتۇر.

332سوئال:بەش ۋاخ نامازلارنىڭ پەرزلىرىنىلا ئوقۇش كۇپايە قىلامدۇ؟#

جاۋاب: پەرزنى تولۇق ئادا قىلسا پەرز ئادا تاپىدۇ، گۇناھكار بولمايدۇ. ئەمما سۈننەتلەر پەرزدىكى كەمچىلىكلەرنى تولۇقلايدۇ ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشتۈرىدۇ.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.