«قۇرئاندىكى قىسسىلەر» كىتابى ھەققىدە ۋە مۇھەررىردىن
This content is not yet available in your language.
نەشر ئۇچۇرلىرى
بۆلۈم: “نەشر ئۇچۇرلىرى”- ئەسەر نامى: قۇرئاندىكى قىسسىلەر (قصص القرآن)
- ئەسلى ئاپتور: مۇھەممەد ئەھمەد جادۇلمەۋلا (محمد أحمد جاد المولى) — سۈرىيە
- ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: داۋۇت غازى (Daut Ghazi)
- تەكشۈرۈپ تەھرىرلىگۈچى: مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرجىمىسى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن
- نەشرىيات: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى (2000-يىلى)
- خەنزۇچە نەشر ئۇچۇرى: دەمەشق-بېيرۇت «ئۈمەييە نەشرىياتى» 1973-يىللىق نۇسخىسى ئاساسىدا تونۇشتۇرۇلغان
- توردا ساقلانغان PDF نۇسخىسى: «قۇرئاندىكى قىسسىلەر» PDF نۇسخىسىنى كۆرۈش ياكى چۈشۈرۈش
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
مۇھەممەد ئەھمەد زەئد موللا (سۈرىيە)
تەرجىمە قىلغۇچى: داۋۇت غازى
شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
图书在版编目 (CIP) 数据
بۆلۈم: “图书在版编目 (CIP) 数据”中国版本图书馆《IIP数据核字(2000)》第30769号
مۇھەررىردىن
بۆلۈم: “مۇھەررىردىن”ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان» ئەرەب ئەدەبىياتى تارىخىدا كىتابلاشتۇرۇلغان تۇنجى يازما ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تارىخ، ئەدەبىيات، ئۆرپ - ئادەت، شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە دىنىي قائىدە قاتارلىق مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ تىلى گۈزەل، نەپىس؛ ئوقۇلۇشى جاراڭلىق، قاپىيىلىك، تۈزۈلۈشىمۇ ئۆزگىچە.
«قۇرئان» دا جەمئىي بىر يۈز ئون تۆت پاركىسۇرە بار. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، بۇ سۈرىلەر شۇ چاغدا خاتىرە يېزىشقا مەسئۇل بولغان تۇنجى خەلىپە ئەبۇبەكرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەتلەپ چىقىلغان، كېيىن يەنە ئۈچىنچى خەلىپە ئوسمان تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ كىتاب قىلىنىپ ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن.
«قۇرئان» دا ئەينى چاغدىكى كىشىلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇش ۋە تەرەققىي قىلىش يوللىرىغا بولغان تونۇشلىرى ئىمپادىلەنگەن، مۇشرىكلارنى بويسۇندۇرۇش يولىدىكى جىھادىنىڭ ئۆتمۈشى تەپسىلىي بايان قىلىنغان. قۇرئاندىكى قىسىلەرنىڭ تۈرمۈش پۇرىقى قويۇق، مەزمۇنى مول. ئۇ دىنىي جەھەتتە قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئەدەبىيات ۋە تارىخ جەھەتتىمۇ قىممەتكە ئىگە. ئۇ زامان - زامانلاردىن بۇيان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىدىيىسى، تىلى، قائىدە - يوسۇنى ۋە مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەدىبلەر ئۇنىڭدىن ئۈزلۈكسىز تۈردە ئوزۇق ئېلىپ كەلدى. پاكىتلار ئىسپاتلاپ تۇرۇپشۇكى، قۇرئاندىكى قىسىلەر ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك مىراسلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇ
كەمگەچە ئۆزىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى قىممىتى ۋە كىشىنى مەپتۇن قىلارلىق سېھرىي كۈچىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
«قۇرئاندىكى قىسسەلەر» ناملىق بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى دەمەشق - بىيروت ئۈمەييە نەشرىياتىنىڭ 1973 - يىلىدىكى نەشرىدىن تەرجىمە قىلىنغان. بىز كىتابخانلىرىمىزنىڭ ئىسلام ئەللىرىنىڭ جۈملىدىن ئەدەبىياتىنىڭ تارىخىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلىتىش مەقسىتىدە، بۇ كىتابنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، 1986 - يىلى «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا تونۇشتۇرغانىدۇق. «قۇرئان»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى كىتابخانلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، مەزكۇر كىتاب تەرجىمان يولداش داۋۇت غازى تەرىپىدىن «قۇرئان»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئاساسىدا بىر قۇر تەكشۈرۈلدى، ئىسىم، ئاتالغۇ ۋە بەزى سۈرىلەر «قۇرئان» بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. كىتابتىكى بەزى جۈملىلەرنىڭ ئېلىنىشى ۋە كەينىدىنلا كېڭەيتىپ بېرىلگەن چۈشەندۈرۈشلىرىگە قارىغاندا، نۇرغۇن جايلار ئەسلىي ئەرەبچە نۇسخىسىدا «قۇرئان» دىن ئېلىنغاندەك تۈرىدۇ. قولىمىزدا ئەسلىي كىتاب بولمىغاچقا، بۇ جايلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئاجىزلىق قىلدۇق. شۇڭا، بەزى سەۋەنلىك ھەتتا خاتالىقلارغىمۇ يول قويغان بولۇشىمىز مۇمكىن. بۇ تەرەپلىرىنى كىتابخانلىرىمىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمىز.
