Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

ئادەم ئەلەيھىسسالام

This content is not yet available in your language.

ئاللا ئىككى كۈن ئىچىدە زېمىننى ياراتتى. ئۇ زېمىن ئۈستىگە تاغلارنى پەيدا قىلدى ۋە زېمىنغا بەخت - سائادەت ئاتا قىلدى. ئاللا يەنە تۆت كۈن ئىچىدە بەندىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا كېرەكلىك تازۇنېمەتلەرنى تەيىنلىدى. ئۇ پۈتۈنلەي تۇمان بىلەن قاپلانغان پايانسىز ئەرشتە تۇرۇپ، زېمىن بىلەن ئاسمانغا:

سىلەر ئىككىڭلار، مەيلى خالاڭلار ياكى خالىماڭلار، ئالدىمغا كېلىپ ئەمرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! دەپ خىتاب قىلدى. زېمىن بىلەن ئاسماندىن:

ئاللا ئەرش كۇرسىدا ئولتۇردى. ئۇ كۈن بىلەن ئاينى ئۆز ئوقىدا مۇئەييەن ۋاقىت بويىچە ئايلىنىشقا بۇيرۇدى، ئاندىن پەرىشتىلەرنى ياراتتى. پەرىشتىلەر ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئوقۇدى، سەجدە قىلدى ۋە ساداقەتمەنلىك بىلەن ئېتىكاپتا تۇرۇپ ئىمادەت قىلدى.

ئاندىن، ئاللا يەنە ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى يارىتىپ، ئۇنى زېمىندا تۇرۇشقا بۇيرۇماقچى بولدى. ئاللا پەرىشتىلەرگە شۇنداق دېدى: مەن شۇنداق بىر خىل ئىنسان يارىتايكى، ئۇلار كەڭ زېمىندا تۇرۇپ ئەمگەك بىلەن تىرىكچىلىك قىلسۇن، زىرائەت - ئۆسۈملۈكلەردىن نېمەتلەر تېپىپ ئوزۇقلانسۇن، زېمىن ئاستىدىكى بايلىقلارنى ئېچىپ پايدىلانسۇن ۋە ئۆز ئەۋلادلىرىنى يېتىشتۈرۈپ ئاۋۇتسۇن.

ئاللا پەرىشتىلەرنى ياراتتى ھەمدە ئۇلارغا مېھىر - شەپقەت ئاتا قىلدى. شۇڭا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا سېغىناتتى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇناتتى، پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ئىنسان ياراتماقچى بولغانلىقىدىن

خەۋەر تېپىپ تەشۋىشلەندى. ئۇلار: بۇ بەلكىم ئۆز بۇرچىمىزنى ئادا قىلالمىغانلىقىمىزدىن ياكى ئارىمىزدا بىرەرىنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىپ قويغانلىقىدىن بولدىمىكىن، دەپ ئەنسىرەشتى - دە، دەرھال ئاللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۆز ساداقىتىنى بىلدۈرۈشتى:

— ئى قادىر ئاللا، ساڭا ھەمدۇسانا ئېيتىپ، مەدھىيە ئوقۇيدىغان بىزدەك پەرىشتىلەر تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە بولۇپ زېمىندا باشقا بىرخىل مەخلۇق ياراتماقچى بولدۇڭ؟ ئىنسانلار ئەدەپ - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇننى بۇزىدۇ، بىر - بىرىدىن ھوقۇق - مەنپەئەت تالىشىدۇ، بىر - بىرىنى قىرىپ، بىھۇدە قان تۆكىدۇ. پەقەت بىزلا ساڭا ھەمدۇسانا ئوقۇيمىز ۋە سېنى مۇقەددەس دەپ بىلىمىز.

پەرىشتىلەرنىڭ بۇنداق دېيىشى ئۆز تەشۋىشلىرىدىن پارىخ بولۇش ئۈچۈن ئىدى. ئۇلار ئاللاھتىن ئۆزلىرىگە يەر يۈزىگە چۈشۈپ ئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ ئاۋۇتۇشقا ئىجازەت بېرىشنى ئۈمىد قىلىشاتتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە ھەممىدىن بۇرۇن نائىل بولغاچقا، ئاللانا ئاللاھنىڭ قۇدرەت - كامالىنى ھەممىدىن بەك چۈشىنەتتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى ئىنكار قىلىشنى ۋە ئاللاھنىڭ پاراسىتىگە شەك كەلتۈرۈشنى راۋا كۆرمەيتتى، ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى كەمسىتىشنىمۇ خالىمايتتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ يېقىن خىزمەتكارلىرى، ساداقەتمەن قۇللىرىدىن بولغاچ، پەقەت ئاللاھنىڭلا ئەمرىگە ئىتائەت قىلاتتى.

ئاللا ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى يورۇتۇپ، شەك - شۇبھە، غەم - ئەندىشىلىرىنى تۈگەتتى.

— سىلەرنىڭ ھېچنېمىنى چۈشەنمەي دەۋاتقىنىڭلار ھەقىقەتەن ماڭا ئايان، — دېدى ئاللا پەرىشتىلەرگە خىتاب قىلىپ، —

شۇنداقلا سىلەرنىڭ كېيىنكى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلغۇچىنى تاللاشتىكى تەدبىرىمنى بىلەلمىگەنلىكىڭلارمۇ ماڭا ئايان. مەن ئۆزۈمنىڭ رايى بويىچە ئادەم يارىتىمەن، ئۆز دىتىمغا لايىق

بولغۇچىنى كېيىنكى ئىشلارغا ۋارس قىلىپ تاللايمىن. سىلەر تېخىچە كۆرۈپ باقمىغان ئادەمنى كۆرسىلەر، مەن ئۇنى يارىتىپ جان ئاتا قىلغاندىن كېيىن. سىلەر ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ، ھۆرمەت بىلدۈرسىلەر!

ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى لايدىن ياراتتى ھەمدە ئۇنىڭ تېنىگە جان كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالام ھاياتلىققا ئېرىشىپ چىن ئىنسانغا ئايلاندى.

ئاللا پەرىشتىلەرنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا يۈكۈتۈپ سەجدە قىلىشقا بۇيرۇدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ، ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى. ۋەھالەنكى، ئىبلىس① ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشنى رەت قىلدى. ئۇ ئاللاھقا ئېتىقاد قىلمايتتى.

ئاللا ئىبلىستىن ئۆز ئەمرىنى رەت قىلىشنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرۈشنىڭ سەۋەبلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ:

— قانداق نەرسە سېنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئادەمگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتىن توستى؟ بۇ سېنىڭ يوغانلىق قىلغىنىڭمۇ ياكى سەن ئەزەلدىنلا شۇنداق ئالىيجانابىمدىڭ؟ — دېدى.

ئىبلىس رەڭۋازلىق قىلىپ، ئۆزىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئۈستۈن ۋە ئەقىللىق، دەپ ئاتىدى. ئۇ مەرتىۋە - ئورۇن ۋە نام - شۆھرەتتە ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلمايتتى، شۇڭا:

— مەن ئادەمدىن ئۈستۈن تۈرىمەن، سەن مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى بولسا لايدىن ياراتتىڭ، — دېدى.

ئىبلىس ئاللاھتىن ئاشكارا يۈز ئۆرۈپ ئاسىيلىق قىلدى، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى مەنسىتمىدى، ئاللا ئۆز قولى بىلەن ياراتقان ئادەمگە ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى پەرۋايىغا ئالمىدى، شۇڭا ئۇ ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان ئاسىيغا ئايلاندى.

ئاللا ئىبلىسنى ئاسىيلىق گۈناھى ئۈچۈن جازالىدى. ئاللا ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن خىتاب قىلىپ:

— سەن جەننەتتىن يوقال! ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ. ساڭا ئاخىر زامانغىچە ھەقىقەتەن لەنەت بولسۇن! — دېدى. ئىبلىس ئاللاھتىن كەڭچىلىك قىلىشنى، ئىنسانلار قايتا تىرىلگۈچە ئۆزىنىڭ ھايات تۈرۈشىغا ئىجازەت بېرىشنى تىلىدى. ئاللا ئۈنىڭ تەلىپىنى مەقبۇل كۆرۈپ، ئۈنىڭغا:

— ساڭا ئاخىر زامانغىچە كەڭچىلىك قىلدىم، — دېدى. ئىبلىس ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىپ ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ قىلغان مەرھەملىرىدىن تەسىرلەنمىدى، ئەكسىچە، ياخشىلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاب قىلدى. ئۇ ئاللاھقا:

— سەن مېنى غايىللىقتا قالدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئادەملەرگە كۆرسەتكەن توغرا يوللىرىڭدا پايلاپ تۈرۈپ، ئۇلارغا ئالدىدىن، كەينىدىن، ئوڭدىن ۋە سولدىن ھۇجۇم قىلىمەن، ئۇ چاغدا سەن ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ساڭا تەشەككۈر ئېيتمايدىغانلىقىنى بىلىپ قالسەن، — دېدى.

— سەن ئۆزۈڭنىڭ تاللىغان يولۇڭدا مېڭىۋەر! تۇيۇق يولۇڭغا كېتىۋەر! — دەپ ئەيىبلىدى ئاللا ئىبلىسنى، — سەن ئۆز ئاۋازىڭ بىلەن ئادەمزاتقا ھەيۋە قىلىۋەر، ئۇلارغا زورلۇق بىلەن قارشى تۈرىۋەر، ئۇلارنىڭ پۇل-مال ۋە پەرزەنتلىرىنى تارتىۋال، ئۇلارغا ساختا ۋەدەلەرنى بېرىپ، پايانى يوق ئۈمىد بېغىشلاۋەر! بىراق شەيتان دېگەننىڭ ۋەدىسى بەربىر ئالدامچىلىق، مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بەندىلىرىنى ھەرگىز سېنىڭ دامىڭغا چۈشۈرمەيمەن. سېنى ھەرگىز ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانى قىلمايمەن. ئۇلارمۇ ساڭا بەيئەت قىلمايدۇ ياكى سېنىڭ ھىيلە - مىكىرلىرىڭگە قۇلاق سالمايدۇ. سەن كىشىلەرنى ھىدايەتتىن ئازدۇرۇش نىيىتىگە كەلگەنىكەن. چوقۇم ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالسەن. مەن سېنى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىڭنى چوقۇم دوزاخقا تاشلايمەن.

پەرىشتىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلدى، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەرتىۋىسىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۆزلىرىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ مەرھەمەت ئىلتىپاتىغا تېخىمۇ بەك سازاۋەر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرىشتىلەر ئۆزلىرىنىڭ بىلىمىنى، كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭكىدىن كۆپ، دەپ چاغلاپتى. شۇڭا ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بىلىم - مەرىپەت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئۇنىڭغا پۈتۈن شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ئۆگەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاللا پەرىشتىلەرنى چاقىرىپ، ئۇلارغا:

— راستچىل بولساڭلار، بۇ شەيئىلەرنىڭ ناملىرىنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار. — دېدى. ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى پەرىشتىلەرنىڭ ئىقتىدارسىز، كەم ئەقىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان ئورنىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئىدى. پەرىشتىلەر دۇدۇقلاپ، ئاللاھنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرەلمەي قالدى. ئۇلار مەخلۇقات ۋە مەۋجۇداتلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىشكە شۇنچە تىرىشىپ كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئامالسىز قالدى - دە، ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىدارسىز، كەم ئەقىل ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتى. ئۇلار ئاللاھقا:

— ئى پەرۋەردىگار، ساڭا تۈمەن مىڭ تەشككۈر، بىز سەن پىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز، ھەقىقەتەن سەن ھەممىنى بىلگۈچىدۈرسەن ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۈرسەن، — دېدى.

ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلىم - مەرىپەتنى ئىگىلەپ، نەزەر دائىرىسىنى كەڭ ئاچقاچقا، ئاللا ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۈستۈنلۈكسىز نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى پەرىشتىلەر جاۋاب بېرەلمىگەن سوئالغا جاۋاب بېرىشكە ئۈندىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام

جاۋاب بەردى. ئاندىن ئاللا پەرىشتىلەرگە:

— مەن سىلەرگە، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيىللەرنى ھەقىقەتەن بىلىپ تۇرىمەن، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىشلىرىگىلارنى بىلىپ تۇرىمەن، دېمىگەنمىدىم؟ — دېدى.

پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىنى چۈشەندى، ئۇنىڭ ئادەمنى يارىتىشتىكى سىرى ۋە مەقسىتىنى بىلدى.

ئاللا ئىبالىس ئەلەيھىللەننى ئۆزىنىڭ مېھىر - شەپقىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسەتتى. ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا جەننەتتىن ماكان بەردى ھەمدە ئۇنىڭغا شۇنداق بېشارەت بەردى:

— سەن مېنىڭ قىلغان شەپقىتىمنى ئېسىڭدە مەھكەم ساقلا، مەن سېنى ئۆز كارامىتىم بىلەن يارىتىپ، ئۆز ئىرادەم بويىچە ئادەمگە ئايلاندۇردۇم؛ مەن سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا ئۆز روھىمنى سىڭدۇردۇم، پەرىشتىلەرنى ساڭا سەجدە قىلدۇردۇم؛ مەن يەنە ساڭا ئەقىل - پاراسەت ۋە بىلىم - مەرىپەت ئاتا قىلدىم. مەن ئىبالىس ئەلەيھىللەنگە شەپقەت قىلىشنى توختاتتىم. ئۇ ماڭا بويسۇنمىغاندا، مەن ئۇنى يەنە ئەيىبلىدىم. ئەبەدلىك جەننەتنى سىلەرگە ماكان قىلىپ بەردىم. ئەگەر سەن ماڭا بويسۇنساڭ، مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا مۇشەررەپ بولۇپ بۇ جەننەتتە مەڭگۈ تۇرىۋېرىمەن، مۇبادا سەن ۋەدەڭگە بىۋاپالىق قىلساڭ، مەن سېنى جەننەتتىن ھەيدەپ چىقىرىپ دوزاختا ئازابلايمەن. شۇنى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى، ئىبالىس ئەلەيھىللەن سېنىڭ ۋە خوتۇنۇڭنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، ئۇ بىر ئامال قىلىپ سىلەرنى جەننەتتىن ھەيدەپ چىقارمىغۇچە ئەمىن تاپمايدۇ.

ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا جەننەتتىڭ نازۇنېمەت، مېۋە - چېۋىلىرىنى خالىغانچە ئېلىپ يېيىشكە رۇخسەت قىلدى، لېكىن ئۇلارنى بىر تۇپ مېۋە دەرىخىگە يېقىنلىشىشتىن چەكىلدى. ئۇلارنى ئۇقالماي قالمىسۇن دەپ، ئۇلارغا يەنە بۇ دەرەخنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنىمۇ ئېنىق كۆرسەتتى. ئاللا ئۇلارنى

بارلىق شەك - شۈبھىدىن خالىي قىلىش ئۈچۈن، ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر سىلەر بۇ دەرەخكە يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈپ يەيدىغان بولساڭلار، ئاسىي - گۈناھكار بولۇپ كېتىسىلەر. ئاللا ئۇلارغا يەنە ۋەدە قىلدى: سىلەر ئۈزۈڭلەرنى مۇشۇ دەرەختىن نېرى تۇتىدىغانلا بولساڭلار، مەن ئاتا قىلغان ھۈزۈر - ھالاۋەتتىن بەھرىمەن بولغۇز سىلەر، جەننەت ئىچىدە ھەرگىز ئاچ - يالىڭاچ قالمايسىلەر، ئۈستۈزلۈقنىڭ ۋە ھېرىش - چارچاشنىڭ ئازابىنىمۇ ھەرگىز تارتمايسىلەر.

ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا:

— ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۈزۈڭلار! جەننەتتىكى نەرسىلەردىن خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ - ئىچىڭلار، لېكىن بۇ دەرەخكە يېقىنلاشماڭلار، بولمىسا، يىۋاپالىق قىلغان بولسىلەر، — دېدى.

ئادەم ئەلەيھىسسالام جەننەتكە كىردى، جەننەتتە ئۇنىڭغا نېمە كېرەك بولسا شۇنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. جەننەتنىڭ گۈزەللىكىدىن كىشىنىڭ ئەقلى لال بولاتتى. ئادەم ئەلەيھىسسالام ھەممە نازۇنىيەتتىن خالىغانچە بەھرىمەن بولاتتى. جەننەتتىكى دەل - دەرەخلەر ئارىسىدا ئۇيان - بۇيان ئايلىنىپ تاماشا قىلاتتى، دەرەخلەر سايىسىدە سەگىدەپ ھۈزۈرلىناتتى، گۈللەرنى ئۈزۈۋېلىپ يىۋرايتتى، شېرىن مېۋىلەرنى تېتىپ كۆرەتتى، كەۋسەردىن ئىچەتتى. ئۇنىڭ خوتۇنىمۇ تەڭ ھۈزۈرلىنىپ كۆڭۈللۈك ھەم بەخىلىك ئۇتتى.

— ئىيلىس ئەلەيھىلەننى ئاللا ئۆز شەپقىتىدىن مەھرۇم قىلغاچقا، ئۇ جەننەتكە كىرەلمەي، يۈرىكى پىچاقتا تىلىنغاندەك بولۇپ كەتتى. ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ جەننەتتە خوتۇنى بىلەن يىللەر راھەت - پاراغەتتە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئازابلاندى. ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ بەخت - سائادىتىگە بۇرغۇچىنى قىلىش ۋە ئۇلارنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرمەسلىك قارارىغا كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ جەننەتتىن ھەيدەپ چىقىرىلغانلىقىنى

ۋە ئاللاھنىڭ شەپقىتىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن كۆرگەندى. ئۇ، مەن خۇدانىڭ ئادەمگە سەجدە قىلىش توغرىسىدىكى ئەمرىگە بويسۇنمىغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىم، دەپ قارىدى، ئۇ ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن ئىنتىقام ئېلىپ دەردىنى چىقارماقچى بولۇپ جەننەتكە كىردى، ئۆزىنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئاق كۆڭۈل، ساداقەتمەن كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا خۇش چىراي سالام - سەھەت قىلدى. ئۇ ھەرخىل ھىيلە - مىكىر بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالامغا يېقىنلاشتى، ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈپ، ئۆزىنى ئۇلارنىڭ بەخت - سائادىتىنى قوغدىغۇچى قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولۇپ:

— خۇدا سىلەرنى پەرىشتىلەرگە ئايلىنىپ قالمىسۇن، جەننەتتە مەڭگۈ تۇرۇپ قالمىسۇن دېگەنلىكتىن، سىلەرنى ھېلىقى دەرەخكە يېقىنلىشىشتىن چەكلىدى، — دېدى.

ئىبلىس ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ ئۆزىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ، ۋەز - نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مېنىڭ نىيىتىم سەمىمىي، مەن سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم، مەن سىلەرگە ھەرگىز زىيان يەتكۈزمەيمەن، دەپ قەسەم قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئازدۇرۇش، قۇترىتىش ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ، ھېلىقى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى خۇش پۇراق، لەزەتلىك، رەڭگى كۆركەم دەپ ماختاپ، ئۇلارنى ئالدىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئاخىر ئۇنىڭ ساختا، شېرىن سۈخەنلىرىگە ئالدىنىپ كەتتى.

ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغاچقا، جەننەتتە داۋاملىق تۇرۇشتىن چەكلەندى. ئاللا ئۇلارغا:

— مەن ئىككىڭلارنى ئاشۇ دەرەخكە يېقىن يولاشتىن چەكلىگەن ئەمەسمىدىم؟ مەن ئىككىڭلارغا شەيتان سىلەرنىڭ ئەشەددىي

دۈشمىنىڭلار دېمىگەنمىدىم؟ — دېدى.

ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغىنىغا قاتتىق پۇشايمان يېدى ۋە ئاللاھقا توۋا – ئىستىغىپار ئېيتىپ شۇنداق دېيىشتى:

— ئى رەببىمىز! دەرۋەقە، بىز ۋەدىمىزگە خىلاپلىق قىلىپ ئىشەنچەڭنى يەردە قويدۇق. ئەگەر سەن گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلمىساڭ ۋە بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم يامان كۈنگە قالىمىز.

ئاللا ئۇلارغا:

— سىلەر بىر – بىرىڭلار بىلەن ئۆچەكەشكەن ھالدا جەننەتتىن يەر يۈزىگە چۈشۈڭلار، يەر يۈزىدە ۋاقىتلىق يەرلىشىڭلار ۋە ئېتەتەردىن بەھرىمەن بولۇڭلار، — دېدى.

ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىغا كەڭچىلىك قىلىپ، گۇناھىنى مەغپىرەت قىلدى. شۇ ھامان ئۇلارنىڭ غەم – قايغۇسى كۆتۈرۈلۈپ، كۆڭلى خاتىرجەم بولدى، شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا جەننەتتە قېپقىلىپ ھۇزۇر – ھالاۋەت كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىشاتتى. ئاللا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، ئۇلارنى جەننەتتىن ئايرىلىشقا ئەمر قىلدى ۋە ئۇلارنى ئىبلىس بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا يەنىلا دۈشمەنلىك مەۋجۇت، ئەمدى ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالماڭلار. ئۇنىڭ ئېزىتقۇلۇق ۋە قۇتراتقۇلۇقىغا بېرىلىپ كەتمەڭلار، دەپ ئاگاھلاندۇردى. — ئىرقىدىنلا ئاللا يەنە مۇنداق دېدى:

— سىلەر جەننەتتىن بىللە چىقىپ كېتىڭلار! سىلەر بىر – بىرىڭلار بىلەن دۈشمەن. ئەگەر مېنىڭ كۆرسەتكەنلىرىم سىلەرنىڭ تويقۇڭلارنى ئاچالىغان بولسا، ئۇ ھالدا بىلىپ قويۇڭلاركى، كىمكى مېنىڭ بولۇمغا ئەگىشىدىكەن، ئۇ ئازمايدۇ ھەم غەم – قايغۇغىمۇ قامايدۇ.

ئادەم ئەلەيھىسسالامغا تىرىكچىلىكنىڭ مەقسىتىنى ۋە تىرىش نشانىسىنى كۆرسىتىپ بەردى، يەنە ھۇزۇر – ھالاۋەت

كۆرىدىغان دەۋرىنىڭ ئاياغلاشقانلىقىنى، جەننەتتىن ئايرىلغان ھامان باشقىچە تىرىكچىلىكىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتتى، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا توغرا يول بىلەن تۇيۇق يول، ئېتىقاد بىلەن ئاسىيلىق، مۇۋەپپەقىيەت بىلەن مەغلۇبىيەتتىن ئىبارەت ئىككى يول تۇراتتى… كىمكى ئاللا كۆرسەتكەن ھىدايەت يولىغا مېڭىپ ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ شەيتان ئەلەيھىللەننىڭ ئازدۇرۇشىدىن قورقمايدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ كۆرسەتكىنىگە ئىتائەت قىلماي، ئۇنىڭ ھىدايەت يولىدىن چەتئەلدىكەن، ئۇ تۇرمۇشتا غۇربەتچىلىككە قالىدۇ ۋە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.