Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

سېغىنىش كۈنى (ھۇنەين غازىتى)

This content is not yet available in your language.

غالىبىيەت بىلەن مەغلۇبىيەت سىنىقى

بۆلۈم: “غالىبىيەت بىلەن مەغلۇبىيەت سىنىقى”

دورەيد ئىبىن سىمە خۇزائە قەبىلىسىدە كۆپ جەڭلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ئۆزۈن سىنالغان، مول ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە، تاكتىكىلىق كىشى ئىدى. ئەپسۇسكى، ئۇ قېرىپ ئاجىزلاپ قالغانىدى. شۇڭا، ھازىر ئۇ قەبىلە باشلىقى بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ قوۋمىغا چارە - تەدبىر كۆرسىتىشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى زىمىسىگە ئالالمىغۇدەك ئادەم بولمىغاچقا، قەبىلىنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى يەنىلا ئۆزى بەلگىلەيتتى.

بىر كۈنى كېچىدە، قەبىلىدىكى بەزى ئادەملەر ئۇشتۇمتۇت ئۇنى يۆلەپ كاچۇغا سالدى - دە، تۆگىنى يېتىلەپ يولغا چىقتى، بۇنىڭدىن ھەيران بولغان دورەيد ئىبىن سىمە ئۇلاردىن: - بىز نەگە بارماقچى؟ نېمە ئۈچۈن قۇلىقىمغا تۆگىلەرنىڭ ھۆركىرىشى، ئېشەكلەرنىڭ ھاڭرىشى، قوي - ئۆچكىلەرنىڭ مەرەشلىرى ۋە بالىلارنىڭ قىيا - چىيالىرى ئاڭلىنىدۇ؟ - دەپ سورىدى.

  • مالىك ئىبىن ئەۋف نەسرى قەبىلىدىكىلەرنى باشلاپ جەڭگە بارماقچى بولۇۋاتىدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇنىڭ ھەمراھلىرى، - قوشۇننىڭ كەينىدە ئاياللار ۋە بالىلار ئەگىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇلار تېخى بىر قىسىم مال - مۇلكىنىمۇ ئېلىۋالدى.

دورەيد ئىبىن سىمە بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق ئاچچىقلىنىپ: - بۇ نېمىدېگەن ھاماقەتلىك، ئۇرۇشقىمۇ ئۇششاق بالىلارنى

ئېلىپ بارغان بارمۇ؟ ئۇ نېمىشقا مەن بىلەن مەسلىھەتلەشمەيدىكەن؟ سىلەر مېنى دەرھال ئۇنىڭ قېشىغا ئېلىپ بېرىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشۈم كېرەك، — دەپ ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ياش خىزمەتكار ئۇنىڭ تۆگىسىنى يېتىلەپ مالىكنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى.

ھەي مالىك، — دېدى دورەيد ئىبن سىممە، — ھازىر سەن قەبىلىگە باشلىق بولۇپ قالدىڭ. قېنى، ماڭا ئېيتقىنا، نېمە ئۈچۈن قەبىلىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى يىغىمەن؟

— مەن ئۇلارنى مۇھەممەد بىلەن جەڭ قىلىشقا ئېلىپ بارسەن، دېدى مالىك، ساڭا مەلۇم، مۇھەممەد مۇسۇلمانلار زور قوشۇنىنى باشلاپ بېرىپ مەككىنى ئاسانلا فەتھى قىلدى، شەھەرگە كىرىشتە ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمىدى. قۇرەيشلەر تەسلىم بولدى، تىز پۈكتى. ئۇلار ئەمدى مۇھەممەدكە ئېگىلىپ تەزىم قىلىدىغان قۇل بولۇشقىلا مەجبۇر. بۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر بىز مۇھەممەدكە ھۇجۇم قىلمايدىغان بولساق، ئۇلار بىزگە تېزلا ھۇجۇم قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر بىز تەييارلىق كۆرمەيدىغان بولساق، ئۇزۇنغا قالماي نەسرى، ھاۋازىن، سەقىق قاتارلىق قەبىلىلەر ئارقا - ئارقىدىن تەسلىم بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بولسا، مۇھەممەد پۈتۈن ئەرەبلەرنىڭ پادىشاھى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا مەن ئۇ ئۆزىنى مۇستەھكەملىۋالغۇچە ياكى بىزگە ھۇجۇم قىلغۇچە ئارىلىقتا ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئالدىن مۇشت ئېتىۋالغىنىمىز ياخشى، دەپ قارار قىلغانىدىم.

— جەڭ مەيدانىغا ئاتلانماقچى بولغان بولساڭ، نېمە ئۈچۈن ئاياللار، بالىلار، ئېشەك ۋە قوي - ئۆچكىلەرنى بىللە ئېلىپ بارسەن؟

مەن بىز مەغلۇپ بولۇپ قالارمىزمىكىن، دەپ ئەنسىرىدىم، چۈنكى بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ئاز، مۇھەممەدنىڭ ئادەملىرى كۆپ، مەن قوۋمىمىزدىكى بارلىق ئاياللار، بالا - چاقىلار ۋە مال - مۈلۈكنى ئېلىپ چىقسام، قوۋمىمىزدىكىلەر

سەپنىڭ ئالدىدا دۈشمەنى باتۇرلۇق بىلەن قىرىدۇ، ئالغا باسىدۇكى، ئارقىغا چېكىنمەيدۇ، غەلىبە قىلىدۇكى، مەغلۇپ بولمايدۇ، چۈنكى چېكىنىش ۋە مەغلۇپ بولۇش ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالا - چاقىلىرىنىڭ ئۆلۈشىدىن ۋە مال - مۈلۈكلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا ئۇلار خوتۇن، بالا - چاقىلىرىنى ۋە مال - مۈلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۈتتۈغان ھالدا جان تىكىپ ئۈزۈش قىلىدۇ - دە، غەلىبە قىلىشىمىزغا ئىشەنچ تۇغۇلىدۇ.

— ئى مالىك، — دېدى دورەيد بېشىنى چايقاپ، — بۇ غەلىبە قىلىش يولى ئەمەس، خوتۇن، بالا - چاقىلارنى ئېلىپ مۇشۇنداق ھالەتتە ئۈزۈشقا بارساڭ، ئەسكەرلىرىگىنىڭ روھىغا ئىلھام بېرەلمەيدىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەغلۇپ بولۇپ قالساڭ، پۈتۈن قوۋمىڭدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد تەرىپىدىن قىرىلىپ تۈگەيدۇ.

سەن ياشىنىپ قالدىڭ، كاللاڭمۇ كارغا كەلمەس بولۇپ قالدى. بۇ ئىشلار ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ يۈرمىگىن. بىزنى پىلان تۈزۈپ ھەرىكەت قىلغىلى قويغىن! — دېدى مالىك. ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا كىشىلەر ئارىسىغا كىرىپ، — ھوي خۇزائە قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلار، ئالدىڭلاردا ئىككى يول تۇرۇپتۇ، بىرى، ماڭا ئەگىشىپ مېڭىش. يەنە بىرى، ماڭا ئەگەشمەسلىك. ماڭا ئەگەشمىگەنلەر شەمشىرىمنىڭ بىسىنى سىناپ باقسۇن.

— ئى مالىك، ھەممىمىز ساڭا ئەگىشىمىز، قېنى قارار قىلغىن! دەپ جاۋاب بېرىشتى مەيداندا تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى. بۇ خەۋەر مەككىگە تېزلا يېتىپ باردى. رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە قايتىش تەييارلىقىدا ئىدى، ئۇ مالىك ئىبن ئەۋف نەسىرنىڭ خۇزائە قەبىلىسىدىكى ئادەملەرنى ئوپلاپ ۋە سەقىق، نەسرى، ھاۋازىن قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزى بىلەن ئۈرۈشماقچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى.

رەسۇلۇللاھ دەرھال مۇسۇلمانلارغا ئېگەرنى ئاتتىن ئالماي،

قىلىچىنى قىنىغا سالماي مالىكىنىڭ قوشۇنىغا زەربە بېرىشكە تەق تۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

مۇسۇلمانلار روسۇللىلانىڭ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشتى. ئۇلار بۇنىڭ ئەرەبلەر ئارا ئاخىرقى ئېلىشىش بولىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا مۇشرىكلار ئورنىتىپ قويغان ئاخىرقى مىخنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. مۇسۇلمانلار زور قوشۇنى ناھايىتى تېز تەشكىللەندى. ئۇلارنىڭ ئون مىڭى روسۇللىلا بىلەن بىللە مەدىنىدىن كەلگەنلەر ئىدى. روسۇللىلا مەككىگە كەلگەندىن كېيىن، جايلاردىن كېلىپ تەسلىم بولغانلاردىن يەنە ئىككى مىڭ كىشىمۇ بار ئىدى. بۇ سان ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كىشىنىڭ ئاپىرىن ئوقۇشىغا ۋە ئىپتىخارلىنىشىغا ئەرزىيتتى. ئەينى چاغدا، روسۇللىلا مەككىدىن چىققاندا، ئۆزى يالغۇز بىرلا كىشى ئىدى، ئەمدىلىكتە ئۇ قۇمدەك كۆپ قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىۋاتاتتى. لېكىن، ئاللاھنىڭ ياردىمى بولمىسا، ئادەم ھەرقانچە كۆپ بولغان بىلەنمۇ بىكار ئىدى. شۇ نەرسە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىكى، مۇسۇلمانلارنىڭمۇ گۈللەنگەن دەۋرى بولۇپ ئۆتكەن. ئادەم كۆپ بولسا كۈچ كۆپ بولاتتى. لېكىن ئۇلار بەدرى غازىتىدا قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانىدى. شۇڭا، بارلىق تۆھپە پۈتۈنلەي ئاللاھقا مەنسۇپ. مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن كۆپ ئىشلار ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان ئېتىقادىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئاللا ئۈچۈن جاپاغا چىداپ جەڭ قىلىدىغان قەتئىي نىيەتكە كەلتۈردى.

روسۇللىلا ئاۋۋال ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى قارار قىلدى. ئۇ مۇسۇلمانلار زور قوشۇنىنى قاراڭغۇ كېچىدە ئاتلىنىشقا بۇيرۇدى. مۇسۇلمانلار ھونەين① جىلغىسىغا كەلگەندە، ئۇشتۇمتۇت خۇزائە قوشۇنى ۋە باشقا بەزى مۇشرىكلارنىڭ ئالدىن يوشۇرۇنغان بۆكتۈرمە ئەسكەرلىرىگە دۇچ كەلدى.

مۇسۇلمان قوشۇنلىرى يېتىپ كەلگەندە ئۇلار بىرلا چۇقان كۆتۈرۈپ ھۇجۇمغا ئۆتتى - دە. مۇسۇلمانلار سېپىنى ئۇشتۇمتۇت

① ھونەين - جاي ئىسمى، مەككە بىلەن نائىق ئارىلىقىدا.

قالايمقانلاشتۇرۇۋەتتى.

بۇ چاغ قاپقاراڭغۇ كېچە بولۇپ ھېچ نەرسىنى پەرق ئەتكىلى بولمايتتى. مۇسۇلمانلار ئۆز بىلەن دۈشمەننى پەرق ئېتەلمەي. بىر - بىرىنى قىرىشقا باشلىدى. رەسۇلۇللاھ قېچىردىن چۈشمەي: «قېرىنداشلار، ھولۇقماڭلار! مېنىڭ قېشىغا چاپسان كېلىڭلار، مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، مەن مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللا!» دەپ توۋلىسىمۇ، ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا گەپ كىرمەيتتى. كۆپ قېتىم توۋلىغاندىن كېيىن، ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئەلى ۋە ئابباس قاتارلىق ئاز ساندىكى كىشىلەرلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ چاغدا ئەبۇسۇفيانمۇ قالايمقانلىشىپ كەتكەن قوشۇنلار ئىچىدە يۈرەتتى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن خۇشال بولۇپ ئىچىدىكى غەزىپىنى ئاشكارىلاپ:

مۇسۇلمانلارنىڭ مەغلۇبىيىتى بۇنىڭ بىلەنلا تۆگىمەيدۇ. ئۇلار ئاخىر دېڭىزغىچە قوغلىۋېتىلىدۇ، — دېدى. كەلدە ئىبن خېلىل يان تەرەپتە ئەبۇسۇفياننىڭ گېپىگە ماسلىشىپ: — مانا ئەمدى مۇھەممەدنىڭ سېھرى ئاقمايدىغان بولدى. دېدى.

رەسۇلۇللاھ ئابباسنى قېشىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ئەنسارلارنى توۋلاشنى بۇيرۇدى. ئابباس: — ھوي ئەنسارلار! سىلەر قەيەردە؟ رەسۇلۇللاھ سىلەرنى چاقىرىۋاتىدۇ! — دەپ توۋلىدى. ئۇنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى ئەنسارلارغا ئاڭلىنىپ تەسىر قىلدى. دە، ئۇلار دەرھال ئاۋاز قوشۇپ:

— ئى رەسۇلۇللاھ، بىز سېنىڭ يېنىڭدا، مەن ئۈچۈن جېنىمىز پىدا! — دەپ توۋلاشتى. ئەنسارلار ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىغا تېز توپلاندى. ئەگەر ئاللا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆتكۈزگەن مەغرۇرلىنىش خاتالىقىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى دېيىلسە، ئاللا ھازىر ئۇلارغا ئىشەنچ ۋە كۈچ - قۇۋۋەت بېرىپ، ئۇلارنى قايتىدىن ئۇيۇشتۇردى. رەسۇلۇللاھ قوشۇننى قايتىدىن

رەتلەپ، مۇشرىكلارغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى، خۇزائە قەبىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇدرەتلىك ھۇجۇمى ئاستىدا ئۇلارغا نۇرغۇن غەنىمەتلەرنى قالدۇرۇپ قېچىشقا مەجبۇر بولدى. ئاللا مۇسۇلمانلارنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مەغلۇبىيەتتىن غەلىبىگە يۈزلەندۈردى. بارلىق تۆھپە پۈتۈنلەي ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.