Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

پىل قوشۇنى (ئەسھابۇلفىل قىسسىسى)

This content is not yet available in your language.

پادشاھ زۇنۇۋاس ئىلكىدىكى يەمەن باياشات دۆلەت ئىدى. زۇنۇۋاس پادشاھلىق تەختكە ئولتۇرغاندا، ئەجدادلىرىنىڭ شانۇشەۋكەت، دۇنيا - دۆلەتكە بېرىلىشتەك قىلىقلىرىدىن يېرىگەندى. ئۇ جىنايەتكە ئېلىپ بارىدىغان بۇنداق قىلىقلارنى ياقتۇرمايتتى.

بىر كۈنى زۇنۇۋاس يەسىرىتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇ يەردىكى بەزى كىشىلەرنىڭ يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنى، يەھۇدىي دىنى ئەقىدىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنى سەزدى. يەھۇدىي دىنىنىڭ ۋەزخانىلىرى يەسىرىتىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي قورغىنى ۋە سۆز مۇنبىرى قىلىۋالغانىدى. ئۇلار بۇ يەردە بىر مۇنچە ئىبادەتخانىلارنى بىنا قىلدى، بۇ ئىبادەتخانىلار ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان چوڭ سورۇنى بولۇپ قالدى. شۇ چاغدا كىشىلەر ئارقا - ئارقىدىن پادشاھ زۇنۇۋاسنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭغا يەھۇدىي دىنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىشتى. يەھۇدىي دىنى زۇنۇۋاسنىڭ كۆڭلىگە يېقىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىگە پۈكۈپ كەلگەن ئارزۇ - ئارمانلىرىغا ماس كەلدى. ئۇ بۇ دىننى ياخشى كۆرۈپ قالدى ھەمدە ئۇنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، بارلىق ئەرەبلەرنى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ، ئاسىيلارنى جازالاشقا چاقىردى. بىر قىسىم ئەرەبلەر زۇنۇۋاسقا بويىۋىدى. ئۇلاردىن بىر مۇنچىلىرى ئۇنىڭ كۈچىدىن قورقۇپ شۇنداق قىلىشقانىدى، چىن كۆڭلىدىن بەيئەت قىلغانلار ناھايىتى ئاز ساندا ئىدى. زۇنۇۋاسنىڭ تەسىرى بارغانسېرى زورايدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ياۋۇزلۇقىدىن قورقۇپ، بۇ يېڭى دىنغا تۈركۈم - تۈركۈملەپ

كىرىشكە مەجبۇر بولدى.

لېكىن، ئەجرائىلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېڭى دىنى — خرىستىئان دىنى بار ئىدى، ئۇلار زۇنۇۋاسىنىڭ دۆلىتىگە قارشى تۇراتتى، ئۆزلىرىنىڭ خرىستىئان دىنىغا قەتئىي ئېتىقاد قىلاتتى. زۇنۇۋاسىنىڭ قۇترىتىشى ۋە قايمۇقتۇرۇشى بىلەن ئەجران ئاھالىلىرىگە قارشى تۇرماقچى بولغان ئادەملەر زۇنۇۋاسىنىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى. ئۇلار بۇ پادىشاھتىن ئەجرائىلىقلارنىڭ مەھكەم تاقىۋالغان ئوردىسىنى ۋەيران قىلىشنى، كىرگىلى بولمايدىغان قورغىنىنى ئېچىۋېتىشنى، يەھۇدىي دىنىنى يوقىتىۋېتىش ئالدىدا تۇرغان خرىستىئان دىنىنى يوقىتىپ، ئۇنى مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

زۇنۇۋاس ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، بۇ بولمىغۇر مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۆچى بىلەن تىرىشتى. ئۇ ئەجرانغا كېلىپ، ئاھالىلەرنى ئۆز دىنىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىدى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئۇنىڭ ھوقۇقى ۋە ھەيۋىسى ئەجرائىلىقلارنى قورقۇتالمىدى. ئۇلار ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرىۋەردى. زۇنۇۋاس ئۆزىنىڭ رەقىبلىرى بارلىقىنى كۆرۈشنى خالىمايتتى، ئۆز دىنىغا قارشى چىقىدىغان ئادەمنىڭ بولۇشىغا رۇخسەت قىلمايتتى، شۇڭا يوغان خەندەك قازدۇرۇپ خەندەك ئىچىگە ئوت ياقتى، بۇنىڭ يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلمىغان ئادەملەرگە بېرىلىدىغان جاۋاب، ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان جازا ئىكەنلىكىنى ئاڭاھلاندۇردى. لېكىن بۇ ئىشمۇ كىشىلەرنى تىز پۈكتۈرەلمىدى، ئۇلار ئۆز ئېتىقادىدا چىڭ تۇرىۋەردى. زۇنۇۋاس بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى جازالاش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى خەندەكتىكى ئوتقا تاشلاپ، كۈلگە ئايلاندۇرۇۋەتتى.

ئوتتىن قېچىپ چىقىپ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان بىر ئادەم

رۇم پادشاھنىڭ ھۇزۇرغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن قوشۇن ئەۋەتىپ زۇنۇۋاسقا ھۇجۇم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. پادشاھ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن:

— سېنىڭ مەملىكىتىڭ يىزگە ناھايىتى يىراق، شۇڭا مەن ھەبەشىتان پادشاھغا بىر پارچە خەت يېزىپ بېرەي، ئۇنىڭ مەملىكىتى سىلەرگە يېقىنراق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ يەھۇدىي دىنىغا قارشى، — دېدى. ئاندىن نەجاشىغا قارىتىپ بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇنى ھېلىقى ئادەمنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. ھېلىقى ئادەم خەتنى ئېلىپ ھەبەشىتانغا بېرىپ، نەجاشىغا ئۆز قوۋمىدىكىلەرنىڭ پاجىئەلىك زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلىپ، خرىستىئانلارنىڭ بەختىسىزلىكلىرى ئۈستىدە ھال ئېيتتى.

نەجاشى خرىستىئان دىنى نۇرىنىڭ ئاشۇ رايوندا ئۆچۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرالمايتتى، شۇڭا ئۇ خرىستىئانلارنى ئۆلتۈرۈپ، مال - مۈلۈكلىرىنى تالان - تاراج قىلغان، يەر - زېمىن، زەل - زىرائەتلىرىنى خاراب قىلغان ئاشۇ ئادەملەرنى جازالىماقچى بولدى، يېتەرلىك لەشكەر تەييارلاپ يەمەنگە ماڭدۇردى.

ئىككى تەرەپ قوشۇنى دەسلەپكى جەڭگە كىرىشكەندىلا، زۇنۇۋاسنىڭ قوشۇنى ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى. ئاخىردا يەمەن ئىستېلا قىلىنىپ، نەجاشىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يەمەن ھەبەشىتان خرىستىئانلىرىنىڭ يېقىندى يېرى بولۇپ قالدى.

كېيىن، ئەبرەھە ھەبەشىتاننىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ، خرىستىئان دىنىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇندى. بۇ كىشىلەرنىڭ كەبىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن مەككىگە پارىدىغانلىقىنى

٦ نەمانى - ھەبەشىتاننىڭ قەدىمكى پادشاھنىڭ ئىسمى. ٧ ئەيس جاندا ھەبەشىتانلىقلارنىڭ يەمەنگە قارشى ئۇرۇشى دىنىي سەۋەبلەردىن ئەمەس، بەلكى سودا بوللىرىنى كونترول قىلىش سەۋەبىدىن بولغان. ٨ يەھۇدىي دىنى پەقەت رايون جاراڭتېرلىك دىن، ھازىرمۇ خۇيداي ئۇ مۇستەقىل دىنى ئىستېلا ئېنگىرىيىنىڭ ئارىلىقلىرىگىگە بويسۇنىدۇ، يەنىدە پۇقرالار ئويۇمدىن يەھۇدىي دىنى ۋە خرىستىئان ئىسمى بىر كېسىدۇ، شۇڭا ئۇلار بۇ دىنلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە ئېسىقاد قىلمايدۇ — جەنۇبىغا تىرجىت قىلغۇچىدىن

كۆرۈپ، قۇرەيشلەر ئاسقان گۈلچەمبىرىكىنى تارتىۋېلىپ، كىشىلەرنى مەككىدىن ئۆز دۆلىتىگە جەلپ قىلماقچى ۋە ئۇلارغا ئۆز دىنىنى قوبۇل قىلدۇرماقچى بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ سانادا بىر چېركاۋ بىنا قىلدى ۋە ئۇنى كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغۇدەك بېزىدى، ئۇنىڭغا يەنە ناھايىتى ھەشەمەتلىك سەرەمجانلارنى تىزدى. ئۇ مۇشۇنداق قىلسام، ئەرەبلەرنى ۋە مەككىلىكلەرنى جەلپ قىلالايمەن، دەپ ئويلايتتى. لېكىن ئۇ كىشىلەرنىڭ يەنىلا ئىلگىرىكى يەرگە بېرىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا يەمەنلىكلەرنىڭمۇ ئۇنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىنى سەزدى. ئەرەبلەر كەبىنىڭ رىقابەتچىسى پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۆزلىرى چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار بىلەن دۈشمەنلىشىدىغان كىشىنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئەبرەھەننىڭ چېركاۋىنى قەستەن ئاياغ ئاستى قىلدى.

ئەبرەھە بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ بەكمۇ غەزەپلەندى. ئۇ كەبىنى ۋەيران قىلىشقا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام بىنا قىلغان بۇ مۇقەددەس جاينى چېقىپ تاشلاش، ئۆزنىڭ چېركاۋى ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىش، كىشىلەرنى كەبىدىن كېچىپ چېركاۋغا كېلىدىغان قىلشقا قەسەم قىلدى.

ئۇرۇش تەييارلىقى پۈتتى. ئەبرەھە ئالدىدا يوغان پىلنى ماڭدۇرۇپ، زور قوشۇننى باشلاپ، ئەرەبلەرنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان ۋە يىغىلىدىغان يېرىنى خاراب قىلىش ئۈچۈن مەككىگە ماڭدى. ئەرەبلەر بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ تاۋاپ قىلىدىغان ماكانىنى خرىستىئانلارنىڭ ۋەيران قىلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىققا قەسەم قىلىشتى. مۇنەۋىل ئىسملىك ئابرۇيلۇق بىر كىشى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى. يەمەنلىكلەرنى ۋە باشقا ئەرەبلەرنى ئەبرەھەگە بىرلىكتە قارشى تۈرۈشتە چىاقىردى. لېكىن ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى، ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى ۋە ئەسرگە چۈشتى.

ۋەھالەنكى، ئەبرەھەگە قارشى كۈرەش قىلىش بۈنىڭ بىلەن ئاياغلاشمىدى، ئەرەبلەرنىڭ كۈرىشىمۇ توختىمىدى، زادى توختىمىدى، چۈنكى غەزەپ - نەپرەت كۆپ ساندىكى ئەرەبلەرنى ئۆزلىرىنىڭ يېرىم ئارىلىنى قوغداشقا ئۈندەيتتى، دىنىنى قوللاشتىكى قىزغىنلىق ئۇلارنى يېرىپ جەڭ قىلىشقا ئىلھاملاندۇراتتى.

ئەمما ئەبرەھەنىڭ لەشكەرلىرى ئۇ چاغدا بەك كۈچلۈك ئىدى. ئەبرەھە بېشىغا نۇسرەت تاجىنى كېيىپ، كۆكسىگە غالىپلار نىشانىنى تاقاپ مەككىگە ئاتلاندى. ئاجىز ئەرەب قەبىلىلىرى ئۇنىڭغا تىز پۈكتى، قەبىلىلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۇنىڭغا بەيئەت قىلىدىغانلىقى ۋە بويسۇندىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەبرەھە بىخەتەرلىك ئۈچۈن، بىرەر ئادەمنىڭ بۇ زور قوشۇنغا يول باشلاپ مېڭىشىغا موھتاج ئىدى.

يول باشلىغۇچى ئەبۇرىجال بىلەن ئەبرەھە مۇغمەسكە كېلىپ چۈشتى.۱) قوشۇن ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئەسكەرلەر مەككە ئەتراپىدىكى قۇرەيش ۋە باشقا قەبىلىلەرنىڭ مال - مۈلكىنى ھەدەپ بۇلاڭ - تالاڭ قىلىشقا باشلىدى، ئابدۇلمۇتتەلىب ئىبن ھاشىمنىڭ ئىككى يۈز تۆگىسىنىمۇ بۇلاپ كېتىشتى. شۇ چاغدا ئابدۇلمۇتتەلىب قەبىلىنىڭ باشلىقى بولۇپ، تاۋاپقا كەلگۈچىلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئىشىنى قىلاتتى. قۇرەيشلەر ۋە مەككە ئاھالىلىرى ئەبرەھەگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، نائىلاج ئۇنىڭ بوزەك قىلىشىغا قاراپ تۇرۇشتى.

ئۇلار ئېغىر كۈلپەت تارتىپ قايغۇ ئىچىدە تۇرغان چاغدا، ئەبرەھەنىڭ بىر ئادىمى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كېلىپ، مەككىنىڭ ھوقۇقى كىمنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى سورىدى، ئۇلار بۇ ئادەمنى ئابدۇلمۇتتەلىب ئىبن ھاشىمنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كېلىشتى. ھېلىقى ئادەم ئابدۇلمۇتتەلىبكە:

(۱) نائىلاج بارىدىغان يولدا ئەبرەھەگە يول باشلىغۇچى ئەبۇرىجالنىڭ قەبرىسى ھازىرمۇ بار - ھىزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.

— پادشاھىمىزنىڭ ئېيتىشچە، ئۇنىڭ بۇ يەرگە كېلىشى سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، كەئبىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئىكەن. ئەگەر سىلەر ئۇرۇشىمىز دېمىسەڭلار، ئۇ سىلەرگە قورال تەڭلىمەيدۇ، — دېدى.

ئابدۇلمۇتتەلىب: — بىز قورال ئىشلىتىشنى خالىمايمىز ھەم ئۇنىڭ لەشكەرلىرىگىمۇ تەڭ كېلەلمەيمىز، — دېدى.

— ئۇنداق بولسا، سەن مەن بىلەن بىللە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىن. ئۇ ماڭا سېنى بىللە ئېلىپ كېلىشىمنى بۇيرۇغان، — دېدى ھېلىقى ئادەم. شۇنداق قىلىپ، ئابدۇلمۇتتەلىب ۋە ئۇنىڭ بىرقانچە ئوغۇللىرى، شۇنىڭدەك مەككىنىڭ بەزى ئاھالىلىرى ھېلىقى ئەلچى بىلەن بىللە ئەبرەھەنىڭ بارگاھىغا باردى. ئابدۇلمۇتتەلىب ئەبرەھەگە:

— مەن بارلىق قۇرەيشلەرنىڭ باشلىقى، — دېدى. ئابدۇلمۇتتەلىب كۈچلۈك، زەبەردەس ئەر بولۇپ، ناھايىتى سۈرلۈك ۋە تەمكىن كۆرۈنەتتى. ئەبرەھە ئۇنىڭغا ناھايىتى ئېتىبار بىلەن قارىدى ۋە ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئەبرەھە ئۇنى ئۆز ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈرۈشنى خالىمىدى، لېكىن ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئۆزى بىلەن بىر ئورۇندا ئولتۇرغانلىقىنى ھەبەشىتانلىقلارنىڭ كۆرۈشىنىمۇ خالىمىدى. شۇڭا ئۇ ئۆزى گىلەمدە ئولتۇرۇپ، ئابدۇلمۇتتەلىبنى يېنىدا ئولتۇرغۇزدى، ئاندىن نېمە تەلىپى بارلىقىنى سورىدى. ئابدۇلمۇتتەلىب بۇلاپ كېتىلگەن تۆگىلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئەبرەھە ئۇنىڭغا:

— مەن سېنى كۆرۈپلا، ماڭا ئاپىرىن ئوقۇپ قالدىم. تۆگىلىرىڭگە كەلسەك، مەن ئۇنىڭغا قىزىقمايمەن. مەن بۇ يەرگە كەئبىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن كەلگەن، بىراق سەن بۇ ھەقتە لام — جىم دېمەيۋاتىمەن، — دېدى. ئابدۇلمۇتتەلىب:

— مەن تۆگىلەرنىڭ ئىگىسى بولىمەن، ئەمما كەبىنىڭمۇ

— مېنى ھېچقانداق نەرسە توسۇيالمايدۇ. — دېدى ئەبرەھە.

ئەبرەھە دەررۇ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى ۋە ئۇنىڭغا بىرقانچە تۆگىنىمۇ قايتۇرۇپ بەردى. بۇ چاغدا مەككە ئاھالىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئەبرەھەدىن كەينى ۋەيران قىلماسلىقنى ئۆتۈندى ۋە ئالماشتۇرۇش شەرتى سۈپىتىدە ئۇنىڭغا مەككىدىكى مال - مۈلۈكنىڭ ئۈچتىن بىرىنى بېرىشكە ماقۇل بولدى. ئۇ بۇ گەپلەرگە پىسەنتمۇ قىلمىدى. ھەرقانداق تۆلەمنى قوبۇل قىلىشنىمۇ رەت قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىدىمىز ھالدا مەككىگە قايتىشتى.

ئابدۇلمۇتەلىب كىشىلەرگە جاننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن، تاغقا بېرىپ يوشۇرۇنۇش ۋە بەختىمىزلىكتىن ساقلىنىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. بىر كۈنى كېچىدە، كىشىلەر زامان - زاماندىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا تەييارلاندى. بۇ چاغدا، تاغ ئۈستى ۋە كوچىلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئادەملەر مىغىلىدايتتى، تۆگىلەر بۆكىرەيتتى، قويلار مەرەيتتى. ئاياللار، بالىلار قىيا - چىيا قىلىشىپ، ئۆرنتۇپە بولۇپ بەكمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتتى.

ئابدۇلمۇتەلىب بەختىمىزلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قېچىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ، بىر قىسىم قۇرەيش كىشىلىرى بىلەن كەيگە كەلدى. ئۇلار كەينىنىڭ دەرۋازىسىدىكى ھالقىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ، باشقىلار بىلەن بىللە دۇئا قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئاللاھتىن ئەبرەھە ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى، كەينى قوغداپ قېلىشنى ئىلتىجا قىلاتتى. ئۇلار دۇئا قىلىپ بولغاندىن كېيىن تاغ تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇلار ئۇ يەردە قىارا قىچى ئەبرەھەنىڭ مەككىگە قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى كۆزەتمەكچى ئىدى.

بۇ چاغدا مەككە ئادەمسىز ئىدى. ئەبرەھە كەبىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرىنى باشلاپ توپتوغرا مەككىگە باستۇرۇپ كىرمەكچى بولدى. ئۇنىڭ پىيادە ئەسكەرلىرى ۋە پىل قوشۇنى سەپراس بولۇپ تۇرغاندا، ئاللا ئۇلارغا ئېغىزلىرىدا تاش ئېلىپ كەلگەن بىر توپ قوشلارنى ئەۋەتتى. قوشلار تاشلارنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ، ئۇلارنىڭ باشلىرىنى ۋە پۇت - قوللىرىنى ئېزىۋەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈقۈملۈق كېسەل تارقاتتى. ئاخىردا ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جەسەتكە ئايلاندى.

ئەبرەھە گىمۇ ئەسكەرلىرىگە ئوخشاش تاش تەگدى. ئۇ قورقۇپ كەتتى. ئەسكەرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يوقىلىپ، قوشۇنىنىڭ تارمار بولغانلىقىنى كۆرۈپ، قۇتۇلۇپ قالغان لەشكەرلىرىگە دەرھال يەمەنگە قايتىش توغرىسىدا ئالدىراپ - تېنەپ بۇيرۇق چۈشۈردى. ساناغا كەلگەندە ئادەملىرى دەرمانىدىن كەتكەندى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئەبرەھەنىڭ ئۆزىمۇ جان بەردى.

شۇنداق قىلىپ، ئاللا قۇرەيشلەرنىڭ كەبىسىنى قوغداپ قالدى. ئۇلارنىڭ كۈچىنىمۇ ساقلاپ قالدى. بۇ مۆجىزە مەككىنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈردى. ئۇنىڭ ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ شان - شۆھرىتىنى تىرىشىپ قوغداپ، كەمسىتىشكە ئۇرۇنغان ۋە چېقىلىشقا پېتىنغان ھەرقانداق ئادەمگە زەربە بېرىشكە بەل باغلىدى.

بۇ ھال مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ ۋەزنىنى كۈچەيتتى. چۈنكى، ئۇ ئېسىل نەسەبتىن كېلىپ چىققان ۋە قەدىمىي كەبىنىڭ تەسىرىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغانىدى.

بۇ ئاجايىپ ۋەقەدۇر، چۈنكى ئاللا ئۇلارنىڭ پىل قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ئەرەبلەرنىڭ ياخشى نامىنى تارىختا قالدۇردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەرەبلەر بۇ ۋەقەنى تىللاردا داستان قىلىپ قالماستىن، بەلكى بۇ كۈننى بايرام سۈپىتىدە خاتىرىلەيدىغان ۋە ئۇلارنى بۇ كۈننى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغان قىلدى.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.