ئىلتىجا
This content is not yet available in your language.
— سەن بېرىپ شۇرەھبىلنى چاقىرىپ كەل، ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان مۇھىم ئىشىم بار، — دېدى. شۇرەھبىل ئەبۇ ھارس بىلەن دوست ئىدى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچىسى ئىدى.
ئەبۇ ھارس شۇرەھبىلغا دېدى:
مەن چاتاق ئىشقا دۇچ كەلدىم، قانداق بىر تەرەپ قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن، شۇڭا بۇ ھەقتە سەن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقاي دېگەندىم. بۈگۈن مەن مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللانىڭ بىر پارچە خېتىنى تاپشۇرۇۋالدىم، خەتتە ئۇ مەندىن ئۆزىنىڭ دىنى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشىمنى تەلەپ قىپتۇ. رەت قىلاي دېسەم، ئۇ مېنى جازالاش ئۈچۈن مەن بىلەن جەڭ قىلىش ياكى مېنى باج - خىراج تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىن. ھازىر مەن دەككە - دۈككە ئىچىدە قالدىم. قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن، بىرەر ئەقىل كۆرسەتسەڭ، قانداق؟
— كەچۈرگىن. ياردەم قىلغۇم بولسىمۇ، قولۇمدىن كەلمەيدۇ. دېدى شۇرەھبىل، ئەگەر بۇ كىچىك ئىش بولسىدى، بىرنىمە دېسەم بولاتتى، بۇنداق چوڭ ئىشقا بىرنىمە دېسەلمەيمەن. ئاللا ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرىنى پال سالالايدىغان، ئالدىنىڭ ئەۋلادلىرىنى قىلىپ ياراتقان، مەن پالمۇ سالالمايمەن، ئالدىنىڭ ھۆكۈممۇ قىلالمايمەن، شۇڭا مەن ساڭا
ياردەم قىلالمايمەن. — ئۇنداق بولسا، سېنى زورلىماي، باشقىلارنى تېپىپ مەسلىھەتلىشىپ باقاي، — دېدى ئەبۇ ھارس. ئۇ ئۇنى - بۇنى تېپىپ مەسلىھەت سورىدى، ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى ئاساسەن شۇرەھبىلىنىڭ بەرگەن جاۋابى بىلەن ئوخشاش بولدى.
باش روھانىي ئەبۇ ھارس ئۇلاردىن ياخشى مەسلىھەت ئالالىمغاندىن كېيىن، چاكارلىرىنى داڭ ئۇرۇش، ئوت يېقىش، يىرىك يۇڭ رەختنى ئىشىك بېشىغا ئېسىش ئارقىلىق جامائەتكە يىغىلىپ بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىدىغان مۇھىم ئىش بارلىقىنى ئۇقتۇرۇشقا يۇيرۇدى. ئىلگىرى ئۇ بىرەر ئىش ئۈستىدە چارە - تەدبىر تاپالمىسا، مۇشۇنداق قىلاتتى. كىشىلەر داڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، يېقىلغان ئوت ۋە ئېسىلغان يىرىك يۇڭ رەختنى كۆرگەندىن كېيىن، تەرەپ - تەرەپتىن يېتىپ كېلىشىشى. باش روھانىي ئەبۇ ھارس ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن خەت كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئىشلارنى چاكارلىدى ۋە كۆپچىلىكتىن قانداق قىلىشنىڭ ئېيى بارلىقىنى سورىدى. ئۇلار كەسكىن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىشنى، ۋەكىللەر ئۆمىكى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىشنى قارار قىلىشتى. شۇرەھبىل باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكى رىجال قەبىلىسىدىن دەرھال يولغا چىقتى. ئۇلار مەدىنىگە كىرىشكە ئاز قالغاندا، سەپەر كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، قىممەتلىك قارا يىپەك كىيىملىرىنى كىيدى، قوللىرىغا ئۈزۈك سالدى، ئاندىن شەھەرگە كىرىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن كۈتۈۋالدى. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن تىنچ - ئامانلىق سورىدى ۋە ئۇنىڭغا سوۋغات ھەدىيە قىلدى. مۇھەممەد
ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سوۋغىتىنى خۇشال قوبۇل قىلدى. ئۆمەك باشلىقى شۇرەھبىل:
— ئى مۇھەممەد، ساڭا مەلۇم، مەن خرىستىئان مۇخلىسى، مەن سېنىڭ پەيغەمبەرلىك سۈپىتىڭ بىلەن بىزنىڭ ئىسا پەيغەمبىرىمىز توغرىسىدىكى قاراشلىرىڭنى ئاڭلاپ بېقىشنى بەكمۇ خالايمەن، — دېدى.
— مەن ھازىرچە ئىسا توغرىسىدا بىرنېمە دېيەلمەيمەن. سىلەر بۈگۈن مۇشۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار، ئاللاھتىن ماڭا بېشارەت بېرىلگەندىن كېيىن، ئاندىن سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئىساغا قانداق قارايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي، — دېدى رەسۇلۇللاھ.
ئەتىسى سەھەردە، ئاللا رەسۇلۇللاھغا مۇنۇ بېشارەتتى بەردى: «ئاللاھنىڭ قارىشىچە، ئىسا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىشىدۇ. ئاللا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن ئۇنىڭغا بول دېۋىدى، ئۇ بولدى. (بۇ ) رەببىڭ تەرەپتىن كۆرسىتىلگەن ھەقىقەت، شۇڭا سەن بۇنىڭغا شەك كەلتۈرمەسلىكىڭ كېرەك. سەن ئىسا توغرۇلۇق ھەقىقىي مەلۇماتقا ئىگە بولغىنىڭدىن كېيىن، كىمكى سەن بىلەن مۇنازىرىلەشسە، سەن ئۇلارغا: كېلىڭلار، ئوغۇللىرىمىزنى ۋە ئوغۇللىرىڭلارنى، ئاياللىرىمىزنى ۋە ئاياللىرىڭلارنى، ئۆزلىرىمىزنى ۋە ئۆزلىرىڭلارنى يىغىپ، ئاللاھنىڭ لەنىتى يالغانچىلارغا بولسۇن، دەپ ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلايلى، دېگىن.»
رەسۇلۇللاھ شۇرەھبىل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا:
— ئاللاھنىڭ ئىسا توغرىسىدىكى ھۆكمى چۈشتى، — دېدى. دە، ئاللاھنىڭ بېشارىتىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى، ئارقىدىن يەنە مۇنداق دېدى:
— ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە يەنە گۇمانلانساڭلار ياكى ئىستائەت قىلىمىساڭلار، ئۇنىڭغا، مۇسۇلمانلار بىلەن خرىستىئانلارنى بىر يەرگە يىغىپ، ئاللاھتىن يالغانچىلارغا لەنەت ياغدۇرۇشنى تەلەپ قىلىڭلار.
— بىز قايتىپ مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن، ئاخىرقى پىكرىمىزنى ساڭا ئېيتايلى، — دېدى شۇرەھبىل. شۇرەھبىل ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ئادەملەرنى بىر يەرگە يىغىپ ئۇلارغا دېدى:
— سىلەرگە مەلۇم، مەن ئەزەلدىن يالغان گەپ قىلمايمەن، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ھازىرقى ۋەزىيەت بىزگە ئىنتايىن پايدىسىز. مۇھەممەد ھەممە كىشى ئۈمىد باغلايدىغان پادشاھقا ئايلاندى. بىز ئەرەبلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىن قوشنا. شۇڭا ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىمايمىز دېيەلمەيمىز؛ ئەگەر ئۇلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدىغان بولساق، مەغلۇپ بولمىمىز، ھەتتا ھالاك بولۇپ تۇگىشىمىز.
— ئۇنداق بولسا، سېنىڭچە قانداق قىلىش كېرەك؟ — دېيىشتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر.
— بىزگە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈشتىن باشقا يول يوق، — دېدى شۇرەھبىل، — مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئۆزىمىزنى قۇتۇلدۇرالايمىز. سېنىڭچە، ئۇ ئىشتا ئادىل ئىكەن، ئۇنىڭغا ئىشەنسەك بولىدۇ.
— ئۇنداق بولسا، سېنىڭ پىكرىڭچە ئىش قىلايلى، سەن نېمە دېسەڭ شۇ، — دېيىشتى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شۇرەھبىلگە ماسلىشىپ.
شۇرەھبىل بۇ ئىشنى قەبىلىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۆرۈشنى ئېيتتى. ئۇ روسۇللىلانىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ:
— بىز ئاخىرقى قارارىمىزنى ساڭا ئېيتايلى، — دېدى. ئاراڭلاردا باشقىچە پىكىر بارمۇ، يوق؟ — دەپ سورىدى روسۇللىلا.
— سەن تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىل، ئۇلار سېنىڭكىنى ئاڭلايدۇ، — دېدى شۇرەھبىل.
— ئۇنداق بولسا ئەتە كەلگىن! — دېدى روسۇللا. شۇرەھبىل كېچىلەپ ئۆز قەبىلىسىگە قايتىپ بېرىپ، قەبىلىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشتى. ئۇ كۆپچىلىككە: — ھازىر ئالدىمىزدا تاللاشقا تېگىشلىك ئۈچ يول تۇرۇپتۇ، بىرى، ئېتىقادىمىزنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىش؛ بىرى، مۇھەممەد بىلەن ئۇرۇشۇش؛ يەنە بىرى، ئۇنىڭغا باج - خىراج تاپشۇرۇش، — دېدى. كۆپچىلىك بىرىنچى يولنى، يەنى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىشنى رەت قىلدى. ئۇلار ئەگەر ئۇرۇش قىلىمىز دېسەك، كۈچىمىز يەتمەيدۇ، شۇڭا ئىككىنچى يولدىمۇ ماڭغىلى بولمايدۇ؛ ھازىر پەقەت ئۈچىنچى يولنىلا ئويلاشقا بولىدۇ، دەپ قاراشتى. ئۇلار قانچىلىك باج - خىراج تاپشۇرىدىغانلىقىنى سورىدى. شۇرەھبىل مۇنداق دېدى: — مۇھەممەد ئىككى مىڭ قۇر كىيىم تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، رەجەپ ئېيىدا مىڭ قۇر كىيىم، سەپەر ئېيىدا مىڭ قۇر كىيىم تاپشۇرىدىغان بولدۇق. باج - خىراج تاپشۇرغاندىن كېيىن مۇھەممەد بىز بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋەدە بېرىدىغان بولدى. ئۇ بىزنىڭ ھازىرقى باش ئېيىسكوپىمىزنى، مىسسئونېرىمىزنى، روھانىيىمىزنى ۋە پوپلىرىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغان، ئۇلارنى ئۆز مەنىپەئىتىدىن مەھرۇم قىلمايدىغان. ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى ئاجىزلاشتۇرمايدىغان، ئىچكى ئىشلىرىمىزغىمۇ ئارىلاشمايدىغان بولدى.
قەبىلىدىكىلەر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۈچىنچى شەرتنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قاراشتى. ئۇلار بۇنداق قىلىشنى ئاقىلانىلىك ھەم ئادىللىق، دېيىشتى. شۇرەھبىل يەنە كېچىلەپ مەدىنىگە قايتىپ بېرىپ، ئەتىسى ئۆز قارارلىرىنى روسۇللاغا يەتكۈزدى. روسۇللا رىجال قەبىلىسى بىلەن مەڭگۈ دوستلۇق ئورنىتىشقا ۋەدە بەردى. شۇرەھبىل ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ قەبىلىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەممەيلەن بىرلىكتە مۇھەممەد ئىبن ئابدۇللاغا مەدھىيە ئوقۇدى.
