زەينەپ بىنتى جەھىش رەزىيەللاھۇ ئەنھا
This content is not yet available in your language.
روسۇللانىڭ رەپىقىي خەدىچە روسۇللاغا:
— مەن ساڭا ھارسە قەبىلىسىدىن بىر ياش يىگىتى ئېلىپ كەلدىم، ئۇنىڭ ئىسمى زەيد، مەن ئۇنى ساڭا قۇللۇققا ئۈتتۈم، — دېدى. روسۇللا رەھمەت ئېيتىپ، خۇشال قوبۇل قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، زەيد روسۇللانىڭ يېنىدا سادىق خىزمەت قىلدى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، مەككىدىكى ھارسە قەبىلىسىدىكىلەر زەيدىنى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنى تۆلەم بىلەن قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشكە ئەلچى ئەۋەتتى. روسۇللا بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلاندى ۋە ئەلچىگە:
— سىلەر ئۇنى ئېلىپ كەتمەكچى بولساڭلار، ئېلىپ كېتىۋېرىڭلار، ماڭا سىلەرنىڭ بىر تىيىن پۇلۇڭلار كېرەك ئەمەس، — دېدى. لېكىن، زەيددىن پىكىر ئالغاندا، ئۇ قايتىپ كەتمەي، روسۇللانىڭ قېشىدا قېلىپ، روسۇللا تۇرۇشلۇق قەبىلىسىنىڭ ئازاد گەردىسى (ھۆر كىشىى) بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئىسمى زەيدئىين مۇھەممەد دەپ ئۆزگەرتىلدى.
زەيد بارا - بارا ئۆسۈپ چوڭ بولدى. روسۇللا ئۇنىڭغا ئەرەب قىزلىرىدىن بىرنى ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەمراھ قىلىشنى ئويلىدى.
روسۇللا زەيدكە ناھايىتى ئامراق ئىدى. شۇڭا بىر نەۋرە سىڭلىسى زەيدئىين زەيد ئۈچۈن چاي ئىچكۈزۈپ قويدى. روسۇللانىڭ بىر نەۋرە ئىنسى ئابدۇللا ئىبن جەھىش
زەينەپ بىلەن زەيدنىڭ توي ئىشىغا قوشۇلمىدى، چۈنكى ئۇ زەيدنى ساپ ئەرەب قېنىدىن ئەمەس، دەپ قارايتتى. لېكىن، ئەر - ئايال مۇمىنلەر ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلالمايتتى. شۇڭا، ئابدۇللا ئىبن جەھىش ئۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە، زەينەپمۇ ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ زەيد بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇر بولدى. تويدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئىمتايىن باياشات ۋە بەختلىك ئۆتتى.
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاللا بىر ئىش ئارقىلىق دىنىي ئەقىدىنى شەرھلەش، كىشىلەرنىڭ ئەنئەنىۋى قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، بەزى قانۇنلارنى تۈزۈپ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيا ھەققىدىكى ھۆكۈمىتى چۈشەندۈرمەكچى بولدى. ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىنى بۆسۈپ تاشلاشقا، ئۇلاردىكى روھىي كىشەنلەرنى پاچاقلاشقا ۋە ئۇلارنىڭ كونا ئىدىيىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلغىلى بولامدۇ، يوق؟ كىشىلەر رەسۇلۇللاھدەك ئاشۇنداق ئالىيجاناب ئورۇنغا يېتەلمەيدۇ، قانداق؟ ئاللا بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئاللا ھەممىگە قادىر، ھەممىدىن دانادۇر. ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن زەينەپ بىلەن زەيدنىڭ مۇناسىۋىتى ئىلگىرىكىدەك ئىناق بولماي، بارغانسېرى سوغۇقلاشتى. ھەتتا جىددىيلىشىشكە باشلىدى. زەيد رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كېلىپ خوتۇنى زەينەپنى تالاق قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. رەسۇلۇللاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ غەزەپلەنگەن ھالدا:
ئى زەيد. بىن خوتۇنۇڭنى ئېلىپ قال. ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ كېرەك. بىلىشىڭ لازىمكى. سېنىڭ زەينەپ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشۇڭ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولغان. زەينەپ بىلەن ئەپلىشىپ قېلىشىڭ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلماسلىقىڭ، ئۆزۈڭنىڭ ۋەدىسىگىمۇ خىلاپلىق قىلماسلىقىڭ لازىم. - دېدى. رەسۇلۇللاھ بۇ گەپلەرنى ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا ئېيتتى.
چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ مۇنۇ ھۆكمىنى بىلەتتى: «مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ بېقىۋالغان ئوغۇللىرىنىڭ قويۇۋەتكەن خوتۇنلىرىنى ئىكاھلاپ ئالسا گۇناھ بولماسلىقى ئۈچۈن، زەيد زەينەپنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنى ساڭا ئىكاھلاپ بەردۇق.»
روسۇللا ئاللاھتىن پاناھ بولۇش ۋە ھېداشلىق قىلىشنى، ئەڭ ياخشى، زەيد بىلەن زەينەپنى ئىناق ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپلا كەلدى. ئاللاھتىن ئۆز ئىرادىسىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ ھەقتىكى ھۆكۈمىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى سەمىمىي ئۆتۈندى. لېكىن ئاللا قىلغان ھۆكمىنى بىكار قىلىشنى رەت قىلدى ۋە ئۆز ئىرادىسىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاللا روسۇللاغا بېشارەت يېرىپ مۇنداق دېدى: «سەن ئاللا ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ، كىشىلەرنىڭ تەنە قىلىشىدىن قورقتۇڭ، ھالبۇكى، ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىق ئىدى.» روسۇللا ئاللاھنىڭ بەرگەن يېشارىتىنى كۆڭلىدە يوشۇرۇپ خالايىققا جاكارلىمىدى. لېكىن، ئاللا كىمنى يېتەكلىمە، ئۇ ئازمايدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ ھىدايەت قىلغانلىقى. ئاللاھتىن قورقۇشۇڭ ئەڭ ھەقلىقتۇر. ئاللا كىمنى غاپىللىققا دۇچار قىلغان بولسا، شۇنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولمايدۇ. ئىسلام دىنى قانۇنىنىڭ ماياكىنى تىكلەش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ كونا ئادەت قارىشىغا قارشى تۇرۇش لازىم. كونا ئادەت قارىشى قانۇن تۇرغۇزۇشقا ئاساس بولالمايدۇ. روسۇللا كىشىلەرنىڭ كونا ئادەت قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرۈش قارارىغا كەلدى.
ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن زەينەپ ئاخىر زەيد بىلەن ئاجراشتى. ئاجراشقاندىن كېيىن، روسۇللا بىلەن تۇرمۇش قۇردى. ئۇ بۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتى. ئۇ روسۇللانىڭ باشقا خوتۇنلىرىغا: «مېنىڭ تويۇمغا ئاللا ئىگە بولدى، سىلەرنىڭ تويۇڭلارغا بولسا ئاتا - ئاناڭلار ئىگە بولغانىدى» دەيتتى.
روسۇللانىڭ زەينەپ بىلەن توي قىلغانلىقى ئەرەبلەردە ئۇزاق
مۇددەت داۋاملىشىپ كەلگەن ئادەتنى ئۆزگەرتتى، ئىلگىرى ئۇلار ئەرەب قېنىدىن بولمىغان بالىلارنىڭ ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە پەرزەنت كۆرۈش ھوقۇقى يوق، ئەگەر ئۇلار تۇرمۇش قۇرغان بولسا، ئاجرىشىشقا بولمايدۇ، دەپ قارىشاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قاراش ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ناھايىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقانىدى. روسۇللىلا ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن بۇنداق ئەنئەنىۋى كۆز قاراشلارغا قارشى جەڭ ئېلان قىلدى. ئۇ زەيدىنى ئۆيلەپ قويدى. زەيد ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلغاندا، روسۇللىلا نەسىھەت بىلەن توستى، لېكىن نەسىھەت بىلەن توسۇش ئۈنۈم بەرمىگەندە، ئۇ يەنىلا ئاجرىشىشقا قوشۇلدى.
زەيد بىلەن زەينەپنىڭ تۇرمۇش قۇرغانلىقى ۋە يەنە ئاجراشقانلىقى توغرىسىدىكى ۋەقە پەس غەرەزلىك بەزى كىشىلەردە غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. ئۇلار: زەينەپ زەيد بىلەن توي قىلىشىغا، روسۇللىلا زەينەپنى قولغا كەلتۈرۈش نىيىتىدە بولدى، دېيىشتى. لېكىن، كىشىلەرگە مەلۇمكى، روسۇللىلا ئەزەلدىن ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ئىش قىلمايتتى. ئېلىش نىيىتى بولىدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنى كىچىك ۋاقتىدا ئالماي، ئەرگە تېگىپ چوكان بولۇپ بولغان چاغدا ئاندىن ئالىدۇ؟ روسۇللىلا دىنىي ئىشلار ۋە ئۆرۈش بىلەن بەند بولۇپلا كەلگەندى. ئۇ خوتۇن - قىزلارغا بېرىلمەيتتى، ئۇ ئېسىل پەزىلەتلىك زات ئىدى. يەنە كېلىپ ئاللا روسۇللىلانى كىشىلەرگە ئاتا قىلغان تۇرمۇش نېمەتلىرىنى تارتىۋېلىشتىن چەكلەيتتى.
قېنى، بىز ئۇنىڭ تەبىئىتىگە يەنە بىر نەزەر تاشلاپ باقايلى: ئۇ ئەڭ زېرەك ۋە دانا، ئەڭ مەرىپەتلىك ۋە بىلىملىك، ئېسىل ئەخلاقلىق ھەم قەتئىي ئىرادىلىك زات. ئۇ ياش چاغدا، زەينەپ ئۇنىڭ قوشنىسى بولغانىدى، لېكىن ئۇ زەينەپنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالاتتى، ئەزەلدىن باشقىچە نىيەتتە بولمايتتى. جاھىلىيەت زامانىسىدا ئۆتكەن چۆلدىكى چەۋەنداز ئەنتەرە ئوقۇغان بىر قەسىدىدە بۇنداق دېيىلگەن:
كېلىپ قالسا ئالدىمغا قوشنامىنىڭ قىزى، قارىمايتتىم غايىب بولغۇچە ئۇنىڭ كۆلىگىسى.
ئاللا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى: «سەن ھەقىقەتن ئالىيجاناب، پەزىلەتلىك زات!» دەپ ماختىدى.
بۇ كىتاب شىنخۇا نەشرىياتىنىڭ 1983 - يىل 3 - ئاي 1 - نەشرى. 1984 - يىل 12 - ئاي 2 - باسمىسىغا ئاساسەن تەرجىمە ۋە نەشر قىلىندى.
本书根据新华出版社 1983 年 3 月第 1 版 1984 年 12 月第 2 次 印刷本翻译出版。
قۇرئاندىكى قىسسەلەر
بۆلۈم: “قۇرئاندىكى قىسسەلەر”ئاپتورى: مۇھەممەد ئەھمەد زەئد موللا (سۇرىيە) نەرجىمە قىلغۇچى: داۋۇت غازى مەسئۇل مۇھەررىرى: ئەخمەت ئىمىن مەسئۇل كوررېكتورلار: ئادالەت مەخمۇت، ئارزۇگۈل كېرەم مۇقاۋىسىنى لايىھىلىگۈچى: ئەكبەر مالىھ نەشر قىلىپ تارقاتقۇچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي ئازادلىق يولى 348 - نومۇر تېلېفون: 2827472 - 0991 پوچتا نومۇرى: 830001 ساتقۇچى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا كىتابخانىسى باسقۇچى: شىنجاڭ شىنخۇا باسا زاۋۇتى قورمانى: 1230 × 880 مىللىمېتىر، 1/32 باسما تاۋىقى: 16 نەشرى: 2000 - يىلى 7 - ئاي 2 - نەشرى باسمىسى: 2007 - يىلى 12 - ئاي 2 - باسمىسى تېراژى: 10000 - 5001 كىتاب نۇمۇرى: 00917 228 7 978 ISBN باھاسى: 32.00 يۈەن
ISBN 978-7-228-00917-6
9 787228 009176 > ISBN 978-7-228-00917-6
定价:32.00元
