سېرىق ئىنەك قىسسىسى
This content is not yet available in your language.
شۇنىيە ئەلەيھىسسالام يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ياشىنىپ بارا - بارا ئاجىزلاپ قالدى، ئۆزىمۇ ئۆمرىنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئاللاھقا ئىخلاسىدىن بەندە ئىدى، تۈرمۇشتا راھەت ئۆتسىمۇ، ئاللاھقا بولغان ئىشەنچى قىلچە تەۋرەنىيەيتتى، پۇل - دۇنيالىرىنىڭ كۆپىيىشىمۇ ئۇنىڭ قەلبىنى مەپتۇن قىلالمىدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ پۈتۈن مال - مۈلكى يايلاقتىن تېپىۋالغان بىر ئىنەكلا ئىدى. ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھتىن: «ئى خۇدا، مۇشۇ ئىنەكنى ئوغلۇم چوڭ بولغۇچە ئامان قىلغايمەن» دەپ تىلەيتتى. ئۇ ئاللاھنىڭ مېھر - شەپقىتىگە كۈچلۈك ئۈمىد باغلايتتى. ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىقى ئەبەدىيلىكتۇر. دەرۋەقە، شۇنىيە ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاللا ئىنەكنى ئۇنىڭ يېتىم ئوغلىغا قالدۇردى.
بۇ يېتىم ئوغۇل ئىنەكنى داۋاملىق باقتى، دادىسىدىن مىراس قالغان ئىلتىپاتىمۇ ئۇنىڭغا يورۇقلۇق بېغىشلىدى.
بەنى ئىمرائىلدا مۇسار ئىسىملىك بىر بوۋاي بولۇپ، ئاللا ئۇنىڭغا بۇ دۇنيادا مول نېمەت ۋە بايلىق ئاتا قىلغانىدى. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئوغلى ئۇنىڭ بارلىق مال - مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلدى. بۇ ئەھۋالدىن ئۇنىڭ بىر نەۋرە قېرىنداشلىرى ھەسەت قىلدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇللىرى ئاز ئىدى. ھەسەتخورلۇق ئۇلارنى تىل بىرىكتۈرۈپ، مىراس ئالغۇچىنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇلار يەنە باشقا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى
بولدى. بىردەمدىلا بۇ دەھشەتلىك شۇم خەۋەر يامراپ كەتتى. ھاياتى خەۋپ ئاستىدا قالغانلار باشقا چىقىش يولى تاپالماي، نائىلاجلىقتا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى تېپىپ، ئۇنىڭدىن ئادالەتتى ياقلاشنى تەلەپ قىلدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشنى ئاللاھتىن سوراپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئىنەكتىن بىرنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇدى ھەمدە ئۇلارغا ئۆلتۈرۈلگەن ئىنەكنىڭ تىلىنى ئۆلگۈچىنىڭ جەسىتىگە ئۇرسا، ئۆلگۈچىنىڭ تىرىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا قاتىلىنىمۇ تونۇپ بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمما بۇ ئادەملەر قايمۇقۇپ كەتكەچكە، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويدى. مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بىزنى كولدۇرلىشىۋاتىدۇ، زاڭلىق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنى قوغلىۋەتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام:
ناۋادا بۇ ئادەملەر ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىپ، شۇ كۈنى بىرەر ئىنەكنى ئۆلتۈرگەن بولسا، ھەممە ئىش ئوڭايلا ھەل بولغان بولاتتى. لېكىن ئۇلار گىجىڭلىق قىلدى ۋە چۇقان - سۈرەن سالدى. ئاللا ئۇلارنى قاتتىق جازالىدى. ئاللاھنىڭ ھېكمىتى بىلەن ئىنەك ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى قىلىپ ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى ۋە ئۆزىگە ئەگەشتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۇيان - بۇيان يۈگۈرتۈپ ئاۋارە قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇملۇقتا ئېزىپ كەتتى.
بۇ ئىش ئادەتتىكىدىن باشقىچە بولغاچقا، ئۇلار يەنە ھەقىقەتكە ئىشەنمەي ھاڭ - تاڭ بولۇپ:
— بۇ قانداق ئىنەكتۇ؟ ئۇ بىز كۆرۈۋاتقان ئادەتتىكى ئىنەككە ئوخشامدۇ ياكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، مۇجىزە يارىتالايدىغان باشقا بىر خىل مەخلۇقمۇ؟ دېيىشتى.
ئۇلار يەنە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: — ئى مۇسا، سەن ئاللاھتىن ئۇ ئىنەكنىڭ قانداق رەڭدە
— ئاللا ئېيتتى، ئۇ كىشىلەرگە ناھايىتى يېقىملىق كۆرۈنىدىغان ساپسېرىق ئىنەك ئىكەن، — دەپ جاۋاب بەردى. ئۇلار كۆڭلى پاراكەندە بولۇپ تېخىمۇ ئىككىلەندى، دە، بۇ خاسىيەتلىك بېشارەتنى ئاڭقىرالماي، يەنە ئىلگىرىكىدەك سوئاللارنى تەكرارلىدى. ئۇلار ئىنەكلەرنىڭ ھەممىسى بىر - بىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. دەپ قاراپ، ئاللاھتىن ئېنىق كۆرسەتمە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە ئۇلار: ئۇ ئىنەك يەر سۇغىرىش ياكى تېرىقچىلىق قىلىشقا ئىشلىتىلمەيدىغان ساپسېرىق ئىنەكتۇر، دېگەن جاۋابقا ئېرىشتى.
ئۇلار نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچراپ ۋە سان - ساناقسىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاخىر ھېلىقى يېتىم ئوغۇلنىڭ ئۆيىدىن بۇ خاسىيەتلىك ئىنەكنى تېپىپ، ئۈستۈن باھادا سېتىۋالدى، بىرھارا ئىككىلەنگەندىن كېيىن ئۇنى ئۆلتۈردى.
