تولۇن ئاي (بەدر غازىتى)
This content is not yet available in your language.
(1)
مۇھاجىرلار مەدىنىدە ئولتۇراقلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي. روسۇللانماڭ ئۆيەردىكى قوللىغۇچىلىرى بىلەن چىقىشىپ كەتتى. ئۇلار گويا ئىناق قېرىنداشلاردەك ۋە ياكى بىر - بىرىگە ياردەملىشىپ تۇرىدىغان قولۇم - قوشنىلاردەك بىللە تۇرمۇش كەچۈردى. لېكىن. ئۇلار مەككىدىكى دۈشمەنلىرىنىڭ قىلغان زىيانكەشلىكىنى ئېسىدىن چىقارمىدى. ئۆز دىنىنى داۋاملىق تەشۋىق قىلىۋەردى. ئۇلار ئۆز ۋەتىنىنى. تۇرمۇش كەچۈرگەن جىلغا - جىرالىرىنى قىزغىن سۆيەتتى. ئۆيەردە ئىچكەن سۇلىرىنى، نەپەس ئالغان ھاۋالىرىنى بەكمۇ سېغىناتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بالا - چاقىلىرى، ئۇزۇق - تۇغقانلىرى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە تارىخىنى تېخىمۇ ئۇنتۇمايتتى.
زىيانكەشلىككە چىداپ تۇرالماي. مەككىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان بۇ كىشىلەر قۇرەيشلەرنىڭ سودا كارۋانلىرىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى سېزىپ. ئۆزلىرىنىڭ سودىسىنىڭ كاساتلىشىپ كېتىشىدىن ۋە كارۋان يوللىرىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشتى. شۇڭا. ئىسالار مۇھاجىرلارغا بولغان ئاغرىنىشىنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋەتتى. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دىن تارقىتىشى ۋە ئۆز تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىشى ئۈچۈن كەڭ يول ئېچىپ بەردى.
بۇ قېتىمقى ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى روسۇللا ئابدۇللا ئىبن جەھىشنى ۋە باشقا بەزى مۇھاجىرلارنى ۋەزىپىگە ئەۋەتتى. ئۇلار يولغا چىقىش ئالدىدا روسۇللا ئابدۇللا ئىبن جەھىشكە بىر پارچە پېچەتلەنگەن خەتنى بېرىپ. يولغا چىقىپ ئىككى كۈن
ماڭغاندىن كېيىن خەتنى ئېچىپ. ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش قىلىشقا ۋە ئۆزىگە ھەمراھ بولغان ساھابىلەرنى كەمسىتمەسلىككە بۇيرۇدى.
ئابدۇللا چوڭ يول بىلەن نىشانسىز مېڭىۋەردى. قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. لېكىن. ئۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇپ تېز - تېز ماڭدى. ئۇ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىشىنەتتى.
ئابدۇللا ئىككى كۈن ماڭغاندىن كېيىن. رەسۇلۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھېلىقى خەتنى ئېچىپ قارىدى. خەت مۇنداق يېزىلغانىدى: «بۇ خېتىمنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن. سەن مەككە بىلەن تائىفنىڭ ئارىلىقىدىكى نەخلە دېگەن جايغا بېرىپ. قۇرەيشلەرنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ. ئۇلار توغرۇلۇق مەلۇمات ئېلىپ كەلگىن.»
- رەسۇلۇللاھ مېنى نەخلىگە بېرىپ. قۇرەيشلەرنىڭ ئەھۋالىنى تىلڭ - تىڭلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇ يەنە ماڭا سىلەرنى كەمسىتمەسلىكنى تاپىلدى. بېرىشنى خالىغىنىڭلار مېڭىڭلار، خالىمىغىنىڭلار قايتىپ كېتىڭلار. ئۆزۈمگە كەلسەم. مەن ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمەن.
كۆپچىلىك ئۇنى قىزغىن قوللاپ. ئۇنىڭغا ياردەملەشمەكچى بولدى. ھەممەيلەن بۇ نىشانغا قاراپ ئاتلىنىشقا بەل باغلىدى. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئىشىنەتتى. ئاللاھنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۈچ - قۇدرىتى ئۇلارنى ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيتتى. بۇلاردىن ئىككى ئادەم بىر تۆگىنى نۆۋەتلىشىپ مىنگەنلىكتىن ئارقىدا قېلىپ، قۇرەيشلەر تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ كەتتى.
ئابدۇللا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى مېڭىۋەردى. نەخلە رايونىغا يېتىپ بارغاندا. توساتتىن قۇرەيشلەرنىڭ يۈك ئارتىلغان تۆگە
كارۋىنى ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى، ئابدۇللالار قاتتىق چۆچۈپ، غۇلغۇلا قىلىشتى. بەزىلىرى: «يارەيبى! بۇ كېچىدە خەقلەرنىڭ مەسچىتى ھەرەمگە كىرىشىگە يول قويغىنىڭ بىلەنمۇ، ئۇلار ساڭا ياخشى ئويدا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار: ئىلگىرى بىز ئۆلتۈرۈلمىگەن بولساقمۇ، چەكلەنگەن ئايدا يەنىلا سىلەر تەرەپتىن ئۆلتۈرۈلۈشىمىز مۇمكىن، دەپ قارايدۇ» دېيىشتى.
ئۇلار دېلىغۇل بولۇپ قالدى، تۇيۇقىمىز ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن، قارشى تەرەپ بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن قورقاتتى. شۇنداقتىمۇ ئىككى تەرەپ ئاخىر يەنىلا ئېلىشىپ قالدى. نەتىجىدە، مۇشرىكلار مۇمىنلەرنىڭ بارلىق ماللىرىنى تارتىۋالدى.
رەقىبلەر ئۇچراشسا قېنى قايناپتۇ، دېگەندەك، ۋاھىد ئىبن ئابدۇل تەمىم بىر ئوقيا بىلەن ئەمر ئىبن ھەزرەمىنى ئۆلتۈردى، ئوسمان ئىبن ئابدۇللا بىلەن ھەكەم ئىبن كەيساننى ئەسىر ئالدى. ئاللا مۇسۇلمانلارنىڭ پۇل - ماللىرىنى ئۆزلىرىگە نېسىپ قىلدى.
(2-بۆلۈم)
بۆلۈم: “(2-بۆلۈم)”ئابدۇللا ئىبن جەھىش ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تۆگىلەرنى ۋە ئەسىرلەرنى ئېلىپ مەدىنىگە كېلىپ، رەسۇلۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى كۆرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى، دۈشمەنلەرنىڭ يېڭىلگەنلىكىنى بىلدى ۋە:
— مەن سىلەرنى چەكلەنگەن ئايدا ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇمىغانىدىم، — دېدى. ئۇ ئاللاھتىن بىرەر ھۆكۈم ۋە بېشارەت بولمىغۇچە، ھەرقانداق غەنىيمەتنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلدى. ئابدۇللانىڭ ھەمراھلىرى قىيىن ئەھۋالغا قېلىپ، ئۆزلىرىنى تۈگەشتۈرۈپ، دەپ ئويلايتتى. بۇ ئىشقا رەسۇلۇللاھ نارازى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مۇسۇلمان قېرىنداشلارمۇ ئۇلارنى ئەيىبلىدى. قۇرەيىشلىرىگە كەلسەك، ئۇلار كارۋاندىكى مالدىن قۇرۇق قالغانلىقىنى بىلىپ قاتتىق غەزەپكە كەلدى. ئۇلار: «مۇھەممەد ۋە
ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى چەكلەنگەن ئايدا ئۇرۇش قىلىشنى قانۇنلۇق، دەپ ھېسابلىدى، بۇ مەزگىلدە ئۇلار قىلىچىنى ئىشقا سېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپلا قالماي، يەنە پۇل - ماللىرىمىزنى بۇلىدى، ئادەملىرىمىزنى ئەسىر ئېلىۋالدى « دېيىشتى.
ئاللا بۇ غازاتچىلارغا ھېسداشلىق ۋە رەھىم قىلدى، كۆڭۈل بۆلدى ھەم بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھنى: « ئۇلار سەندىن چەكلەنگەن ئايدا ئۇرۇش قىلىش توغرىسىدا سورىشىدۇ. سەن ئۇلارغا، بۇ ئايدا ئۇرۇش قىلىش چوڭ گۇناھ، لېكىن ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، ئاللاھقا كۆپۈرلۈق قىلىش، مەسچىتى ھەرەمدە ئىبادەت قىلىشنى توسۇش، مەسچىتى ھەرەمدىن ئاھالىنى ھەيدەپ چىقىرىش ئاللاھنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ چوڭ گۇناھتۇر. پىتنە - پاسات دېگەن ئادەم ئۆلتۈرۈشتىنمۇ قاتتىق گۇناھدۇر، دېگىن » دەپ ئاگاھلاندۇردى. « قۇرئان » نازىل بولۇپ ئاللاتا ئالا مۇسۇلمانلارنىڭ چىرايىدىن ئەنسىزلىك ۋە غەم - قايغۇنى كۆتۈرۈۋەتكەن چاغدىلا، رەسۇلۇللاھ ئاندىن تۆگىنى ۋە ئەسىرلەرنى قوبۇل قىلدى.
ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئەلچى ئەۋەتىپ ئەسىرلىرىنى تۆلەم بىلەن قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلدى، رەسۇلۇللاھ، مۇشرىكلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن ئىككى ئەسىر قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن شۇنداق قىلايلى، دەپ جاۋاب بەردى ۋە: — بىزدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىككى ساھابە بۇ يەرگە قايتىپ كەلمىگۈچە، ئەسىرىڭلارنى تۆلەم بىلەن قايتۇرۇپ بېرىشكە بولمايدۇ. بىز ئۇ ئىككى ساھابىمىزگە كۆڭۈل بۆلمەكتىمىز، مۇبادا ئۇلار ئۆلتۈرۈلگەن بولسا، بىزمۇ بۇ يەردىكى ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرىمىز، — دېدى.
قۇرەيشلەر رەسۇلۇللاھنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ شەرتلىرىگە ماقۇل بولدى. ئۇلار ئىككى ساھابىنى قويۇپ بەردى. ئاللا مۇسۇلمانلارغا بەخت - سائادەت بېغىشلاپ، ئۇلارغا بەرگەن ۋە دىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.
ئەمما، ئابدۇللا ئىبن جەھىش ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدا
غەم - قايغۇ كۆتۈرۈلمىدى. ئۈمىدسىزلىك ئۇلارنى چۈلغىۋالدى. ئۇلارنىڭ قايتۇرما زەربە بەرگۈسى كېلەتتى. ئۇلار: — يارەسۇلۇللاھ، بىز بىلەن ئۈرۈشقانلارغا بىر قېتىم زەربە بەرمەكچى بولۇۋاتىمىز. بولامدۇ؟ — دېدى. ئاللا بۇنىڭغا قارىتا: «ئاللا ئۈچۈن ئىمان كەلتۈرگۈچىلەر، مۇھاجىرلار، جەڭ قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ پەزلى، رەھىمىگە ئېرىشىشنى خالايدۇ. ئاللاھنىڭ كەرسى كەڭدۈر» دەپ بېشارەت بەردى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قايغۇسى كۆتۈرۈلۈپ، كۆڭلى يۈرۈدى. چۈنكى، ئاللا ئۇلارغا بەخت - سائادەت ئاتا قىلغانىدى. ئاللاھنىڭ بۇ بېشارىتى ئىسلام دىنىدىكى ھەرقايسى مەزھەپلەرنىڭ ئورتاق ئەقىدىسى. شۇنداقلا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى بولۇپ قالدى. چەكلەنگەن ئايدا ئۈرۈش قىلغىلى بولامدۇ؟ دەپ سورالغاندا بۇنداق قىلىش چوڭ گۇناھ، بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغىنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش، مۇسۇلمانلارنى قورقۇتۇش ۋە ئۆز دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن توسۇش، ئاللاھقا كۆپۈرلۈق قىلىش، مەسچىتى ھەرەمدىن ئاھالىنى ھەيدەپ چىقىرىشتۇر. دەپ جاۋاب بېرىشكە بولاتتى. چۈنكى بۇلار مۇشرىكلار، يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۆتكۈزگەن جىنايەتتۇر.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئاللاھقا قارشى تۇرغۇچىلارنى جازالاش، كىشىلەرنىڭ ئاللىقاچان قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن دىنىي ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق ۋە توسقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىش يولىدىكى جەڭ زۆرۈر بولۇپ قالدى.
(3-بۆلۈم)
بۆلۈم: “(3-بۆلۈم)”قۇرەيشلەر ئىززەت - ھۆرمىتىنىڭ زىيانغا ئۇچراپ، لەشكەرلىرىنىڭ روھى سۇنغانلىقىنى ھېس قىلدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ پۇل - يېلى بۇلانغان. ئادىمى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئەسىرگە ئېلىنغانىدى.
شۇڭا ئۇلار پۈتۈن ئەرەب يېرىم ئارىلى بويىچە مۇسۇلمانلارغا قارشى ھۇجۇمغا تەييارلاندى. ئۇلار چەكلەنگەن ئايدا ئۇرۇش قوزغايدىغان بولسا، مەيلى قانداق مۇرەسسە - مادارادىن قەتئىينەزەر، مۇسۇلمانلارنى ئىشەندۈرۈپ كېلىشىم ھاسىل قىلالىشى زادىلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارغا ئەبۇسۇفيان ئىبن ھەربنىڭ قۇرەيشلەرنىڭ كارۋىنى بىلەن شامدىن يولغا چىققانلىقىنى، ئۇلاردا پۇل بولۇپلا قالماي، يەنە مالمۇ بارلىقىنى ئېيتتى ھەم مۇسۇلمانلارنى كارۋان ئالدىغا ئەۋەتمەكچى بولۇپ، ئۇلارغا:
بۇ قۇرەيشلەرنىڭ كارۋىنى، سىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىڭلار، بەلكىم ئاللا سىلەرگە بىر قىسىم ئۇلاغ ۋە غەنىيمەن ئىنئام قىلسا ئەجەپ ئەمەس، — دېدى.
مۇسۇلمانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ دەررۇ ھەرىكەتلەندى، بەزىلىرى رەسۇلۇللاھ ئۇرۇشماقچى ئەمەس، دەپ ئويلاپ سۇسلۇق قىلدى.
ئەبۇسۇفيان بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئۇچرىغان ئادەملەرگە پۇل ۋە مېلىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىر كۈنى بىر توپ ئاتلىقلار كېلىپ ئۇنىڭغا:
— مۇھەممەد ساڭا ۋە سېنىڭ قوشۇنلىرىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ساھابىلىرىنى قوزغىدى، — دېدى. ئەبۇسۇفيان ئىشنىڭ ئاقمۇتىدىن ئەنسىرەپ، ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىش ۋە ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرۈش قارارىغا كەلدى. ئۇ زەمزەم ئىبن ئەمر ۋغقارىنى ياللاپ، ئۇنى مەككىگە بېرىپ قۇرەيشلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ مال - مۈلكىنى قوغداش ئۈچۈن سەپەرۋەر قىلىشقا ھەمدە مۇھەممەدنىڭ ھەرىكەت قوللانغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.
( 4 )
ئاتىياس ئىبن ئابدۇلمۇتەلىب مەككىدە ۋەلىد ئىبن ئۇتبە
بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇنىڭغا: — ئاتىكە ماڭا بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بەردى، ئۇنىڭ دېيىشىچە،
ئۇ بىر مۇجىزىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ بۇ ئىشنى ماڭا سۆزلەپ بېرىۋاتقاندا، دەككە - دۈككە بولۇپ، گويا چوڭ بالايىمايەتتىن شەپە بولغاندەك ئەنسىزلەندى، — دېدى.
— ئۇ نېمىنى كۆرۈپتۇ؟ — دەپ سورىدى ۋەلىد. — بىر چەۋەنداز بىر تۆگىنى ئېلىپ ئاتىكەگە قاراپ
ئېتىلغانمىش، — دېدى ئابباس، — جىلغا بويىغا كەلگەندە توختاپ: «ئەي مۇرتەتلەر، سىلەر ئۈچتىن - ئۈچتىن بولۇپ قاچمىساڭلار، بېشىڭلارغا چوڭ بالا - قازا كېلىدۇ!» دەپ ۋارقىراپتۇ، ئاندىن مەسچىتكە كىرىپ كېتىپتۇ، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن مەسچىتكە كىرىپتۇ، ئۇ تۆگىسىنى ئېلىپ كەئبنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، خالايىققا قاراپ: «ئەي مۇرتەتلەر، سىلەر ئۈچتىن - ئۈچتىن بولۇپ قېچىڭلار!» دەپ يەنە ۋارقىراپتۇ. ئارقىدىن، ئۇ يەنە تۆگىسىنى ئېلىپ مەككىدىكى ئەپۇقۇبەيس تېغى ئۈستىگە چىقىپ، يەنە بىر مەرتەم ۋارقىراپتۇ، ۋارقىراپ بولۇپ، بۇ تاشنى ئېلىپ تاغ ئاستىغا ئېتىپتۇ. تاش تاغ باغرىغا چۈشۈپ پارچە - پارچە بولۇپ كېتىپتۇ. نەتىجىدە، تاش پارچىسى كىرگەن ئۆيلەردىن باشقا، مەككىدە يەنە بىرەر ساق ئۆيمۇ قالماپتۇ. ئاتىكە مانا مۇشۇ ۋەقەنى كۆرۈپتۇ. بۇ ۋەقەنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلىغىن.
لېكىن، ۋەلىد بۇ ۋەقەنى دادىسىغا ئېيتىپ قويدى. شۇنىڭ
بىلەن بۇ خەۋەر تارقىلىپ، قۇرەيشلەرنىڭ ھەرقانداق سورۇندىكى ئاساسىي پارىڭىغا ئايلىنىپ قالدى.
ئابباس تاش پارچىسى چۈشكەن ھېلىقى ئۆينى چۆرىدەپ يۈرەتتى. ئەبۇجەھىل بولسا بىرقانچە قۇرەيشلەر بىلەن بىللە، ئاتىكە كۆرگەن مۇجىزىنىڭ مەزمۇنى ئۈستىدە پاراڭلاشماقتا ئىدى. ئەبۇجەھىل ئابباسنى كۆرۈپ: — ھەي، سەن ئۇ يەرنى ئايلىنىپ بولۇپ، قېشىمىزغا
كەلگىن، دېدى. ئابباس ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كەلدى. ئەي، ئابدۇلمۇتەلىمىنىڭ ئەۋلادى، سەن بۇ مۇجىزىنى قاچان بىلدىڭ؟ — دەپ سورىدى ئابۇجەھىل. نېمە دېدىڭ؟ — ياندۇرۇپ سورىدى ئابباس. — ئاتىكەنىڭ كۆرگەن مۇجىزىلىرىنى دېمەكچىمەن، — دەپ جاۋاب بەردى ئەبۇجەھىل. — ئۇ ھېچنېمىنى كۆرمەپتۇ، — دېدى ئابباس. — ئەي، ئابدۇلمۇتەلىمىنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەرنىڭ ئەرلىرىڭلار پال باقمايمۇ بىلىدىغان بولۇپ كەتتى، ئەمدى ئاياللىرىڭلار مۇجىزە كۆرگىلى تۇرۇپتۇ. بۇ نېمىدېگەن ئامەت - ھە! — دېدى ئەبۇجەھىل، — ئاتىكە بىر چەۋەندازنىڭ ئۈچتىن - ئۈچتىن بولۇپ قېچىڭلار دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسا، ئۇنداقتا، بىز ئوخشاش چارە بىلەن سىلەرگە تاقابىل تۇرسىز. ئۇنىڭ دېگىنى راست گەپمۇ؟ ئۇنداق بولمىسا، سىلەر ئەرەبلەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ كازاپلار ئىكەنسىلەر. ئابباس ئاتىكەنىڭ بىرنېمىنى كۆرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. ئارقىدىنلا ئۇلار ھەرقايسىسى ئۆز يوللىرىغا كېتىشتى. كۈن كەچ بولدى، ئابدۇلمۇتەلىمىنىڭ بىر كېلىنى ئابباسنى
تېپىپ:
ئاۋۇ ئىمانىسىز بۇزۇق سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارنى ھاقارەتلىدى، ئەجەبا، سەن ئاڭلاپ تۇرۇقلۇق، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەكچىمەن؟ — دېدى. — خېلى گەپ قىلدىم، تېگىشلىك دەككىسىنىمۇ بەردىم. يەنە كېلىدىغان بولسا، ئەدىپىنى بېرىمەن، — دېدى ئابباس. ئاتىكە ئالدىن ھۆكۈم قىلغاننىڭ ئەتىسى ئابباس مەسچىتكە كەلدى. ئۇ ئەھۋالنىڭ بىئەپلىكىنى ھېس قىلىپ بەك خاپا بولدى. مەسچىتتە ئەبۇجەھىلنىڭمۇ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن يەنە بەزى گەپلەرنى تەكرار ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدى.
ئەمما، ئەبۇجەھىل مەسچىتنىڭ ئىشىكى تەرەپكە قاراپ كەتتى. ئابباس ئۇنى تىل ئىشىقىشتىن قورقتى دەپ ئويلىدى. ئۇ زادى ئاڭلاپ باقمىغان بىر خىل ناتونۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ ئەنسىز ھالدا مەسچىتتىن چىقىپ كەتتى.
(5-بۆلۈم)
بۆلۈم: “(5-بۆلۈم)”ئەبۇسۇفىياننىڭ خىزمەتچىسى زەمزەم ئىبىن ئەمرۇغقارى مەككىگە كەلدى - دە، تۆگىنىڭ ئۈستىدە ئۆرە تۇرۇپ تۆگىنىڭ بۇرنىسى كەستى، ئاندىن تۆگىنىڭ توقۇمىنى يەڭگۈشلىدى ۋە چاپىنىنىڭ ئالدى - كەينىنى ئېچىۋېتىپ:
— ھوي قۇرەيشلەر! پۇل - ماللىرىڭلارغا ئىست! سىلەرنىڭ پۇل - مېلىمىڭلار بىلەن ئەبۇسۇفىيان مۇھەممەدنىڭ تەھدىتىگە ئۈچرىدى. سىلەر تېخى بىخەۋەر يۈرۈپسىلەر، چاپىان يېرىپ قۇتۇلدۇرۇڭلار! — دەپ توۋلىدى.
كىشىلەرنىڭ كۆڭلى پاراكەندە بولدى. ئۇلار بىر يەرگە توپلىشىپ غۇلغۇلا قىلىشىپ، ھەممىسى تېز ھەرىكەت قىلماقچى بولۇشتى. قۇرەيشلەر توپلاندى، قۇرەيش ئاقساقاللىرىمۇ كەلدى. لېكىن، ئەبۇلەھەق كۆپچىلىكتىن باشقىچە ئىش قىلدى. ئۇ تۆت مىڭ دىرھەم پۇلغا ياللاپ كەلگەن ئادىمىنى باشقا ئىشقا ئەۋەتىۋەتتى.
قۇرەيشلەرنىڭ ھازىرلىقى پۇتتى، ئۇلار يولغا چىقىدىغان چاغدا، بىردىنلا ئۆز دۈشمەنلىرى بىلەن بولغان كونا ئاداۋەتتى ئېسىگە ئالدى. ئۇلاردىن بىرى:
— بىز ئۇلارنى كەينىمىزدىن ھۇجۇم قىلىپ، ئىشلىرىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلارمىكىن، دەپ ئەنسىز مەكتىمىز. دېدى. سۇرافە ئىبىن مالىك مىسىرنىڭ ئابرۇيلۇق كىشىلىرىدىن بىرى
— مەن ئارقا تەرەپتىن ئۇلارنى توسۇپ تۇراي… دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان پىكىرلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئۇرۇش قىلالايدىغانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مەككىدىن يولغا چىقتى.
( 6 )
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىدىن ئاتلانغاندا، ئىككى قارا ئەلەمنى باشلامچى قىلدى. ئەلەمنىڭ بىرىنى ئەلى ئىبن ئەبۇتالىب كۆتۈردى، يەنە بىرىنى بىر ئەنسارا كۆتۈردى.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ساھابىلەر بىلەن نۆۋەتلىشىپ تۆگىگە مىنىپ ماڭدى، يولدا ئۇچراشقان ئەرەبلەردىن ئۇقۇشۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن دۈشمەننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى يەنىلا ئۇقالمىدى. سەفرا كەتتىگە يېقىنلاشقاندا، ئۇ ئەبۇسۇفيان ئىبن ھەربنىڭ خەۋىرىنى تىڭ - تىڭلاشقا ئادەم ئەۋەتتى. چوڭ قوشۇن رەۋھا دېگەن يەرگە يېتىپ بارغاندا، خەۋەر تىڭ - تىڭلاپ كېلىش ئۈچۈن كەتكەن كىشىلەر ئارقا - ئارقىدىن قايتىپ كېلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: «قۇرەيشلەر يولمىزنى توسۇش ئۈچۈن ئەبۇسۇفياننىڭ قېشىغا كېتىپتۇ» دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قول ئاستىدىكىلەردىن پىكىر سوراپ:
مىقداد ئىبن ئەمرۇ مۇنداق دېدى:
— ئى رەسۇلۇللاھ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە داۋاملىق ئىلگىرىلەۋەرگىن، بىز سەن بىلەن بىللە، ئاللا بىلەن قەسەمكى، بىز ساڭا بەنى ئىمرائىل مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: «سەن پەرۋەردىگارنىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئۇرۇش قىلغىن، بىز بۇ يەردە
ئولتۇرۇپ تۇرايلى» دېگەندەك دېمەيمىز. بىز سەن بىلەن بىرلىكتە يېرىپ غازات قىلىمىز. سەن بىزنى يەمەننىڭ بەرگۈلغىماد دېگەن يىراق يېرىگە غازات قىلىشقا ئېلىپ بارساڭمۇ بارىمىز.
— ناھايىتى ياخشى، — دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئاندىن ئەنسارلارغا، — ماڭا يەنە قانداق نەسىھەتتىڭلار بار؟ — دېدى. سەئىد ئىبن مۇئاز مۇنداق دېدى:
— ئى رەسۇلۇللاھ، سەن بىزگە ئېھتىياج بولساڭ كېرەك، بىز ساڭا ئىمان كەلتۈردۇق، سەن بىزگە ھەقىقەت ئېلىپ كەلدىڭ، سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا ئىتائەت قىلىشقا ۋەدە يېرىمىز. ئى رەسۇلۇللاھ، يولۇڭنى داۋاملاشتۇرغىن! بىزگە قاچان ھاجىتىڭ چۈشسە، شۇ چاغدا سەن بىلەن بىللە بولۇشقا تەييار بىز. ھەرقانچە خەۋپ - خەتەر بولسىمۇ، ھەرگىز باشقىلارنىڭ كەينىدە قالماي، چوقۇم سەن بىلەن ھەمدەم بولىمىز، ئىنشائاللا، بىزلەردىن رازى بولۇپ قالارسەن. بىزنى ئېلىپ يولۇڭنى داۋاملاشتۇرساڭ، ئاللا ھەممە ئىشىڭنى ئوڭغا تارتىدۇ.
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشىگىلا، رەسۇلۇللاھنىڭ چىرايى خۇشاللىقتىن نۇرلىنىپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
— يۈرۈڭلار! ئاللا ماڭا ئىرادە قىلدى، يا غەلىبە قىلىمىز، يا غازات قىلىپ. ئۆلىمىز. ئاللا بىلەن قەسەمكى، گويا سەن بەدرىدە مۇشرىكلارنىڭ ئۆلۈكلىرىنى كۆرگەندەك بولۇۋاتىمەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدرى ۋادىسىغا قۇرەيشلەرنىڭ ئەھۋالىنى تىڭ - تىڭلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار قۇرەيشنىڭ ئىككى نەپەر سۇ توشۇغۇچىسىغا ئۇچراپ قېلىپ، ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىپ سوراققا تارتتى.
— ئىككىڭلار قەيەرگە باراتتىڭلار؟ قايسى قەبىلىدىن؟ نېمە ئىش قىلماقچىدىڭلار؟
— بىز قۇرەيشنىڭ سۇ توشۇغۇچىلىرى، ئۇلار بىزنى سۇ ئەكېلىشكە ئەۋەتكەنىدى — دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. سوراق قىلغۇچىلار بۇنىڭغا چىنپۇتمەي، ئۇلارنى ئەبۇسۇفياننىڭ
خىزمەتچىلىرى دەپ گۈمان قىلىپ قاتتىق ئۆردى. ئۇ ئىككى سۇ توشۇغۇچى تاياققا چىدىيالماي: «ھەئە، بىز ئەبۇسۇفىياننىڭ خىزمەتچىلىرى» دېگەندىن كېيىن سوئال - سوراق تۈگىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ساھابىلەرنىڭ بۇ ئىككى سۇ توشۇغۇچىنى ئالدىغا سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى - دە، ساھابىلەرگە:
-
ئۇلار راستىنى ئېيتقاندا ئۇردۇڭلار، يالغان ئېيتقاندا قويۇپ بەردىڭلار. ئاللا بىلەن قەسەمكى، ئۇلار چوقۇم قۇرەيشنىڭ ئادەملىرى، - دېدى، ئاندىن سۇ توشۇغۇچىلارغا قاراپ، - سىلەر ماڭا قۇرەيشنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرىڭلار. - دېدى.
-
ئۇلار دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئاشۇ قۇملۇقنىڭ ئارقىسىغا چۈشتى. - دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.
-
ئۇلارنىڭ سانى قانچىلىك؟ - دەپ سورىدى رەسۇلۇللاھ.
-
ناھايىتى كۆپ، - دېدى ئۇلار.
-
ئۇلارنىڭ قورال - ياراغلىرى قانداق؟ - دەپ سورىدى رەسۇلۇللاھ.
-
ئېنىق بىلمەيمىز، - جاۋاب بەردى ئۇلار.
-
ئۇلار كۈنىگە قانچە تۆگە سويىدۇ؟ - دەپ سورىدى رەسۇلۇللاھ.
ئۇلار بىر كۈنى توققۇزنى، بىر كۈنى ئونى سويىدۇ، - دېدى ئۇلار.
رەسۇلۇللاھ سەل ئويلىنىپ ساھابىلەرگە:
- ئۇلارنىڭ سانى يەتتە يۈز بىلەن مىڭ ئارىلىقىدا ئىكەن، - دېدى، ئاندىن ساھابىلىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، - دېمەك مەككە سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا دېگەن گەپ، - دېدى.
(7-بۆلۈم)
بۆلۈم: “(7-بۆلۈم)”ئابۇسۇفىيان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەملىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆگىلەرنىڭ
ئالدىدا ئېھتىيات بىلەن كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆزەتچىلىككە ئەۋەتكەن ئادىمى كېلىپ ئۇنىڭغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇنلىرى چۈشكەن ئورۇننى ۋە ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى مەلۇم قىلدى. ئەبۇسۇفىيان ھەرىكەت يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئادەملىرىگە دەرھال ئۇقتۇردى - دە، تۆگىلىرىنى ئېلىپ بەدرى ۋادىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قاراپ ماڭدى، شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىدىن ئۆزىنى نېرى ئالدى، ئۇنىڭ تۆگىلىرىمۇ ئامان قالدى، ئەلۋەتتە، ئەبۇسۇفىيان تۆگىلىرىنىڭ ئامان قالغانلىقىنى، مال ۋە پۇللىرىنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، قۇرەيشلەرگە بىر پارچە خەت يېزىپ، خەتتە: «ئەگەر سىلەر تۆگىلەرنى، ئادەم ۋە مال - مۈلۈكنى قوغداش ئۈچۈن يولغا چىققان بولساڭلار، قايتىپ كېتىڭلار، مەن ھازىر ئامان، بارلىق مال - مۈلۈكمۇ ئامان قالدى» دېدى.
— ئەزىبرايى خۇدا! — دېدى ئەبۇجەھىل، — بىز بەدرى ۋادىسىغا بارمىغۇچە قايتمايمىز. بىز بەدرىگە بېرىپ ئۈچ كۈن تۇرۇپ، تۆگىلەرنى سويۇپ يەپ، مەي - شاراب ئىچىپ، ناخشا - غەزەل ئېيتايلى، ئەرەبلەر بۇنى ئاڭلىسا، بىزدىن تەپ تارتىپ يېقىن كېلەلمەيدۇ.
ئەخمەس ئىبن شۇرەيق ئەبۇجەھىلنىڭ تەشەببۇسىغا قارشى چىقتى ھەم ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە قوشۇلمىدى. ئۇ ئىتتىپاقدىشى بولغان زۆھرە ئايمىقىغا:
مېلىڭلار ئامان - ئېسەن قاپتۇ، قول ئاستىڭلاردىكى ئادىمىڭلارمۇ سىلەرگە سادىق، سىلەر ئەسلىدە ئادەم ۋە پۇل - مېلىڭلارنى قوغداش ئۈچۈن چىققاندىڭلار، ئەمدى بۇنىڭ ھاجىتى قالمىدى، تېز قايتىڭلار، — دېدى.
ئەخمەس ئۇلارغا سادىق ئىدى، لېكىن ئۇنىڭغا ئىسپات بولغۇدەك ئادەم چىقمىغاچقا، قۇرەيشلەر ئۇنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ بەدرى ۋادىسىدىن ئۆتكەندە ئاندىن
توختىدى.
مۇسۇلمانلار كارۋاننىڭ يېتىپ كېلىشىنى تاڭ سەھەرگىچە كۈتۈپ تۇردى. ئەبۇسۇفياننىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، قۇرەيشلەر بىلەن بولمىدىغان جەڭنىڭ قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا قالغانلىقى توغرۇلۇق ئۇشتۇمتۇت خەۋەر كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم كىشىلەر تەشۋىشلەندى، ئۇلار مەككىدىن كەلگەنلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايتتى. مەدىنىگە قايتىش مەسىلىسىدە بەزىلەر بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئارىسىدا ئىختىلاپ يۈز بەردى. بۇ چاغدا ئاللاھتىن بېشارەت بولدى: «ئەينى چاغدا، ئاللا سىلەرگە كارۋان بىلەن ئۇچرىشىشقا رۇخسەت قىلغان، لېكىن ئاللا ئۆز سۆزى بىلەن ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشنى ھەمدە مۇشرىكلارنى يوقىتىشنى خالايدۇ.»
مۇسۇلمانلار دۈشمەن بىلەن ئاخىرغىچە ئېلىشىشقا بەل باغلاپ بەدرى ۋادىسىغا باردى. شۇ ئارىدا ئاللا مول يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردىكى، جىلغىلار سۇغا توشۇپ، زېمىن پاتقاق بولۇپ كەتتى. لېكىن، رەسۇلۇللاھنىڭ قوشۇنلىرى داۋاملىق ئىلگىرىلەۋەردى، قۇرەيشلەرگە يامغۇر توسالغۇ بولغاچقا، ھەرىكىتى ئاستىلاپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدرى دەريا بويىغا كېلىپ جايلاشتى.
( 8 )
ئى رەسۇلۇللاھ، ئاۋۇ ئۆينى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللا سېنى بۇ يەرگە چۈشۈشكە بۇيرۇدىمۇ ياكى ئۇرۇش ۋە سۈيىقەستىن شەپە بېرىۋاتامدۇ؟
— ئى رەسۇلۇللاھ، — دېدى مۇنزىر، — ئۇنداقتا، بۇ ئۆي
ئەمەس - دە. سەن بىزنى يەنىلا دەريا بويىغا چۈشۈرگىن. بىز ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، بارلىق قۇدۇقلارنى تىندۇرۇۋېتىپ، بىر كۆل كولاپ، ئۆزىمىز ئىشلىتىدىغان سۈنى تولدۇرۇۋېلىپ، ئاندىن دۈشمەن بىلەن ئۈرۈش قىلايلى. مۇشۇنداق قىلساق، بىز سۈسىز قالمايمىز، مۇشرىكلار بولسا بىرەر تېمىممۇ سۇ تاپالمايدۇ.
— توغرا ئېيتتىڭ، — دېدى رەسۇلۇللاھ.
قوشۇن ئاتلىنىپ، دۈشمەنلەر چۈشكەن قىرغاققا يېقىن بىر يەرگە يېرىپ چۈشتى، ئاندىن بۇيرۇق بويىچە قۇدۇق قېزىپ، كۆل كولاپ سۇ توشقۇزۇۋالدى.
كۆل پۈتكەندىن كېيىن، ئۇلار جەڭ تەييارلىقىغا كىرىشتى. دەل شۇ ئەسنادا، سەئد ئىبن مۇئاز كېلىپ مۇنداق دېدى:
— ئى رەسۇلۇللاھ، بىز كەپە سېلىپ سېنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئاندىن مىنىدىغان ئۆلىغىڭنى تەييارلاپ قويايلى. ئاللا بىزگە نۇسرەت ئاتا قىلىپ، دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلساق، بۇ بىزنىڭ كۈتكىنىمىز بولىدۇ، ئۇنداق بولماي قالسا، سەن ئۆلىغىڭنى مىنىپ ئارقىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ يېنىغا بېرىۋالىسەن، كىشىلەر سېنى قوغدايدۇ. ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇلار سېنى بىزدىنمۇ بەك سۆيىدۇ. ئەگەر سەن بىرەر خەۋپكە دۇچ كېلىپ قالساڭ، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە سېنى قوغدايدۇ ۋە سەن بىلەن بىللە تۇرۇپ غازات قىلىدۇ.
رەسۇلۇللاھ سەئدنى ماختىدى ۋە ئۇنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن سەئد رەسۇلۇللاھغا بىر چېدىر تىكىپ بەردى. بۇنىڭدا ئۈرۈش مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ قالسىمۇ، رەسۇلۇللاھ دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيتتى ياكى قوشۇنىدىن ئايرىلىپ قالمايتتى. ئۇلار ھەم ئەرەبلەر ئارىسىدا ئۆز تەشۋىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەتتى.
(9-بۆلۈم)
بۆلۈم: “(9-بۆلۈم)”قۇرەيشلەر جەڭگە ھازىرلاندى ۋە مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ
ئەھۋالىنى تىڭ - تىڭلاپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بىراۋ كېلىپ خەۋەر يەتكۈزدى:
— مۇھەممەدنىڭ يارەنلىرى ئۈچ يۈزچە ئىكەن، بۆكتۈرمە قوشۇن ئورۇنلاشتۇرماپتۇ. سۇمۇ يوق ئىكەن. ئۇلاردا قىلىچ، كۈچلۈك ئىرادە ۋە چىن ئېنىقادتىن باشقا تايانغۇدەك نەرسە يوق ئىكەن.
قۇرەيشلەر ئىچىدىكى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەردە بىرئاز قورقۇش بولدى، ئۇلار كۆپ قىسىم كىشىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ كېتىشىدىن، مەككىنىڭمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن ئەسلىدىكى ئورنى ۋە ئابرۇيىنىڭ يوقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئوتبە ئىبن رابىئە ئورنىدىن تۇرۇپ:
— ھوي قۇرەيشلەر، سىلەرنىڭ مۇھەممەدنى ۋە ئۇنىڭ يارەنلىرىنى نېمە قىلىشىڭلاردىن، شۇنداقلا جەڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىلەرگە ھېچقانداق پايدا يوق! تېز قايتىپ كېتىڭلار! مۇھەممەد بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشماڭلار. مۇھەممەد مەغلۇپ بولسا، دەل كۈتكىنىڭلاردەك بولسىدۇ. ئەگەر جەڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا، بۇ توغرۇلۇق سىلەرمۇ ھېچقانداق ئەيىبلەنمەيسىلەر.
ئەبۇجەھىل بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاچچىقلاندى. ئۇ كىشىلەرنى مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان ئۆچ - ئاداۋەتتى، دۈشمەنلىك ۋە قانلىق ۋەقەنى ئۈنتۈماسلىققا ئاگاھلاندۇردى. ئۇنىڭ قۇتراتقۇلۇقى ئۇرۇش بولۇشنى تېزلەتتى، كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن توپ - توپ بولۇشۇپ كەلدى، ئىككى تەرەپ گىرەلىشىپ ئېلىشتى.
( 10 )
درۋىنىۋالىدىلا دۈشمەننىڭ ئادىمى كۆپ، قوراللىرىنىڭ خىل ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، قوشۇنىغا ئىلھام بەردى، سەپنى تەڭشەپ
ئورۇنلاشتۇردى ھەمدە مەن بۇيرۇق قىلمىغۇچە ھۇجۇمغا ئۆتمەڭلار. جەڭ باشلانغاندىن كېيىن، دۈشمەننىڭ مۇھاسىرىسىگە چۈشۈپ قالساڭلار. ئۇلارغا ئوق بىلەن زەربە بېرىڭلار. دېدى. ئەبۇبەكرى رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە چېدىرغا قايتىپ باردى. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ قوشۇنلىرىنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلدى. ئۇ ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلار ئۇنىڭغا تاپشۇرغان مۇشكۇل ۋەزىپىنى ئۆتتۇمىغانىدى.
رەسۇلۇللاھ ئاللاھتىن ياردەم تىلىدى. ئۇنىڭدىن ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلىگە ئاشۇرۇشنى ئۆتۈنۈپ: «ئى ئاللا. قۇرەيش ئاھالىسى تەكەببۇرلۇق قىلىپ ئەلچىڭگە قارشى تۇرماقتا. ئۇنى ئالدىماقتا. ئى رەببىم! ماڭا ۋەدە قىلغان ياردىمىڭنى ئاتا قىلىپ. بۇ مەلئۇنلارنى تېز يوقاتماڭ » دېدى.
رەسۇلۇللاھ قىبلىگە ئالدىنى قىلىپ. ئىككى قولىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ ئاللاھقا شۇنداق ئىلتىما قىلدىكى. دولىمىدىن چاپىتىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمىدى. ئەبۇبەكرى ئۇنىڭ چاپىتىنى ھۆرمەت بىلەن ئۇچىسىغا يېپىپ قويدى. ئەبۇبەكرى ئۇنىڭغا: — يا رەسۇلۇللاھ. سەن ئۇزۇن دۇئا قىلىپ كەتتىڭ. ئاللا چوقۇم ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. — دېدى.
لېكىن. شەپقەتلىك رەسۇلۇللاھ يەنىلا توختىماي دۇئا قىلىپ ئاللاھقا ئىلتىما قىلاتتى. چارچاپ ئۇخلاپ قالغان چېغىدىمۇ ئۇيقۇدا تۇرۇپ ئاللاھقا ئىلتىما قىلاتتى. ئاللا ئۇنىڭغا بېشارەت بەردى: «ئەي مۇھەممەد. مۆمىنلەرنى دۈشمەنگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن. ئەگەر سىلەردە يىگىرمە پالۋان بولسا ئىككى يۈز دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ؛ يۈز پالۋان بولسا. مىڭ مۇشرىكىنى مەغلۇپ قىلالايدۇ. چۈنكى. مۇشرىكلار زېرەك ئەمەس.»
رەسۇلۇللاھ ئۆز قوشۇنىدىكىلەرنى غەيرەت بىلەن جەڭ قىلىشقا
— باتۇرلۇق بىلەن غازات قىلغۇچىلارغا ئاللا جەننەت ئاتا
قىلىدۇ، - دېدى. ئارقىدىن ئۇ بىر تال تاشنى ئېلىپ، دۈشمەن تەرەپكە ئېتىپ، - ھۇ، نومۇسسىز ئەبلەخلەر، - دېدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئۆز قوشۇنىدىكىلەرگە غەيرەت بىلەن جەڭ قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بەردى. مۇسۇلمانلارنىڭ روھى ئۇرغۇپ، كۈچ - قۇدرىتى ھەسسىلەپ ئېشىپ: «ئاللا بىر» دەپ توۋلىشىپ كەتتى.
ئاللا ئۇلارغا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى ئەۋەتتى. بۇ ھال ئۇلارنىڭ جەڭ قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى. تاغ - دەريالارنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان بۇ جەڭ مەيدانىدا، رەسۇلۇللاھ تەرغىباتىنى توختىماي داۋاملاشتۇردى ۋە ئاللاھنىڭ مەدىتىنىمۇ ئۇلارغا يەتكۈزۈپ تۇردى.
(11-بۆلۈم)
بۆلۈم: “(11-بۆلۈم)”رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە بولغاچقا ۋە ئۇلارغا ئىلھام بەرگەچكە، ئۇلارنىڭ روھى تېخىمۇ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. ئاللا مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەننى قىرىش غەيرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا پەرىشتىلەر ئارقىلىق ياردەم بەردى. جەڭ ناھايىتى قىزىپ كەتتى. جەڭ مەيدانىدىن كۆتۈرۈلگەن توپا - چاڭ ئاسماننى غۇۋالاشتۇرۇپ، ھېچنېمىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان قىلىۋەتتى. قۇرەيشلەرنىڭ قورقۇپ ئەرۋاھى ئۈچتى.
بىلال ئۈمەييە ئىبن خەلەفنىڭ مۇشرىكلار ئارىسىدا ئۇيان - بۇيان مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ مەككىدىكى چاغدا ئۈمەييەنىڭ ئۇنى ئىسلام دىنىدىن ۋاز كېچىشكە ئازدۇرغانلىقىنى، پىژ - پىژ ئاپتاپتا ئۇنى ئوتتەك قىزىق قۇمغا ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، مەيدىسىگە چوڭ تاشنى ئېلىپ قويۇپ: قاچان مۇھەممەدنىڭ دىنىدىن ۋاز كەچمەڭ، سېنى شۇ چاغدا قويۇۋېتىمەن، دېگەنلىرىنى ئېسىگە ئالدى - دە. غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ: ھەي ئۈمەييە ئىبن خەلەف! ھۇ ئاسىي - مۇرتەتلەرنىڭ
كاتتۇپشى. ئەمدى ئامان قالمايمىن. — دېدى. بۇ چاغدا بىر راۋ بىلالىنى تۇتۇشقا ئۇرۇندى. ئەمما بىلال قاتتىق بىر نەرە تارتىپ قىلىچىنى ئېلىپ خەلەفكە ئېتىلدى. دە. بىر قىلىچ بىلەن ئۇنى ئۆلتۈردى.
(12-بۆلۈم)
بۆلۈم: “(12-بۆلۈم)”جەڭ توختاپ. توپا. چاڭ سۆزۈلدى. ئۆلۈكلەر ساينىڭ تېشىدەك ياتاتتى. كېسىلگەن باش. چېپىلغان پۇت. قوللار ھەممىلا يەردە ئۇچرايتتى. مەككىلىكلەر سالپىيىپ بەدەر قېچىشتى. رەسۇلۇللاھ ئۆلۈكلەرنى گوداڭلارغا تاشلاپ كۆمۈشكە بۇيرۇدى. ئۇ مۇشرىكلارنىڭ ئۆلۈكلىرىگە قاراپ:
— سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ پەيغەمبىرى ئۈچۈن گوداڭنى ماكان قىلدىڭلار. ھەي. بەختسىز قەبىلە! سىلەر مېنى ئالدىدىڭلار. كىشىلەر ماڭا ئىشەندى: سىلەر مېنى ھەيدەپ چىقاردىڭلار. خەلق بولسا ماڭا تۇرار جاي تەييارلاپ بەردى: سىلەر بىز بىلەن ئۇرۇش قىلدىڭلار. خەلق بولسا بىزگە مەدەت بەردى. سىلەرنىڭ رەببىڭلار سىلەرگە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلدىمۇ؟ مېنىڭ رەببىم ماڭا بەرگەن ۋەدىسىگە پۈتۈنلەي ئەمەل قىلدى. — دېدى.
رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدىكى بىر ساھابە:
— يا رەسۇلۇللاھ. بۇ جانسىز جەسەتلەر سۆزۈڭنى ئاڭلامدۇ؟ — دېدى. رەسۇلۇللاھ:
— سىلەر ۋە ئۇلار ئوخشاشلا ئاڭلاۋاتىسىلەر. ئۇلار مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلمىدى. — دېدى.
رەسۇلۇللاھ قۇرەيش ئادەملىرىنىڭ جەڭدە ئۆلگەنلىكى ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئەبۇھۇزەيف ئىبن ئۆتبە كەئبىنىڭ چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇنى تۇيۇپ
— ئەبۇھۇزەيف. ئاتاڭغا ئىچىڭ ئاغرىۋاتامدۇ. نېمە؟ — دەپ
سورىدى. ئەبۇھۇزەيفە.
ياق، روسۇللا. مەن ئۇنىڭ چەڭدە ئۆلۈشىدىن گۇمانلانمايتتىم، بىراق ئۇنىڭ يېكرى ۋە ئارزۇسىنى چۈشىنەتتىم. مەن ئۇنىڭدىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش يولىغا مېڭىشنى ئۈمىد قىلغانىدىم. ھازىر مەن ئۇنىڭ ئىمانىنى كەتكەنلىكىگە قايغۇرۇۋاتىمەن، — دېدى.
روسۇللا ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ، ئامانلىق تىلىدى.
مۇسۇلمانلار ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىنى توپلاشقا باشلىدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ مەدىنى بىلەن غەلىبە قازانغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال ئىدى.
