مۇسا ئەلەيھىسسالام
This content is not yet available in your language.
تۇغۇلۇشى ۋە ساندۇقتا سۇغا تاشلىنىشى
بۆلۈم: “تۇغۇلۇشى ۋە ساندۇقتا سۇغا تاشلىنىشى”پىرىئەۋن۱ مۇستەبىتلىك سىياسەت يۈرگۈزۈپ، يەر يۈزىدە زالىملىق ۋە ئۆكتەبىلىك قىلىپ، ئۆز پۇقرالىرى بەنى ئىسرائىلغا ئىزا - ئاھانەت كەلتۈرەتتى. بەنى ئىسرائىل پىرىئەۋننىڭ زۇلىمى ئاستىدا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، چەكسىز ئازاب - كۈلپەت چېكەتتى. ئۇلار ناھايىتى ئالاقزادە بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكى ئاستىدا قەددىنى تۈزلىيەلەي، تولىمۇ بەتتەر ھالغا چۈشۈپ قالغان چاغدا، بىر كاھىن۲ پىرىئەۋننىڭ ئالدىغا كىرىپ: — بەنى ئىسرائىلدا بىر ئوغۇل بالا دۇنياغا كېلىدۇ، كەلگۈسىدە سېنىڭ پۇل - ماللىرىڭ شۇنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىدۇ، — دېدى.
پىرىئەۋن بۇ گەپنى ئاڭلاپ غەزەپكە كەلدى - دە، ۋارقىراپ چۇقان سالدى. ئۇ ئەسكىلىك قىلىشقا باشلاپ، بەنى ئىسرائىلدىكى ئوغۇل بالىلارنى كۆپلەپ قىرىپ تاشلىدى، قىز بالىلارنىلا قالدۇردى. لېكىن، ئاللاھنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر. ئاللا ئۇنىڭ ئارزۇلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل بەربات قىلدى. ئاللا ئىنسانلارنى ياراتقاندىن تارتىپلا ئاجىز، يېقىر دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ پىرىئەۋندەك ئاشۇنداق قۇدرەتلىك زالىم پادىشاھنىڭ مال - مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان. پىرىئەۋننىڭ ھوقۇقى بەنى ئىسرائىلدىكى بىر بالىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ بالا تەكەنلىك چاتقاللار
① پىرىئەۋن — قەدىمكى مىسىر پادىشاھىنىڭ نامى. ② كاھىن — دىنىي مۇراسىملارنى باشقۇرغۇچى چوڭ روھانىي.
ئارىسدىن ئېچىلغان قىزىلگۈلگە ۋە ياكى زۇلمەت بۆشۈكىدىن بارا - بارا كۆتۈرۈلۈۋاتقان تاڭ قۇياشىغا ئوخشىشاتتى. ئاللا بەنى ئىسرائىلىنىڭ ئورنىنى كۈچەيتىپ، پىرئەۋن بىلەن ھامانغا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرىگە بەنى ئىسرائىلىنى مەپ تارتىپ دېۋەيلەپ تۇرغان ھالەتتە كۆرسەتتى.
جائىزە ئۆيدە ئولتۇرۇپ تولغاق تۇتقانلىقىنى سەزدى - دە، ئىسرائىلى چاقىرىپ ئۇنىڭغا: تۇغۇتۇمنىڭ تەييارلىقىنى كۆرۈپ قويۇڭ، دېدى. ئىسران ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى بىر - بىرلەپ ئورۇندىدى. مۇسا ئەلەيھىسالام «ئىگە - ئىگە» دەپ يەرگە چۈشكەندە، جائىزە ئەنسىزلىك ئىچىدە قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا بىردىنلا ئۇرغۇغان ئانىلىق مېھىر ئۇنى ئوغلىنى تىرىك قالدۇرۇش ۋە ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلەشكە ئىلھاملاندۇردى. مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ تۇغۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر بالىلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى پىرئەۋنگە مەلۇم قىلىنمىدى. ھايت - ھۈيت دېگۈچە مۇسا ئەلەيھىسالام ئۈچ ئايلىق بولۇپ قالدى. ئۇ چاغدا پادىشاھ شەھەرنىڭ ھەممە يېرىگە ئادەم چىقىرىپ تۇغۇلغان بالىلارنى ئىزدىنىۋاتاتتى. ئاللا مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئانىسىغا بىر ساندۇق تەييارلاپ، بالىنى ساندۇققا سېلىپ، ساندۇقنى نىل دەرياسىغا تاشلىۋېتىشنى ۋە بۇ بالىنىڭ ئاچىسىنى دەريانى بويلاپ ساندۇقنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ساندۇقنىڭ ئېقىپ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى كۆرۈپ كېلىشكە بۇيرۇشنى بېشارەت قىلدى. ئاللا ئۇنىڭغا خاتىرجەم بولۇش، ھودۇقۇپ كەتمەسلىك توغرىسىدىمۇ بېشارەت بەردى.
مۇسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئاچىسى ساندۇقنىڭ ئېقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كېلىپ، ھودۇققان ھالدا ساندۇقنى پىرئەۋننىڭ بېغى تەرەپكە ئېقىپ كەتتى. دېدى. لېكىن، ئاللاھنىڭ مېھرىبانلىقى ناھايىتى يېقىن ئىدى. پىرئەۋننىڭ خوتۇنى ساندۇققا
ئېقىپ كەلگەن بۇ بالىنى كۆرگەندە، ئاللا ئۇنىڭ قەلبىگە بالىنىڭ مېھرىنى سالدى. ئۇ ئېرىدىن بالىنى بېقىۋېلىشنى تەلەپ قىلدى. جائىزە بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بالىسىدىن غەم قىلمايدىغان بولدى. ئۇ ئوغلىنى ئاللاھقا خاتىرجەم تاپشۇردى.
بالىنى ئېمىتىشكە بىر ئىنىكىئانا تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، بالا بۇ ئىنىكىئانىدىن سەسكىنىپ، ئۇنى زادىلا ئەممىدى. ھامان چىداپ تۇرالماي، بىر تەرەپتە مارىلاپ تۇرغان مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاچىسىنى كۆرسىتىپ:
— ئاۋۇ قىز بۇ بالىنى تونۇيدىكەن، ئۇنى تۇتۇپ، بۇ بالا توغرۇلۇق سوراپ بېقىڭلار، — دېدى. قىز سوراققا تارتىلغاندا: — مەن پادىشاھقا سەمىمىي سۆز قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن، — دەپ جاۋاب بەردى. پىرىئەۋى ئۇنىڭغا بالىنى بېقىپ ئەي قىلالايدىغان كىشىنى ئېلىپ كېلىشكە يۈرۈدى. بالا كۆتۈرۈپ كېلىنگەندە، قاتتىق يىغلىدى. پىرىئەۋى ئۇنى بەزلىدى. قىز بىر ئايالنى ئېلىپ كەلدى، بالا بۇ ئايالنى كۆرۈپلا مەھكەم چاپلىشىۋالدى.
پىرىئەۋى ئەجەپلەنگەن ھالدا ئايالدىن: — سەن كىم؟ بۇ بالا نېمىشقا باشقىلارنى ئەمەي، سېنىلا ئېمىدۇ؟ — دەپ سورىدى. بۇ ئايال مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسى ئىدى. ئۇ: — سۈتۈمنىڭ تەمى ياخشى ئىدى، شۇڭا بالا ماڭا ھېرىس بولسا كېرەك، — دەپ جاۋاب بەردى.
شۇنداق قىلىپ، پىرىئەۋى بالىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى ۋە ئۇنىڭغا ئىش ھەققىمۇ بەردى. جائىزە بالىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتتى. ئاللا جائىزەگە مانا مۇشۇنداق مەرھەمەت قىلدى. جائىزە بالىنىغا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىنى بىلدى.
مىسىردىن مەديەنگە سەپەر
بۆلۈم: “مىسىردىن مەديەنگە سەپەر”جامىزە مۇسا ئەلەيھىسسالامنى بېقىپ چوڭ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئوردىدىكىلەرنىڭ دۈشمىنى ۋە قايغۇسى بولۇپ قالسۇن ئۈچۈن، پىرىمىزنىڭ ئوردىسىغا ئەكىرىپ بەردى. مۇسا ئەلەيھىسسالام بەستىلىك، كۈچلۈك ئىدى. ئاللا ئۇنىڭغا بېشارەت بېرىپ تۇراتتى، ئۇنىڭغا بىلىم ۋە ئەقىل - پاراسەت ئۆگىتىشتى.
ئېزىلگەن ئاجىزلار بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىمايىسىگە تەلپۈنەتتى، ئۇنىڭدىن بۇ مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ ئازابىغا خاتىمە بېرىشنى كۈتىشتى. ئۇلار ئۇنىڭغا مەنسۇپ كىشىلەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ كۆپ ئىلتىپات - مەرھەمىتىگە ئېرىشكەن رەھىمدىل يىگىت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېزىلگەن بۇ كىشىلەر بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇش قارارىغا كەلدى. ئۇ پىرىمىزنىڭ پايتەختىگە كىرىپ كېتىۋېتىپ، ئىككى ئادەمنىڭ جېدەل قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، بۇلارنىڭ بىرى ئېزىلگەن ئىبرانىيلاردىن ئىدى. يەنە بىرى، ھوقۇق تۇتقان پىرىمىزنىڭ ئادىمى ئىدى. ھېلىقى ئىبرانىي مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئادالەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى بۇ قىسىمنى ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇشنى ئۆتۈندى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئېشىلىپ بېرىپ، پىرىمىزنىڭ ھېلىقى ئادىمىنى ئۈرۈپ ئىۋلىتۇردى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بۇ قىلىقىغا پۇشايمان قىلىپ، بۇنى ئىبلىسىنىڭ قىلىقىغا ئوخشاش بىر ئىش بولۇپ قالدى، دەپ ئويلاپ، ئۆزىنىڭ بىھۇدە قىلغان بۇ ئىش ئۈچۈن ئاللاھتىن ئەپۇ سورىدى. ئاللا ئۇنى ئەپۇ قىلدى. ئاللا شەپقەتلىك، رەھىمدىلدۇر.
ئەپۇ قىلىش مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن قىلىنغان بىرخىل
ئىلتىپات ۋە مەرھەمەت، شۇنداقلا ئۇنىڭ رەھىمدىل تەبىئىتى ۋە ياۋاش، مۇلايىملىقى ئۈچۈن بېرىلگەن بىر ئىلھام ئىدى. ئۇ ئاللاھتىن ئۆزىنى جىنايەتكارلارنىڭ قولچومىقى بولۇپ قېلىشتىن ساقلاشنى تىلىدى. بىراق ئۇ ئىنسان تەبىئىتى تەرىپىدىن يېڭىلىپ، پۈتكۈل كائىنات ئىگىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشالمىغان بولسىمۇ، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن ئۆزىنى چەتتە تۇتالمىدى. ئۇ ھېلىقى ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن، شەھەردە گويا ئوقيادىن ئۈركۈگەن قۇشتەك دەككە - دۈككىدە يۈردى. تۈنۈگۈن ئۇ قۇتۇلدۇرۇپ قويغان ھېلىقى ئىبرانىي يەنە ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئەيىبلىدى، ئاندىن ئۇنىڭغا ياردەم قىلاي، دەپ تۇرۇۋىدى، ھېلىقى ئىبرانىي مۇسا ئەلەيھىسسالام ئەمدى مېنى ئۆلتۈرىدىغان بولدى، دەپ ئويلاپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن رەھىم قىلىشنى تەلەپ قىلدى ۋە ۋارقىراپ تۇرۇپ: ئى مۇسا! سەن تۈنۈگۈن ھېلىقى ئادەمنى ئۆلتۈرگەندەك مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ ياخشى ئادەم بولۇشنى ئويلىماي، جاھانغا زومىگەر بولۇۋالماقچىمۇ؟ - دېدى.
پىرى ئۇنىڭ ئادەملىرى تۈنۈگۈنكى ئادەمنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقالماي، قاتىلنىمۇ تاپالماي يۈرەتتى، بۇ دەلىل - ئىسپاتلىق ئەيىبلەشنى ئاڭلاپلا، ھېلىقى ئىبرانىينىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇ ئىبرانىي ئەھۋالنى ئۈجۈر - بۇجۈرغىچە ئېيتىپ بەردى. پىرى ئۇنىڭ ئادەملىرى دەرھال توپلىنىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنى تېپىپ قىيما - چىيما قىلىۋەتمەكچى بولدى. لېكىن، ئاللاھنىڭ رەھىم - شەپقىتى كۆزگە كۆرۈنۈپلا تۇراتتى. بىر ئادەم شەھەر تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كېلىپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: - ئەي مۇسا، ئۇلار سېنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەتلەشتى. - دېدى ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامنى دەرھال شەھەردىن چىقىپ، ئەقىل ئىگىسى كۆرسەتكەن يەرگە كېتىشكە ئۈندىدى.
مەديەندە ئورۇنلىشىش ۋە ئۆيلىنىش
بۆلۈم: “مەديەندە ئورۇنلىشىش ۋە ئۆيلىنىش”مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ، دەككە - دۈككە ئىچىدە شەھەردىن قېچىپ چىقتى - دە، ئەزگۈچىلەر قۇۋلۇق - شۇملۇق بىلەن ئۇنى سۈرگۈن قىلىدىغان جايغا قاراپ ئاتلاندى. ئۇ مەدىنە دۆلىتى تەرەپكە قاراپ سەككىز كېچە يول يۈردى، يول ئۈستىدە ئاللاھنىڭ خەير خاھىلىقىدىن باشقا، ئۇنىڭغا يار - يۆلەكتە بولغۇدەك بىرمۇ ئادەم چىقمىدى: ئاللاھنىڭ نۇرىدىن باشقا، ھالىغا يەتكۈدەك بىرەر ھەمراھقىمۇ ئېرىشەلمىدى. ئۇ ئوزۇق - تالقان بار بولغاچقا، ئۆز - ئۆزىنى روھلاندۇرۇپ يېڭىشقىلا مەجبۇر ئىدى. ئۇنىڭ پۇتىدا ئاياغ يوق ئىدى، تاپانلىرى قاپىرىپ تېشىلىپ كەتتى، قورسىقى ئېچىپ دۈمبىسىگە چاپلىشىپ كەتتى.
ئۇ مەدىنە دۆلىتىگە قاراپ كېتىۋاتاتتى، يولدا بىرمۇنچە ئادەملەرنىڭ بىر قۇدۇقنىڭ سۈيىنى تالىشىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتتى. ئىككى قىز ئۆز قويلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ قويلىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشىدىن قورقۇپ قويلىرىنى ھاي - ھۈيلاپ تۇراتتى. بۇ قىزلار ئاشۇ ئادەملەر سۇغا تويۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن قۇدۇق بېشىغا كېلەلەيتتى.
ئاللا پەيغەمبەرنى غەزەپلەندۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئادالەتتى ياقلاپ، ئاجىزلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېلىقى ئىككى قىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇلاردىن:
سىلەر نېمە ئىش قىلماقچى ئىدىڭلار؟ — دەپ سورىدى. — بىز بۇ قىستاڭچىلىقتىن قورقتۇق، — دېيىشتى ئىككى
قىستۇرۇپ چارۋىچىلار كېتىشكەندىن كېيىن، ئاندىن ماللىرىمىزنى سۇغىرالايمىز. دادىمىز قېرىپ ماڭالماس بولۇپ
قالدى. بۇ ئىشقا بىز كەلمەي نېمە ئىلاج!
مۇسا ئەلەيھىسسالام قىلچە ئىككىلەنمەستىن بۇ ئىككى قىزنىڭ چارۋىلىرىنى سۇغىرىشقا ياردەملەشتى. ئاندىن سايىگە بېرىپ، دۇرۇت ئوقۇپ، ئاللاھتىن موھتاجلىق ئىلكىدە تۇرۇۋاتقان بۇ كەمبەغەللەرگە ھېسداشلىق ۋە سىلى - رەھىم قىلىشنى ئىلتىجا قىلدى.
ئىككى قىز پادىلىرىنى ھەيدەپ ئۆيىگە ئادەتتىكى كۈندىن بالدۇر قايتتى. دادىسى ئۇلاردىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىۋىدى. ئۇلار بولغان ئەھۋالنى ئەينەن بايان قىلىپ بەردى. بوۋاي شۇ زامات ئاللاھتىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا مېھىر - شەپقەت تىلىدى. بوۋاي بىر قىزىنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. قىز مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
— دادام سىزنىڭ قويلىرىمىزنى سۇغىرىشقا ياردەملەشكەنلىكىڭىزگە ئالاھىدە مىنىتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆيىمىزگە چاقىردى. — دېدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام قىز بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۆيدىكىلەر ئۇنى ھۆرمەتلىدى. سەمىمىي كۈتۈۋالدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام خۇشال بولۇپ كۆڭلى ئېچىلغان ھالدا، ئۆزى ھەققىدىكى ئىشنى بوۋايغا ئېيتتى. بوۋاي ئۇنىڭغا:
— قورقما، سەن ئەمدى ئۇ نائىتساپنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۇڭ، — دەپ تەسەللى بەردى.
ۋەتەنگە قايتىش ۋە تۇر تېغىدىكى خىتاب
بۆلۈم: “ۋەتەنگە قايتىش ۋە تۇر تېغىدىكى خىتاب”مېھىر - شەپقەتلىك بۇ بوۋاينىڭ ئۆيىدە تۇرغاندىن كېيىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى. بۇ ئەجەبلىندرلىك ئەمەس ئىدى. چۈنكى، بوۋاي بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ
قەلبىدە بىر - بىرىگە ئىشىنىش، سەمىمىي - ساداقەت ئۇرغۇيتتى، ئوخشاش خۇسۇسىيەت ئۇلارنى بىر - بىرىگە مېھرىبان قىلىۋەتكەنىدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاق كۆڭۈل ئىدى، ئاللا ئۇنىڭغا توغرىلىق، ئادىللىق، مېھرىبانلىق ئاتا قىلغانىدى. شۇ ۋەجىدىن، ئۇ بوۋاينىڭ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگە ۋە ياخشىشىغا سازاۋەر بولدى. قىزلارنىڭ قەلبىدە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ كۈچ - قۇدرىتىگە ئىشتىياق قوزغىلىپ قالدى. ئۇلار ئۇنىڭ ئاق كۆڭۈل، ساددا - سەمىمىيلىكىنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى، شۇڭا دادىسىغا:
— دادا، سىز ئۇنى ئىشقا ياللىۋالسىڭىزچۇ! قاۋۇل، سەمىمىي ئادەم ئەڭ ياخشى ئىشلەمچى بولالايدۇ، — دېيىشتى. بوۋاي قىزلىرىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، بۇ گەپلەرگە ئېتىبارسىز قارىماي، مۇساغا چوڭراق ئۈمىد باغلىدى. بوۋاي سالاپەت بىلەن ئولتۇرۇپ مۇنداق دېدى:
ئى مۇسا، مەن ئىككى قىزىمدىن بىرىنى ماڭا بېرىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن، سەن ماڭا ياردەمچى بولغىن، ھىممىتىمگە ئېرىشىپ، پادىلىرىمنى باققىن. مەن سەندىن ماڭا سەككىز يىل ياردەمدە بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەگەر سەن يەنە تېخىمۇ ئۇزۇنراق ياردەم قىلالىساڭ، مەسىلەن، ئىككى يىل دەپ ئېيتايلۇق، ئۇنداقتا، سەن ناھايىتى زور ساۋابلىق ئىش قىلغان بولىسەن، مەن قىزلىرىمنى ماڭا بېرىشكە رازى، ئەلۋەتتە مەن ئۇلارنى مەجبۇرلىيالمايمەن. مۇبادا ئاللا خالسا، بىز سەمىمىي دوستلاردىن بولۇپ قالىمىز.
ئەينى چاغدا، مەدىن دۆلىتىدىكى مۇسا ئەلەيھىسسالام بارارغا ماكانى يوق. يات ئەلدە سەرسان بولۇپ يۈرگەن مۇساپىر ئىدى، ھېچقانداق ئۇرۇق - تۇغقانسىز، تولىمۇ مىسكىن ئۆتەتتى. شۇڭا، ئۇ بوۋاينىڭ تەلىپىنى ئاڭلاش بىلەنلا گويا شېرىن مەي ئىچكەندەك بىردىنلا شادلاندى - دە، دەررۇ بوۋايغا:
— ئى شەپقەتلىك مەۋلانىم، سىزگە ھەمراھ بولۇش مەن ئۈچۈن بەخت، سىزگە ياردەمدە بولۇش مەن ئۈچۈن خۇشاللىق، سىزگە مەدەتكار بولۇش مەن ئۈچۈن پەخىرلىنەرلىك ئىش، — دېدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ كۈنى ئوبدان ئۆتتى، ئۇنىڭ ھايات دەرىخىنىڭ ئۈمىد شاخلىرى كۆكىرىشكە باشلىدى. ئۇ ئەتىگەندىن - كەچكىچە بوۋاينىڭ ئىشلىرىنى چەيدەسلىك بىلەن باشقۇراتتى، ئۇ سەمىمىي، ئىشەنچلىك ۋە تەدبىرلىك ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ بوۋاينىڭ بىر قىزى بىلەن توي قىلدى. بوۋاي ئەڭ ياخشى قويلىرىنى قىزىنىڭ تويلۇق مېلى قىلدى. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالام يۈرتىنى سېغىنىشقا باشلىدى، ئۇنىڭ ئۆز يۈرتىنى سېغىنىشى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە ئىدى.
ھەرنە بولسۇن سۆيىمەن ئۆز ۋەتىنىمنى، بولسىمۇ گەر ئۇندا بەزى سەۋەن - ئىللەت. سۈيى گەرچە بولسىمۇ تاتلىق ئۇنىڭ، سۆيىمەن ۋەتىنىمنى دىلدىن ئەبەد.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى مىسىرغا قايتىش قارارىغا كەلدى. ئۇلار يۈك - تاقلىرىنى تېڭىپ، ئايرىلىشقا قىيىمىغان ھالدا بوۋاي بىلەن خوشلاشتى. بوۋاي ئۇلارغا ئاقيول تىلەپ دۇئا قىلدى. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن جەنۇب تەرەپكە قاراپ يول ئېلىپ، تۈر تېغىغا كەلگەندە يولدىن ئېزىقىپ كەتتى. ئۇلار بەكمۇ دىققەت بولۇپ، نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تەمىنرەپ قالغاندا، ئاللا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا غەمخورلۇق قىلدى، ئۇنى ئۈمىدسىز قالدۇرمىدى.
ئەگەر ئاللاتائالا ساڭا غەمخورلۇق قىلغان بولسا. سەن خەۋپ - خەتەردىن ئەنسىرىمەي بەخىرامان ئۇخلا. ئۇلار كېتىۋاتقاندا، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئالدى تەرەپتىكى تاغ باغرىدا بىر پارچە ئوت كۆرۈندى. ئۇ خوتۇنى ۋە ھەمراھلىرىنى توختىتىپ: — توختاپ تۇرۇڭلار، ئوت يورۇقىنى كۆردۈم. بەلكىم ئۇ
يەردىن سىلەرگە يېگۈدەك بىر نەرسە ياكى چوغ ئېلىپ كېلىشىم مۇمكىن، ئۇ چاغدا سىلەرمۇ ئىسسىنالايسىلەر، — دېدى — دە، ئوت كۆرۈنگەن تەرەپكە قاراپ كەتتى.
جىلغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ئېگىز قىيا ئۈستىدە، سۈبھى تاڭ ئالدىدا، ۋاقىت مېھىر - شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ بۇ پەيغەمبىرىگە تەبەسسۇم ئەيلەۋاتاتتى. بىردىنلا: «مۇسا، مەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللا بولسەن» دېگەن ئاۋاز جاراڭلىدى. دەرۋەقە، ئاللا ئۇنىڭغا ئالدىن ھۆكۈم قىلىشنى ئاتا قىلغان ۋە ئۇنى ئالاھىدە مۇقەددەس ۋەزىپىنى ئادا قىلىشقا ئەۋەتكەندى. ھازىر ئۇ مېھىر - شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ يەنە: «ئەي مۇسا، ئوڭ قولۇڭدا ئېلىپ يۈرگىنىڭ نېمە؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىختىيارى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن پەرقلەنمەيتتى. ئۇ تېخى ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ يەتكۈدەك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇ ئادەتتىكى كىشىلەردەكلا: — قولۇمدىكىسى ھاسا، بۇنى مەن پادا ھەيدەش، بەزىدە باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىۋالدىم، — دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئاللا قولۇمدىكى ھاسىنى نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىمنى سوراۋاتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. ئېھ، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى چەكسىزدۇر! ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئاللاھنىڭ بۇ سوئالى
ئاللا ئۈنىڭدىن ھاسا توغرۇلۇق سورىغاندىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا كۈتۈلمىگەن مۆجىزە نامايان بولدى، ئۇ بۇنىڭدا
ھەقىقىي روشن دەلىل بارلىقىنى سەزدى. بۇ ئاللا ئۇنىڭغا ئالاھىدە تاپشۇرغان ۋە كۆرسەتكەن مۇقەددەس ۋەزىپە ئىدى:
ھەقى دېسەڭ ھەر زامان كۆڭلۈك بولۇر شاد - خۇرام، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش پەرزدۇر ساڭا ھامان.
مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ھاسىسىنى تاشلاش توغرىسىدا ئاللا ئەمر قىلغاندىن كېيىن، ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ھاسىنى تاشلىۋەتتى. بىردىنلا، بۇ ھاسىغا جان كىرىپ، ھاسا سوزۇلۇپ ياتقان يىللانغا ئايلاندى. مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ قورقۇپ قاچماقچى بولۇۋىدى، بۇ چاغدا ئۇلۇغ ئاللاھتىن يەنە: «ئەي مۇسا، قورقۇش بىھاجەت، مېنىڭ ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىمدىن قورقۇشۇڭ ھاجەتسىز.» دېگەن خىتاب كەلدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆكۈملىرى ئەمەلگە ئاشتى، چۈنكى مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆڭلى تىنغاندى. ئاللا يەنە بىر مۆجىزە كۆرسەتتى، ئۇنىڭغا: قولۇڭنى قوينۇڭغا سېلىپ چىقار، دەپ ئەمر قىلدى. ئۇ قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىۋىدى، قولى ئاپئاق بولۇپ قالدى، قولىدا ھېچقانداق كېسەللىك يوق ئىدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنى كۆڭۈل توختىتىپ، پىر ئەۋنىڭ پۇقرالىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ۋە ھەقى تەشۋىق قىلىشقا تەييارلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، رەھىملىك ئاللا بۇ ئىككى مۆجىزە ئارقىلىق ئۆز ئەلچىسى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەمر قىلدى. بۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام شەمشىرىنى سۇغۇرۇپ، نەرە تارتىپ، بارلىق توغرا بولمىغان ئىشلارنى ۋە ھىدايەتكە ماڭمىغانلارنى تارمار قىلىشقا ئاتلاندى.
ئەلچىلىك بۇرچى
بۆلۈم: “ئەلچىلىك بۇرچى”پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرلىرى نىل دەرياسى بويىدىكى دۆلەتتە تۈرۈپ، قىبتلارغا ۋە بەنى ئىسرائىلغا ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. پىرئەۋن پۇقرالارغا زورلۇق - زومبۇلۇق بىلەن تۈرلۈك ئالۋان - ياساق سالدى؛ ئۆزىنى خۇدا دەپ، ئاللاھتىن تەپ تارتماستىن، ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى خەلقلەرنى ئۆزىگە چوقۇنۇشقا مەجبۇر قىلدى؛ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى بىلەن بىللە بەنى ئىسرائىلنى ھاقارەتلەپ، ئۇلارغا ئازاب - كۈلپەت سالدى؛ ئۇلارنى ئىشلەشكە مەجبۇرلىدى؛ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئۈمىد چىرىغىنى ئۆچۈردى. پىرئەۋن قاتارلىق كىشىلەر نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، ئېتىقادتىن يىراقلاشتى، ھىدايەتتىن چەتئىدى.
نۇپۇق يولغا چۈشكەنلەر كەتتى بارغانسېرى يىراقلاپ، بولمىدى ئۇلاردىن بىزگە ئەسلا قىلچە سىيلە - رەھىم.
ئەمدى ئاللا ئۆزى مېھىر - شەپقەت ياغدۇرۇپ، ئادالەت ھەم مەرھەمەت بۇلىقىنى ئاچقاي! شەپقەتسىز زالىملارغا رەھىم قىلىپ ئۇلارغا نۇرلۇق پەلەمپەي تىكلەپ، ھىدايەت يولىنى ئېچىپ بەرگەي، ئۇلارنىڭ زۇلمەتلىك ھاڭىنى يورۇتقاي!
ئاللا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئويغاتتى: «سەن ئىككى مۆجىزىنى ئېلىپ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرىنىڭ ئىچىگە بار، ئۇ مۆجىزىلەر سېنىڭ ئورنۇڭنى كۈچەيتىدۇ. بارغىن، ئۇلارنى زۇلمەت ئىچىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، يورۇقلۇققا باشلىغىن، ھەقىقەت تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئۇنى نىل دەرياسى بويىدىكى بۇ ئەلدە لەپىلدەتكىن؛ ئويغىتىش نۇرىنى چاقنىتىپ، تاڭ ئالدىدىكى زۇلمەتنى قوغلىۋەتكىن.»
مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئاتلىنىشقا ھازىرلاندى. ئاللا ئۇنىڭ قەلبىگە ئېتىقادنى سىڭدۈرۈپ، مۆجىزە ئارقىلىق ئۇنىڭ ئورنىنى كۈچەيتتى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ھېلىقى ئىككى مۆجىزىنى كۆرۈپ تېخىمۇ قورقماس بولۇپ كەتكەندى. ئۇنىڭ پىرى ئەۋن بىلەن كونا ئاداۋىتى بار ئىدى، ئۆتكەندە ئۇلار ئۇنى قوغلاپ - سۈرۈپ، ياقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇشقا مەجبۇر قىلىشقاندى. ئۇ ۋەتىنىنى قاتتىق سېغىنغاندى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۈمىد ئۇچقۇنى پارلىدى. گەرچە ئۇنىڭ ۋەتىنى ناھايىتى يىراقتا بولسىمۇ، ئاللا ئۇنى چاقىرماقتا، ئۇنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلىمەكتە ئىدى. ئۇ ئىلگىرى ھەيدىۋېتىلگەن يەرگە ماڭاي دەپ تۇراتتى. ئۇزاقتىن بۇيان نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان ئۇنىڭ ئەركىنلىك غايىسى مانا ئەمدى قانات قېقىپ پەرۋاز قىلىدىغان بولدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبى ئاللاھقا بولغان ھۆرمەت ۋە تەۋەززۇ بىلەن تولۇپ تاشتى. ئۇ: «ئى رەببىم! بۇرۇن مەن ئۇلارنىڭ بىر ئادىمىنى ئۆلتۈرگەچكە، مەن ئۇلاردىن، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن، دەپ قورقاتتىم» دېدى. ئۇ ئاللاھتىن ئۆزىگە تەسەللى بېرىشنى ۋە ئۆز ئورنىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلىپ بۇ گەپنى قىلدى. ئاللا ئۇنىڭغا ھېكمەتلىك سۆز قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈمىد چىرىغىنى ياندۇرۇپ، غايىۋى يولىنى ئېچىپ، ئۇنى ئىشەنچ ۋە شادلىققا چۆمدۈردى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ يارلىقى بىلەن پىرى ئەۋننىڭ ئالدىغا باردى. ئۇ تەمكىن ئىدى، ئۆزىنىڭ ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ بىر مەھەل دېلىغۇل بولۇپ، چوڭقۇر ئوي - خىيالغا چۆمۈپ، ئاللاھنىڭ يېشارىتى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغىلى تاس قالدى. ئۇ گەپ قىلسا تىلى چېنىپ، راۋۇرۇس سۆزلىيەلمەيتتى. چۈنكى، زىمىنىدىكى بۈك ناھايىتى ئېغىر ئىدى. شۇڭا ئۇ ئاللاھقا ئىلتىپا قىلدى: «ئى رەببىم، ماڭا كۆڭلۈڭنى كەڭ تۇتۇپ، بۇ زور
ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئېلىشقا ئىمكان بەرگەيسەن. مېنى مۇنازىرىگە ئۇستا سۆزمەنلەردىن قىلىپ، ئاغزىمدىن چىققان سۆزلىرىمنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە تەسىر قىلغۇدەك ھالغا كەلتۈرگەيسەن. ئى رەببىم، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىمدىن ئاكام ھارۇننى ماڭا ياردەمچى قىلىپ بەرگەيسەن.»
ئاللا بۇ پەيغەمبەرنىڭ تەلىپىنى قوبۇل كۆرۈپ، ئۇنىڭ تەشەببۇسىنى قوللىدى. ئاللا ئۆز ئەلچىسىنى ھۆرمەتلەيتتى، ھەقىقەت يولىدىكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلەتتى. ئاللا شۇ چاغدا مىسىردىكى ھارۇنغا بېشارەت بەردى. ھارۇن ھەقىقەتنى تەشۋىق قىلغۇچىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، دەرھال يولغا چىقىپ، تاغنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىنىسى بىلەن ئۇچراشتى. شۇنداق قىلىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئارقا تىرەككە ئىگە بولدى، كۆڭلىمۇ پۈتۈنلەي تىندى. ئاللا ئۇنىڭ تىلىگەنلىرىنى ئىجابەت قىلىپ بەردى.
ئاللا مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇنىڭ ئاكىسى ھارۇنغا مۇنداق دەپ بېشارەت بەردى: «پىر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىڭلار، ئۇنىڭغا ئوچۇق چىراي بىلەن مۇلايىم سۆزلەڭلار، ئۇنىڭغا كەڭ قورساقلىق قىلىڭلار، ئەدەپلىكرەك بولۇڭلار، مۇئامىلەڭلەرنىڭ يۇمشاقلىقى ئۇنىڭ رەھىمسىزلىكىنى ئازايتىشى، خورىكىنى چۈشۈرۈشى مۇمكىن. ئۇنىڭ دۆتلۈك قىلىپ سىلەرگە زەربە يېرىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئۇنىڭ ھىيلە - مىكىر، قۇۋلۇق - شۇملۇق ئىشلىتىشىگە ئىمكان بەرمەڭلار، ئۇنى ئۆز تەختىدىن ئەنسىرەتمەڭلار، ئۇنىڭ بىلەن توقۇتۇشۇپمۇ قالماڭلار.»
دىيانەتلىك، ئەدەپلىك بولۇشنى ئالەمنىڭ ئىگىسىدىنمۇ بەك سۆزلىيەلەيدىغان، سۆزدە ئۇنىڭدىنمۇ مۇلايىم، سۆزى ۋە ھەرىكىتى ئۇنىڭدىنمۇ مۇۋاپىق كىم بولسۇن؟
پىر ئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى باققان ئەمەسمىدى؟ شۇڭا مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا سۆزدە مۇلايىم، سىلىق بولۇشى كېرەك.
«ئەي مۇسا! - دېدى ئاللا، - سەن ئاكاڭ بىلەن بىللە
سېنىڭ ئالامەتلىرىنى ئېلىپ پىرىمەن ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرى ئارىسىغا بېرىپ ئۇلارغا ئاستا - ئاستا تەشۋىق قىل، ئۇنىڭغا: بىز سېنىڭ ئىگەڭنىڭ ئەلچىلىرى، دەپ ئېيت، ئۇنىڭدىن خورلانغان، جازالانغان بەنى ئىسرائىلنى قويۇپ يېرىشنى تەلەپ قىل. « مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاكىسى بىلەن مىسىرغا بېرىپ، پىرىمەننىڭ ئالدىغا كىردى. پىرىمەن ئۇلارنى سەل چاغلاپ كۆزگە ئىلمىدى. بىردەم ئۆتكەندىن كېيىن پىرىمەن: — سەنىمۇ شۇنداق بولۇپ كېتىپسەن، مۇسا. بىز سېنى كىچىك چېغىڭدا باققان ئەمەسمىدۇق؟ ئارىمىزدا كۆپ يىللار تۇرغانىدىڭ… دېدى.
سەن، دېدى مۇسا ئەلەيھىسسالام. — مېنى باققانلىقىڭنى ئاغزىڭغا ئېلىپ، مېنى ۋاپاسىزلىق قىلدى، دەپ ئەيىبلەۋاتىسەن، سەن بۇنى ماڭا قىلغان ئىلتىپات دەپ قارامسەن؟ ئەجەبا، بۇ سېنىڭ دىيانەتسىزلىك قىلىش، بەنى ئىسرائىلنى قۇل قىلىشتىكى سەۋەبلىرىڭىمۇ؟…
سەن ھەقىقەتەن ۋاپاسىز ئىكەنسەن، — دېدى ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرغىباتىنى رەت قىلدى. — سەن نېمىلا قىلغان بولاي، يولدىن ئاداشقۇچى ئىدىم، — دېدى مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرىمەننىڭ، — سەن سېنىڭ زوراۋانلىقىڭدىن قورققاچقا، سەندىن ئايرىلدىم، نەتىجىدە، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا، شەپقىتىگە ئېرىشتىم، ئۇ ماڭا بىلىم، ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلىپ، مېنى دىن تارقاتقۇچىغا ئايلاندۇردى. بۇ چاغدا، پىرىمەن سۆھبەت دەرۋازىسىنى تاقىۋالدى، ئۇ ئاللاھقا ئىشەنمەسلىكنى خاتا ھالدا ئامان - ئېسەن بولۇشنىڭ يولى، دەپ قارىدى - دە، بىردىنلا:
— ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى دېگەن نېمىكەن ئۇ؟ — دېدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام:
ئەگەر سەن شەيئىلەر توغرىسىدىكى ھەقىقەتكە ئىشىنىدىغان بولساڭ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەسىرىنى چۈشىنەلەيسەن،
مېنىڭ ئىلاھىنىڭ ھەممىنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيدىن، ئۇ يەر، ئاسمان ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەممىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. — دېدى.
پىرىئون غەزەپلەندى، ئەتراپىدىكىلەرنى مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن نەپرەتلىنىشكە، ئۇنى ئەيىبلەشكە قۇتراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
— ئەي خالايىق، ئاڭلىدىڭلارغۇ؟ مەن مۇسادىن ئۆز پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى سوراۋاتسام، ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىنى دەۋاتىدۇ.
— مېنىڭ پەرۋەردىگارىم سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلار، ئەجدادىڭلارنىڭمۇ پەرۋەردىگارى، مەغرىب بىلەن مەشرىقنىڭ ۋە مەغرىب بىلەن مەشرىق ئارىلىقىدىكى ھەممە ئەخلۇقاتنىڭ پەرۋەردىگارى، ئەگەر سىلەر بۇنى چۈشەنسەڭلار، ئەھۋالنى بىلەلەيسىلەر.
پىرىئون ئورنىدا ئولتۇرالماي گاڭگىراپ، نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى - دە، قاتتىق غەزەپلىنىپ، قۇيقا چېچى تىك تۈردى، ئۇ مۇنازىرىدە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەڭ كېلەلمىگەندىن كېيىن، شۇملۇق ۋە ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىپ، ئۆز ھوقۇقىنى ھىمات قىلدى. ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا:
— ناۋادا سەن مېنى ئىلاھلىققا تاللىمايدىغان بولساڭ، زىندانغا تاشلايمەن. — دېدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام قىلچە پەرۋا قىلماستىن، يەنىلا ئۆز تەشۋىقاتىنى تەمكىن داۋاملاشتۇرۇپ شۇنداق دېدى:
— مەن ساڭا بىر دەلىل - ئىسپات كۆرسىتەي، بۇ رەت قىلىشقا بولمايدىغان ۋە كىشىنى قايىل قىلىدىغان بىر مۇجىزە، بۇ مۇجىزە سېنىڭ كۆڭلۈڭىدىكى بارلىق شەك - گۇماننى چىقىرىۋېتەلەيدۇ…
ئەگەر ئېيتقانلىرىڭ راست بولىدىغان بولسا، قېنى دەلىل - ئىسپاتلىرىڭنى كۆرسىتىپ باق، دېدى پىرىئون.
ھاسا ۋە نۇرلۇق قول مۆجىزىلىرى
بۆلۈم: “ھاسا ۋە نۇرلۇق قول مۆجىزىلىرى”مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلۈكى، يۈرۈش - تۇرۇشنىڭ توغرىلىقى بىلەن، ھەممىدىن ئۈستۈن ۋە ھەممىدىن ئۈلۈغ ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ۋە پاناھ بولۇشىغا ئىگە ئىدى. ئۇ چاغدا قىبتلار ئىچىدە سېھىر - جادۇگەرلىك كەڭ تارقىلىپ، ئۇلار شۇ ھۈنىرى بىلەن شۆھرەت تاپقانىدى. بۇ سېھىر - جادۇچىلارنىڭ ھۈنىرى بۇرۇنمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆرۈلمەيدىغان ئاجايىپ، مىللىسىزدەرىجىگە يەتكەنىدى. ئاللامۇ كىشىلەرگە دەل مۇشۇ جەھەتتىن مۆجىزە كۆرسىتىپ، ئۇلاردىكى ھەيرانلىق ۋە شۈبھىلىنىش ئالامەتلىرىنى چىقىرىپ تاشلىماقچى، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز ھۈنىرىگە ئوخشاش ھۈنەر بىلەن ئۇلارنى قايىل قىلماقچى بولدى.
ئاللا مۆجىزىنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىغا تاپشۇردى. بۇنداق كارامەت ئادەتتە ئۇچراپ تۇرىدىغان سېھىر - جادۇغا ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ئۇنى كۆرسە ھەيرانۇھىس قالاتتى. ئاللاھنىڭ سۆزى چەكسىز ئۈلۈغ ۋە ھەممىدىن ئۈستۈندۈر، پىر ئەۋەتىپ ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىلغان سۆزلىرى بولسا، ھېچنىېمىگە ئەرزىمەيدىغان قۇرۇق گەپتۇر. ئاللا گۇمراھلارغا ھىدايەت قىلمايدۇ.
مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسىنى يەرگە تاشلىغاندا، ئاللا ھاسىغا ئاجايىپ پىر خىل سېھرىي كۈچ ئاتا قىلدى - دە، ھاسا شۇ ھامان ئاقۇچ يىلانغا ئايلاندى. پىر ئەۋەتىپ بۇنى كۆرۈپ قاتتىق قورققان بولسىمۇ، يەنىلا تەكەببۇر قىياپەتتە تۇرۇپ:
— يەنە باشقا كارامەتنىڭ بارمۇ؟ — دەپ سورىدى. ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئەمدى دەسمايىسى غالتەككە چىقىپ بولدى. كۆرسىتىلىدىغان مۆجىزىسىمۇ مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ، دەپ ئويلىمىغانىدى. لېكىن بۇ پەيغەمبەر قولىنى قوينىغا سېلىپ
چىقىرىۋىدى. ئۇنىڭ قولدىن چاقنىغان نۇر ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ. تەرەپ - تەرەپكە چېچىلىپ، ئۇپۇققىچە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن پىرى ئەۋن زۇۋانى تۇتۇلۇپ، قايغۇغا چۆمدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مال - مۈلۈك ۋە تەختىنى ساقلاپ قېلىشقا تەشنا بولسىمۇ، بۇ كارامەت مۆجىزە ئالدىدا خۇدىنى يوقىتىپ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىيجاناب خوجايىن، قۇل - چاكارلىرى نەزەرىدىكى ئىلاھ ئىكەنلىكىنى يادىدىن چىقىرىپ، ئۇلار بىلەن بىللە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا يېلىنىپ - يالۋۇرۇشقا، خۇشامەت قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، يەنە ئاستىرىنى سۈيىقەست ئىشلىتىپ، كىشىلەرنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا يامان كۆزى بىلەن قاراشقا قۇترىتىپ، ساختىلىققا ۋە ئالدامچىلىققا پاك ھەقىقەت تونىنى كىيدۈرمەكچى بولدى. پىرى ئەۋن قۇتراتقۇلۇق بىلەن:
- ئى خالايىق، بۇ ئىككىسى جادۇگەرلەر ئىكەن، ئۇلار سېھىر - جادۇ بىلەن سىلەرنى بۇ ئەلدىن ھەيدەپ چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇنى سىلەر قانداق قىلىسىلەر؟ - دېدى. پىرى ئەۋننىڭ ئەگەشكۈچىلىرى:
بۇ گەپ دەل پىرى ئەۋننىڭ ئويلىغان يېرىدىن چىقتى. ئۇ تازىمۇ بىئەپ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا، بىردىنلا بۇ ساختا گەپكە چىڭ ئېسىلمۇۋالدى - دە، قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇش ئۈمىدىنى مۇشۇ يوقىلاڭ گەپكە باغلىدى.
پىرى ئەۋن ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلىپ، تەرەپ - تەرەپتىن جادۇگەرلەرنى چاقىرتىپ كەلدى. ئۇ تەختنىڭ قولدىن كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى، گۇمانخورلۇق، ۋەھىمە ئۇنىڭ قەلبىنى ئازابلايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىغىنىدا ئىختىيارسىز تىترەپ كېتىشتى. ئۇ ئېھتىياتچانلىق، ئەمما قۇۋلۇق بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا:
— ئى مۇسا، سېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىڭ جادۇگەرلىك قىلىپ، بىزنى ئۆز دۆلىتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىش ئىكەن — دە! — دېدى.
پىر ئەۋىنىڭ يۈرىكى پوكۇلداپ، بىئاراملىق ۋە تاقەتسىزلىك ئىچىدە قالدى. ئۇ ئۆتكەندە ئۆزىنى قالتىس دانىشمەن چاغلاپ، ھېچنىېمىنى كۆزگە ئىلمىغان ئەۋلىيا ئەمەسمىدى؟ كۈچ — قۇدرەتلىك، سۆز — ھەيۋەتلىك پادىشاھ ئەمەسمىدى؟ مانا ئەمدى ئۇ ئاللا تەرىپىدىن سىرلىق كۈچ ئاتا قىلىنغان بىر ئاددىي كىشى ئالدىدا مانا مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
پىر ئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا:
— بىز بىر كۈننى بېكىتەيلى، سەنمۇ لەۋزىڭدىن يېتىۋالما، بىزمۇ ۋەدىمىزگە خىلاپلىق قىلمايمىز، — دېدى.
سەن بېكىتكەن ئۇ كۈن ھېيت كۈنى بولىدۇ، — دېدى مۇسا ئەلەيھىسسالام. — كىشىلەر زامانغا لايىق باسىنىپ بىر يەرگە جەم بولىدۇ، ئۇ كۈن ھەقىقەت دۇنياغا ئاشكارا بولىدىغان كۈندۈز. پىر ئەۋن جىمى جادۇگەرنى شۇ كۈنگە ئۈلگۈرتۈپ ئەكېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ جىددىي ھەرىكەتلەندى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە يەنە ئازراق ئۈمىد ساقلىنىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۆز تەختىگە ھېرىسەنلىكى ئۇنى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر ئېلىشىپ كۆرۈشكە ھەمدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرغىباتى ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۆتەيتتى. لېكىن، توزۇغان توپا — چاڭنىڭ ئاسماندىكى قۇياشنى توسۇۋېلىشى تەس، ئەلۋەتتە! ھىدايەتتىن ئايرىلغان تەختنىڭ ھەققانىيەت كۈچىنى ئاجىزلىشمەن، دېيىشى خۇددى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاندەك ياكى دەرەخ بېشىدىن بېلىق ئىزدىگەندەك ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش. مۇسا ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن جادۇگەرلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
— مۇبادا سىلەر ئاللانى كەمسىتىدىغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار ھالاك قىلىسىلەر. سىلەر ئاللاھنىڭ
— ئى مۇسا، سېنىڭ بۇ يەرگە كېلىشتىكى مەقسىتىڭ جادۇگەرلىك قىلىپ، بىزنى ئۆز دۆلىتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىش ئىكەن - دە! — دېدى.
پىر ئەۋىنىڭ يۈرىكى پوكولداپ، بىئاراملىق ۋە ناقەتسىزلىك ئىچىدە قالدى. ئۇ ئۆتكەندە ئۆزىنى قالتىس دانىشمەن چاغلاپ، ھېچنىېمىنى كۆزگە ئىلىمغان ئەۋلىيا ئەمەسمىدى؟ كۈچ - قۇدرەتلىك، سۈر - ھەيۋەتلىك پادىشاھ ئەمەسمىدى؟ مانا ئەمدى ئۇ ئاللا تەرىپىدىن سىرلىق كۈچ ئانا قىلىنغان بىر ئاددىي كىشى ئالدىدا مانا مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.
پىر ئەۋن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا:
— بىز بىر كۈننى يېكىتەيلى، سەنمۇ لەۋزىڭدىن يېنىۋالما، بىزمۇ ۋەدىمىزگە خىلاپلىق قىلمايمىز، — دېدى.
— سەن يېكىتكەن ئۇ كۈن ھېيت كۈنى بولىدۇ، — دېدى مۇسا ئەلەيھىسسالام. — كىشىلەر زامانغا لايىق ياسىنىپ بىر يەرگە جەم بولىدۇ، ئۇ كۈن ھەقىقەت دۇنياغا ئاشكارا بولىدىغان كۈندۈر. پىر ئەۋن جىمى جادۇگەرنى شۇ كۈنگە ئۈلگۈرتۈپ ئەكېلىش ئۈچۈن، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ جىددىي ھەرىكەتلەندى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە يەنە ئازراق ئۈمىد ساقلىنىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۆز تەختىگە ھېرىسمەنلىكى ئۇنى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر ئېلىشىپ كۆرۈشكە ھەمدە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرغىباتى ئۈستىدىن غالىب كېلىشكە ئۈندەيتتى. لېكىن، توزۇغان توپا - چاڭنىڭ ئاسماندىكى قۇياشنى توسۇۋېلىشى تەس، ئەلۋەتتە! ھىدايەتتىن ئايرىلغان تەختنىڭ ھەققانىيەت كۈچىنى ئاجىزلىتىمەن، دېيىشى خۇددى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاندەك ياكى دەرەخ بېشىدىن يېلىق ئىزدىگەندەك ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش. مۇسا ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن جادۇگەرلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
— مۇبادا سىلەر ئاللانى كەمسىتىدىغان بولساڭلار، ئۇزۇڭلارنى ئۇزۇڭلار ھالاك قىلىسىلەر. سىلەر ئاللاھنىڭ
بۇجۇرىسىنى سېھىر - جادۇ دەۋالدىڭلار. سىلەر پىرىمەۋىغا پارلاق يۈرۈقلۈقنى ۋە دەلىل - ئىسپاتلىق ھەقىقەتنى بىلدۈرمەستىن. ئەكسچە، سېھىر - جادۇ ئىشلىتىش ئارقىلىق مېنى باش ئېگىشكە ساياھەت بولدۇڭلار. ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭلار! كىمكى ئاق - قارىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىدىكەن. ئۇنىڭ كۈتكىنى ئۆزۈسىنىڭ ئەكسچە بولىدۇ، چوقۇم گۈمران بولىدۇ.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى ھەققانىي سادا سۈپىتىدە جادۇگەرلەرنى لەرزىگە كەلتۈردى ۋە ئۇلارنى غاپىللىقتىن ئويغىنىپ، ساختىپەزلىكنى تاشلاپ، ھىدايەتنى ئېنىق تونۇۋېلىشقا دەۋەت قىلدى.
جادۇگەرلەر پىرىمەۋىنىڭ يۈيرۈقى بويىچە بىرىمۇ قېپقالماي تولۇق مەيدانغا چۈشتى. قوللىرىدا بىردىن ئارغامچا، بىردىن كالتەك تۇتۇشقان بىرەر مىڭدەك جادۇگەر مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ھەيۋە قىلىشتى. تېخى ئۇنىڭ ئاكىسى ۋە تاماشىبىنلارغىمۇ پوپوزا قىلىشتى.
پىرىمەۋى ئاتارمەن - چاپارمەنلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ھەدەپ ۋارقىراپ، سېھىر - جادۇگەرلەرنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، قوي قۇربانلىق قىلىدىغان چاغدا كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە كۈشكۈرتتى.
كىشىلەردە، جادۇگەرلەر غەلىبە قىلىسكەن، دەيدىغان ئۈمىد بارغانسېرى ئۇلغايدى. ئۇلار نادان، بىخۇد بولغاچقا، توغرا پىكىر قىلالمايتتى.
جادۇگەرلەر قىتىغا پاتمىغان ھالدا كۆرەڭلىشىپ پىرىمەۋىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئۇلار ئۆزلىرىچە چەك مەيدانىدىكى قەھرىمانلار، بەيگىدىكى ئارغىماقلار ئىدى، كىشىلەرنىڭ ئۈمىدى ئاشۇلاردا ئىدى.
① قۇربان ھېچنىڭ چۈشىن تىلگىرىكى ۋاقىتى دىكىبى.
ھەق بېرىمەن. ئاياللارنىمۇ سوۋغات قىلىمەن. — دېدى. بىر ئەۋن. — مېنىڭ قانات ئاستىمدا راھەت - پاراغەتتە ياشايسىلەر. شان - شۆھرەت، دۇنيا - دۆلەتكە ئىگە بولسىلەر، چۈنكى سىلەر كۈچۈمگە كۈچ قوشتۇڭلار!
جادۇگەرلەر بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭۈل توختاتتى ۋە بىر ئەۋنغا قەدەھ تۇتتى، ئاندىن ئۇلار مەيدانغا چىقىپ مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن:
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سېھىر - جادۇسىغا پىسەنت قىلمىدى، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنىمۇ مەنسىتمىدى. ئۇ ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ھۈنەر كۆرسىتىشىگە قوشۇلدى. ئارقىدىنلا ئاللا ئۇنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسەتمەكچى بولدى.
جادۇگەرلەر ئالدىغا بىر ئوقچۇپ قولىدىكى نەرسىلىرىنى يەرگە تاشلىۋىدى، بۇ نەرسىلەر بىردىنلا ۋىشىلداپ كېتىۋاتقان يىللانغا ئايلاندى. مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇنى كۆرۈپ كۆڭلىدە، كىشىلەر بۇنداق ساختا ھادىسىدىن قايمۇقۇپ كېتەرمۇ، تەرغىباتىمغا تەسىر يېتەرمۇ، دەپ ئەنسىرەپ، ئىختىيارسىز كۆڭلى سوۋۇپ مەيۈسلەنگەندەك بولدى. لېكىن ئاللا ئۇنى قوغدىماقتا، ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلماقتا ئىدى. ئاللا ئۇنىڭغا شۇنداق خىتاب قىلدى: — سەن قورقما، مېنىڭ كۈچ - قۇدرىتىڭ ئەڭ چوڭ، ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىگە پىسەنت قىلما، قولۇڭدىكى ھاسىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ئەڭ چوڭ، ئۇنى تاشلىغىن.
ئاللاھنىڭ كۈچ - قۇدرىتى بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىنى جادۇگەرلەر سېھىر بىلەن پەيدا قىلغان چوڭ يىللانى بىردىنلا دەم تارتىپ يۆتۈۋەتتى. جادۇگەرلەر ئىغۋا تېرىپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تۆھمەت چاپلاشتى ھەم ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىشتى. ئاخىر ئالدامچىلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالماي لەت بولۇشتى.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يەرگە تاشلىغان ھاسىنى
جادۇگەرلەرنىڭ ساختا نەرسىلىرىنى بىر - بىرلەپ دەم تارتىپ، ئۇلارغا ئاجايىپ بىر مۆجىزە كۆرسەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تۇيۇق يول ئىچىدە تۇرۇپ ھىدايەتتى، ھەقىقەتنى ئېنىق تونۇۋالدى، جادۇگەرلەر يۈكۈنۈپ تۇرۇپ، ئىلگىرىكى قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ، ھەقىقەتكە تەن بېرىپ، بايىقى ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشكە ھەيرانۇھەس بولۇشتى.
بىر ئەۋەتىڭ قەلبىدە بىردىنلا ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ ئۇرغۇدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتتۈرۈپ قويغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئەسلىدە ئۇ تۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمرانلىق كۈچىنى كۈچەيتمەكچى ئىدى. بىراق، كۈتۈلمىگەندە چىققان قارا بوران ئۇنىڭ ساختىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان سەلتەنەتلىك تەختىنى ئۇرۇۋەتتى - دە!
بىر ئەۋەتى ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش، تارتقان ئىزا - ئاھانەتنىڭ ئارايىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، جادۇگەرلەرگە مۇنداق دېدى:
— سىلەر ئۇنىڭغا ئىشتىنۋاتامسىلەر؟ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنماقچى بولۇۋاتامسىلەر؟ مەن تېخى ئۇنىڭغا قايىل بولمىدىم.
سىلەر ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىپ قويغانمىدىڭلار؟ سىلەرگە سېھرىگەرلىكنى ئۆگەتكەن ئۇستا شۇ ئىكەن - دە. سىلەر ئۇنىڭ
بىلەن پۈتۈشۈۋېلىپ يۈرىكىڭلارنى قاپتەك قىلىپ، مەن يول قويغان
ئائىرىدىن ھالقىپ كەتتىڭلار. سىلەر ئۆز ۋەدەڭلەرنى يەر بىلەن پەكمان قىلدىڭلار. مەن سىلەرنىڭ سول قولۇڭلار بىلەن ئوڭ
پۈتۈڭلارنى كېسىپ تاشلاپ، سىلەرنى خورما دەرىخىگە مىخلايمەن، سىلەرگە جازا بېرىمەن. چۈنكى سىلەر مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا
بىۋاپالىق قىلىپ، قانۇنۇمنى بۇزدۇڭلار، مەن پاكىت ئارقىلىق سىلەرگە كۈچ - قۇدرىتىمنى، يامانلىقمنى بىلدۈرۈپ قوياي!
لېكىن، ئىمان كەلتۈرگەن بۇ ئادەملەر ئېتىقاد كۈچى ۋە ئالدىن قىلىنغان ھۆكۈم بىلەن مەھكەم بىرلەشكەندى. ئاللا
ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن ساختىلىق ۋە ئەپسانىلىكنى چىقىرىپ تاشلاپ،
ئۇلارنى توغرا يولنى بويلاپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى. ئۇلار بىر ئەۋەتىغا دېدى:
— سېنىڭ ماڭغان يولۇڭ بىلەن ماڭساق بىزگە پايدىسى يوق، سېنىڭ نەپسىڭنى قاندۇرساقمۇ، ئۇنىڭ بەدىلىگە سەندىن ئەپ ئالالمايمىز. بىز ئەمدى سېنىڭ ئۆزۈڭنى شانلىق قۇياش ۋە دەلىل - ئىسپاتلىق ھەقىقەت ئۈستىگە قويۇشۇڭغا يول قويالمايمىز. سەن بىزگە ئادەم قورقۇتىدىغان يوغان گەپلەرنى قىلالماڭمۇ، بىزگە خالىغانچە تەھدىت سالالماڭمۇ، بۇ قىلغانلىرىڭ سېنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىقىڭىنىلا بىلدۈرىدۇ، خالاس. بىز ئۆز ئىگىمىزگە ئىشىنىمىز، ئۇنىڭدىن بىزنى سېنىڭ زۇلمۇڭغا دۇچار قىلماسلىقىڭنى تىلەيمىز. ئاللا ئەڭ رەھىملىكتۇر.
