Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

شۇئەيب ئەلەيھىسسالام

This content is not yet available in your language.

مەدىنلىكلەر شام چېگراسىدىكى مىئەنا دېگەن يەرگە جايلاشقان ئەرەبلەر ئىدى. ئۇلار ئاللاھقا ئېتىقاد قىلماي، كۆپ خۇدالىق دىنغا ئېتىقاد قىلاتتى، ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخ قويۇق ئۆسكەن ئورمانلارغا چوقۇناتتى. ئۇلار باشقىلارغا زىيان سېلىپ، ئۆزلىرى پايدا ئالاتتى، سودا - سېتىق ئىشلىرىدا ئادىل ئەمەس ئىدى، ئېلىشتا كۆپ ئېلىۋېلىپ، يېرىشتە كەم بېرەتتى.

ئاللا شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى ھەم ئۇنىڭغا مۆجىزە بىلەن ياردەم قىلدى، مەدەت بەردى. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام مەدىنلىكلەرگە ئاللاغىلا ئېتىقاد قىلىش، ئىشتا ئادىل بولۇش ھەققىدە تەشۋىق قىلدى. ئۇلارغا باشقىلارنى بوزەك قىلما، جازالىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە ئۇلارنى ئاللاھنىڭ قىلغان مەرھەمىتىنى - ئۇلارنىڭ قولى ئۈزۈك چاغدا ئاللاھنىڭ ئۇلارنى بېيىتقانلىقىنى، نامرات بولۇپ قالغاندا ئاللاھنىڭ ئۇلارنى باياشات تۈرمۈشقا ئىگە قىلغانلىقىنى، ئەگەر ئۇلار ئاللاھنىڭ تەلىمىگە ئەگەشمىسە ۋە قۇلاق سالمىسا، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە قالىدىغانلىقىنى ئېسىدە مەھكەم تۇتۇش توغرىسىدا ئۈزلۈكسىز ئاگاھلاندۇردى. مەدىنلىكلەر شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىگە دىسغىدا كۆلۈپ قويدى، تېخى مەسخىرە قىلىپ زىتىغا تەگدى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى:

  • ئەي شۇئەيب، سەن بىزنى ئۆزۈك ھەمىشە ئىبادەت قىلىۋاتقان ۋە ئاتا - بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ باقمىغان ئاشۇ نەرسىگە چوقۇندۇرماقچى بولۇۋاتامسەن؟ بولدى قوي، بىزنى ئۆز مەيلىمىزگە قويۇۋەت! بىز ئۆزىمىزنىڭ بېيىش يولىمىزدا

ماڭىمىز. سەن زېرەك. ھوش - كاللاڭ جايىدا ئادەم. ئەزەلدىن كۆڭۈل - كۆكسۈڭ كەڭ. سەن قانداق قىلىپ بىزنىڭ يۈرۈنلا ئادەتلەنگەن ھەم داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان قانۇنىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرالايمەن؟

شۇئەيب ئەلەيھىسسالام بۇ گەپلەرگە ئاچچىقلانماي. مۇلايىم ھالدا ئۇلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىگە ھۆرمەت قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ بۇ سەمىمىي نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىپ. ساۋابلىق ئىش قىلىش يولىغا مېڭىشنى تەلەپ قىلاتتى.

ئۇ ئۇلار بىلەن ئىناق ئۆتكەن چاغلاردا، ئەمدى پۇرسەت كەلدى دەپ بىلىپ. ئۇلارغا ئۆزىنىڭ دەلىل - ئىسپاتقا ھەم ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەنلىكىنى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىر ئېقىمدا ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى، ئۆز مەسئۇلىيىتىدىنمۇ ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەتتى. ئۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ھىدايەتتىن پېشارەت بەرگەنلىكىنى، ھەقىقەتنى ئۆگەتكەنلىكىنى ۋە مېھىر - شەپقەت قىلغانلىقىنى. شۇڭا بۇ پېشارەت بىلەن ھەقىقەتنى ھارماي - تالماي تەشۋىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلايتتى. ئەمما ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا ھەرگىز زورلىمايتتى. بەلكى ئىختىيار قىلغان ھالدا بەيئەت قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى.

مەدىيەنلىكلەر ئارىسىدا شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ مېھرىبانلىقى بىلەن شۆھرەت تېپىپ. دانالىقى بىلەن نام چىقارغانىدى. ئۇ كىشىلەرگە ھىدايەتنى كۆرسىتەتتى. ئەمما ھەق تەلەپ قىلمايتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ بەخت - سائادىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرەتتى. كىم شۇنداق قىلسا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ ۋە ئۇنى ئۈلگە قىلىدۇ. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام نەپسانىيەتچىلىكتىن خالىي ئىدى. ئىش بېجىرگەندىمۇ باشقا غەرەزدە بولمايتتى.

ئۇنىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرى قۇسۇرسىز بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرىدىن كىشىلەرنىڭ بىزار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا زىت يول تۇتۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇراتتى. ئۇ

ھەسەتخورلۇق، نائىناپلىق، تەكىبۈرلۇق ۋە غەزەپ - نەپرەتنىڭ ۋەسۋەسىسى ئۇلارنى مەن بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى خالىمايدىغان ھالغا كەلتۈرگەن بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى - دە، ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى، ئۇلارغا يامانلىق قىلىۋېرىش ۋە گۇناھ قىلىشنىڭ پايدىسى يوقلۇقىنى، ئاللاھقا توۋا - ئىستىغار ئېيتىپ، ئاللاھنىڭ جازالىشىدىن قۇتۇلۇش لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ تۇردى.

شۈئەيب ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ چىرىك ئېتىقادىنى كۆرسىتىپ، بۇنداق كېتىۋەرسە، جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇ نۇرغۇنلىغان دەلىل - ئىسپات ۋە ئاللاھنىڭ پاك، ئېنىق بېشارىتىنى نەقىل كەلتۈرگىنىدە، مەدەنلىكلەر ئۇنى زاڭلىق قىلىپ كۈلدى، ھەتتا تىللىدى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: — بىز سېنىڭ مەقسىتىڭنى چۈشىنەلمىدۇق، سېنىڭ بۇ گەپلىرىڭ بىزنى تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ ۋە بىزنىڭ كۆڭلىمىز گىمۇ ياقمايدۇ، بىز ساڭا يەنىلا بىزنىڭ چىشىمىزغا تەگمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز. سەن تېگىڭ پەس، چاكىنا ئادەم، ماڭ، كۆزىمىزدىن يوقال، بولمىسا، كۆرگۈلۈكىڭنى كۆرسىتىمىز.

ئەمما شۈئەيب ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئۆكتەملىكلىرىگە قىلچە باش ئەگمىدى، ساختىلىققا ھەققانىيەت بىلەن تاقابىل تۇردى، يالغان - ياۋىداق ئەپسانىلەرگە پاكىت ئارقىلىق رەددىيە بەردى. ئاللاھنىڭ يار - يۆلەكتە بولۇشى بىلەن ئۇنىڭ شىجائىتى ئاشتى، روھى جۇش ئۇردى. ئۇ مەدەنلىكلەرگە ئۆز قەبىلىسىنىڭ ئۇنچىۋالا كۈچلۈك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاللاھقا ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن شىجائەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت تاپقانلىقىنى ئېيتتى، ئابدىن: — سىلەر نېمە ئۈچۈن مېنى ھەقىقەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغىلى قويمايسىلەر؟ ئۇ بىزنىڭ ئەڭ ياخشى قارار گاھىمىزدۇر! — دېدى.

مەدەنلىكلەرنىڭ تەھدىتى ئۇنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرالمىدى ياكى ئۇنىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتەلمىدى. ئۇ مەدەنلىكلەر خالىغانچە

زیانكەشلىك قىلسىمۇ ۋە ئۇنى ھاقارەتلىسىمۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆز تەشەببۇسلىرىنى تەشۋىق قىلىۋېرىدىغانلىقىنى، مەقسىتىگە يەتمىگۈچە توختىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئاللاھنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئاللاھقا ئەگىشىشنى شەرەپ دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەدەنلىكلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى ئاللاھقا ئايدىڭ ئىدى. ئاللا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر.

شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇزاققىچە زېرىكمەي، ئاللاھقا بەيئەت قىلىشنى تەشۋىق قىلىشى ئارقىسىدا، بەزى كىشىلەر ئاخىر ئۈنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ ئويغاندى، ئاخىرىدا ئۈنىڭغا ئىشەندى. بۇ قەبىلىنىڭ باشلىقى شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ تەسىرىنىڭ بەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ۋە ئۇ تەشۋىق قىلغان دىننىڭ تارقىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەسىر كۈچىگە خەۋپ يېتىشىدىن قورقتى. شۇ ۋەجىدىن، بۇ قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى شۇئەيب ئەلەيھىسسالامغا، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يارەنلىرىگە تەھدىت سېلىپ: ئەگەر سىلەر ئەسلىدىكى مەزھىپىڭلارغا قايتىپ كەلمىسەڭلار، سىلەرنى قوغلاپ چىقىرىمىز، دېيىشتى. شۇئەيب ئەلەيھىسسالام بۇ قەبىلە باشلىقلىرىغا: ماڭا ئەگەشكەن يارەنلەرنىڭ ئېتىقادى ئۇلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقان، ئۇلارنىڭ ئىرادىسى پولاتتەك مۇستەھكەم، ئۇلارغا مەجبۇرلۇق قىلىنمىسىلا، ئۇلار ئاللاھقا ئاسمانلىق قىلمايدۇ. ئۇلار ئاللا تەرىپىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىندى، ئۇلار قايتىدىن گۈناھ قىلىشنى خالىمايدۇ؛ ئۇلار ۋابا تارقىلىپ كەتكەن جايدىن ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن قېچىپ قۇتۇلغان تۈرۈقلۇق، يەنە قانداقمۇ غايىلىلىقنىڭ دوزىخىغا سەكرىسۇن، — دېدى.

شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قالغان ئادەملەرنى ھىدايەتكە باشلاشتىن ئۈمىد ئۈزدى. پاكىت ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىشەنمەسلىكتە تەرسالىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى. شۇڭا شۇئەيب ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جازا بېرىش توغرىسىدا ئاللاھتىن ياردەم تەلەپ قىلدى ۋە ئاللاھتىن ئۇلارغا تېگىشلىك ئەدىپىنى بېرىشنى ئۆتۈندى.

ھەققەتتىن چەتنىگەن ئۇ كىشىلەر ئار - نومۇسنى بىلمىدى. ئۇلار بۇ دۇنياغا كەلدى. يەنە پېشانىسىگە پۈتۈلگىنى بويىچە بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ. ئۇ ئادەملەر ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ ئارىسىغا كېلىپ، بەزىلەرنى ئاجىز، بوزەك دەپ قاراپ، ئۇلارغا پوپوزا قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: ئەگەر باشقىلارغا ئادىل مۇئامىلە قىلىدىكەنسىلەر، گۇمران بولسىلەر، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىپ، ئۆز مەنپەئىتىگە ئارتى كۆزلىمەيدىكەنسىلەر، قىلغان ئىشلىرىگە بىكار بولۇپ كېتىدۇ.

شۇئەيب سەمىمىي، ئالىيجاناب كىشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم تۆھمەت چاپلاپ، خالايىقنى قۇتراتتى ۋە ئۇنى ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇپ، بىزنى ئازابلىغانىدى، دېدى. ئاللا شۇئەيبنىڭ تەلىپىنى قوبۇل كۆرۈپ ئۇنىڭ دۇئالىرىنى ئىجابەت قىلدى. ئاللا ئوتتەك قىزىق ھاۋا بىلەن مەدىنلىكلەرنى ئازابلىدى. سەگىگۈدەك سايىمۇ، پاناھلانغۇدەك لەخمە ياكى ئۆيمۇ يوق ئىدى، شۇڭا ئۇلار تەرەپ - تەرەپكە قاچتى، لېكىن ھەرقانچە قىلغان بىلەنمۇ يەنىلا ئاللاھنىڭ ئالىقىنىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. ئۇلار بىرەر پارچە بۇلۇتنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئاستىغا توپلىشىۋېلىپ، ئۇنى ئىسسىقتىن ۋە قۇياشنىڭ قىزىق تەپتىدىن ساقلىنىشتىكى پاناھ جاي قىلماقچى بولۇشاتتى. بۇ گۇمراھلار بۇلۇت ئاستىغا توپلىشىپ بولغاندىن كېيىن، بىردىنلا ئوت يالقۇنى تەرەپ - تەرەپكە چاچراپ، ئاسماندىن گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى - دە، دەسسەپ تۇرغان يەر تەۋرەپ كەتتى، ئاندىن كۆز يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئۇلارنىڭ جېنى تېنىدىن جۇدا بولۇپ ھەممىسى ئۆلدى.

شۇئەيب ئەلەيھىسسالام بۇ قەبىلىنىڭ ئاقىۋىتىنى كۆرگەندىن كېيىن قاتتىق قايغۇ - ھەسرەت چەككەن ھالدا بۇ يەردىن كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئىشەنمەي، ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرىنى مەسخىرە قىلغانلىقىنى، ئىمان كەلتۈرگەنلەرنى دېيىشىدى. كۈلۈپ زاڭلىق قىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ سەمىمىي نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماي، ئاخىر مۇشۇنداق كۈلپەتلىك

تەقدىرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئويلاپ، كۆڭلى بىر ئاز ئارامغا چۈشكەندەك بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەي خالايىق، مەن سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئېلىپ كېلىپ، سىلەرگە سەمىمىي نەسىھەت قىلدىم. ئويلاپ يېقىنلار، ئىمان كەلتۈرمىگەن ئاشۇ گۇمراھلارغا قانداق ياردەم بېرىشىمىز كېرەك ئىدى!»

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.