سۇلايمان ئەلەيھىسسالام
This content is not yet available in your language.
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ۋە بىلقىس
بۆلۈم: “سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ۋە بىلقىس”ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئىبادەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلىشىش ئۈچۈن ئېرۇسالىمدا بىر ئوردا بىنا قىلدۇرماقچى بولدى. ئۇزۇنغا قالماي ئاجايىپ سەلتەنەتلىك، كۆركەم بىر ئوردا قۇرۇلۇپ پۈتتى. ئوردا قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، ئۇ كۆڭلى ئارامغا چۈشۈپ ئۈھ دېدى. ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېرىش مۇراسىمىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ئۇ يەنە بىز قوشۇن تەشكىللىدى.
بۇ پەيغەمبەر مۇشۇ مەشھۇر جاينىڭ يۆنىلىشىنى بىلمەكچى بولدى. ئۇ نەزىر - چىراغ ۋە قۇربانلىق قىلمىدىغان نەرسىلەرنى تولۇق تەييارلاپ، جىددىي ئاتلىنىپ يەمەنگە يېرىپ ساناغا كىردى. سۇ مەنبەلىرىنى ئىزدەپ، تاغ ئۆڭكۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ ناھايىتى زور كۈچ سەرپ قىلغان بولسىمۇ، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇ يەردىن تېزلا ئايرىلىپ، سۇ مەنبەسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھۆپۇننى ئىزدىدى. لېكىن بۇنداق قۇشنى ئۇزاققىچە تاپالماي غەزەپلىنىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە قەسەم قىلدى. ئەمما، ئۇزۇن ئۆتمەي، ھۆپۇن ئۇچۇپ كېلىپ، ئىززەت - ئىكرام بىلەن سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىختىيارىغا بېرىلگەندى. پەيغەمبەر ئۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلدى. ھۆپۇن سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى:
مەن بىر ئىشنى كۆزەتتىم، ئۇنى سەن ئۆز بىلىملىرىڭ
بىلەنمۇ چۈشىنىپ كېتەلەيدىن. پادشاھلىق ھوقۇق ۋە كۈچ - قۇدرىتىڭ بىلەنمۇ ئۇنىڭغا يېتەلەيدىن. مەن كۆزەتكەن بۇ ئىش شۇ قەدەر سىرلىقكى. ئىلگىرى سەن ئۇنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان. ئادەمنى قىزىقتۇرىدىغان بۇ گەپ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزىپىنى باستى. ئۇنى بۇ سىرنى بىلىشكە تەشنا قىلدى ۋە ئالدىراتتى. ئۇ ھۆپۇننى زادى نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ھۆپۇن مۇنداق دېدى:
— سېنىڭ بىلىشىمچە. سابا ۋىلايىتىگە بىر ئايال پادشاھ
ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭدا بار. ئۇنىڭ يەنە ناھايىتى كاتتا بىر تەختى بار. لېكىن، شەيتان ئۇلارنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ ھىدايەتكە مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ… مەن بۇ ئايال ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىنىڭ ئاللاھقا ئەمەس. قۇياشقا چوقۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ بۇ گۇمراھلىقىدىن بەك قورققۇم. ئۇلار شۆھرەتلىك ھەم كۈچلۈك. ئۇلار ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھقا چوقۇنسا ناھايىتى توغرا بولاتتى. پەقەت يەككە - يېگانە ئاللالا ئۇلۇغ، شانۇ شەۋكەتلىك تەختىنىڭ ئىگىسىدۇر.
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بۇ گەپنى ئاڭلاپ چۆچۈگەن بولسىمۇ، بىئارام بولۇپ كەتمىدى. ئۇ ھۆپۇننىڭ تەلىپىگە ئۇدۇل جاۋاب بەرمەي، مۇنداق دېدى:
— سېنىڭ يەتكۈزگەن خەۋەرلىرىڭنىڭ راست ياكى راست
ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بىز بۇنى بىر قۇر ئويلاپ كۆرەيلى. مۇبادا ئەھۋال سەن ئېيتقاندەك ئاشۇنداق بولسا، سەن بۇ خېتىمنى ئۇلارنىڭ شەھىرىگە ئېلىپ بارغىن، ئاندىن مەلۇم بىر يەردە تۇرۇپ خەتنىڭ جاۋابىنى كۈتكىن.
ھۆپۇن سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ خېتىنى ئېلىپ ئايال پادشاھ بىلقىمىنىڭ دۆلىتىگە قاراپ ئۇچتى. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، ئايال پادشاھنىڭ بىر نەرسە ئويلاۋاتقاندەك بىر ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ خەتنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئايال
پادشاھ خەتنى ئېلىپ ئۈنىڭغا يېزىلغان: «مەن رەھىم - شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئەمرىنى قوبۇل قىلغان سۇلايمان بولىمەن. سىلەر ئۆزۈڭلارنى چوڭ تۇتۇپ بىئەدەپلىك قىلماستىن. ئالدىمغا كېلىپ ماڭا ئەل بولۇڭلار!» دېگەن جۈملىلەرنى كۆردى.
ئايال پادشاھ ئوردىدىكى ئەمر - ئۇمرا، ۋەزىر - ۋۇزرالارنى يىغىپ ئەھۋالنى ئۇلارغا ئېيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشەنچىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ياسىدى ۋە ئۇلارنى چارە - ئامال كۆرسىتىشكە ئۈندىدى. ئۇلار: — بىزدە قورالمۇ، جاسارەتمۇ بار. سىزنىڭ ئەمرىڭىزگە تەييارمىز. ئەمر قىلىڭ، — دېيىشتى.
ئايال پادشاھ ئۇلارنىڭ سۇلايمانغا قارشى تۇرۇشقا مايىل بولۇپ، ئۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا كايىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
— ئەڭ ياخشى چارە سۇلايمان بىلەن كېلىشىش. ساغلام ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن كېلىشىش ھەممىدىن ئەلا تەدبىردۇر. ئايال پادشاھ شۇنى سەگەكلىك بىلەن تۇنۇپ يەتتىكى، تارىخقا ئۆتكەن پادشاھلار بىرەر جاينى ئىستېلا قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇ يەرنىڭ مەدەنىيىتىنى خاراب قىلغان، ئەزىزلەرنى خارابغان، خەلقنى ئاياغ ئاستى قىلغاندى…
ئايال پادشاھ مۇنداق دېدى:
— مەن پادشاھلىقىمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئەلچى ئەۋەتىپ سۇلايمانغا ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلەرنى سوۋغات قىلىمەن. شۇ سوۋغىتىمنىڭ كۈچى بىلەن ئۇنىڭ مۇددىئاسىنى بىلىۋالىمەن. ئايال پادشاھ ئەۋەتكەن ئەلچى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوردىسىغا كېلىپ، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك، كۆركەم مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ قالدى. سالاپەتلىك سۇلايمان ئەلەيھىسسالام كەلگەن ئەلچىنى خۇشال قوبۇل قىلىپ، ئەلچىنىڭ كېلىشتىكى مەقسىتىنى تەيىنلىي ئۇقۇشتى. ئاندىن ئەلچىدىن:
— ئارقاڭدىكى كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نېمە؟ — دەپ
خىزمەتكارلار ئېلىپ كەلگەن ئالتۇن - كۈمۈش، ئۈنچە - مارجان، ياقۇت، گۆھەر قاتارلىق ئاجايىپ ئېسىل نەرسىلەرنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ، مەھەمەتلىك پەيغەمبەرنىڭ خۇشال قوبۇل قىلىشىغا ئىنتىزار بولدى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پاكلىقى ۋە مەردانىلىكىنى ئىپادىلەپ، ئەلچىگە مۇنداق دېدى:
— مەن بۇ سوۋغاتلارنى ئېلىپ كەت، ئاللا ماڭا مول نېمەت، باياشاتلىق ئاتا قىلغان. ئۇ ماڭا يەنە دانالىق ۋە پادشاھلىق بەخش ئەتتى. بۇنىڭغا ھەرقانداق ئەقىل ئىگىسى مۇشەررەپ بولۇپ باققان ئەمەس. مەندەك مۇنداق مەرتىۋە ئىگىسى قانداقمۇ خۇشامەت قىلىپ ئېلىپ كەلگەن پۇل - مال ۋە ئالتۇن - كۈمۈشكە قانائەتلىنىپ قېلىپ، ھەقىقەتنى تەرغىب قىلماي تۇرالسۇن! بولدى، قايتىپ كېتىڭلار، بىز سىلەرگە غالىب قوشۇن ئەۋەتىپ، سىلەرنى شان - شەۋكەتلىك ئورنۇڭلاردىن ھەيدەپ چۈشۈرسىز.
ئەلچىلەر قايتىپ بېرىپ، كۆرگەن - ئاڭلىغانلىرىنى پادشاھ بىلقىمقا مەلۇم قىلدى، پادشاھ بۇنى ئاڭلاپ:
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئايال پادشاھ بىلقىمنىڭ كېلىپ بەيئەت قىلماقچى بولغانلىقىدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئالدىدا تۇرغان دىۋىلەرگە:
قايسىڭلار ئۇلار كېلىپ بەيئەت قىلىپ بولغۇچە بىلقىمنىڭ تەختىنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلەلەيسىلەر؟ — دېدى. سىلى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ بولغۇچە، مەن ئۇنىڭ تەختىنى ئېلىپ كېلەلەيمەن. بۇ ئىشقا مېنىڭ قۇربىم يېتىدۇ، — دېدى بىر كىچىك دىۋە.
— مەن تەختىنى كۆزنى يۈمۈپ - ئاچقۇچە ئېلىپ كېلەلەيمەن، دېدى كۆپنى كۆرگەن يەنە بىر دىۋە.
سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايال پادشاھنىڭ تەختىنى ئېلىپ
كېلىش ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: — بۇ ئىكەنلىك ماڭا قىلغان بىر ئىلتىپاتى. ئاللا مۇشۇ ئىش ئارقىلىق مېنىڭ ئاللاھنىڭ ھىممىتىگە رەھمەت ئېيتقۇچى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. كىمكى بۇ ئىلتىپاتنى پاك دەپ ھېسابلايدىكەن. ئاللاھقا رەھمەت ئېيتىدۇ: كىمكى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن. ئۇ بۇ دۇنيانىمۇ، ئاخىرەتنىمۇ قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئاللا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. — سۇلايمان ئەلەيھىسسالام لەشكەرلەرگە يەنە. — سەلەر تەختنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، چىرايلىقراق ياساڭلار، قېنى، ئايال پادىشاھ تونۇيالامدۇ، يوق؟ — دېدى.
بىلقىس يېتىپ كەلدى. بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: — بۇ سېنىڭ تەختىڭىمۇ؟ — دەپ سورىدى.
ئۇ بۇ تەختكە سابا زېمىنىدا ۋارىسلىق قىلغانىدى. لېكىن، ھازىر ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان تەخت ئۆزگىرىپ، چىرايلىق ياسالغانىدى. ئۇ ئىككىلەنگەن ھالدا:
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئاق ئەينەكتىن بىر ئوردا ياساشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئاندىن سابا ۋىلايىتىنىڭ ئايال پادىشاھىنى قوبۇل قىلدى. ئايال پادىشاھ بۇ ئوردىنى كۆرۈپ، ھەممە يەر سۇ ئوخشايدۇ، دەپ كۆڭلىكىنى كۆتۈرۈپ، ئىككى پاچىقىنى ئېچىپ ماڭدى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:
— بۇ پارقىراق ئوردا، بۇنى ئەينەكتىن ياسىغان، — دېدى.
بۇ سۆز ئايال پادىشاھنىڭ پىكرىنى ئېچىپ، دىلىنى يايرىتىۋەتتى. ئۇ بئردىنلا ھوشىغا كەلگەندەك بولۇپ، مۇنداق دېدى:
— ئى ئىگەم، مەن بىر مەھەل تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ.
ساڭا سېغىنماي. مېھىر - شەپقىتىڭدىن مەھرۇم قاپتىمەن. مەن قاراڭغۇ زۇلىت ئىلكىگە كىرىپ قېلىپ. سېنىڭ نۇرۇڭدىن ئېرى تۇرۇپتىمەن. ھازىر مەن سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلىپ
ئىمان كەلتۈردۈم. مەن ساڭا سادىق بولىمەن، ساڭا بويسۇنىمەن، سەن ئەڭ سىيلى - رەھىملىكدۈرسەن.
ئەقىل-پاراسەت ۋە ھۆكۈملەر
بۆلۈم: “ئەقىل-پاراسەت ۋە ھۆكۈملەر”داۋۇد ئەلەيھىسسالام بەنى ئىمرائىل پادشاھىنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشنى تۈگەتتى، دەۋا ئىشلىرىنى ھەل قىلدى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتتى. كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆڭۈلدىكى گەپ - سۆزلىرىنى ئېيتاتتى، ئۇ ئىشلارنى ئادىللىق بىلەن ھەل قىلاتتى. ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئون بىر ياشقا كىرىپلا ئەقىل - پاراسەت جەھەتتە دادىسىدىن ئېشىپ كەتتى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام قېرىپ ئاجىزلاپ قالدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ۋاقتىنى پەرەز قىلىشاتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇ كۈندىلىك ئىشلارنى بوشاشماستىن بىر تەرەپ قىلىپ، تەخت ۋارىسىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە ئىدى. ئۇ بالىلىرىغا قاراپ كۆڭلىدە: «سۇلايماننىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ، بىلىم ۋە ئەقىل - پاراسەتتە ئۇلاردىن ئۈستۈن، ئاكىلىرىغا قارىغاندا پۇختا، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا كەسكىن، يىراقنى كۆرەلەيدۇ» دەپ ئويلايتتى.
داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ئۇنى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنى چىنىقتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشقا مەجبۇرلايتتى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام دادىسىنىڭ ھەرخىل چېگىش مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە قانداق ھەل قىلغانلىقىنى ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن، دائىم دادىسى بىلەن بىللە بولاتتى.
بىر كۈنى ئوردىغا ئىككى كىشى كىرىپ كەلدى. ئۇلاردىن بىرى: مەن زىرائەت تېرىغانىدىم، زىرائەتلىرىم كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك ئوخشىغانىدى. مەن زىرائەتلىرىمنى ئورۇشقا تەييارلىنىۋاتقان چاغدا، بۇ ئادەم پادىلىرىنى توسۇماي،
زىرائەتلىرىمگە قويۇپ بېرىپ، پۈتۈنلەي يېگۈزۈپ بوپتۇ، دېدى. پادىنىڭ ئىگىسى ھېچقانداق ئېتىراز بىلدۈرمىدى. ئاخىر پادىنىڭ ئىگىسى زىياننى تۆلەپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلىندى.
داۋۇد ئەلەيھىسسالام، زىرائەتنىڭ زىيىنىنى قوي بىلەن تۆلەش، ئۇنىڭ بىلەنلا قالماي، بىخەستەلىك قىلىپ پادىنى قويۇپ بەرگەن پادىچىنى جازالاش كېرەك، دەپ ھۆكۈم قىلدى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام — ئاللا ئۇنىڭغا ئەقىل — پاراسەت ۋە ئىلىم بېرىپ، ئۇنى بۇ تەپسىلاتلارنى ئىنچىكە ئويلىنىۋېلىش، پادىشاھلىق تەختىگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەردى ئولتۇرغان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، خالايىققا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ دادىسى چىقارغان ھۆكۈمنىڭ ئانچە ئادىل بولمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
كىشىلەر ئۇنىڭ غەيرەت — شىجائىتىدىن ھەيران قېلىشىپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى جىمجىت تۇرۇپ كۈتۈشتى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
پادىنى دېھقانغا تاپشۇرۇپ بېرىش لازىم. ئۇ قويلارنى سېغىپ ئىچسۇن، تۆل ئالسۇن، يۇڭلاردىن پايدىلانسۇن؛ پادىنىڭ ئىگىسى يەر تېرىسۇن. زىرائەت ئۈنۈپ پادىلار خاراب قىلغان چاغدىكىدىن بۇرۇنقى ھالەتكە كەلگەندە، پادىمۇ ئۆز ئىگىسىگە، يەرمۇ ئۆز ئىگىسىگە قايتسۇن. مۇشۇنداق ھەل قىلىنسا، ھېچقايسىسىنىڭ ھەققى بىر — بىرىدە قالمايدۇ، ئەڭ ئادىل، ئەڭ مۇۋاپىق ۋە توغرا بولغان بولىدۇ.
بۇ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋارىسچىنىڭ — تۇنجى قېتىم ئۆزىنى كۆرسىتىشى ئىدى.
شاھلىق ۋە پەيغەمبەرلىك مىراسى
بۆلۈم: “شاھلىق ۋە پەيغەمبەرلىك مىراسى”سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ياش قۇرامى تېخى پادىشاھلىق تاج
كىيىشكە يەتمىسىمۇ، دادىسى داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۇنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىزباسارى — خەلىپە قىلماقچى بولدى.
داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەبۇسالىم ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ قاۋۇل، خېلى كۆپ ئىسىق - سوغۇقلارنى يېشىدىن ئۆتكۈزگەنىدى. لېكىن، تەختتە ئولتۇرۇش ئۇنىڭغا نېسىپ بولمىدى. ئۇ تەقدىرنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن بەكمۇ نارازى ئىدى. شۇڭا ئۇ قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولۇپ، دادىسى بىلەن ئىنىسىغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇ كېيىنكى ئاقمۇشنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەختنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆرەشمەكچى بولدى.
ئەبۇسالىم بىر مەزگىل بەنى ئىسرائىلغا يېقىنلىشىپ ئۇلارنىڭ تالاش - تارتىش، ماجىرا ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى. ئۇ بەنى ئىسرائىلدىن پايدىلىنىپ، ئۆز پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ئىدى. ئۇ ھەر جەھەتتىن ئەتراپلىق تەييارلىق كۆرۈۋالغاندىن كېيىن، دادىسىنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ، دادىسىنى ئىزدەپ كەلگەنلەرنى توسۇپ، چوڭ - كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئالدىغا تارتىپ ھەل قىلىشقا باشلىدى. بۇ ھال بەنى ئىسرائىلدا، ئۇ قابىلىيەتلىك ئوخشايدۇ، دادىسىنىڭ ئىلتىماتىغا ئېرىشكەن بولسا كېرەك، دەيدىغان خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلدى. ئەبۇسالىم مۇشۇنداق چارە بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىشقا، ئۇلارنى ئۆز تەشەببۇسىغا ئىتائەت قىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى.
ئەبۇسالىم ئۆزىنىڭ ھىيلە - مىكرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر جەھەتتە تەييارلىق كۆردى. ئۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامدىن گەيدۇنە دېگەن يەرگە بېرىپ ئىبادەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، بەنى ئىسرائىل ئارىسىغا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە نۇرغۇن ئايغاقچى ئەۋەتىپ، ئۇلارنى كاناي ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ئەبۇسالىمنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىپ، ئۇنىڭ پادىشاھ بولۇشىنى كۈتۈپ تۇرۇشنى بۇيرۇدى. كىم مۇشۇنداق قىلسا، شۇ ياخشىلىق كۆرىدىغانلىقىنى
ئېيتتى.
كىشىلەر ئەنسىزچىلىك ئىچىدە قالدى. كوچىلاردا ئادەم سىزىلدايتتى، پايتەختتە ئېغىر پاراكەندىچىلىك يۈز بېرىپ، ھەممە نەرسە ۋەيران بولغىلى تاسلا قالدى.
داۋۇد ئەلەيھىسسالام بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئىنتايىن ئاچچىقلانغان بولسىمۇ، لېكىن غەزىپىنى بېسىۋېلىپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە:
— بىز قاچايلى، بىزدە ئەبۇسالىمنىڭ كۆتۈرگەن توپىلىڭىغا تاقابىل تۇرغۇدەك مادار يوق، — دېدى - دە، لەشكەرلىرى بىلەن پۇقرالىرىنى باشلاپ، ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ زەيتۇن تېغى غا چىقتى. ھەممەيلەن تەڭ ھۆڭگىرەپ يىغلاشتى.
بەزىلەر ئۈمىدسىزلىنىپ داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا تاپا - تەنە قىلدى، ھەتتا ئۇنى تىللىدى. جانغا تېگىدىغان بۇ ئاچچىق سۆزلەر ئۇنى قاتتىق ئازابلىدى. ئىلگىرى بۇ ئادەملەر ئۇنىڭغا سادىق ئىدى. ئۇ ئېچىنغان ھەم قايغۇرغان ھالدا ئۇلارنى توسۇپ:
— مەندىن ئاغرىنماڭلار، ئوغلۇم ئەبۇسالىمدىن باشقا، ھەرقانداق كىشى پادىشاھلىققا يارايدۇ! — دېدى.
داۋۇد ئەلەيھىسسالام كىچىك يېشىللىق بىلەن ئاللاھقا تەلمۇرۇپ، ئاللاھتىن ئۆزىنى ھازىرقى ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، قايغۇ - ئەلەمدىن خالاس قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئەبۇسالىم دادىسىنى ھەيدەپ چىقارغاندىن كېيىن، پايتەختكە كىرىپ تەختتە ئولتۇردى.
داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئەمىر - ئۆمىرالىرىنى ئەبۇسالىم بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتمەكچى بولدى. ئۇلار مېڭىش ئالدىدا، داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا كۆپرەك باش قاتۇرۇپ، چارە - تەدبىر ئىشلىتىپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئوغلىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشنى تاپىلدى. لېكىن، تەقدىر بۇ رەھىمدىل دادىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە بولمىدى. بۇ ئەمىر - ئۆمىرالار
ئەبۇسالىمنى كۆرۈش بىلەنلا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن پاراكەندىچىلىك تىنچىپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئەمىن تاپتى. پادشاھلىق داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىغا ئۆتتى، كېيىن يەنە سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا مىراس قىلىندى.
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام پادشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. ئاللا ئۇنىڭغا كاتتا ھوقۇق ۋە ناھايىتى زور شان - شەرەپ بەردى. شامالمۇ ئۇنىڭ قوماندانلىقىغا شەرتسىز بويىۋاتتى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇچار قۇشلارنىڭ ئاۋازىدىن ئۇنىڭ مەنسىپىنى چۈشىنەتتى. ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلەتتى، شۇ ۋەجىدىن، ئۇ نۇرغۇن ياخشىلىققا ئېرىشتى.
ئاللا ئۇنىڭغا يەر ئاستىدىكى مىس كانلارنى بايقىپالايدىغان ئۆتكۈر كۆزمۇ ئاتا قىلدى. ئۇستا مىسكەرلەر مىستىن ھەرخىل سايمان ياساپ، تېرىقچىلىق ئىشلىرىنى ياخشىلىدى. دىۋە - پەرىلەر ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئوردا بىنا قىلدى. نەقىش چېكىپ، كۆلدەك يوغان پەتنۇس ۋە پۇختا قازان ياساپ بەردى.
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆكىمى ۋە تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئاللا ئۇنىڭغا مىسلىسىز ھوقۇق بەردى ۋە ئۇنىڭغا ئۇچار قۇشلارنىڭ تىلىنى ئۆگەتتى. شەيتان ئەلەيھىلەننىمۇ ئۇنىڭغا خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلىدى. شامالنىمۇ ئۇنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشقا بۇيرۇدى. ئۇ ئۇچار قۇشلارنىڭ سۆزلەشكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ مەنسىپىنى كىشىلەرگە ئېيتىپ بېرەتتى.
بىر كۈنى ئاللاھنىڭ بۇ پەيغەمبىرى ئىنسان، دىۋە - پەرى ۋە ئۇچار قۇشلار قاتناشقان مەجلىسكە كەلدى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ لەشكەرلىرى بىر پارچە تاشلاندۇق ئاق يەردىن ئۆتۈپ چۈمۈلە جىلغىسىغا كىردى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام يىراقتىن بىر ئانا چۈمۈلىنىڭ بۇ قېتىمقى مەجلىستىن ناھايىتى قورققانلىقىنى، لەشكەرلەرنىڭ ئاياغ ئاستىدا قېلىپ ئۈۋىسىنىڭ
ۋەيران بولۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى كۆردى. سۇلايمان ئەلەيھىسسالام بۇ ئانا چۈمۈلىنىڭ باشقا چۈمۈلىلەرنى: «ئەي چۈمۈلىلەر، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ چوڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بىلمەي دەسىملىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەممىڭلار ئۇۋاڭلارغا كىرىۋېلىڭلار!» دەپ ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى.
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئانا چۈمۈلىنىڭ گېپىنى ئۇقۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى - دە. ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ مۆجىزىلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىغا شۆكۈر ئېيتتى. ئۇ يەنە ئانا چۈمۈلىنىڭ ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىدىن ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئاللا ياراتقان باشقا مەخلۇقلارغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ. دەپ قارىغانلىقىدىن ناھايىتى ھەيران قالدى.
سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىقىنى قوبۇل قىلىشنى ئىلتىما قىلدى. بولۇپمۇ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئالاھىدە ماھارەت ئانا قىلىپ، ساۋابلىق ئىش قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرگەنلىكىگە، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ھىدايەت يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ ئاللاھنىڭ ئۇنى ئەرەسات كۈنى ياخشى بەندىلىرى قاتارىدا قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ھەمدۇسانا ئېيتتى.
