Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

راست بىلەن يالغان ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە

This content is not yet available in your language.

بەنى ئىسرائىل ئىچىدە بىر تۇغقان ئاكا - ئۇكا بار ئىدى. بۇلار بىر ئانىنىڭ تەربىيىسىدە ئۆسكەن بولسىمۇ، ئەمما بىر يىلكەتتە مىڭ خەمەك دېگەندەك، خۇي - مىجەزى بىر - بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشاشمايتتى. ئاكىسى يەھۇدا ئاللاھقا قەتئىي ئىشىنەتتى. ئۆزىنى بىلەتتى. تەمكىن. مۇلايىم بولۇپ، ئۆزىنى بۇ دۇنيانىڭ بارچە غوۋغالىرىدىن خالىي تۇتاتتى: ئىنسى گۇتلۇس ئاللاھقا ئىشەنمەيتتى، پىخسىق، كۆزى كىچىك، ئىچىدە ئوغا قاينايدىغان، قوپال بىرنىمە ئىدى.

دادىسى ئۇلار ئۈچۈن بايلىق توپلاپ، تۇرمۇشىنى راھەت ئۆتكۈزىدىغان قىلغانىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادىسى ئالەمدىن ئۆتتە، ئۇلار پۇل - مالدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ھەرقايسىسى بۇ پۇل - ماللارغا ئۆز ئۇسۇلى بويىچە ئىگىدارچىلىق قىلالايتتى. يەھۇدا ئاللاھقا: «ئى ئىگەم، مەن پۇلۇمنى سەن رازى بولغۇدەك خەجلەيمەن، ساڭا ئىمكانىيىتىمىنىڭ بارچە ئىتائەت قىلىمەن، قىلغان ئىلتىپاتلىرىڭغا شۇكۈر ئەلھەمدۈلىللا ئېيتىپ، سېنىڭ چەتئىنىڭكە تەلپۈنىمەن…» دەيتتى، پۇلنىمۇ كەڭ قوللۇق بىلەن خەجلەيتتى، كىم پۇلغا موھتاج بولسا، شۇنىڭغا بېرەتتى.

ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىپ، يېتىم - يېسىرلارنىڭ يۈكىنى ئۈستىگە ئالاتتى، تونۇش كىشىلەرگە ھەر جەھەتتىن مەدەت بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاھالىلەرگە يار - يۈلەك بولاتتى. ئۇ خەير - ئېھمان قىلىشقا خۇشتار بولۇپ، پۇل - ماللىرىنى دېگۈدەك سەدىقە بىلەن تۈگەتكەن بولسىمۇ، قورسىقىم ئاچ قالمىسىلا بولدى. دەپ يۈرىۋەردى.

گۈتلۈش بولسا پۇل ئۈچۈن جان بېرەتتى، بىرەر تىيىنىنىمۇ بۇزماي يىغىپ - توپلاپ، ساندۇققا سېلىپ مەھكەم قۇلۇپلايتتى، ھېچكىمگە بەرمەيتتى. ئۇ كەمبەغەللەرنىڭ ئاھۇزارىنى ئاڭلاپ تۇرسىمۇ، قۇلىقىنى يوپۇرۇپ يۈرەتتى، بىچارىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا قاراپمۇ قويمايتتى. ئۇ باي بولغاندىن كېيىن، ئىككى چارباغ سېتىۋېلىپ، ۋاقتىنىڭ تولىسىنى باغلىرىنى پەرۋىش قىلىشقا قاراتتى. ئۇ باغلىرىغا تەك تىكتى، تەك تازا شاخلاپ ئۈزۈم تازا ئوخشىدى. ئۇ ئىككى باغنىڭ ئارىلىقىغا بىر يول سالدى، يەنە ئېرىق ئېلىپ سۇ باشلىدى، تۆت ئەتراپىغا خورما دەرىخى تىكتى. ئۇنىڭ نەزەرىدە مەڭگۈلۈك جەننەت يەر يۈزىدە ئاپىرىدە بولدى؛ بۇ يەر نېمىدېگەن گۈزەل، نېمىدېگەن راھەت - ھە! مۇنبەت يەرلەر، پىشىپ ساڭگىلاپ تۇرغان مېۋىلەر، ئۈنچىدەك شەبنەملەر يالتىراپ تۇرغان ياپىيېشىل يوپۇرماقلار، ئېرىقلاردا كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان سۈپسۈزۈك سۇلار، پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەن گۈل - چىمەنلەر، يېقىملىق سايرىشىۋاتقان قۇشلار كىشىنى ئاجايىپ زوقلاندۇراتتى. بۇ باغنىڭ گۈزەللىكىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايتتى.

ئاللا گۈتلۈشنىڭ تاپاۋىتىنى كۆپەيتىپ، پۇل - ماللىرىنى زىيادە قىلدى. بالا - چاقىلىرىنى ئاۋۇتۇپ، گۈل ئۈستىگە گۈل قىلدى.

ئۇ تازا كۆرەڭلەپ كەتتى. راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ بۇ نەزەر سېتىۋېلىپ كىمنىڭ ياراتقانلىقىنى، كىمنىڭ مۇشۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭغا كىم بەرگەنلىكىنى ئويلاپ، بۇ

ھىمەتلەرگە ھەشقاللا ئېيتىپ. ئېتىقادىنى قەتئىيلەشتۈرۈشى، ھەقنى تونۇپ، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشى لازىم ئىدى. لېكىن، ئۇ مېھىر - شەپقەتكە ئېرىشىپ تېخىمۇ ياۋۇزلىشىپ كېتىدىغان، بەخت - سائادەت بىلەن كۆزلىرى توسۇلۇپ قالىدىغان، ئاخىر شۇم قىسمەتكە قېلىپ، ھەممىدىن قۇرۇق قالىدىغان ئاشۇنداق ئادەملەر قاتارىغا كىرىپ قالغانىدى. ئاللا گۇتلۇسقا مېھىر - شەپقەت قىلىۋىدى، گۇتلۇس ئاللاھقا تېخىمۇ ئىشەنمەيدىغان بولدى، ئۇ تېخىمۇ شەپقەتسىز، رەھىمسىز بولۇپ كەتتى.

بىر كۈنى ئۇ جۈل - جۈل كىيىملىك ئاكىسىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنى كەمسىتتى ۋە ئۇنىڭغا قاتتىق گەپلەرنى قىلدى: — سېنىڭ پۇللىرىڭ قېنى؟ مال - مۇلۇكلىرىڭ نەگە كەتتى؟ ئالتۇن - كۈمۈشلىرىڭچۇ؟ بىز بىر - بىرىمىزدىن كۆپ پەرقلىق بولۇپ قالدۇق. سەن ئاق كۆڭۈل، لېكىن كىيىم - كېچەكلىرىڭ جۈل - جۈل، چاكارلىرىڭ يوق، دوست - يارەنلىرىڭمۇ ناھايىتى ئاز. مېنىڭچۇ؟ مېنىڭ تۇرمۇشۇم باياشات، كۈنۈم ياخشى، بالا - چاقىلىرىم كۆپ، چاكارلىرىم توپ - توپ، كەل، جەننىتىمگە مەرھەمەت قىل! قارا، ئۇ يەردە ساڭگىلاپ كەتكەن ئۈزۈملەر، ياپېشىل تال چىۋىقلار، شىرىلداپ ئېقىپ تۇرىدىغان سۈپسۈزۈك سۇلار، باراقسان يوپۇرماقلار، بىر - بىرى بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن يېشىل بېلەكلەر، شاخلىرىنى كۆتۈرەلمەي قالغان مېۋىلەر بار. قارا، بۇ مېۋىلەر يىلمۇيىل كۆپىيىپ بارغانسېرى ئاۋۇماقتا، مەڭگۈ تۈگىمەس بايلىق دېگەن مانا شۇ، كىيىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان شەپقەت كىيىمى دېگەن مانا شۇ.

ۋاقىت دېگەن سائەتتەك ھەرىكەتلىنىپلا تۇرىدۇ. سەن ئاخىرەتكىلا ئىشىنىدىن، مېنىڭچە، بۇنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ. ئەقىلگە سىغمايدۇ. مۇبادا مەن سېنىڭ گەپلىرىڭ بويىچە ئىش قىلىپ، سېنىڭ ئوي - پىكرىڭگە بويسۇنسام. ئۇ چاغدا، سەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ھازىرقى باغلىرىمدىنمۇ گۈزەل ۋە قىسمەتلىك

نەرسىگە ئىگە بولالمايتتىم. سەن مېنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىمدىن بۇ ياخشىلىقلارنى كۆرەدۈڭغۇ؟ ئۇنداقتا. ئاخىر زامان بولغاندا. مېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ۋە گۈزەل نەرسىلەرگە ئېرىشىشىمگە توسقۇنلۇق قىلغۇدەك يەنە نېمە بار؟

سەن ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلدىڭ، — دېدى يەھۇدا ئىنسىنىغا. سەن ئاللاھنىڭ سېنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى. ساڭا تولۇپ تاشقان ھاياتلىق يېغىشلايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدىڭ. ئاللا سەندىن ھېساب ئالىدۇ. ئويلاپ باق. ئىنساننى تۇپراقتىن ياراتقان كىم؟ ئاللا ئادەمنى ئاۋۋال لايدىن ياسىدى. كېيىن مەنىينى ئاپىرىدە قىلدى. ئاندىن ئۇنى قانغا ئايلاندۇردى. ئۇنى يەنە بۇلجۇڭ گۆشكە. بۇلجۇڭ گۆشنى ئۇستىخانغا ئايلاندۇردى. ئاندىن ئۇستىخانلارغا گۆش ئۇندۇرۇپ. ئاخىردا ئۇنى ئادەمگە ئاجايىپ سىرلىق ئادەمگە ئايلاندۇردى. ھەربىر ئادەم مۇشۇنداق جەرياننى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. ياراتقۇچى ئىگەم ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنى تىرىلدۈرىدۇ. سەن ھازىر بۇ گەپلەرنى قۇلىقىڭ تۇرۇپ ئاڭلىماي. كاللاڭ تۇرۇپ ئويلىماي. ھىدايەتتىن چەتنەۋاتسەن.

سەن مېنى كەمبەغەل دەپ زاڭلىق قىلىۋاتسەن. پۇل - ماللىرىڭ بىلەن مەندىن ئۈستۈن تۇرماقچى بولۇۋاتسەن. مېنىڭ پۇلۇم ئاز بولسىمۇ. سەندىن باياشاتمەن. چۈنكى. ئادەملەرنىڭ بايلىقى سەن ئىگە بولغان پۇل - مال. ئۆي - مۈلۈك بىلەن ھېسابلانمايدۇ. بەلكى ئۇ سېنىڭ دۇئا - ئىبادەت قىلغانلىقىڭ ۋە بەھرىمەن بولغانلىرىڭغا شۈكۈر - قانائەت قىلغانلىقىڭ بىلەن ئۆلچىنىدۇ. سېنىڭ پەخىرلەنگەن پۇل - ماللىرىڭ مېنىڭ نەزەرىمدە پەقەت غايىبانە مەترىرىدىنلا ۋە پارقىراق تاشتىنلا ئىبارەت. خالاس. كۆز ئالدىڭدا تۇرغان بۇ گۈزەل چارباغ. مېنىڭچە. ئۆسۈپ. قۇرۇپ. ئاخىر بېرىپ يوقىلىدىغان بىر پارچە ئوتلاق تاشتىنلا ئىبارەت. قول ئاستىڭدىكى ئادەملىرىڭ سېنىڭ يانتاياقلىرىڭ ۋە ئاخىر سېنى ۋەيران قىلغۇچى مەلئۇنلار. مەن

ئاللاھقا تاينىمىن، ئاللا غالىبتۇر. ئاللا ماڭا مېھىر - شەپقەت يېغىشلىدى. مېنىڭچە، ھازىر ماڭا

يامانلىقتىن قول ئۇزۇش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىش ۋاقتى بولۇپ قالدى. مەن خالايىققا ئىشىنىمىن، ھوقۇققا تايانمايمىن. مېنىڭ

قورسىقىم قاچان ئاچسا، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىمىن. قاچان تويسا، ئاللاھقا ھەمدۇسانا ۋە شۇكۈر ئېيتىمىن. بۇنداق قىلىشىم مېنى كۆرەڭلىتىدىغان ۋە زالىملاشتۇرىدىغان ئالتۇن - كۈمۈشكە ئىگە بولغىنىمدىن كۆپ ياخشى. پۇل سېنىڭ خۇدۇڭنى يوقاتتى ۋە سېنى رەھىمسىز، زالىم قىلدى. مەن ئىگەمنىڭ ئەمرىنى قوبۇل قىلىپ، ھەممە پۇلۇمنى كەمبەغەللەرگە ئىشلەتتىم. ئىگەم ماڭا سېنىڭ يېغىڭدىنمۇ ياخشى بىر باغنى ۋە سېنىڭ جەننىتىڭدىنمۇ بەختلىك جەننەتنى تەييارلاپ قويدى. سېنىڭ ئىككى يېغىڭ بەلكى بوران - چاپقۇننىڭ زەربىسى ياكى يامغۇرنىڭ سوقۇشىدىن قۇتۇلالمايدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مېۋىلىك دەرەخلىرىڭنىڭ يۈپۈرمىقى قۇرۇپ كېتىشى، ئۇزۇملىرىڭ يەرگە تۆكۈلۈپ كېتىشى، ئېرىقلىرىڭدىكى سۇلار زېمىنغا سىڭىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا سېنىڭ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرمىكىڭ قۇرغۇي تۇخۇمىنى تېپىشتىنمۇ تەسكەر چۈشىدۇ. يەھۇدا گېپىمنى تۈگىتىپلا، ئىنىستى باغدىن يالغۇز ھۇزۇرلىنىپ، ئەيش - ئىشرەت بىلەن ئۆتۈشكە قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى.

بىر كۈنى مەھەردە گۈتلۈش باغقا كىرىپ دەم ئېلىپ، ساپ ھاۋا يەپ، دەرەخ سايىسىدە سەگىدىمەكچى بولدى. ئۇ باغقا كىرگەندە، ئىختىيارسىز قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. چۈنكى، باغ خارابىلىككە ئايلىنىپ قالغانىدى، ئۆسۈملۈكلەر قۇرۇپ ئۆلگەن، تال بېدىشلىرى يىقىلىپ، گۈل - گىياھلار ئوڭتەي - توڭتەي بولۇپ، ھەممىلا بەر ۋەيران بولغانىدى. ئۇنىڭ كانىيى قۇرۇپ كەتتى، بەدىنى لاغىلداپ تىترەپ

كەتتى، ئۇ ئاخىر ھەققە بويۇن ئەگدى. ئۈزۈندىن بېرى زورلۇق - ئۆكتەملىك قىلىپ كەلگەن گۈزلۈك ئەمدى ياۋاش - مۇلايىم بولۇپ قالدى. ئۇ ئاچ كۆز ئىدى، ئەمدى قانائەت قىلدى. ئۇ قايغۇ - ئەلەم بىلەن قوللىرىنى ئۈزۈلىغان ھالدا قولىدىن كەتكەن بارچە نەرسىلەر ئۈچۈن بىئارام بولۇپ: «باشقا نەرسىگە سېغىنماي، بىر ئاللاغىلا سېغىنمام يوپتىكەن» دېدى.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.