مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسراسى ۋە مىئراجى
This content is not yet available in your language.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈندىلىك ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار ۋە ئاخىرقى بىر قېتىملىق نامىزىنى ئادا قىلىپ بولۇپ، ئۈممۈھاننىڭ ئائىلىسىدە بىر كېچە قوندى. ئۈممۈھاننى روسۇللىلانىڭ تاغىسى ئەبۇتالىبنىڭ قىزى، روسۇللىلانىڭ قوللىغۇچىسى ئىدى. تاڭ سۆزۈلەي دەپ قالغان، كىشىلەر تاڭ بىلەن تەڭ ئۇيقۇدىن ئويغانغان چاغدا، روسۇللىلا ئورنىدىن تۈرۈپ نامازغا ھازىرلاندى. ئۇ تەرەت ئېلىپ، نامازنى ئوقۇپ بولدى. ئۈممۈھاننى روسۇللىلانى ئاللا پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىلتىپات قىلغان، ئەمما باشقىلارغا دېگىلى بولمايدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكىلىپ قىلدى. چۈنكى، ئۈممۈھاننى ئاخشام زور بىر ۋەقەنى - ئاجايىپ بىر كۆرۈنۈشنى كۆرگەندى. بۇ ئاللا ئۈممۈھانىغا ئالاھىدە ئاتا قىلغان بەخت ۋە شەرەپ ئىدى.
روسۇللىلا:
— ئۈممۈھاننى، مەن كۆرگەندەك، ئاخشام مەن سىلەر بىلەن بىللە خۇپتەن ئوقۇدۇم، ئاندىن بەيتۈلمۈقەددەسكە بېرىپ نامازدا بولدۇم. بايا مەن يەنە سىلەر بىلەن بىللە بامدات نامىزىنى ئوقۇدۇم، بۇ ساڭا ئايان. ئەمدى مەن ئاللاھنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قۇرەيشلەرگە كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بېرىمەن، — دېدى.
ئۈممۈھاننى ئىسلام دىنىغا ئېتىقادى كۈچلۈك مۇمىن ئىدى. شۇڭا ئۇ روسۇللىلانىڭ كۆرگەنلىرىدىن قىلچە گۈمانلانمايتتى، لېكىن ئۇ قۇرەيشلەرنىڭ خەتەرلىك ۋە مەككار ئىكەنلىكىنى ئوبدان
بىلەتتى. ئۇلارنىڭ قانچىلىك كازاپ ۋە ئالدامچى ئىكەنلىكىنى كۆرگەندى. روسۇللىللانىڭ ئۇلارنىڭ دامغا چۈشۈپ قېلىشىدىن، ئۇلارنىڭ مەسخىرىسى ۋە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭا، روسۇللىللانىڭ پېشىنى تارتىپ تۇرۇپ:
— ئۆكام، مەن سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قوياي، سېنىڭ ئىشلىرىڭنى يالغانغا چىقىرىدىغان، تەشەببۇسلىرىڭنى ئىنكار قىلىدىغان ئاشۇ ئادەملەرنىڭ قېشىغا بارمىغىن، ئۇلارنىڭ ساڭا زىيان يەتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيمەن، — دېدى ۋە ئۇنىڭغا ئېسىلمۇپلىپ قۇرەيشلەرنىڭ قېشىغا بارماسلىقنى، ئاللا تەرىپىدىن كۆرگەن مۆجىزىلەرنى ئىچىدە ساقلاشنى تەلەپ قىلدى.
روسۇللىللا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان تۇرسا، قانداقمۇ قورقسۇن؟ ئۇلۇغ بىر ۋەقە ئۇنىڭغا ئايان بولغان تۇرسا، ئۇ قانداقمۇ گەپ - سۆز قىلماي يۈرەلسۈن؟ ئۇ مەككارلاردىن ۋە ھاقارەتتىن، باشقىلارنىڭ مەنسىتمەسلىكى ۋە ئالدىشىدىنمۇ قورقمايدۇ، شۇڭا ئۇ كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ، قەتئىي، مەزمۇن قەدەم تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
روسۇللىللا قۇرەيشلەر بىلەن قورقماي سۆزلىشىۋېرەتتى. ئۈممۈھانى تېخىمۇ ئەنسىرەپ، نەيىئەنى ئىشەنچلىك قوشنىسى ۋە خەۋەرچىسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا:
— سەن روسۇللىللانىڭ كەينىدىن بېرىپ، ئۇنىڭ قۇرەيشلەرگە نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ ماڭا يەتكۈزگىن، — دېدى. نەيىئە روسۇللىللانىڭ ئارقىسىدىن كەتتى. ئارىدىن ئانچە ئۆتمەيلا ئۇ قايتىپ كېلىپ، ئۈممۈھانىغا مۇنداق دېدى:
— روسۇللىللا ھازىر كەبە بىلەن ھەجەرۈلئەسۋەد ئارىلىقىدىكى ھەتىمدا. ئەبۇجەھىل روسۇللىللانى كۆرگەندە، يەنىلا ئىلگىرىكىدەك تەھدىت ئارىلاش: «سېنىڭ ئىشىڭ بارمىدى؟» دېدى. روسۇللىللا: «ھەئە، ئاخشام مەن ئىسراغا چىققانىدىم» دەپ چاۋاب بەردى.
ئەبۇجەھىل: «سەن قەيەرگە باردىڭ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: «ئېرۇسالىمغا» دەپ جاۋاب بەردى. ئەبۇجەھىل يەنە: «ئېرۇسالىمغا بارغاندىن كېيىن يەنە بىزنىڭ ئارىمىزغا قايتىپ كەلدىڭمۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ: «ھەئە» دېدى. ئەبۇجەھىل: «خەقلەرنى يىغىام، ماڭا ئېيتقانلىرىڭنى ئۇلارغىمۇ ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟» دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئەلۋەتتە ئېيتىپ بېرەلەيمەن» دېدى. ئەبۇجەھىل يۈگۈرۈپ كەتتى ۋە كېتىۋېتىپ: «ئەي، كەئىب ئىبن لۇ ئەي جەمەتى، چاپسان كېلىڭلار!» دەپ نۆۋلىدى.
— نەبىئە، ئولتۇرۇپ سۆزلىگىنە. كېيىن قانداق بولدى؟ —
دېدى ئۆممۇھانى. نەبىئە ئولتۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: — مېنى چۆچۈتكىنى شۇ بولدىكى، كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن ئولىشىپ كېلىپ رەسۇلۇللاھنى ئورنۇپلىشتى. ئەبۇجەھىل رەسۇلۇللاھدىن بايا ئېيتقانلىرىنى خالايىققا يەنە بىر سۆزلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئەبۇجەھىل رەسۇلۇللاھنى باشقا بىر نېمىلەرنى دەرمىگىن، دەپ قارىغانىدى، ئەمما رەسۇلۇللاھ ئۆزىنى توختىتىپ، تەمكىن ھالدا خالايىققا: «مەن خاسىيەتلىك بۆلۈن بىلەن كۆتۈرۈلۈپ بەيتۈلمۈقەدەسكە باردىم. ئۇ يەردە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بار ئىكەن. ئۇلاردىن ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىسالار ماڭا تېخى نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى. مەن ئۇلارغا ھۆرمەت بىلدۈردۈم، سۆزمۇ قىلدىم» دېدى.
ئەبۇجەھىل قۇۋلۇق بىلەن: «سەن ئۇلارنى كۆرگەن بولساڭ، قېنى، ئۇلارنىڭ تەقى - تۈرقىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرمەمسەن؟» دېدى. رەسۇلۇللاھ: «ئىسانىڭ بويى بەكمۇ ئېگىز ئەمەس، يۈزى قىپقىزىل ئىكەن. ساقىلىدا كۈمۈش مارجانلار ساڭگىلاپ تۈرغاندەك قىلىدۇ. مۇسا قارامتۇل، ئېگىز ۋە بەستلىك، كۆرۈنۈشى سەل سۈرلۈك ئادەم ئىكەن. راستىنى ئېيتسام، مەن ئىگەڭلەرگە ئوخشىشىدىغان ھېچكىمنى كۆرمىدىم. ئىنگەڭلەرنىڭ ئۇلار بىلەن قىلچىمۇ ئوخشىشىدىغان يېرى يوق
ئىكەن « دېدى.
ئۇلار روسۇللادىن بۇلارنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. روسۇللا شۇنداق دېدى: «شامغا بارىدىغان يولدىكى مەلۇم بىر جىلغىدا بىر كارۋاننى كۆردۈم. ئۇلار ئۇلاغلاردىن سەل قورقمدىكەن، مەن ئۇلاردىكى بۇنداق قورقۇشنى ئۆزگەرتتىم. مەككىدىكى جەبلىنۇر تېغىدا يەنە بىر ئادەمنىڭ تۆگە كارۋىنىنى ئۇچراتتىم. مەن ئۇلارنى كۆرگەن چاغدا، ئۇلار ئۇيقۇدا ئىكەن. ئۇلاردا بىر قاچا سۇ بار ئىكەن، ئۈستى بىرنېمە بىلەن يېپىقلىق تۇرۇپتۇ. مەن قاچىنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، سۇدىن ئازراق ئىچىپ بولۇپ، ئاغزىنى بۇرۇنقىدەكلا يېپىپ قويدۇم. بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ بەتىئىم يولىغا ماڭماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. كارۋاندىكى باش تۆگە سۈر تۆگە بولۇپ، ئۈستىدە ئىككى تاغار يۈك بار، تاغارنىڭ بىرى قارا، يەنە بىرى ئاق.»
خالايىق بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەررۇ تاغ تەرەپكە بېرىپ يولغا قاراپ تۇرۇشتى. خۇددى روسۇللا ئېيتقاندەك، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە ئالدىدا سۈر تۆگە ماڭغان بىر كارۋان كۆرۈندى.
نەيئە سۆزىنى داۋام قىلدى:
— مەن ئۇلارنىڭ روسۇللانىڭ دېگەنلىرىدىن گۇمانلىنىپ، باشلىرىنى سىڭايان قىلىشىپ بىر - بىرىگە كۆز قىسىشقانلىقىنى، ئاندىن ۋارقىراپ - چارقىراپ سۈرەن سېلىشقانلىقىنى كۆردۈم. مۇنتىئىم ئىبن ئەدى قاپ يۈرەكلىك بىلەن: «بۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى ئېيتماق ئاسان. دېگىنىڭنى بۈگۈن قىلالمىڭ، قالتىس مۇجىزە كۆرسەتكەن بولاتتىڭ! بىز ئېرۇسالمىغا تۆگە بىلەن ماڭماق، يېرىشمىزغا بىر ئاي، يېنىشمىزغا بىر ئاي، جەمئىي ئىككى ئاي ۋاقىت كېتىدۇ. ئەمما سەن بىر ئاخشامدىلا بېرىپ كەلدىم دەۋاتىمەن، مەن ئىشەنمەيمەن، سەن ئادەم ئالداۋاتىمەن»
دېدى.
نەيتەنمەنمەن سۆزى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئۈممۈهاننىمەن چىرايىدا ئەنسىزلىك ئەكس ئېتىپ، كۆزلىرىدىن روسۇللىلاغا ھېسداشلىق يېشى تاراملاپ ئاقتى.
نەيتە سۆزىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا ئەبۇبەكرى دەرھال روسۇللىلاغا: «يىز سېنىڭ
ئېيتقانلىرىنىڭ ھەق - راست ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز » دېدى. مۇتىئىم ئىبن ئەدمۇ گېپىنى ئۆزگەرتىپ: «مەن ئۇنىڭ بەيتىۋلىمۇقەددەسكە يېرىپ، تاڭ سۆزۈلۈشتىن بۇرۇن قايتىپ كەلگەنلىكىگە ئىشىنىمەن » دېدى. ئەبۇ بەكرى: «مەن ئۇنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەن ئۇنىڭ ئاسمان بىلەن زېمىن ئارىلىقىدا سەپەر قىلغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن » دېدى. مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى ئەبۇبەكرىنىڭ پىكرىگە قېتىلدى، لېكىن، ئەپسۇسلىنارلىقى، بىر قىسىم كىشىلەر ئاسىيلىق قىلدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى بىلمىدى، ئۇنىڭ ئەلچىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلمىدى.
– بۇ ئادەملەرنىڭ ئاسىيلىقى، – دېدى ئۈممۈهانى،
روسۇللىلانىڭ دىنى ئۈچۈن ھېچقانچە چوڭ ئىش ئەمەس. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار سېپىدىن چىقىپ كەتكىنى تېخىمۇ ياخشىدۇ بەلكىم، چۈنكى، ئارسالدى بولۇش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پايدىسىز.
