Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

ئەسھابۇلئۇخدۇد (خەندەك ئەھلى)

This content is not yet available in your language.

پىز - پىز ئاپتاپ سانا 2 غا ئۆز تەپتىنى چېچىۋاتاتتى، قولنى كۆيدۈرىدىغان قىزىق قۇم ئۇنىڭ گەۋدىسىنى سىلىماقتا ئىدى، شۇڭا يولۇچىلار شالاڭ، كوچىلار چۆلدەرەپ قالغانىدى، ئۇشتۇمتۇت بىر ئەر شىمال تەرەپتىن پەيدا بولدى، سىياقىدىن قارىغاندا، ئۇ قۇملۇقنىڭ ئۇ تەرىپىدىن كەلگەندەك قىلاتتى، ئۇ شەھەرگە كىرىپ ئۇدۇل پادشاھنىڭ ئوردىسىغا قاراپ ماڭدى، بۇ ئادەمنىڭ غەمكىن، تۇتۇق چىرايى، ئەنسىز كۆزلىرى، ئالدىراپ - تېنەپ قەدەم تاشلىشى كىشىدە گۈمان تۇغدۇراتتى، ئۇنىڭدا گويا پادشاھقا مەلۇم قىلىدىغان زور مەخپىي ئىش باردەك قىلاتتى، ئوردا ياساۋۇللىرى ئۇنى توسۇپ قويدى ۋە ئۇنىڭدىن: — سەن ئەركىن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز ئىشى بىلەن بولۇۋاتقان، ھەممە ياقنى جىمجىتلىق قاپلىمىغان بۇنداق چاغدا بۇ يەرگە نېمىگە كەلدىڭ؟ — دەپ سورىدى.

ھازىر پادشاھ ئالىيلىرى ئالدىراش، — دېدى ياساۋۇل ئۇنىڭغا، ھېچقانداق ئادەم بىلەن كۆرۈشمەيدۇ، شېنادىل ئۆلتۈرۈلۈپ، سانادىكى تەخت مۇستەھكەملىنىپ، يەمەندىكى يەھۇدىي دىنى تۇبەھى دەۋرىدىكىدەك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىلا، ئۇ ئاندىن باشقىلار بىلەن كۆرۈشىدۇ، پادشاھ ھەممە ۋاقىت يىراق سەپەرگە تەييار تۇرىدۇ، مەيلى مەغرىب ياكى مەشرىق بولسۇن ۋە مەيلى تۈزلەڭلىك ياكى تاغلىق بولسۇن، ئۇ جاھاننى بىرلىككە

1 ئەسھا بۇلئۇخرۇد ئورا كولىغۇچىلار دېگەن مەمدە — ب. 2 سانا يەمەندىكى بىر ماي.

كەلتۈرمەكچى. ئۇ يەھۇدىي دىنىنىڭ بىر تۇتاش دىنغا ئايلىنىپ، «تەۋرات» ئەقىدىلىرىنىڭ يەر يۈزىدە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى كۆرمىگۈچە ھەرگىز بەخىرامان ئۆخلىمايمەن دەپ قەسەمىياد قىلغان. كۈن پاتقاندا، ئۇ يەمەن دۆلەتلىرىدىكى پادىشاھلار، تۆرىلەر، سەركەردىلەر يىغىلغان ئوردا باغچىسىغا بېرىپ، ئۇلار بىلەن غازات قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىدۇ.

— پادىشاھنىڭ ئىشى بىلەن مېنىڭ ئىشىم توقۇنۇشمايدۇ. —

دېدى ھېلىقى ئادەم، مەن بۇ يەرگە پادىشاھ بىلەن بىللە چەككە چىقىش ئۈچۈن كەلدىم. مېنىڭ كېلىشىمدىكى مەقسىتىمنى ئۇنىڭغا چۈشەندۈرسەك، ئۇ مېنى چوقۇم چاقىرىدۇ.

پادىشاھ زۇنۇۋاس ئۆيىدىن چىقىپ، خىزمەتكارلىرىنى ئەتراپىغا ئولاشتۇرۇپ باغقا كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئەمدى سۆزلەي دەپ تۇرۇشىغا، ياساۋۇل:

— نەجران دىن كەلگەن بىر ئادەم ئۆزلىرى بىلەن

يېڭى دىن دەممەن! ئۇ ئادەم چاپسان كىرسۇن، دېدى پادىشاھ. ھېلىقى ئادەم كىرگەندىن كېيىن پادىشاھقا مۇنداق دېدى: — پادىشاھ مىئالەم، تەختى - بەختىڭىز بەرقارار بولغاي.

دۈشمەنلىرىڭىز يەر بىلەن يەكسان بولۇپ، مۇراد - مەقسىتىڭىزگە يەتكەيسىز. ئى شاھ ئالىيلىرى، مەن بۇ يەرگە بىر نەرسە تەلەپ قىلىپ كەلمىدىم. كۈچ - قۇۋۋىتىڭىزگە تايىنىپ باشقىلارنى بوزەك ئېتىش ئۈچۈنمۇ كەلمىدىم. نەجران دىيارىدا بىر ۋەقە يۈز بەردى. بۇ ۋەقەگە تەدبىر قوللىنىلمىسا، ئۇ باشقا جايلارغا يامراپ كېتىدۇ. ئۇنى يەمەن ياكى تېخىمۇ كەڭ جايلارغا يامراپ كەتمەيدۇ. دىگىلىمۇ بولمايدۇ.

يېقىندا، دېدى ھېلىقى ئادەم. — خرىستىئان دىنى دەيدىغان بىر يېڭى دىن نەجرانغا تارقالدى. بۇ دىن تەرەپدارلىرى ئىسانىڭ نامىدا دىن تارقىتىۋاتىدۇ. غەيرىي دىندىكىلەر بۇ دىننى ياقلاپ تۇركۇم - تۇركۇملەپ كىرىۋاتىدۇ. لېكىن، يەھۇدىيلارنىڭ بىر قىسمى ئۆز دىنىدىن ۋاز كېچىپ، غەيرىي دىنغا كىردى. يەنە بىر قىسىملىرى يەنىلا يەھۇدىي دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋەردى. ھازىر ئۇلارنىڭ ھالى ياخشى ئەمەس. ئەگەر شاھىم نەجراندىكى يەھۇدىي دىنىغا تېگىشلىك تەدبىر قوللانمىسا. يەھۇدىي دىنىنىڭ تەسىرى تارىختىن ئۆچۈپ كېتىشى مۇمكىن.

پادشاھ ئۆزىنى رۇسلاپ ئولتۇرۇپ:

بۇ دىن نەجرانغا قانداق تارقىلىپتىكەن؟ قانداق قىلىپ پۇت تىبرەپ تۇرالاپتۇ؟ قانداق قىلىپ كىشىلەرنى مايىل قىلالاپتۇ؟ قانداق پەيدا بوپتىكەن؟ بۇنى تەپسىلىيرەك ئېيتىپ باققىن. دېدى.

نەجرانغا ئىككى قۇل كەپتىكەن. — دېدى ھېلىقى ئادەم. — ئۇنىڭ بىرى رۇملۇق. ئىسمى فىمەييۇن ئىكەن؛ يەنە بىرى ئەرەب. ئىسمى سالىھ ئىكەن. فىمەييۇننى خورما دەرىخىگە چوقۇنىدىغان بىر ئادەم سېتىۋاپتۇ. بۇ ئادەم فىمەييۇننىڭ مەردانە، كۈچلۈك. مۇلايىم. ئىشچان ۋە ھاردىم - ئالدىم دېمەي ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلىۋاپتۇ. فىمەييۇن كېچىلىرى ئۆيدە ئۆزى يالغۇز ناماز ئوقۇيدىكەن.

بىر كۈنى ئۇنىڭ خوجايىنى ئۆيگە كىرىپ كەپتۇ. قارىسا فىمەييۇن ناماز ئوقۇۋاتقۇدەك. ئۆيدە چىراغ بولمىسىمۇ. ئۆي ئىچى يوپىيورۇق تۇرغۇدەك. خوجايىن بۇ ئىشقا ھەيران قاپتۇ - دە. ئۇنىڭدىن: «سەن قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلمىسەن. خورما دەرىخىدىن باشقا بىرەر مەبۇدقا ئېتىقاد قىلامىسەن؟» دەپ سوراپ. بۇ سىرتى ئېيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. فىمەييۇن: «مەن ئاللاھقا ئېتىقاد

قىلدىم. ئۇ پادىشاھنىڭمۇ ئىگىسى. ئۇ ھەممە مەخلۇقنى ياراتقۇچىدۇر. پەيغەمبەر ئىما ئۇنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنىڭ تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەم ئىمپاتلىغان. خورما دەرىخىگە كەلسەك. ئۇنىڭ كىشىگە پايدىسىمۇ، زىيىنىمۇ يوق. ياخشىلىقىمۇ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، بالا - قازانىڭ ئالدىنىمۇ ئالالمايدۇ. ناۋادا سەن قوشۇلساڭ، مەن ئاللاھتىن خورما دەرىخىگىنى شامال بىلەن قۇرۇتۇۋېتىش ياكى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلاي. ئاللا بۇ تەلىپىمگە قوشۇلسا ئەجەپ ئەمەس » دەپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭغا: «بۇ دېگىنىڭ راستمۇ؟» دەپتۇ. فىمەييۇن: «ئەگەر مەن شۇنداق قىلالمام، سەن مېنىڭ دىنىمغا ئىمان كەلتۈرمەسەن؟» دەپتۇ. خوجايىن: «بولدى، گېپىم - گەپ!» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنداق قىلىپ فىمەييۇن نامازغا ئولتۇرۇپتۇ - دە. ئاللاھتىن خوجايىننىڭ خورما دەرىخىنى شامال چىقىرىپ قۇرۇتۇۋېتىشنى ۋە يۆتكەپ كېتىشنى تەلەپ قىپتۇ. خوجايىننىڭ خورما دەرىخى راست قۇرۇپ كېتىپتۇ، غايىب بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خوجايىن ئۇنىڭ دىنىغا ئېتىقاد قىپتۇ. بۇ خەۋەر نەجرانغا تېزلا تارقىلىپتۇ. كىشىلەر تۈركۈم - تۈركۈملەپ بۇرۇنقى ئېتىقادتىن ۋاز كېچىپ، خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بوپتۇ. ھازىر ئۇ يەردىكى ئادەملەر بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىپ بولدى، قالغانلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىش ئالدىدا تۇرماقتا.

سەن ئېيتقان بۇ ئادەم، بۇ دىن توغرىسىدىكى ئەھۋال ناھايىتى مۇھىم. سۆزۈڭنى داۋاملاشتۇرغىن، - دېدى پادىشاھ. ھېلىقى ئادەم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

— فىمەييۇننىڭ شېرىكى سالىھنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ شام دىكى بىر كەنتتە ئەمگەك قىلىۋاتقاندا، فىمەييۇن كەنتكە بارىدىغان بىر يولدا كېتىۋاتقانىكەن. ئۇ بىلىمى مول ئادەم بولغاچقا، سالىھ ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەن. شۇڭا فىمەييۇننىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ مېڭىپتۇ، فىمەييۇن ئۇنى كۆرمەپتۇ. بىر كۈنى ئۇ قۇملۇققا ناماز

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.