ئەسھابۇلكەھف (غار ئەھلى يىگىتلىرى)
This content is not yet available in your language.
بايرام كۈنلىرىدە، ئەڧسۇسلۇقلار ئۆزلىرى ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلارغا نەزىر - چىراغ قىلىشاتتى، ئەسھا بۇ ئىش داڭقى چىققان بىر ياشنىڭ كۆزىگە سىغمايتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ بۇتقا بۇ قەدەر ئېتىقاد قىلىشىدىن تەشۋىشلىنەتتى. ئۇ كىشىلەر ئارىسىدىن چىقىپ، بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇردى - دە، يېگانە ھالدا يېشىنى تۆۋەن سېلىپ خىيالغا چۆمدى.
كۆپ ئۆتمەي، ئۇنىڭغا قەلبداش بىر ئادەم قوشۇلدى، كېيىن ئۇ قوشۇلۇپ، بۇ قوشۇلۇپ، ئۇلار تېزلا يەتتە ئادەم بولۇپ قالدى. ئۇلار ئۈزۈق - تۇغقان بولمىسىمۇ، لېكىن بىر نىيەت - بىر مەقسەتتە ئىدى، پىكىر - قاراشلىرىمۇ ئوخشىشىپ كېتەتتى. ئۇلار ئۆز قوۋمىدىكى كىشىلەر ئېتىقاد قىلىۋاتقان ئىلاھقا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار دۇنيادىكى ھەممە نەرسىگە ئۆتكۈز كۆز ۋە توغرا نىيەت بىلەن قارايتتى. ئورتاق ئېتىقادقا ئىگە ئىدى. شۇڭا ئۇلار ياراتقۇچى ئاللانى تېپىپ، ئۇنىڭ دىنىنى چىن قەلبىدىن قارشى ئالدى، لېكىن ئۇلار ئاللانى پەقەت قەلبىدىلا ساقلايتتى. چۈنكى، پادىشاھ مۇشرىك ئىدى. ئۇلار خەلق ئۈچۈن كۈرەش قىلاتتى، خەلقنىڭ غېمىنى يەيتتى. ئۇلار كۆڭۈلسىزلىك ھېس قىلغان چاغلىرىدا ئاللاھقا سېغىناتتى. بىر كۈنى گۈڭگۈم چۈشكەندە… ئۇلار يەنە بىر يەرگە توپلاندى. ئۇلاردىن بىرى پەس ئاۋاز بىلەن:
— بۇرادەرلەر، ئاخشام مەن بىر خەۋەر ئاڭلىدىم: پادىشاھ بىزنىڭ ئېتىقاد قىلغان دىنىمىزنى بىلىۋاپتۇمىش، بىزگە زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ پوپوزا قىپتۇمىش. — دېدى. ئۇلاردىن يەنە بىرى مۇنداق دېدى:
— بۇ خەۋەرنى ئىلگىرى مەنمۇ ئاڭلىغاندىم. مېنىڭچە، بۇ پۈتۈنلەي يالغان. بۇ خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئۇلار قەدىمى يەتكەنلا يەردە بۇ گەپنى تارقىتىپ يۈرۈپتۇ، مەيلى قانداق بولسا بولسۇن، بىز ئۆز دىنىمىزغىلا قەتئىي ئىشىنىپ، بارلىق بېسىمغا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك، بىز بۇنقا ئېتىقاد قىلىشنىڭ بىمەنىلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز، دەپ ئاللاھتىن يۈز ئۆرۈمەسلىكىمىز لازىم. قۇياشنىڭ ھەر كۈنى چىقىپ تۇرۇشى ئاللاھنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ، قەلبىمىزدىكى ئېتىقادتىن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
مىش - مىش گەپ ئىسپاتلاندى. خەۋەر راست چىقتى. ئۇلار ئۆز ئائىلىلىرىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.
— سىلەر ھەقىقىي پاكىتى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانىدىڭلار. — دېدى پادىشاھ ئۇلارغا، — سىلەر ئېتىقادىڭلارنى يوشۇرماقچى بولغانىدىڭلار. بۇنىمۇ ئاقتۇرالمىدىڭلار، ھەرقانداق سىر ھامان پاش بولىدۇ. مەن سىلەرنىڭ پادىشاھ ۋە پۇقرالار ئېتىقاد قىلىۋاتقان دىندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلارنى ئاڭلىدىم. نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟ مۇبادا مەن سىلەرنىڭ نام - شۆھرەتلىك ئىكەنلىكىڭلارنى بىلمىگەن بولسام، پۇقرالارمۇ سىلەرنى دورسا، مال - مۈلۈك ۋە بىخەتەرلىكىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلمىگەن بولسام، سىلەرنى راستىنلا ئۆز مەيلىڭلارغا قويۇۋەتمەكچى ئىدىم. سىلەرنىڭ كىشىلەر ئارىسىغا قايتىپ كېلىپ، بىزنىڭ دىنىمىزغا ئېتىقاد قىلغىنىڭلار تۈزۈكمۇ ياكى بېشىڭلاردىن ئايرىلىپ، قىيما - چىيما بولۇپ كەتكىنىڭلار تۈزۈكمۇ، بۇنى ئويلىنىشىڭلار ئۈچۈن ھازىرچە سىلەرنى جازالاشقا ئالدىرىمايمەن.
— شاھىمىز، بىزنىڭ بۇ دىنغا ئېتىقاد قىلىشىمىز باشقىلارنى دورىغانلىقىمىز ئەمەس، مەجبۇرىي ئېتىقاد قىلغانلىقىمىزمۇ ئەمەس، نادانلىقتىن، شۇنداق قىلغانلىقىمىزمۇ ئەمەس، بەلكى بۇ ئۆز تەبىئىتىمىزنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ بىزگە ئەقىل - ئىدراك ئانا قىلىپ، ئىلگىرىلەش يولىمىزنى يورۇتقانلىقى تۈپەيلىدىن بولدى. بىز ئاللاھتىن ئۆزگە ھېچقانداق ئىلاھقا ئىشەنمەيمىز، خەلقىمىزگە كەلسەك، ئۇلار نادانلىقتىن بۇتقا چوقۇنماقتا. بىزنىڭ يەكۈنىمىز مانا شۇ، ئۆزلىرى قاراپ بىر نېمە قىلارلا!
— بۇگۈن قايتىپ كېتىڭلار، — دېدى پادىشاھ ئۇلارغا، — ئەتە چوقۇم كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشۈڭلار، قېنى، سىلەرنىڭ زادى قانداق قىلماقچى بولىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ باقاي. ئۇلار قانداق ھەرىكەت قوللىنىشنى مەسلىھەتلەشتى. ئۇلاردىن بەزىسى مۇنداق دېدى:
— بۇ ئىشنى پادىشاھ بىلىپ قالغانىكەن، بىزگە ھەرگىز ياخشىلىق يوق. بۇنىڭدىن كۆرە بىز ئاشۇ غارغا بېرىپ، دىنىي پائالىيىتىمىز بىلەن مەشغۇل يولغىنىمىز تۈزۈك. پادىشاھنىڭ ئۆكتەملىك قىلىشى ئارقىسىدا، ئاللاھقا ئەركىن، بەھۈرۈر ئىبادەت قىلىش تەس بولغان بۇ زېمىندا، ئۇ يەر بەلكىم بىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى جايدۇر، ئۇ يەردە بىز ئۆز ئېتىقادىمىزنى غەم - قايغۇسىز ئاشكارىلىيالايمىز.
ئۇلار نان ۋە ئوزۇقلىرىنى ئېلىشىپ، ئېتىقادقا بولغان تولۇپ تاشقان سەمىمىيىتى بىلەن ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ يولغا چىقتى، يولدا بىر ئىت ئۇلارنى كۆرۈپ قالدى - دە، ئارقىسىدىن ئەگەشتى، ئۇلارنىڭ بۇ ئىت بىلەن كارى بولمىدى.
ئۇلار ماڭا - ماڭا ئاخىر بىر غارغا يېتىپ كەلدى. غار ئىچىدە سېۋىلىك دەرەخلەر ۋە ئىچىدىغان سۇ بار ئىدى. ئۇلار كېلىپ سېۋىللاردىن يېتىش، سۇدىن ئىچتى، ئاندىن ھاردۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن بىر ئاز دەم ئالماقچى بولدى. كۈتۈلمىگەندە، ئۇلارغا
ھاردۇق يېتىپ ھەممىسى ئۇخلاپ قېلىشتى. تۇن ئۆتۈپ كۈن كەلدى. ياز ئۆتۈپ قىش كەلدى. يىللار بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى. ئۇلار مۇشۇ ياتقىنىچە يېتىۋەردى. ئۇيقۇ مۇئەككىلى ئۇلارغا چاپلىشىۋالدى. قۇلاقنى يارغۇدەك بوران - شامال ئۇلارنى ئويغىتالمىدى. گۈلدۈرماممۇ ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىغا دەخلى قىلالمىدى. كۈن نۇرى غار ئىچىگە چۈشۈپ. غارغا يورۇقلۇق ۋە ئىللىقلىق بېغىشلايتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۈستىنى يورۇتمايتتى. قۇياش ئەگىپ ئۆتۈپ غەربكە پاتاتتى. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ تېنىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان كارامىتى ئىدى. ئەگەر كۈن نۇرى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدى. كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئۇياققا - بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالسا قورقۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى.
ئۇلار ئۈچ يۈز توققۇز يىل ئۇخلىغاندىن كېيىن، قورساقلىرىنىڭ سەل - پەل ئاچقانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ چارچىغانلىقىنى ھېس قىلىشتى. ئۇلار ۋاقىت بىر ئىزدا توختىغان. تارىخ چاقىمۇ ئايلانماس بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. دەپ ئويلاشتى. شۇ ئەسنادا ئۇلاردىن بىرى:
بىز ئەتىگەن ياتقاندۇق. دېدى ئۈچىنچىسى. ھازىر قۇياش تېخى پاتمايتتۇ. بۇنىڭدىن ئۇخلىغان ۋاقىتمىز بىر كۈنگىمۇ يەتمىگەنلىكى مەلۇم.
— دېدى. تولا پەرەز قىلىۋەرمەيلى. دېدى تۇتىنچىسى. بۇنى ئاللا ئەڭ ئېنىق بىلىدۇ. مەن بىرنەچچە كۈن
تائام يېمگەندەك قورسقىمنىڭ قاتتىق ئېچىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. شەھەرگە بىر ئادەم ئەۋەتىپ ئاز - پاز يېمەكلىك تېپىپ كېلەيلى! بىراق. قاتتىق ئېھتىيات قىلىش لازىم. باشقىلارغا سەزدۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ، بۇنداق بولمىسا، بىزمۇ ھايات قالمايمىز، ئېتىقادىمىزمۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
ئۇلاردىن بىرى ئاز - تولا يېمەكلىك تېپىپ كېلىش ئۈچۈن ئەفسۇس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ شەھەرگە كىرىپلا، ئۆي - ئىمارەتلەرنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھاڭ - تاڭ بولۇپ قالدى. خارابىلىكلەر ئوردىغا، ئوردا بولسا پارچە - پۇرات خىش - تاشلار دۆۋىسىگە ئايلانغانىدى. بەزى ئەھۋاللارغا ئۇ تېخىمۇ ئەجەبلەندى. ئۇ يەردىكى ئۆيلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئوخشىشىپ قالغاندەك قىلاتتى، ئەمما ئۆيلەرنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغانلار ئىلگىرىكى ئىگىسى ئەمەس بولۇپ چىقاتتى. ئۇ دەككە - دۈككە بولۇپ، پۇتلىرى كالۋالىشاتتى. بۇ ھال كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.
بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: — سەن بۇ يەرلىك ئەمەس ئىكەندىن - دە! نېمىگە قاراۋاتىمەن؟ نېمە ئىزدەۋاتىمەن؟ دەپ سورىدى. ئۇ: — ياق، مەن ئاز - تولا يېمەكلىك سېتىۋالاي دېۋىدىم، قەيەردە
ئىكەنلىكىنى بىلمەيۋاتىمەن، — دېدى. ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا نەرسە ساتىدىغان يەرنى كۆرسىتىپ قويدى. بۇ غارلىق ئادەم سودىگەرگە پۇل تەڭلىگەندە سودىگەر ھەيران بولدى. چۈنكى بۇ پۇل بۇنىڭدىن ئۈچ يۈز يىل ئىلگىرىدىكى پۇل ئىدى. شۇڭا، سودىگەر ئۆزىچە خەزىنە ئۇچراتقاندەك بولۇپ، بۇ پۇل چوقۇم تېخىمۇ كۆپ دۇنيا دەپنىگە ۋە ئالتۇن - كۈمۈشكە مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. دەپ ئويلىدى. بۇ چاغدا ئادەملەر كېلىپ ئۇنى ئورىۋېلىشتى.
غارلىق ئادەم ئۇلارغا:
بۇ پۇلنى تۈنۈگۈن مەن باشقىلارنىڭ قولىدىن ئالغان، بۈگۈن
ئۇنىڭغا بىر نەرسە سېتىۋالاي دېگەندىم. بۇنىڭ ئەجەپلەنگۈدەك نېمىسى بار؟ - دېدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىپ. سۆزىنى تۈگىتىپلا بۇرۇلۇپ ماڭماقچى بولدى. ئەمما كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن مۇلايىم سۆزلەشتى. ئۇلار ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ئۈچ يۈز توققۇز يىل بۇرۇن ياۋۇز پادىشاھنىڭ ئىلكىدىن قېچىپ چىقىپ كەتكەن ئابرۇيلۇق ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، قاتتىق تەئەججۈپلەندى. چۈنكى شۇ چاغدا پادىشاھ ئۇلارنى تۇتماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن تۇتالمىغانىدى. غارلىق ئادەم كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ تېگى - تەكشى بىلىۋالغانلىقىنى سېزىپ ناھايىتى قورقتى. ئۆزىدىنلا ئەمەس، قالغان قېرىنداشلىرىدىنمۇ ئەنسىرىدى. شۇڭا قېچىشى نىيەت قىلدى.
بىرەيلەن ئۇنىڭغا:
-
سەن قورقما، پادىشاھ ئۈچ يۈز يىلدىن بۇرۇنلا ئۇلۇپ كەتكەن. ھازىرقى پادىشاھمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىدۇ. سېنىڭ دوستلىرىڭ ھازىر نەدە؟ - دېدى. غارلىق ئادەم ئەھۋالنى چۈشەندى. ئەسلىدە ئۇنىڭ بىلەن بۇ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزۈن تارىخىي جەريان ئۆتكەندى. ئۇ ھازىر ماڭالايدىغان روھ، ھەرىكەتلىنەلەيدىغان كۆلەڭگىلا بولۇپ قالغانىدى. ئۇ:
-
غاردىكى دوستلىرىمنى بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلىشىم ئۈچۈن، سىلەر بېنى ئۇلارنىڭ قېشىغا كەتكۈزۈۋېتىڭلار. ۋاقىت ئۆزىراپ كەتسە، ئۇلار ئەندىشە قىلىپ قالىدۇ. دېدى. پادىشاھ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن دەرھال غارغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ نۇر يېغىپ تۇرغان يۈزلىرىنى كۆردى. پادىشاھ ئۇلار بىلەن قول ئېلىشتى. قۇجاقلاشتى ھەمدە ئۇلارنى ئوردىغا بېرىپ تۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
-
بىزنىڭ بالىلىرىمىز، نەۋرىلىرىمىز ئۆلۈپ تۈگەپتۇ -
ئۆيلىرىمىزمۇ قالماپتۇ. بىزنىڭ ھاياتلىق بەلۋېغىمىز ئۆزۈلۈپتۇ. ياشاشنىڭ يەنە نېمە ئەھمىيىتى بولسۇن؟ دېيىشتى. ئۇلار ئاللاھتىن ئۆزلىرىنى دەرگاھىغا ئېلىپ كېتىپ. بەخت ئاتا قىلىشنى، ئۆزلىرىنى جانسىز گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشتى.
شۇ مەيداندىكى خالايىق: — ئاللاھنىڭ بىزنى بۇ يەرگە ئەكېلىپ، ئۇلار بىلەن
كۆرۈشتۈرگەنلىكى، بىزگە ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى، ئۆلمەكنىڭ تىرىلمىكى بارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسا كېرەك. ھازىر بۇ ئىسپاتلاندى، — دېيىشتى.
