Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

مۇناپىقلار قىسسىسى

This content is not yet available in your language.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىشتىكى بۇرچى بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئۇقۇلۇپ، بارا - بارا مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە ئاڭلاندى.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئۆزىگە تاپشۇرغان بۇرچىنى ئادا قىلىش داۋامىدا، ئۈچ خىل دۈشمەننىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشلىقلىق ئورنىنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىشىدىن قورقاتتى ياكى ھەسەت قىلىش نىيىتىدە رەسۇلۇللاھغا قەستەن قىيىنچىلىق تۇغدۇراتتى ۋە بوھتان چاپلايتتى. بۇ ئۈچ خىل ئادەملەر مەككىدىكى قۇرەيش مۇشرىكلىرى، مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار ۋە ئىسلام دىنىدىكىلەر بىلەن غەيرىي دىندىكىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناپىقلار ئىدى.

مۇشرىكلار ئىسلام دىنىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئاشكارا جاكارلايتتى. مەدىنىدىكى يەھۇدىيلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگەن ھامان ئۇنى يۇزتۇرا ھاقارەتلەيتتى، ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ھىدايەتكە باشلىشىنى رەت قىلاتتى، ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلاتتى، قۇرەيش مۇشرىكلىرىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، رەسۇلۇللاھغا ئاپئاشكارا دۈشمەنلىك بىلەن قارايتتى ۋە قارشى تۇراتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا قارىتا ھەم كۈرەش قىلىش، ھەم بىرلىشىش يولىنى تۇتتى. ئۇ بەزىدە ئۇلار بىلەن ئاشكارا كۈرەش قىلاتتى، بەزىدە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاق تۇزەتتى. ئۇ مۇشۇ يول بىلەن بارا - بارا ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى، ئاخىرىدا ئۇلارنى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدۇرۇشنى ۋە بويسۇندۇرۇشنى ئۈمىد قىلاتتى.

مۇناپىقلارغا كەلسەك. ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئوچۇق - ئاشكارا قارشى تۈرمىسىمۇ. لېكىن كۆڭلىدە ئىسلام دىنىغا ناھايىتى چوڭقۇر دۆشمەنلىك قىلاتتى؛ ئۇلار ھەتتا ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلغانلىقىنى جاكارلاپ. ئىسلام دىنىنىڭ تەقۋادار ئېتىقادچىسىدەك قىياپەتكە كىرىۋالاتتى. لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا ئۆچمەنلىك ۋە ئاسىيلىق قىلىش غەرىزىدە بولاتتى؛ ئۇلار كۆرۈنۈشتە مۇسۇلمانلار بىلەن بىر سەپتە تۈرمىز دېسىمۇ. ئەمەلىيەتتە. ئۇلارنىڭ قەلبى غەيرىي دىندىكىلەر بىلەن بىر ئىدى؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى مۆمىنلەر دەيتتى، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئالدامچى، پەسكەش، گۈناھكار، توخۇ يۈرەكلەر ئىدى. ئۇلار سادىق مۆمىنلەرنى كۆرسە: «بىزمۇ سادىق مۆمىنلەر» دېيىشتى؛ شەيتاننى كۆرسە: «بىز سەن بىلەن بىر سەپتە» دېيىشتى. ئۇلار ئىسلام دىنى توغرۇلۇق بىر ئېغىزمۇ راست گەپ قىلمىغان، بەلكى خائىن - ئاسىيلارنى ئۆز ئەتراپىغا توپلىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ غەيرىي دىندا ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، لېكىن رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى غەيرىي دىندىكىلەر دەپ ھۆكۈم قىلىپ بولغانىدى. ئۇلارنىڭ تىلى تۈزۈك. دىلى بۇزۇق بولغاچقا. ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش تەس ئىدى. شۇڭا، غەيرىي دىندىكىلەرگە قارىغاندا، مۇناپىقلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ چوڭ، تەسىرى تېخىمۇ يامان ئىدى. رەسۇلۇللاھ شۇ چاغدا ئۇلارغا بىرەر چارە قىلالمىغانىدى. بۇ مۇناپىقلار مۇسۇلمانلارنىڭ كۆزگە قادالغان تىكەن، بەدىنىگە كىرگەن يىڭنە ۋە يۈرىكىگە چاپلانغان مەرەز بولۇپ قالغانىدى. كېيىن سۇ مەسىلىسى ئۈستىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ماجىرادا مۇناپىقلارنىڭ ئەپت - بەشىرىسى ئاشكارىلاندى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە تايىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى سىرىنى بىلىۋالدى.

بۇ ماجىرا مۇنداق بولغان: خۇزائە ئاھالىلىرى ئولتۇراقلاشقان رايوننىڭ ئەتراپىدا بىر كۆل بار ئىدى. بىر كۈنى بىر توپ ئادەم بۇ يەرگە ئات - تۆگىلىرىنى سۇغارغىلى كېلىدۇ، ئات - ئۇلاغلار كۆپ بولغاچقا، بۇ يەر بەك قىستا - قىستاڭ بولۇپ كېتىدۇ. خۇزائە

قەبىلىسىدىكى جەھەتتىن مەسئۇد جەفەر خەزرەچ قەبىلىسىدىكى سانائەتتىن مەسئۇد جۈھەنى بىلەن بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالىدۇ. بۇ ئىككىيلەن سۇ مەسىلىسى ئۈستىدە چېدەل قىلىشىپ، بىر - بىرىنى تىللىشىدۇ. جەفەر: «مۇھاجىرلار نومۇسسىز!» دەپ توۋلايدۇ. جۈھەنى: «ئەسارلار خۇنپەر!» دەپ تىللايدۇ. ئاندىن ئىككىسى بوغۇشۇپ قالىدۇ.

ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى مۇسۇلمان بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ بىرى مۇھاجىرلاردىن، يەنە بىرى ئەسارلاردىن ئىدى. ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن بۇ ئىككى گۈزۈم يېقىن قېرىنداشلارغا ئايلاندى. ھېلىقى ئىككىيلەن چېدەللىشىپ ۋە بوغۇشۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئىككى تەرەپتە ئىتتىپاقسىزلىق كېلىپ چىقمىدى. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەت يەنىلا ساقلاپ قېلىندى. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى ھاسىل قىلغان كېلىشىمى يەنىلا كۈچكە ئىگە بولۇۋەردى.

لېكىن بۇ ماجىراغا مۇناپىقلار ناھايىتى قىزىقتى. ئۇلار ئىچى قارىلىق قىلىپ، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، ئىشنى ھەدەپ ئۇلغايتىپ، ئىككى تەرەپتە توقۇنۇش پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى. شۇ چاغدا، ئابدۇللا ئىبن ئۇبەي ئىبن سەلۇل مۇناپىقلارنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇ چېدەل - ماجىرا بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، ھىيلە - مىكرىنى ئىشقا سالىدىغان پەيت كەلدى دەپ ئويلاپ، ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۆچ كۆرىدىغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىدى. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرنى يىغىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

— بىزنىڭ ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك خورلۇققا چۈشۈپ قالغانلىقىمىزنى كۆرمىگەنىدىم. ئۇلار بىزنىڭ يۈرتىمىزدا خىيالىغا كەلگىنىنى قىلىپ يۈرىدۇ. بىز نېمىلەرنى قىلدۇق؟ بەزىلەر ئۆچمەنلىكىنى ئۈنتۈپ قالدى. يەزىلەر تېخى ئۇلارغا خىلمۇ خىل ئوڭايلىق يارىتىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا يول قويغىلى بولامدۇ؟ ئەزىبىرايى، بىز مەدىنىگە قايتىپ بارغاندا، بۇ زاتى پەسلەرنى

شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىشىمىز كېرەك، - ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى، - ئى قوۋم - قېرىنداشلىرىم! ئەگەر سىلەر ياخشىلىققا ئېرىشىمەن دېسەڭلار، مۇھەممەدگە ھېچقانداق ئوڭۇشلۇق يارىتىپ بەرمەڭلار، ئۇلارنىڭ چاپارمەنلىرىدىنمۇ بولماڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ مۈلكىنى ئوبدان ئاسراپ، ئۇلارغا يىڭنە چاغلىق نەرسە بەرمەڭلار، شۇنداق قىلساق، ئۇلار يۈرتىمىزدىن كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

شۇ مەيداندا تۇرغان زەيىد ئىبن ئەرقەم ئىسىملىك بىر يىگىت ئابدۇللانىڭ قۇتراتقۇلۇقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. بۇ يىگىت ئىسلام دىنىغا مايىل بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى. ئۇ يۈرەكلىك ھالدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ:

  • مۇھەممەد ئاللاھنىڭ شەرەپلىك ئەلچىسى، مۇسۇلمانلارنىڭ غۇرۇرى. سەن نومۇس قىلماستىن ئۇنىڭغا بوھتان چاپلاۋاتىسەن، كىشىلەرنى ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا قۇترىتىۋاتىسەن، سەن نېمىدېگەن پەسكىش - ھە! پاكىت ئىسپاتلىدىكى، قەبىلىمىزدىكىلەرنىڭ نەپرەتلىنىدىغىنى دەل سەن، ھەتتا ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭمۇ سەندىن نەپرەتلەنمەكتە، - دېدى.

بۇ يىگىت گېپىنى تۈگىتىپلا كەينىگە قاراپمۇ قويماستىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن چىقىپ، ئۇدۇل روسۇللىللانىڭ ھۇجرىسىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئابدۇللانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى. روسۇللىللا چىرايى ئۆڭۈپ، ئىنتايىن بىئارام بولدى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى قىسىمىدا پاراكەندىچىلىك تۇغۇلۇشنىڭ ئالامەتلىرىنى، جىن - ئالۋاستىلارنىڭ ھەدەپ ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى، جىنايەت ئوتتىنىڭ تۇتىشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ھېس قىلدى.

بۇ مەيداندا بار بەزى ياشانغانلار روسۇللىللاغا:

  • ئى روسۇللىللا! سەن بۇ يىگىتنىڭ گېپىگە بەك ئىشىنىپ كەتسە. داۋاملاشتۇرۇپ مەلۇم قىلغان ئەھۋال راست بولماي قالسا قانداق بولىدۇ؟ - دېيىشتى.

روسۇللا دەرھال زەيد ئىبن ئەرقەمگە بۇرۇلۇپ: — سېنىڭ ئابدۇللادا ئۆچۇڭ بارمىدى؟ — دەپ سورىدى. — ياق، — دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. — خانا ئاڭلاپ قالدىڭمۇيا؟

روسۇللا ئابدۇللانى دەررۇ تاپتۇرۇپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن: — سەن كىشىلەرنى ماڭا قارشى قۇترىتىۋېتىپسەن، راستمۇ؟ — دەپ سورىدى. — ئى روسۇللا! زەيدنىڭ يالغان گەپلىرىگە قۇلاق سالمىغىن، ئۇ ئالدامچى، يالغان گەپ قىلىپ يۈرىدىغان كازراپ. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى قىلمىشلىرىمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ، — دېدى ئابدۇللا ئۆز قىلمىشىنى يېپىپ. — ئى روسۇللا، زەيدنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلغىن! ئالدامچىلار ۋە كازراپلارنىڭ تېگىشلىك جاجىسى مانا شۇ، — دېدى ئۆمەر ئىبن خەتتاپ. — ئى ئۆمەر، ئۇنى ئۆلتۈرسەك، كىشىلەر مېنى مۇھەممەد ئۆز ھەمراھلىرىنى ئۆلتۈرىدىكەن، دەيدۇ. مېنىڭچە ئۇنى ئۆلتۈرمىگەن ياخشى، — دېدى روسۇللا. شۇنىڭ بىلەن زەيد قويۇپ بېرىلدى. پۈتۈن قەبىلىدىكىلەر سەھەردىلا مەدىنىگە ئاتلاندى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بەزىلەرنىڭ باھانە - سەۋەب تېپىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭمىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يولدا ئۆسەيدى ئىبن ھوزەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى. ئۆسەيدى ئۇلارنىڭ بۇنچە سەھەردىلا يولغا چىققانلىقىدىن ھەيران بولۇپ: — ئى روسۇللا، كىشىلەر شۇنچە سەھەردە يولغا چىقىپتۇ، سەن نېمىشقا ئۇلار بىلەن بىللە ماڭمىدىڭ؟ — دەپ سورىدى. — سەن باشلىقىڭنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ — قايسى باشلىقنى دەيسەن؟

— ئابدۇللا ئىبن ئۇبىي ئىبن سەلۇنى. — ئۇ نېمە دەپتۇ؟ — ئۇ: «بىز مەدىنىگە قايتىپ بارغاندا، بۇ زاتى پەسلەرنى

شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىشىمىز كېرەك» دەپتۇ. ئى رەسۇلۇللاھ، خالىساڭ، سەن ئۇنى مەدىنىدىن ھەيدەپ چىقارغىن! ئاللا سېنى بىزگە ئەۋەتكەن چاغدا، ئۇنىڭ قوۋمىدىكىلەر ئۇنىڭغا تاج كىميەدۇرمەكچى بولۇشۇۋاتاتتى. ئۇ سېنىڭ ئۇنىڭ ئورنىنى تارتىۋالغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ساڭا قانداقمۇ ئۆچلۈك قىلماي تۇرالسۇن؟

بۇ گەپلەردىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يولنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەدىنىگە تېزلا يېتىپ كەلدى. ئۇ كېلىپ تېخى ئورۇنلىشىپ بولماي تۇرۇشىغا ئاللاھتىن مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى: «مۇناپىقلار سېنى كۆرگەندە: گۇۋاھلىق قىلىمىزكى، سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدىن، دەيدۇ. سەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، بۇنىڭغا ئاللا ئۆزى گۇۋاھ. مۇناپىقلار ھەقىقەتەن يالغانچىلاردۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىسىنى تىلتۇمار قىلىۋېلىپ، ھەق يولغا توسقۇنلۇق قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ھەقىقەتەن قەبىھ! ئۇلار ئاغزىدا ئىمان ئېيتىپ، دىلىدا ئىمان ئېيتىمدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ دىلى قۇلۇپلاندى، شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئاقىلان ئەمەس. سەن ئۇلارنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ سالاپىتىگە ئاپىرىن ئېيتىسەن. ئەگەر ئۇلار سۆزلىمە، سەن ئۇلارنىڭ سۆزىنى جىم تۇرۇپ ئاڭلا. ئۇلار خۇددى ياغاچ قورچاققا ئوخشاش، ھەممە چۇقاننى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان، دەپ قارايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتەن دۈشمەندۇر، سەن ئۇلاردىن پەخس بولۇشۇڭ كېرەك. ئاللاھتىن ئۇلارنى گۇمران قىلىشنى تىلىگىن! ئۇلار نېمىدېگەن بىمەنە! بەزىلەر ئۇلارغا: سىلەر ئىستىغار ئېيتىڭلار، رەسۇلۇللاھ سىلەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ، دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى. سەن ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق قىلىپ، توۋا - ئىستىغار ئېيتىمغانلىقىنى كۆردۈڭ. ئۇلارنىڭ

ھەممىسى ئوخشاش ئاقىۋەتكە قالىدۇ. ئاللا ئۇلارنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ، ئاللا ۋىجدانسىز خائىنلارغا ھىدايەت قىلمايدۇ. ئۇلار: سەلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە ئوڭايلىق يارىتىپ بەرمەڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا، ئۇلارنى بۇ يەردىن كېتىشكە مەجبۇر قىلغىلى بولىدۇ، دېيىشتى. ئالەمنىڭ خەزىنىسى ئاللاغىلا مەنسۇپ، مۇناپىقلار بۇنى بىلمەيدۇ. ئۇلار: بىز مەدىنىگە قايتىپ بارغاندا، زاتى پەسلەرنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىشىمىز كېرەك، دېيىشتى. پەقەت ئاللا بىلەن رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرلا ئەزىزلەردۇر، مۇناپىقلار بولسا ئۇنى بىلمىدى.»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بېشارىتىنى مۇسۇلمانلارغا جاكارلىغاندىن كېيىن، زەيدنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ قۇلاقلىرىنى ئاستا سىلاپ، ئۇنىڭغا:

— بالام، ئاللا سېنىڭ سەمىمىي - سادىق ئىكەنلىكىڭنى، مۇناپىقلارنىڭ يالغانچىلار ئىكەنلىكىنى ھۆكۈم قىلدى، — دېدى. مۇناپىقلارنىڭ باشلىقى ئابدۇللا مەدىنە شەھەر سىرتىغا يېتىپ كەلگەندە، ئوغلى ئۇنى توسۇپ:

— سەن قايت، شەھەرگە كىرىشكە بولمايدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، سەن ئۆزۈڭنىڭ پەسكەشلىكىڭ ئارقىلىق ئىززەت - ھۆرمەتنىڭ ۋە شان - شەرەپنىڭ ئاللاغىلا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايدىن، — دېدى. ئاللا مۇناپىقلارنى مانا شۇنداق جازالىدى. ئاللا ھەممىگە قادىر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.