Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

تالۇت بىلەن داۋۇد ئەلەيھىسسالام

This content is not yet available in your language.

بۇ ئۇرۇش داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاياغلاشتى. كىشىلەر ئۇنى ياخشى كۆردى. سەمىمىي ئادەم دەپ قەيت قىلىشتى. ئۇ نەگىلا بارسا كىشىلەرنىڭ دىققەت - نەزەرىنى چىلىپ قىلىدى. تالۇتمۇ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ قىزىنى داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا ياتلىق قىلدى. ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىسى دەپ قارىدى. تالۇت داۋۇد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر نىشاندا يولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقلاشتى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئىلانىڭ ئىرادىسىگە تايىنىپ زەپەر - نۇسرەت قازاندى. ئاللاھنىڭ ئىلتىپات - مەرھەمىتى كاتتىدۇر.

بىر كۈنى داۋۇد ئەلەيھىسسالام بىردىنلا تالۇتنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، قوشۇمىسى تۇرۇلۇپ، كەم سۆز بولۇپ قالغانلىقىنى، سۆز قىلغاندىمۇ، غەزەپ - نەپرەت ئارىلاش سۆزلەيدىغانلىقىنى سېزىپ قالدى. تالۇتنىڭ پاك قەلبىنى قوچۇپ، مۇشۇنداق ھالەتكە كەلتۈرگەن قانداق نەرسىدۇ؟ ئۇ پىتنىخورلارنىڭ ئارىغا يۆلگۈنچىلىك سېلىش ئۈچۈن پەيدا قىلغان ئىغۋالىرىغا ئىشەندىمۇ يا؟ داۋۇد چەك مەيدانلىرىدا دۈشمەنلەرنى باتۇرلۇق بىلەن قىرىپ، ئاللاھنىڭ پاناھىغا ئېرىشمىگەنمىدى؟ ئۆز تېنىنى تالۇت ئۈچۈن سوپارى قىلىپ، ئۇنى دۈشمەننىڭ زىيان - زەخمىتىدىن ساقلاپ قالغان ئەمەسمىدى؟ ئەجەبا، ئۇ تالۇتنىڭ ياخشى كۈيئوغلى، ئۇنىڭ

قىزىنىڭ قوغدىغۇچىسى ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئىككىسى توي قىلىشقاندىن بۇيان، بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈپ، ئىناق ئۆتۈۋاتىدىغۇ؟ ئۇنداق بولسا تالۇتنىڭ كۆڭلىنى باشقىچە قىلىۋاتقان نەرسە زادى نېمىدۇ؟ داۋۇد ئەلەيھىسسالام تالۇتنىڭ خاتىرجەم بولالماسلىقى بەلكى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى باشقا بىرەر ئوي - خىياللاردىن بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدى. بىر كۈنى كېچىسى داۋۇد ئەلەيھىسسالام خوتۇنى مىلىكىگە:

— قارىغىنا، مەن گۇناھ سادىر قىلدىمۇ ياكى گۇناھسىزمۇ، مەن ساداقەتمەنمۇ ياكى ساداقەتسىزمۇ؟ قارىسام داداڭنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ، كەيپى باشقىچە بولۇپ قاپتۇ، كۆزلىرىدىنمۇ غەزەپ - نەپرەت چىقىپ تۇرىدۇ. داداڭنى ئەزەلدىن بۇنداق ھالەتتە كۆرسىگەنىدىم، سەنمۇ ماڭا ئوخشاش ئويدىمۇ؟ — دېدى. مىلىكىم يېنىك بىر خورسىندى - دە، كۆزىگە ياش ئېلىپ دېدى:

— داۋۇد، مەن سەندىن ھەرقانداق ئىشنى يوشۇرمايمەن. دادام بەنى ئىسرائىلىنىڭ سېنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەپ، قەدىرلىگەنلىكىنى، ساڭا ئېتىقاد، ھۆرمەت نەزەرى بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سېنىڭ گەپ - سۆزلىرىڭ، پىكىرلىرىڭ ئۇلارنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۆزىنىڭ شاھلىق تەختىدىن ئەنسىرىمەكتە، سېنىڭ تەسىرىڭدىن ۋەھىمە يېمەكتە. ھەي داۋۇد، شاھلىق تەخت تۈگىمەس بايلىقتۇر. ھوقۇق ئىگىسى ئۇنى ھاياتى، جان - جەھلى ۋە قورال - ياراغلىرى بىلەن قوغدايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆز خىزمەتكارلىرىدىن گۇمانلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئېنىقلانمىغۇچە ئۇلارغا رەھىم قىلمايدۇ. دادام ھازىر ھەرخىل پەرەز - گۇمانلاردا بولۇۋاتىدۇ. دادام تەقۋا دىندار، مول بىلىملىك ۋە ئەقىل - پاراسەتلىك كىشى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مىجەزى چاچقۇن، كاللىسىدا خىلمۇخىل ئوي - غەرەزلەر بار. ئۇنى سەنمۇ ئاخىر چۈشىنىپ قالىسەن. ئۇ ھازىر سەندىن قۇتۇلۇش، سېنىڭ ھوقۇقۇڭنى

ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قانىتىڭنى كېسىپ تاشلاش كويىدا بولۇۋاتىدۇ، مەن ساڭا ئېھتىياتچان بولۇپ، ھاياتىڭنى ساقلاپ قېلىشىڭنى مەسلىھەت بېرىمەن. مۇبادا مېنىڭ مۆلچەرلىرىم جايىدا چىقسا، سەن ئامان - ئېمەن قالمىسەن، ئەھۋال مەن ئېيتقاندەك ئۈنچىۋالا ئېغىر بولمىغان تەقدىردىمۇ، ھەر ھالدا ئېھتىيات قىلغاننىڭ زىيىنى يوق.

داۋۇد ئەلەيھىسسالام خوتۇنىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ، قايغۇرغان ھالدا مۇنداق دېدى: — مەن پادىشاھنىڭ توغى ئاستىدا جان تىكىپ ئېلىشىدىغان

بىر جەڭچىمەن، ئېتىقادنى قوغدىغۇچى ئىخلاسمەن مۆمىنمەن. شەيتان ئەلەيھىلەننىڭ غەيۋەتلىرى داداڭنى ئازدۇرۇپ، ئۇنى يامانلىق قىلىشقا باشلىغان بولسا كېرەك. ئىنسان ئەزەلدىن يامان تەبىئەتلىك. داداڭ بەلكىم شەيتان ئەلەيھىلەننىڭ ئازدۇرۇشى ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمۇ مۇمكىن، ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا كۆزىنى يۈمىدى - دە، گويا تالۇتنىڭ خىلمۇخىل ئوي - غەرەزلىرىدىن ھېچقانداق خەۋىرى يوقتەك بىمالال ئۇيقۇغا كەتتى.

بىر كۈنى تالۇت داۋۇد ئەلەيھىسسالامنى ئويغىتىپ، ئۇنىڭغا: — ئى داۋۇد، بۈگۈن مەن مۇنداق بىر ئىشنى ئويلىدىم، بۈگۈن كەنئان تەرەپتىن كەلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ يەردىكى ئادەملەر توپلىشىپ بىر گۈزۈھ ئۇيۇشتۇرۇپتىمىش. ئۇلارنىڭ كۈچى بارغانسېرى ئۈلغىيىۋېتىپتۇ، بۇنداق بولۇشىنى مەنمۇ ئالدىن مۆلچەرلىگەندىم. مېنىڭ باشقا يانتايىقىم يوق، بۇ ئىشتا پەقەت ساڭسالا تايىنىمەن. شەمشىرىڭنى ئېلىپ، لەشكەر تاللىغىن، كەشانلىقلار ئۈستىدىن غالىب كەلمىگۈچە قايتىپ كەلمىگىن. يا شەمشىرىڭ دۈشمەننىڭ قېنى بىلەن بويالسۇن، يا ئۆلۈكۈڭنى

— تالۇت كۆڭلىدە داۋۇد ئەلەيھىسسالامنى تازا يامان يەردىن — قىسقىسىدىم دەپ ئويلايتتى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام پادىشاھنىڭ خوتۇنىنى ئۆزى ئۈچۈن پايدىسىمۇ بار، زىيىنىمۇ بار دەپ

چۈشەنسىمۇ، ئائىلاچ بويسۇندى. ئۇ كەنتانغا قاراپ ئاتلاندى، چەڭ داۋامىدا شەمشىرىنى ئوينىتىپ دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ، پىداكارلىق كۆرسەتتى. ئۇ جەڭدە يا جېنىدىن جۇدا بولىدىغانلىقى ياكى ئۆلۈم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى ئويلىنىپ تۇرمىدى. ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ئۇ ئاخىر غەلىبە قازىنىپ، لەشكەرلىرىنى باشلاپ تالۇتنىڭ ئالدىغا قايتىپ كەلدى.

داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ غەلىبىسى تالۇتنىڭ ھەسەتخورلۇقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋەتتى. تالۇت چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ، ئاخىر داۋۇد ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت قىلماقچى بولدى. داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى دادىسى تالۇتنىڭ شۇم نىيىتىنى بىلىپ، قاتتىق قايغۇرغان ھالدا ئېرىنى تاپتى - دە، دەككە - دۈككە ئىچىدە:

— ئى داۋۇد، چاپسان قاچ، مۇشۇنچىلىك ۋاقتىڭدا جېنىڭنى بىر ياققا ئالغىن! بولمىسا، ئەن ئۆلۈپ كەتسەڭ، مەن تۈگىشىپ كېتىمەن، دېدى.

داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئامالسىز قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ، سەرسانلىق يولىغا قەدەم قويدى. ئۇ تۇن قاراڭغۇسىدىن پايدىلىنىپ، تۆگىگە مىندى - دە، ئۆچمەنلىك ۋە ھەسەتخورلۇق تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان قاچقۇنغا ئايلاندى. لېكىن، ئۇ قەلبىدە ئاللاھقا قەتئىي ئېتىقاد قىلاتتى.

ئۇ بىر قاقاس چۆلگە كېلىپ قېلىپ، چەكسىز پەرىشانلىق ۋە بىئاراملىققا چۆمگەن ھالدا چۆلدە قونۇپ قالدى. ئارىدىن ئانچە ئۆتمەيلا، بەنى ئىسرائىل قوۋمىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئارقا - ئارقىدىن ئۈزۈلمەي كېلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردى.

تالۇت داۋۇد ئەلەيھىسسالامنى ئاشۇنداق قىلغاچقا، كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ قاچقانلار كۆپەيدى. قوشۇندىكى ئەسكەرلەر كۈنسايىن ئازايدى. ئۇ تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتكە قېلىپ، شەرمەندە بولۇشتىن ئەنسىرەپ.

ھە دېسلا ئۆكتەملىك قىلىپ، بىگۈناھ كىشىلەرگە يوقىلاڭ جىنايى بەتنام چاپلىدى. مۆمىنلەر، ئۆلىمالار، بىلىملىك ئاقىل زاتلارنى خورلاپ، لەشكەرلەر ئىچىدە قورقۇنچ ۋە ساراسىمە پەيدا قىلدى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام ساق - سالامەت ئىدى. ئۇ تالۇتنىڭ پادىشاھلىقىغا تەھدىت سالماقتا، ئۇنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئېلىشماقتا، ئۇنىڭغا ئاتىدىغان ئوقىنى تەييارلىماقتا ئىدى. تالۇت داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى، ئۇنىڭغا تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلىش كويىدا بولدى. ئۇ داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا قارشى لەشكەر تارتىشقىچە يېرىپ يېتىپ، بۇنداق قىلىشتىن قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتىدى.

داۋۇد ئەلەيھىسسالام قاقاس چۆلدىن ئايرىلىپ، تالۇتنىڭ ئەھۋالىنى تىڭ - تىڭلاشقا باشلىدى. ئۇ تالۇتنىڭ ئۆز لەشكەرلىرىنى يېتەكلەپ بىر جىلغىغا كېلىپ ئورۇنلاشقانلىقىنى كۆردى. تالۇتنىڭ لەشكەرلىرى ئۇزۇن يول يۈرۈپ تازا چارچىغانىدى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام تالۇتنىڭ نەيزىسىنى چەيدەسلىك بىلەن ئوغرىلىۋالدى، ئاندىن ئۆزىنىڭ قونالغۇ يېرىگە قايتتى. تالۇت نەيزىسىنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى سېزىپ تازا ساراسىمگە چۈشكەن چاغدا، داۋۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىسى كېلىپ تالۇتقا:

— بۇ سېنىڭ نەيزەڭ. ئاللا داۋۇدقا سېنىڭ يېشىڭنى ئالغۇدەك قۇدرەت ئاتا قىلغان، لېكىن ئۇ ئاق كۆڭۈل، ئاللاھقا ھەسەدىن بەك ئىخلاسمەن زات، — دېدى.

ئەلچىنىڭ گېپى يوللۇق بولۇپ، تالۇتنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى. ئۇ كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز قايغۇلۇق ياش ئاققۇزدى - دە، قىلغان - ئەتكەنلىرىگە پۇشايمان قىلدى. ئۇ ئاخىر قاتتىق تېجىنىپ يىغلىدى، داۋۇد ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىغا، ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىك بولمىغان بەزى ئاقىل - دە، دە ئاتلارنى ئۆلتۈرگەنلىكىگە پۇشايمان قىلدى. ئۇ ئەمدى ئاللاھنىڭ ئالدىدا قانداق قىلار؟

تالۇت قايتتى. ئۇ تېڭىرقاپ قۇملۇق جەزىرىگە قاراپ ماڭدى. ئۇ ئۆلگۈچە ئاللاھقا توۋا قىلىپ ئۆتتى. بەنى ئىسرائىل داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ماداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاللا داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭغا ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلدى.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.