ئوھۇد غازىتى
This content is not yet available in your language.
ھىجرەتتىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلى، مۇسۇلمانلار بىلەن كاپىرلار ئارىسىدا يەنە جەڭ بولدى.
قۇرەيش كاپىرلىرى مەغلۇپ بولدى. بەدرىدىكى ئۇرۇشتا ئۇلار مەغلۇپ بولغاچقا، ئۆلگىنى ئۆلدى، ئەسرگە چۈشكىنى ئەسرگە چۈشتى. ئۆلمەي ئېشىپ قالغانلىرى مەككىگە ئاران بېرىۋالدى. ئەبۇسۇفيان ئىبن ھەرب ئۇلارنىڭ كاتتىۋېشى ئىدى. ئۇ ئېغىر قەدەم تاشلىغان ھالدا بىر توپ ئادەملىرىنى ئەگەشتۈرۈپ مەككىگە قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى ئۆرتەنمەكتە ئىدى. چۈنكى، ئاللا مۇسۇلمانلارغا مەدەت بەرگەن، قۇرەيشلەرنى بولسا زىيانغا ئۇچراتقانىدى.
ھۆرمەتلىك رەسۇلۇللاھ تۆلەمنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئاجىزلارغا شەپقەت قىلدى، كەمبەغەللەرنىڭ بېشىنى سىلىدى. ئەبۇ ئوززە جۈمەھى دېگەن كىشى:
ئى رەسۇلۇللاھ، مەن يېقىر، بالىۋاقىلىق ئادەممەن. ماڭا ئىلتىپات قىلغىن! دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا كەڭ قوللۇق بىلەن ئىلتىپات قىلدى.
قۇرەيشلەر يەنە بىر يىل تەييارلىق كۆردى. ھىجرەتتىن كېيىنكى ئۈچىنچى يىلى، ئابدۇللا ئىبن رەبىئە، ئىكرىمە ئىبن ئەبۇ جەھىل، سەفۋان ئىبن ئۈمەييەلەر قۇرەيشلەر ئارىسىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئاتىلىرى، قېرىنداشلىرى تولۇن ئاي چىققان كۈنى بەدرىدە ئۆلگەنىدى. ئۇلار قۇرەيشلەرنى ئۇرۇش قىلىپ ئىنتىقام ئېلىپ بېرىشكە قۇترىتىش ئۈچۈن مۇنداق دېدى:
ھەمدى قۇرەيشلەر، مۇھەممەد سىلەرنى بوزەك قىلدى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭلارنى ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش
قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىڭلار. ئىنتىقام ئېلىش ۋاقتى كەلدى. توۋلىغان ئاۋاز كىشىلەرنىڭ قۇلاقلىرى تۆۋىدە جاراڭلايتتى. ئۇلار ئۈرۈشقا قاتنىشىش ئۈچۈن بەس - بەس بىلەن قوشۇنغا قاتناشتى. پۇل ۋە ئاشلىق توپلىدى. جۈبەير ئىبن مۇتئىم قۇلىنى چاقىرىپ:
— بەدرىدە مۇھەممەدنىڭ تاغىسى ھەمزە مېنىڭ تاغامنى ئۆلتۈردى. سەن ھەمزەنى ئۆلتۈرسەڭ. سېنى ئازاد قىلىمەن، — دېدى. نۇرغۇن مەلئۇنلار پۇل، قۇل ۋە قورال - ياراغ يەتكۈزۈپ بەردى. لېكىن بۇ ئىشلار ئاشۇ ئۇلۇغ كۈننىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈنلا ئىدى. «مۇشرىكلار نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىپ ئاللاھقا توسقۇنلۇق قىلدى. ھازىرمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر پاجىئە. ئۇلار ئۈرۈشتا يېڭىلىدۇ. دوزاخ چوقۇم ئۇلارنىڭ قارارگاھى بولىدۇ.»
ئاللا مۇسۇلمانلارغا مۇشۇنداق ۋەدە قىلدى ۋە ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇلۇغ غازات بولغان كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ لەشكەرلىرىگە ياردەم قىلدى.
قۇرەيشلەر ئەبۇسۇفىياننىڭ قوماندانلىقىدا، قەتان ۋە مەككىلىكلەر بىلەن بىرلىشىپ، رەسۇلۇللاھغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار بىر توپ مەلئۇنلار ئىدى. سەفۋان ئىبن ئۇمەييە شائىر ئەبۇئەززەنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
— ئەي ئەبۇئەززە، سەن شائىر، سەن بىزگە ئاغزىڭ بىلەن ياردەم قىلىشىڭ كېرەك، بىز بىلەن بىللە بارغىن! — دېدى. — مۇھەممەد ماڭا ياردەم قىلغانىدى، مەن ئۇنىڭغا قارشى تۇرالمايمەن، — دەپ جاۋاب بەردى ئەبۇئەززە.
— قەلبىڭ بىلەن بولسىمۇ بىزگە ياردەم بەرگىن، مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ساڭا بايلىق بەخش ئېتىمەن. ئەگەر سەن بەختىمىزلىككە ئۇچرىساڭ، مېنىڭ قىزىم بىلەن سېنىڭ قىزىڭ جايادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولسۇن، — دېدى سەفۋان. قۇرەيشلەردىن ئەرلەر، ئاياللارنىڭ ھەممىسى يولغا چىقتى، بۇ
چاغدا، ئەبۇسۇفياننىڭ خوتۇنى بىنتى ئوتبە ۋە باشقا ئاياللار لەشكەرلەرگە ئىلھام بېرىپ تۇراتتى. قۇرەيش مۇشرىكلىرى مەدىنە شەھىرىنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدىكى ئوھۇد تېغى ئېتىكىگە چۈشتى. كۆڭۈل - كۆكسى كەڭ ۋە سەۋرلىك رەسۇلۇللاھ ساھابىلەر بىلەن مەسلىھەتلەشتى. ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكىلەرنىڭ پىكرىگە بىر - بىرلەپ قۇلاق سېلىپ چىققاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
— سىلەر مەدىنىدە خاتىرجەم ياشايمىز دېسەڭلار، دۈشمەنگە ئارام بەرمەسلىكىڭلار لازىم. ئۇلار بىزگە ھۇجۇم قىلسا، قەتئىي زەربە بېرەيلى.
رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزى تۈگىشىگىلا، ئابدۇللا ئىبن ئۇبەي ئىبن سەلۇل ئورنىدىن تۇرۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ پىكرىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى ۋە ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاللا ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالايدىغان كىشىلەر بولسا:
— ئى رەسۇلۇللاھ، سەن بىزنى دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باشلاپ بارغىن. بىز قورقۇنچاقلاردىن ئەمەسمىز، — دېيىشتى. ئابدۇللا ئىبن ئۇبەي ئىبن سەلۇل ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ:
— ئى رەسۇلۇللاھ، سەن مەدىنىدە تۇرغىن، ھەرگىز دۈشمەن قېشىغا بارمىغىن، يا رەببىم! بىز ھۇجۇم قىلمايلى، ھۇجۇم قىلىش بىزگە پايدىسىز؛ بىز ھۇجۇم قىلمىساق، ئۇلارمۇ بىزگە ھۇجۇم قىلمايدۇ، — دېدى.
رەسۇلۇللاھ جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولغۇچە، كىشىلەر ھەەەپ دەتالاش قىلغىلى تۇردى. رەسۇلۇللاھ نامازنى ئوقۇپ بولۇپ، ساۋۇت كىيىپ، جەڭگە تەييارلاندى. كىشىلەر ئۇنىڭغا:
— يا رەسۇلۇللاھ، سەن بۇ يەردە ئولتۇرۇپ دەم ئالغىن! — دېيىشتى.
— پەيغەمبەر دېگەن جەڭ كىيىمىنى كىيگەندىن كېيىن، جەڭ ئاياغلاشمىغۇچە، كىيىمىنى سېلىۋېتىشكە بولمايدۇ، — دېدى
رەسۇلۇللاھ ئىبن ئۇممۇ مەكتۇمنى مەدىنىدە قالدۇرۇپ، ئۆزى
ساھابىلەرنى باشلاپ چىقىپ كەتتى. ئابدۇللا ئىبن ئۇبى ئىبن سەلۇل ئادەملەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى باشلاپ مەدىنىدىن ۋە ئوھۇدتىكى ئورۇنلاشقان يەردىن ئايرىلغان مەزگىلدە، ئىبن ئۇممۇ مەكتۇم خەزرەچ قەبىلىسىنىڭ سەلەمە ئايمىقىنىڭ ۋە ئەۋس قەبىلىسىنىڭ ھارسە ئايمىقىنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نامىزىغا ئىسمامەتچىلىك قىلدى. ئابدۇللا ئىبن ئۇبى ئىبن سەلۇل رەسۇلۇللاھنى باشقىلارنىڭ پىكرىگە بويسۇندى دەپ ئويلاپ:
— ئەگەر بىز ئۇرۇش قىلىشنى بىلسەك، ئەلۋەتتە سىلەرگە ئەگىشەتتۇق. ھوي خالايىق. بىز بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن بىر - بىرىمىزنى قىرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز، — دېدى. ئارقىدىنلا ئابدۇللا ئىبن ئەمر مۇنداق دېدى:
— ھوي خالايىق، مەن سىلەرنى شۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرايكى، قوۋمىڭلارغا، پەيغەمبىرىڭلارغا ھۇجۇم قىلماڭلار. ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى رەببىم ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى سىرنى بىلىپ قالغانلىقىدىن بولدى: «مۇناپىقلارنى بىلىش كېرەككى، بەزىلەر ئۇلارغا: كېلىڭلار، ئاللا ئۈچۈن كۈچ بولسا كۈچ، پۇل بولسا پۇل چىقىرىڭلار دېمەك، ئۇلار: ئەگەر بىز ئۇرۇش بولىدىغانلىقىنى بىلسەك، ئەلۋەتتە سىلەرگە ئەگىشەتتۇق، دېيىشتى. ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ يۈرگىنىدىن كۆرە، مۇناپىق دېگىنى تۈزۈك. ئۇلارنىڭ بۇ گېپى چىن دىلىدىن چىقمىغان. لېكىن، ئۇلۇغ ئاللا ئۇلارنىڭ ئىچكى سىرىنى بىلىۋالالايدۇ.» ئۇلار ئۆزلىرى جەڭگە قاتنىشىشقا ئۇنىمايلا قالماستىن، بەلكى دىنىي قېرىنداشلىرىغا: «ئەگەر ئۇلار بىزگە ئىتائەت قىلسا، جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، ئۇنداق بولسا، سەن: ئەگەر سىلەر سەمىمىي بولىدىغان بولساڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئۆلۈمگە تاقابىل تۇرۇشۇڭلار كېرەك، دېگىن» دېيىشمەكتە. رەسۇلۇللاھ لەشكەرلىرىنى باشلاپ بىر تاغ ئۈستىگە جايلاشتى.
— مېنىڭ بۇيرۇقۇمسىز ھېچكىم ھۇجۇمغا ئۆتمىسۇن.
دېدى.
رەسۇلۇللاھنىڭ قول ئاستىدىكى يەتتە يۈز ساھابە جەڭگە تەييارلاندى. قۇرەيشلەرمۇ ھازىرلىنىپ بولدى. ئۇلارنىڭ ئادىمى كۆپ. ھەيۋىسى كۇچلۈك بولۇپ، ئۈچ مىڭ كىشىلىك قوشۇن، ئىككى يۈز ئات تەق قىلىپ، ئوڭ ۋە سول قاناتقا بۆلۈنگەندى. سول قاناتقا خالىد ئىبن ۋەلىد، ئوڭ قاناتقا ئىكرىمە ئەبۇجەھىل باشچىلىق قىلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قولىدا شەمشەر تۇتقان ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ: — كىم بۇ شەمشەرنى ئېلىشنى خالايدۇ؟ — دېدى.
— جەڭ مەيدانىدا شەمشەرنى بىكار ئۇرماسلىققا كىم كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ — دېدى رەسۇلۇللاھ.
— مەن كاپالەتلىك قىلالايمەن، — دېدى ئەبۇدەججانە. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ شەمشەرنى ئەبۇدەججانىگە بەردى. ئەبۇدەججانە سەللىسىنى يېشىپ، شەمشەرنى ئوبدان ئورىدى. دە، ئىككى رەتتىن بولۇپ قاتار تۇرغان لەشكەرلەر ئارسىدا گىدىيىپ ئۇياقتىن. بۇياققا مېڭىپ يۈردى. رەسۇلۇللاھ بۇ ھالنى كۆرۈپ: — ئەگەر مۇشۇنداق مەيدان بولمىغان بولسا ئىدى، ئاللا بۇنداق گىدىيىشتىن بىزار بولغان بولاتتى. دېدى.
ئەبۇسۇفيان ئابدۇددار جەمەتىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇننىڭ ئالدىغا كېلىپ قۇتراتقۇلۇق بىلەن:
— ئى ئابدۇددارنىڭ ئەۋلادلىرى! تولۇن ئاي چىققان كۈنىدىكى ئاشۇ جەڭدە سىلەرنىڭ قوشۇنۇڭلار ئارقىغا چېكىنگەنلىكتىن، بىز زىيان تارتتۇق. كىشىلەر سىلەرنىڭ ئەلىمىڭلار ئاستىغا توپلانماقتا، ئەلەم يىقىلغان ھامان كىشىلەرمۇ ئۆزلۈكىدىن چېچىلىپ كېتىدۇ. سىلەر يا مېنىڭ قوماندانلىقىمغا بويسۇنۇڭلار، يا ئۆز ئالدىڭلارغا ئىش كۆرۈڭلار، بۇنى ئۆزۈڭلار
بەلگىلەڭلار. دېدى. ئۇلار:
— بىز سېنىڭ قوماندانلىقىڭغا بويسۇنسىز. سەن ئەتە بىزنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ قالسەن. دەپ ۋەدە قىلىشتى.
ئوتېەنىڭ قىزى ھىند باشقا ئاياللار بىلەن بىللە بولدى. ئۇ داپنى بولۇشىغا تاراڭلىتىپ، لەشكەرلەرنى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرەتتى.
جەڭ شىددەتلىك داۋام قىلماقتا ئىدى. ئەبۇدەججانە رەسۇلۇللاھنىڭ شەمشىرى بىلەن دۈشمەننى باتۇرانە قىرماقتا ئىدى. شۇ ئەسنادا ئۇ بىر ئادەمنىڭ لەشكەرلەرنى مۇسۇلمانلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ھەيدەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. دە، دەررۇ ئېتىنىڭ بېشىنى شۇ تەرەپكە قايرىپ شەمشىرىنى تەڭلىگەن پېتى ھېلىقى ئادەمنىڭ ئالدىنى توستى. لېكىن، ئەبۇدەججانە ئۇنىڭغا شەمشەر ئۇراي دەپ تۇرۇشىغا ئۇشتۇمتۇت ئۆزى زەربە يەپ، بىر نەرە تارتىپ يىقىلدى. دە، شېھىت بولدى. ئەبۇدەججانەنى دەل ئوتېەنىڭ قىزى ھىند ئۆلتۈرگەنىدى.
ھەبەشلىك ۋەھشىي جۈپەير قۇللۇقتىن ئازاد بولۇش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ھەمزىنى پۇرسەت تېپىپ ئۆلتۈرۈش كويىدا ئىدى. ئۇ ھەمزىنىڭ بۇغرىدەك ھۆركىرەپ جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يۈگۈرۈپ بارغىنچە بىر نەيزە ئۆرۈپ ھەمزىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ تاشلىدى. ھەمزە ئاللا يولىدا شېھىت بولدى.
ئوھودتا جەڭ تېخىمۇ كەسكىنلەشتى. رەسۇلۇللاھ ئەلەم ئاستىدا ئولتۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىشقا ئىلھاملاندۇراتتى. ئۇ مۇسۇلمانلارنى ئىشەنچلىك ۋە سەۋر - تاقەتلىك بولۇشقا ئۈندەيتتى ۋە ئۇلارغا مۇرتەتلەردىن ساقلىنىش، ئۆز ئورۇنلىرىدىن قوزغالماسلىق، تەكەببۇرلىنىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىش، راھەت - پاراغەتكە بېرىلمەسلىك، ئولجا ئېلىشقا بېرىلمەسلىك ۋە مۇشرىكلاردەك ئەيش - ئىشرەتلىك تۇرمۇشقا
بېرىلمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇراتتى.
ئاللا مۇسۇلمانلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارغا قىلغان ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جەڭگە كىرگەن مۇشرىكلارنى يوقاتتى. شۇنداقتىمۇ، بىر خىل بەتتىيەت يەنىلا مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى چىرىتىپ، ئۇلارنىڭ مۇشرىكلارنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىپ تولۇق غەلىبە قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا ئىدى. بۇ بەتتىيەتلىك ئۇلارغا رەسۇلۇللاھنىڭ تەلىمىنى ئۈنتۈلدۈردى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا: «ئاللاھقا سېغىنىڭلار، ئاللاھقا سېغىنىڭلار» دەپ تەلىم بەرگەنىدى. لېكىن، بەزىلەر بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ، ئولجا ئېلىش بىلەن بولۇپ كەتتى. رەسۇلۇللاھ: «ئىككى تەرەپ ئېلىشتۇراتقاندا، قاچاقلارنىڭ كۆڭلى ئولجا بىلەنلا بولۇپ كېتىدۇ» دەپ ھۆكۈم قىلغانىدى.
غەلىبە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇغ - ئەلىمى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مۇشرىكلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋالدى، بۇ چاغدا مۇشرىكلارنىڭ ئەلىمىنى ئەبۇتەلھەنىڭ ئوغلى كۆتۈرگەنىدى. جەڭدە ئۇ ئىككى قولى چېپىپ تاشلانغان بولسىمۇ، ئەلەمنى تاشلىۋەتمەي، مەيدىسىگە قۇچاقلىۋالدى، كېيىن ئەلقەم ھارسىيەنىڭ قىزى ئۈسرە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئەلەمنى ئالدى، بۇنىڭ بىلەن قۇرەيشلەر ئەلەمنى ساقلاپ قالالمىدى.
مۇسۇلمان قوشۇنلىرى جاسارىتىنى يوقىتىپ، ئۈمىدسىز ھالدا ئارقىغا چېكىندى. بۇ بەختسىز بىر كۈن ئىدى. شۇ كۈنى ئاللا ھەممىنى پاكىت بىلەن چۈشەندۈردى. جەڭ ئاياغلىشاي دېگەندە، دۈشمەن بىردىنلا رەسۇلۇللاھغا ئېتىلىپ، ئۇنىڭ ئۇدۇل چىشىنى چۈشۈرۈۋەتتى، يۈزىنى جاراھەتلەندۈردى، كالپۇكىنى بېرىۋەتتى.
جەڭ ئاياغلىشىپ ئانچە ئۈزۈن ئۆتمەي، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆلتۈرۈلدى، دېگەن خەۋەر تارقىلىپ، مۇسۇلمانلار ئىچىدە ناھايىتى زور داۋالغۇش بولدى. ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغىمۇ ناھايىتى زور تەسىر يەتتى. لېكىن بۇ ھەقتە ئاللا مۇنداق دېدى:
«مۇھەممەد بولسا بىر پەيغەمبەر، ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كۆپ پەيغەمبەرلەر كېلىپ كەتتى. ئەگەر ئۇ ئۆلسە ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقا قىلارغا يېتىۋالامسىلەر؟ ئارقىغا يېتىۋالغانلارنىڭ ئاللاھقا ھېچ زىيىنى يوق. شۇڭۇر قىلغۇچىلارنى ئاللا مۇكاپاتلايدۇ. ھېچكىم ئاللاھنىڭ ئىجازىتىمىز ئۆلمەيدۇ، چۈنكى ھەربىر بەندىنىڭ ئۆمرى ئاللا تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. كىمكى بۇ دۇنيانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشمەكچى بولىدىكەن. ئۇنىڭغا ئاتا قىلىمەن؛ كىمكى ئۇ دۇنيانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشمەكچى بولىدىكەن. ئۇنىڭغىمۇ ئاتا قىلىمەن. مەن شۇڭۇر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمەن.»
كەئب ئىبن مالىك تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن رەسۇلۇللاھغا قاراپ قويۇپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا:
— ئى مۇسۇلمان قېرىنداشلار، قارا قىلار! رەسۇلۇللاھ مانا! — دەپ توۋلىدى. كىشىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھنى كۆرسە جاسارىتى ئۈرغۈيتتى. رەسۇلۇللاھمۇ ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئەلى، تەلھە ئىبن ئابدۇللا، زۇبەير ئىبن ئەۋۋام ۋە باشقا مۇسۇلمانلار بىلەن بىللە كىشىلەرگە قاراپ يۈگۈرۈشتى. ئۇبەي ئىبن خەلەق: — مۇھەممەد قەيەردە؟ ئۇ قۇتۇلغان بولسا، مەن تۈگىشىمەن، — دېدى.
— ئى رەسۇلۇللاھ، ئۇ ئارىمىزدىكىلەردىن بىرى. مەن ئۇنىڭغا ھېسداشلىق ۋە مەرھەمەت قىلساڭ، قانداق؟ — دېيىشتى كۆپچىلىك.
— ئۈنى چاقىرىڭلار، — دېدى رەسۇلۇللاھ. ئۇبەي ئىبن خەلەق كەلگەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ قولىغا نەيزە ئېلىپ، ئۇنىڭ كانىيىغا بىر تىقىۋىدى، ئۇ شۇ يەردىلا يىقىلىپ ئۆلدى. شۇ ئەسنادا، ئەلى سۇ ئەكەلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇبەي ئىبن خەلەقنىڭ قان يۇقىنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ قايتا تىرىلدى ۋە كۆزلىرىنى ئېچىپ، بەدىنىنىڭ سەل بوشىشىپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما ھېچقانداق رەخىملەنمىگەنلىكىنى ھېس قىلدى — دە، دەررۇ رەسۇلۇللاھنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ سەجدە قىلدى.
مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار ئوتتۇرىسىدىكى ئوھۇد جېڭى ئاياغلاشتى. بۇ جەڭدە مۇسۇلمانلار غەلىبە قازىنالمىدى. ئەكسچە، يەتمىش نەپەر مۇنەۋۋەر كىشى شېھىت بولدى. ئاللا ئەڭ دانا ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر. ئۇ بۇنداق بولۇشنى بىلەتتى. بۇ ھەقتە مۇنۇ ئايەت نازىل بولدى: « ئاللا سىلەرگە قىلغان ۋەدىسىدە تۇردى: ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار. ئاللا سىلەر ياقتۇرىدىغان غەلىبىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن زەئىپلىشىپ قالدىڭلار. پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى توغرىسىدا جاڭجاللاشتىڭلار. ( پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە ) بويسۇنمىدىڭلار. بەزىلىرىڭلار دۇنيانى كۆزلىدىڭلار. بەزىلىرىڭلار ئاخىرەتنى كۆزلىدىڭلار. ئاندىن ئاللا سىناش ئۈچۈن سىلەردىن دۈشمەننى قايتۇردى ۋە سىلەرنى ھەقىقەتەن ئەپۇ قىلدى. ئاللا مۇمىنلەرگە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئارقاڭلاردىن سىلەرنى چاقىرىپ تۇراتتى. سىلەر ھېچ كىشىگە قارىماي قاچاتتىڭلار. قولۇڭلاردىن كەتكەن نەرسىگە ( يەنى غەنىيمەتكە ). بېشىڭلارغا كەلگەن مۇسىبەتكە ( يەنى مەغلۇبىيەتكە ) قايغۇرماسلىقىڭلار ئۈچۈن. ئاللا سىلەرگە غەم ئۈستىگە غەم بەردى. ئاللا قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. غەمدىن كېيىن ئاللا سىلەرگە ئەمىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى. سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى ( ھەقىقىي مۇمىنلەرنى ) مۇگەدەك باستى. يەنە بىر قىسمىڭلار ( مۇناپىقلار ) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى ( كۇققارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ دەپ جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى ). بۇلار جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش. ئاللاھقا قارىتا ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى. ئۇلار: « بىزگە ئاللا ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟، دېدى. جاۋاب بېرىلىشى كېرەككى. « ھەممە ئىش ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدە.. ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يوشۇرۇشىدۇ: ئۇلار: ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى. بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمەيتتۇق، دەيدۇ… بۇنىڭ جاۋابى شۇكى. ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ ( ئاراڭلاردىكى ) ئۆلتۈرۈلۈشى يۇتۇۋېتىلگەن كىشىلەر
چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ (ئاللاھنىڭ جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ). (ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكىنى پاكلاشتۇرۇش ئۈچۈندۈر. ئاللا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر… جەڭ ئاياغلاشتى، ئەبۇسۇفيان ئىبن ھەرب چېكىنمەكچى بولدى، ئۇ تاغ ئۆستىگە چىقىپ:
— بۇ بىر مەيدان تىركىشىش جېڭى بولدى. كېيىنكى كۈنلەر تېخى ئۇزۇن! — دەپ ۋارقىرىدى. رەسۇلۇللاھ ئاڭلىغاندىن كېيىن:
— ئاللا ھەممىدىن ئۈلۈغدۈر. جەڭدە بىز تەرەپتىن شېھىت بولغانلار جەننەتكە كىردى، سىلەر تەرەپتىن ئۆلگەنلەر دوزاخقا كىردى! — دېدى. ئەبۇسۇفيان:
— بېرىپ باققىن، قېنى قانداق قىلىدىكىن، — دېدى. ئۆمەر بارغاندىن كېيىن، ئەبۇسۇفيان ئۈنىڭغا:
— ساڭا بارىكاللا، سەن تېخى بىز ئۈچۈن مۇھەممەدنى ئۆلتۈرمەمەس! — دېدى. ئۆمەر: — ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. رەسۇلۇللاھ سۆزۈڭگە قۇلاق سالماقتا، — دېدى.
ئەبۇسۇفيان چېكىندى. رەسۇلۇللاھ ئەلىنى ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ كەينىگە سېلىپ قويدى ۋە ئۈنىڭغا چېكىلدى: ئۇلار ئاتقا مىنىمى تۆگىگە مىنگەن بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ مەككىگە قاراپ يول ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ، ئاتقا مىنىپ تۆگىسىنى ئالدىغا سېلىپ ماڭغان بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ مەدىنىگە بارىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلار مەدىنىگە بارسا، بىز ئۆيەردە ئۇلارنىڭ جاجىسىنى بېرىمىز.
لېكىن، ئەبۇسۇفىياتنىڭ قوشۇنى نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، مەدىنىگە بارماي، مەككىگە قايتتى. ئۇلارنىڭ ئاياللىرى شېھىتلەرنىڭ قۇلاق - بۇرۇنلىرىنى كېسىپ، ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرى ئورنىدا ئېسىۋالدى، ھەتتا ھىند دېگەن ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ تاغىسى ھەمزىنىڭ قارنىنى يېرىپ يۈرىكىنى ئېلىپ چايناپ، يۇتالماي تاشلىۋەتتى. رەسۇلۇللاھ تاغىسى ھەمزىنىڭ جەسىتىنى ماتا بىلەن ئوراشنى، باشقا شېھىتلەرنىڭ جەسىتىنى يېنىغا ئەكېلىشنى بۇيرۇدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى. رەسۇلۇللاھ يەنە ساھابىلەرنى شېھىتلەرنى دەپنە قىلىشقا بۇيرۇدى. ئۈنىڭدىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئەلەملىرىنى كۆتۈرۈپ، دۈشمەنلەرنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەتتى. ئۇلار شەھەرگە يېقىن ھەمرا ئولئەسەد دېگەن يەرگە يېتىپ بارغاندا، قۇرەيشلەرگە ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنىڭ يېڭىلىمەس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولدى.
ئەبۇسۇفىياتنىڭ قوشۇنلىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، يولنى تېزلىتىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇجۇمىغا زەربە بەرمەكچى بولدى. «ۋاپاسىزلارنى سېتىۋالغۇچىلار ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئەكسچە، ئۆزلىرى چوقۇم قاتتىق جازالىنىدۇ، ۋاپاسىزلار بىزنىڭ قىلغان ياخشىلىقىمىزنى جىنايەت دەپ بىلدى، بۇ ئادەملەر چوقۇم قاتتىق ئازابقا قالىدۇ.»
