تالاش - تارتىش
This content is not yet available in your language.
خەزرەچ قەبىلىسىدە، خەۋلە بىنتى سۇئەلەبە ئىسىملىك قېشى ئورغاقتىك، كۆزى بۇلاقتىك، ئەۋرىشىم بويلۇق بىر گۈزەل قىز بار ئىدى. ئۇ ئەۋس ئىبن سامىت بىلەن توي قىلدى. دەسلەپتە، ئۇلار ئىناق، تۇرمۇشتا ئىنتايىن باياشات ۋە بەختلىك ئۆتتى. خېلى كۆپ يىللار ئۆتتى، ئۇلارنىڭ يېشىمۇ چوڭايدى. لېكىن، خەۋلەنىڭ ھۆسن - جامالى ئەينى يىللاردىكىدىن كۆپ ئۆزگەرمىدى.
بىر كۈنى خەۋلە ئىبادەت قىلىۋاتتى، ئېرى ئۇنىڭ دەسلەپتە ئىلىپتىك تىك تۇرۇپ، ئاندىن يۈكۈنۈپ سەجدە قىلىۋاتقىنىنى كۆردى. بىر خىل غايىبانە ھاياجان ئۇنى شاللاقلىق قىلىپ ئايالىغا چاقچاق قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئايال دەرھال يىرگىنىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇردى. ئېرى دەسلەپتە ھەيران قالدى، كېيىن قاتتىق ئاچچىقلاپ، خوتۇنىغا:
— ھازىردىن ئېتىبارەن سېنىڭ دۈمبەڭ ئانامنىڭ دۈمبىسىگە ئوخشىشىپ قالسۇن، — دېدى.
جاھىلىيەت دەۋرىدە ئەر خوتۇنىغا: «سېنىڭ دۈمبەڭ ئانامنىڭ دۈمبىسىگە ئوخشىشىپ قالسۇن» دېسە. بۇ شۇ ئەرنىڭ ئۆز خوتۇنىنى خوتۇن قىلماي، ئۇنى ئۆز ئانىسىنىڭ ئورنىدا كۆرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئەر بولغۇچىلار پەقەت خوتۇنىنى قەتئىي تالاق قىلىۋەتمەكچى بولغان چاغدىلا، ئاندىن بۇ گەپنى ئېغىزدىن چىقىراتتى. خەۋلە ئېرىنىڭ ئۆزىنى تالاق قىلىۋېتىدىغانلىقىنى دەرھال چۈشەندى - دە، كۆپ يىللاردىن بېرى بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن ئېرىدىن ئايرىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئىنتايىن ئازابلاندى. خەۋلە رومۇلىللانىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قايغۇ - ئەلەملىرىنى دادلاپ،
روسۇللادىن ئۆزىگە بۇ قىيىن ھالەتتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى سورىدى. روسۇللا:
— مەن سېنىڭ ئىشىڭغا ھازىرچە تېخى جاۋاب بېرەلمەيمەن. — دېدى. روسۇللا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئۇ ھەرقانداق ئىشقا ھۆكۈم قىلىشتا، ئاللاھنىڭ بېشارىتىگە تايىناتتى، ۋە ھالەتكى، بۇ چاغدا ئۇنىڭغا تېخى بېشارەت نازىل بولمىغانىدى. خەۋلە تېخىمۇ قايغۇردى ۋە روسۇللاغا يالۋۇرۇپ دېدى: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئېرىم مېنى قويۇۋېتىدىغان بولدى. ئۇ مېنىڭ چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم ۋە بالىلىرىمنىڭ دادىسى ئىدى. مەن سەندىن ئۆتۈتۈپ قالاي، سەن ئەر - خوتۇنلۇقىمىزنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ يۈز - خاتىرىسى ئۈچۈن ئۇنى ئاشۇنداق قىلماسلىققا كۆندۈرگىن!
روسۇللا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ ئىشنىڭ تېگىنى بىلىممۇ، لېكىن ئۇ بىرنىمە دېيەلمەيتتى. چۈنكى ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە ئاللاھتىن تېخى بېشارەت بولمىغانىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھنىڭ بېشارىتى ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىيدىغان ئاخىرقى ھۆكۈم بولاتتى، شۇڭا روسۇللا يەنىلا: «مەن سېنىڭ ئىشىڭغا بىرنىمە دېيەلمەيمەن» دېگەن گەپنى تەكرارلىدى.
خەۋلە بېشارەت بەرگۈچىگە، ئاسمان - زېمىننى ياراتقۇچىغا - ئۇلۇغ شەپقەتلىك ۋە رەھىملىك ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ، ئۆزىنى قايغۇ - ئەلەمدىن قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئۇزاققىچە ئۆزە تۇرۇپ، تەقۋادارلىق بىلەن ئاللاھقا ئىلتىما قىلدى. روسۇللا ھەر قېتىم ئۇنىڭغا: «مەن سېنىڭ ئىشىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن» دېگەندە، ئۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتى، قايغۇ - ئەلەملىرىنى دادلايتتى. ئاخىر ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلدى، ئاللا ئۇنىڭ دەردۇ ئەلەملىرىنى ئاڭلىدى.
روسۇللا بىردىنلا بىھوش ھالەتكە كىردى. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بېشارەت بېرىدىغانلىقىنىڭ شەپىسى ئىدى. بىردەم
ئۆتكەندىن كېيىن. روسۇللا «قۇرئان»نى ياد ئوقۇشقا باشلىدى. ئارقىدىنلا خۇشال ھالدا خەۋلەگە مۇنداق دېدى:
ئاللا دادلىغانلىرىڭنى ئاڭلاپتۇ ۋە تەلىپىگە ماقۇل بولدى. ھازىردىن باشلاپ ئېرىشكەن سېنى خوتۇن قىلىدۇ، ئەمدى سېنى تاشلىۋەتمەيدۇ. لېكىن ئۇ ئىلگىرىكى خاتالىقلىرىنى تۈگىتىپ سەن بىلەن قايتا ئەپلىشىش ئۈچۈن، بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى شەرت. ناۋادا روزا تۇتالمىسا، ئاتمىش كەمبەغەلگە بىر كۈنلۈك ئوزۇق يەتكۈزۈپ بەرسۇن.
روسۇللانىڭ بۇ كېيىنى ئاڭلىغان خەۋلەنىڭ يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى، تەلىپى قانائەتلەندۈرۈلدى. شۇڭا ئۇ روسۇللا بىلەن خۇشال خەيرلەشتى. روسۇللا دەرھال ئادەم ئەۋەتىپ ئەۋەتىشى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭدىن:
— سەن نېمە ئىش قىلدىڭ؟ — دەپ سورىدى.
— مەن شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئەقلىمدىن ئېزىپ ئەخمىقانە ئىشلارنى قىلىپتىمەن. ئى روسۇللا، سەندە خوتۇنۇمنى قېشىمغا قايتۇرغۇدەك چارە بارمۇ؟ — دېدى ئەۋەتىش.
— ھە، چارەم بار، — دېدى روسۇللا، ئارقىدىنلا ئۇنىڭغا مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇپ بەردى:
«ئاللا خوتۇنۇڭنىڭ شىكايىتىنى ئاڭلىدى. ئاللا سىلەر ئىككىڭلارنىڭ مۇنازىرىسىگە قۇلاق سالماقتا: ئاللا ھەقىقەتەن ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ئازاڭلاردا خوتۇننى ئانىسى قىلىۋالغانلار بار، ئۇ ئۇنىڭ ئانىسى ئەمەس؛ ئۇنىڭغا تۇغقان ئۆز ئانىسىدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم ئانا بولالمايدۇ. ئۇ ھەقىقەتەن قاباھەت گەپ قىلغان ۋە يالغان سۆزلىگەن؛ ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن كەرسى كەڭ. ئاللا ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. خوتۇننى ئانىسى دەپ ئاتىغان، ئاندىن قىلىغان كېيىنكە توۋا - ئىستىغار ئېيتقۇچىلار توۋىسى قوبۇل قىلغۇچە ئارىلىقتا بىر قۇلنى ئازاد قىلىشى كېرەك. بۇ سىلەرنى
ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر، ئاللا سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلارنى تولۇق بىلىدۇ. قۇلى يوقلار بۇ ئارىلىقتا ئۇدا ئىككى ئايغىچە روزا تۇتۇشى شەرت. روزا تۇتالمايدىغانلار ئاتمىش كەمبەغەلگە بىر كۈنلۈك ئوزۇق يەتكۈزۈپ بېرىشى شەرت. چۈنكى بۇ سىلەرنىڭ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە بولغان ئېتىقادىڭلارنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاللاھنىڭ قانۇنى. بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن كىشىلەر قاتتىق ئازابقا قالىدۇ.»
رەسۇلۇللاھ ئايەتنى چاراڭلىق ئوقۇپ بولدى، ئاندىن ئەۋستىن: — سەن بىر قۇلنى ئازاد قىلالامىدى؟ — دەپ سورىدى. — مېنىڭ قۇلۇم يوق، — دېدى ئەۋس. سەن ئۇدا ئىككى ئاي روزا تۇتالامىدى؟ تۇتالمايمەن. مەن بىر كۈن غىزالانمىسام، كۆزۈمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، بەلكى ئۆلۈپ كېتىشىممۇ مۇمكىن. — ئۇنداق بولسا، ئاتمىش كەمبەغەلگە بىر كۈنلۈك ئوزۇق يەتكۈزۈپ بېرەلەمىدى؟ — ئەگەر سەن ماڭا ياردەم بەرسەڭ، شۇنداق قىلالايمەن، بولمىسا قىلالمايمەن. شۇنداق قىلىپ رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئۇنى ئاتمىش كەمبەغەلگە بىر كۈنلۈك ئوزۇق يەتكۈزۈپ بېرەلىگۈدەك ئىمكانىيەتكە ئېرىشتۈردى. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ خوتۇنى بىلەن يېڭى توي قىلىشقان چاغدىكىدەك ئىناق ئۆتتى، خوتۇنىغا ئىككىنچىلەپ ئانىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك ئەمەس، بەلكى خوتۇنىدەك مۇئامىلە قىلدى. ئاللا بۇ ئىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى جاھىلىيەت زامانىسىدىن قېپقالغان قالاق ئادەتتىن قۇتۇلدۇردى. قاراڭغۇ زۇلمەت ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان يەرلەرنى ئاخىر ئىسلام دىنىنىڭ نۇرى يورۇتۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاق پرىنسىپىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەر پەيدا قىلدى. ئاللا ئەڭ مەغپىرەت قىلغۇچى، ئاللا ئەڭ كۆيۈمچاندۇر.
سنت حالق ناسر رحانی
ایران و اسرائیل کی استواری WWW.ZAMAN.CO.IR
