Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

بۆھتان چاپلانغانلار ھەققىدە (ئىفك ھادىسىسى)

This content is not yet available in your language.

تۈن پەردىسى يېپىلىپ، چۆل قاراڭغۇلۇققا چۆمدى. ئەتراپتا قۇرت - قوڭغۇز ماڭسىمۇ ئاڭلانغۇدەك جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى.

شۇ تاپتا، بىر كۆچمەن چارۋىچى بۇ چۆلدە ئالدىراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ سەفۋان ئىبن مۇئەتتەل ئىدى.

سەفۋان بەنى مۇستەلەققە ھۇجۇم قىلىش غازىتىغا قاتناشقاندىن كېيىن، مەدىنىگە قايتىش يولىدا بىر ئىش بىلەن ئاۋارە بولۇپ قېلىپ، روسۇللانماڭ قوشۇنىدىن چۈشۈپ قالغان، ھازىر قوشۇنغا يېتىشتۈپلىش ئۈچۈن ئالدىرىماقتا ئىدى.

بىردىنلا، ئۇ ئالدى تەرەپتە بىر كاجۋىنى كۆرۈپ قالدى، ئۇنىڭدا بىر كىشى يېپىنچىسىغا يۆگىنىپ ئولتۇرغاندەك قىلاتتى. مىدىر - سىدىر قىلىپمۇ قويمىغىنىغا قارىغاندا، بۇ كىشى ئۇخلاۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. سەفۋان تۆگىسىدىن چۈشۈپ، ئاۋايلاپ دەسسەپ كاجۋىغا يېقىن كەلدى ۋە كاجۋىدىكى كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولۇپ سىنچىلاپ قارىدى.

سەفۋان يېپىنچىسىغا يۆگىنىپ ئۇخلاۋاتقان بۇ كىشىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى، جىمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئانىسى ئائىشە ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ھاڭ - تاڭ بولۇپ قالدى. بۇ قاراڭغۇ كېچىدە، بۇ قاقاس چۆلدە، ئائىشە قانداق بولۇپ ئۆزى يالغۇز قېپقالدىكىنە؟ سەفۋاننىڭ بۇنىڭغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئۇ ئۆزىنى بېسىۋالالماي ئۈنلۈك ھالدا: «ئى روسۇللا! سەن قەيەردە؟ خوتۇنۇڭ نېمە بولۇپ كاجۋىدا ئۆزى يالغۇز قېپقالغاندۇر!» دەپ توۋلىۋەتتى.

سەفۋاننىڭ توۋلىغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەن

ئائىشە قورقۇپ كېتىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى. ئۇ ئالدىدا ئۆرە تۇرغان كىشىنىڭ سەفۋان ئىكەنلىكىنى تونۇغاندىلا، كۆڭلى سەل ئارامىغا چۈشتى. لېكىن، ئالدىدا تۇرغىنى ئەر كىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچە بولغاچقا، ئائىشە دەررۈ كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكى بىلەن يۈزىنى ياپتى.

— يائاللا! قانداق بولۇپ سەن بۇ يەردە يالغۇز قېپقالدىڭ؟ — دەپ سورىدى سەفۋان ئالدىراپ. ئائىشە ئۇيالغانلىقتىن بىرنېمە دەپ جاۋاب بەرمىدى. سەفۋانمۇ قايتا سۈرۈشتە قىلمىدى، ئاندىن ئۇ ئائىشەنى تۆگىسىگە مىندۇرۇپ، ئۆزى تۆگىنىڭ چۈلۈۋرىدىن يېتىلەپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇنىغا يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى. يولدا سەفۋان ئائىشەگە كۆز سالمىدى يا بىرەر ئېغىز گەپ - سۆزمۇ قىلمىدى. ئۇلار شۇ يوسۇندا ماڭغىنىچە چۈش ۋاقتىدا قوشۇنغا يېتىشتۈرۈلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەفۋان بىلەن ئائىشەنىڭ بىللە قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئائىشەدىن:

— ئاخشام، دېدى ئائىشە جاۋاب بېرىپ، — سەن پۈتۈن قەبىلىدىكىلەرنى يولغا چىقىشقا بۇيرۇغاندا، مەن بىردىنلا بوينۇمدىكى مونچاقنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى سېزىپ، ئۇنى ئىزدەپ كېتىپ قاپتىمەن. قايتىپ كەلسەم ھەممىڭلار كېتىپ قاپسىلەر. مەن سىلەرنىڭ قايسى يول بىلەن ماڭغىنىڭلارنى بىلمىگەچكە، چوقۇم ئادەم ئەۋەتىپ مېنى ئىزدەيدىغۇ دەپ ئويلاپ، چاپىنىمنى يېپىشچاقلاپ شۇ جايىمدا كۈتۈپ تۇردۇم. كېيىن چارچىغاندەك بولۇپ، كاجۇندا ئۇخلاپ قاپتىمەن. سەفۋاننىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىلا ئاندىن ئويغاندىم.

رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ دېگەنلىرىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭدىن گۇمانلانمىدى. چۈنكى، ئائىشە ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى بولۇپ، نەسىبى ئېسىل، نەسلى پاك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىشە

روسۇللانىڭ نىكاھىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىنتايىن سادىق بولۇپ كەلگەندى. ئۇلار بىر - بىرى بىلەن ئىناق، تۇرمۇشتا ئىنتايىن بەختلىك ئىدى.

ئۇ خۇددى تۆۋەندىكى شېئىردا تەسۋىرلەنگەندەك ئىدى.

پاك ئايالغا شەك كەلتۈرۈپ بولماس ھەرگىز، شۇڭا ئۇنى ئەيىبلەشلەر بەكمۇ ئورۇنسىز. نەسىبى ئېسىل ئائىلىنىڭ تەربىيىسى يېتىشتۈرۈپ چىقار شۇنداق ئەدەپلىك قىز. ئاللا ئاڭا ئانا قىلغاچ ياخشى پەزىلەت، ۋۇجۇدى ئۇنىڭ پاك، قەلبى غۇبارسىز.

لېكىن، پىتنە - ئىغۋا تېرىپ بوھتان چاپلاش بىلەنلا ئۆتىدىغان بەزى كىشىلەر سەفۋان بىلەن ئائىشەنىڭ چۆلدىن بىللە قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ، پىتنە - ئىغۋا پەيدا قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار كۈسۈلدىشىپ، ئائىشەنىڭ شەنىگە بەتنام چاپلاپ، ئۇنى سەفۋان بىلەن چۆلدە چوقۇم بىھايالىق قىلدى، دېيىشتى.

ئابدۇللا ئىبن ئۇبەي خالايىق ئىچىدە: «ۋاھ، نەدىمۇ گۆش يېمەيدىغان مۇشۇك بولسۇن؟ شۇنچە قاراڭغۇ كېچىدە ئۇلار ياخشى ئىش قىلاتتىمۇ؟» دېدى. ئارقىدىنلا، مىستە ئىبن ئۇبەي، زەيد ئىبن رافىئ ۋە ھەمنە بېنتى جەھىش قاتارلىقلار تېخىمۇ جانلىنىپ، ئۇلار توغرىسىدىكى پىتنە - ئىغۋانى بولۇشىغا ئۇلغايتىۋەتتى، ھەش - پەش دېگۈچە، بۇ ئىغۋا تەرەپ - تەرەپكە تارقالدى. بەزىلەر ئىشەندى، بەزىلەر ئىشەنمىدى. ئاخىر، بۇ پىتنە - ئىغۋا روسۇللا ۋە ئۇنىڭ قېيناتىسىنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتتى.

ئائىشە بۇ پىتنە - ئىغۋالاردىن بىخەۋەر ئىدى. ئۇ مەدىنىگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئىسسىمسى ئۆرلەپ كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى. بۇ چاغدا ئۇ كۈيۈسى - روسۇللانىڭ بۇرۇنقىدەك

مەرھەمتى ۋە شەپقىتىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلاتتى. بىراق، روسۇللىللانىڭ مۇئامىلىسى بۇرۇنقىدىن كۆپ پەرقلىق بولۇپ قالدى. ئۇ ئائىشە بىلەن كۆرۈشكەندە سوغۇق مۇئامىلە قىلاتتى، بىرەر قېتىم لەپىدە قاراپ قويۇپ: «ئەھۋالنىڭ قانداقراق؟» دېگەندىن باشقا گەپ قىلمايتتى. بۇ ھال ئائىشەنى تېخىمۇ بىئارام قىلدى، ئۇ كۈيۈسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىردىنلا بۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ كېسىملىگە پەرۋا قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ ھەر قانچە ئويلاپمۇ بۇنىڭ تېگىگە يېتەلمەيتتى، ئۇ ۋاقىتنىچە ئايرىلىش ئارقىلىق روسۇللىللانىڭ ئىلگىرىكىدەك مۇھەببىتىنى قوزغاش ئۈچۈن، دادىسىنىڭ ئۆيىدە داۋالىنىشقا ئىجازەت سورىدى. روسۇللىللا ماقۇل بولدى. ئائىشە دادىسىنىڭ ئۆيىدە يىگىرمە نەچچە كۈن يېتىپ داۋالىنىش ۋە كۈتۈتۈش ئارقىلىق ساقىيىپ قالدى.

بىر كۈنى ئائىشە مىستەنىڭ ئانىسى بىلەن بىللە بازارغا باردى. يولدا كېتىۋېتىپ مىستەنىڭ ئانىسى ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشتى، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ: «بۇ ئوغلۇمنىڭ پىتنە - ئىغۋا تېرىغانلىقىنىڭ كاساپىتى!» دېدى. ئائىشە بۇ گەپكە چۈشىنەلمەي، ئۇنىڭدىن ئوغلىنىڭ قانداق پىتنە - ئىغۋا تېرىغانلىقىنى سورىدى. مىستەنىڭ ئانىسى ئوغلىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تارقاتقان پىتنە - ئىغۋالىرىنى يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بەردى.

بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان ئائىشەنىڭ بېشى قېپىپ كۆزى قاراڭغۇلاشتى، ھېچ نەرسىنى پەرق ئېتەلمەي قالدى. مىستەنىڭ ئانىسى بۇ ئىشنى ئائىشەگە ئېيتىپ قويغىنىغا پۇشايمان قىلدى - دە، دەررۇ ئائىشەنى يۆلەپ ئۆيىگە قايتتى.

ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن، ئائىشە قاتتىق يىغا - زار قىلغىنىچە

ئى ئانا، خەق مېنىڭ ئارقامدىن پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ

يۈرۈپتۇ، نېمىشقا ماڭا بۇ ھەقتە بىر ئېغىزمۇ تىنمايىدىن؟ — دەپ تاپا - تەنە قىلدى. ئانىسى ئائىشەگە تەسەللى بېرىپ: قىزىم، بۇنىڭغا ئارتۇقچە قايغۇرما، ئېرى ئامراق چىرايلىق ئايالىنىڭ كۈنداشلىرى بولىدۇ، ئۇنىڭ توغرىسىدا ھەر قىسما گەپلەرنى قىلىدۇ، — دېدى.

ئارىدىن بىر ئاي ئۇتۇپ كەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئائىشە ھەققىدە يەنىلا دېلىغۇل بولۇپ يۈردى. ئۇ ئاللاھتىن بېشارەت بېرىپ، ئۆزىنى گۈماندىن خالاس قىلىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ئاللا ئۇنىڭغا بۇ ھەقتە ھېچقانداق بېشارەت بەرمىدى. شۇڭا ئۇ نائىلاج، بەزى كىشىلەردىن بۇ ھەقتىكى ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

— مېنىڭچە، ئىغۋاغا يەڭگىللىك بىلەن ئىشىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ، شۇڭا مەن ئاغزىمغا كەلگىنىچە بىرنىمە دېيەلمەيمەن، — دېدى زەينەپ، رەسۇلۇللاھ يەنە ئوسامە ئىبىن زەيىددىن سورىدى. ئوسامە ئىبىن زەيىد:

— سەن بەرسرەدىن سوراپ باققىن، ئۇ ئائىشەنىڭ قوشنىسى، سېنىڭ گۈمانىڭغا شۇ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن، — دېدى. رەسۇلۇللاھ بەرسرەنى تېپىپ ئۇنىڭدىن:

ياق، دەپ كەسكىن جاۋاب بەردى بەرسرە، مەن ئۇنىڭدىن نالايىق بىرمۇ ئىشنى سەزگىنىم يوق. مەن ئۇنى ئوبدان قوشنام دەپ ئويلايمەن، — دېدى.

رەسۇلۇللاھ سۈرۈشتە قىلىشقا تېگىشلىك ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدىن سۈرۈشتە قىلىپ كۆردى، ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرىدىن ئائىشەنى ئەيىبلەشكە تېگىشلىك ھېچقانداق گەپ ئاڭلىمىدى. ئۇ غەزەپلەنگەن ھالدا جامائەت ئارىسىغا كېلىپ،

ئۇلارغا: — ھەي قوۋم - قېرىنداشلىرىم، نېمە ئۈچۈن بەزىلەر ئەھلىيەم ئۈستىدە پىتنە - ئىغۋا توقۇپ، ئۇنى يەنە ھەممە ئادەمگە يايىدۇ؟ ئاللا ئۆزى كېپىلكى، مېنىڭ ئايالىم گۈناھسىز، پاك، ئۇلار بەتنام چاپلىغان ھېلىقى ئەرنىڭمۇ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكى ماڭا ئايان. مەن ئۆيدە بار چاغدا ئۆيۈمگە كىرەتتى. ئۇنى ئەيىبلەشلەرنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. — دېدى.

رەسۇلۇللاھ سۆزىنى تۈگىتىپ، قېيناتسىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئائىت قايغۇلۇق يىغلاپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىمۇ قېشىدا ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا سالام قىلىپ، ئاندىن مۇنداق دېدى: — ئى ئائىت، خەقلەرنىڭ سەن توغرۇلۇق ھەر قىسما گەپلەرنى قىلغانلىقىنى ئاڭلاپسەن، ئاللاھتىن قورققىن! ئەگەر سەن كىشىلەر ئېيتقاندەك خاتا ئىشلارنى قىلغان بولساڭ، ئاللاھقا توۋا قىلغىن! ئاللا ئۆز بەندىسىنىڭ توۋىسىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر. ئائىت رەسۇلۇللاھنىڭ گېپىگە جاۋاب بەرمەي، دادىسىغا: — دادا، مەن ئۈچۈن سىز جاۋاب بېرىڭ! — دېدى.

— نېمە دېيىشىمنى بىلمەيمەن، — دېدى دادىسى. ئائىت ئاندىن ئانىسىغا قاراپ:

— مەن ئۈچۈن سىز جاۋاب بەرسىڭىز! — دېدى.

— مەنمۇ نېمە دېيىشىمنى بىلمەيمەن، دېدى ئانىسى. ئائىت ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۇنى ئاقلاشنى خالىمىغانلىقىنى كۆرۈپ يىغلاپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:

— مەن نېمىدەپ جاۋاب بېرىمەن؟ ئەگەر مەن كىشىلەرنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى راست دېسەم، بۇ ئۆزۈمنى ئالدىغانلىق بولىدۇ. چۈنكى مەن پاك، گۈناھسىز؛ ئەگەر ئۇنى رەت قىلسام، سىلەر ئىشەنمەيسىلەر، شۇڭا مەن ئەڭ ياخشى سۈكۈت قىلغىنىم تۈزۈك. مەن ئاللاھنىڭ ماڭا ئىگە بولىدىغانلىقىغا، بۇ ئىشنىڭ بىر كۈنى بولسىما بىر كۈنى ئېقى ئاق. قارىسى قارا بولۇپ ئاشكارىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، — ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ

بولۇپلا، يەنە ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى.

رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ يېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇردى. ئائىشەنىڭ دادىسى ئۈنچىقمىدى، ئانىسى بىر چەتتە ئاھ ئۇرۇپ ئولتۇردى. بۇ چاغدا، رەسۇلۇللاھ بىر ئاز تېڭىرقاپ قالدى، بۇنداق بولۇش ئاللاھتىن بېشارەت بولىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى رەسۇلۇللاھ بىلەتتى. شۇڭا، دەرھال چاپىنىنى ئۈستىگە يېيىپ، ياسىۋۇققا يېشىنى قويدى. ئائىشە بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ئاللاھنىڭ ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنى بارلىق گۇماندىن خالاس قىلىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇ تاپقا ئۇ ئىنتايىن تەمكىن ئىدى، چۈنكى ئۇ ئۆزىنى چۈشىنەتتى، ئۆزىنىڭ پاك، غۇبارسىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ئاللاھنىڭ كىشىلەرنىڭ سۆز - چۆچەكلىرىنى راست دەپ ئىسپاتلاپ بېشارەت بېرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ دەككە - دۈككىدە بولۇشتى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ پېشانىسىدىن مونچاقتەك تەرلەرنىڭ تەپچىپ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. سەل ئۆتكەندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھ ئائىشەگە خۇش تەبەسسۇم بىلەن:

خۇش خەۋەر، ئاللا سېنى پاك، گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلدى. – دېدى، ئاندىن ئۇ نازىل بولغان مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: «سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم بوھتان چاپلىدى، بۇ سىلەر ئۈچۈن يامان ئەمەس، بەلكى ياخشىدۇر. بوھتان چاپلىغۇچىلاردىن كىيىنىڭ قانچىلىك گۇناھى بولسا، ئۇنىڭغا شۇنچىلىك جازا بېرىلىدۇ، بوھتاننىڭ چوڭ قىسمىنى تارقاتقان ئادەم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. بوھتاننى ئاڭلىغان چاغلىرىڭلاردا، ئەر - ئايال مۇمىنلەر نېمىشقا ئۆزلىرىنى ياخشى دەپ قاراپ، بۇ ئېنىق بوھتان، دېمىدى؟ ئۇلار نېمىشقا تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى كەلتۈرمىدى؟ ئۇلار گۇۋاھچىلارنى كەلتۈرەلمىگەنىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ نەزەرىدە يالغانچى ھېسابلىنىدۇ. سىلەرگە دۇنيا ۋە ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، بوھتان چاپلىغىنىڭلار ئۈچۈن چوڭ ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار. بوھتاننى

تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار. بىلىمدىغان نەرسەڭلارنى ئاغزىڭلارغا ئالدىڭلار. ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار. ھالبۇكى. ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئۇچۇڭ گۇناھدۇر. ئۇنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا نېمىشقا. مۇنداق سۆزلەرنى دېمەسلىكىمىز كېرەك. ئى ئاللا. سەن پاكتۇرسەنكى. بۇ چوڭ بوھتاندۇر. دېمىدىڭلار؟ ئاللا سىلەرگە تەۋسىيە قىلىدۇكى. ئەگەر مۇمىن بولساڭلار. بۇنداق سۆزلەرنى ھەرگىز قايتا قىلماڭلار. ئاللا سىلەرگە ئايەتلەرنى بايان قىلىدۇ. ئاللا ھەممىنى بىلگۈچى. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. مۇمىنلەر ئارسىدا بىھايالىقنىڭ تارقىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا قالىدۇ. ئاللا بىلىدۇ. سىلەر بىلىمدىنلەر. ئاللاھنىڭ سىلەرگە پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى. ئاللا شەپقەتلىك ۋە كۆيۈمچان بولمىسا ئىدى. ئۇ سىلەرنى ئاللىقاچان جازالايتتى. ئى مۇمىنلەر. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. كىمكى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىدىكەن. ئۇ چوقۇم بالا - قازاغا ئۇچرايدۇ. ھەرقانداق ئادەمنىڭ پاكلىقى ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتىدىن كېلىدۇ. ئاللا خالىغان بەندىسىنى پاك قىلىدۇ. ئاللا ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى. ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. »

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.