زەكەرىييا ۋە يەھيا ئەلەيھىسسالاملار
This content is not yet available in your language.
زىكرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى چېكىمگە ئاق كىرگەن، بېلى سەل ئېگىلگەن چاغلىرى ئىدى. بۇ بوۋاي ئىبادەت ۋە ئىستىقامەت قىلىشتىن باشقا، ئادەتتە ناھايىتى ئاز ھەرىكەت قىلاتتى، كۈندۈزلىرى ئۆزىنىڭ كىچىك دۆكىنىدا ئازراق تىرىكچىلىك قىلىپ، كەچقۇرۇن ئۆيگە قايتىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئائىلىسىدە چېچى ئۈچتەك ئاقارغان خوتۇندىن باشقا كىشى يوق ئىدى. زىكرىيا ئەلەيھىسسالام ئادەتتە كۆپ پۇل خەجلىمەيتتى، پۇلىنى يوقسۇل - نامراتلارغا بېرىۋېتىپ، ئۆيىگە قۇرۇق قول قايتىپ كېتىلەتتى، زادىلا ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىنى ئېسىدىن چىقارمايتتى.
زىكرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېشى توقسانغا يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ بىرەر پەرزەنتى يوق ئىدى، شۇڭا ئۇ ئۆزىنى ھاياتلىق رىشتىسىدىن مەھرۇم بولۇپ، ھايات - مامات دوقمۇشىغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى. ئۇ غەمكىن، مەيۈس ئىدى. نائۇمىدلىك ۋە ئىسچ پۇشۇقى ئۇنى چۈلغىۋالغانىدى. ئۇ ھەر قېتىم ئۆيىگە قايتقىنىدا، تەئەللۇقاتلىرىنى باشقۇرۇشتىن كۆڭلى سوۋۇپ: «مەن ئۈزۈن ئۆتمەي بۇ ئالەمدىن ئاخىرەتكە سەپەر قىلىمەن، ئەمدى مېنىڭ ئەقىل - پاراسىتىم، مال - مۈلۈكلىرىمگە كىم ۋارسلىق قىلار؟» دەپ ئويلايتتى. ئۇنىڭ يىراق - يېقىندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى كىشىدىن قىلچە ئەيمەنمەيدىغان، دىنىي قائىدىلەرگە بويسۇنمايدىغان ۋە ھەممە ئەسكىلىكنى قىلىشتىن باش تارتمايدىغان كۆچمەنلەر ئىدى. شۇڭا ئۇ خاتىرجەم بولالمايتتى. لېكىن ئۇ يەنىلا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە سەۋر - تاقەت قىلىپ ئۆزىنى
تۇتۇۋالاتتى.
بۇ ئاللاھنىڭ ھۇكمى ئىدى، ئۇنى چىن دىلىدىن قايىل قىلغۇدەك ئاللاھتىن ئۆزگە ھېچكىم يوق ئىدى. بۇ ئۇنىڭ ئېتىقادى بولۇپ، بۇنىڭغا ئۇ ئېتىقادى بىلەن بويسۇنۇشقا ھەقلىق ئىدى. بەلكىم بۇنىڭ ئارقىسىدا ئاللا ئۇنىڭغا تېخى ئاتا قىلمىغان نامەلۇم بىر ئىش ياكى ئۇ تېخى چۈشىنىپ يەتمىگەن بىرەر سەۋەب بولسا كېرەك. ئۇ ئاللاھنىڭ بارچە ئىلتىپاتلىرىغا رەھمەت ئېيتىپ، ئۆز ئۈمىدىنىڭ ئىشقا ئېشىشنى سەۋرلىك بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. بىر كۈنى زىكرىيا ئەلەيھىسسالام كۈندىكىدەك ئىستىقامەت قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانىغا، باردى. ئىستىقامەتلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن، بەيتۈلمۇقەددەستىكى بۈۋى مەريەمنىڭ ئالدىدىكى بىر نەرسىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ھالدا مۇنداق دەۋەتتى: «غەلىتە ئىشقۇ، بۇ مېۋە ئىكەنغۇ، يەنە كېلىپ يازدىكى مېۋە! ئەمما ھازىر زىمىستان قىش! بۇ مېۋە قەيەردىن كەلگەندۇ؟ بۈۋى مەريەم يەھۇدىي دىنىي مۇخلىسلىرى بىلەن ئارىلىشىپ قالغاندىن تارتىپ مۇشۇ يەرگە قاماپ قويۇلغان. ئۇنىڭ ئۆزۈندىن بېرى ئۆز ھەمراھلىرى بىلەنمۇ ئالاقىسى ئۆزۈلۈپ قالغان. ئۇنىڭ ئانىسى ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئۇنى بەيتۈلمۇقەددەسكە ئەكېلىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئاسانلىقچە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشالمايتتى. ئۇنداق بولسا، بۇ نازۇنىمەنلەر قەيەردىن كەلگەندۇ؟»
— بۇنى ماڭا ئاللا ئاتا قىلدى، — دەپ چاۋاپ بەردى مەريەم، — سەھەر ئورنۇمدىن تۇرسام، بۇ نەرسىلەر مۇشۇ يەردە تۈرۈپتىكەن، كەچ بولغاندا، يەنە مۇشۇ يەردە تۈرۈپتۇ، مەن بۇ نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرمىگەن، ئاللاھتىن بۇ غەلىتە نەرسىلەرنى تەلەپ قىلمىغان بولساممۇ، بۇ نەرسىلەر
ئۆزلۈكىدىن كېلىپ قالدى. بۇنىڭ سەن بۇنچىۋالا ئەجەبلەنگۈدەك نېمىسى بار؟ ئاللا كىشىلەرگە ھەقسىز شەپقەت قىلىپ كېلىۋاتىدىغۇ؟
زىكرىيا ئەلەيھىسسالام مانا مۇشۇ چاغدىلا ئەھۋالنى چۈشەندى. ئۇ ئىنچىكە كۆزەتەكتە ۋە ئۇزاققىچە خىيال سۆرمەكتە ئىدى. بۇ قىزنىڭ تەقۋادارلىق بىلەن بەختكە ئېرىشكەنلىكى زىكرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرزەنت تەلەپ قىلىشتىكى قىزغىنلىقىغا تېخىمۇ ئىلھام بەردى. لېكىن ئۇ مۇنداق ئويلىدى: ھازىر ياشىنىپ قالدىم، تېرىلىرىم سولىشىپ، ئۇستىخانلىرىم بوشىشىپ كەتتى؛ قەدىشىسىمنىڭمۇ تۇغقۇچىلىكى قالمىدى. بىراق، ئاللا مەريەمگە شەپقەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ھەر كۈنى ئۆز ۋاقتىدا نازۇنىيەتلەرنى يەتكۈزۈپ تۇرغانىكەن. ئۇنداقتا، ماڭىمۇ شۇ بويىچە بىرەر پەرزەنت ئاتا قىلماسمۇ؟ ئىككىلىمىز قېرىپ، پەرزەنت كۆرۈشتىن قېپقالغان بولساقمۇ، ھەر ھالىما ئاللاھتىن تەلەپ قىلىپ باقساق، بەلكىم بىزنى تائۇمىد قويماس!
زىكرىيا ئەلەيھىسسالام ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى رەببىم، مېنى تەنھا قىلىپ قويمىغايسىن!» دەپ دۇئا قىلدى، ئاللاھتىن ئۆزىنىڭ ئارزۇ - ئارمىشىنى قاندۇرۇشنى، نائۇمىد قويماسلىقىنى تىلىدى. بىردەمدىن كېيىن، بەيتۇلمۇقەددەستە مۇناجات قىلىۋاتقان زىكرىيا ئەلەيھىسسالامغا پەرىشتىدىن: «ئى زىكرىيا، ئاللاھتىن ساڭا خۇش خەۋەر، سەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇڭ، ئۇنىڭ ئىسمى يەھيادۇر» دەپ نىدا كەلدى.
زىكرىيا ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن چەكسىز شادلاندى. ئۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىدىن گۇمانلانمىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ئۆز ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن زادىلا ئۈمىدسىزلەنمىدى. ئەمما، تەلەپكارلارنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇلغان، ھاجەتەنلەرنىڭ تەلىپى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان چاغدا، ئۇلارنىڭ يەنە بۇلارنىڭ قانداق قىلىپ شۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلگۈسى كېلىدۇ. شۇڭا، زىكرىيا ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھتىن:
— قېرىپ. بىر پۈتۈم گۆرگە ساڭگىلىغان. قەدىنسىمىنىڭمۇ بالا تۇغقۇچىلىكى قالمىغان تۇرسا. بۇ بالا قانداق پەيدا بولۇپ قالدى؟ — دەپ سورىدى. ئىلگىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغۇ ئاللاھقا: ئى ئاللا. ئۆلگەن ئادەمنى قانداق تىرىلدۈرسەن؟ تىرىلدۈرۈش كۈنى قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا ھاياتلىق يېغىشلايسەن؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارنى قويغانىدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق سوئاللارنى قويۇشى ئاللاھقا ئىشەنمىگەنلىكىدىن ئەمەس. بەلكى ئۆز كۆڭلىدە تېخىمۇ پۇختا ئىشەنچكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىدى.
پەرىشتە جاۋاب بېرىپ دېدى:
— سېنى يارىتىپ بۇ دۇنياغا كەلتۈرگەن ئاللا ئەمدىلىكتە ساڭا بىرەر ئوغۇل بېرەلمەسمۇ؟ گەرچە بىر پۈتۈڭ گۆرگە ساڭگىلاپ ھاياتنىڭ بىر چېتىگە بېرىپ قالغان بولساڭمۇ.
زىكىرىيا ئەلەيھىسسالام ئاللاھتىن ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بىر ئىشنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن. بىرەر ئالامەت كۆرسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ئاللا جاۋاب بېرىپ:
— بۇ ئالامەت شۇكى. ئۈچ كۈن ئىچىدە سېنىڭ تىلىڭ گەپ قىلالماس بولۇپ قالىدۇ. سەن مەقسىتىڭنى قول ئىشارىتىڭ بىلەنلا ئۇقتۇرالايدىغان بولسەن. — دېدى.
ئاللا ئۇنىڭغا ئەقىللىق. زېرەك بىر ئوغۇل — يەھيا ئەلەيھىسسالامنى ئاتا قىلدى. ئاللا يەھيا ئەلەيھىسسالامغا ئەقىل — پاراسەت يېغىشلىدى ۋە ئۇنى چوڭ قىلىپ يېتىلدۈردى. يەھيا ئەلەيھىسسالام كۈن بويى ناماز ئوقۇپ. ئىستىقامەت قىلىۋېرىپ، تېنىنى كاردىن چىقىرىپ قويدى. سارغىيىپ ياداپ كەتتى. بەدىنىدىكى تومۇرلىرى كۆرۈنۈپ قالدى. ئۇ ناھايىتى بىلىملىك ئىدى. «تەۋرات» نى يىشىق بىلەتتى. «تەۋرات» نىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە ئۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل نۇسخىلىرى ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. كىشىلەر ئۆز نەزەرىدە ئۇنى ھەقىقىي ئىستىقام يولىدا پىداكارلىق كۆرسىتىدىغان كىشى. زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان باتۇر. ئادالەتنى ياقلاپ. مۇدھىش
كۈچلەرنى توسۇشقا جۈرئەت قىلغۇچى ئەزىمەت، دەپ ھېسابلاشتى. بىر كۈنى يەھيا ئەلەيھىسسالام پەلەستىن پادىشاھى ھىردوسنىڭ ئۆزىنىڭ جىيەن قىزى ھىرودىيىگە كۆيۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. پادىشاھ بۇ قىزنى ھۆسن - جامالدا ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. دەپ ئويلىغاچقا، ئۇنى ئۆز نىكاھىغا ئالماقچى بولغاندى. بۇ ئىشقا قىزنىڭ ئانىسى ۋە تۇغقانلىرىمۇ قوشۇلدى. لېكىن، يەھيا ئەلەيھىسسالام بۇنى دىيانەتكە خىلاپ ئوي. دەپ جاكارلاپ: «بۇ توينى مەن ئېتىراپ قىلمايمەن، بەلكى ئاشكارا ئەيىپلەيمەن» دېدى.
يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ گەپلىرى ناھايىتى تېز تارقىلىپ، ئوردىدىن قىز ھۇجرىلىرىغىچە، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدىن ئىستىقامەت جايلىرىغىچە يېتىپ باردى. بۇ گەپنى ھىرودىيىمۇ بىلەتتى. ئۇ يەھيا ئەلەيھىسسالامغا چىش - تىرنىقىغىچە نەپىرەتلەنسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ جامائەت ئىچىدىكى ئابرۇيىنى بىلگەچكە ئامال قىلالماي ناھايىتى بىئارام بولدى. قىز تاغىسى ھىردوسنىڭ بۇ توينى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، شېرىن ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى يوققا چىقىرىۋېتىشىدىن ئەنسىرىدى - دە، ئۆزىنىڭ ھۆسن - جامالى ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئۆزىنى تېخىمۇ پەردازلاپ ۋە تازا ياسىنىپ، تاغىسىنى يوقلاپ كەلدى. تاغىسى ئۇنىڭغا مەھلىيا بولۇپ، ئۆزىنى تۇتالماي قالدى - دە، ئۇنىڭغا:
— نېمە تەلەپلىرىڭ بولسا دېگىن، مەن سېنىڭ ئارزۇيۇڭ بويىچە ئىش قىلىمەن، — دېدى. ھىرودىيە:
— شاھىم ئىجازەت قىلسا، ماڭا زىكرىيانىڭ ئوغلى يەھيانىڭ كاللىسى كېرەك. ئۇ ھەممىلا يەردە جانابىي ئالىيلىرى بىلەن سېنىڭ ئۈستۈمدىن ئىغۋا تارقىتىپ، ئۆزلىرى بىلەن مېنىڭ نام - شۆھرىتىمگە زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئەگەر شاھ ھەزرەتلىرى تەلىپىمنى ماقۇل كۆرسىلە، كۆڭلۈم تىنغان بولاتتى، — دېدى. ھىردوس ئىنساپ - دىيانەتنى نەزەردە تۇتماي، بىر ئازازۇل
خوتۇننىڭ شېرىن - تاتلىق سۆزلىرىگە تىز پۈكتى. ئارىدىن كۆپ ئۆتمەيلا يەھيا ئەلەيھىسسالامنىڭ كاللىسى ئېلىپ كېلىندى. مۇرادىغا يەتكەن ھىرودىيىنىڭ خۇشاللىقتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. لېكىن، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۆۋە ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى ئاللاھنىڭ قارغىشىغا ئۇچرىدى.
