روشەن غەلىبە (مەككىنىڭ پەتھى قىلىنىشى)
This content is not yet available in your language.
قۇرەيشلەر بەنى بەكرى قەبىلىسىنىڭ خۇزائە قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاپ قويۇپ زادى ئەمىن تاپالمىدى. ئۇلار بىر ئىستىپاقدىشىنىڭ يەنە بىر ئىتتىپاقدىشىغا قارشى تۇرۇشىنى قوللاشنىڭ مۇقەررەر ھالدا يىغىشتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان ئېغىر ئاقسۇن پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، بۇ خەۋەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ كېلىشىمىدىكى ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۇقۇلۇپ قالسا، ئۇ چاغدا مۇسۇلمانلارنىڭ چوقۇم پۇرسەت تېپىپ ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بولسا، تەييارلىقسىز تۇرغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى.
قۇرەيش باشلىقلىرى بىر يەرگە كېلىپ باش قوشۇپ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسى ۋە چىقىش يولى ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى، لېكىن پىكىردە بىرلىككە كېلەلمەي جاڭجاللاشتى. ئاخىردا ئۇلار ئاران دېگەندە، بۇ بالادىن قۇتۇلۇشنىڭ بىر چارىسىنى تاپتى: مەدىنىگە بۇ خەۋەر يېتىپ بارغۇچە، ئىلاج قىلىپ مۇھەممەدنى كېلىشىگە داۋاملىق ئىشەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇش قوزغىشىغا ۋە كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلىشىغا بىرەر باھانە تېپىپ بەرمەسلىك، مۇشۇ ئارىلىقتا ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، قۇرەيشلەرنىڭ جەڭ تەييارلىقىنى پۇختىلىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇلار ئەڭ ئابرۇيلۇق شەيخ ئەبۇسۇفياننى مەدىنىگە بېرىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈشكە ئەۋەتمەكچى بولۇشتى.
ئەبۇسۇفيان قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېلىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن يولغا چىقتى. لېكىن ئۇ مەدىنىگە ئىشەنچىرىگە يېرىپلا كىشىلەرنىڭ بەنى بەكرى قەبىلىسى بىلەن خۇزائە قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئۈستىدە
پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. مۇسۇلمانلارنىڭ چىرايلىرىدىن غەزەپ - نەپىرەت يېغىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. قۇرەيشلەرنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالدىن ئاللىبۇرۇن خەۋەر تېپىپ بولغانلىقى ناھايىتى روشەن ئىدى. ئەبۇسۇفيان قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىپ، قۇرەيشلەرگە كەلگەن بالا - قازانى كۈتۈشتىن باشقا چارە يوقلۇقىنى ھېس قىلدى.
ئۇ ئەقلىنى بىر يۈگۈرتۇپلا: ئەجەبا. مەككىگە قۇرۇق قول قايتىمەنمۇ؟ قەبىلىنىڭ شەيخى ۋە رەھبىرى تۇرۇقلۇق مۇشۇنداق قايتىپ كەتسەم، يۈز - ئابرۇيۇم يەر بىلەن يەكسان بولمامدۇ؟ ئۆزۈمنى دادىل تۇتۇپ مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشكىنىم تۈزۈك! ئۇنىڭغا بەزى سەۋەبلەرنى ئىزھار قىلسام، بەلكىم ئۇنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشىپ قالارمەن، دەپ ئويلىدى ۋە بۇ ئوينى بىردىنبىر ياخشى چارە دەپ قارىدى.
چارە تېپىلغاندىن كېيىن، ئەبۇسۇفيان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىگە كەلدى. بۇ چاغدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆيىدە يوق، ئۇنىڭ ئايالى ئۈممۈھەببە تۇراتتى. ئەبۇسۇفيان ئۇنىڭدىن تىنچلىق سورىدى. لېكىن، ئۈممۈھەببە ئۇنىڭ دەككىسىنى بەردى. ئۇ ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. كېيىن بىر ئامال قىلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ۋەدىگە خىلاپلىق قىلدىڭلار، دەپ گەپ ئىشتىۋالدى. ئەبۇسۇفيان ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا مەككىگە قايتىپ، ئۆز قوۋمىدىكىلەرنى يېشىمىزغا چوڭ بالايىمئاپەت كېلىدىغان بولدى، دەپ ئاڭاھلاندۇردى.
رەسۇلۇللاھ مۇسۇلمانلارنى جەڭگە تەييارلىنىشقا بۇيرۇدى. ئۇ يەنە، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىر زامانغا ئىشىنىدىكەن، رامىزان ئېيىنى مەدىنىدە ئۆتكۈزسۇن، دەپ جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىغا ناھايىتى تېزلا توپلاندى.
مۇزەينە، غىفار، ئەشىجە ۋە ئەسلەم قاتارلىق قەبىلىلەردىن توپلانغان كىشىلەر بىرلىكتە يېتىپ كەلدى. ھەيۋەتلىك مۇسۇلمانلار قوشۇنى بىر يەرگە جەم بولدى، ئۇلارنىڭ سانى ئەزەلدىن ھازىرقىدەك بۇنداق كۆپ، قوشۇنلارنىڭ كەيپىياتى ھازىرقىدەك ئۈستۈن بولمىغانىدى. قۇرەيشلەرگە تەييارلىقسىز تۇرغاندا ھۇجۇم قىلىپ، مەككىگە ھېچقانداق قارشىلىق بولمىغان ئەھۋالدا كىرىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاش ۋە ئىشنى ئاشكارىلاپ قويماسلىق توغرىسىدا تەنتەنىلىك بۇيرۇق چىقاردى. روسۇلىلا مۇقەددەس جاي بولغان مەككىدە قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشنى ئويلايتتى.
مۇسۇلمانلارنىڭ زور قوشۇنى ھەيۋەتلىك ھالدا سەپەرگە ئاتلاندى. روسۇلىلانىڭ ئەلىمى قوشۇن ئالدىدا لەپىلدەيتتى، ئاللا ئۇلارنىڭ زەپەر - نۇسرەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە مەدەت بېرەتتى. ئۈشتۈمىتۇت، ئېگىز بويلۇق، سېمىز بىر ئادەم بالا - چاقىلىرىنى ئېلىپ قوشۇن ئارسىغا كېلىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ روسۇلىلانىڭ تاغىسى ئابباس ئىبن ئابدۇلمۇتتەلىب ئىكەنلىكىنى تونۇپ، ئۇنى روسۇلىلانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىشتى.
ئابباس روسۇلىلانى كۆرۈپ:
— يا روسۇلىلا، سەن سېنىڭ ئىسلام دىنىغا بۇرۇنلا ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىسەن، بۇ ئىشنى ئاشكارا جاكارلىمىغانلا يېرىم بار. چۈنكى، شارائىت بۇنداق قىلىشىغا يول قويمايتتى. مەن ئەمدى ئۇزاققىچە سەۋر قىلىپ تۇرالمىدىم، شۇڭا بالا - چاقىلىرىمنى ئېلىپ قېشىڭغا كەلدىم، — دېدى.
روسۇلىلا مۇنداق دېدى:
— سېنى قارشى ئالىمىز، ئابباس! ئاللا سېنىڭ ساداقىتىڭنى ئالاھىدە ماختايدۇ، مۇسۇلمانلار سېنى قۇتلۇقلايدۇ. ئاۋۋال بالا - چاقىلىرىڭنى مەدىنىگە يولغا سېلىۋېتىپ، ئاندىن بىز بىلەن بىللە مەككىگە بارغىن. ئۇ يەردە سەن بىز بىلەن قۇرەيشلەر ئوتتۇرىسىدا
بولىدىغان ئىشلارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرسەن. ئابباس تۆت تەرەپكە قارىدى، ھەممە يەردە مۇسۇلمانلار قوشۇنى سەپ تارتىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئاخىرىغا كۆز يەتمەيتتى. ئابباس: «ئەگەر مۇشۇ قوشۇن مەككىگە ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا، قۇرەيشلەردىن يا قېرى، يا بىرەر ياش، يا ئەر، يا بىرەر ئايال ساق قالماسلىقى مۇمكىن» دەپ ئويلاپ قورقتى. ئۇ مۇسۇلمان بولغان بولسىمۇ، قۇرەيشلەرنىڭ تەقدىرىگە بەك كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇلارنىڭ قىرىلىپ تۈگەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭا ئۇ دەرھال مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە مۇسۇلمان قوشۇنىنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، بىرەر ئادەمنى تېپىپ، ئۇ ئارقىلىق قۇرەيش باشلىقلىرىغا دەررۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن سۈلھى تۇزۇش ۋە مەككىنى بىكارلاپ بېرىش توغرىسىدا خەۋەر بەرمەكچى بولدى. ئۇنىڭچە، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، قانلىق توقۇنۇشتىن ساقلىنىپ، قۇرەيشلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولاتتى، بولمىسا، كېيىنكى ئاقمۇتتى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئابباس يولدا ئۇيان - بۇيان قاراپ تەمتىرەپ يۈرۈۋاتقاندا، ئىككى ئادەمنىڭ سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇلاردىن بىرى: «قارا، ماۋۇ يەردە ئوت يېقىلىپتۇ، ئاۋۇ يەرگە قوشۇنلار بارگاھ تىكىپتۇ» دېسە، يەنە بىرى: «قورقۇپ كەتمە، بۇلار خۇزائە قەبىلىسىدىكىلەر بولسا كېرەك» دېدى. بىرىنچى كىشى يەنە: «بۇ ھەرگىز خۇزائە قەبىلىسىدىكىلەر ئەمەس، ئۇلارنىڭ نەدىمۇ
ئىككىنچى كىشى سۆز قىلاي دەپ تۇرۇشىغا، ئابباس ئۇشتۇمتۇت ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى - دە، ھەيرانلىق ئىچىدە: — يا ھەزرەت، ئەبۇسۇفيانىمدىڭ، قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كېلىپ قالدىڭ؟ — دېدى.
كېلىپ، جىنەن ئوغلۇڭ مۇھەممەد بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى تىڭ - تىڭلاشقا مەجبۇر قىلدى، — دېدى
ئەبۇسۇفيان. — بىز كېلىشىمنى بىكار قىلىپ. ئەھدىگە خىلاپلىق قىلغان ئاشۇ كۈندىن تارتىپ. ئۈرۈش بولۇپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەپلا كەلدۈق. قۇرەيش خەلقىگە بىرەر پالاكەتچىلىك كېلىشى بۇرنىمىزغا پۇراپلا تۇردى.
— ھەي. ئەبۇسۇفيان! — دېدى ئابباس. — سەن تېخى تۇخۇمنىڭ ئىچىدە چۈكۈلداۋېتىپسەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بار جاي سەن تۇرغان يەردىن ئانچە يىراق ئەمەس. ئۇ تۈمەنلىگەن مۇسۇلمان قوشۇنىنى يېتەكلەپ مەككىگە قاراپ ئاتلانماقتا. مەن قۇرەيش باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى قىرىلىپ تۈگەپ كېتەرمىكىن. دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن. سەن دەرھال مەن بىلەن بىللە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا بارغىن. مەن سەن ئۈچۈن ئۆزرە ئېيتىپ. چېنىڭنى ساقلاپ قېلىشقا ھۇددە قىلاي!
كىشىلەر ئەبۇسۇفياننىڭ ئابباس بىلەن بىللە رەسۇلۇللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۆمەر ئىبن خەتتاپ ئەبۇسۇفياننى كۆرۈپلا غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ:
— سەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ كېلىشىمنى بۇزدۇڭ. لەۋزىڭدە تۇرماي ۋەدىگە خىلاپلىق قىلدىڭ. شۇنداق تۇرۇپ يەنە قايسى يۈزۈڭ بىلەن بۇ يەرگە كەلدىڭ؟! — دېدى. ئاندىن رەسۇلۇللاھ تەرەپكە بۇرۇلۇپ. — ئى رەسۇلۇللاھ. ئەبۇسۇفيان ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ئادەم. كېلىشىمنى بۇزغان دەل ئۇنىڭ ئۆزى، ماڭا رۇخسەت قىل. ئۇنىڭ بويىنىنى ئۈزۈۋېتىپ دەردىمىزنى چىقىرايلى! — دېدى.
— ئى رەسۇلۇللاھ. — دېدى ئابباس بىر چەتتە تۇرۇپ. — سەن ئەبۇسۇفيانغا: قارنى - كۆكسى كەڭ رەسۇلۇللاھ سېنىڭ ھاياتىڭغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. دەپ ئالاھىدە كېيىل بولغانىدىم. — ئى رەسۇلۇللاھ. — دېدى ئۆمەر ئىبن خەتتاپ.
ئەبۇسۇفيان ئارىمىزدىكى ئۆچمەنلىكنى قوزغىغان باش جىنايەتچى. ئۇنى ئۆلتۈرسەكلا. ئاندىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاچچىقى يانىدۇ. — ئى ئۆمەر. ئاچچىقىڭنى يېسىۋال. — دېدى ئابباس.
ئەگەر ئۇ ئەدى جەمەتىدىن يولغان بولسىدى، مەنمۇ بىرنېمە دېمەيتتىم، لېكىن بىلىشىڭ كېرەككى، ئۇ ئابدۇمانناق جەمەتىدىن - دە!
ئۆمەر مۇنازىرىلەشمەكچى بولۇۋىدى، روسۇللىلا ئۇنى توستى ۋە ئۇلارغا:
— بولدى، تالاش - تارتىش قىلمۇەرمەڭلار، — دېدى، ئاندىن ئايباسقا، — سەن ئەبۇسۇفياننى ئېلىپ كېتىپ بۈگۈن قېشىڭدا قوندۇرغىن، ئەتە سۆزلىشەيلى، — دېدى.
ئايباس ئەبۇسۇفياننى ئۆز چېدىرىغا ئېلىپ كەلدى، ئىككىيلەن يېرىم كېچىگىچە پاراڭلاشتى. ئايباس ئۇنى بۇنغا چوقۇنۇشنى تاشلاپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشقا قايىل قىلماقچى بولدى. ئەتىسى سەھەردە ئەبۇسۇفيان ئورنىدىن تۇرۇپ، بەزى كىشىلەرنىڭ ئۈنىڭىغا نامەلۇم بىرنېمىلەرنى قىرائەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ھويلا ئادەم بىلەن تولغانىدى. ئۇلار ئېھتىرام بىلەن ئېتىكاپتا تىك تۇرغاندىن كېيىن، يۈكۈنۈپ، كەينى - كەينىدىن سەجدە قىلىۋاتاتتى. ئەبۇسۇفيان بۇنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ:
— ئۇلار بامدات نامىزى ئوقۇۋاتىدۇ. چاققان تەييارلانغىن، روسۇللىلانىڭ قېشىغا بارايلى! — دېدى ئايباس. ئانچە ئۆتمەيلا ئۇلار روسۇللىلانىڭ ئالدىغا كەلدى.
— ھەي ئەبۇسۇفيان، — دېدى روسۇللىلا، — سەن كۆپ جاپا تارتىشىڭ. ئەجەبا، ئاللاھتىن ئۆزگە ھېچ نەرسە چوقۇنۇشقا ئەرزىمەيدىغانلىقىنى تېخىچە بىلمىدىڭمۇ؟
— ئاتا - ئانام پىدايىڭ بولسۇنكى، — دېدى ئەبۇسۇفيان، — سېنىڭ كۆڭۈل - كۆكسۈڭ نېمىدېگەن كەڭ. مەن ئىلگىرى ئاللاھتىن باشقا يەنە بىر ئىلاھ بار دەپ قارايتتىم، ھازىر مەن يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدۇم.
— سەن مېنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىمنى بىلمەسەن؟ — دېدى روسۇلللا. — ئاتا - ئانام پىدايىڭ بولسۇن، بۇنى مەن ھازىر بىلدىم، — دېدى ئەبۇسۇفيان. — ئى ئەبۇسۇفيان، — دېدى ئايباس، — ھازىر ئەھۋال ئايدىڭلاشتى، ئەمدى ھوشۇڭنى تاپمىساڭ بولمايدۇ، ئەگەر كۆزۈڭنى چاڭ - توزانلار توسۇۋالغان بولسا، ئۇنى دەرھال سۈرتۈۋەتكىن! كۆڭلۈڭدە يەنە بەتگۈمان بولسا، ئۇنى دەرھال چىقىرىۋەتكىن! ھاياتىڭنىڭ ئامانلىقى ئۈچۈن، ئۇ دۇنيادا جەننەتكە كىرىشىڭ ئۈچۈن، دەرھال ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغىن! ئەبۇسۇفيان دەسلەپتە بىر ئاز دېلىغۇل بولۇپ، نېمە قىلارنى بىلمەي تەمتىرەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىردا قەتئىي نىيەتكە كېلىپ:
— لائىلەھە ئىللەللا مۇھەممەدەن روسۇلللا۱)، دېدى. روسۇلللانىڭ يۈزى ۋىللىدە ئېچىلدى، ئايباسنىڭ يۈزىگىمۇ كۈلكە يۈگۈردى. ئاندىن ئايباس پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئەبۇسۇفيانغا تاھارەت ئېلىشنى، ناماز ئوقۇشنى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى ئۆگىتىشكە باشلىدى.
ئايباس روسۇلللانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
— ئى روسۇلللا، مەن ئەبۇسۇفياننى چۈشىنىمەن، ئۇ شۆھرەتپەرەس، يۈز - ئابرۇينى ياخشى كۆرىدۇ، ئىسلام دىنى تېخى ئۈنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتىدى. شۇڭا ئۈنىڭ نام - شۆھرەت جەھەتتىكى تەلىپىنى قاندۇرساڭ. مۇشۇنداق قىلساق، ئۈنىڭ قەلبىدە ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.
— ياخشى، مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى جاكارلاڭلار، مەن مەككىگە كىرگەندە، كىم ئەبۇسۇفياننىڭ ئۆيىگە كىرىۋالسا، شۇ ئامان قالسۇن؛ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىۋالغانلارمۇ ئامان قالسۇن؛
۱) ئاللاھتىن باشقا جوقۇنىدىغان مەبۇد بوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر
مەسچىتكە كىرىۋالغانلارمۇ ئامان قالسۇن، — دېدى رەسۇلۇللاھ. ئەيسۇسۇفيان رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ دەرھال مەككىگە قايتتى. ئۇ ئاتقا مىنىپ مەككىنىڭ چوڭ — كىچىك كوچىلىرىدا:
— ئى قۇرەيش قېرىنداشلىرىم، مۇھەممەدنىڭ زور قوشۇنى شەھەرگە كىرىدۇ، ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىش بىھۇدە ئاۋارىپچىلىكتۇر. دەرھال ئۆزۈڭلارنى چەتكە ئېلىڭلار! مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىۋالغانلارغا زىيان — زەخمەت يەتمەيدۇ، بىخەتەرلىكى كاپالەتلىك بولىدۇ، — دەپ توۋلىدى.
قۇرەيشلەر شۇئان ساراسىمىگە چۈشۈپ، ئالاقزادە بولۇشتى. ئۇلار ئەيسۇسۇفياننىڭ چۆرىسىگە ئولىشىپ:
— ئۆزىنىڭ ئۆيىگە كىرىۋالغانلارمۇ ئامان قالىدۇ، مەسچىتكە كىرىۋالغانلارمۇ ئامان قالىدۇ، — دەپ توۋلىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارقا — ئارقىدىن يۈگۈرۈشۈپ مەسچىتكە ۋە ئۆز ئۆيلىرىگە كىرىپ يوشۇرۇنۇۋالدى.
رەسۇلۇللاھ زور قوشۇننى يېتەكلەپ ھەيۋەت بىلەن مەككە شەھىرىگە كىرىپ، ھېچقانداق قارشىلىققا ئۇچرىمايلا مەككە شەھىرىنى فەتھى قىلدى. ئۇ ئات ئۈستىدە خۇشال كېتىۋېتىپ مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى:
«ئاللا سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كەلگۈسىدىكى سەۋەنلىكلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىش، ساڭا بولغان پەزلى — مەرھەمىتىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، ساڭا بىر خىل روشەن غەلىبە ئاتا قىلدى ۋە توغرا يول كۆرسەتتى. ئاللا ساڭا كۈچلۈك ياردەم يېرىدۇ. ئۇ مۆمىنلەرنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىش — ئالەمدىكى ھەممە قوشۇن ئاللاغىلا مەنسۇپ. ئاللا ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى — مۆمىن ۋە مۆمىنلەرنى جەننەتكە كىرگۈزۈپ، مەڭگۈ
شۇ يەردە تۈرغۈزۇش ھەمدە ئۇلارنىڭ گۈناھىنى ئەپۇ قىلىش ئۈچۈن، مۇمىنلەرنىڭ قەلبىگە ئېغىر - بېسىقلىقنى ئورناتتى. ئاللاھنىڭ قارشىچە، بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتتۇر، ئۇ بۇنىڭ بىلەن مۇناپىق ئەر - ئاياللارنى، شۇنىڭدەك ئاللا ھەققىدە يامان غەرەزدە بولغان كىشىلەرنى جازالايدۇ، كۆلەتلىك تەقدىرنى ئۇلارغىلا بېرىدۇ. ئاللا ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ، ئۇلاردىن بىزار بولىدۇ ھەمدە ئۇلار ئۈچۈن دوزاخ تەييارلاپ قويىدۇ، بۇ ناھايىتى يامان جايدۇر! ئالەمدىكى قوشۇن ئاللاغىلا مەنسۇپ. ئاللا ھەممىگە قادىر، ئاللا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»
رەسۇلۇللاھ پۈتۈن شەھەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتى. ئۆيلىرىگە ۋە مەسچىتكە كىرىپ يوشۇرۇنۇۋالغان قۇرەيشلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى كۆرگۈسى ۋە ئۇنىڭ نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باققۇسى كېلەتتى.
دەل مۇشۇ قۇرەيشلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى مەككىدىن چىقىرىۋەتكەن، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان ۋە زىيانكەشلىك قىلغانىدى. لېكىن، بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئۇلار قايتىپ كەلدى، بەلكى غەلىبىلىك ھالدا قايتىپ كەلدى. بۇنداق ئەھۋالدا، قۇرەيشلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىشكە بەكمۇ تەقدىر ئىدى.
رەسۇلۇللاھ بىر مەسچىتنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنۇۋالغانلارغا: «ئى قۇرەيش جامائەسى، قورقماڭلار، چاپسان چىقىڭلار!» دەپ توۋلىدى. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بىر - بىرلەپ چىقىشتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا:
سىلەر مېنى بىزگە قانداق مۇئامىلە قىلاركىن دەپ ئويلاۋاتىسىلەر، شۇنداقمۇ؟ — دېدى.
— توغرا ئېيتىشكە، دېدى رەسۇلۇللاھ كۈلۈپ، — ھازىر
مەن شۇنى جاكارلايمەنكى، ھەممىڭلار ئازاد، بېرىڭلار، ئۆيۈڭلەرگە قايتىڭلار!
كىشىلەر رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولۇپ، ئۇنىڭ مەرد ۋە كۆڭۈل - كۆكسى كەڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقان ھالدا شادلىنىپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
