Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

داۋۇد ئەلەيھىسسالام

This content is not yet available in your language.

داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ غالىبلىقى

بۆلۈم: “داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ غالىبلىقى”

ئۇرىيا ئىبن يۇھنا ئۆز ئىشلىرىغا ياردەملەشكۈدەك بىر خوتۇن ئېلىشنى ئويلايتتى. ئۇ سېھرىي كۈچكە باي بىر قىزنىڭ سېيماسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. ئۇ بۇ قىزنى ئۆزىنىڭ قەلبىنى ۋە ھېسسىياتىنى ئەسىر قىلالايدىغان. ئۇنى ئۆز ئىختىيار ئىلكىگە ئالالايدىغان. جىمى گۈزەل پەزىلەتتى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بىر قىز سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلاتتى.

ئۇرىيا ئانچە ئۆزۈنغا قالمايلا كۆڭلىدىكىدەك ئاشۇنداق بىر قىزنى تاپتى. ئۇ باي - باياشات كىشىلەر ئارىسىدىن ساھىبجامال، خۇلق - مىجەزى يېقىملىق بىر قىزنى كۆردى - دە. خۇشال بولۇپ قىزنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ توي قىلىش تەلىپىنى قويدى. قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى ئېنىق چاۋاب بەرگەندىن كېيىن. كۆڭلى ئىز - ئورنىغا چۈشۈپ تولىمۇ خۇشال بولدى.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ ھۈزۈر - ھالاۋەتلىك تۈرمۈش كەچۈرۈشكە جىددىي تەييارلىنىپ، توي كۈنىنىڭ پاتراق يېتىپ كېلىشىگە ئىنتىزار بولدى.

ئۇرىيا ياش يىگىت ئىدى. ئۇنىڭدا پۇقرالىق كىيىمنى تاشلاپ، جەڭ كىيىمى كىيىپ، داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ قوشۇنىغا قاتنىشىپ، ئاللا يولىدا جەڭ قىلىش، ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا تەييار تۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى.

بۇ جامئارەتلىك يىگىت جەڭ قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قىلچە ئىككىلەنمەستىن قوشۇنغا قاتنىشىپ،

باتۇرلۇق بىلەن جەڭگە ئاتلىنىشقا تەييارلاندى. لېكىن، ئۇنىڭ قەلبىنى مۇھەببەت بىلەن تەشۋىش تەڭلا چۇلغىۋالغانىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭدىكى شېرىن غايە ئۇنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرۇپ غەم - غۇسىدىن خالاس قىلدى. ئۇنىڭ ئالماقچى بولغان قىزى بىتشابىغ ئۇنىڭدىن يىراق يەردە تۇرسىمۇ، بەربىر ئۇنىڭغا مەنسۇپ ئىدى. ئۇمۇ قىزغا مەنسۇپ ئىدى. شۇڭا، ئۇرپا جەڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، ئاندىن سۆيۈملۈك يارىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىش ئۈمىددە بولدى.

ئۇرپا قوشۇن ئىچىدە ئۇزاق مۇددەت مەجبۇرىيەت ئۆتەپ، سان - ساناقسىز تۇن ۋە كۈنلەرنى، بىھېساب جەڭ - غازاتلارنى بېشىدىن كەچۈردى. ئۇ سەۋر - تاقەت قىلاتتى، جەڭ بىلەن ھەممىنى ئۈنتۈپتى ۋە ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇراتتى.

تەقدىر ئۇنى سۆيگىنىدىن ئۇزاق مۇددەت ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى. ئۇ ئۇرۇق - تۇغقان، يۈرتداشلىرىدىن خەت - خەۋەرمۇ ئالالمىدى. ھەممە ئىش ئۇنىڭغا ئۈمىدسىز تۇيۇلدى، ھەتتا ئۇنىڭدا ئازراقمۇ ئۈمىد قالمىدى. بىر كۈنلەر كېلىپ، كامالەتنىڭ سىمۋولى شايىئەنىڭ قىزىغا، يەنى ئۇرپانىڭ سۆيگىنى بىتشابىغقا پادىشاھ داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزى چۈشۈپ قالدى. ئۇ دەررۇ قىزنى ئۆز ئەمرىگە ئالماقچى بولدى - دە، قىلچە كېچىكمەيلا بېرىپ توي تەلىپىنى قويدى. رەھىملىك ئاللاھنىڭ بۇ پەيغەمبىرىنىڭ تەلىپىنى كىممۇ رەت قىلالمىۇن؟

پادىشاھنىڭ توي قىلىش تەلىپى بىتشابىغنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئۈچۈن شەرەپلىك ئىش ئەمەسمۇ؟ ئۇرپانىڭ كەتكىنىگە ئۇزۇن بولغان بولۇپ، ئۇرپا بىلەن بىتشابىغنىڭ مۇناسىۋىتى سۇسلىشىپ قالغانىدى. قىزنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى مۇشۇنى باھانە قىلىپ، قىزنى تويلۇق كىيىم كىيگۈزۈپ ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ باردى. شۇنداق قىلىپ، قىز داۋۇد ئەلەيھىسسالام بىلەن ھۇزۇر - ھالاۋەت

ئۆتتى.

بۇ خەۋەر جاھاننىڭ بىر چېتىدىكى ئۇرىيا ئۈچۈن يوشۇرۇن ئوق بولۇپ تەكىدى. بىراق، ئۇنىڭغا نېمە ئامال؟ ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ئىدى. ئاللا ئۆزىنىڭ رەھىم - شەپقىتى بىلەن ئادەملەرنىڭ جاراھىتىنى ساقايتىدۇ، دەرد - ئەلەملىرىنى تۈگىتىدۇ.

داۋۇد ئەلەيھىسسالام ياخشى كۆرگەن بۇ يېڭى خوتۇنىغا كۆزىنى ئۈزمەي قارايتتى. قىز ئۇنىڭ ئىلكىگە ئۆتۈپ بولدى، داۋۇد ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىۋېرىدۇ. ئۇ بىر مەزگىلگىچە ئۆزىگە ئۆزى تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ، ۋاقتىنى تۆتكە بۆلدى: بىر بۆلۈك ۋاقتىنى ئۆزىگە قالدۇردى؛ بىر بۆلۈك ۋاقتىنى رەببىگە ئىبادەت قىلىشقا ئاجراتتى؛ يەنە بىر بۆلۈك ۋاقتىنى كىشىلەرنىڭ دەۋالىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئاجراتتى؛ ئاخىرقى بىر بۆلۈك ۋاقتىنى بولسا كىشىلەرنى ھىدايەتكە قانداق باشلاشنى ئويلىنىشقا ئاجراتتى.

ئۇ پادىشاھ ھەم پەيغەمبەر ئىدى. ئۇنىڭ ھۇجرىسى ئالدىدا ياساۋۇللار، نۆكەرلەر تۇرۇشاتتى. ئۇ ئۆزى ئورناتقان تۈزۈمگە زادى خىلاپلىق قىلمايتتى، دانا پىكىردىن ئېغىپ كەتمەيتتى.

بىر كۈنى، ئىككى ئەر بەلگىلەنمىگەن بىر ۋاقىتتا كېلىپ داۋۇد ئەلەيھىسسالام بىلەن چوقۇم كۆرۈشۈش تەلىپىنى قويۇپ تۇرۇۋالدى. بۇ ئىككى ئادەم ئەر - ئەزىمەتلەرگە خاس ھەرخىل ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈزۈمىگە رازىمەنلىك بىلەن بويسۇنۇشقا ئادەتلەنگەن بەنى ئىسرائىلغا ئوخشاشمايتتى. مۇھاپىزەتچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان نۆكەرلەر ئۇلارنى كىرگۈزمىدى ۋە ئۇلاردىن بەلگىلەنگەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ ئاددىي نۆكەرلەر بۇ ئىككى ئادەمنىڭ پەرىشتە ئىكەنلىكىنى قانداقمۇ پەرق ئېتىلسۇن؟ بۇ ئىككىيلەن داۋۇد ئەلەيھىسسالام

بىلەن ھازىرلا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن يۈزتۇرا سۆزلىشىش تاپشۇرۇقىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ھېكمەتلىك گەپلەر، كىشىنى قايىل قىلارلىق دەلىللەرنى داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە يەتكۈزۈپ، ئۇنى بىر ساۋاققا ئىگە قىلماقچى ئىدى.

ئىككى پەرىشتە ئۇدۇللا داۋۇد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كىردى، داۋۇد ئەلەيھىسسالام چۆچۈپ كەتتى. پەرىشتىلەر ئۇنىڭ رۇخسەت قىلىشىنى كۈتمەيلا كېلىپ ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرۇپ: — قورقماڭ، بىز — بىر جۈپ رەقىبلەر سىزگە ئەرز قىلغىلى كەلدۇق. سىزدىن ئادىل ھۆكۈم قىلىپ بىزگە توغرا يول كۆرسىتىشىڭىزنى سورايمىز، — دېيىشتى.

داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرۈپ ھۆكۈم قىلىشقا تەييارلاندى، ئۇ ئىككى ئادەمنىڭ مۇنازىرىسىنى ئاڭلىدى. ئۇلاردىن بىرى دېدى:

بۇ مېنىڭ ئاكام بولىدۇ. ئۇنىڭ توقسان توققۇز ساغلىق قويى بار، مېنىڭ بولسا پەقەت بىرلا ساغلىقىم بار. ئۇ پۇل دېسە جېنىنى بېرىدىغان بولۇپ كەتتى. تېخى ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي، مېنىڭ ئاشۇ بىر ساغلىق قويۇمىمۇ تالىشىۋاتىدۇ. مەن ئۇنىڭ بىلەن دەتالاش قىلىپ، ئۇنى يېڭەلمىدىم. ئۇ ناھايىتى گەپدان بولغاچقا، ئاغزىمنى ئاچۇرمىدى، ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدىم. داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئىككىنچى كىشىدىن پاكىت كۆرسىتىپ، ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. ئىككىنچى كىشى مۇنداق دېدى:

— مېنىڭ توقسان توققۇز ساغلىقىم بار، ئۇنىڭ بىر ساغلىق بار. مەن ئۇنىڭ بىر ساغلىقىنى ئېلىپ قويلىرىمغا قېتىپ، قويلىرىمنىڭ سانىنى يۈز قىلىۋالاي دەپ ئويلىۋىدىم. — ئىساڭ بۇنداق قىلىشىڭغا قارشى تۈرىدىكەنغۇ؟ — دېدى داۋۇد ئەلەيھىسسالام.

ئۇ ئادەم: «شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە: — ئۇنداق بولسا. بىز سېنىڭ بۇنداق قىلىشىڭغا رۇخسەت قىلمايمىز. ئەگەر ئۇنىمساڭ، تاياق يەيسەن، — دېدى. كۆتۈلمىگەندە ھېلىقى ئادەم مۇنداق دېدى: — ئەي داۋۇد، بۇنداق جازا ساڭا تېخىمۇ لايىق كېلىدۇ. سېنىڭ توقسان توققۇز خوتۇنۇڭ بار تۇرۇقلۇق، ئۇرىيا ئالماقچى بولغان قىزغا چاڭگال سېلىپ، ئۇنىمۇ ئەمرىڭگە ئېلىۋالدىڭ، ئۇرىيانى ئويلاپمۇ قويمىدىڭ.

داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئۆزىگە مەلۇملۇق بۇ ئىش ھەققىدىكى توغرا ۋە ئۆتكۈر ھۆكۈمىتى ئاڭلاپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ چوڭقۇر خىيالغا چۆمدى. ئاندىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، يېنىدا بىرمۇ ئادەم بوقلىۋقىنى كۆردى. شۇ ھامان ئۇ ئىشنىڭ سىرىنى بىلىپ، قىسقىي ئەھۋالنى چۈشەندى — دە، دەررۇ يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ھەممىدىن ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئەپۇ سورىدى. ئاللا ئۇنىڭغا كەڭچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەۋەبلىكىنى كەچۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىززەت — ھۆرمەتلىك پەيغەمبەرلىك ئورنىنى داۋاملىق ساقلاپ قالدى.

داۋۇد ئەلەيھىسسالام جامائەتنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرايدىغان تېشىنى قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەيىبلىشىگە قالىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قېتىمغانىدى. شان — شەرەپلىك، مەرتىۋىلىك بۇنداق بىر كىشىگە بېرىلگەن ساۋاق كىشىلەرگە شۇنى ئۇقتۇرۇپ بەردىكى، ئاللا كىچىك ئىشلارغا سەل قارىمايدۇ، چوڭ ئىشلارنى تۆتكۈزۈۋەتمەيدۇ، چوڭ — كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلچەپ كۆرىدۇ. ئۇ مەيلى ئاددىي پۇقرا ياكى دانىشمەن پەيغەمبەر بولسۇن، ھەممىنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. ئۇ ئالدىنئالا ھۆكۈم قىلىشنى ياغۇر پەيغەمبەر گىلا بەرگەن ئەمەس، مۇبادا پەيغەمبەر ئاجىزلارنىڭ ھوقۇق — مەنبەئىتىگە چېقىلسا، ئاللا بۇنىڭغا قاراپ تۇرمايدۇ.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.