شەنبەچىلەر قىسسىسى
This content is not yet available in your language.
مېھرىبان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىمىگە ئاساسەن، كىشىلەر ھەر ھەيئىدە بىر كۈن ئىش توختىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىگىسىگە دۇئا - تىلاۋەت قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۈنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ، ئۇنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق ئۆز قەلبىنى پاكلاشتۇراتتى. جۈمە كۈنى ئاللاھقا دۇئا - تىلاۋەت قىلىدىغان كۈن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار باشقا بىر كۈننى بەلگىلەشنى، بۇ كۈنى ئاللاھنىڭ ئۇلاردىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئىبادىتىنى قوبۇل قىلماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ئۇلار شەنبە كۈنى بەلگىلىدى. ئاللامۇ شۇ كۈننى قوبۇل قىلدى. مۇسا ئەلەيھىسسالاممۇ شەنبە كۈنى ئۇلارغا كۆرسەتمە بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.
بىر مەزگىلگىچە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممەتلىرى ئەسلىدىكى ئادەت بويىچە شەنبە كۈنى ئاللاھقا سەجدە - ئىبادەت قىلىشنى داۋاملاشتۇردى. شۇ كۈنى ئۇلار ئاللاھقا ئۈنلۈك ھەمدۇسانا ئېيتاتتى.
قۇلزۇم دېڭىز بويىدا ئەيلە دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەنت بولۇپ، بۇ يەردە بەنى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۇراتتى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ئۇلار ھەر شەنبە كۈنى ئەجدادلىرىنىڭ دىنىي قائىدىسى بويىچە ئوۋ ئوۋلاشنى ۋە سودا - سېتىقنى توختىتىپ، ھەممە بىرلىكتە ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتى.
دېڭىز بويىدا ئىككى پارچە ئاق قورام تاش بولۇپ، ھەر شەنبە كۈندۈزى ۋە ئاخشىمى بۇ ئىككى قورام تاش يېنىغا لەھەڭلەر ئۈزۈپ كېلەتتى، كىشىلەرنىڭ تۈتۈۋېلىشىدىنمۇ قورقمايتتى. ھەر قېتىم مۇشۇنداق چاغدا، لەھەڭلەر ناھايىتى شادلىنىپ، بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتەتتى. كىشىلەر بۇنداق چاغدا بۇ لەھەڭلەرنى تۈتمايتتى ياكى چۆچۈتمەيتتى، بەلكى ھەممە مەخلۇقات ۋە
مەۋجۇداتلارنى ياراتقان ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش بىلەن بەند بولاتتى. بۇنداق كۈندە ئوۋ قىلىش ياكى باشقا خىزمەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش مەنئى قىلمىغانتى. يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە، بۇ لەھەڭلەر يەنە دېڭىزغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ كېتەتتى. ئۇ چاغدا، كىشىلەرنىڭ دېڭىزغا كىرىپ ئۇلارنى تۇتۇشى تەسەۋۋۇرغا سىغمايدىغان ئىش ئىدى.
بۇ كەنتتە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان بەزى بۇزۇق ئادەملەرمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاچ كۆزلۈكى ئەدەپ. نەپسى يامانلىشىپ كەتكەنىدى، ھەتتا پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنىمۇ كۆزگە ئىلمايتتى. ئۇلار پەيغەمبەر ئوتتۇرىغا قويغان ئاخىر زامانىنىمۇ ئېسىدىن چىقىرىپ قويغانىدى. بۇ بىكار تەلەپ ئادەملەر لەھەڭلەرنى قانداق تۇتۇش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىۋالدى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى:
بىز لەھەڭلەرنى تۇتماي نېمىشقا قويۇۋېتىمىز؟ ئۇلار بارغانسېرى كۆپىيىپ كەتتى. پەيغەمبەرلىرى بۇ يەرگە ئۆزۈپ كەلمەكتە. شەنبە كۈنى بىزنىڭ ئوۋلىشىمىزغا رۇخسەت قىلىنمايىۋاتىدۇ. قارىغاندا، لەھەڭلەرنى تاپا - تەنلەردىن قورقمىغاندىلا، ئاندىن تۇتقىلى بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. بىراق بۇنداق قىلساق. توغرا يولدىن چىقىپ كېتىدىغانمۇ يېرىمىز بار.
ئۇلار تەييارلىنىپ، مەلۇم بىر شەنبە كۈنى كۆپ كۈچىمەيلا بېرىۋېتىپ لەھەڭ ۋە يېلىقلارنى تۇتتى. ئۇلار لەھەڭلەرنى ئۆلتۈرۈپ، گۆشىنى پىشۇرۇپ، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ياخشى يېمەكلىك ھازىرلاپ قورساقلىرىنى تويغۇزۇپ، نەپسىنى قاندۇرۇشتى.
بەزى تەقۋادار كىشىلەر دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان بۇ بۇزۇقلارنىڭ بىشەملىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا نەسىھەت قىلدى. بىراق نەسىھەت ئۇلارغا كار قىلمىدى. ئۇلار خاتا يولدا تېخىمۇ ئۇزاپ كەتتى. مۆمىنلەر ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، قوللىرىغا قورال
بۇزۇقلار ئۆزلىرىنىڭ شەنبە كۈنى لەھەڭ تۇتۇشىغا ھاي بېرەلمەيتتى. چۈنكى لەھەڭلەر شەنبە كۈنىدىن باشقا كۈنلەردە كەلمەيتتى. بۇ بۇزۇقلار مۆمىنلەرگە مۇنداق دېيىشتى:
بۇ كەنت ھەم بىزنىڭ، ھەم سىلەرنىڭ. بىزنى ھەيدەپ چىقىرىپ، بۇ يەرنى يالغۇز ئىگىلىۋېلىشىڭلارغا ھەققىڭلار يوق. ھەرقانداق ئادەمنىڭ پۈتۈن كەنتىنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىشىگىمۇ بولمايدۇ، بۇ يەر بىزنىڭ يۈرتىمىز، بىزنىڭ پاناھلىنىدىغان ۋە ياشايدىغان ماكانىمىز. بىز بۇ يەرنى تاشلىۋېتەلمەيمىز، بىزنىڭ بۇ يەردىن باشقا بارار جايىمىز يوق. مۇبادا، سىلەر ئۆز پىكرىڭلاردا چىڭ تۈرۈۋېلىپ، ئىلگىرىكى پىكرىڭلارنى ئۆزگەرتمەيدىغان بولساڭلار، ئۇنداقتا، بىز كەنتىنى بۆلۈشۈۋالايلى، ئوتتۇرىغا تام سوقۇپ، قانداق ياشىغۇمىز كەلسە، شۇنداق ياشايلى.
كەنتىنى ئىككىگە بۆلۈۋېتىشكە مۆمىنلەرمۇ قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرىغا بىر تام سوقۇلۇپ، مۆمىنلەر بىلەن گۇمراھلار ئايرىۋېتىلدى.
ئىككى تەرەپنىڭ تۇرمۇشى ئايرىلدى. ھېلىقى بۇزۇقلار ئۆزلىرىنىڭ ئوۋچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋەردى. ئۇلار كەنتتىن دېڭىزغا بارىدىغان بىر ئېرىق چاپتى. شەنبە كۈنى لەھەڭلەر ئۈدۈل ئۇلارنىڭ ئىشىكىگە ئۈزۈپ كېلىدىغان بولدى. كەچقۇرۇنلۇقى كۈن قايرىلىپ لەھەڭلەر دېڭىزغا قايتىدىغان چاغدا ئۇ بۇزۇقلار ئېرىقىنى توسۇۋالاتتى - دە، لەھەڭلەر دېڭىزغا قايتالمايتتى.
مۆمىنلەر ئۇلارغا قارىتا تاپا - تەنە ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى بۈشۈشتۈرۈپ قويمىدى. مۆمىنلەر ئۇ بۇزۇقلارنى: جاھىللىق قىلىۋېرىدىغان بولساڭلار، ئاقىۋېتىڭلار ياخشى بولمايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى. لېكىن بەزىلەر: «ئاللا قاتتىق جازالايدىغان.
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار خانالىق ئۆتكۈزۈۋېرىشكە، غاپىللىق ئىچىدە تېڭىرقاپ يۈرۈۋېرىشكە قويۇپ بېرىلدى، مۇمىنلەر ئۇلارغا قايتا نەسىھەت قىلماي، ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بەردى، چۈنكى ئۇلار قۇلاق سالمىغانىدى.
ئۇ بۇزۇقلار مال - دۇنياسى كۆپىيىپ، ئەيش - ئىشرەت، كەيپ - ساپا بىلەن ئۆتتى. داۋۇد ئەلەيھىسسالام ئاخىر چىداپ تۇرالماي، ئاللاھتىن ئۇلارغا بىر بالايىئاپەت بېرىشنى تىلىدى. ئاللا ئۇنىڭ تەلىپىنى مەقبۇل كۆردى. نەتىجىدە، ھېلىقى گۈمراھلار ئولتۇراقلاشقان جاي قاتتىق تەۋرەپ كەتتى. مۇمىنلەرمۇ بۇنىڭدىن قورقۇپ ئۆيلىرىدىن يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ كېتىشتى. ئاللا: «ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان ۋەز - نەسىھەتنى قوبۇل قىلمىغان چاغدا، يامان ئىشتىن مەنئى قىلغۇچىلارنى قۇتۇلدۇردۇق، ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن زالىملارنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلدۇق» دەپ يېشارەت بەردى.
