Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

تەبۇك غازىتى ۋە ئارقىدا قالغان ئۈچ كىشى

This content is not yet available in your language.

خۇزائەلەر مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر قىسىم كىشىلەرنى مەككىنى ساقلاشقا قالدۇرۇپ، ئۆزى زور قوشۇننى يېتەكلەپ مەدەنە شەھىرىگە قايتتى.

ئۈزلۈكسىز ئۇياق - بۇياققا يۈرۈش قىلىش ۋە غازات قىلىش ئارقىسىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىقتىسادى ئاجىزلاپ، تۇرمۇشى قىيىنلاشقاندى. لېكىن ئۇلار كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتەتتى، يېقىن كەلگۈسىدە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيمىز دېگەن ئۈمىدتە ئىدى. ئۇلار گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىزار بولۇش بىلەن بىللە، يەنە دەرھال خاتىرجەم ئورۇنلىشىشنى ۋە ئەمدى ھەممىلا يەرگە تەڭ قاتراپ يۈرمەسلىكنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىشاتتى.

ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ ئارزۇسىدەك بولمىدى. ئۇلار بىردىنلا روسۇللىلانىڭ ھەممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، يېڭى جەڭنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىنىش توغرىسىدىكى بۇيرۇقىدىن ۋاقىپلاندى. روسۇللىلا ئۇلارغا:

— بارلىق پۇل ۋە مېلىڭلارنى چىقىرىپ غازات قىلىڭلار! پۇلى بارلار پۇل، ئادىمى بارلار ئادەم چىقارسۇن، بىز ۋىزانتىيىدىكى يۇنانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىمىز، بۇ جەڭدە ھېچقايسىڭلار ئارقىدا قالماسلىقىڭلار كېرەك. — دېدى.

مۇسۇلمانلار روسۇللىلانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بىر ئاز گاڭگىراپ قېلىشتى. ئۇلار: جەڭنى ئەمدىلا تۈگىتىپ بولساق، يەنە نېمىشقا ئۈرۈش قىلىدىغاندىمىز؟ روسۇللىلا قانداق ئويلىدىكىنە؟

ئۇلار ۋىزانتىيىدىكى يۇنانلىقلارنىڭ قوشۇن توپلاپ

مۇسۇلمانلارغا تۇيۇقسىز زەربە يېرىشكە ھازىرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. شۇڭا، روسۇللىللا ئۇلارغا تاقابىل تۇرۇش يۈزىسىدىن مۇسۇلمانلارنى جەڭگە پۇختا تەييارلىنىشقا چاقىرغانىدى.

روسۇللىللا مالىيە ۋە ماددىي كۈچ ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا جەڭگە تەييارلىق قىلىش چاقىرىقىنى چىقاردى. گەرچە مۇسۇلمانلار بۇ جەڭ تەييارلىقىنى تازا چۈشىنىپ كېتەلمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئاللاھقا ۋە روسۇللىللاغا بولغان چەكسىز سادىقلىقى بىلەن بۇ چاقىرىققا جىددىي ئاۋاز قوشتى. ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىش، ئاللانى رازى قىلىش يولىدا ئۇلار مەيلى قىش ياكى ياز بولسۇن، سەپەرگە ئاتلىنىۋېرەتتى. چاقىرىقنى روسۇللىللا چىقارغانىدى. مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا مۇتلەق ئىنائەت قىلاتتى، چۈنكى ئۇلار ھەممىدە روسۇللىللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇناتتى. ئۇلار روسۇللىللانىڭ ئۆزلىرىنى ئاچ - يالىڭاچ قويمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بارچە پۇل ۋە ماللىرىنى روسۇللىللاغا ھەدىيە قىلدى.

لېكىن، بەزى مۇناپىقلار روسۇللىللانىڭ غازات قىلىش توغرىسىدا چىقارغان چاقىرىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇسۇلمانلارنىڭ ماددىي جەھەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەدەپ ئۈمىدسىزلىك كەيپىياتى پەيدا قىلدى. لېكىن، مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرغۇن پۇل ۋە ماللارنى ئۆزلۈكىدىن ئىئانە قىلغانلىقى مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنىڭ جاسارىتىنى يىمىرىپ تاشلاش ۋە قوشۇننىڭ ئىرادىسىنى تەۋرىتىشكە ئۇرۇنۇش يولىدىكى سۈيىقەستىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىمكانىيەت بەرمىدى.

جەڭگە قاتناشماقچى بولغان مۇسۇلمانلار زور قوشۇنى قۇملۇققا توپلاندى. ئۇلار يەڭلىرىنى شىمايلاپ تەق بولۇپ تۇرۇشاتتى، ھەربىر كىشىنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ئۇرغۇيتتى. شۇ ئارىدا تۆت كىشىنى قوشۇندىن غىپىدىلا قېچىپ كەتتى. كىشىلەر بۇ تۆت كىشىنىڭ قېچىپ كەتكىنىدىن بەكمۇ ھەيران بولۇشتى، چۈنكى

ئۇلار ئەزەلدىن ئاللاھقا ۋە روسۇللاغا ئىنتايىن سادىق بولۇپ كەلگەندى. قوشۇندىن قاچقان بۇ تۆت كىشى: كەئىب ئىبن مالىك، ئەبۇ خەيسەمە سالىم ئىبن ئەۋفى، ھىلال ئىبن ئۇمەييە، مىرارە ئىبن رەبىلار ئىدى.

ئەبۇ خەيسەمە قوشۇندىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئائىلىسىگە قايتىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى باغچىسىدىكى ساتمىسىدا سەگىدەپ ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، دەررۇ يەرگە سۇ سەپتى، سوغۇق سۇ ۋە تاماق ھازىرلىدى. ئۇ سايىدە ئولتۇرۇپ، جانغا راھەت غۇر - غۇر شامالدىن ھۇزۇرلاندى، ئۇنىڭ ئىككى خوتۇنى ئۇنىڭ ئەتراپىدا پايپېتىك بولۇپ يۈرۈشەتتى. ئۇلار ھەرقاچان ئۇنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشكە ۋە ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىشقا تەييار ئىدى. ئەبۇ خەيسەمە بۇ ھالدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى. لېكىن شۇئان ئۇ يەنە روسۇللا ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شۇ تاپتا قۇملۇقتا ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتا جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى ئويلىدى - دە، بۇنى كۆز ئالدىدىكى بىلەن بىر قۇر سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ ئۆزى بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاسمان بىلەن زېمىندەك پەرق بارلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ زور قوشۇندىن خۇپىيانە قېچىپ كەتكەنلىكىگە پۇشايمان يەپ بىئارام بولدى.

ئۇ كۆڭلىدە: «روسۇللا شۇ تاپتا ئوتتەك قىزىق ئاپتاپتا جاپا چېكىمۋاتىدۇ، مەن بولسام دەرەخ سايىمسىدە سەگىدەپ ئولتۇرۇۋاتىمەن، ئالدىمدىكى داستىخاندا نازۇنېمەتلەر تۇرۇپتۇ، ئاياللىرىم ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ مەندىن خەۋەر ئالماقتا، بۇ نېمىدېگەن ئادالەتسىزلىك - ھە!» دەپ ئويلىدى - دە، ئىككى خوتۇنىغا:

— ئاللاھقا قەسەمكى، مەن ھېچقايسىڭلارنىڭ ئۆيىگە كىرمەيمەن، روسۇللانىڭ قېشىغا بارىمەن، دەپلا ئوزۇقلىرىنى ئېلىپ، تۆگىسىگە مىنىپ، روسۇللانىڭ قوشۇنىغا يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.

قالغان ئۈچ قاچقۇن — كەئب، مىرارە ۋە ھىلالمۇ قوشۇندىن ئايرىلغىنىغا پۇشايمان قىلىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قوشۇنغا قايتىپ بېرىشتىن ئىككىلىنەتتى. ئۇلار مەدىنىگە قايتقاندىن كېيىن، كۈندۈزلىرى كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈردى. كوچىدا ئۇلارغا مۇناپىقلار بىلەن مېيىپلاردىن باشقا ئادەم ئۈچرىمىدى. جەڭگە قاتنىشالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە جەڭگە چىقىپ كەتكەنىدى. سەپتىن قېپقالغان بۇ ئۈچەيلەن بىئارام بولۇشاتتى. چۈنكى ئۇلار مۇناپىقلاردىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېنى ساغلام ئىدى، ناۋادا ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا قايتىپ بارسا، نېمە ئۈچۈن قوشۇندىن ئايرىلىپ كەتكەنلىكىگە سەۋەب كۆرسىتىپ بېرەلمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئەتىگەندىن — كەچكىچە قايغۇرۇپ يۈرەتتى، كېچىلىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالمايتتى، گېلىدىن تاماق ئۆتمەيتتى.

رەسۇلۇللاھ جەڭ مەيدانىدىن مەدىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇدى، ئاندىن كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.

قوشۇندىن قېپقالغان ئۈچەيلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىغا كىردى، ئۆزلىرىنىڭ قوشۇندىن قېپقالغانلىقىغا سەۋەب كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ يەنىلا ئاللاھقا سادىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولۇشتى. پەيغەمبىرىم ئۇلارغا كۆپ سۆزلىمەسلىكنى، ئاللاھنىڭ قىلنى قىرىق يارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئاندىن ئەيىبلەش تەلەپپۇزىدا كەئبكە:

— نېمىشقا سەنمۇ قوشۇندىن ئايرىلىپ كەتتىڭ؟ ئاللا ئۈچۈن ئاخىرغىچە جەڭ قىلىمدىن دەپ قەسەم بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟ — دېدى.

— ئى رەسۇلۇللاھ، ئاللا بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سەندىن باشقا ئادەمنىڭ ئالدىدا بولغان بولسام، چوقۇم نۇرغۇن باھانە — سەۋەبلەر بىلەن ئۆزۈمنى ئاقلىغان بولاتتىم، لېكىن سېنىڭ ئالدىڭدا مەن بۇنداق قىلالمايمەن. ناۋادا مەن يالغان گەپ قىلىپ سېنىڭ ئەپۇ

قىلىشىڭغا ۋە ئىشەنچىڭگە ئېرىشىدىمۇ، ئاللا مېنى ئەپۇ قىلمايدۇ، شۇڭا مەن ئۆزۈمنى ئاقلىمايمەن، — دېدى كەئىب.

— ئۇنداق بولسا، ئاللاھنىڭ ھۆكىمىنى كۈتكىن! — دېدى پەيغەمبىرىم. رەسۇلۇللاھ مىرارە بىلەن ھىلالغىمۇ كەئىبكە ئېيتقاندەك گەپلەرنى قىلىپ: — سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلارغا ئاللا بىرنىمە دېسۇن! — دېدى. رەسۇلۇللاھ قوشۇندىن قېپقالغان بۇ ئۈچ كىشىنى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش ۋە سۆزلىشىشتىن چەكلىدى، ئۇلارنى جازالاشنى ياكى ئەپۇ قىلىشنى ئاللاھقا تاپشۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، قوشۇندىن قېپقالغان بۇ ئۈچ كىشى ئىنتايىن يېتىم ھالغا چۈشۈپ قالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا سالقىن مۇئامىلە قىلدى؛ كىشىلەر ئۇلارنى كۆزگە ئىلمىدى، ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى سىقىلىپ بەكمۇ ئازابلاندى. مىرارە بىلەن ھىلال ئۆيلىرىدە دائىم زار - زار يىغلاپ قايغۇرغان ھالدا ئاللاھنىڭ ھۆكىمىنى كۈتۈشتى. كەئىب ياش بولغاچقا، كوچىلارغا چىقىپ ئۇياق - بۇياققا قاراپ يۈرەكتى، كوچىلاردا ئۈزۈلمەي كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنى تونۇسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشمايتتى، ھەتتا ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويمايتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ كەينىدىن مەسچىتكە بېرىپ ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا تىنچلىق سوراش ئۈچۈن بارماقچى بولدىمۇ، لېكىن بارايمۇ، بارمايمۇ دەپ دېلىغۇل بولۇپ تۇرۇپ قالدى، ئاخىر بارماسلىق قارارىغا كەلدى. كەئىب بېشى قېتىپ تۇرغاندا، بىردىنلا بىر نەۋرە ئىنىسى ئەبۇقەتادە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكى ئېسىگە كەلدى - دە، ئۇنىڭ ئۆيىگە باردى، ئەبۇقەتادە بىلەن كۆرۈشۈپ تىنچلىق سورىدى، لېكىن ئەبۇقەتادە لام - جىم دېمىدى. — ئى ئەبۇقەتادە، ئاللا بىلەن قەسەمكى، مەن ئاللانى ۋە

ئۇنىڭ ئەلچىسىنى قىزغىن سۆيمەن! — دېدى كەئب. ئەبۇقەتادە يەنىلا ئۇنچىقمىدى. كەئب سۆزىنى يەنە ئەكرارلىدى.

— نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشۈڭ ھاجەتسىز، بۇ ئاللا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئايان، — دېدى ئەبۇقەتادە ۋە شۇئان ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

كەئبمۇ بىر نەۋرە ئىنىسىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈردى. سۈرىيىدىن كەلگەن نەبىت قوۋمىدىكى بىر ئادەم توساتتىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: — كەئب دېگەن سەن بولاممەن؟ — دەپ سورىدى. كەئب بۇ يوچۇن ئادەمنىڭ ئۆزىنى قانداق تونۇپ قالغانلىقىغا بەكمۇ ھەيران قالدى.

— مەن سېنى باشقىلارنىڭ كۆرسىتىپ قويۇشى بىلەن تاپتىم، — دېدى ھېلىقى ئادەم ۋە سۆزلەۋېتىپ يېنىدىن تاۋارغا ئورالغان بىر پارچە خەتنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. كەئب خەتنى ئېچىپ قارىدى، بۇ پادىشاھ غەسساتنىڭ ئۇنىڭغا يازغان خېتى بولۇپ، خەتنە: «مەن خوجايىنىڭنىڭ ساڭا سالقىن قاراپ، سەندىن ئەتەي يىراقلاشقانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ھازىر سەن ناھايىتى غېرىپسىنىپ قاپسەن، مەن سەندىن ئالاھىدە ھال سورايمەن ۋە سەندىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، خرىستىئان دىنىمىزغا ئېتىقاد قىلىشتىن ئۈمىد قىلىمەن! بىز ھەرقاچان سېنىڭ كېلىشىڭنى قارشى ئالىمىز» دەپ يېزىلغانىدى.

كەئب خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، غەزەپلەنگەن ھالدا:

— مەن كەئب ھەرقانچە پەس بولۇپ كەتسەممۇ، كىشىلەر مېنى ھەرقانچە كۆزگە ئىلمىسىمۇ، ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادىمنى ئۆزگەرتمەيمەن! دېدى - دە، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئالدىدا خەتنى كۆيدۈرۈۋەتتى.

قىرىق كۈن ئۆتۈپ كەتتى، قوشۇندىن قېپقالغان ئۈچ كىشى توغرۇلۇق رەسۇلۇللاھغا تېخىچە ئاللاھتىن بىرەر بېشارەت بولمىدى. شۇڭا ئۇلارغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايتتى. ئاللاھنىڭ بېشارىتىنى

كۈتۈش ئۈچۈن قىرىق كۈندىن كېيىنمۇ رەسۇلۇللاھ ئۇلارنى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىشتىن چەكلىدى، يەنە خوتۇنلىرى بىلەنمۇ ئارىلاشماسلىقنى بۇيرۇدى.

ھىلالىنىڭ ئايالى ئۆزىنىڭمۇ ئېرى بىلەن ئۇچراشماسلىق توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ:

— ئى پەيغەمبىرىم، ھىلال ياشانغان، تېنى ئاجىز ئادەم، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ خەۋەر ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلارسەنمۇ؟ — دېدى.

— مەن قارشى تۇرمايمەن، لېكىن ئۇ ساڭا يېقىنلاشمىسۇن، — دېدى رەسۇلۇللاھ.

— ئۇ ئۆز ئەھۋالى بىلەن قېلىپ يىغىسىنى يىغلاپ بولالمايۋاتسا، نەدىمۇ ماڭا يېقىنلاشقۇدەك ھالى بولسۇن! رەسۇلۇللاھ كەئىبىنى ئايالى بىلەن ئايرىۋەتكەندە، كەئىب:

— ماڭا ئۇنىڭ خېتىنى بېرىۋەتكىن دېمەكچىمۇ ياكى باشقا ئىلاج قىلغىن دېمەكچىمۇ؟ — دەپ سورىدى.

— مەن سېنى ئۇنىڭدىن بىر مەزگىل ئايرىلىپ تۇرۇپ، ئاللاھقا تەقۋادارلىقىڭنى بىلدۈرگىن دېمەكچىمەن، مۇشۇنداق قىلساڭ، ئاللا سېنىڭ ئىشىڭ ھەققىدە بالدۇرراق بېشارەت بېرىدۇ، — دېدى رەسۇلۇللاھ.

كەئىبنىڭ بەزى ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلىرى: — ھىلالىنىڭ خوتۇنى ئېرىدىن خەۋەر ئېلىش ھەققىدە رەسۇلۇللاھدىن رۇخسەت ئاپتۇ، سېنىڭ خوتۇنۇڭمۇ شۇنداق قىلسۇن! — دېيىشتى.

— مەن ياش، مەندىن خەۋەر ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، — دەپ جاۋاب بەردى كەئىب. شۇنداق قىلىپ ئۇ خوتۇنى بىلەن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ تۇردى.

قىزىقسۇنىڭدىن قېپقالغان ئۈچ كىشىنىڭ ئىشى ھەل بولماي ئېسىلىپ تۇرىۋەردى. رەسۇلۇللاھ كىشىلەرنى ئۇلار بىلەن

سۆزلىشىشتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ئۇلارغا يېقىنلىشىشتىن چەكلىدى. بۇ ئەھۋال ئەللىك كۈن داۋام قىلدى. ئەللىك كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، پەيغەمبىرىمىز بامدات نامىزىنى ئەمدىلا ئوقۇپ بولۇشىغا، بىردىنلا بېشى ئېغىرلاشقاندەك بولدى، بۇ ئۇنىڭغا ئاللاھتىن ۋەھىي كېلىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى. شۇڭا ئۇ دەرھال يېتىۋالدى. ئارىدىن ئانچە ئۆتمەيلا، ئۇ خۇشال بولغان ھالدا جامائەت ئالدىغا كېلىپ جاكارلىدى:

— كەئىب، مىرارە ۋە ھىلالنىڭ توۋىسىنى ئاللا قوبۇل قىلدى، سىلەر بېرىپ ئۇلارنى تەبرىكلەڭلار.

سۆز تۈگىشىگىلا، كىشىلەر قوشۇندىن قېپقالغان بۇ ئۈچ كىشىنىڭ قېشىغا بەس - بەس بىلەن يۈگۈرۈشۈپ باردى.

بەزى خەۋەرچىلەر كەئىب ئايرىلىپ تۇرغان جايغا ئاتلىق كېلىپ، ئۇنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇنى روسۇلىلىلانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى يېنىغا ئولتۇرغۇزدى. بۇ چاغدا، رەسۇلۇللاھنىڭ ئەتراپى ئادەملەر بىلەن لىق تولغانىدى. رەسۇلۇللاھ كەئىبكە:

— مەن سېنى تەبرىكلەيمەن، ھاياتىڭدىكى ئەڭ خۇشاللىق ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. ئاللا گۇۋاھكى، سەن ئۇنىڭغا سادىق ئىكەنىن، — دېدى. ئارقىدىنلا، ھىلال ۋە مىرارەمۇ يېتىپ كېلىشتى. رەسۇلۇللاھ كۆپچىلىككە قاراپ مۇنۇ ئايەتنى ئۈنلۈك ئوقۇدى: «ئاللا پەيغەمبەرنىڭ ھەم قىيىنچىلىق چاغلاردا ئۇنىڭغا ئەگەشكەن مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلارنىڭ توۋا قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى. ئەينى چاغدا، ئۇلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ نىيىتى بۇزۇلغاندىن كېيىن، ئاللا ئۇلارنىڭ توۋا قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى، ئاللا ئۇلارغا كۆيۈندى، مەرھەمەت قىلدى، ئۇ ئاشۇ ئۈچ كىشىنىڭ توۋا قىلىشىغا رۇخسەت قىلدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىنى كۈتتى، ئۇلارغا كەڭ زېمىن تار تۇيۇلدى، يۈرەكلىرى سىتىلدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئاللاھقا توۋا قىلىشتىن باشقا يول يوق ئىكەنلىكىنى بىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئاللا ئۇلارنىڭ يېڭىۋاشتىن ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ توۋىسىغا رۇخسەت قىلدى. ئاللا ئەڭ مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە ئەڭ مېھرىباندۇر.»

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.