Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

قارۇن قىسسىسى

This content is not yet available in your language.

قارۇن بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام بىر قوۋمدىن ئىدى، ئىسكىلەندە تېخى يېقىن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتمۇ بار ئىدى. قارۇن ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن باياشات ياشايتتى، تاپاۋىتى ئۈستۈن، مال - دۇنياسى مول ئىدى. ئۇ بىمالال، ئەركىن ۋە ناھايىتى خۇشال ئۆتەتتى. بۇنداق بەخت - تەلەي جاھاندا كەم ئۇچرايتتى.

قارۇننىڭ ئامىتى ئوڭدىن كېلىپ، خەزىنە ۋە ساندۇقلىرى ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن لىق تولدى. ئۇ مال - دۇنيالىرىنى ساقلانغانلار نەچچە ئادەم ياللىدى. ئۇلار بۇ ساندۇقلارنى يا كۆتۈرەلمەيتتى، يا ئاچالمايتتى.

ئۇ باشقىلارغا قارىغاندا، تۈرمۈشنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزەتتى، ئازادە كىيىنىپ يۈرەتتى. ئۇ كىشىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان چاغدا، ئالدى بىلەن بىر قۇر پەرداز قىلىپ ياسىناتتى. ئۇنىڭ سارىيىدا قۇللار ۋە خىزمەتكارلار ئىنتايىن كۆپ ئىدى. ئۇ ئاشۇنداق كەيپ - ساپالىق تۈرمۈش كەچۈرسىمۇ، لېكىن ئىچىدە: «ئەگەر كەيپ - ساپانىڭمۇ چېكى بار بولسا، مەن چوقۇم شۇ چەككە يېتىشىم كېرەك» دەپ ئويلايتتى.

ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ئالتۇن - كۈمۈش جاھاننىڭ زىبۇزىنىتى ۋە شان - شەۋكىتى، تۈرمۈشنىڭ ئاساسى ۋە تۈۋرۈكى بولۇپ كەلدى، ئالتۇن - كۈمۈش، مال - دۇنياغا ئىگە بولغان كىشى زورلۇق - زومبۇلۇق قىلالايدۇ، سەن ئەمەس مەن دەپ، جاھاندا ئۆزىنى يوغان تۇتىدۇ، ئۆزىنى ھېچ كىشىگە تەڭ قىلمايدۇ، دەپ ئويلايتتى. ئۇ، بۇ دۇنياغا كەلگەن كىشىلەر مېنىڭ زاڭلىق ۋە مەسخىرە قىلىشىم ئۈچۈنلا كەلگەن، دەيتتى. ئۇ يەنە مەن گەپ قىلسام، كىشىلەر ھۆرمەت - ئىكرام بىلەن ئاڭلىشى، قارارلىرىنى بويسۇنۇپ ئىجرا قىلىشى، ماڭا ساداقەتمەن بولۇشى كېرەك، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۆلۈمگە مەھكۇم؛ مەن ئۈچۈن كەتمەن چېپىشنى راۋا كۆرمىگۈچىلەر گۇناھكار، دەپ قارايتتى.

قارۇننىڭ بۇنداق قىلىشى ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىزىدىن ماڭغانلىقى بولۇپ، بۇنىڭ ئەجەبلىنىدىغان يېرى يوق ئىدى. ئۇ كىشىلەرگە شەپقەتسىز ئىدى، زالىملىق ۋە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلاتتى.

بۇ بايلار ئۆزلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى بىر قۇر پەسەيتىپ، تۈرمۈشنى، تۈرمۈشنىڭ يولىنى بىلگەن بولسا، مال - دۇنياغىلا ئايىنىپ كىشىنى باش ئەگدۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، قۇللارنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدىغانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ خەير - ساخاۋەتلىكىنىلا ئىزدەيدىغان بەندىلەردىن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا چىقىش يولى بەرگەندىلا، خەير - ساخاۋەت

سنت حالق ناسرتانی

این دو در دستور این اولین کار از این سرور است.

قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇلار بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن بولاتتى.

بايلار مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىپ، يامانلىقتىن ساقلىنالايدۇ. ئۇلار پەقەت خەير - ساخاۋەتكە بۇرالغاندىلا، ئاندىن كىشىلەر ئۇلارنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئۆيۈشىدۇ؛ شۇندىلا ئاللا ئۇلاردىن رازى بولۇپ ئۇلارغا نېمەتلەر ئاتا قىلىدۇ، جەننەتتىن ئورۇن بېرىدۇ؛ يەنى ئۇلار بۇ دۇنيادا بەخت - سائادەت تاپىدۇ، قىيامەتتە شاپائەت كۆرىدۇ.

مال - دۇنياغا تويمايدىغان ئاشۇ زالىم ئۆكتەملەر تىلى ھەسەل، دىلى زەھەر ساختا جانابلاردۇر. ئۇلار كۆرۈنۈشتە ھەدەپ قويۇپ، سامانىيىلىك تېگىدىن سۇ يۈگۈزىتىدۇ، مىسكىن - بىچارىلەرنىڭ قارشىلىقلىرىنى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە، ئاڭلىشىمۇ ئاڭلىماسقا سالىدۇ.

قارۇن تەپ تارتماستىن ئەسكىلىك قىلاتتى، ئەس - يادى پۇل تېپىش، باي بولۇشتىلا ئىدى، ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ، ئۆزىنى ياساپ يۈرەتتى، بەكمۇ كۆرەڭلەيتتى، باشقىلارنىڭ ئاچ - يالىڭاچ قېلىشى بىلەن كارى يوق ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يامانلىقنى تاشلاپ، توغرا يولغا مېڭىش، قەلبىدە كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىدىغان بىر روھنى پەيدا قىلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا: مال - دۇنياغىلا مەپتۇن بولۇپ كەتمەي، موھتاجلاردىن ئەپۇ سورا، كىشىلەرنىڭ قايغۇ ياشلىرىنى سۈرتۈپ، بۇ دۇنيالىقنىڭ ۋە ئاخىرەتلىكنىڭ ئۈچۈن ساۋابلىق ئىش قىلىپ قوي. بۇ قوش ساۋاب مال - دۇنيالىرىڭدىنمۇ ئەۋزەل ۋە ئەبەدىيلىكتۇر، دېيىشتى.

ئۇلار مۇنداق دەيتتى: — بىز سېنىڭ بۇ دۇنيادىن ۋاز كېچىشىڭى خالىمايمىز.

سېنى بۇ ئالەمنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمەن بولمىسۇن دېمەيمىز. بۇ بىزنىڭ ئارزۇيىمىز ئەمەس. بۇ ساڭسۇ، بىزگىمۇ پايدىلىق.

سەن يەنىلا ئۆزۈشنىڭ مال - مۈلۈكلىرىڭنى. قانۇنلۇق راھەت - پاراغەتلىرىڭنى ساقلاپ قالساڭ. ئۆزۈڭگە ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەر بىلەن قامدالساڭ بولىۋېرىدۇ.

بىراق، سەن كەمبەغەل بىچارىلەرگە سەل قارىماسلىقىڭ، ئاشۇ موھتاجلارنى ئېسىڭدىن چىقارماسلىقىڭ كېرەك. سەن ئۇلارغا خۇددى ئاللا ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك ياخشىلىق قىل. مۇشۇنداق قىلساڭلا، ئاندىن ئېرىشكەن شەپقەت - مەرھەمەتلىرىڭنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆز بايلىقىڭنى ئاشۇرۇپ، گۈل ئۈستىگە گۈل قوندۇرالايسەن.

ئالتۇن - كۈمۈش كۆز يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئۇيان - بۇيان بولۇپ كېتىدىغان كۆلەڭگە، ۋاقىتلىق مال - دۇنيا. شۇڭا، سەن ئۇنىڭغا ئېرىشكەنلىكىڭ بىلەن خۇشال بولۇپ كەتمە. ئۇنىڭغا ئالدىنىپ قالما. شۇنداقلا ئۇنى بۇ دۇنيادىكى مەقسەتلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى ياكى ئۇ دۇنياغا بېرىشنىڭ يولى دېمە. بىزنىڭ ساڭا قىلغان بۇ سەمىمىي نەسىھەتىمىز پەقەتلا ساڭا كۆيۈنۈش ۋە ئاللاھتىن بارلىق مېھىر - شەپقەتنى ساڭا بېرىشنى ئۈمىد قىلىش ئۈچۈندۇر. ۋەھالەنكى، ھازىر بىز ئاللاھنىڭ سېنى ئالتۇن - كۈمۈشلىرىڭدىن مەھرۇم قىلىپ قويۇشىدىن ياكى ئاخىردا سېنى جەننەتكە كىرگۈزمەسلىكىدىن ئەنسىرىمەكتىمىز. ئەسلىدە بۇ نائىناپنىڭ ئۇ نەسىھەتلەرگە قۇلاق سالىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى. لېكىن، ھاكاۋۇر كىشى قانداقمۇ سەمىمىي نەسىھەتلەرگە قۇلاق سېلىپ، يامانلىقتىن قول ئۈزۈپ توغرا يولغا ماڭسۇن!؟

قارۇن ئالتۇن - كۈمۈشنى ئاۋۇتۇش، بايلىق توپلاش خام خىيالىغا چۇمۇپ كەتتى. بايلىق ئۇنى بارغانسېرى تەكەببۇرلاشتۇرۇۋەتتى. سەمىمىي نەسىھەتلەر ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا سەمىمىي نەسىھەتلەرنى ئاڭلىتىشنىڭ چارىسىنى تاپالمىدى. قارۇن يولىغا ئۆز قىلمىشىنى يوللۇق، دەپ قارايتتى.

شۇڭا، ئۇ كىشىلەرنىڭ نەسىھەتلىرىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

— ماڭا سىلەرنىڭ نەسىھەتلىرىڭلار ھاجەتسىز، قىلغانلىرىم سىلەرنىڭكىدىن توغرا. مەن كۆپنى كۆرگەن، ئالتۇن - كۈمۈشلىرىم بىلەن كۆڭلۈم توق ھەم شۇنداق بولۇشقا مۇناسىپمەن. سىلەر نەسىھەتلىرىڭلارنى يىغىشتۇرۇۋېلىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ غېمى بىلەن بولساڭلار بولدى. مېنىڭ ئەھۋالىم سىلەردىن كۆپ ياخشى، كۆرگەن - بىلگەنلىرىممۇ سىلەرنىڭكىدىن كۆپ.

قارۇن تېخى ئۇلارنى ئەيىبلەش ۋە قاتتىق ئىزا - ئاھانەتتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئۆيىگە كىرىپ كەتتى ۋە ياسىنىپ چىقىپ، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان مول شەپقىتىنى ئۇلارغا كۆز - كۆز قىلدى.

كىشىلەر ئۇنىڭ ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن بېزەلگەن ئېگەر - جابدۇقلۇق ئارغىماققا مىنىپ، ھاكاۋۇرلۇق بىلەن كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا چاكارلىرى پوش - پوش دەپ مېڭىشاتتى. كىشىلەر قولى بىلەن كۈننى دالدا قىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قارىدى، ئۇنىڭ شۇقەدەر سۆلەتۋارلىق قىلىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئېچىندى. چۈنكى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى قىيىن، كۆڭلى غەمكىن ئىدى. كىشىلەر بىر - بىرىگە، بىزمۇ ئاشۇنداق تەلەپلىك بولغان بولساق - ھە، دەپ پىچىرلىشاتتى.

سەمىمىي نەسىھەتلەر قارۇنغا كار قىلمىدى. تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتمۇ ئۇنىڭ دىلىنى يۇمشالمىدى. كۈلپەتلىك، پاجىئەلىك ئەھۋاللارمۇ ئۇنىڭغا تەسىر قىلمىدى.

ئاخىر مۇسا ئەلەيھىسسالام جىددىي ۋە قەتئىي ھالدا ئۇنىڭغا ئالتۇن - كۈمۈشلىرىدىن سەدىقە بېرىش، كەمبەغەللەرگە خەير - ساخاۋەت قىلىشنى جاكارلىدى، ئۇنىڭ پۇللىرى ئىچىدە تىبىلەمچىلەرنىڭمۇ، مىكىن - بىچارىلەرنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى ئۇنىڭغا ئېنىق كۆرسەتتى.

لېكىن، قارۇنغا ئاللا تەرىپىدىن پىخسىق دېگەن تامغا بېسىلىپ كەتكەچكە، ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مۇراجىئەتلىرىگە زادىلا قۇلاق سالمىدى. ئەكسىچە، ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلدى، ئۇنىڭ زىتىغا تەگدى، ھەتتا ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلىدى. قارۇن شەپقەتسىزلىك بىلەن مۇنداق دېدى:

— بىزنىڭ ساڭا تاقەت قىلىپ تۇرغۇچىلىكىمىز قالمىدى.

سەن بىزگە يېڭى دىننى تاڭدىڭ، بىزدىن ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشنى تەلەپ قىلدىڭ، بىزگە بۇنى قىل، ئۇنى قىل دەپ بۇيرۇق قىلدىڭ. ھازىر سەن يەنە بىزنىڭ ئالتۇن - كۈمۈش ۋە بايلىقىمىزنى بۇلماقچى بولۇۋاتسەن. بىز قەلبىمىزنى ساڭا تاپشۇرايلى، سېنىڭ نازارىتىڭنى قوبۇل قىلايلى، ئەمما سەن بىزدىن يۈرىكىمىز ياكى كۆز قارچۇقىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈڭگە تەقدىم قىلىشنى ئۈمىد قىلما! سېنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىڭ ساختا چۈمپەردەڭنى ئېچىپ بەردى. سەن ئادەم ئالدايدىغان جادۇگەر! قارۇن پۈتۈن ئوي - پىكرىنى ئىشقا سېلىپ چۇقان - سۈرەن سالدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا پاكىت بىلەن رەددىيە بەردى. چۈنكى، بۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى ئىدى، بۇنىڭدا تالاش - تارتىش قىلىش ياكى شەرت قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، قارۇن باش ئەگدى.

قارۇن ئۆيىگە بېرىپ، كەمبەغەللەرگە بەرمەكچى بولغان پۇلىنى بىر قۇر ھېسابلاپ چىقتى - دە، قاتتىق چۆچۈپ، ئالاقزادە بولۇپ كەتتى. كونا كېسىلى قوزغىلىپ يەنە بۇرۇنقىدەك چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىغان ھالغا كەلدى، مىسكىن - بىچارىلەرنى ئۆزى بىلەن بىللە بەخت - سائادەت، شاد - خۇراملىقتىن تەڭ بەھرىمەن قىلىشنى ئويلىمىدى. ئۇ بىر ھىيلە ئويلاپ تېپىپ كىشىلەرگە مۇنداق دېدى:

— مۇسا ساختىلىق قىلىپ، دۇنيادىكى ھەممە ياخشىلىقنى

ئۆزنىڭ قىلىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەگەر بىز ئۇنىڭ كۆڭلىدە زادى نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىنچىكە كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇ

چاغدا ئۇنىڭ دىندىن يىراق، ئاللاھتىن يىراق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

قارۇن تېخى ساھىبجامال ئايالنى① ئىشقا سېلىپ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئازدۇرۇشقا ۋە كىشىلەرنى ئالتۇن - كۈمۈش بىلەن بەزلەپ مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن يىراقلاشتۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى تەۋرىتىشكە ئۇرۇندى. لېكىن، ئاللا ئۇنىڭ زەھەرلىك نىيىتى ۋە سۈيىقەستىنى ئېچىپ تاشلىدى. قەلبى پاك مۇسا ئەلەيھىسسالام سىناققا بەرداشلىق بېرىپ تېخىمۇ يۇقىرى ئابرۇي قازاندى.

مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قارۇنغا يامانلىقتىن قول ئۇزۇپ توغرا يولغا مېڭىش ھەققىدە قىلغان نەسىھەتلىرى ئۇنىڭغا تەسىر قىلىمىغاندىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاخىر ئۈمىدىنى ئۈزدى - دە، كىشىلەرنى قارۇننىڭ ئازدۇرۇشى ۋە قۇترىتىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاللاھتىن قارۇنغا جازا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئاللا ئۇنىڭ تەلىپىنى قوبۇل كۆردى. شۇنىڭ بىلەن زېمىن ئولتۇرۇشۇپ، ئۆي - ئىمارەتلەر يىقىلدى، ئاللاھنىڭ ئالدىدا قارۇنغا ياردەم بېرىشكە ئادەم چىقمىدى.

زېمىن قارۇننى ۋە ئۇنىڭ پۇل - مال، ئۆي - ئىمارەتلىرىنى يۈتۈۋەتتى. ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئاشۇ ناكەسلەرنىمۇ يەر يۈتتى. قارۇننىڭ ئاقمۇشىنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەملىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىبرەت قىلدى، ئۇلار ئىلگىرى قارۇننىڭ ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىدىن نومۇس ھېس قىلدى. كىشىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتاتتى، ئاللاھنىڭ ئۇلارنىمۇ قارۇن بىلەن تەڭ يەرگە يۈتقۇزۇۋەتمىگەنلىكىگە شۈكۈر ئېيتىشاتتى. ئۇلار: « ئەگەر ئاللاھنىڭ غەمخورلۇقى بولمىغان بولسا، بىزمۇ يەر ئاستىغا كىرىپ كەتكەن بولاتتۇق. ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەر ياخشى كۈن

① ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبراھىمغا قارىغاندا، قارۇن بىر ئايالنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئازدۇرۇشقا كىرگۈزگەن. ئايال ئۇنىڭ بېتىمغا بارمان، كېيىن بىر مەملىكەت قارۇننى باش قىلىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پاك، كۈننى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن.

كۆرمەيدۇ، قارۇننىڭ قېپقالغان ئۆيى يەر يۈزىدە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلغان، كەيپ - ساپا سۈرۈپ چۈشكۈنلەشكەن كىشىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بولسۇن. شان - شەرەپ تەقۋادار مۆمىنلەرگە بەنسۇپ!» دېيىشتى.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.