قاينام
This content is not yet available in your language.
سابا دۆلىتى يەمەندىكى مۇئايىنە دۆلىتىنىڭ خارابىسىگە قۇرۇلدى ھەمدە ئۇنىڭ تىلى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىگە ۋارسلىق قىلدى. سابالىقلار مول بايلىقنى قوبۇل قىلىپ سىرۋە دېگەن جايدا ھەيۋەتلىك ئوردا بىنا قىلدى، كېيىن ئوردىنى ئۇ يەردىن مەئرىبكە يۆتكىدى. چۈنكى، مەئرىبنىڭ تۈرمۈش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى ئىدى. شۇڭا ئۇلار بۇ يەرنى پايتەخت قىلىپ بەلگىلىدى.
يەمەن يېرى مۇنبەت، جىلغا - جىرالىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن مەملىكەت ئىدى. مەملىكەت بويىچە تاغدىن سەل بولۇپ كېلىدىغان يامغۇر سۈيىدىن باشقا، دەريا - ئېقىنلار ناھايىتى ئاز ئىدى. تاغدىن كەلگەن سەل قۇملۇققا كىرىپ سىڭىپ كېتەتتى. كىشىلەر سەلدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن تىگەن - دامبا ياساش چارىسىنى قوللىناتتى. شۇڭا، جىلغىلار بىلەن جىلغىلار ئارىسىدا كىشىلەر نۇرغۇن دامبا ۋە ئۆستەڭ ياسىغانىدى.
جىلغا، تاغ كۆپ بولغاچقا، ئەينى زاماندا كىشىلەر بىرنەچچە يۈز تىگەن ۋە دامبا ياسىغانىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ پۇختا ياسالغان ۋە تاپاۋىتى كۆپ بولغان دامبا مەئرىب دامبىسى ئىدى.
مەئرىب شەھىرى جەنۇب - شىمال تەرەپلىرى چوڭ جىلغىغا قاراپ كەتكەن بىر تۆپىلىككە جايلاشقان بولۇپ، بۇ جىلغا جەنۇبتىن شىمالغا بارغانسېرى تارلىشىپ باراتتى. سارا تېغىدىن چۈشكەن سەل جەنۇبتىكى تار يەردىن ئېقىپ ئۆتەتتى.
سابا پادىشاھى مۇشۇ جىلغىنى بويلاپ كەڭ ھەم خېلى مۇستەھكەم بىر دامبا ياساتتى، دامبىنىڭ ئىككى تەرىپىگە سۇ چىقىرىش ئۆستەڭلىرىنى قازدۇردى. سۇ بولغاچقا، بۇ جىلغىمۇ
سۈنئەت يەرلەرگە ئايلاندى. ئۇ يەردە ياپيېشىل زىرائەتلەر، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك باغۋارانلار پەيدا بولدى. سېرىق قۇملۇق يەرلەر مەخمەلدەك كۆپكۆك ئېتىزلارغا ئايلاندى. ئەگرى - بۈگرى كەتكەن ئېرىق سۈلىرى شىرىلداپ ئېقىپ تۇراتتى، ياۋا قۇشلار دەل - دەرەخلەر ئارىسىدا خۇشال سايرىشاتتى. مېۋىلەر شاخ - شېخىدا ساڭگىلىشىپ تۇراتتى. رەڭگارەڭ گۈللەر بۇ يەرنى ئاجايىپ گۈزەللەشتۈرۈۋەتتى.
بېشىدا سېۋەت كۆتۈرۈپ ماڭىدىغان ئاياللار باغلارنى ئارىلاپ ئۆتىسىلا، سېۋەتلىرى مېۋىگە لىپمۇ لىق تولۇپ كېتەتتى… كىشىلەرنىڭ ھال - ئوقىتى ياخشى، دارامىتى ئوبدان ئىدى. شۇڭا، بىر تۈركۈم ئادەم سىرتقا چىقىپ سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولدى. ئۇلار ئاللا بەرىكەت ئانا قىلغان ھىجاز ۋە شام يېزىلىرىغا ئىخلاس باغلاپ كەلدى. ئۇلار بۇ يەرلەرگە كېلىشتە ھەر قېتىم بىرەر - ئىككى ئۆتەڭ يول ماڭغاندا، ئاللا ئۇلارغا ئارام ئالىدىغان جاي، تەملىك تائام ۋە ئىچىدىغان سۇ ئاتا قىلاتتى، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى ئارقا - ئارقىدىن ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇراتتى. بۇ ھال بۇ مۆمىنلەرگە بۇ جاينىڭ ھەقىقەتەن بەختلىك بىر ماكان ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇراتتى. ئۇلارنى ئاللا خەلق ئەتكەن، ئۇلار ئاللاھقا تەشەككۈر بىلدۈرۈشى ۋە ھەمدۇسانا ئېيتىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى، ئاللا ئۇلارنى ئاچ - يالىڭاچلىقتىن، ۋەھىمىدىن قۇتۇلدۇرغانىدى. لېكىن ئۇلار يەنىلا ئەجدادلىرىنى دوراپ، كونا ئەمرىمەر ۋېلارغا چىڭ يېيىشتۇپلىپ، ئەجدادلىرىنىڭ ئىزىدا ماڭدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيادە ئىشىنىپ كېتىپ، ئاخىرقى ھېسابتا ۋاپاغا جاپا قىلىشتەك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. ئاللا ئۇلارغا پەند - نەسىھەت قىلىش، ئۇلارنى يامان ئىشلاردىن قول ئۆزۈپ، ياخشىلىققا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قىلچە ئۈنۈمى بولمىدى. ئاللا ئۇلارغا ئازابنى تېخىشى.
ئاسىيلارنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ھەمدە كېيىنكى كىشىلەرگە ئىبرەت قىلىش ۋە كىمكى ئۇلاردەك ئاشۇنداق قىلسا، قاتتىق جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش قارارىغا كەلدى.
تىكەن - دامىيلار ۋە يران بولدى، ئۆي - ئىمارەتلەر ئۆرۈلدى، جىلغا، ئورمانلارنى قىيان بېسىپ، ئېتىز ۋە ئۆي - ئىمارەتلەرنى پۈتۈنلەي غەرق قىلىۋەتتى، جىلغىلار بۇرۇنقىدەك جىمجىت، قاقاس قۇملۇققا ئايلىنىپ قالدى. قۇرۇپ كەتكەن ۋە ئاچچىق ياۋا چىلان دەرىخىدىن باشقا ھېچنىمە قالمىدى. قۇشلار توزۇپ كەتتى، بۇ خارابىلىكتە پەقەت ھۇۋۇقۇشلا ھۇۋلايتتى، قاغا - قۇزغۇنلار قۇرۇپ قاقشال بولۇپ كەتكەن دەرەخلەر ئۈستىدە قاقىلدايتتى. بۇ يۈرتىنىڭ ئاھالىسى تۈرمۈش مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى، تۈنۈگۈنكى جەننىتىنىڭ قۇملۇققا، ئوردىنىڭ خارابىلىككە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، چىداپ تۇرالماي، ھەسرەت - نادامەت ۋە قەھر - غەزەپ ئىچىدە يات ئەللەرگە سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىشتى. كاسانىلار شامغا، ئەممالار يەسىرىپكە، كىزالار مەككىگە، ئازىدلار ئومانغا قېچىپ بېرىشتى، شۇ چاغدا ئۇلار تولىمۇ يامان ئەھۋالدا قالغانىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالى كېيىنكىلەرنىڭ ھېكايە - چۆچەكلىرى ئۈچۈن ماتېرىيال بولۇپ قالدى.
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بۇنى ئوبدان قەدىرلىمىدى، ئېرىشكەن شان - شۆھرەتنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىدى. شۇڭا، ئاللا ئۇ ئاسىيلارغا تېگىشلىك جازا بەردى.
