ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام
This content is not yet available in your language.
تىرىلدۈرۈشتىكى ئىسپات
بۆلۈم: “تىرىلدۈرۈشتىكى ئىسپات”قەدىمكى دەۋردە بابلۇن دۆلىتىدىكى خەلقلەر باياشات ۋە خاتىرجەم ياشىسىمۇ، لېكىن ئېتىقاد جەھەتتە تۇيۇق يولدا ئىدى. ئۇلار بۇت ياسايتتى، بۇتقا چوقۇناتتى، ئەمما ئۆزلىرىنى ياراتقان ۋە بەخت ئاتا قىلغان ئاللانى زادى ياد ئەتمەيتتى.
شۇ چاغدا، پادىشاھ نەمرۇد ئىبنى كەنئان كۇس بابلۇن دۆلىتىنىڭ كاتتا ھوقۇقىنى تىزگىنلىۋېلىپ، ئۆز يېشىمچىلىق بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ جاھاندا ھەممىدىن باي - قۇدرەتلىك، ھەممىدىن ئۈستۈن ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، پۇقرالىرىنىڭ بولسا گالۋاڭ، نادانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى ئىلاھ قىلىۋېلىپ، كىشىلەردىن چوقۇنۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ شۇنداق قارايتتى: كىشىلەر قۇلىقى ئاڭلىماس، كۆزى كۆرمەس، پايدىسىمۇ يوق، زىيىنىمۇ يوق ئاشۇ تاشلارغا ۋە ھەيكەللەرگە نادانلارچە چوقۇنغان يەردە، مەن نېمە ئۈچۈن ئۇلارنى ئۆزۈمگە چوقۇندۇرالمايمەن! مەن شۇنچە سۆزمەن، بىلىملىك ھەم سەزگۈر، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىكىر يۈرگۈزەلەيمەن، كىشىلەرگە ياخشىلىق يەتكۈزەلەيمەن، ئۇلارنى قوغدىپالايمەن، كەمبەغەلنى باي، ئېسىللارنى پەس قىلالايمەن، مەن تاش ۋە ھەيكەللەردىن كۆپ ئارتۇق تۇرمەن.
جاھاندا تىلىك ۋە قالاقلىق ھۆكۈم سۈرۈپ تۇرغان بۇنداق سۆھبەتتا ۋە جەمئىيەتتە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مۇشۇ
پادشاهلىقتىكى پىدان ئىرەم شەھىرىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ ئاتىسى ئازەر ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاللا ئۇنىڭغا ئەقىل - پاراسەت ۋە ھەقىقەت ئاتا قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ توغرا چۈشەنچىسى، ئۆتكۈر پىكرى ۋە ئاللاھتىن نازىل بولغان ۋەھىيگە ئاساسەن مۇنۇلارنى چۈشەندى: ئاللا بىردۇر، ئالەمدىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ، ئۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمرانىدۇر. كىشىلەر چوقۇنۇپ يۈرگەن بۇت ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ھېچقانداق مېھىر - شەپقىتىگە ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى بىردىنبىر ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى مۇشرىكلىك پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش قارارىغا كەلدى. شۇنداقلا كىشىلەرنى ئازغان يولدىن قايتۇرۇش، يامان يولدىن توغرا يولغا باشلاشقىمۇ ھازىرلاندى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ئىنتايىن ئىخلاسمەن ئىدى، ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە قەتئىي ئىشىنەتتى. ئۇ ئاللاھتىن ئۆزىگە نازىل بولغان: ئاللاتائالا ئىنسانلارنى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئۇ دۇنيادىكى تەقدىرى ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھەرىكىتىگە باغلىقتۇر، دېگەن ۋەھىيىسىگە ئىشىنەتتى. ئۇ ئەقىل - پاراسىتى ۋە نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئۆز ئېتىقادىنى قەتئىيلەشتۈرۈش، تەشۋىق قىلىشتا ئېنىق دەلىل - ئىسپاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ تىرىلدۈرۈش ئىسپاتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرمەكچى بولدى - دە، ئاللاھتىن ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن چىرىگەن جەسەتكە قانداق جان ئاتا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاللا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا:
— ئى ئىبراھىم، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنمىدىڭمۇ؟ دېدى.
— يىلق، سەن ساڭا ئىشىنىمەن، دەپ جاۋاب بەردى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، — سەن بۇ ھەقتە ماڭا بېشارەت
پەرگەنىدىڭ، مەن ساڭا ئېتىقاد قىلىمەن، پۈتۈنلەي ئېتىقاد قىلىمەن، لېكىن كۆڭلۈمنى قارار تاپقۇزۇپ، قەتئىي ئىشەنچ بىلەن تەشۋىق قىلىشىم ئۈچۈن، تىرىلدۈرۈش جەھەتتىكى ئىسپاتلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەيمىكىن، دېگەندىم.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆز كۆڭلىنى تىندۇرۇشنى مەقسەت قىلغاچقا ئاللامۇ ئۇنىڭ تەلىپىنى مەقبۇل كۆردى. ئاللا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا شۇنداق ئەمر قىلدى: ئى ئىبراھىم، قۇشتىن تۆتنى ئالغىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە توپلىغىن (يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن)، ئاندىن ھەربىر تاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلىكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى ئالدىڭغا چاقىرغىن، شۇ چاغدا ئۇلار مېنىڭ ئىرادەم بويىچە تىرىلىپ، مېنىڭ ئالدىڭغا ئۈچۈپ كېلىدۇ.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە شۇنداق قىلدى. ئۇ بايىقى تۆت قۇشنى چاقىرغاندا، بۇ قۇشلارنىڭ پارچىلىنىپ كەتكەن ئەزالىرى جاي - جايغا كېلىپ تۇتىشىپ تىرىلدى، ئاندىن ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا قاراپ ئۈچۈپ كەلدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ تىرىلدۈرۈشتىكى ئىسپاتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. تۆت قۇشنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن پارچىلىغان ھەم ئۇلارنىڭ پارچىلانغان ئەزالىرىنى ئۆز قولى بىلەن بىرنەچچە تاغ ئۈستىگە قويغاندى. ئۇ قۇشلارنى چاقىرغاندا، ئۇلار بىردىنلا تىرىلىپ ئۈچۈپ كەلدى. بۇ ئىشلارنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئاللاھنىڭ ئۆلگەن ئادەمنى تىرىلدۈرۈپ قايتا ھايات ئانا قىلالايدىغان كۈچ - قۇدرىتىگە شۈبھىلەندىدۇ. مۇبادا ئاللا بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولىدىكەن، ئۇنى ھەرقانداق نەرسىمۇ توسۇۋالالمايدۇ. ئاللا ھەممىگە قادىردۇر.
دادىسىغا نەسىھەت قىلىشى
بۆلۈم: “دادىسىغا نەسىھەت قىلىشى”ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى ئازەر بۇتقا چوقۇناتتى ۋە بۇت ياساپ ساتاتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىسى شۇ ئىدى. شۇڭا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەممىدىن ئاۋۋال دادىسىنى توغرا يولغا باشلىشى ۋە ئۇنىڭغا نەسەھەت قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دادا بولغۇچىنى ھىدايەتكە باشلاشمۇ ئوغۇل بولغۇچىنىڭ ۋاپادارلىقى بولۇپ ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ دادىسىنىڭ بۇت ياساپ باشقىلارنى بۇتقا چوقۇندۇرۇشى بىرخىل گۇناھ ئىدى. دادىسىغا نەسەھەت قىلىشنىڭ ئۆزى ئاللاھقا ئىخلاس قىلغانلىقى، يامانلىقنى تۇپ - يىلتىزىدىن تۈگەتكەنلىك ۋە كىشىلەرنى تۇيۇق يولدىن قايتۇرغانلىق بولاتتى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ نەسەھىتىنى دادىسىغا قوبۇل قىلدۇرۇش ھەمدە دادىسىنىڭ ئۇنى ھۆرمەت قىلمىدى دەپ قېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش ئۈچۈن، دەسلەپتە، دادىسىنىڭ بۇتقا چوقۇندىغانلىقىنىڭ ئەخمىقانە قىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمىدى، بۇتنى كەمسىتىدىغان روھى ھالەتنىمۇ ئىپادىلىمىدى. بەلكى ئەدەپ - ئىكرام بىلەن ئەپلىك پۇرسەت تېپىپ ئۆز لايىقىدا ئاۋۋال دادىسى بىلەن سۆزلەشتى. ئۇ ئالدى بىلەن ئاتا - بالىلىق مۇناسىۋەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دادىسىنىڭ ئۆزىگە بولغان مۇھەببىتىنى قوزغىدى، ئاندىن مۇلايىملىق بىلەن دادىسىدىن نېمە ئۈچۈن بۇتقا چوقۇندىغانلىقىنى سورىدى ۋە بۇ بۇتلارنىڭ كىشىلەرنىڭ دۇئا - تىلاۋەت، ھەمدۈسانالىرىنى ئاڭلىيالمايدىغانلىقى، چوقۇنغانلىقىنى كۆرەلمەيدىغانلىقى، كىشىلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايىئاپەتنى كۆتۈرۈۋېتەلمەيدىغانلىقى ھەم كىشىلەرنىڭ تەلەپ - ئىلتىجالىرىنىمۇ قاندۇرالمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دادىسىنىڭ مەنسىتمەسلىكىدىن ئىنىرەپ، دادىسىغا دېدى:
— ئى دادا! مەن ھەقىقەتەن سەن تېخى بىلمىگەن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. سەن ماڭا ئىشەنگىن، مەن گەرچە كىچىك بولساممۇ، ئالىيجانابلىق ۋە ئايرۇيدا ساڭا يەتمىسەممۇ، لېكىن سەن ماڭا ئىشىنىشىڭ لازىم.
ئۇ دادىسىدىن ئۆزىنىڭ دېگەنلىرى بويىچە ئىش قىلىشنى سەمىمىي تەلەپ قىلدى ۋە شۇنداق قىلغاندىلا، ھىدايەت يولىغا ماڭالايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دادىسىغا يەنە بۇتقا چوقۇنماسلىق توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى، چۈنكى بۇتقا چوقۇنۇش رەھىم - شەپقەتلىك ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ، كىشىلەرنى يامانلىققا ياشلايدىغان شەيتانغا چوقۇنغانلىق بولاتتى. ۋەھالەنكى شەيتان بولسا ئىنسانلارنىڭ دۈشمىنى، ئۇ ئىنسانلارغا بەخت - سائادەت يېغىشلىمايدۇ، پەقەت ئىنساننى بەختسىزلىككە ۋە ھالاكەتكە ئۇچرىتىدۇ، خالاس. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دادىسىنى كۆلەملىك تەقدىرنىڭ يېتىپ كېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىشقا ئاكاھلاندۇردى، لېكىن دادىسىغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن «ئاللاھنىڭ جازاسىدىن ئېھتىيات قىل» دېگەن گەپنى قىلمىدى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دادىسىغا ھىدايەتنى ئېنىق كۆرسەتتى ۋە سەمىمىي مۇراجىئەت قىلدى. ۋەھالەنكى دادىسى ئازەر ئوغلىنىڭ سەمىمىي مۇراجىئىتىنى رەت قىلدى ۋە غەزەپلەنگەن ھالدا ئوغلىغا دېدى:
— ئىبراھىم، سەن خۇدالىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلدىڭ! ناۋادا سەن بۇ خەتەرلىك يولدىن دەرھال قايتمايدىغان بولساڭ، مەن سېنى تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، ھوشۇڭنى تاپ. مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغىما، سەن مەندىن مەڭگۈ ئايرىلىپ كەت، ئائىلىدە ساڭا شۇرىدىغان ئورۇن يوق، سەن مېنىڭ ھېسداشلىقىمىزمۇ ئېرىشەلمەيمەن.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەڭ قورساقلىق بىلەن دادىسىنىڭ تەھدىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالاھىدە ئىززەت - ئىكرام بىلەن مۇنداق دېدى:
— مەن ئامان - ئېسەن ساڭا ھەمراھ بولۇشنى خالايمەن، مەن ئاللاھتىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللا چەكسىز رەھىم - شەپقەتلىكتۇر، مەن سىلەردىن يىراق تۇرىمەن. سىلەرنىڭ ئاللانى تاشلاپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتۇڭلاردىن يىراق تۇرىمەن. بۇ ئارزۇ - تىلەكلىرىم كىشىلەرنى نائۇمىد ۋە بەختسىز قالدۇرمىغاي.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسىنى ئاللاھقا ئېتىقاد قىلدۇرۇش يولىدا قىلغان ئۆرۈنۈشلىرى مەغلۇپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىسىنىڭ داۋاملىق تۈردە تەرسالىق قىلىپ، بۇنقا چوقۇنۇپ، ئاللاھقا ئىشەنمەي يۈرگەنلىكىگە قاراپ تۇرۇشنى خالىماي، قايغۇ - ھەسرەتكە چۆمگەن ھالدا دادىسى بىلەن خوشلاشتى.
بۇتلارنى چېقىش
بۆلۈم: “بۇتلارنى چېقىش”دادىسىنىڭ نەسىھەتىنى رەت قىلغانلىقى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئوغلى دادىسىنى توغرا يولغا باشلىدى، دادىسى غەپلەتتە ئۆتىۋەردى، ئوغلى دادىسىنى زالالەتتىن ھىدايەتكە باشلىدى، دادىسى پەرۋا قىلمىدى. شۇڭا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن بەكمۇ ئازابلاندى، لېكىن دادىسىنىڭ قوپاللىقلىرى ۋە سوغۇق مۇئامىلىسىدىن مەيۈسلىنىپ كەتمىدى. ئۇ ھەقىقەتنى داۋاملىق تەشۋىق قىلىشقا، كىشىلەرنى بۇنقا چوقۇنماسلىققا داۋاملىق دەۋەت قىلىشقا بەل باغلىدى. ئۇ كىشىلەرنى ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرىدىغان، زالالەتتىن قول ئۈزىدىغان قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق بالا - قازاغا دۇچ كېلىشتىنمۇ باش تارتمايدىغان ئىبەتكە كەلدى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن ئەقىللىق، پىكرى ئۆتكۈز،
ئىشنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلالايدىغان كىشى ئىدى. ئۇ ئۆز قوۋمىدىكىلەرنىڭ جاھىللىق بىلەن داۋاملىق بۇتقا چوقۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەق بىلەن ناھەق ئايرىلمايدىغان بۇ يەردە يالغۇز ئېغىزدىكى گەپكىلا تايىنىۋېرىشنىڭ كار قىلمايدىغانلىقىنى سەزدى. ئۇ كىشىلەرنى تۇيۇق يولدىن قايتۇرۇش، زالالەتتىن ھىدايەتكە باشلاش ۋە ئۇلارغا ئېتىقادنىڭ ھەقىقىي - چىن مەنىسىنى چوڭقۇر بىلدۈرۈشتە، پەقەت ئېتىقادنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئۇلارغا ئۇقتۇرغاندىلا، ئاندىن نەتىجە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى.
ئۇ كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقان ھەرقانداق ۋاقىتتىن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پايدىلىنىپ تەشۋىقات ئېلىپ باردى. بىر قېتىم ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلاردىن:
— سىلەر نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟ — دەپ سورىدى.
كىشىلەر بۇتنى يەنە ماختاپ كۆرەڭلەپ كېتىشتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ باشتىن — ئاياغقىچە تەۋرەنمەستىن بۇتقا چوقۇنۇۋېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بالدۇرراق ئويغىتىش ئۈچۈن، ئۇلارغا خۇددى دوختۇر كېسەلنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ دورا بەرگەندەك مۇئامىلە قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە خۇددى سوتچى جىنايەتچى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقاندەك ئۇلارنىڭ ئوي - پىكىرلىرىنى چۈشەندى ۋە تەتقىق قىلدى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئوخشاش بىر مەسىلىگە بولغان باشقىچە قاراشلىرى ۋە جاۋابلىرىغا ناھايىتى دىققەت قىلاتتى ھەمدە بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ بۇتقا چوقۇنۇشتىكى ئاساسىنى يىمىرىپ تاشلاپ، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلارنى قايىل قىلىشنى كۆزلەيتتى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ سەپسەتلىرىگە دەلىل - ئىسپاتلار بىلەن رەددىيە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ چۈشكۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى، ئاندىن ئۇلاردىن:
— سىلەر بۇتنى چاقىرساڭلار ئۇ ئاڭلىيالامدۇ؟ سىلەر ئۇنىڭ
ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرساڭلار، ئۇ كۆرەلەمدۇ؟ ئۇ سىلەرگە بىرەر ياخشىلىق ياكى يامانلىق ئېلىپ كېلەلەمدۇ؟ — دەپ سورىدى.
— بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىز ئۇنىڭغا مۇشۇنداق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن، — دېيىشتى ئۇلار جاۋاب بېرىپ. يىرگىنچىلىك ئادەت كۈچلىرى ئۇلارنى تۇيۇق يولدا داۋاملىق مېڭىۋېرىشقا مەجبۇرلايتتى. ئاتا - بوۋىلار ئاسىيلىق قىلغاچقا، ئەۋلادلارمۇ داۋاملىق خاتالىشىۋېرىشى كېرەك ئىكەن - دە، بۇ نېمىدېگەن پاجىئەلىك ئىش! بۇ دەل ئۇلارنى شەيتان ئۆز قاپقىنىغا چۈشۈرۈپ ۋە ئازدۇرۇپ، ئاتا - بوۋىسىغا ئەگىشىپ ئاسىيلىق قىلىشنى شەرەپلىك، دەپ بىلىشكە ئۈندىگەنلىكتىن بولسا كېرەك. ئۇلار يولدىن ئازغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنى توغرا يولدا مېڭىۋاتىمىز، دەپ قارىغان. بۇ نېمىدېگەن نادانلىق!
قوۋم ئەھلى توۋلىغان ئاۋازلىرىنى بۇتنىڭ ئاڭلىيالمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ كىشىگە زىيىنىمۇ يوق ھەم ھېچقانداق پايدىسىمۇ يوق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلاتتى. ئۇلار يەنە بۇتقا چوقۇنۇش قەدىمكىلەرنى دوراشتىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلاتتى. ئۇلار قەدىمكىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ھەقىقەتنىڭ ئۈلگىسى، ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇتقا چوقۇنۇشنى توغرا ھەرىكەتنىڭ نەمۇنىسى قىلىۋالغاچقا، توغرا يولدىن يىراقلاپ كەتكەن.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: — روشەنكى، سىلەرمۇ، ئاتا - بوۋاڭلارمۇ ھەقىقەتەن ئاداشقان، — دېدى. ئۇلار: — سەن راستىنلا بىزنىڭ بۇتىمىزغا تۆھمەت قىلىۋاتامسەن ياكى بىزگە چاقچاق قىلىۋاتامسەن؟ — دېدى. — مەن سىلەرگە چاقچاق قىلغىنىم يوق، بەلكىم سىلەر بىلەن ئەستايىدىل سۆزلىشىۋاتىمەن، — دېدى ئىبراھىم
ئەلەيھىسسالام. — مەن سەلەرگە ھەقىقىي ئېتىقادنى ئېنىق كۆرسەتتىم. چۈنكى مەن ئاللاھنىڭ ئەۋەتكەن ئەلچىسى. سەلەر ئاللاھقا چوقۇنۇشۇڭلار كېرەك. ئۇ ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتقۇچى؛ ئۇ ئالەمدىكى ھەممە نەرسىنىڭ خوجىسى. بۇت دېگەن بۇت، ئۇ سەلەرگە پايدىمۇ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، زىيان - زەخمەتمۇ سالالمايدۇ، ئۇ جانسىز بىر پارچە تاش ياكى تۈۋرۈك، خالاس. بولدى، سەلەر ئەمدى ئۇنىڭغا چوقۇنماڭلار، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭلار، تۇيۇق يولدىن قايتىشىڭلارغا تىلەكداشمەن. ئەگەر بۇتنىڭ قولىدىن ئادەمگە بالايىمئاپەت كېلىدىغان بولسا، ئۇ ئاللىقاچان ماڭا بالايىمئاپەت كەلتۈرگەن بولاتتى، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئاللىبۇرۇنلا ئىشەنمىگەندىم، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ بالايىمئاپەت كەلتۈرەلمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ھال بۇتقا چوقۇنۇشنىڭ ئەرزىمەس بىر ئىش ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆز قوۋمىدىكىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەقىل - پاراسىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاللانى بۇت بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئالەمدىكى ھەممە نەرسىنى ياراتقان قۇدرىتىنى سۆزلەپ بەردى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
— سەلەر ۋە سەلەرنىڭ ئاتا - بوۋاڭلار ئاللا ئانا قىلغىنىدىن باشقا يەنە نېمىگە ئېرىشەلمىگەن؟ دۇنيانى ياراتقۇچى ئىگەم ئاللادۇر، ئۈ مېنى ياراتتى ۋە مېنى يېتەكلىدى؛ ئۇ ماڭا نازۇنېمەت ئاتا قىلدى؛ كېسەل بولۇپ قالغان چاغلىرىمدا داۋالىدى؛ ئاللا مېنى ئۆلتۈرەلەيدۇ ھەم مېنى تىرىلدۈرەلەيدۇ؛ مەن قىلغان گۈناھلىرىم ئۈچۈن ئەرەسات كۈنى ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن.
نەسىھەتلەر ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلار بۇ كىشىلەرگە ھېچقانداق كار قىلىمدى. ئۇلار ھىدايەتكە مېڭىشنى رەت قىلىپ، ئىبراھىم
ئەلەيھىسسالامنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا قارشى تۇردى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆز قوۋمىدىكىلەرنىڭ بۇنداق بىپەرۋالىق قىلىپ، بۇنقا چىڭ يېپىشۋالغانلىقىغا نىسبەتەن بۇنقا قارىتا بىر تەدبىر قوللىنىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇلارغا بۇتنىڭ كۆپچىلىكىنى قۇتۇلدۇرۇش تۈگۈل، ھەتتا ئۆزىنىمۇ قۇتۇلدۇرۇۋالالمايدىغانلىقىنى تونۇتۇش قارارىغا كەلدى.
شۇ چاغدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئادىتى بويىچە يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ھېيت كۈنىدە كۆپچىلىك شەھەر سىرتىغا چىقىپ بىرلىشىپ كۆڭۈل ئېچىشاتتى. ئۇلار ھېيتنى تەبرىكلەپ بولغاندىن كېيىن بۇتخانىغا قايتىپ كېلىپ يېيىش ئۈچۈن، ھارپا كۈنىلا نەزىر - چىراغ قىلىشقا تېگىشلىك بۇتخانىغا نۇرغۇن يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ قويۇشاتتى.
ھېيت يېقىنلاپ كەلدى. ھەممەيلەن ھېيتنىڭ تەييارلىقى، ئۆزئارا تەبرىكلەش بىلەن بەند ئىدى. ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى شەھەر سىرتىغا چىقىپ بىللە كۆڭۈل ئېچىشقا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇنى رەت قىلدى. چۈنكى ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە بۇلغىنىشنى زاۋا كۆرمەيتتى. ئۇ مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇتلارنى چېقىپ تاشلاشنى نىيەت قىلدى - دە، يالغاندىن كېسەل بولۇۋالدى.
ئۇلارمۇ ئۇنى بىللە بېرىشقا زورلىمىدى. ئەكسىچە، ئۇنىڭ بارمىغانلىقى بىلەن خۇشال بولۇشۇپ، خۇددى ۋابادىن قاچقاندەك ئۇنى تاشلاپ، گۈلقەقلىرى ئېچىلغان ھالدا شەھەر سىرتىغا چىقىپ كېتىشتى.
شەھەردىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شۇ يەرگە كېتىشتى. ھەتتا بۇتخانىنى باشقۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا قارايدىغانلارمۇ كېتىشتى. پەقەت ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇزىلا يالغۇز قالدى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇتخانىغا كەلدى. بۇتخانىدا تاراشلاپ قاتتۇرۇلغان ھەرخىل بۇتلار بولۇپ، بۇتلارنىڭ ئايىغى ئالدىدا نازۇنىيەتلەر تۇراتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ بۇتلارغا
مەنسىتىمگەن ھالدا: «سىلەر بۇ نەرسىلەرنى يېمەيسىلەرغۇ! نېمىشقا گەپ قىلمايسىلەر؟!» دېدى. ياغاچتىن ھەم تاشتىن تاراشلاپ ياسالغان بۇ بۇتلاردىن ھېچقانداق سادا كەلمەيتتى، ئەلۋەتتە.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇ بۇتلارنىڭ قەبىلىداشلىرىنى كولدۇرلانغانلىقىنى ئويلاپ، بىردىنلا قاتتىق غەزەپلەندى - دە، بۇتلارنى ئۆرۈپ - تېپىپ ۋە پالتا بىلەن چېپىپ پارچىلاپ، ياغاچ - تاش دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇۋەتتى، ئاندىن كىشىلەر شەھەر سىرتىدىن قايتىپ كەلگەن چاغدا، بۇتخانىغا كىمنىڭ كىرگەنلىكى ۋە بۇ بالانى كىمنىڭ پەيدا قىلغانلىقىغا گۇۋاھلىق قىلسۇن ئۈچۈن يوغان بۇتتىن بىرنى قالدۇرۇپ قويدى، شۇ ئارقىلىق ئۆز قوۋمىدىكىلەرگە بۇتنىڭ زۇۋانى، سېزىسى يوق كىمكەنلىكىنى، ئۆزىنىمۇ قوغدىپالمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولدى، ئۇلارنى بۇ ھالنى كۆرۈپ ئويغىنىشى مۇمكىن، دەپ ئويلىدى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يەردە ياتقان پارچە - پۇرات ياغاچ - تاشلارغا قاراپ قويۇپ، بۇتخانىدىن چىقىپ كەتتى، ئائىلىسىگە قايتىپ كېتىۋېتىپ، كۆڭۈل ئېچىشقا كەتكەنلەر قايتىپ كەلگەندە ئۇلارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ئۈستىدە ئويلاندى.
كىشىلەر ھېيتنى تەبرىكلەپ بولۇپ، شەھەر سىرتىدىن قايتىپ كەلدى. ئۇلار بۇتلىرىنىڭ پارە - پارە قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈشۈپ، قايسى لۈكچەك شۇنداق قىلغاندۇ، دەپ ئويلاشتى.
ئۇلاردىن بىرى:
— ئىبراھىم بىزنىڭ بۇتقا چوقۇنغانلىقىمىزنى مەسخىرە قىلغان، بۇ يامان ئىشنى چوقۇم شۇ قىلغان، — دېدى.
كىشىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇتقا بىھۆرمەتلىك قىلغانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن، قاتتىق غەزەپلىنىپ ئۇنى تۈتۈپ كېلىپ جازاغا نارتماقچى بولۇشتى.
ئەمما ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بولسا، خالايىق يىغىلغان
پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بۇنقا چوقۇنۇشنىڭ بەكمۇ ئەخمەتلىك ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلماقچى بولدى.
كىشىلەر توپى بارغانسېرى ئۇلغايغىلى تۇردى، ھەممەيلەن چېقىۋېتىلگەن بۇت ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىشنى ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ جازاغا تارتىلىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشنى ئويلايتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئادەملەر ئارىسىغا ئېلىپ كېلىندى. شۇ زامان قەھرىلىك ۋارقىراشلار ۋە ئەيىبلەش سادالىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇلار چىشلىرىنى غۇچۇرلاتقان ھالدا:
— ھەي ئىبراھىم! مەبۇدلىرىمىزغا بىھۇرمەتلىك قىلغان سەنمۇ؟ — دەپ سورىدى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا يامان بولدىن قايتىش توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم نەسىھەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى كەلدى، دەپ ئويلاپ مۇنداق دېدى:
ياق، مەن ئەمەس. ئىشەنمەسەڭلار ئاۋۇ يوغان بۇتتىن سوراپ بېقىڭلار، سىلەرگە جاۋابنى شۇ بەرسۇن!
خالايىق بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىپ، بىر - بىرىگە تاپا - تەنە قىلىشنى ۋە شۇ چاغدا بۇتخانىغا قارايدىغان بىرەر ئادەممۇ قالدۇرۇپ قويمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىشنى.
كىشىلەر قىلغۇدەك گەپ تاپالماي، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئويغا پاتتى، سەل ئۆتكەندىن كېيىن، نائىلاج ھالدا مۇنداق دېيىشتى:
— ئىبراھىم، مەن بۇتنىڭ گەپ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن تۇرۇقلۇق، نېمىشقا بىزگە ئۇنىڭدىن سوراپ بېقىڭلار ۋە ئۇنى گۇۋاھلىققا تارتىڭلار، دەيسەن؟
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭمۇ بۇتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايدىغان، سېزىمسىز ئىكەنلىكىنى، ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى كۆرەلمەيدىغان، قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان بىرنەرسە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ھېس قىلدى.
بۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ئۇلارنىڭ بۇتقا چوقۇنۇشتىكى ئەخمىقانە ھەرىكىتى ۋە جاھىللىقىنى تەھلىل قىلىپ ئۇلاردىن ياخشىراق ئويلىنىپ كۆرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئاخىردا مۇنداق دېدى:
— سىلەر ئاللانى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان، ئۆزۈڭلەرگە ھېچقانداق پايدىمۇ، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتقا چوقۇنۇۋاتىسىلەر. ئەجەبا، بۇ كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئەخمىقانە قىلىق ئەمەسمۇ؟
بىراق، ئۇلار بەكمۇ چوڭقۇر زەھەرلەنگەچكە، ھە دېگەندىلا غايىللىقتىن ئويغانمىدى. ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ ئالدىدا چاۋىسى چىتقا يېيىلغاچقا، ئىزا تارتىپ چىدىيالماي، جان ئاچچىقىدا قوراللىرىنى ئىشقا سالماقچى بولۇشتى. ئۇلار: «ئۆز رەببىمىز ئۈچۈن ئىبراھىمنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرەيلى!» دەپ چۇقان سېلىشتى.
ئوتقا تاشلىنىش ۋە قۇتۇلۇش
بۆلۈم: “ئوتقا تاشلىنىش ۋە قۇتۇلۇش”ئىبراھىم ئەلەيھىسالام يامان ئىش قىلمىغان، پەقەت «مېنىڭ ئىگەم ئاللا» دېگەندىلا ئىزھار قىلغانىدى، خالاس. ئۇ جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنىدى، ناھايىتى كەلسە بۇتلارنى چېقىپ، كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىدىلا ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارنى بىردىنبىر ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىشقىلا چاقىرغانىدى، خالاس. لېكىن ئۇ يۈرت ئاقساقاللىرىنى دەككە - دۈككىگە چۈشۈرۈپ قويغانلىقتىن، يۈرت ئاقساقاللىرى ئۇنى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈپ جازالىماقچى بولدى. بۇنىڭغا ئۇنىڭ كىشىلەرنى جاھالەتتىن ۋە قۇللۇقتىن قۇتۇلۇشقا ئۈندەۋاتقانلىقى سەۋەب بولغانىدى. لېكىن بۇ ھال ئاقساقاللارنىڭ تەسىر كۈچىگە خاتىمە بېرىلىشتىن دېرەك بېرەتتى. شۇ تۈپەيلى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياۋۇز ئەپتىنى ئاشكارىلىدى.
ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۈپ، چېقىلغان بۇتلارغا تەزىيە بىلدۈرمەكچى بولۇشتى - دە، تەرەپ - تەرەپتىن ئوتۇن يىغىشقا باشلىدى. ھەتتا بەزى ئاياللار، كىشىلەر كېسەل بولۇپ قالغاندا، بۇتلىرىمىز ئۇلارغا ئېسىلىك يېغىشلاپ، شىپالىق يېرەلەيتتى، بىز ئىبراھىمنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپرەك ئوتۇن تۆھپە قىلايلى دېيىشتى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى كۆيدۈرۈش ئۈچۈن توپلىغان ئوتۇن تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتتى، كىشىلەر ئوتۇنلاردىن چەمبىرەك تام ياسىدى ۋە ئۇنىڭغا ئوت ياقتى. ئوتۇنلار شۇ ھامان لاۋۇلداپ كۆيۈپ كەتتى، ئوت يالقۇنى ھەر تەرەپكە كېڭىيىپ، ئاسماننىڭ يېرىمىنى يوپيورۇق قىلىۋەتتى. ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئارغامچا بىلەن مەھكەم باغلاپ ئوتقا تاشلىدى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتقا تاشلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان ئېتىقادى ئۆزگەرمىدى. ئوت يالقۇنى ئۇنى قورقۇتالمىدى. ئۇ ئوت ئىچىدە بىردىنلا دەس تۇردى، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ قۇتۇلدۇرۇۋالىدىغانلىقىغا ئىشەندى. بىردەمدىن كېيىن، قويۇق ئىس - تۈتەك ئۇنىڭ گەۋدىسىنى توسۇۋالدى، ئوت يالقۇنى ئۇنىڭغا يېيىشىپ كېلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئوتۇننىڭ پاراس - پۇرۇس قىلىپ كۆيۈۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
بۇ چوڭ يانغىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى قانداق قىلدى؟ ئوت ئۇ باغلانغان ئارغامچىنىلا كۆيدۈرەلىدى. ئۇ ئوت ئىچىدە ئەركىن - بىمالال بولۇپ قالدى. ئاللاتائالا ئوتنى قىزىتىش ۋە كۆيدۈرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى بۇ بالايىئاپەتتىن ساقلاپ قالدى.
ئوت ئۆچۈپ، ئىس - تۈتەكلەر كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. كىشىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ساق - سالامەت تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ، دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىشكەن ھالدا قايتىشتى. بۇ ھەممە كىشى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئاللاھنىڭ
ھەققەتن مۇجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان يەنە بىر قايىل قىلارلىق مۆجىزە ئىدى. ئۇلار مۇنازىرىدە قاتتىق مەغلۇپ بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى زوراۋانلىق بىلەن ئوتتا كۆيدۈرۈشتىمۇ مەغلۇپ بولدى. دەل ئاللاتائالا ئوتتىڭ ھەيۋىسىنى يوقىتىپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى قۇتۇلدۇرغاچقا، مۇشرىكلار يۈزى تۆكۈلۈپ رەسۋا بولدى.
خالايسىق ھاڭ - تاڭ قېلىشتى. بەزىلەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئېتىقاد باغلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكىلەر يۈزى ئاقساقاللىرىنىڭ جازالىشىدىن قورقۇپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئاشكارا ئەگىشىپ مېڭىشقا پېتىنالمىدى.
پادىشاھ نەمرۇد بىلەن مۇنازىرە
بۆلۈم: “پادىشاھ نەمرۇد بىلەن مۇنازىرە”بۇ ۋەقە پادىشاھ نەمرۇدقا ناھايىتى تېز ئاڭلاندى. نەمرۇد بۇ مۆجىزىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئالاقزادە بولۇپ كەتتى، چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنقا خالىغانچە دەخلى - تەرۇز قىلغانلىقى ئەمەلىيەتتە پادىشاھنىڭ ئۆزىگە - كىشىلەر چوقۇنىدىغان بۇتلارنىڭ بىزىگە دەخلى - تەرۇز قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىناتتى.
شۇ سەۋەبتىن، پادىشاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئوردىغا چاقىرىش توغرىسىدا يارلىق چۈشۈردى. پادىشاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ باش - ئايىغىغا بىر قۇر سەپسېلىپ چىققاندىن كېيىن، غەزەپلەنگەن ھالدا تەنبىھ يېرىپ مۇنداق دېدى:
- سەن پۇقرالار ئىچىدە پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۇپ، كىشىلەرنى بۇنقا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچتۈرمەكچى بولدۇڭ. ئەجەپا، سەن مېنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان شاھ-ئالىيلىرى ئىكەنلىكىمنى بىلمەمتىڭ؟ ھېچكىم مېنىڭ ئەمر - پەرمانىمغا خىلاپلىق قىلالمايتتى، سەن يۈرىكىڭنى قاپتەك قىلىپ باشقىلارنى
كۈشكۈرتۈپ، كىشىلەر چوقۇنىدىغان مەبۇدىنى ۋەيران قىلدىڭ! سېنىڭ بىزگە چوقۇندۇرماقچى بولغان خۇدايىڭ قانداق نېمە ئۇ؟ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئالدىرىماي تەمكىن جاۋاب بەردى: — سېنىڭ پەرۋەردىگارىم ئۆلۈكنى تىرىلدۈرىدىغان، تىرىكنى ئۆلتۈرەلەيدىغان بىردىنبىر پەرۋەردىگاردۇر. ئۇ ئالەمنى ۋە ئالەمدىكى ھەممە نەرسىنى ياراتتى. ئۇ ئالەمدىكى ھەممىنى يوقىتىشقا قادىر.
پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالدىمۇ، لېكىن يەنە تەن بەرمىدى. ئۇ مەغرۇر ھالدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا مۇنداق دېدى:
— مەن تىرىكنى ئۆلتۈرەلەيمەن، ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيمەن. تىرىلدۈرۈش، ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى سېنىڭ ئالىقىنىمدا. مەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنى ھايات قالدۇرالايمەن، ھايات يۈزگەن ھەرقانداق ئادەمگىمۇ ئۆلۈم ھۆكۈم قىلالايمەن. سېنىڭ ئالدىمدا سېنىڭ ئىگەڭ نېمىدى.
پادىشاھ نەمرۇد ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام شەرھلىگەن ئاللاتائالا ھاياتلىقنى ياراتتى ھەمدە ئۇنى يوقىتىشقا قادىر، دېگەن ئاساسىي تېمىدىن ئۆزىنى ئىمكانقەدەر قاچۇراتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئارقىدىنلا:
— ئاللاتائالا قۇياشنى ھەرىكەتلىنىدىغان قىلدى، ئۇنىڭ ئۆز ئوربىتىسىدا ئايلىنىشىنى بەلگىلەپ، ئۇنى شەرقتىن كۆتۈرۈلىدىغان قىلدى. ئەگەر سەنمۇ ھەممىنىڭ قادىر ئىكىسى بولىدىغان بولساڭ، قۇياشنىڭ ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى غەربتىن كۆتۈرۈلىدىغان قىلالامسەن؟ — دېدى.
بۇ سوئال بىلەن پادىشاھ نەمرۇد زۇۋانى تۇتۇلۇپ، ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، چۈنكى ئۇنىڭ سەپىسى خەلقىئالەم ئالدىدا ئېچىپ تاشلانغانىدى. ئۇ جىددىيلىشىپ، پادىشاھلىق ئورنۇمنى ساقلاپ قالالماسمەنمىكىن، دۆلەت ئەمىن تاپالماسمىكىن، دەپ ئەنسىرىدى. ئۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى
ئەڭ يىرگىنچىلىك دۇشمەن. دەپ قارىسىمۇ، لېكىن ھېچنىمە قىلالمىدى. چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مۆجىزە كۆرسىتىپ، ئۆز ئېتىقادىنى ئىسپاتلىغانىدى.
پادىشاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى چىش - تىرنىقىغىچە ئۆچ كۆرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن ئاشكارا دۇشمەنلىشىشكە يېتىنالمايتتى، ئۇنىڭ كىشىلەرنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە قۇترىتىپ، پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىمۇ بىتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇڭا، پادىشاھ ئۇنى نازارەت قىلىشقا ئادەم بەلگىلەپ قويۇپ ئۆچ ئېلىش يۈرسىتىنى كۈتۈپ تۇردى. پادىشاھ ئۇنى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەرگە، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار، دەپ تەھدىت سالدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام خىلمۇخىل ئەيىبلەش ۋە چەكلەشكە ئۈچرىدى، ئۇ بۇ يەردىن باشقا يەرگە كېتىپ، دىن تارقىتىش قارارىغا كەلدى - دە، ئۆز يۇرتى ۋە قوۋم - قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ پەلەستىنگە كەلدى.
كىشىلەرنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلىش
بۆلۈم: “كىشىلەرنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلىش”ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قەلبىگە چىن ئېتىقادنى پۈكۈپ، ئۆز يۇرتى ۋە قوۋم - قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ ھىرانغا كەلدى. ئۇ بۇ يېڭى دىياردا پاك، ئاق كۆڭۈل مۇخلىسلارنى تېپىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ۋەھالەنكى، ئۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭمۇ غاپىللىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ناھايىتى تېز سەزدى. ئۇلار قۇياشقا، ئايغا، يۇلتۇزلارغا چوقۇناتتى. ئاللاھقا ئېتىقاد قىلمايتتى. ئۇ ئۇلارنى تاگاھلاندۇرۇپ ئويغىتىشقا ۋە ئۇلارنى ھىدايەت يولىغا باشلاپ، ھەقىقەتنى بىلدۈرۈشكە بەل باغلىدى.
كەچ كىسىردى. ئاسماندا كىشىلەر چوقۇنىدىغان يۇلتۇزلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى ئويغىتىش
ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ خاتالاشقانلىقىنى ئاددىي ھالدا كۆرسىتىش ياكى ئۇلارغا ئۇلار چوقۇنىدىغان يۇلتۇزلارنى شۇ يەردىلا كەمسىتىش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش يولى بىلەن ھەقىقەتنى شەرھلىمەكچى بولدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كۆپچىلىك بىلەن بىللە يۇلتۇزلار ئاستىدا پاراڭلاشتى. ئۇ بىر يۇلتۇزغا قاراپ، بۇ خەقلەرنىڭ كېيىنى دوراپ:
— ئۇ مېنىڭ ھەممىگە قادىر ئىگەم! — دېدى. ھەممە ئادەم چوقۇنۇپ كەلگەن ھېلىقى يۇلتۇز ئۇزاق ئۆتمەي بىردىنلا ئېقىپ چۈشۈپ غايىب بولدى. بۇ چاغدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يەنە، — گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ كۆرۈنمەيدىغان، بىر ئىزىدا مۇقىم تۇرالمايدىغان بۇنداق ئىگەمنى ياقتۇرمايمەن، — دېدى.
ئاي چىقتى. ئۇ بايا ئېقىپ چۈشۈپ كەتكەن يۇلتۇزدىن چوڭ ھەم يورۇق ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يەنە:
— بۇ مېنىڭ قادىر ئىگەم، — دېدى. ئاي پاتقاندىن كېيىن، ئۇ يەنە:
— مۇبادا ئاللا مېنى يېتەكلىمىگەن بولسا، مېنىڭمۇ غايىللىق ئىچىدە ئويغانماي كېتىۋاتقان كىشىلەردىن بولۇپ قېلىشىم تۇرغان گەپ ئىدى، — دېدى.
ئۇنىڭ بۇ گەپنى قىلىشتىكى مەقسىتى كىشىلەرگە پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزىلا ئادەمنى غايىللىقتىن قۇتۇلدۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى بالدۇرراق ئويغىتىش ئۈچۈن ئاللاھتىن مەدەت بېرىپ بۇ چەكسىز زۇلمەتنى يورۇتۇپ، ئۇلارغا ئۆزلىرى چوقۇنۇۋاتقان يۇلتۇزلارنىڭ ئاللا تەرىپىدىن يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشنى تىلىدى.
ئاسماندا چوغدەك قىزىل قۇياش كۆتۈرۈلۈپ، ھەممە يەرگە تەڭ نۇر چېچىپ، يەر - جاھاننى ئىللىتتى ۋە يورۇتتى. بۇنى كۆرۈپ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يەنە:
ئۇياش ھەرقانداق يۇلتۇزدىن چوڭ، پايدىلىق ھەم ئۇلۇغ ئىكەن، ئۇ مېنىڭ ھەممىگە قادىر ئىگەم، — دېدى. لېكىن،
قۇياشمۇ خۇددى باشقا يۇلتۇزلارغا ئوخشاش تاغ كەينىگە مۇكۈندى. بۇ چاغدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام:
— بۇ قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار بۇياقتىن چىقىپ ئۇياققا كىرىپ، گاھ غايىب بولۇپ، گاھ كۆرۈنۈپ، بىر يەردە تۇرمايدۇ. بۇنىڭدا چوقۇم ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر ياراتقۇچى بار. بۇ ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئۆزىدۇر. قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئاسماندا پەيدا بولۇش ۋە يوقىلىشى ئاللاھقا باغلىقتۇر. دېمەك، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار كىشىلەرنىڭ چوقۇنۇشىغا ئەرزىمەيدۇ. مەن چوقۇنۇۋاتقان ئاللا بۇلارغا ئوخشاشمايدۇ، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بۇنقا چوقۇنمايدىغانلىقىنى، يەر بىلەن ئاسماننى ياراتقۇچى — ئاللاھقا چوقۇنىدىغانلىقىنى
ئەمما، كىشىلەر ئۇنىڭ جاكارلىغانلىرىنى قوبۇل قىلمىدى، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئۇنىڭدىن بۇنقا چوقۇنۇشنى ئۈمىد قىلدى. بۇ چاغدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: — سىلەر ئاللا بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ مەن دەل ئۇنىڭ يېتەكلىشى بىلەنلا توغرا يولغا ماڭغانمەن، — دېدى. ئۇلار ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تەھدىت سېلىش ۋە پوپوزا قىلىشقا باشلىدى، ھەتتا ئۇنى جازالايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتمىدى. بەلكى ئۇ كۆڭلىدە: بۇلار يۇلتۇزلار بىلەن ئاللانى تەڭ ئورۇنغا قويغۇدەك دەرىجىدە بىچارە ھەم كۈلكىلىك ئىكەن، بۇلارنىڭ بۇ قىلىقى بىر خىل گۇناھ، شەك - شۈبھىسىزكى، بۇ گۇناھ ئۇلارنى دوزاخقا
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مىسىردا
بۆلۈم: “ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مىسىردا”شامدا قاتتىق قۇرغاقچىلىق يۈز بېرىپ، تىرىكچىلىك ئىنتايىن قىيىنلاشتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قەھەتچىلىكتىن قېچىپ
خوتۇنى سارە بىلەن بىللە مىسىرغا كەلدى. بۇ دۆلەتكە شان - شۆھرەتلىك بىر پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى سارە چىرايلىق، كېلىشكەن ئايال ئىدى. بىر قېتىم پادىشاھنىڭ خىزمەتكارى ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، پادىشاھقا ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ماختىدى ۋە پادىشاھنى ئۇنى زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىشقا قۇتراتتى. خىزمەتكارنىڭ گېپى پادىشاھقا يېقىپ قالدى - دە، پادىشاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى چاقىرتىپ، سارە ئۇنىڭ نېمىسى ئىكەنلىكىنى سورىدى. شۇ زامان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پادىشاھنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەندى ۋە بۇ گەپنى سوراشتىكى مەقسىتىنى پەملىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام سارەنى خوتۇنۇم دېسە، پادىشاھنىڭ سارەنى تارتىۋېلىشىدىن، ھەتتا ئۆزىگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىدى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پادىشاھقا:
— سارە مېنىڭ سىڭلىم، — دېدى. پادىشاھ سارەنى ئېرى يوق ئىكەن دەپ قاراپ، ئۇنى ئوردىغا ئېلىپ كىرىشكە بۈيرۈدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام دەررۇ سارەنىڭ قېشىغا بېرىپ، بولغان ۋەقەنى ئۇنىڭغا ئېيتتى. ئاندىن ئۇنىڭغا: پادىشاھقا مەن ئېيتقاندەك دېگىن. دېدى ۋە ئاللاھقا مۇناجات قىلىپ سارەگە ئامانلىق تىلىدى. سارە ئوردىغا كەلتۈرۈلدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا ئەڭ چىرايلىق كىيىملەرنى كىيدۈردى، ئەڭ ئېسىل زىبۇزىننەتلەرنى تاقىدى. لېكىن، سارە بۇلارغا پىسەنت قىلمىدى، شانۇشەۋكەت، تاجۇدۇلەت ئۇنىڭغا ئېرىشى ۋە ئۆزى ئېتىقاد قىلغان دىننى ئۇنتۇلغۇزالمىدى. ئۇ ئەتىدىن - كەچكىچە غەمكىن، پەرىشان بولۇپ، ئادەم يوق خىلۋەت جايدا يۈرەتتى.
پادىشاھ سارەنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئىنتايىن غەمكىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچماقچى بولاتتى. لېكىن سارە پادىشاھتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرەتتى. پادىشاھمۇ رايى يېنىپ، كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ ياتتى. پادىشاھ
بىر چۈش كۆردى، چۈشىدە سارەنىڭ ئېرى بارلىقىنى، سارەنى تۈردىدىن دەرھال چىقىرىۋېتىش لازىملىقىنى بىلدى.
پادىشاھ چۈشىدىن ئويغانغاندا، بەلكىم ئىنساپ - دىيانەت تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك، سارەنى قويۇپ بېرىشنى قارار قىلدى. پادىشاھ سارەنى قويۇپ بېرىدىغان چاغدا، تېخى ئۈنىڭغا ھاجەر ئىسىملىك بىر دېدەكنى تەقدىم قىلىپ، ئېرىنىڭ قېشىغا بىللە ئەۋەتتى. دېمەك، ئۇلار بالايىئاپەتكە دۈچ كېلەي دەپ قالغاندا، ئاللا ئۇلارنى بۇ ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالدى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مىسىردا تۈرۈپ قالدى. دەسلەپتە، تۈرلىك ئاھالىلەر بىلەن ناھايىتى ئوبدان چىقىشىپ كەتتى. ئۇ ئىشچان بولغاچقا، ئۇنىڭ پۇل - مېلى ۋە چارۋىلىرى بارا - بارا ئاۋۇپ، ھال - كۈنى ئاستا - ئاستا ياخشى بولۇپ قالدى. ئۇ يېيىغاندىن كېيىن كىشىلەر ئۈنىڭغا ھەسەت قىلىشقا باشلىدى، ھەتتا ئۈنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقىمۇ ئۈرۈندى. ئۇ بۇ ئەھۋالنى سەزگەندىن كېيىن پەلەستىنگە كېتىش قارارىغا كەلدى. ئۇ يەر ئىلگىرى ئۇ ياشىغان جاي ئىدى.
