Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلى (ھابىل ۋە قابىل)

This content is not yet available in your language.

ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى ھەۋۋا تۇغۇشقا ئاز قالغان چاغلاردا ئىنسانلار تۈرمۈشىنىڭ قانۇن - تەرتىپلىرى بارا - بارا مۇكەممەللىشىۋاتاتتى. ھەۋۋا يەڭگىدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋانىڭ بالىلىرى ئىنسانىيەت باغچىسىدا ئېچىلغان تۇنجى گۈل بولۇپ، ئۇلاردىن تۇنجى خۇش پۇراق چېچىلدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋا بالىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئۆزلىرىگە خۇشاللىق ۋە بەخت تاپتى. ئۇلار ئۆز پۇشتىدىن بولغان بالىلىرىنىڭ زېمىندا تۆرىلىپ ئۇيان - بۇيان چېپىشىپ ئويناپ، ئاللا بەرگەن نازۇنىيەتلەرنى يەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇشتى. ئۇلار بالىلىرىغا ناھايىتى ئامراق ئىدى. ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك پارسى دەپ قارايتتى. ھەۋۋا تۇغۇتتا قاتتىق قىينالغان بولسىمۇ، ئۇ بۇنى ئانا بولغۇچى خالىي بولالمايدىغان ئانچىكى ئازاب دەپ قارىدى ۋە شادلىقىدىن قىن - قىنىغا پاتماي كەتتى.

ھەۋۋا ئىككى قوشكېزەك تۇغدى، بىر قوشكېزەك قابىل ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى، يەنە بىر قوشكېزەك قابىل ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسى ئىدى. بىر قورساقتىن چىققان بۇ تۆت ئاكا - ئۇكا، ئاچا - سىڭىل ئاتا - ئانىسىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن قۇرامىغا يېتىپ، كۈچلۈك ۋە شۈخ چوڭ بولدى. ئىككى قىزى ئېچىلاي دەپ تۇرغان غۇنچىغا ئوخشىشاتتى. ئىككى ئوغۇل كەڭ زېمىندا ئۇيان - بۇيان چېپىپ، تىرىكچىلىك يولىنى ئىزدىدى. قابىل دېھقانچىلىق قىلدى، ئىنىسى قابىل چارۋا باقتى.

ئاكا - ئۇكا ئىككىلەن بۇ بەختلىك ئائىلىدە ئىناق ئۆتەتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاكا - ئۇكا ئىككىلەننىڭ يىگىتلىكى

بارا - بارا كۈچىيىشكە باشلىدى. ھەر ئىككىلىسى بالدۇرراق ئۆيلىنىپ ئۆي - ئوچاقلىق بولۇپ، خوتۇنلىرى بىلەن بىللە ئۆتۈشنى ئويلايتتى. بۇ شېرىن خىيال كېچە - كۈندۈز ئۇلارنىڭ كاللىسىدىن چىقمايتتى، ئۇلار بىر ئامال قىلىپ، ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىشنىڭ كويىدا بولۇشتى، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئۆزىنىڭ دانالىقىدا نامايان بولدى. ئاللا زېمىندا تۇرۇۋاتقان ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرىنى سىنىماقچى، ئۇلارنىڭ پۇل - مېلىنى ۋە نەسلىنى ئاۋۇتۇپ، كەڭ زېمىننى جانلاندۇرماقچى بولدى. تەقدىر كىشىلەرنىڭ بىرلا مىللەت بولۇپ قالماي، كۆپىيىپ ھەرخىل بولۇشىنى، ئۇلارنىڭ نۇقتىئىنەزەرى، خۇسۇسىيىتى، ئىرقى، چىراي - شەكلى، بەخت - سائادىتى ۋە ئازاب - كۈلپىتىنىڭ باشقا - باشقا بولۇشىنى بەلگىلىدى. ئاللا ئادەم ئاتىغا ھابىلنىڭ قوشكېزەك سىڭلىسىنى قابىلغا ياتلىق قىلىش، قابىلنىڭ قوشكېزەك سىڭلىسىنى ھابىلغا ياتلىق قىلىش توغرىسىدا بېشارەت بەردى.

ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بۇ ئىرادىسىنى بالىلىرىغا يەتكۈزدى ۋە ئۇلاردىن بۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشنى ئۈمىد قىلدى. ئەگەر ئىنسانلارنىڭ مىجەزىدە كاجلىق، قاراملىقتەك ئىللەتلەر بولمىغاندا ئىدى، ئۇلار ئاتىلىرىنىڭ پەرمانى بويىچە ئىش قىلغان بولاتتى.

ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتى ئاچ كۆزلۈكتۈر. كىمكى ئۆز نەپسىنى يىغسا ۋە ياكى ئۇنى ئۆزى باشقۇرالسا، كىمكى ھېسسىياتىنى ئەقلى بىلەن يېڭەلسە، ئۇ ھەم بۇ دۇنيادا، ھەم ئۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ پاناھىغا ۋە مەرھەمىتىگە مۇشەررەپ بولالايدۇ؛ كىمكى ئۆز نەپسىنىڭ كەينىگە كىرسە، ئۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ، پالاكتە ئۇچرايدۇ. بىر نەرسىنىڭ كەينىگە كىرىش - كىرمەسلىك ئىنسانلار ئۈچۈن بىر سىناق، يەر يۈزىدىكى ھەربىر كىشى بۇ سىناققا دۇچ كېلىدۇ.

ئادەم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى ئىككى ئوغلىغا

ئېيتقاندىن كېيىن، قابىل ئاچچىقلىنىپ بويسۇنۇشنى رەت قىلدى، چۈنكى ئۆز سىڭلىسى ھابىلنىڭ سىڭلىسىدىن چىرايلىق ئىدى. شۇڭا ئۇ ئىنىسى ھابىلغا قاتتىق ھەمەت قىلدى. ئۆز نېسىۋىسىگە شۆكۈر قىلماي، ئۆزى بىلەن قوشكېزەك تۇغۇلغان سىڭلىسىنى خوتۇنلۇققا ئېلىش ئۈمىدىدە بولدى.

ھۆسن - جامال بۇرۇنمۇ، ھازىرمۇ ئىنسانلار قەلبىنى جەلپ قىلىدىغان ئامىل بولۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ئىنسانلار ئارىسىدا ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن.

قابىل بىلەن ھابىل چىرايلىق بىر خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن كېلىشەلمەسلىكتىن بىر - بىرىنى يامان كۆرۈشىدىغان دەرىجىگە يېرىپ يەتتى. قابىل كاجلىق قىلىپ، ئاتىسىنىڭ رايىغا بويسۇنماي، ئۇنىڭ قارارىنى رەت قىلىش نىيىتىدە بولدى.

دەل شۇ چاغدا ئادەم ئەلەيھىسسالام كۈتىمىگەن بىر ئىش يۈز بەردى. ئادەم ئەلەيھىسسالام ئىككى ئوغلىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، ئۇلارنى ياراشتۇرۇشقا تەشنا بولۇۋاتقاندا، ئاللا ئۇنىڭغا بۇ ۋەقەنى يېسىقتۇرۇشنىڭ چارىسىنى كۆرسەتتى. ئادەم ئەلەيھىسسالام ئىككى ئوغلىدىن ئاللاھقا سوۋغات تەقدىم قىلىشنى تەلەپ قىلدى ۋە كىمنىڭ سوۋغىتى ئاللا تەرىپىدىن مەقبۇل كۆرۈلسە، شۇ ئۆز نەزەرىدىكى خوتۇنغا ئۆيلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھابىل ئاللاھقا بىر تۆگە تەقدىم قىلدى، قابىل بۇغداي تەقدىم قىلدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى غەلىبە قىلىشنى ئۈمىد قىلاتتى. ھابىلنىڭ تەلىپى ئوڭ كەلدى، ئاللا ئۇنىڭ تەقدىم قىلغان سوۋغىتىنى مەقبۇل كۆردى، قابىلنىڭ سوۋغىتى ئاللا تەرىپىدىن مەقبۇل كۆرۈلمىدى. چۈنكى ئۇ ئاتىسىنىڭ رايىغا بويسۇنمىغانىدى، سوۋغاتنىمۇ چىن يۈرەكتىن تەقدىم قىلمىغانىدى.

قابىل مەغلۇپ بولدى، ئۈمىدى بەربات بولدى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ قەلبىنى شەخسىي ھەۋەس ۋە ئۆچمەنلىك چۆلغىۋالدى - دە، شۇ ھامان ئۇنىڭدا بەتتىيەتلىك تۇغۇلدى. ئۇ ئىنىسى ھابىلغا:

— مەن سېنىڭ بەختلىك ئۆتۈشۈڭگە، ئۆزۈمنىڭ بولسا ئازاب تارتىشىمغا قاراپ تۇرالمايمەن، مەن سېنى ئۆلتۈرمەي قويمايمەن! — دېدى.

— سەن ئۆزۈڭدىكى ئىللەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگىن، دېدى ھابىل ئازابلانغان ھالدا ئاكىسىغا، ۋە بۇ ئىللەتنى تۆگىتىپ، ھىدايەتكە ئەمەل قىل، ئاللا ئۆزىدىن ھېيىقمايدىغان بەندىسىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

ھابىل ساددا، ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار ئىدى. ئۇ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىگە تەشەككۈر ئېيتىشنى، شۈكۈر - قانائەت قىلىشنى بىلەتتى. ئاللاھتىن ھېيىقاتتى، ئاتا - ئانىسىنى ھۆرمەتلەيتتى، بۇ دۇنيانى كۆزىگە غىل - پال كۆرۈنۈپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىس - تۈتۈن، دەپ قارايتتى. ئۇ ئاكىسىغا بەكمۇ ھېسداشلىق قىلاتتى، ھەممىشە ئۈنىڭغا نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى ۋە كۆڭۈل بۆلەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ ئۆزىنى مېنى ئاللا ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ، دەپ بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ئاكىسىنىڭ تەھدىتىگە پەرۋا قىلمىدى. ھابىل ئاكىسىغا ئۆز نىيىتىدىن قايتىپ ھىدايەتكە مېڭىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى، ئۇ بۇ ياخشى نىيەتلىرىم ئاكامنىڭ كۆڭلىدىكى خاپىلىقنى چىقىرىۋېتىشى مۇمكىن، دېگەن ئۈمىدتە ئىدى. ئۇ ئاكىسىغا دېدى:

— ئاكا! سەن توغرا قىلمىدىڭ، ھىدايەتتىن چەتنەپ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش گىردابىغا يېقىنلىشاي، دەپ قالدىڭ، سەن يامان يولدىن قايتىپ، توغرا يولغا مېڭىپ، ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىگىن. تاۋادا سەن ئۆز بېشىمچىلىق قىلىۋېرىدىكەنسەن، مېنىڭمۇ ئامالىم يوق، مەن پەقەت ئاللاھتىنلا پاناھ تىلەيمەن، خالاس. لېكىن سەن قىلغان گۇناھىڭ ئۈچۈن چوقۇم دوزاخقا تاشلىنىسەن، بۇ بارلىق نائىنساپ مەلئۇنلار كۆرىدىغان ئاقىۋەت. ھابىل قابىلىنىڭ كۆڭلىدىكى ئۆچمەنلىكىنى چىقىرىپ تاشلىمالمىدى، غەزىپىنىمۇ باسالمىدى. قابىل ئاتىسىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنمىدى، شۇڭا ئۇ بەر يۈزىدىكى ئىنسانلاردىن تۇنجى جىنايەتكار

بولۇپ قالدى.

ھېلىقى پەسكەش نەپسى شەيتان تۈپەيلىدىن، ئاخىر بەختسىزلىك يۈز بەردى. ھابىل ئاكىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ھاماقەتلىكنىڭ، نادانلىقنىڭ ۋە ئىشق - مۇھەببەتنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى.

بىر تال يۇمران گۈل خازان بولدى، بىر نۇرانە چىراغ ئۆچتى. ھابىل بۇ دۇنيادىن كەتتى، ئاتىسى ئەمدى ئۇنى كۆرەلمەيدىغان بولدى. ئادەم ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن ئازابلاندى. ئۇ دەسلەپتە خۇددى تەشنا كىشى سۇ ئىزدىگەندەك، ياكى ئاچ قالغان ئادەم نان ئىزدىگەندەك، ھەممىلا يەردە ئوغلىنى ئىزدىدى. ئۇ قابىلدىن ئىنىسىنى كۆرگەن - كۆرمىگەنلىكىنى سورىغاندا، قابىل قوپاللىق بىلەن: «مەن ئۇنىڭ مۇھاپىزەتچىسى ئەمەس، مەن بىلمەيمەن!» دەپلا جاۋاب بەردى. ئادەم ئەلەيھىسسالام ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىچىدىكى قەھر - غەزىپىنى يېسىپ، مەرھۇم ئوغلىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ: «مەن بۇ قايغۇ - ئەلەم، ماتەملىرىمنى قەلبىمگە بايان قىلاي، مەن بىر قولۇمدىن مەڭگۈ ئايرىلدىم» دەپ ئويلايتتى.

ھابىل زېمىندا تۇنجى ئۆلتۈرۈلگەن ئادەم بولغاچقا، قابىل ئۇنىڭ جەسەتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەيتتى. ئۇ جەسەتنى بىر ناغارغا قاچىلاپ يۈدۈپ ھەممىلا يەردە قاتراپ يۈرىۋەردى، كۆڭلى بىئارام، تىت - تىت بولۇپ، نېمە قىلىشنى بىلمەيتتى.

شۇ ئەسنادا، ئاللاھنىڭ رەھمى كەلدى، ئاللا بۇ گۇناھسىز كىشىنىڭ جەسەتىگە كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھابىلنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى ساقلاش ھەمدە ھاماقەت قابىلنى جەزمەن ئەدەبىلەش قارارىغا كەلدى. قابىل ئاللاھنىڭ تەلىمىگە مۇناسىب بولمىغاچ، ئاللا ئۇنى قاغىغا شاگىرت قىلىپ، ئۇنىڭ دۆت -

قاغىدىنمۇ بەتتەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتىدىكىچى بولدى. شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۇ قارا يۈز، پەسكەش ۋە ۋىجدان ئازابىغا قالغان چاكىنا ئادەمگە ئايلاندى.

ئاللا ئىككى قاغىنى ئەۋەتىپ، بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بۈيرۈدى. نەتىجىدە ئۇلاردىن بىرى يەنە بىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. ساق قالغان قاغا تۈمشۈقى بىلەن يەردىن بىر ئورەك كولاپ، ئۆلگەن قاغىنى كۆمدى. بۇنى كۆرگەن قابىل پۇشايمان يەپ ئازابلىنىپ: — يا ھەزرەت، بۇ بالانى كۆرۈڭ! مەن ئاشۇ قاغىچىلىكمۇ بولالماپتىمەن. مەن نېمىشقا ئىنىمنى توپا ئاستىغا كۆممىگەندىمەن؟! — دېدى.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.