Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

جەننەت تائامى (مائىدە — دەستىخان)

This content is not yet available in your language.

ئىسا ئەلەيھىسسالام شەھەر، يېزىلارنى ئايلىنىپ چىقتى. ئۇ ئاللاھنىڭ ئەقىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەلچىلىك بۇرچىنى كىشىلەرگە ئىزھار قىلاتتى. ئۇ زۇلمەتلىك قەلئەلەرنى يىمىرىپ، مۇشرىكلارنىڭ بەلگە - ئالامەتلىرىنى يىلتىزىدىن

قومۇرۇپ تاشلىماقچى ئىدى. ئۇنىڭ يارەنلىرى ئۇنى قوللايتتى. خۇشاللىقتىمۇ، غەم - قايغۇدىمۇ، جاپادىمۇ ۋە ھالاۋەتتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولاتتى. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامنى پايلاقچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىدىن قوغدايتتى. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇرۇق - تۇغقان، دوست - يارەنلىرى ناھايىتى ئاز ئائىلىدىن كېلىپ چىققاچقا، ئۇنىڭ ئۆز قوۋمىدىكىلەر بىلەن بولغان تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئاللىقاچان ئۆزۈلگەندى. چۈنكى بۇنداق مۇناسىۋەت دۈشمەنگە زەربە بېرىش ۋە مۇشرىكلارغا قارشى تۇرۇشقا تەسىر يەتكۈزەتتى. خۇددى شۇئەيب قوۋمىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە: «ھەي شۇئەيب! سېنىڭ سۆزلىرىڭنىڭ بىر مۇنچىلىرىنى چۈشىنەلمىدۇق. بىز سېنى ھەقىقەتەن ئارىمىزدىكى بىر ئاجىز دەپ ھېسابلايمىز. بىز ئەگەر ئۇرۇق - جەمەتىڭنىڭ نام - شۆھرىتىنى دېمىگەن بولساق، سېنى چوقۇم ھاقارەتلەيتتۇق. سەن بىز ئۈچۈن ئەزىز كىشى ئەمەس» دەپ ئېيتقىنىدەك ئىش بولاتتى.

ئۇلار بىر كەنتتە بىر نەچچە كۈن تۇرغاندىن كېيىن، يەنە بىر كەنتكە بېرىپ مەلۇم ۋاقىت تۇرۇشاتتى. ئۇلار يۇرتمۇ يۇرت، كەنتمۇ كەنت ئايلىنىپ يۇرۇپ، ئاخىر پايانىمىز بىر قۇملۇققا كېلىپ قالدى. بۇ يەر ھېچنىمە ئۈنمەيدىغان قاقاس چۆللۈك ئىدى. ئۇلار چاڭقىدى، قورساقلىرى ئاچتى، چارچاپ دەرمانى قالمىدى. بىراق، بۇ يەردە يا سۇ، يا يەيدىغان نەرسە تېپىلمايتتى. ئۇلار تەبىئەت دۇنياسىدىكى بۇ قىيىن ھالەتتىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئۈچۈن، بىر يەرگە كېلىپ ئولتۇرۇپ مەسلىھەتلىشىپ، قىيىنچىلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىشقا تەمشەلدى. بۇ چاغدا ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى، ئۇلاردا ئۈمىد تۇرغۇزدى، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتتى، ئازاب - كۈلپەتلىرىنى يېنىكلەتتى، ئۇلارنىڭ بىلمىگەن مەسىلىلىرىنى شەرھلەپ بەردى. ئۇلار چۈشەنمىگەن ئىشلارنى

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ يارەنلىرى ئۇنىڭ ئەلچىلىك

ۋە زېپىنى ئېتراپ قىلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى خالىسىمۇ، ئۇنىڭ بېشارىتىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۈيۈشسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشكە توغرا كېلەتتى. مۇشۇنداق قىلىش ھازىر تېخىمۇ زۆرۈر بولۇپ قالغانىدى. ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئۆزلىرىنىڭ ئوي - خىياللىرىنى بىلدۈرۈپ:

— ئى ئىسا، رەببىڭ بىزگە ئاسماندىن بىر داستىخان تەملىك تائام چۈشۈرۈپ بېرەلەرمۇ؟ — دېيىشتى.

ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشى ئاللاھنىڭ شۇنداق قىلىشقا قادىر ئىكەنلىكىگە شەك كەلتۈرگەنلىكىدىن ياكى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشارىتىگە ئىشەنمىگەنلىكىدىن ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئۇلار ئاللىقاچان ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ئەلچىسىگە ئېتىقاد باغلىغان. ئۇلار ئاللاھقا شەك كەلتۈرگۈچىلەرگە مەنسۇپ ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامغا:

— بىزگە ئىشەنگىن، بىز مۇسۇلمانلارمىز، بىز ھەممىنى ساڭا يېغىشلىغان، — دېيىشتى.

ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ھېچقانداق گۈمان يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ شۇنداق دېيىشى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەينى چاغدا ئاللاھقا ئىلتىجا قىلغىنىغا ئوخشىشاتتى. ئۇ چاغدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا: «ئى رەببىم! ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا قانداق جان ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەرگىن!» دېگەن. ئاللا ئۇنىڭغا: «ئى ئىبراھىم، ئەجەبا، سەن ئىشەنمەسەن؟» دېگەندە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: «ياق، ئېتىقادىمنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى» دېگەنىدى.

ئىسا ئەلەيھىسسالام ھاڭ - تاڭ بولدى، ئۇ بۇنداق تەلەپنىڭ ئاقمۇشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

— سىلەر ساداقەتمەن مۇسۇلمان بولغانىكەنسىلەر، ئۇ ھالدا، ئېھتىيات قىلىشىڭلار كېرەك، مۆجىزىگە دائىر ئۇنداق تەلەپلەرنى قويماڭلار، بولمىسا، بالا - قازاغا ئۇچرايسىلەر، يامان ئىشنى

باشلغۇچىلاردىن بولۇپ قالسىلەر. ئەجەبا. سىلەر تېخىچە كۆڭۈل توختىتالمىدىڭلارمۇ. دىلىڭلاردىن گۇمانىنى تۈگىتەلمىدىڭلارمۇ؟ سىلەر ئاللاھنىڭ مەن ئارقىلىق كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزىلىرىنى. يېنىڭ ئەمانىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىم. ئۆلۈكنى تىرىلدۈرگەنلىكىمنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپ. يەنە نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق گۇمانىنى ئۆتكۈزسىلەر. نېمىشقا يەنە مۇشۇنداق تەلەپلەرنى قويسىلەر؟ سىلەر ھەممىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ تۇرۇپمۇ يەنە تولۇق ئىشەنمەي. گۇمانلىنىۋېرەمسىلەر؟ ئەگەر سىلەر ھەقىقىي ساداقەتمەن بولمىدىغان بولساڭلار. ئەمدى كاجالىق قىلماي. گۇمانخورلۇقۇڭلارنى تېزدىن تۈگەتسەڭلار بولىدۇ.

ئۇلار ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئۆزىنى بېسىۋېلىش ھەققىدە نەسىھەت قىلدى. ئاندىن ئۇنىڭغا ئەھۋالنىڭ ئەينىنى چۈشەندۈردى: — بىزنىڭ ئېتىقادىمىز قەتئىي تەۋرەنمەستۇر. بىز سادىق مۇسۇلمان. بىز سەندە كۆرۈلگەن بارلىق مۆجىزىلەرگە ئىشىنىمىز. سېنىڭ بېشارىتىڭ ۋە چاقىرىقلىرىڭغا ئىشىنىمىز. سېنىڭ ئەلچىلىك بۇرچۇڭدىن گۇمانلانمايمىز. بىز راسا تويغۇدەك بىر ۋاخ تائام يەپ چوڭ نەپ ئالارمىزمىكىن دەپ. سېنىڭ مۆجىزە كۆرسىتىشىڭىنى تەكلىپ قىلغانىدۇق. ئەجەبا. سەن بىزنىڭ ئوزۇقىمىز تۈگەپ. قورساقلىرىمىز ئېچىپ كوركىراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ — دېيىشتى. ئارقىدىنلا ئۇلار يەنە مۇنداق دېدى:

— بىز ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىسپاتلايدىغان بىرمۇنچە مىساللارنى كۆردۈق. شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدۇق. ئۇنىڭ سېنى ئەلچىلىككە ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەندۇق. لېكىن سەن يەنە بىر قېتىم مۆجىزە كۆرسىتەلسەڭ. بىزنى تېخىمۇ قايىل قىلغان. ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتقان بولماستىڭ؟ ساڭا مەلۇم. بىز سېنىڭ سۆزچىسى. ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭۈل پەرشانلىقىنى تۈگىتىپ. گۇمانىنى چىقىرىپ تاشلايدىغانلىقىغا قەتئىي

ئىشىشىمىز. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سېنىڭ ئالدىن بەرگەن بېشارەتلىرىڭ بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلىغان، شۇ ۋەجىدىن، بىز سېنىڭ چاقىرىقلىرىڭغا ئىشەنگەن، بىز ھەرگىز گۇمانلانمايمىز ۋە تەۋرەنمەيمىز. بىزنىڭ بىر قېتىم مۇقەددەس تائام يېيىشنى تەلەپ قىلىشىمىز دەلىل - ئىسپاتنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈش، كۆڭلىمىزنى تېخىمۇ تىندۇرۇش، ئېتىقادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىش ئۈچۈن ئىدى.

بىزگە مەلۇمكى، سەن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىن بېشارەت تاپتىڭ، ئۇ ساڭا مەدەت بېرىدۇ. ئۇنىڭ ساڭا قىلغان ئىلتىپاتى كۆپتۇر. لېكىن سېنىڭ ئىلگىرىكى مۆجىزىلىرىڭنىڭ ھەممىسى زېمىندا بولغانىدى. ئەمما بۇ قېتىم بىز مۆجىزىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىمىز. مۇشۇنداق بولسا، بىز ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ ئۇلۇغ، ئاجايىپ نەرسىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلەيمىز. مۇشۇنداق قىلالساڭ، بىز كىشىلەرنى ئۆز ئەمەلىيىتىمىز بىلەن تەربىيىلىگەيمىز، ئۇلارغا تەشۋىق قىلىمىز، نەتىجىدە سېنىڭ يارەنلىرىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، ساڭا بەيئەت قىلىدىغانلارمۇ كۈندىن - كۈنگە ئاشىدۇ.

ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئۆز تەلىپىدە چىڭ تۇرغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ئىپادىلىرىنى قايتا - قايتا ئىزھار قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىنى گۇمانلانغانلىقتىن قويمىغانلىقىنى ۋە يامان نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ ئاللاھقا مۇراجىئەت قىلدى: - ئى ئاسمان - زېمىننىڭ ئىگىسى، ھەممىگە قادىر ئاللا!

ئى كائىناتنىڭ خوجىسى! ئاسماندىن بىزگە بىر داستىخان تائام چۈشۈرۈپ بەرگەيسەن، بىز بۇ مۆجىزىنى بايرام كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلىگەيمىز. ئى ساخاۋەت ئىگىسى، سەن بىزگە تىرىكچىلىك يولى بېغىشلىغايسەن!

ئاللا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى ۋە تەلىپىنى ئىجابەت قىلىپ سۇنداق دېدى:

  • ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان ئېتىقادىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، سەن

سىلەرگە جەننەت تائامى ئەۋەتتىم. لېكىن سىلەر بىلىشىڭلار كېرەككى، بۇ مۆجىزە سىلەردىن چوقۇم تاۋاپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر كىمكى خىلاپلىق قىلىدىكەن، مېنىڭ قاتتىق جازايىمغا ئۇچرايدۇ.

ئاللا ئۇلارغا ئاسماندىن بىر داستىخان ئېسىل تائام چۈشۈرۈپ بەردى. ئىما ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ تائامنى كۆرگەندىن كېيىن بەك بېرىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىدى - دە، ئاللاھتىن بۇ تائامنى ئۇلارغا قىلغان شەپقەت ۋە خەير خاھلىق دەپ ھېسابلاشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى ۋە يەنە ئاللاھتىن ئېتىقاد قىلىشنىڭ توغرا يولىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ بېرىشنى تىلىدى. ئىما ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

— مانا بۇ ئاللاھنىڭ بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن تائامى، قېنى بەھۇزۇر بېقىڭلار! ئاللاھقا رەھمەت ئېيتىشىڭلار كېرەك، بۇ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىدۇر.

ئۇلار تائامغا بەھۇزۇر بېقىپ، بۇنىڭدىن تولۇق رازى - رىزا بولۇشتى، كىشىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدىغان بۇ مۆجىزىنى تازا ماختاشتى. ئېتىقادى تېخىمۇ چىڭىدى.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.