ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام
This content is not yet available in your language.
ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى
بۆلۈم: “ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى”ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام خوتۇنى سارە، دېدىكى ھاجەر بىلەن بىللە پۇل - ماللىرىنى ئېلىپ پەلەستىنگە كەلدى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى سارە تۇغماس ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پەرزەنتكە شۇنچە ئىنتىزار بولسىمۇ، لېكىن سارە ئېرىنىڭ بۇ ئارزۇ - ئارمىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامالسىز ئىدى. شۇڭا ئۇ بەكمۇ ئازابلىناتتى. شۇ تۈپەيلى، ئۇ ئېرىگە ساداقەتمەن دېدەك ھاجەرنى خوتۇنلۇققا ئېلىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى ۋە ھاجەرنىڭ پەرزەنتلىك بولۇشىغا، پۈتۈن ئائىلىسىنى بالا يۈزى كۆرمەسلىك ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام خوتۇنىنىڭ بۇ سەمىمىي نەسىھىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۈزۈنغا بارمايلا ھاجەر بىر ئوغۇل تۇغدى، بالىغا ئىسمائىل دەپ ئات قويدى. بالا ئەقىللىق، زېرەك چوڭ بولدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىنتايىن خۇشال ئىدى. لېكىن، سارەدە كۈنداشلىق پەيدا بولدى. ئۇ ھاجەرنىڭ ئىسمائىلنى تۇغقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئازابلىنىپ، بىئارام بولۇپ يۈردى. ئۇ ئىسمائىل بىلەن ھاجەرنى كۆرگەن چاغلىرىدا خاپا بولاتتى.
سارە كۈن بويى بىئارام ئۆتەتتى. قارىغاندا، ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ھاجەر بۇ يەردىن كەتسىلا، سارەنىڭ كۆڭلى ئارامىغا
- ئىسلام نەرسىسىدە، ئەر مۇسۇلمانغا تۆت سوتۇن ئىلىش راۋا، بۇ خوتۇنلارنىڭ ئورنى باراۋەر بولىدۇ. دەپ بەلگىلەنگەن. شەنزۇچىغا نەرسىسە قىلغۇچىدىن.
چۈشىدىغاندەك قىلاتتى. سارە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا بۇ ئارزۇسىنى ئېيتتى. ئۇ ئېرىدىن ئىسمائىل بىلەن ھاجەرنى بۇ يەردىن ئۆز يۇرتىغا ئاپىرىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلدى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنى كۆرۈش ياكى ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قېلىش تۈپەيلى يەنە كۆڭۈلسىزلىك تۇغۇلۇپ قېلىشتىن خالىي بولۇش ئۈچۈن، ئۇلارنى قانچە نېرى كەتكۈزۈۋەتسە شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام گويا ئاللا ئۇنى شۇنداق قىلىشقا ئۈندىگەندەك، خوتۇنىنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى. ئۇ ئوغلى ئىسمائىل بىلەن ھاجەرنى تۆگىگە مىندۇرۇپ ئاللاھنىڭ يول كۆرسىتىشى ۋە قوغدىشى ئارقىسىدا ئۇلار بىلەن بىللە يولغا راۋان بولدى. ئۇلار ماڭا- ماڭا ئۇزۇن يول يۈرگەندىن كېيىن بىر چۆلگە كەلدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئانا- بالا ئىككىيلەننى گىياھ تونىدىغان بۇ تاقىر چۆلگە تاشلىۋەتتى. بۇ چاغدا ھاجەر بىلەن ئىسمائىلدا ئازغىنە ئوزۇق- تۆلۈك ۋە سۇ قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئاللاھقا قەتئىي ئىشىنەتتى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىسمائىل ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ھاجەرنى بۇ قاقاس چۆلگە تاشلىۋەتكەندىن كېيىن، يۇرتىغا قايتىپ كەتمەكچى بولدى. لېكىن، ھاجەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پېشىگە ئېىلىۋېلىپ:
— يا ئىبراھىم! سەن نەگە بارسەن؟ سەن بىزنى ئادەم ئايىغى يېسىلمىغان بۇ چۆلگە تاشلىۋەتسەڭ. بىزدىن كىم خەۋەر ئىدۇ؟ — دېدى.
ھاجەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىگە ۋە بالىغا بولغان قېداشلىقىنى قوزغاپ، ئۇنىڭدىن ئانا- بالا ئىككىيلەننى بۇ چۆلدە ئاچ- زار قالدۇرۇپ قويماسلىقنى ئۈمىد قىلدى ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا بالاۋۇرۇپ:
— سەن بىزنى بۇ چۆلگە تاشلىۋەتسەڭ، مۇبادا بۆرىلەر كېلىپ
بىزگە ھۇجۇم قىلىپ قالسا، بىزنى كىم قوغدايدۇ؟ بىز پىز - پىز ئاپتاپقا قانداق چىدايمىز؟ - دېدى. ھاجەر سۆزلەۋېتىپ يىغلاپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭ ئېيتقانلىرى ۋە تۆككەن ياشلىرى ئېرىنى ئۆز نىيىتىدىن قايتۇرالمىدى. ئەكسچە، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۈنىڭغا، بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى، مېنىڭ بۇنىڭغا بويسۇنۇشۇم شەرت، دېدى. ھاجەر بۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە ئىتائەتمەنلىك بىلەن شۇك تۇرۇپ گەپ - سۆز قىلمىدى. ئاخىردا ئۇ:
- ئاللا بىزنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ، - دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا ئىشىنىپ، قاتتىق قايغۇ - ھەسرەت ئىچىدە ئانا - بالا ئىككىيلەندىن ئايرىلدى.
شەك - شۇبھىسىزكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام شۇ چاغدا ئادەتتىن تاشقىرى ئازابلانغانىدى. ئۇ قانداقمۇ ئازابلانماي تۇرالسۇن؟ ئۇ بالا تەلەپ قىلىپ، بالىغا ئىنتىزار بولۇپ يۈرۈپ، ياشانغاندا ئاران بىر ئوغۇلنىڭ يۈزىنى كۆرگەنىدى، ئەمدىلىكتە بۇ ئوغۇلنى ئادەم قەدىمى بېسىلمىغان بىر چۆلگە تاشلىۋەتتى، بۇنىڭغا ئۈ ئېچىنماي تۇرالامتى؟! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كېتىۋېتىپ يىغلايتتى. ئەمما ئۇ پەيغەمبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ھىجران ئازابىغا بەرداشلىق بېرىشى كېرەك ئىدى. ئۇ بىردىنبىر ئوغلىنى چۆلدە قويۇپ، ئۆزى ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئانا - بالا ئىككىيلەنگە پەقەت ئاللاھتىنلا پاناھ تىلەيتتى. ئۇ دۇئا قىلىپ شۇنداق دەيتتى:
- ئى خۇدايا، پەرۋەردىگار! مەن ھەقىقەتەن ئۆز ئوغلۇمنى گىياھسىز چۆلدە قالدۇرۇپ، سېنىڭ دەرگاھىڭغا يېقىنلاشتۇردۇم. ئى ئاللا! ئۇلارنى ئۆزۈڭگە سېغىندۇرغايمەن! كىشىلەرنى ئۇلارغا كۆيۈندۈرگەيمەن! ئۇلارغا نازۇنىيەتلەر ئانا قىلىپ، ھىسسىتىڭگە رەھمەت ئېيتقۇزغايمەن!
زەمزەم بۇلىقى مۆجىزىسى
بۆلۈم: “زەمزەم بۇلىقى مۆجىزىسى”ھاجەر تەقدىرىگە بويسۇنۇپ. كۆز ئالدىدىكى بۇ بەختسىزلىككە بەرداشلىق بەردى. قورسىقى ئاچقاندا، ئېلىپ كەلگەن نان بىلەن ئوزۇقلاندى؛ چاڭقىغاندا، ئېلىپ كەلگەن سۇدىن بىر - ئىككى يۇتۇم ئىچىنى. كۆپ ئۆتمەي نان بىلەن سۇمۇ تۈگەپ كەتتى. ئاچلىق دەستىدىن ھاجەرنىڭ قورسىقى غولدۇرلايتتى، ئۇسسۇزلۇقتىن لەۋلىرى يېرىلىپ كەتتى. ئۇ ھەممىگە بەرداشلىق بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوغلىنى ئېمىتىشكە سۈت، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇشقا سۇ يوق ئىدى. بالا ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق دەستىدىن قاتتىق يىغلايتتى. ئانا كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاشتى. باشقا ئامال تاپالمايتتى. ئۇ كۆز يېشى ۋە پۈتۈن قېنى بىلەن بالىسىنى ئۇسسۇزلۇق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، بىراق بۇ پەقەت ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئارزۇ ئىدى، خالاس!
ھاجەر ئۆزىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياداپ كېتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ بەكمۇ ئازابلىناتتى. ئۇ بىر ئىلاج قىلىپ بۇ قىيىن شارائىتتىن قۇتۇلۇپ، چىقىش يولى تاپماقچى بولدى - دە، بالىسىنى يەردە قويۇپ، ئۆزى سۇ ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇ كېتىپ بېرىپ بالىسىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، يۇرىكى پىچاق بىلەن تىلىنغاندەك ئازابلاندى. ئۇ بالىغا بىر تېمىم سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ئىزدەپ سەفا تېغىدىكى ھەربىر تاشنى ئاختۇرۇپ ھېچ نەرسە تاپالماي ئازابلانغان ھالدا بالىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. يىردىنلا ئۇنىڭ كۆزىگە مەرۋە تېغى تەرەپتە سەراپ كۆرۈندى، ئۇ شۇ يەردە چوقۇم سۇ بولسا كېرەك، دەپ ئويلاپ شۇ تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى، لېكىن ئۇ يەردە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە ئۇچرىمىدى. ئۇ يەنە نائىلاج قايتىپ كەلدى. ئۇ شۇ تەرىقىدە سەفا بىلەن مەرۋە
① مەقبارەتلىق - مەككىدىكى بىر ناغ. ② مەرۋە - مەككىدىكى بىر نام. ③ سەراپ - ئىزىتقۇ - يىراقتا سۇدەك كۆرۈنىدىغان ئىسسىقلىق تەبىئى.
ئوتتۇرىسىدا بېرىپ - كېلىپ ئاۋارە بولدى. بالىنىڭ يىغا - زارىسىدىن ئۇنىڭ يۈرىكى يېرىلىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتى. تولا يىغلىغان بالىنىڭ گېلى قۇرۇپ ئاۋازى پۈتتى، ئاچلىقتىن ھالسىزلىنىپ، بىر تىنىقتىلا قالدى. ئانا نەپىسى ئۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان جانىجان بالىمىغا قاراپ تۇراتتى، قۇتۇلدۇرۇشقا قىلچە ئامال قىلالمايتتى. بالا پۈتى بىلەن يەرنى تېپىپچەكلەيتتى. ئانا - بالىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ھەرقانداق تاش يۈرەك ئادەممۇ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتاتتى. بالا يەرنى تېپىپچەكلەۋەردى. تۇيۇقسىز بالىنىڭ تاپىنى ئاستىدىن بۇلدۇقلاپ سۇ چىقىشقا باشلىدى - دە، شېغىل تاشلار ئارىلىقىدىن سۈزۈك بۇلاق سۈيى ئېقىپ ئۆتتى.
ئاللاھنىڭ ئانا - بالا ئىككىيلەنگە قىلغان خەيرخاھلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى كۆرگەن ئانا لاسىدە ئولتۇرۇپ قالدى، پېشانىسىدىن مونچاقتەك تەر تەپچىپ چىقتى. ئارقىدىنلا ئۇ ھېچنىمىگە قارىماي ئوغلىنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ كېلىپ، بالىغا دەرھال سۇ ئىچۈردى. بالا ئاستا - ئاستا روھلاندى. ئانا بالىنى كۆتۈرۈپ باغرىغا بېسىپ ئەللەي ئەتتى. شۇئان ئۇنىڭ كۆزىدىن بۇلدۇقلاپ ئىسسىق ياش ئاقتى - دە. ئۇنىڭ ھارغىنلىقى ۋە غەم - قايغۇسىمۇ مۇشۇ ئىسسىق ياش بىلەن چىقىپ كەتكەندەك بولدى. بالىنىڭ ھاياتى خەۋپتىن قۇتۇلدى. ئانا پەقەت مۇشۇ چاغدىلا ئاندىن سۇ ئىچىشكە باشلىدى. ئۇ قانغۇدەك سۇ ئىچىپ، ئاستا - ئاستا ئۆزىگە كەلدى. نەچچە كۈندىن بېرى ئۇنىڭ بېشىنى قاپلاپ تۇرغان قارا بۇلۇت ئەمدى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مەرھىمىتى ۋە خەيرخاھلىقىدىن بولدى.
بۇ زەمزەم بۇلىقى ئىدى. بۇ بۇلاقنىڭ سۈيى شۇ چاغدىن تارتىپ ھازىرغىچە توختىماي ئېقىپ تۇرماقتا. ھەج قىلغان ھاجىلار ھەر يىلى بۇ بۇلاقنىڭ يېنىغا كېلىشىپ، ئۆزلىرى تويغۇدەك ئىچىشكەندىن كېيىن، يەنە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغىمۇ ئالغاچ
بۇ يەردە بۇلاق ھاسىل بولغاچقا، ئۇچار قاناتلار بۇ يەرگە
كېلىپ. بۇلاق ئۈستىدە پەرۋاز قىلىشاتتى. شۇ چاغدا، جۇرھۇم قوۋمىدىكىلەر بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ. ئۇچار قۇشلارنىڭ ھەدەپ بۇ يەرگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ. بۇ يەردە سۇ بارلىقىنى ھېس قىلىشتى. چۈنكى ئۇلار قۇشلار چۈشكەن يەردە چوقۇم سۇ بولىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇلار بۇ يەردىكى ئەھۋالنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ كېلىشكە بىرنەچچە كىشىنى ئەۋەتتى. بۇ ئادەملەر كېلىپ بۇ يەردە سۇ بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەررۇ قايتىپ كىشىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. كىشىلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ، بارا - بارا بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇراقلاشتى. ھاجەر بۇنىڭغا بەكمۇ خۇشال بولدى. بۇ ئادەملەرنىڭ ئۆزىگە قوشنا بولۇشىنىمۇ ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئاللاھنىڭ بۇ ئادەملەرنى ئانا - بالا ئىككىلەننىڭ يېنىغا كەلتۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى.
قۇربانلىق ئىمتىھانى
بۆلۈم: “قۇربانلىق ئىمتىھانى”ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆز ئوغلىنى ئۆتۈپ قالمىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ ئەھۋالىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى ھەمدە بۇ يەرگە دائىم كېلىپ ئوغلىنى يوقلاپ تۇراتتى. ئىسمائىل بارا - بارا چوڭ بولۇپ، مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان ۋە ئەمگەك قىلالايدىغان بولدى. بىر كېچىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام چۈش كۆردى، كۆرگەن چۈشىدە ئاللا ئۇنىڭغا ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىشنى بۇيرۇدى. پەيغەمبەرلەرنىڭ چۈشىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى راست ئىدى، چۈشىدە كۆرگەنلىرى چوقۇم ئەمەلگە ئاشاتتى.
زەربە ئۈستىگە زەربە، ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت ئۈزۈلمەي كەلمەكتە ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆمرىنىڭ تولىمىنى جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، ياشانغان چاغدا ئاران بىر ئوغۇل كۆرگەنلىكىگە ناھايىتى خۇشال ئىدى. لېكىن، كېيىنكى چاغلاردا ئۇ ئوغلىنى ئانىسى بىلەن بىللە ئادەم قەدىمى يېسىلمىغان
بىر قاقاس چۆلگە تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاللا ئۇلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ، ئۆلۈم - يىتىمدىن قۇتۇلدۇردى. ئەمدى ئوغلى چوڭ بولۇپ يېتىشىپ كېلىۋىدى، ئۇنى قۇربانلىق قىلىشقا توغرا كەلدى. ئىسمائىل ئۇنىڭ بىردىنبىر ئوغلى ئىدى، ئەمدى ئۇنىڭغا ئوغلىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىشقا توغرا كەلدى. بۇ نېمىدېگەن ئازابلىنارلىق ئىش - ھە! بۇنداق ئازابقا يۈرىكى تاشتىن پۈتكەن ئادەممۇ چىداپ تۇرالمايدۇ. پەيغەمبەر دېگەن بەربىر پەيغەمبەر - دە! ئىبراھىم ئەلەيھىسالام ئۆزىنىڭ ئاللاھقا بولغان قەتئىي ئېتىقادى بىلەن بۇ ئازابنى تارتىشنى راۋا كۆرۈپ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇش قارارىغا كەلدى - دە، ئوغلىنىڭ يېنىغا بېرىپ:
— ئى ئوغلۇم! ئاللاتائالا چۈشۈمدە مېنى سېنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ يولىدا قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇدى. بۇنىڭغا سەن رازى بولامسەن؟ — دېدى. ئۇنىڭ ئۆز چۈشىدە كۆرگەنلىرىنى ئوغلىغا ئېيتىشى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى ئوغلىغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىدى.
— دادا، — دېدى ئوغلى ئىتائەتەنلىك بىلەن، — سىز پەرمان بويىچە ئىش قىلىڭ! ئەگەر بۇ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى يولىدىغان بولسا، سىز مېنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىمنى كۆرەلەيسىز. ئاتىغا ھۆرمەت قىلىش — ئالىيجانابلىق، ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنۇش، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىتائەت قىلىش بولسا تېخىمۇ ئالىيجانابلىق.
دادىسىنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىش، دادىسىغا ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ئىجرا قىلىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئىسمائىل دادىسىغا مۇنداق دېدى:
— دادا، جان ئاچچىقىمدا پۈت ئېتىپ تولغىنىپ كەتمەسلىكىم ئۈچۈن، مېنى مەھكەمرەك باغلاڭ، كىيىملىرىمنى سالدۇرۇۋېتىڭ. بولمىسا قان چاچراپ كېتىدۇ، بۇنى ئانام كۆرۈپ قالسا كۆڭلى بۇزۇلىدۇ؛ پىچىقىڭىزنى بىلەپ ئىتتىكىلىتىپ،
كېكىردىكىمگە توغرىلاپ بىر پىچاق بىلەن ئۆلتۈرۈڭ. شۇنداق قىلىشكىز كۆپ ئازابلانماسلىقىم مۇمكىن. مەندىن ئانامغا سالام ئېيتىپ قويۇڭ. ناۋادا خالىسىڭىز. كىيىم - كېچەكلىرىمنى ئانامغا تاپشۇرۇپ بېرىڭ. بۇ مېنىڭ ئانامغا قالدۇرغان خاتىرەم بولۇپ قالسۇن. ئانام مېنى سېغىنغاندا، كىيىملىرىمنى كۆرسە كۆڭلى تەسەللى تاپار ھەم كىيىملىرىمدىن مېنىڭ ھىدىمنى پۇرار.
— ئى جېنىم ئوغلۇم، — دېدى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام،
— سەن ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇندىشىمغا ياردەم بېرەلمىسەڭ، بەكمۇ ياخشى قىلغان بولسەن! — ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام سۆزلەۋپتىپ ئوغلىنى باغرىغا يېسىپ يۈز - كۆزلىرىنى توختىماي سۆيۈپ كەتتى.
— ئاتا - بالا ئىككىيلەن يېشىنى يېشىغا يېقىشىپ قاتتىق يىغا - زار قىلىشتى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلىنىڭ ئىككى قولىنى باغلاپ، يەرگە ياتقۇزدى - دە، قولىغا پىچاق ئالدى. ئۇ ئوغلىغا قاراپ، كۆزىدىن يامغۇردەك ياش تۆكۈپ، ئاھ ئۇرۇپ كەتتى، ئارقىدىن پىچاقنى ئوغلىنىڭ كېكىردىكىگە توغرىلاپ بىر ئۇرۇۋىدى، پىچاق ئۆتمەي توختاپ قالدى، چۈنكى ئاللا پىچاقنىڭ بىسىنى كەينىگە ياندۇرۇۋەتكەنىدى.
— ئى دادا، — دېدى ئوغلى، — يۈزۈمنى دۇم قىلىڭ، بولمىسا يۈزۈمنى كۆرۈپ ئىچ ئاغرىتسىز - دە، ئاللاھنىڭ ئەمر - پەرمانىنى ئىجرا قىلىشكىزغا دەخلى يېتىدۇ.
دادىسى ئوغلىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى، ئاندىن پىچاقنى ئېلىپ ئىسمائىلىنىڭ بوغۇزىغا توغرىلاپ يەنە ئۇردى. لېكىن، پىچاق يەنىلا ئۆتمىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام تەمتىرەپ قېلىپ، ئاللاھقا قانداق قىلىش توغرىسىدا مۇراجىئەت قىلدى. ئاللا ئۇنىڭغا:
— ئى ئىبراھىم! سەن چۈشۈڭدىكى بۇيرۇق بويىچە ئىش قىلىدىڭ. مەن بارلىق ئاق كۆڭۈل بەندىلىرىمگە مۇشۇنداق سەرھەمەن قىلىمەن، — دەپ ۋەھىي يەتكۈزدى.
ئاتا - بالا ئىككىيلەن قۇتۇلۇپ قالدى. ئۇلار ئاللاھقا تەشەككۈر
ئېيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ قەتئىيلەشتى.
ئاللا ئىسمائىلنىڭ بەدىلىگە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن جەننەتتىن بىر قوچقار چىقاردى. ئانا - بالا ئىككىيلەن كەينىگە قارىۋىدى، يېنىدا بىر قوچقار تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بايا ئىشلەتكەن پىچاقنى قوچقارنىڭ بوينىغا توغرىلاپ ئۇرۇۋىدى، قوچقار شۇئان يىقىلدى، يەر قانغا بويالدى. بۇ قوچقار ئىسمائىلنىڭ بەدىلىگە ئۆلتۈرۈلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ، بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ ۋەقەنى خاتىرىلەپ، ئاللاھقا ئۆزلىرىنىڭ تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەريىلى شۇ كۈندە قۇربانلىق قىلىدىغان بولدى. قۇربان ھېيتنىڭ كېلىپ چىقىشى مانا شۇنداق.
جۈرھۈم قوۋمى بىلەن بولغان ئالاقە
بۆلۈم: “جۈرھۈم قوۋمى بىلەن بولغان ئالاقە”ئۇچار قاناتلارنىڭ توپ - توپ بولۇشۇپ. زەمزەم بۇلىقى ئۈستىدە ئەگىپ پەرۋاز قىلىشى ھېچنىمە ئۈنمەيدىغان بۇ قاقاس چۆلگە ھاياتلىق بەخش ئەتتى. مەككىنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق جۇرھۇم قوۋمىدىكىلەر ئۇچار قۇشلارنىڭ بۇ يەردە ئەگىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قىلىشتى. ئۇلار: «ئۇچار قۇشلار پەقەت ئادەم بار جايغىلا چۈشىدۇ» دەپ ئويلاپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ كېلىشكە بىرنەچچە ئادەم ئەۋەتتى. كەلگەن ئادەملەر بۇ يەردىكى سۈنى كۆرۈپ، دەرھال قايتىپ بېرىپ بۇ خۇش خەۋەرنى جۇرھۇم قوۋمىدىكىلەرگە يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن جۇرھۇم قوۋمىدىكىلەر ئارقا - ئارقىدىن زەمزەم بۇلىقى يېنىغا كېلىشتى. ئۇلار ئىسمائىل بىلەن ئانىسىنىڭ بۇلاق بويىدا تۇرۇشلۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، بۇلاق سۈيىنى بىللە ئىشلىتىش ئۈچۈن، ھاجەرگە قوشنا بولۇشنى ئىسلىتىساس قىلدى. ھاجەر ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قوبۇل كۆردى. لېكىن ئۇلارغا پەقەت مېھمان سۈپىتىدىلا تۇرۇپ ساھىبخانا بىلەن
بىللە بۇلاق سۈيىدىن تەڭ پايدىلىنىشنى ھەمدە ئۇنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
جۈرھۈم قوۋمىدىكىلەر بۇنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇلار بۇلاق يېنىغا ئارقا - ئارقىدىن كۆچۈپ كېلىپ، نۇرغۇن ئۆي - جاي سالدى.
ئىسمائىل چوڭ بولدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەمبەل، ساغلام، ئىشتا كەسكىن، تەدبىرلىك بولغانلىقى بىلەن قوۋم ئىچىدە داڭق چىقاردى. كېيىن ئۇ جۈرھۈم قوۋمىدىكى بىر قىزغا ئۆيلەندى، بارا - بارا ئۇلارنىڭ تىلىنى ئۆگىنىۋېلىپ، پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى. ئۇ كىشىلەر بىلەن يېقىن، ئىناق ئۆتەتتى، ئۇلار بىلەن بىللە بەختلىك ياشايتتى. بىراق يىللار ۋاپا قىلمىدى، ئۇنىڭ ئانىسى بەختكە قارشى ۋاپات بولدى. بۇ ھال ئىسمائىلنى چىكىمىز ئازابلىدى.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇرۇنقىدەكلا بۇ يەرگە كېلىپ ئوغلىنى يوقلاپ تۇراتتى. بىر قېتىم ئۇ مەككىگە كېلىپ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ ئائىلىسىگە كىردى. ئۆيدە ئوغلى يوق ئىدى، پەقەت كېلىنىلا تۇراتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كېلىنىدىن ئوغلىنىڭ يېقىنىدىن بۇيانقى ئەھۋالىنى سورىدى. كېلىنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئىسمائىلنىڭ سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئارقىدىنلا ئۈ دەرد تۆكۈپ، تۈرمۈشىنىڭ قىيىنچىلىقىدىن، قولىنىڭ قىسقىلىقىدىن زارلاندى… ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خاپا بولدى ۋە بۇنداق ئايالنىڭ ئۆز ئوغلىغا خوتۇن بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. بۇ ئايال بىرىنچىدىن، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا شۈكۈر قىلمىغان، ئىككىنچىدىن، ئېرىدىن ئاغرىنغانىدى، بۇنداق ئايال ئېرى بىلەن ئۈزۈن مۇددەت بىرگە بولالمايتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كېتىدىغان چاغدا، كېلىنىدىن ئوغلىغا سالام ئېيتتى ۋە ئۇنىڭغا، ئوغلۇم ئىشىكىنىڭ بوسۇغىسىنى يەڭگۈشلىۋەتسۇن، ئېيتىپ قويۇڭ، دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ گېپىنىڭ
مەنبىسى ئوغلىغا بۇ خوتۇننى قويۇۋېتىپ، بۇنىڭدىن ياخشىراق خوتۇن ئال، دېگەنلىك ئىدى.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ئىسمائىل ئائىلىسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئالدىن بىرنىمدە سەزگەندەك، خوتۇنىدىن: — ئۆيگە بىرەرى كەلدىمۇ؟ — دەپ سورىدى.
ھەئە، بىر بوۋاي كېلىپ كەتتى. بوۋاي سېنىڭ ئەھۋالىڭىنى سورىدى. ئۇزايدىن ئۇ ساڭا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغاندەك قىلىدۇ. مەن تېخى ئۇنىڭغا تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىقىمىزنى ئېيتتىم. — دەپ جاۋاب بەردى خوتۇنى. ئىسمائىل خوتۇنىدىن:
— بوۋاي ساڭا بىرنىمىلەرنى تاپىلىدىمۇ؟ — دەپ سورىدى. — ھەئە، — دەپ جاۋاب بەردى خوتۇنى، — سالام ئېيتتى، يەنە ساڭا ئىشىكىمىزنىڭ بوسۇغىسىنى يەڭگۈشلىۋېتىشىڭى تاپىلىدى.
ئىسمائىل خوتۇنىغا:
— ئۇ بوۋاي سېنىڭ دادام! ئۇنىڭ ماڭا تاپىلىغىنى ماڭا سېنى قويۇۋەت دېگەنلىكى، — دېدى - دە، گەپنى تۈگىتىپ قىلچە تارتىشماستىنلا خوتۇنىنى قويۇۋېتىپ كېتىپ قالدى.
ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلىنى يەنە يوقلاپ كەلدى. ئۇ ئوغلىنىڭ يېڭى ئۆيىنى ئۇقۇشقاندىن كېيىن، دەرھال ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇ بۇ قېتىم ئوغلى بىلەن كۆرۈشەلمىدى، لېكىن ئوغلىنىڭ يېڭى ئالغان خوتۇنى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ كېلىنىدىن ئوغلى ئىسمائىلنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سورىدى، كېلىنى ئېرىنىڭ تىرىكچىلىك قىلغىلى كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام يېڭى كېلىنىدىن تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، يېڭى كېلىن بوۋايغا تۇرمۇشتا ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئېرىنى بىر قۇر ماختاپ بەردى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كېلىنىنىڭ گەپ - سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ
بار - يوققا شۈكۈر - قانائەت قىلىدىغان ياۋاش ئايال ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ كېتىدىغان چاغدا، كېلىنىدىن ئوغلىغا سالام ئېيتتى ھەمدە ئۇنىڭغا: ئوغلى كەلگەندە ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىنى ئوبدان ساقلىسۇن، دەپ ئېيتىپ قويۇشنى تاپىلاپ كېتىپ قالدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى ئىسمائىل قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن پاراڭلاشتى. خوتۇنى ئۇنىڭغا دېدى: — بۈگۈن بۇ يەرگە سۈرلۈك بوۋاي كېلىپ سېنىڭ ئەھۋالىڭىنى سۈرۈشتۈردى، بوۋاي كېتىدىغان چاغدا، مەندىن سالام ئېيتىڭ. ئۇ ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىنى ئوبدان ساقلىسۇن، دەپ تاپىلدى.
ئىسمائىل خوتۇنىغا: — ئۇ سېنىڭ دادام بولىدۇ. ئۇنىڭ ماڭا تاپىلىغانلىرى مېنى بىلەن ياخشى ئۆتسۇن، مەڭگۈ ئايرىلمىسۇن، دېگەن بولىدۇ. — دېدى. شۇنداق قىلىپ، ئىسمائىل ئىككىنچى خوتۇنى بىلەن تاقېرىپ چاچلىرى ئاقارغۇچە بىللە ئۆتۈپ، كۆپ پەرزەنتلىك بولدى.
كەئبىنىڭ بىنا قىلىنىشى
بۆلۈم: “كەئبىنىڭ بىنا قىلىنىشى”ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئوغلى ئىسمائىلنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ بۇ قېتىم ئوغلىنى ئادەتتىكىچە يوقلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكىم مۇھىم بىر ئىش ئۈچۈن كەلگەندى. ئۇ بۇ دورەم ئەمىر - پەرمان بويىچە كەينىنىڭ قىلشقا كەلگەندى. ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمىرىنى ئالغاندىن كېيىن، قىلچە كېچىكمەيلا ھىجاز رايونىغا كېلىپ ئوغلىنى ئىزدىدى. لېكىن ئوغلى ئۆتكەندە تۇرۇشلۇق يېڭى ئۆيدە يوق ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام سۇ بار جايلارنىڭ ھەممىسىنى، ھەربىر قەبىلە ۋە
ئىسلام (ئۇيغۇر) بىلادىيە (630) - يىلى 1 - ئاينىڭ ئاخىرىدا مەككىنى يەنھى قىلغاندىن كېيىن، كې (ئۆز چاسا ئۆي)دىكى ئۈچ يۈز ئاتىش بۇنى چېقىۋەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەرەم دەپ ئىشقان.
چېدىرلارنى ئىزدەپ چىقىپ، ئاخىر ئوغلىنى زەمزەم بۇلىقىنىڭ يېنىدىن تاپتى. ئوغلى بۇ يەردە يا ئوقى ياساۋاتاتتى.
ئىسمائىل دادىسىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، قولىدىكى ئىشنى دەررۇ تاشلاپ دادىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈردى. ئاتا - بالا ئىككىيلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپ بىر - بىرى بىلەن مەھكەم قۇچاقلىشىپ، ھال - ئەھۋال سوراشتى، ئاندىن بىر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىشقا باشلىدى.
ئاتا - بالا ئىككىيلەن ئۇزاق سۆزلىشىپ خۇشاللىققا چۆمدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلىغا:
ئىسمائىل دادىسىغا بەكمۇ ئىتائەتمەن ئىدى. ئۇ دادىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ دەرھال ماقۇل بولۇپ، دادىسى بىلەن بىللە جاي بىنا قىلماقچى بولدى.
ئاتا - بالا ئىككىيلەن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن جاي بىنا قىلىشقا يەر تەييارلىدى. ئاللاھنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ئۇلارنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئىشەنچىنى ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يەرنى ئويۇپ ئۇل ھازىرلىدى. ئۇلار ئاللاھقا ئىلتىما قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئى رەببىمىز، دۇئا - تىلاۋەتلىرىمىزنى مەقبۇل كۆرگەيسەن، سەن ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇرسەن. ئى رەببىمىز، بىزنى مۇمىن بەندىلىرىڭ قاتارىغا ئالغىن، ئەۋلادلىرىمىزنىمۇ مۇمىن بەندەم دېگەيسەن. بىزنى ھەج قىلىش مۇراسىمىنى بىر كۆرۈشكە نېسىپ قىلغايسەن! گۈناھلىرىمىزغا ئېيتقان توۋا - ئىستىغارلىرىمىزنى قوبۇل كۆرگەيسەن! سەن توۋا - ئىستىغارغا يول قويغۇچى رەھىملىكتۇرسەن.»
ئارقىدىنلا، ئاتا - بالا ئىككىيلەن ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئىسمائىل تاش توشۇپ بەردى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆز قولى بىلەن ئۇل باستى. كۆپ ئۆتمەيلا كەبىنىڭ ئۇلى پۇتتى.
ئۈيھىسىزكى، بىر خىل غايىبانە كۈچ ئۇلارغا ياردەم يېرىۋاتاتتى. بولمىسا، ئىككى ئادەم بۇ ئېغىر ۋەزىپىنى قانداقمۇ ئۈستىگە ئالالسۇن؟
تام بارا - بارا ئېگىزلىمەكتە ۋە ئۇزارماقتا ئىدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بەردە تۇرۇپ تامغا تاش قويۇشقا بويى يەتمىدى، شۇڭا ئۇ ئوغلىغا:
— بالام، تامنى داۋاملىق ئېگىزلىتىشمىگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، پۈتۈمنىڭ ئاستىغا تاشتىن بىرنى ئەكېلىپ قويۇپ بەرگىن، — دېدى.
ئىسمائىل تاش ئىزدەشكە كەتتى. ئۇ خېلى ئۇزۇن ئىزدەپ يۈرۈپ، بىر چوڭ قارا تاشنى تېپىپ، دادىسىنىڭ پۇتى ئاستىغا قويۇپ بەردى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام قارا تاشنىڭ ئۈستىگە دەسلەپ ئىشنى داۋاملاشتۇردى. ئاتا - بالا ئىككىيلەن شۇ تەرىقىدە ئىشلەپ، ئاخىر كەبىنى بىنا قىلىپ چىقتى. شۇنىڭدىن يېرى، كەبە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەريىلى بىر قېتىم جەم بولىدىغان يېرى بولۇپ قالدى. كىشىلەر ئۇ يەرگە تەلەپ ئۈزۈپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئى ئىگەم، كىشىلەرنىڭ تەشەككۈر ئېيتىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇلارغا بىر قىسىم نازۇنىيەت ئاتا قىلغايمىن!» دېگەن مۇراجىئىتىگە ھەمدەم بولۇپ كەلمەكتە.
