ھەزرىتى بىلال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
This content is not yet available in your language.
ئۈمەييە ئىبىن خەلەفنىڭ ئائىلىسىگە بىر ئەر كەلدى. ئۈمەييە كەلگەن بۇ كىشىنى ئۆز مېھمانخانىسىدا قوبۇل قىلدى. ئۇ كىشى: — سەن بىرەر گەپ - سۆز ئاڭلىمىدىڭمۇ؟ — دەپ سورىدى. ياق، — دېدى ئۈمەييە.
مەن بىلالنىڭ مۇھەممەدنى ئىزدەپ كېتىۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن، — دېدى كەلگەن كىشى. ئۇ بەزىدە كۈندۈزلىرى، بەزىدە گۇگۇم چۈشكەندىن كېيىن بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يول مېڭىشىدىن گويا بىرەر كىشى كۆرۈپ قالارمىكىن، دەپ قورققاندەك ئالامەت چىقىپ تۇرىدۇ. مەن ئۇنىڭ روھىي ھالىتى ۋە يۈرۈش - تۇرۇشلىرىدىن ئۇنى مۇھەممەدنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، خۇددى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش ئاشۇ دىنغا ئېتىقاد قىلدىمىكىن، دەپ ئويلاۋاتىمەن.
— بۇ گېپىمدە چاتاق يوق، دېدى ھېلىقى كىشى، — يېنىڭ ماڭا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈشتىن مەقسىتىم، سېنى بۇ قۇلنى ئەدەپلەپ قويسۇن، ئۇنىڭ بۇ ئاسىيلىقىنى جازالىسۇن، دېمەكچى. چۈنكى بۇ ئاسىيلىقنىڭ يالقۇنى پۇقرالار ئىچىدە، ھەتتا مەرتىۋىلىك كىشىلەر ئىچىدىمۇ ئەۋج ئالماقتا.
ئۈمەييە مېھمانخانىسىدىن ھۇجرىسىغا كىردى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ جۇدۇنى ئۆرلەپ، بىلالغا ئۆچلۈكى ۋە نەپرىتى كەلدى.
بىلال قايتىپ كەلدى. ئۇ يۈرىكى پوك - پوك ھالدا ئۈمەييەنىڭ ئالدىدا ئىككى تۈردى. ئۈمەييە بۇ قۇلنىڭ كۆزلىرىدىن بۇلدۇقلاپ ياش چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، غەزەپ ئوتى يۈرىكىدىن پارتلاپ
چىققۇدەك بولۇپ كەتتى. ئۈمەييە ئۇنىڭغا:
— تۈرقۈڭدىن قارىغاندا، ماڭا بىرەر گېپىڭ باردەك تۈرىسەنغۇ؟ كىمنىڭ يۇيرۇقى بىلەن ئىش قىلىۋاتىسەن؟ سەن راستىنىڭ مۇھەممەدنىڭ قېشىغا بېرىپ تۇرۇۋاتامسەن؟ سەن ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭ بىمەنە، يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، لات ۋە ئۇزاق غا ئاسىيلىق قىلىپ، قۇرەيشلەر ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىشەنمەيدىغان بولدۇڭمۇ؟ — دېدى. ئۆز ئەھۋالىم توغرىسىدا سىزدىن بىر نەرسە يوشۇرۇشنى خالىمايمەن، — دېدى بىلال. — مۇھەممەدنىڭ قېشىغا يارغانلىقىم راست. سەن ئۇنىڭ دىنىي ئەقىدىسىگە ۋە چاقىرىقىغا ئىشەندىم. بىراق، مېنىڭ بۇ ئەھۋالىمنى سىزگىلا دەيمەن، ھەممە كىشىنىڭ بىلىپ كېتىشىنى خالىمايمەن.
ئەجەبا. سەن مېنىڭ چاكىرىم. قۇلۇم ئىكەنلىكىڭنى، باشقا نەرسىلىرىمگە ئوخشاش مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىمدا ئىكەنلىكىڭنى بىلمەمتىڭ؟ — دېدى ئۈمەييە. — سەن سېنىڭ تېنىڭنىڭ ئەمەس. مېڭەڭنىمۇ سېتىۋالغان. سېنىڭ يەتتە ئەزايىڭ ۋە جېنىڭ مېنىڭ ئىلكىمدە. نېمىگە ئىشەنگۈڭ كەلسە، شۇنىڭغا ئىشىنىشىڭگە، بولمىغۇر ئوي - خىياللاردا بولۇشىڭغىمۇ ھەددىڭ يوق. ئۆز خوجىسىنىڭ دىنىغا ئىشەنمەي تاپتىن چىققان بۇنداق قىلىق نېمىگە كىرىدۇ؟
— سەن سىزنىڭ قۇلىڭىز، ئەسىرىڭىز، چاكىرىڭىز. مالىيىڭىز، بۇنىڭدىن تانمايمەن. — دېدى بىلال. — مېنى قاراڭغۇ كېچىدە بىرەر ئەزم دەريانى توس دەپ يۇيرۇسىڭىز، ئۇنى بەجا كەلتۈرۈشكە تەييارمەن؛ ئەگەر چىڭقىچۈشتىكى پىژ - پىژ ئاپتاپتا تاش توشۇ دېسىڭىز، بۇنىڭغىمۇ ئىككىلىنىپ تۇرمايمەن. ئەمما مېڭەم، پىكىر قىلىشىم ۋە ئېتىقادىمغا كەلسەم، بۇ جەھەت سىزنىڭ ئەمرىڭىزگە بويسۇنالمايمەن. مېنىڭ بۇ جەھەتلىرىم سىزنىڭ باشقۇرۇش دائىرىڭىزگە كىرمەيدۇ. مېنىڭ
ئېتىقادىمنىڭ، مېنىڭ ئىسلام دىنىمىنىڭ سىزگە نېمە زىيىنى بار؟ سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلسام، قانۇن - پەرمانلىرىڭىزغا بويسۇنساملا بولدىغۇ، ئۆز مېڭىم ۋە پىكىر قىلىشىم ئۆز ئىلكىمدە بولسا، بۇنىڭ سىزگە پۇتلىشىدىغان نېمىسى بار؟
ئۈمەييە قاتتىق غەزەپلىنىپ مۇنداق دېدى:
- ھەي قول، سېنىڭ بېشىڭدىن تارتىپ پۈتۈڭغىچە، يەنى خىزمىتىڭ، پىكىر قىلىشىڭ، ھەتتا يۈرىكىڭىنىڭ سوقۇشى، نەپەس ئېلىشىڭ، مىدىرلىشىڭدىن تارتىپ ھەممىسى مېنىڭ ئىلكىمدە، سېنىڭ ھېچقانداق ئەركىنلىكىڭ يوق، مەن سېنى قاتتىق جازالاپ، ئېتىقادىڭنى يۈرىكىڭىنىڭ قات - قېتىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، قەلبىڭدىكى خام خىيال تورلىرىنى چۈۋۈۋېتىمەن، - ئۈمەييە گېپىنى تۈگىتىپلا بىلالىنىڭ قول - پۈتىنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ، مىسلىسىز غەزەپ - نەپرەت ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن جازالىغىلى تۈردى، ئۈمەييە ئۇنى مەككە جىلغىسىدىكى ياشلارغا تېپىپ ئويناشقا تاپشۇردى.
ئۈمەييە بىلالىنىڭ ئۆز ئېتىقادىدىن يانغان - يانمىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا بېرىلگەن روھى ۋە جىسمانىي جازانىڭ ئۈنۈمى قانداق بولغانلىقىنى بىلىپ يېقىش ئۈچۈن كەچتە ئۇنىڭ قېشىغا باردى، ئاللاھقا ئېتىقاد باغلىغان كىشى ئۈچۈن جازا قانچىلىك نېمىتى؟ قول - پۈتىنى باغلاش كارغا كېلەمدۇ؟
- بىلال، ساڭا بېرىلگەن بۇ جازاغا قانداق قارايسەن؟ ئېتىقادىڭدا تۈرۈۋېرەمدىن ياكى لات ۋە ئۆززانىڭ قېشىغا قايتىپ بارامىمەن؟ قېنى، قايسى ياخشى؟ - دېدى ئۈمەييە، بىلال ئۇنىڭغا قارىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئازاب - ئوقۇبەت تارتىشقا رازى بولۇش، ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇش، جازانى پىسەنت قىلماسلىق ئالامىتى ئىپادىلەندى، ئۇنىڭ كۆزلىرى گويا زۇۋانغا كىرىپ: سېنىڭ قامچاڭ نېمىنى ئازابلىشى، ئارغامچاڭ بوينۇمنى، پۈت - قوللىرىنى باغلىشى، ھەتتا سېنىڭ ئوقۇڭ كۆكسۈمنى تېتىپ ئۇتۇشى، قىلىچىڭ كاللامنى چېپىۋېتىشى مۇمكىن، لېكىن
قابىمىنى، مېڭەمىنى، دىنىمىنى ۋە ئېتىقادىمىنى زورلۇق كۈچ بىلەن تىزگىنلىكىدىمىدىن. سەن قورال ۋە ھوقۇقۇڭغا تايىنىپ مەقسىتىڭگە يېتەلمەيدىن، دەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.
بىلال ئۈمەييەگە بىر قارىغاندىن كېيىن:
— بېشىمغا كەينى — كەينىدىن بالا - قازا، ئازاب - كۈلپەت كەلسىمۇ، بىر خۇدالىق دىندا چىڭ تۇرىدىن، خاھىشىم ۋە ئېتىقادىمىنى ھەرگىز ئۆزگەرتمەيدىن، — دېگەن گەپنىلا قىلدى. ئەنسى ئوتتەك ئاپتاپتا قۇملۇق راسا ئىسىپ، يەر يۈزى خۇددى كۆيۈۋاتقاندەك قىزىغان چاغدا، ئۈمەييە بىلالىنى يەردە ياتقۇزدى. ئاندىن يوغان بىر پارچە تاشنى ئۇنىڭ مەيدىسىگە قويۇپ قويدى. ئاپتاپ ئۇنىڭغا خۇددى ئۆتكۈر يا ئوقىدەك سانجىلاتتى. شامال ئۇچۇرۇپ كەلگەن چاڭ - تۇزانمۇ ئۇنىڭغا ئۇرۇلاتتى. لېكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى تىز پۈكتۈرەلمىدى. ئۇنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا، ئاتىلار سۆزىگە ۋە ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىگە بولغان چۈشەنچىسى قىلچىمۇ ئۆزگەرمىدى. ئۇنىڭ ئېتىقادى مۇنداق ئىدى: ئاللا بىردىنبىر ئىلاھدۇر، مەن ئاللاھقا تەلپۈنىمەن، ئاللاھقا سۆيۈنىمەن. بۇ ئازاب - ئوقۇبەتلەر مەن ئۈچۈن ھېچ گەپ ئەمەس ۋە مېنىڭ ئېتىقادىمىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزىلا مېنى بالايىئاپەتتىن قۇتۇلدۇرالايدۇ. ئارزۇ - ئۈمىدلىرىم چوڭ بولمىسىمۇ، غايە ئارقانلىرىم ئىنچىكە، ئاجىز بولمىسىمۇ، لېكىن چوڭ بالايىئاپەت بولغان كۈنلەردە ئاللا مېنىڭ بىردىنبىر مەدەتكارىمدۇر. پەقەت ئاللا مۇھەممەدىنى ئەلچى ۋە ئىشەنچلىك يېتەكچى قىلدى. مېنىڭ ئۇنىڭ ئۈممىتى ۋە ساھابىسى بولۇپ قالالىغانلىقىم ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتىدۇر. ئۇنىڭ بۇ ئىلتىپاتىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، مەن بۇ بەختىمىزلىككە سەۋر - ناقەت قىلىپ، تەقدىرنىڭ ھۆكىمىگە بەرداشلىق بېرىدىن. بىلالغا بېرىلگەن جازا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۈزلۈكسىز تەكرارلىنىپ تۇردى. ئۈمەييەنىڭ غەزىپى ۋە ئۇچلۇكسىز
كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ ياردى. بىراق ئۇ بىلالىدىن سەۋر - ناقەت، سۈكۈتتىن باشقا جاۋاب ئالالىمدى. بىر كۈنى ئەبۇبەكرى مەككىدىكى بىر كىچىك كۈچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىلالىنىڭ ئازاب چېكىپ نالە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى؛ ئۈمەييەنىڭمۇ خۇددى يېنىدا بىر كىشى يوقتەك مەغرۇر قىياپەتتە تۇرغانلىقىنى كۆردى. قارىماققا ئۇنىڭ ئاچچىقى يانغاندەك تۇراتتى. ئەبۇبەكرىنىڭ بىلالغا رەھمى كېلىپ، ئۈمەييەگە مۇنداق دېدى: بولدى قىلغىن! ئەمدى بۇ بىچارىنى قىيىن - قىستاق قىلىۋەرمە، ئۇنىڭ بۇ نالە - پەريادىنىڭ ساڭا نېمە پايدىسى؟ ئازاب ئىچىدىكى يىغا - زارىنىڭ ساڭا نېمە مەنپەئىتى بار؟ ئۇ نېمە گۈناھ قىلدى؟
— بۇ مېنىڭ قۇلۇم، مېنىڭ مۈلكۈم، — دېدى ئۈمەييە تەلىۋىلىك بىلەن، — ئۇنى قانداق جازالىغۇم كەلسە، شۇنداق جازالايمەن. ئۇنى مۇشۇ ئازابقا سالغان سەن ۋە سېنىڭ خوجاڭ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىغان بولسا، سەن ئۇنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى بۇ كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇر. ئۇ مېنىڭ قۇلۇم ئىكەن، ئۇ تاكى لات بىلەن ئۇززا قېشىغا يېڭىۋاشتىن قايتمىغۇچە، ئۇنىڭغا بېرىدىغان جازانى ھەرگىز توختاتمايمەن.
ئەبۇبەكرى بىلالنى كۈلپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش پۇرسىتى كەلدى، دەپ ئويلاپ، ئۈمەييەگە:
— بولدى، سەن بىلالنى سېتىۋالدىم. ھازىردىن باشلاپ سېنىڭ ئۇنى باشقۇرۇشقا ھەققىڭ يوق. ھەي بىلال، سېنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ياخشىلىق كۆرىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن، — دېدى.
ئەبۇبەكرى بىلەن ئۈمەييەنىڭ بىرى مۇمىن، بىرى كاپىر، بىرى پاك، بىرى پاسىق ئىدى. ئاللا ئەبۇبەكرى بىلەن ئۈمەييە ھەققىدە بىر مىرىدىن ناھايىتى ئېنىق پەرقلىنىدىغان ئىككى خىل يەكۈن چىقاردى: «سىلەرنى لاۋۇلداپ تۇرغان دوزاختىن
ئاگاھلاندۇردۇم. ئۇنىڭغا بەتبەخت ئادەملەر كىرىدۇ. ئۈمەييە ھەقنى ئىنكار قىلدى ۋە ھەقتىن يۈز ئۆرىدى. ئەڭ مۇتەقى ئادەم ئۇنىڭدىن يىراق قىلىنىدۇ. ئۇ پاكلىنىش ئۈچۈن مال - مۈلكىنى بېرىدۇ. ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى بىراۋنىڭ ياخشىلىقىنى ياندۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئۇلۇغ پەرۋەردىگارنىڭ رازىلىقى ئۈچۈندۈر. ئەلۋەتتە، ئۇ ئۆزىمۇ مەمنۇن بولىدۇ. « بىر - بىرىگە تامامەن ئوخشاش بولمىغان بۇ ئىككى ئادەم ۋە ئۇلار ھەققىدە چىقىرىلغان بۇ يەكۈن بىر - بىرىدىن نېمىدېگەن پەرقلىق - ھە!
