Skip to content

Saved Bookmarks

Current page:...

No bookmarks saved yet

Click the button below or the bookmark icon on any page to save it for quick reference.

Settings

Appearance
Theme Style
Uyghur Font
Arabic Font
Font Size

بۈۋى مەريەم

This content is not yet available in your language.

بۈيى مەريەمنىڭ ئانىسى ئەسلىدە تۇغماس بولغاچقا، بالىسى يوق ئىدى. ئۇ بالا يۈزى كۆرۈشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى. ئۇچار قۇشلارنىڭ ئۆز بالىلىرىغا يەم بېرىۋاتقانلىقىنى ياكى بىرەر ئايالنىڭ ئۆز بالىسىنى كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرسە، ئۇنىڭ بالا يۈزى كۆرۈش ئارزۇسى ۋە تەقدىرزاسى تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتەتتى. باشقا تۇغماس ئاياللارغا ئوخشاش ئازابلىنماتتى. ئۇ بالىنى تۇرمۇشىنىڭ ئۈمىدى. يالغۇزلۇقىنىڭ ھەمراھى، ئەلەم - كۈلپەت، ئاغرىق - سىلاقلىرىنىڭ داۋاسى، دەپ قارايتتى.

ئۇ ئۆز ئارزۇسىغا يېقىن ئۈچۈن، ھەرقانداق بەدەل بېرىشىنىڭ مۇئامىلىسىنى ئۇ دائىم بىر بالا ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقاندەك، ئۆزىنىڭ بارلىق مېھىر - مۇھەببىتىنى ۋە قىزغىنلىقىنى شۇ بالىغا بېغىشلاۋاتقاندەك، بالا جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتلەردە ساغلام يېتىلىپ تەڭداشسىز بىر پالۋانغا ئايلانغاندەك تەسەۋۋۇر قىلاتتى.

ئارىدىن بىرنەچچە يىل ئۆتتى، شۇنىڭغىچە ئۇ ئاشۇ ئارزۇ - ئارماننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد ئۈزمىدى. ئۇ بۇ ئالەمدىكى خىلمۇخىل ئەلەم - كۈلپەت ۋە بەختىسىزلىكلەرگە بەرداشلىق بەردى.

ئۇ ئاسمان - زېمىننىڭ ئىگىسىگە ئىشەنچ باغلايتتى، ھۆرمەت بىلەن باش ئېگىپ ئىلتىجا قىلاتتى. ئۇ ئاللاھقا، مۇبادا ئاللا مۇراد - مەقسىتىمگە يەتكۈزۈپ ماڭا بىر ئوغۇل ئاتا قىلسا، مەن بۇ بالامىنى بەيتۈلمۈقەددەسكە ئەكىرىپ، ئاللاھنىڭ خىزمىتىگە تۈتىمەن، دەپ قەسەمىياد قىلاتتى. ئۇ بالىسىنى ھەرگىز ئۆز ئىشىغا سالماي، بەيتۈلمۈقەددەسنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ساقلاشقا

قويدىغانلىقى ئۈستىدە ۋەدە قىلاتتى.

ئاللا ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇردى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ قورسىقىدىكى تۆرەلمىنىڭ ئاستا - ئاستا تەۋرەۋاتقانلىقىنى سېزىپ، بىردىنلا روھلىنىپ كەتتى، دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭ كۆزىگە چاقناۋاتقاندەك كۆرۈندى، كۆڭلىدىكى غەم - قايغۇ كۆتۈرۈلۈپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى. ئۇ خۇشاللىق بىلەن يېڭى تۆرمۇشنى كۈتۈۋالدى. ئۇ ئېرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، بولغان ئىشلارنى ئېيتتى، ئېرى خۇشال ھالدا قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن شادلىق دېڭىزىغا چۆمدى. خۇشاللىق ئۆتكەنكى ئازاب - كۈلپەتلەرنى ئۈنتۈلدۈردى.

ئۇ ئۈمىد - ئىقبال بېغىدا سەيلە قىلىپ پەرزەنت ئۈچۈن تىرىشىپ - تىرمىشىپ يۈرگەن، غەم - قايغۇدىن خالاس بولۇپ، ھاياتى خۇشاللىققا چۆمگەن چاغدا، ئۇنىڭ ئېرى ئىمران ئۈشتۈمتۈت ۋاپات بولۇپ كەتتى. ئۇ ئېرىنى ئەسلەپ توختىماي يىغلايتتى. ئۇ ئېرىنىڭ ھاياتلىقىدا قوزىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشىگە نەقەدەر ئىنتىزار ئىدى - ھە! لېكىن بۇ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىدى، بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىپ بولمايتتى. ئۇ يالغۇزلۇقتا بىئارام بولۇپ، كۈن بويى غەمكىن يۈرەتتى. ئۇ بارغانسېرى ئازابلىنىپ، ئاستا - ئاستا ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىلتىجاسى، ئۈمىد ئوتلىرى قەلبىدىن پۈتۈنلەي ئۈچۈپ كەتمىگەنىدى. چۈنكى بۇ ئارزۇ - ئۈمىدلەر ئىلگىرى ئۇلار ئەر - خوتۇن ئىككىيلەنىڭ بىئاراملىقى ۋە نائۇمىدلىكىنى ئازايتقان، ئۇلارنى بىختىزلىكنىڭ ۋە غېرىپ - مىسكىنلىكنىڭ زەربىسىدىن قۇتۇلدۇرغانىدى.

ئۇمۇ باشقا ئاياللارنىڭ تۇغۇتتا تارتىدىغان ئازابىغا ئوخشاش ئازاب تارتىپ بىر بالا تۇغدى. لېكىن، ئۇ تۇغۇلغان بالىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى بىلگىنىدە يەنە ئۈمىدسىزلىككە چۆمدى. ئۇ ئەسلىدە ئاللاھنىڭ قىلغان شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىر ئوغۇل بالا تۇغۇپ، ئۇنى بەيتۈلمۈقدەدەسكە ئەكىرىپ ئاللاھنىڭ

خىزمىتىگە تۇتۇپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەنىدى. لېكىن بۇ ئىش قىز بالىغا لايىق كەلمەيتتى. ھەسرەت - نادامەت ۋە ئۈمىدسىزلىك ئۇنىڭ قەلبىنى چىرمىۋالدى.

ئۇ بالىسىنىڭ ئىسمىنى مەريەم قويدى. ئۇ ئاللاھتىن بالىنى ئۆز پاناھىدا ساقلاپ ئىسمى - جىسمىغا لايىق مەريەمگە ئايلاندۇرۇشنى، ئۇنى شەيتان ئەلەيھىلەننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلدى.

غەم - قايغۇ ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇيتتى. ئۇ بىر بەختسىز ئايال ئىدى، ئەلەم - كۈلپەت ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ تۇراتتى، ئەمدى ئۇنىڭ بۇ كۈلپەتلەرگە چىدىغۇچىلىكى قالمىدى. ئىلگىرى ئۇنىڭ بالىسى بولمىغاچ، ھايات گۈلى توزۇغانىدى؛ لېكىن ئۇ غەم - قايغۇلىرى تۈگەشكە باشلاپ، ئارزۇ - ئىستەكلىرى ئاللا تەرەپتىن قاندۇرۇلۇپ، ھامىلىدار بولغان چاغدا، ئېرى ئۆلۈپ كەتتى؛ ئۇ ئاللاھنىڭ خىزمىتىگە تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئاللاھتىن بىر ئوغۇل تىلىگەنىدى، لېكىن قىز تۇغدى. ئاللا ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولدى، ئۇنىڭ قىلغان ھۆرمىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇنىڭغا مەريەمنى بەيتۈلمۈقەددەسكە ئاپىرىپ بېرىشكە قوشۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەردى.

بۇ چاغدا، ئۇنىڭ خۇشاللىقى قىن - قىنىغا پاتماي كەتتى. ئۇ بۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئالاھىدە خەيرخاھلىقى ۋە غەمخورلۇقى ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ بالىسىنى بەيتۈلمۈقەددەسكە ئاپىرىپ، شەيخلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى ۋە ئۇلارغا:

— سىلەر بۇ قىزنى تاپشۇرۇپ ئېلىڭلار! مەن ئۇنى بەيتۈلمۈقەددەسكە تاپشۇرۇپ بېرىشنى لەۋزە قىلغانىدىم. — دېدى - دە، گېپىنى تۈگىتىپلا كەينىگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى. بىر ئەمدىلا ئېرىدىن ئايرىلغان، بۈگۈن يەنە ئۆزىنىڭ يۈرەك - باغرىنى بەيتۈلمۈقەددەسكە تەقدىم قىلغان بۇ ئانا ئۈستىدە توختىتىلىپ بېرىشتى. بىز ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىرادىسىگە ئىتائەت قىلىۋاتقانلىقىنى

تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. ئۇنىڭ قىزى بەيتۈلمۈقەدەسكە قوبۇل قىلىنغاچقا، ئۇ باشقا ئاياللار بەھرىمەن بولالمايدىغان شان - شۆھرەتكە ئېرىشتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ قانائەت تاپتى. بىز يەنە شۇنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالايمىزكى، ئۇ ھەمىشە قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۆز قىزىغا ھېسداشلىق قىلاتتى ۋە سۆيۈنەتتى. شۇڭا، ھەمىشە بەيتۈلمۈقەدەسكە بېرىپ، قىزىنىڭ ئەھۋالىنى يىراقتىن ئۇقۇشۇپ، كۆڭلى تىنغاندىن كېيىن، ئۆيگە قايتاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ سوۋغىتىنى ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلغىنىغا ۋە ئاللاھنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئىلتىپاتىغا تەشەككۈر ئېيتاتتى.

ئەمدى بىز ئاشۇ قىزغا نەزەر تاشلاپ باقايلى. بۇ قىز بەيتۈلمۈقەدەستىكىلەر ئۈچۈن ئەزىز مېھمان ئىدى. بەيتۈلمۈقەدەستىكىلەر بۇ قىزنى قارشى ئالدى، ئۇنى بېقىۋېلىشنى تالاشتى، ئۇنىڭ ھىمايىچىسى بولۇپ، ئۇنى بېقىپ - تەربىيىلەش مەسئۇلىيىتىنى ئۆستىگە ئېلىشنى ئويلاشتى. چۈنكى ئۇ ئىمراتنىڭ قىزى ئىدى.

شۇ چاغدا بۇ قىزنى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنى ھەمدە ئۇنى بېقىپ تەربىيىلەشنى خالايدىغىنى زىكرىيا ئەلەيھىسسالام ئىدى. زىكرىيا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا:

— مەن ئۇنىڭ ھامما ئاچىسىنىڭ ئېرى بولىمەن، ئۇنى مېنىڭ بېقىپ تەربىيىلىشىمگە بېرىڭلار، مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم سىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىن، — دېدى.

كىشىلەر تالاش - تارتىش قىلىپ بىر يەرگە كېلەلمىدى، ھەركىم ئۆز گېپىنى قىلىشاتتى، ھەركىم ئۆزىنى، مەن باشقىلارغا قارىغاندا ئۇنى بېقىپ تەربىيىلەشكە تېخىمۇ تېگىشلىكمەن، دەيتتى. چۈنكى ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆز رەببىگە ياخشى بولۇشنى ئىزدەيتتى، نەتىجىدە، ئۇلار بىر - بىرىگە ئۆتۈنمەي، داۋاملىق تالاش - تارتىش قىلىمۇ دى. زىكرىيا ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ ئاساسلىرىنى باشقىلارنىڭكىدىن كۈچلۈك، ئۇ قىزنى مەن تەربىيىلىشىم كېرەك. دەپ ھېسابلايتتى. ۋەھالەنكى، ئۇلار كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى.

ئۇلار:

بىز زىكرىيانىڭ پىكرىگە قوشۇلمايمىز، ئۇ كۆپچىلىكنى قايىل قىلالمىدى، دېيىشتى. ئاخىردا كۆپچىلىك مەسىلىنى چەك تاشلاش ئارقىلىق ھەل قىلماقچى بولۇشتى. بۇنىڭغا زىكرىيا ئەلەيھىسسالاممۇ قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار دەريا بويىغا كېلىپ. چەكنى دەرياغا تاشلاپ، كىمنىڭ تاشلىغان چېكىنىڭ لەيلەپ چىقىدىغانلىقىغا قارىدى. نەتىجىدە، زىكرىيا ئەلەيھىسسالام تاشلىغان چەك لەيلەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن قالغانلار زىكرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ قىزنى بېقىپ تەربىيىلىشىگە نائىلاج قوشۇلدى.

زىكرىيا ئەلەيھىسسالام ئاللا تاپشۇرغان بۇ بالىنى تىنچ مۇھىتقا ئېرىشتۈرۈش، كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ - چۈرۈشكىرىدىن يىراق قىلىش، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭدىن ئالاھىدە خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشىغىمۇ ئوڭايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بەيتۇلمۇقەددەس ئىچىگە شوتا بىلەنلا چىققىلى بولىدىغان ناھايىتى ئېگىز بىر ئۆي سېلىپ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىشىنى مەنئى قىلدى.

زىكرىيا ئەلەيھىسسالام ئۇ يەرگە دائىم بېرىپ، بۈۋى مەريەمنى يوقلاپ تۇردى، ئۇنىڭ ئىستىقامەت قىلىدىغان ئۆيىگىمۇ كىرىپ، ئۇنىڭ تېخىمۇ ئوبدان تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ئىمكانىيەت تۇغدۇرۇپ بەردى.

بۈۋى مەريەم كۈندىن - كۈنگە چوڭ بولۇپ، سۇمباتلىق، ساغلام بىر قىز بولۇپ قالدى. ئۇ بەيتۇلمۇقەددەستە ئۆزىنى نازۇنىيەت ۋە باياشات تۇرمۇش بىلەن تەمىن ئەتكەن ئاللاھنىڭ خىزمىتىنى قىلدى، ساداقەتمەنلىك بىلەن بەيتۇلمۇقەددەسنى ساقلاپ، ئاللا ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

Return to top

Install Terbiye App

Install Terbiye App
1
Tap the Share button in Safari.
2
Select "Add to Home Screen".
3
Tap "Add" in the top right corner.